نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كىيىن بالىلارنى يوقلاش ھوقوقى توغۇرسىدا
نىكاھ-كىشىلىك تۇرمۇش ھاياتىتىكى ئىنتايىن مۇھىم ھەم چوڭ بىر ئىش،ئائىلە-جەمئىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى ،نىكاھ-ئائىلە مۇناسىۋىتى –ئەڭ مۇھىم ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرى ،نىكاھ-ئائىلە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقى –ئىجتىمائىي مۇقۇملۇقنىڭ ئاساسى .نىكاھ-ئائىلە مۇناسىۋىتىنى توغرا تەڭشەش مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرنىڭ ،ئەر-ئايال ،قىرى-ياشلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە بىرىپ تاقىلىدۇ،مىللەتنىڭ روناق تىپىشىغا ،ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيلىكىگە ،جەمئىيەتنىڭ راۋاجلىنىشىغا تاقىلىدۇ،نىكاھ قانۇنى نىكاھ-ئائىلە مۇناسىۋىتىنى تەڭشەيدىغان مۇھىم قانۇندۇر.
يىقىندىن بۇيان كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىدىكى ئۆزگىرىش ئارقىسىدا نىكاھ-مۇھەببەت قارىشىدا ئۆزگىرىش بولۇپ يىڭىلاندى ،كىشىلەر«نىكاھتا ئەركىنلىك بولۇش،ئەر-خوتۇن ئائىلىدە باراۋەر بولۇش،ئائىلە ئىناق بولۇش»دەپ قارايدۇ،بولۇپمۇ نىكاھتىن ئاجرىشىش قارىشىدىكى ئۆزگىرىش ئالاھىدە گەۋدىلىك بولۇپ نىكاھتىن ئاجرىشىشنىڭ نىسبىتى يىلدىن –يىلغا ئۆسىشى ئارقىسىدا ئاتا-بالىلىق ياكى ئانا بالىلىق ئائىلىلەركۆپەيگەن،ئاتا-بالىلىق ياكى ئانا بالىلىق ئائىلىلەرتۇرمۇشىشىنىڭ ناچارلىشىشى ئارقىسىدا پەرزەنىتلەر تۇرمۇشتا ئىگىسىز قىلىش ،كوچىدا سەركەندان بولۇپ قىلىش،ھەتتا جىنايەت يولىغا مىڭىشقا ئوخشاش بىرمۇنچە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تۇغۇلماقتا.
ئەر-خوتۇنلارنىكاھتىن ئاجراشقاندىن كىيىن بالىنى بىقىپ تەربىيلەيدىغان تەرەپ بالىنى ئۆزىنىڭ خۇسۇسى مۈلىكى قىلىۋىلىپ يەنى بىرتەرەپكە كۆرسەتمەي ئۇنىڭدىن ئۆچ ئىلىش بەدىلىگە بالىلارنىڭ چوڭ بولۇپ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە ۋە كىيىنكى تۇرمۇشىغا پايدىسىز ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كىلۋاتىدۇھەم شۇنداقلا بالىنى بىۋاستە بىقىپ تەربىيلىمەيدىغان تەرەپنىڭ بالىنى كۆرۈش يوقلاش ھوقوقىنى يۈرگۈزۈشكە توسقۇنلۇق قىلۋاتىدۇ.مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كىيىن بالىلارنى يوقلاش ھوقوقى توغۇرسىدا توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.
دۆلىتىمىز«نىكاھ قانۇنى»نىڭ 38-ماددىسىدا ئىنىق قىلىپ نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كىيىن بالىنى بىۋاستە باقمايدىغان ئاتاياكى ئانىنىڭ بالىنى يوقلاش ھوقوقى بولىدۇ.يەنى بىرتەرەپنىڭ ياردەملىشىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ،يوقلاش ھوقوقىنى يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىنى،ۋاقتىنى ئىككى تەرەپ كىلىشىدۇ،كىلىشەلمىگەندە ئىككى تەرەپ كىلىشەلمىگەندە سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىدۇ.دەپ بەلگىلەنگەن.
بۇ بەلگىلىمىدىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى :بۇئىنتايىن بىر مۇھىم مەزمۇندىن ئىبارەت.ئاتا-ئانابىلەن پەرزەنىتلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ئاتا-ئانىلارنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىشى بىلەن يوقالمىغان ئىكەن،ئۇھالىدا ،نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كىيىن بالىنى بىۋاستە باقمايدىغان داداياكى ئانىنىڭ بالىنى بىقىش ۋە تەربىيلەش ھوقوقىنى يۈرگۈزۈشتىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر تەرەپ بالىنى كۆرۈپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۇنى يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت.كۆرۈپ تۇرۇش ئارقىلىق باللىرىنىڭ ھەر جەھەتتىن ئۆسۈپ يىتىلىشىنى بىۋاستە ھىس قىلىپ ،كۆيۈنۈش ۋە مىھرىبانلىقنى ئۇلارغا بىرەلەيدۇ.بالىلارمۇ ئۆزلىرىنى بىۋاستە باققان دادىسى ۋە ئانىسىدىن باشقا يەنى دادىسى ۋە ئانىسىنىڭ غەمغۇرلىقىنى ،تەربىيىسى ۋە مىھرىگە ئىرىشىپ تاۋلىنىشنىڭ لازىملىقىنى ھىس قىلىدۇ.بۇمۇ ئۇلارنىڭ ئەسلىدىنلا بار بولغان تۇغما ھوقوقى بولۇپ ،بۇھوقوقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشمۇ ئاتا-ئانىنىڭ ھەر دائىم كۆرۈپ تۇرۇشى بىلەن بولىدۇ.
رىئال تۇرمۇشقا قارايدىغان بولساق :بەزى كىشىلەر نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كىيىن بالىنى ئۆزىنىڭ خۇسۇسى مۈلۈكى ،ھەتتا قولىدىكى تۇتقۇن ھىسابلاپ ،بالىنى قارشى تەرەپكە ئۇزۇنغىچە كۆرسەتمەسلىكنى ،قارشى تەرەپنى جازالاش قورالى ،ئىچ –ئىچىدىن ئۆچمەنلىك ۋاستىسى قىلىپ دادابىلەن بالاياكى ئانابىلەن بالا ئوتتۇرسىدىكى قىرىنداشلىق مۇناسىۋەتنى ھايات تۇرغۇزۇپ ئايرىپ تاشلاپ،بەزى بالىلارنى چوڭ بولغاندىمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئۇقمايدىغان قىلىپ قويىدۇ.بۇ ئىنسان قىلپىدىن چىققان قىلمىش ھەم باشقىلارنىڭ ھەم بالىلارنىڭ ھوقوق-مەنپەئىتىنى ئىغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغانلىق بولۇپ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە ئىنتايىن پايدىسىز.
بالىنى بىۋاستە باقمايدىغان تەرەپنىڭ يەنى بىرتەرەپكە ماسلىشىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ .ماسلىشىش دىگنىمىز:يەنى بىرتەرەپنىڭ كۆرشىگە قولايلىق يارتىپ بىرىش ،بالىنى كىلىشكەن ۋاقىت،ئورۇندا تاپشۇرۇپ ئىلىش ۋە ئاپىرىپ بىرىش.بالىغا ۋاقتىدا ئۇختۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.بىرتەرەپنىڭ بالىنى كۆرۈشكە ئۇزاق مۇددەت رۇخسەت قىلماسلىققا قارىتا يەنى بىرتەپ بالىنى بىۋاستە بىقىش ھوقوقىنى ئۆزگەرتىپ بىرىش توغۇرسىدا ئەرىز قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ئەھۋالنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانسا ،بۇنداق ئەرىزنى قوللاش كىرەك.بالىغا نىسبەتەن خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىنى يەنىلا ئاداقىلمىغانلارنى خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 102-ماددىسىغا ئاساسەن توختىتىپ قويسا ۋە جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
قىسقىسى :ئاتا-ئانىلار نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كىيىن بالىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يوقاپ كەتمەيدۇ،يەنى شۇ دادا يەنى شۇ ئانىنىڭ بالىسى شۇڭا بالىنى بىۋاستە باقىدىغان تەرەپ بىۋاستە باقمايدىغان تەرەپكە. بالىنى كۆرسىتىپ بالىنى كۆرۈش ھوقوقىنى يۈرگۈزۈشكە ماسلىشىشى كىرەك.
شۇنداق بولغاندا بالىنى ھەر تەرەپلىمە ياخشى تەربىيلەپ يىتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ .
مەخمۇتجان مەمەت
رۇخسەتسىز باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرمەڭ!!!
1521356225
شىنجاڭ دادىل ئادۋۇكاتلىق ئىشلىرى ئورنى قانۇن مۇنبىرى
http://www.xjdadil.cn/2010
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-30 06:06 PM