رۇستەم قاراسۇ
ئىجادىيەتلىرى
4.توپلام
باشسىز قالغان دوپپىمىز
بۇ شېئرىمنى 5.5..يەنە بىزنىڭ دوپپا بايرىممىز مۇناسىۋتى بىلەن يازدىم 2شېئر
ئىسىپ قويدۇق تاملارغا بىز زىننەت بىلىپ،
تىزىپ قويدۇق ئۆيلەرگە يادىكار قىلىپ.
ئايدا ھەتتا يىلدا بىر قويمىدۇق كىيىپ،
ئۇنتۇلغان شۇ دوپپىمىز يىغلايدۇ بۈگۈن.
كەيدۇق پەقەت توي تۈكۈن نەزرە چېراغدا،
ئەتىسىلا ئۇنتۇشۇپ ئالمىدۇق باشقا.
دوپپىمىزنى ئۈزىمىز ئاسماقچى دارغا،
ئەجەل كەلگەن دوپپمىز يىغلايدۇ بۈگۈن.
قۇتقۇزۇڭلار دىمەكچى بەلكىم دوپپىمىز،
لىكىن كىممۇ قۇتقۇزار دۆشمەن ئۈزىمىز.
تاشلىۋەتكەن دوپپىنى بىزنىڭ بىشىمىز،
باشسىز قالغان دوپپىمىز يىغلايدۇ بۆگۈن.
دوپپا بىزنىڭ بەلگىمىز
بادام دوپپا چىمەن دوپپا بىزنىڭ دوپپىمىز،
ئەجداتلاردىن مىراس قالغان ھەممە بىلىمىز.
ئۇنۇتمايلى شۇنى دوستلار ئەۋلاتمۇ ئەۋلات،
شۇ دوپپىلار بىز ئۇيغۇرنىڭ كىملىك بەلگىمىز.
كەيمەس بولدى نە ھاجەت دەپ بەزى بىر ياشلار،
ئازغىنىنى بىلمەمدىكىن شۇ قەلەم قاشلار.
ئارتۇق سۆزلەش ھاجەتسىزدۇر بىر سۇئالىم بار،
ئۇيغۇر تۇرۇپ بىز كەيمىسەك كېم كىيەر دوستلار.
مەيلى ئۆتسۇن ئايلار يىللار ھەتتاكى ئەسىر،
گەر سالساقمۇ زەر ئالتۇندىن باي بولۇپ قەسىر.
ئۇنتۇلمىسۇن شۇ دوپپىمىز بولسۇن تاجىمىز،
ئەسلىمىزنى ئۇنتۇپ قالساق گۇناھتۇر ئىخىر.
ياشلار بايرىمىغا ئاتاپ
ئالتۇن ياشلىق
ياشلىق دىگەن ھەر ئادەمنىڭ ئالتۇندەك دەۋرى،
لىكىن قىسقا جان دوسلۇرۇم ياشلىقنڭ ئۆمرى.
ياشلىقىڭدا ئۇل سالمىساڭ كەلگۈسىڭ ئۈچۈن،
بىر كۈنلەردە ئۈتۈلىدۇ ياشلىقنىڭ قەدرى.
بىكار ئۆتسە ئۇيۇن ئويناپ سىنڭ ياشلىقىڭ،
سېنى ئاخىر يىغلىتىدۇ شۇ بەڭۋاشلىقىڭ.
ئىزدىنىشتە ئۆتسكۈزسەڭ گەر ياشلىقڭنى سەن،
گۇلزارلىققا ئايلانغۇسى ھەتتا تاشلىقىڭ.
ھەۋەسلەر كۆپ ھەم ياشلىقتا ھەممە نەرسىگە،
كىرىپ كەتمە لىكىن ھەۋەس شەيتان كەينىگە.
پۇشايماندا قالغىنىڭدا بەرسەڭمۇ ئالتۇن،
قايتۇرالماس سېنى ھىچكىم ياشلىق دەۋرىڭگە.
ئاڭلا ئوغلۇم
ھاياتلىقنىڭ يوللىرى كۆپ ئوغلۇم ئاگاھ بول،
ئازدىرمىسۇن سېنى شەيتان شۇ نا توغرا يول.
كۈلسۇن دىسەڭ مېنى ئوغلۇم ياخشىلاردىن بول،
ياخشىلاردىن ئەلمۇ رازى خۇدامۇ رازى.
يامانلاردىن نېرى تۇرغىن يۇقمىسۇن يارسى،
نەپرەتلىنەر ياماندىن ئەل كېمنڭ دەپ بالسى.
خەلىق ئۆچۈن ئۈزۈڭ ئۈچۈن بولغىن سەن ياخشى،
ياخشىلاردىن ئەلمۇ رازى خۇدامۇ رازى.
ياخشى بولساڭ نامىڭ قالار كەتسەڭ دۇنيادىن،
باققىنىمغا مەنمۇ رازى بىر ئۆمۈر سەندىن.
قالسۇن ساڭا مىراس بولۇپ بۇ ھىكمەت مەندىن،
ياخشىلاردىن ئەلمۇ رازى خۇدامۇ رازى.
بەزى قىزلار
بۇ زاماندا كەچ بولمايدۇ بەزى قىزلارغا،
كېچىلەردە ئوخلىماستىن يۈرەر كۇچىدا.
ئۆيى يوقتەك قاتىرايدۇ ھەربىر دوقمۇشقا،
توۋا دەيدۇ قارغان كېشى ئۇلار ئۇچسغا.
نۇمۇس قىلماي قاش ئاتىدۇ ئۆتكەن بىرىگە،
باشلاڭ دەيدۇ يالغان كۈلۈپ ئۆينىڭ تۆرىگە.
ئىپپەت ساتار ۋاقتى كەلسە پۇلنڭ شەرپىگە،
ئىنساپ بەرسە دەيمەن شۇنداق قىزلار كۈڭلىگە
نوتىلارغا پەرۋىش كېرەك
نوتىلارنى سۇندۇرۇشقا ئامراق بەزىلەر،
ئەمگىكېنى يوق قىلىشقا ئامراق بەزىلەر.
ھەسەت قىلىپ ئازار بىرىپ تىل دەشنام بىلەن،
كۆرەلمەيدۇ تېرىشقاننى شۇنداق بەزىلەر.
بىلىملىكنىڭ ئاقىل ئەمەس ئىكەن ھەممىسى،
كۆرەلمەسكەن ئەنە شۇنداق لىكىن بەزىسى.
نۇمۇس قىلماي نوتىلارنىڭ سۇنسۇن دەپ شىخى،
قەس قىلاركەن ئۇستاز يوللۇق ئەقىل ئىگىسى.
چەكتىن ئاشتى بەزىلەرنىڭ قىلغان قىلمىشى،
ئەسلى كېرەك نوتىلارغا ئۇستاز پەرۋىشى.
ئاقىل بولساڭ يول كۈرسەتكىن كەلگۈسى ئۈچۈن،
تۇغۇلۇپلا زەپەر قۇچقان ئەمەس ھىچ كېشى.
ئويلان ئىنسان
بىسمىللا دەپ ئالغىن قەدەم ياخشىلىق ئۈچۈن،
بەدەل تۈلەر ھەر بىر ئادەم خاتالىق ئۈچۈن.
ھايات يۇلى ياخشى يامان يولدىن ئىبارەت،
ئويلان ئىنسان بۇ دۇنياغا كەلدىڭ سەن نىچۈن.
پەخەس بولغىن كىرىپ كەتمە شەيتان كەينىگە،
بۇ ھاياتلىق ھامان ئىلىپ بارار قەۋرىگە.
ئەل يۇرتىڭنىڭ ھاياتلىقنىڭ يەتكىن قەدرىگە،
ئويلان ئىنسان بۇ دۇنياغا كەلدىڭ سەن نىچۈن.
سەنمۇ بىر كۈن تۇپراق بولۇپ كىتەرسەن ھامان،
ھىچكىم بىلمەس لىكىن ۋاقتى قەرەرى قاچان.
ئۇنتۇپ قالما ھەمرا ساڭا ئەجەل ھەر زامان،
ئويلان ئىنسان بۇ دۇنياغا كەلدىڭ سەن نىچۈن.
ئۇيغۇرنىڭ قىزى.
چۆچەكلەردە ئىيتىلغاندەك ئايدەك جامالى،
گۈل ھۆسنىگە ھۆسىن قۇشار يىپەك رومالى.
ئىلىپ كىلەر ھەر يۈرەككە پەسلى باھارنى،
تېپىلمايدۇ ئۆزگىلەردىن ئۇنىڭ سىياقى.
كېمنڭ قېزى دەپ سۇرىساڭ ئۇيغۇرنىڭ قېزى،
ماختىساممۇ خىجىللىقتىن قىزىرار يۈزى.
مەپتۇن قىلار ھەر قارىسام خۇمالىق كۆزى،
جاننى ئالار بالدىن تاتلىق قىلغان بىر سۆزى.
تەڭدىشى يوق شۇنچە گۆزەل ئۇيغۇرنىڭ قېزى،
ئۇ گۆزەللىك مىراس قالغان ئەجدات يىلتىزى.
كۆندۈز قىلار ئايدەك ھۆسنى ھەتتا كېچىنى،
تەكلىماكان تەڭرىتاغنىڭ ئۇلار يۇلتۇزى.
نادانلىق
نادانلىقتىن ئويغىنايلى ئۇيقىمىز يىتەر،
نادانلىقتىن ئويغانمىساق ھالىمىز خەتەر.
مازارلاردا تىنەپ كەلدۇق ئىزلەپ شاپائەت،
بىشىمىزغا ئىخر كۈنلەر كەلسە بىز ئەگەر.
كەلگەن كۆلپەت جاپالارنى قىسمەت دەپ كەلدۇق،
يېڭىش ئۈچۈن يەڭ تۈرگەنگە توۋا دەپ كۈلدۇق.
ھەق تەڭرىممۇ يارالمىشىڭ دىگەن ئۈزۈڭدىن،
تامام تەغدىر دىگەن سۆزنى بىز نەدىن تاپتۇق.
يىقىلساق گەر يۈلەر دىدۇق بىزنى كېم كىلىپ،
قېنىمىزغا كەتكەنمۇ يا بىلمىدىم سىڭىپ.
ئىزدەنمىسەك دەس تۇرۇشقا بولۇپ غەيرەتلىك،
يۈلىگەنمۇ تەڭرى ئەمەس قالمامدۇ ھىرىپ......
پۇل تاپقانلارغا
پۇلۇم بار دەپ كۆرەڭلىمە يوقسۇلنى كۈرسەڭ،
ئەلمۇ سېنى نامەرىت دەيدۇ نامراتقا كۈلسەڭ.
ھاياتلىقتا ياخشى ئەمەل قىلمىساڭ ئىنسان،
ئەسقاتامدۇ شۇ بايلىقىڭ ئىيىتقىنە ئۆلسەڭ.
ئىھسان سۇراپ كەلگەنلەرگە بەرمىگىن ئازار،
ئازار بەرگەن ئىنسانلاردىن خۇدامۇ بىزار.
ياخشىلارنى ئەل دۇئاسى چۆلدە كۆكلىتەر،
يامانلارنىڭ ئېچىلماستىن گۈللىرى تۇزار.
بايلىق دىگەن بىلسەڭ ئامەت بىلمىسەڭ ئاپەت،
سەگەك تۇرغىن ۋىجدانىڭنى باسمىسۇن غەپلەت.
مال دۇنياغا بولۇپ كەتمە مەڭگۈلۈك ئاشىق،
خەجلەپ تۇرغىن ياخشىلىققا تىلەپ سەن جەننەت.
قېرىنداشلارنڭ كىلىش ئالدىدكى دوپپا بايرىممىزدا دوپپىمىزنى شۇ بىر كۈن بولسىمۇ يىغلاتماسلىقڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن ....
رۇخسەتسىز كۈچۈرۈشكە بولمايدۇ ...
ئەمگەككە ھۆرمەت كېلىڭ
رۇستەم قاراسۇ .......ئاتۇش
ئالاتاۋدا يېزىلدى