مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9718|ئىنكاس: 86

بىر قىزنىڭ ئاھۇ -زارى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

زەرنىڭ دوستى كۆپ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51
يازما سانى: 2081
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16562
تۆھپە نۇمۇرى: 1907
توردا: 8197 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 04:22:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قىساس

زىلالەنىڭ دادىسى كەپتۇ دېگەن گەپنى ئاڭلاپ زەينەپنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى لەرزىگە كەلدى. نىمىشقىدۇ قولى ئىشقا بارمايتتى ھە دېسە ئىشلىرى قۇلاشماي پۇت- قوللىرى كالۋالىشاتتى. شۇڭلاشقىمىكىن ئۇ ئىشلارنى ئاشخانىدىكى باشقىلارغا تاشلاپ بېرىپ ئىچكىركى ئۆيگە كىرىپ كىرلەشكەن كارۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ جىددىلەشكەن نېرۋىللىرىنى بىرئاز ئارام تاپقۇزماقچى بولدى. « ئۇ كەلگۈدەك » دەيتى ئۇ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپ. « زىلالە، كىلارە ئۇنىڭ قىزلىرىكەن ، توۋا شۇنداق ئىنسانلارغا مۇشۇنداق قىزلارنى ئاتا قىلغىنىغا ھەيرانمەن » .

  ئۇ چېچىلاڭغۇ خىياللىرىنىڭ ئىچىدە زىلالە بىلەن كىلارەنى ئەسكە ئالدى. زىلالە بۇ مەكتەپكە ئۆتكەن يىلى كەلگەن ئىدى ، مانا بۇيىل ئۇنىڭ سىڭلىسى كىلارە كەلدى.

  خۇددى قوش گىزەكتەك بۇ بىرجۇپ قىزنى مەكتەپكە ھۆسىن قوشتى دېسىمۇ بۇلاتتى. ساغۇچ قۇڭۇر چاچلىرى ، قەلەم بىلەن سىزىپ قويغاندەك ئىنچىكە قاشلىرى قاپ-قارا يۇغان قوي كۆزلىرى كۈلۈپلا تۇرىدىغان ئويماقتەك ئاغزى ھەتتا بىر تالدىن ئوغرى چىشلىرىمۇ بۇ ئىككى قىزنى بىر- بىرىدىن ئايرىۋالغۇسىز ئوخشايتى. قىزلارنى گۈزەللىكىدىن كۆرە زېھنىنىڭ ئۆتكۈرلىكى يېشىغا باقماي چوڭ ئادەملەردەك پىكىر قىلىشى پۈتۈن ئۇقۇتقۇچى- ئۇقۇغۇچىلارنى ھەيران قالدۇراتتى . ئۇلار ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئوينايدىغان بولسا رەڭدار كىپىنەكلەنىڭ ئۆزى ئىدى. ھەممەيلەن بۇ قىزلارنى قانداق ئائىلىدە چوڭ بوغاندۇ دەپ ھەۋەس قىلىشاتتى.

  مانا پۈتۈن مەكتەپتىكىلەرلا ئەمەس مەكتەبنىڭ ئالدىدا ئاشخانا ئاچىدىغان زەينەپمۇ بۇ قىزلارنى باشقىچىلا ياخشى كۆرىپ قالغان ئىدى.

   زەينەپ 36- 37 ياشلار چاممىسىدىكى كىلىشكەن ئايال بۇلۇپ مەكتەبنىڭ ئالدىدا ئاشخانا ئاچاتتى. بۇ ئايال ئۆزىنىڭ شۇنچىلىك قاملاشقان لاتاپىتىگە گۈزەل ھۆسنىگە قارغاندا بىر ئاز سوغوق مىجەز كەم سۆز ئايال ئىدى. ئەمما تاماقنى شۇنداق ئوخشىتىپ ئېتەتىكى ، ئاتا- ئانىسىدىن ئايرىلىپ بۇيەرگە كەلگەن بالىلار بۇ ئاشخانىغا كىرسە خۇددى ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىپ تاماق يېگەندەك تۇيغۇدا بۇلۇپ قالاتتى. شۇڭلاشقىمىكىن نۇرغۇن ئۇقۇغۇچىلار بۇ ئاشخانىدىن تاماق يەتتى. ئۇمۇ بالىلارغا ئۇنچە قاپاق ئېچىپ كەتمىگىنى بىلەن ناھايىتى كۆڭىل بۆلەتتى. بىراق بالىلار بۇ ئايالنىڭ قەيەردىن كېلىپ بۇ ئاشخانىنى ئېچىۋاتقانلىقىنى تۇرمۇش قۇرغان قۇرمىغانلىقىنى بىلمەيتتى . زىلالە مۇ نۇرغۇن بالىلارغا ئوخشاش بۇ ئاشخانىغا كۈنۈپ قالغان بۇلۇپ بىر يىلدىن بىرى مۇشۇ ئاشخانىدا تاماق يەپ كېلىۋاتاتتى. مانا بۇيىل ئۇنىڭ سىڭلىسى كىلارەمۇ ئاچىسىغا ئوخشاشلا بۇ ئاشخانىنىڭ تامىقىنى ياختۇرۇپ قالغان بۇلۇپ ئۇمۇ مەكتەپكە كەلگەن ئۈچ ئايدىن بىرى ئاچىسى بىلەن مۇشۇ ئاشخانىدىن تاماق يەۋاتاتتى.

  زىلالە 14 ياش كىلارە 13 ياش بۇلۇپ بىر ياش پەرىقلىنەتتى . بۇ ئىككەيلەن زەينەپنى ئۆز ئانىسىدەك ياخشى كۆرەتتتى. زەينەپمۇ بۇقىزلارغا باشقىچىلا قارايتتى. بۈگۈن چۈشلىك تاماقتا بۇ ئىككى قىزنىڭ كەلمىگەنلىكىنى سەزگەن زەينەپ بۇلارنى سۈرۈشتە قىلىۋىدى  ساۋاقداشلىرى بۇلارنى دادىسى بىلەن ئانىسىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېيىتتى . شۇنىڭ بىلەن زەينەپ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا جىددىلىشىپ قالدى « ئۇ شۇمۇدۇ؟» دەيتتى ئۇ ئۆز- ئۆزىگە توغرا دەل شۇ. شۇ بەخيىتار تېخى نەچچە كۈن ئالدىدا بۇ ئىككى قىز ئاشخانىدا بىر سۈرەتنى تالىشىپ كۆرىۋاتقاندا زەينەپنىڭ كۆزى چۈشكان ئۇ ئۇماق قىزلارنىڭ نىمىنى تالىشىپ كۆرىۋاتقانلىقىغا قىزىقىپ ، ئۇ سۈرەتنى كۆرگەن كۆر گەندىمۇ قاتتىق چۈچۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇ « بۇ كىمۇ ؟ » دەپ سورىغان، قىزلار « بۇ بىزنىڭ دادىمىز» دېگەندە تاس قالغان ئايلىنىپ كەتكىنى . بۇ بەختىيارنى ئونۋېرىستېتكى سۈرىتى بۇلۇپ زەينەپ تۇلا كۆرىپ كۆزلىرىگە ئورناپ  كەتكەن پىنھانلاردا لەۋلىرىگە تۇلا باسقانلىقتىن رەڭگى ئۈڭۈپ كەتكەن ئۇنى پۈتمەس- تۈگىمەس ئازاپقا مۇپتىلا قىلغان شۇ سۈرەتنىڭ جۇپتى ئىدى.

  ئۇ ئويلىغانسىرى كاللىسى چىڭقىلىپ، خىياللىرى مۇرەككەپلىشىپ خىيالنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپ باراتتى. باش- ئاخىرى يوق چىگىش خىياللار ئۇنى ئۇياق بۇياققا سۆرەپ نېرۋىللىرىنى قالايمىقان قىلىپ تالدۇرۋەتتى .ئۇ بۇ يامان خىياللاردىن بىردەم بولسىمۇ قۇتۇلۇشنى ئويلاپ  ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، سىرىتقا ماڭدى. سىرىتتا تاماق يەيدىغان لارنىڭ جىددىچىلىكى سەل پەسىيىپ قالغان بۇلۇپ ، ئىشىكتىن زىلالە بىلەن كىلارە بىر جۇپ ئەر – ئايالنىڭ قۇلىنى تۇتۇپ كىرىپ كەلدى. مۇلازىم بالا بۇلارنى ئىچكىركى ئىشىكنىڭ يېنىدىكى بوش ئۇرۇنغا باشكىدى. ئۇرۇندۇققا ئالدى بىلەن كىلەڭسىز سەمرىگەن يۈزلىرى گۆشلۈك بۇرۇنلىرى ئەركىشىنىڭ بۇرنىغا ئوخشايدىغان تەتۈر ئۇسقان ئايال زىلالەنى ئەگەشتۇرۇپ كېلىپ ئولتۇردى. ئارقىدىن ، ئالدى مىڭىسىنىڭ چاچلىرى چۈشۈپ شالاڭلاپ قالغان يۈزلىرىنى يېڭى ئالدۇرغان ساقال بۇرۇتلىترىنىڭ كۆكۈش ئىزلىرى قاپلىغان بىر ئەركىشى كىلارەنى ئەگەشتۇرۇپ كېلىپ ئولتۇردى . بۇ ئەركىشى بىر قارىماققا ھېچقانداق ئالاھىدە ئەر بولمىسىمۇ زەينەپ ئۈچۈن يەنە سىنچىلاپ قارىغاندا يەنە شۇ ئوتلۇق كۆزلەر بىرئاز قارىداپ قالغان ئۆڭى ، كۈلۈمسىرىگەندە چىقىپ تۇرىدىغان بىرتال ئوغرى چىشى يەنىلا شۇ پېتى تۇرغاندەك ئۇنى ئۆزىگە تارىپ تۇراتتى . زەينەپنىڭ ۋۇجۇدىغا قانداقتۇر چىدىغىلى بولمايدىغان بىرخىل كۈچ خۇددى توپان بالاسىدەك باستۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇنى ئىختىيارسىز يىغا تۇتتى ئۆزىنى شۇنچىلىك بىچارە ، يالغۇز ھەم غېرىپ ھېس قىلدى. كۆز ياشلىرى ئىككى مەڭزىگە سەلدەك ئاقتى. زەينەپ دەقىق ئىچىدە سەل ئىسىگە كېلىپ كۆز ياشلىرىنى يۇشۇرۇپ يۈگۈرگەندەك مېڭىپ سىرىقتا ئۆزىنى ئاتتى. ئۇ ئىشىك ئالدىدا ئەمدى توختىغان تاۆسىغا چىقىپ مېڭىپ كەتتى. ئۇ ماشىنىغا چىقىپلا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. شۇنداق قاتتىق يىغلىدىكى پەريات ئۇرۇپ ئىچ ئىچىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاقتان يىغىدىن  خۇددى تاغلار ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەك زىمىننى كەلكۈن تاشقىنى قاپلاپ كېتىغاندەك قىيامەت قايىم بۇلىدىغاندەك ئىدى . شوپۇر بالىمۇ بۇ ئايالنىڭ بۇ ھالىدىن سەل قورقۇپ قالدى بولغاي ۋۇجۇدىنى سۈر بېسىپ كەتتى. بالا ئايالدىن گەپ سوراشقىمۇ پېتىنالماي ماشىنىسىنى بىرخىل ھەيدەپ مېڭىۋەردى. بىزچاغدا زەينەپ بىرئاز بېسىقىغا چۈشۈپ بالىدىن كەچۈرۈم سوردى . بالا ئەدەپ بىلەن :

ــ سىزنى قەيەرگە يەتكۈزۈپ قۇيمەن- دېدى . زەينەپ :

ــ خاپا بولماي مېنى تىنىچراق بىر جايغا ئاپىرىپ قويسىڭز دېدى.

ــ ئەمسە بىرەر مېھمانخانىغا ئاپىرىپ قۇيايمۇ ؟ ئەدەپ بىلەن سوردى بالا.

ــ ياق چۆل جەزىرىدەك بىرەر يەر يوقمۇ ؟

ــ ياق  سىزنى يېڭى ساياھەت باغچىسىغا ئاپىرىپ قۇياي ئەمسە . ئۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ياخشى ئادەملەرمۇ ئۇنچە كۆپ بارمايدۇ. ئايلانسىڭىز كۆڭۇلىڭىز ئېچىلىپ قالىدۇ.

ــ مەيلى ئەمسە ـ دېدى زەينەپ بالىنىڭ پىكرىگە قۇشۇلۇپ.

شۇنداق قىلىپ تاكسىچى بالا زەينەپنى يېڭى ساياھەت باغچىسىغا ئاپىرىپ قويدى. زەينەپ ماشىنىدىن چۈشكەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ ئاشخانىدىن شۇنداقلا چىقىپ كەتكەلىكىنى ھەتتا تېلېفۇنىنىمۇ ئېلىۋالمىغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى ۋە بالىغا قاراپ نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى .

ــ ھېچقىسى يوق ھەدە مەن چۈشەندىم بۈگۈن سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز ياخشى ئەمەس بىر نەرسىللىرىڭىزنىمۇ ئالماي چىقىپ قاپسىز قايتىدىغان چاغدا ماشىنا لازىم بۇلۇپ قالسا ماڭا تېلىفۇن قىلىڭ ـ دېدى بالا پال سالغاندەكلا زەينەپنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ. ئۆزىنىڭ ئىسىم كارتوچكىسىنى تەڭلىگەچ . زەينەپ نىمە دىيىشنى بىلەلمەي ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى .ئۇ تاكسىچى بالىنىڭ « ھېچقىسى يوق » دېگەن گىپىنى ئاڭلاپ سەل ئىسىگە كەلدى – دە بالىغا قاراپ يالۋۇرغاندەك تەلەپپۇزدا خاپا بولماڭ ئۇكام راستىنلا بەك خىجىلمەن دېدى ۋە بالا تەڭلىگگن ئىسىم كارتوچكىسىنى ئېلىپ باغچىغا كىرىپ كەتتى.

شۇنداق قىلىپ زەينەپ باغچىنىڭ بۇلۇڭىدىكى بىر تۈپ قېرى دەرەخنىڭ سايىسىدىكى ئۇرۇندۇقتا ئولتۇردى. ئۇ ئىنتايىن بىئارام بۇلۇپ يەنە ياش تۆكتى .بىر ئازدىن كىيىن يەنە جىمىپ قالدى. ئۇنىڭ كۆزى ئۇيقىغا كەتتىمۇ ياكى بىردەملىك ئىسىنى يوقاتتىمۇ ئۆزى ئۈچۈن خېلى ئۇزۇن بىلىنگەن بىر چاغدا ئىسىگە كەلدى . ئۇ كۆز ياشلىرىنى سۈرۈتتى ئۆزىنى بىر ئاز يىنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدى. توغرىسىنى ئېيىتقاندا ئۇ ئېغىر كېسەلدىن يېڭى ساقايغان ئادەمدەك بۇلۇپ قالغان ئىدى.كەچ كۈزنىڭ ئىزغىرىن شامىلى ئۇنى خېلىلا سەگىتكەن بۇلۇپ، ئۇ بىر ئاز توڭلىغان ئىدى.

  « خەپ ھايۋان » دېدى ئۇ ئۆزىگە ئۆزى. ئۇنى بىردىنلا غەزەپ ئوتلىرى قاپلىۋالدى. « سەن ئۈچۈن ياش تۈكەمدىمەن ؟ سەن ئۈچۈن ئازابلىنامدىمەن ؟ ئالدىرىما ئەمدى ئازاپلىنىش نۆۋىتى ساڭا كەلدى . ئازاپ دېگەن كۆز ئالدىڭدا سەنمۇ بىلىپ قوي ئازاپ قانداق بۇلىدىكىن ؟ ياش تۆكىشچۇ؟ ئالدىنىشچۇ ؟ بەخىتسىزلىك قانداق بۇلىدۇ بۇلارنى بىر – بىرلەپ تېتىيسەن  بەختىيار سېنى بەختىيار ئەمەس بەختى زار قىلىۋېتىمەن » زەينەپ قاتتىق بۇغۇلۇپ تۇرۇپ ئاچچىق خىياللىرىنى داۋاملاشتۇردى.

   شېرىن ئارزۇ ئىستەكلىرى چېچەك ئاچقان ئاينۇر 9- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى دادىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا بۇ چوڭ شەھەرگە كەالدى.قات-قات بىنالار ھەيۋەت بىلەن قەت كۈتۈرۈپ تۇرغان بۇ شەھەر خۇددى رىۋايەتلەردىكى كېچە بولمايدىغان گۈزەل شەھەرلەردەك بىلىندى . ئۇ يول بۇيى بۇ گۈزەل شەھەرمەنزىرگە تويماي قاراپ ئاخىرى ئۆزى ئارزۇ قىلغان ئونۋېرستېتقا يىتىپ كەلدى . ھەيۋەتلىك مەكتەب دەرۋازىسىغا «يېڭى كەلگەن ئۇقۇغۇچىلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز » دېگەن چوڭ خەتلىك پىلاكات ئېسىلغان بۇلۇپ ، ئۇقۇتقۇچىلار رەت-رەت ئۇلتۇرۇپ يېڭى كەلگەن ئۇقۇغۇچىلارغا يول كۆرسىتىش بىلەن ئالدىراش ئىدى . ئاينۇرمۇ ئاللا كىملەرنىڭ ياردىمى بىلەن يېرىم كۈندە دېگۈدەك تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى پۈتتۈردى .

ــ مەن ماڭاي قىزىم – دېدى ئۇنىڭ دادىسى ئۇنى ياتىقىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇپو قويغاندىن كىيىن. ئاينۇر دادىسىغا قاراپ كۆزىگە قىققىدە ياش ئالدى . دادىسى قىزىنى باغرىغا بېسىپ :

ـــ يىغلىما قىزىم خۇشال بولساڭ بولىدۇ . قارىغىنا ساۋاقداشلىرىڭغا ئۇيات ئەمەسمۇ ؟! ـ دەپ ئاينۇرنىڭ يېڭى ياتاقداشلىرىغا قارىدى. بۇلۇڭدىكى كارۋاتتا ئۇلتۇرغان قىز تاتلىققىنا كۈلۈپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئاينۇر بۇ مەكتەپتە قالدى دادىسى كەتتى.

  پۈتكۈل ئارزۇ ئارمانلىرىنىڭ غايە ئىستەكلىرىنىڭ پەللىسى بولغان ئالى مەكتەپكە كەلگەن ئاينۇر نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىغا ئوخشاش بىريىلنى ھەممە نەرسىگە قىزىقىش ئوتتەك ئىشتىياق يالغۇزسىراش ۋە زىرىكىش ئىچىدە ئۆتكۈزدى . ئىكككىنجى يىلدىن باشلاپ ھەممەنەرسە ئۆزگەردى. ساۋاقداشلار ئۆز- ئارا تۇنۇشۇپ، سىردىشىپ، چۈشۈنىشىپ ، بۇرۇنقىدەك سۈركىلىشىدىغان ئىشلار تۈگەپ مەكتەب گويا ھەممەيلەننىڭ ئائىلىسىگە ئايلاندى.

ئاينۇرمۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن دەرىسلەردە تېزلا ئىلگىرلەپ ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغىدى.  ئۆزىمۇ  كۈندىن كۈنگە ئېچىلىپ يۈرۈش تۇرىشى سەھرا قىزلىرىغا خاس لاتاپىتى ۋە شەرمى ھاياسى بىلەن ھەممىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدىغان قىز بۇلۇپ قالغان ئىدى. بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ تەڭداشسىز گۈزەل لاتاپىتى مەكتەپتىكى نۇرغۇن يىگىتلەتنىڭ يۈرىكەگە ئوت سالغان بۇلۇپ مۇھەببەت سەۋداسىغا چۈشكەن بالىلار بىر – بىرى بىلەن يۇشۇرۇن دوئىلغا چۈشەتتى. يىگىتلەرئاينۇردەك گۈزەل كىلىشكەن قىز بىلەن ئارلىشىپ ئۆتىشنىڭ ئۆزىنىڭ بەختى ھىساپلايدىغان بۇلۇشتى. كۈنلەر بىر بىرىنى قوغلاپ ئۈتۈپ كېتىپ باراتتى.

  شۇ كۈنلەرە قاش كۆزى چاقناپ تۇرىدىغان يۈزلىرى چىراغدەك يېنىپ تۇردىغان شۇخ كىلىشكەن بەختىيار ئاينۇر ئۈچۈن پايە- پېتەك بۇلۇشقا باشلىدى. بەختىيارنىمۇ مەكتەپتىكى يىگىتلەرنىڭ سەرخىلى دىيىشكە بۇلاتتى. ئۆزىنىڭ شوخلىقى كىلىشكەن قەددى قامىتى بىلەن نۇرغۇن قىلارنى يۈرىگە ئوت سالالايتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ چاغنىڭ شارائىتىدا ئۇنىڭ بىلەن بىر يۇتلىق بىر مۇئەللىم ئۇنىڭغا مەكتەپنىڭ يېنىدىكى بازاردىن ئۇنىڭغا يەكشەنبە كۈنى مال سېتىشىدىغان بىر خىزمەتنى تېپىپ بەرگەن بۇلۇپ ئۇ شۇ ئىش بىلەن مەكتەپتىكى خېلى ھاللىق سەۋيىدىكى بالىلاردىن ئىدى. كىيىم – كېچەكلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىپ چاچنى مايلاپ يۈرەتتى. شۇ تۇرقى بىلەن ئۇ تېخىمۇ لاتاپەتلىك ۋە كىلىشكەن كۆرنەتتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇ ناھايىتى كىلىشكەن بۇلۇپ نۇرغۇن قىزلار ئۇنى تاما قىلىپ يۈرەتتى . لېكىن بەختىيار ئىنسان تەبىئىتىدىكى  تالاشقانغا يۈگۈرىدىغان بىرخىل ئاجىزلىق تەسىرىمۇ ياكى راستىنلا شۇ ئاينۇرنى ياختۇرۇپ قالدىمۇ ئىش قىلىپ ئاينۇرنى قوغلىشىپ قالدى . ئاينۇر باشتا بۇ ئىشنى ئۇققاندىن كىيىن قاتتىق چۈچۈپ كەتتى ۋە بۇ ئىشنى قەئى رەت قىلدى ھەتتا بىر قانچە قېتىم بەختىيارنى سەت سىلكىۋەتتى. ئەمما بەختىيار ناھايىتى سەۋچانلىق بىلەن ئۇنىڭغا يېقىنلاشتى ۋە ياخشى تەسىرى بىلەن ئۇنى ئىرىتىشكە بەل باغلىدى . ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرلىك ھىلە مىكىرلەرنى ئىشلىتىپ ئۇنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشتى . مەكتەپتىكى نۇرغۇن بالىلار بۇلارنى خۇددى خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر دىيىشتى. مۇنداق چاغلاردا ئاينۇرنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلدى . شۇنداقتىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ خۇددى، « ساقنى ساراڭ دېسە بىر چىشلەم گۆشى ساراڭ بۇلۇدۇ» دېگگندەك، «بەختىيار ئاينۇرغا كۈيۈپ قاپتۇ ئىشىق دەردىدە ئاق بوپتۇ كۆك بوپتۇ» دېگەنچە ئاينۇرمۇ كۆڭلىدە بەختىيارغا قىزىقىپ قالدى. ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدى بەختىيارنى ئويلايدىغان بەزىدە بۇ ئويلىرىدىن چۈچۈيدىغان بۇلۇپ قالدى. ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، خوشنا سىنىپتىكى گۈزەل ئاي بىلەن بەختىيارنىڭ گېپى چىقىپ قالدى.

  ــ بالىلار بەختىيارنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويدۇق –دە. ــ دېدى قارامۇتۇق كەلگەن ھەلىمە .

  شۇ ئەمەسمۇ بىزنىڭ سىنىپتا شۇ ئاينۇر بولمىغان بولسا چۇقۇم باشقا بىرىمىزگە كۆزى چۈشەتتى ئۇنىڭ . شۇ ئاينۇر بولغاچقىلار باشقىلار ئۇنىڭغا يارىمىدى. ــ دېدى ماھىرە دومسىيىپ.

  ــ ئىسىت يا ئۆزى يىيىشكە چىدىماي ياكى باشقىلارغا بېرىشكە چىدىماي دېگەن شۇدە.

  ــ ئاۋۇ گۈزەل ئاي دېگەنمۇ بەك چىرايلىق قىزكەن جۇمۇ ! ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيى ئۈرۈمچىدىكەن دادىسى باشلىقمىش

   ــ ئەمسە بەختىيار ئۈرۈمچىلىك بۇلۇپ كېتىدىكەندە.

  ــ بوپتۇ بىرەر ساۋاقدىشىمىز ئۈرۈمچىلىك بۇلۇپ قالسا كىينچە كەپ قالساق ئىشلىمىزغا ياردىمى تېگىدۇ . ئۆزىمۇ ئۈرۈمچىگە لايىق دە بۇكاپات ـ دېدى بىر قىز بالىلارنىڭ ھەممىسى پاراققىدە كۈلۈشتى.

  ــ ۋاي شۇنداق دېگىنىڭ بىلەن كىيىن ئۈرۈمچىگە كەپ قالسا ساڭا قاراپمۇ قويماس ئۇ .

  ــ ئۇنداق قىلمايدۇ بەختىيار خېلى ۋىجدانى بار يىگىت ھەرگىز ئۇنداق ۋىجدانسىزلىق قىلماي.

   ئەمدى گەپ بەختىيارنىڭ ياخشى تەرىپىگە ئۆتكەن بۇلۇپ قىزلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى ماختاپ ئۇچۇرۇشقا باشلىدى. بۇ گەپلەر ئاينۇرغا شۇنداق تەسىر قىلدىكى خۇددى ئەقىلسىزلىق قىلىپ قۇلىدىكى بەخىت قۇشىنى ئۇچۇرۇپ قويغاندەك، ئەمدى ئۆمۈر بۇيى بەختىنى تاپالمايدىغاندەك ھەممە نەرسىسىدىن بىراقلا ئايرىلىپ قالىدىغاندەك تۇيغۇدا ئۆز گۆشىنى ئۈزى يىگۈدەك بۇلۇپ كەتتى. ئۇ كېچىچە ئۇخلىيالمىدى . ھىلىدىن- ھىلىغا جىددىلىشەتتى، تىپىرلايتى، نىمە قىلارنى بىلمەي خۇددى ئېغىر بىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك بىئارام بۇلاتتى.

  دېمىسىمۇ ئادەم دېگەن ئاجايىپ نەرسە يېنىدا تۇرسا قەدىرلىمەيدۇ . ئالمايدۇ باشقىلار شۇنداق قول ئۇزاتسا ئۇنىڭ قانداق نەرسىلىگى بىلەن كارى بولماي تارتىپ ئالىدۇ.بۇلۇپمۇ قىزلار ئالاھىدە . بىرسى ساڭا كۈيۈپ قاپتۇ دېسە ئالەمچە خشال بۇلۇپ ئىچىگە پاتمايدۇ. ئەمما سىرتىدا ئۇنىڭغا باتناپ يېقىن كەلتۈرماي يۈرىيدۇ. باشقىلار مۇھەببەتلەشسە مۇھەببەتلەشكۈسى كېلىدۇ. ئۆزىگە كەلسە قوقىدۇ . باشتا قورقىدىيۇ ئاخىرى بېشىچە كىرىپ كېتىدۇ. ئاينۇرمۇ بىر كېچە ئۇخلىيالماي چارچاپ ئەتىگەندە ئۆزىنى- ئۆزى كونتۇرۇل قىلامىغۇدەك بۇلۇپ قالغان ئىدى. ئۇ سەھەردە ئاشخانىنىڭ ئالدىدا بەختىيارنى غەزەپ بىلەن چاقىردى ۋە يانغا تارتىپ:

ــ  گۈزەل ئاي بەك ياراپ كېتىپتىغۇ بىزنىڭ سىنىپتا يوقمىكەن؟ ـ دېدى غەزەپتىن تىرەپ.

ــ نىمە كارىڭ ئەجەپ ئاچچىقىڭ كەپتىغۇ ؟ ـ دېدى بەختىيار.

ــ نىمىگە ئاچچىقىم كېلەتتى سىنىپىمىزنىڭ يۈزىگە سەت دە  

ــ ئاچچىقىڭ كەلمىگەن بولسا بولدى قىلمامسەن .

ــ قايسى كۈنى لالەنى باشقا سىنىپتىكىلەر بىلەن مۇھەببەتلەشتىڭ دەپ بەك ئەيىپلەپ كېتىپ بېرشاتتىڭغۇ.ئەمدى ئەجەپ باشقا سىنىپقا قاراپ قاپسىنا؟

ــ بەك ئىگىز ئۇقۇرغا چىقىۋېلىۋاتاتتىڭ ئەجەپ چىچاڭشىپ كەتتىغۇ سەن ئارلاشما ئۆزەمنىڭ ئىشى.- دېدى بەختىيار ۋە شۇزامات ئارقىغا بۇرۇلۇپ كىتىپ قالدى. ئەمەلىيەتتە گۈزەل ئاي ھىكايىسى بەختىيارنىڭ ئاينۇرنى كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۇقۇغان ھىكايىسى بۇلۇپ ئاينۇرنى سىناپ باقماقچى ئىدى. ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئۇيۇن ئەسقېتىپ ئوق دەل جايىغا تەككەن ئىدى. شۇڭا بەختىيار يەنە ئۇزۇنراق تۇرۇپ قالسا ئاينۇرغا گەپ تېپىپ بېرەلمەسلىكىدىن ئەڭ مۇھىمى بۇ ئۇيۇننى راستەك قىلىپ كۆرسىتىپ ، ئۈنۈمىنى تېزرەك كۈرۈشنى ئويلاپ ئاينۇرنىڭ يېنىدىن كىتىپ قالغان ئىدى. ئاينۇر بۇ ئىشنى راسقا چىقىرىپ قاتتىق ئازاپلاندى ھەم شۇكۈنى دەرىسكىمۇ چىقمىدى.

  بويغا يەتكەن قىزلارنىڭ ئاجىزلىقى مەھەلىدە بىرسى ئۆيلەنسە ئۇ يىگىت ھەممەيلەنگە ئىسسىق كۆرىنىدۇ . مەكتەپتىمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئىشاش بىرسى مۇھەببەتلەشسە ھەممە قىزلار شۇنىڭغا ھەۋەس قىلىپ باشقىچە قارايدۇ.شۇ سەۋەپتىنمىكىن سىنىپتا بىردىنلا ھەممەيلەن بەختىيارغا ھەۋەسلىنىپ قاراپ كەتتى بەختىيارمۇ خۇدى بىردىنلا باشقا بالىلاردىن بىراقلا چوڭۇيۇپ قالغاندەك، باشقىلارغا قارىغاندا بىرنەرسىسى ئارتۇقتەك ھېس قىلىپ، شۇنداق روھلۇق يېقىشلىق بۇلۇپ قالغان ئىدى. باشقىلارغا تېخىمۇ كىلىشكەندەك «بۇرۇن ئەجەپ دىققەت قىلماپتىكەنمىنا» دېگۈدەك تۇيۇلىدىغان بۇلۇپ قالىدى. ھەممەيلەن ئۇنىڭ ياخشى تەرىپىنى قالاتتى نىمە دېسە شۇنى قىلاتتى. بۇنى كۆرىپ ئاينۇرمۇ خۇددى قولىدىكى بەخىت قۇشىنى بىلمەي باشقىلارغا تارقۇزۇپ قويغاندەك ئىشىق ئۇتىدا پۇچۇلىنىشقا باشلىدى. ئۆز خاراكتىرىغا ماس كەلمەيدىغان قىلىقلارنى قىلىپ بەختىيارغا يېقىنچىلىق قىلاتتى. شارائىتنىڭ پىشىپ يىتىلگەنلىكىنى يەنە ئارقىغا تارتسا ئىشنىڭ بۇزۇلىدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن بەختىيار، دوستى قۇدۇس ئارقىلىق «ئەگەر ئاينۇر ئالا كۆڭىللىك قىلماي بەختىيارنى چىن يۈرىكىدىن سۆيسە بەختىيار يەنىلا گۈزەل ئايدىن ۋاز كېچىپ ئاينۇر بىلەن مۇھەببەتلىشىدىكەن» دېگەن گەپنى تارقاتتى. ئەمما ئۆزى ئاينۇردىن يىراق تۇردى. بۇنىڭ بىلەن بەرداشلىق بىرەلمىگەن ئاينۇر ئۆزى ئېغىز ئاچتى. شۇنداق قىلىپ بۇلار مۇھەببەتلەشتى .                   بىرى  سىنى ياخشى كۆرسە سەن ئۇنى ياخشى كۆرىدىغىنىڭنى   چىداپ تۇرۇپ ئىتىراپ قىلمىغان بولساڭ بۇ باشقا بىر ئىش بولىدىكەن، ئىتىراپ قىلدىڭمۇ بولدى سەن ئۇنىڭدىن بىرمىنۇتمۇ ئايرىلغۇڭ كەلمەيدۇ، كۆڭلىڭ شۇنىلا تارتىپ تۇرىدۇ. مانا ئاينۇرمۇ بۇرۇن ھېچقانداق ئەمەستى قاچان بەختىيارنى ئىتىراپ قىلدىمۇ باشقىچە بۇلۇپ قالدى. ئاينۇرنىڭ ئالى مەكتەپ ھاياتىنىڭ ئىككىنجى يىلى مانا مۇشۇنداق ئۆتتى.  بەختىيار ئىككىسى بىر بىرىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىشتى.

ئالى مەكتەپنىڭ ئۈچۈنچى يىللىقىغا چىققاندا ئىشلەپ يۈرۈپ خېلى پۇللۇق بۇلۇپ قالغان بەختىيارنىڭ يۈزى ئېچىلىپ كەتتى. ئۇ پات – پات سىرىتتىن ياتاق ئېلىپ قۇنۇپ قالىدىغان بۇلۇپ قالدى. ئۇ ئۆزىنى خۇددى باشقىلار قىلالمايدىغان ئىشنى قىلغاندەك باشقا ساۋاقداشلىرىدىن بىراقلا نەچچە ياش چۇڭۇيۇپ قالغاندەك مەكتەپ ھەممىدىن ئىش ئۇقۇدىغاندەك بۇلۇپ قالدى ۋەئۇنىڭدا خېكى چوڭ ئۆزگىرىش بولدى . ساۋاقداشلىرىنى كىچىك كۆرىدىغان كۆزگە ئىلمايدىغان ، قىزلارغا ھاياسىزلىق بىلەن قاراپ تامىقىنى چاكىلدىتىدىغان بۇلۇپ قالدى. ھەر قېتىم ئاينۇرنىڭ تولغان كۆكسىگە گىلاستەك لەۋلىرىگە قارىغاندا پۈتۈن ۋۇجۇدى ئاينۇرغا تەلپۈنەتتى ھەتتا ئۆزىنى ئۇنتۇپ كېتەتتى. تەسۋېرلىگۈسىز بىر خىل تۇيغۇ ئۇنىڭغا ھۆكمىران ئىدى. ئۇنى قۇچالىغۇسى لەۋلىگە سۆيگۈسى ھاياسىز ئىشلەرنى قىلغۇسى كېلەتتى. ئۆزىنى بەك تەستە تۇتۇۋالاتتى. شۇ تۇيغۇنىڭ تۈرىتكىسىدىمىكىن ئۇ ئاينۇر ئۈچۈن سەۋدايىغا ئايلىناتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈيۈپ ئۇنىڭ ئۈچۈن پىشاتتى. پەقەت ئۆزىنى تۇتالمىغاندا سىرىتتا بىرەر كېچە تۇنەپ چىقسا بۇ تۇيغۇلار سەل بېىقىغا چۈشۈپ قاللىيۇ لېكىن بىر ئىككى كۈندىن كىيىن تېخىمۇ كۈچۈيەتتى. ئاينۇرغا يولسىز تەلەپلەتنى قۇيۇپ ھاياسىزلىقلارنى قىلاتتى. بىراق ئاينۇر قاتتىق ئۆزىنى تۇتۇۋالغان بۇلۇپ، بەختىيارنىڭ بۇ تەلەپلىرىنى قەتئى رەت قىلىپ كېلىۋاتاتتى ھەتتا بەختىياردىن گۇمانلىنىدىغان ، ئۇنىڭدىن رايى يېنىپ كېتىۋاتقاندەك بۇلۇپ قېلىۋاتاتتى . ئاينۇر قاچقانچە بەخيىتارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھەۋىسى كۈچۈيىپ بېرىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن پايە – پېتەك بۇلاتتى . بۇلار بىر كۈنى سىرىتقا ئوينىغىلى چىقتى ئۈرۈمچىنىڭ نۇرغۇن يەرلىرىنى ئايلاندى. بەختىيار ئاينۇر بۇلمەيدىغان نۇرغۇن يەرلەرگە ئاپىرىپ ئويناتتى . باغچىغا كىرىشتى سودا سارايلارنى ئايلاندى، ئاشپۇزۇللاردا تاماق يېيىشتى. بەختىيار تۇنجى قېتىم ئاينۇرنىڭ چاچلىرىغا بۇيۇنلىغا ئاخىرى لەۋلىرىگە سۆيدى. ۋۇجۇدىنى چىدۇغۇسىز لەززەت قاپلىغان بەختىيار دا باشقىچە تۇيغۇلارمۇ تەڭ قوزغۇلۇپ ئىسىنى يۇقانقان ئىدى. ۋۇجۇدىدا چىدۇغۇسىز ھاياجان خۇشاللىق ئوخچۇپ تۇراتتى .بەدەنلىرى قىزىپ پەيلىرى چىڭىپ، قانداقتۇر ھايۋانى نەپسى قىستايتى . ئاينۇرغا بۈگۈن ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىكىنى ياتاق ئېچىپ مەكتەپكە قايتماي تۇغۇلغان كۈنىنىدە تۈنۈپ چىقىشنى دەپ يالۋۇرغان بپلسىمۇ ئاينۇر قەتئى رەت قىلىپ تۇرۋالدى. ئاينۇر ھەتتا ئاچچىقىدا تىترەپ تۇرۇپ كەتتى. ئامال قىلامىغان بەختىيار ئاينۇر بىلەن مەكتەپكە قايىتتى . ئىش كۆرىپ قالغان بەختىيار شۇنىدىن كىيىن ھەر قېتىم ئاينۇرغا يېقىنلاشقاندا ھىلىقى تۇيغۇ تېخىمۇ كۈچىيىپ ئۇنىڭغا ئارام بەرمەيتتى.

بىر شەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن بۇلار باغچىغا بادرى . بەختىيارنىڭ سومكىسىدا ئالدىن تەييارلىۋالغان ئىنساننىڭ شەھۋانى نەپسىنى قوزغۇغۇچى ھورمۇنلۇق دۇرا ئېلىشتۇرۇلغان ئىچىملىك بۇلۇپ ، بەختىيارنىڭ نەپسى تاقىلداپ تۇراتتى. ئۇلار بىر خالى جايغا بارغاندىن كىيىن ئەديال سېلىپ ئولتۇردى. بەختىيار قىزىق پاراڭلارنى سېلىپ ئاينۇرنى كۈلدۈرەتتى ئەركىلىتەتتى .... ئۇنى بىخۇتلاشتۇراتتى . بىرچاغدا ئۆزلىرى ئېلىۋالغان بولكا پىچىنىلەر بىلەن قۇساق بېقىشتى كىيىن ئاينۇر ھىلىقى ئىچىملىكنى ئىچتى بەختىيار ئاينۇرنى ئاستا ئالدىغا تارىتتى ۋە كۆرىكىگە بېسىپ ئولتۇردى. ئارىدىن ھېچقانچە ۋاقىت ئۆتمەي ئاينۇرنىڭ تۇيغۇللىرى قالايمىقانلىشىپ بىنۇرماللىق كۈرۈلۈشكە باشلىدى. ئاينۇر بۇنى باشتا بەختىيارنىڭ ئۆزىنى قۇچاقلىغانلىقىدىن – مۇھەببەتنىڭ كۈچىدىن بولغان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدى . بىراق بىر ئازدىن كىيىن بۇ ئىش ئەۋجىگە چىقتى ئاينۇر ئۆزىنى زادىلا تۇتۇۋالالمىدى. بەختىيارمۇ ئۇنى باغرىغا بېسىپ قالايمىقان سۆيگىلى تۇردى. ھەر ئىككىلىسىنىڭ نەپسى بىرلىشىپ يۈرىگى قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك ئىدى. ئاينۇر چىدىيالمىدى ئۇنىڭ قوللىرى ب بەختىيارنىڭ سىرلىق نازۇك يەرلىرىگە بېرىپ قالدى . بۇچاغدا بەختىيارمۇ ئۆزىنى تۇتۋالالمىدى يامان ئىشلار شۇنىڭ بىلەن باشلاندى.

  دورىنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك بۈگۈن ئاينۇر بارلىقىنى بەختىيارغا تاپشۇردى. ئۇلار ياتاق ئاچتۇرۇپ بىر كېچە بىرگە بولدى بەختىيار قانغۇدەك ياشاپ مۇرادىغا يەتكەندەك بولدى. ئەتىسى ئاينۇر قاتتىق ئازاپلاندى ئۆزىنى ئەيىپلەپ چاچلىرىنى يۇلۇپ پەريات ئۇردى، يىغلىدى، قاخشىدى . ئەمما ئىش ئەسلىگە كەلمىدى . شۇنداق قىلىپ ئاينۇر ئۆزىنىڭ بىباھا قىزلىقىدىن ئاللاتائالا ئۇنىڭ ھالال جپتى ئۈچۈن پاكلىق تامغىسىنى ئۇرۇپ پىچەتلەپ قويغان ئامانىتىدىن ئۆزىمۇ خۇدىنى يوقاتقان ھالدا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تەلۋە تۇيغۇ دا خوشلاشتى. ئۇ بۇ ئىشتىن ئازاپلاندى، يىغلىدى، كۆز ياشلىرى سەلدەك ئاقتى. پەريادى پەلەككە يەتتى. ئۆزىنى كاچاتلاپ چاچلىرىنى يۇلۇپ ھۆڭرەپ يىغلىدى ئاخىرى ماغدۇرسىزلىنىپ يېتىپ قالدى.

  بولغۇلۇق بوپتۇ نە چارە ئەمدى. بۇمۇ تەقدىرنىڭ پۈتمىشى بولسا كېرەك. نە چارە سۆيگەن يارىكەن ئاللاھ نىسىپ قىلسا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىدۇ. بۇ ئامانەت ھامان شۇ بەختىيارنىڭ ئىدىغۇ ئۆزىنىڭ ئامانىتىنى ئۆزى ئالدى . ئاينۇر شۇنداق خىياللار بىلەن ئۆزىنى بەزلەپ باققان بولسىمۇ كۆڭلىدە يەنىلا بۇ ئىشنى كۆتىرەلمىدى. كۆڭلىدە بولسا چىۋىن يەۋالغاندەك ئادەم ئۆلتۈررۈپ قۇيۇپ قېچىپ يۈرگەنجىنايەتچىدەك بىرخىل قورقۇش ۋە ئازاپ ئىچىدە كۈنلەرنى بەك تەستە ئۆتكۈزدى . ئىككى يىل سىنىپ بۇيچە بىرىنچىلىكنى بەرمەي كەلگەن قىز بۇيىل دەرىسلەردە چىكىندى. چىكىندىلا ئەمەس بەلكى بىر نەچچە پەندىن ئۆتەلمىدى. بۇنىڭغا ئۇقۇتقۇچىلارمۇ ساۋاقداشلارمۇ ھەيران قالدى. نىمە چارە دېلغۇللۇق تىڭىزقاش ئىچكى ئازاپ ئۇنى شۇنداق قىلىۋەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ھىلىمۇ ساراڭ بۇلۇپ قالماي ساق ياشاۋاتقانىلىقىغا ئۆزى شۇكرى قىلىپ كەلدى.

ئاينۇرنىڭ ئالى مەكتەپتىكى ئۈچۈنچى يىلى مانا مۇشۇنداق ئازاپلىق ئۆتتى. ئۇ تەشۋىشتىن قوقۇشتىن زادىلا قۇتۇلالمىدى. ئەمما شۇنداق بۇلىشىغا قارماي بۇ ئىش بىر نەچچە قېتىم تەكرارلىنىپ قالدى . بەختىيار ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلسا ئايرىلىپ كېتىمەن دەپ قورقاق سالاتتى. شېرىن شىكەر گەپلەر بىلەن ئۇنى ئالدايتى . مۇنداق چاغلاردا ئاينۇر بەختىيارنىڭ يېنىدا كىيىن قولتۇقىدا كىيىن يەنە قۇچىقىدا ...... بۇ ئىشلارغا ئۇ تاقابىل تۇرالمايتى ..تىللىرى گەپكە كەلمەيتى ...پۇتلىرى كالۋالىشاتتى.. قوللىرى بۇشۇشۇپ كېتەتتى. بۇ ئىنساننىڭ بىرخىل فىلوگىيىلىك ئاجىزلىقى بولسا كېرەك . شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرىستە چىكىنىپلا قالماي كۆپ ئويلاپ پىسخىكىسىدىنمۇ چاتاق چىققاندەك بۇلۇپ قالغان ئىدى.

ئىش تۆتىنچى يىلغا بارغاندا ئاستا-ئاستا  ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى.  «ئۈگەنگەن خۇي ئۆلگۈچە» دەپ يامان ئۈگنىپ قالغان بەختىيار ئالى مەكتەپنىڭ تۆتىنچى يىللىقىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا باشقا بىر نەچچە قىز بىلەن ئىش- پەش تارتىشىپ قالدى. ئاينۇرغىمۇ ھە دېسىلا بۇرۇنقىدەك قىزغىن بولمايدىغان ، سوغوق نەزەر تاشلايدىغان ھەتتا كارى بولمايدىغان بۇلۇۋالدى . ئاينۇرنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتقانلىرىغا باشتا كۆڭىل بۈلۈپ ياخشى تەسەللى بەرگەن بولسا كىيىنچە ئاچچىقلىنىدىغان سىلكىيدىغان بۇلۇۋالدى. ئاينۇر قىلغان ئىشلىرىدىن ئۈكۈنىدىغان ئازاپلىنىدىغان بولسىمۇ لېكىن بەختىيارنى قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتى. شۇڭلاشقىمىكىن ئۇنى تىللىيالمايتى خاپا قىلالمايتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈيۈپ ئۇنىڭ ئۈنىڭ ئۈچۈن پىشاتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇقۇش پۈتتۈردىغان يىلى بەختىيار ئاينۇرنى رەسمىي تاشلىۋەتتى. ئاينۇر قاتتىق ئازاپلاندى بەزى چاغلاردا ئازاپتىن خۇدىنى يۇقۇتۇپ قۇياتتى. چاچلىرىنى يۇلاتتى ئۆزىنى كاچاتلايتى . كالۋالاشقان پۇتلىرىغا ئۇراتتى ماغدۇرسىزلانغان قوللىرىنى چىشلەيتى . ئەسەبىيلىكى تۇتۇپ خۇددى ساراڭدەك بۇلۇپ قالاتتى.

ئاينۇر ئالى مەكتەپ ھاياتىنىڭ 5- يىلىنى ئەنە شۇنداق خامۇشلۇق گاراڭلىق ئازاپ ۋە تىڭىرقاش بىلەن ئۆكۈزدى . ئۇقۇش پۈتتى. بەختىيار ئاينۇر غا « خوش» مۇ دېمەي يۇرتىغا كەتتى. ئاينۇر بولسا چەكسىز ئازاپ ئىزتىراپ ئىچىدە بەختىيارغا قىيمىغان ھالدا مەكتەپتىن ئايرىلدى.

  مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققۇچە ئارلىقتا ئاينۇر بەختىيار بىلەن ھېچقانداق قىلىپ ئالاقىلىشالمىدى. بۇرۇن تەتىلدە ئىككى كۈندە بىر ئالاقىلىشىدىغان بەختىيار ئەمدى ئاينۇرغا زادىلا جاۋاپ قايتۇرمايۋاتاتتى.

  ئاينۇر ئاخىرى چىداپ بۇلالماي بەختىيارنىڭ يۇرتىغاباردى ئىزدەپ سوراپ بەختىيارنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئۇ كۆڭلىدە بەختىيار بىلەن ياخشىراق پاراڭلىشىپ ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ قېلىشنى ، ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ ئانىسىغا ئەھۋالنى دەپ ، ئۆمۈر بۇيى ئۇلارنىڭ قۇلى بۇلۇشنى تىلەپ كەلگەن ئىدى . ئەكىسچە بەختىيار ئۇنى ناھايىتى قۇپاللىق بىلەن رەت قىلدى . ئاينۇر بەختىيارنىڭ ئانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ مىڭ يېرىدىن تۆكۈلۈپ قار يامغۇ يىغلاپ خۇداغا يالۋۇرادەك يالۋۇرۇپ نالە قىلسا بەختىيارنىڭ ئانىسى خۇددى بۇتتەك تۇرۇپ مىت قىلىپ قويمىدى. ئاخىرىدا « ئوغلۇم ئا جۇجاڭنىڭ قىزى بىلەن توي قىلىدۇ توي كۈنىنى بىكىتىپ بولدۇق . سىز نىمىگە كەلدىڭىز قىز بالا تۇرپ نۇمۇس قىلمىدڭىزمۇ ئىسىت سىزنى باققان ئاتا- ئانىڭىزغا ئۆزىڭىزگە ھېزى بۇلالماي ئوغلۇمغا يامىشىپ يۈرۈپ ئەمدلىكتە قايسى يۈزىڭىز بىلەن كەلدىڭىز » دەپ ئېغىزغا ئالغۇسىز سېسىق گەپلەربىلەن بۇ بىچارە قىزنى تىللاپ چىقاردى . ئادەم دېگەن ئاجايىپ بولىدۇ –ھە! شۇنچە يىراقتىن يالۋۇرۇپ بارغان بىچارە قىزغا بىر ئوتلام ، چاي بىر بوردا نانمۇ بەرمەي خۇددى لالما ئىتنى قوغلاپ چىقارغادندەك قوغلاپ چىقاردى . قىز ئازاپلاندى جاندىن تويدى . ئۇ ئۈلىۋېلىشنى ئويلاپ دەريا بويلاپ ماڭدى بىراق بۇ ناتۇنۇش يەرنىڭ دەرياسىمۇ ئۇنى قوينىغا ئېلىشنى خالىمىغاندەك سۈيى تارتىلىپ كەتكەن بۇلۇپ تىزدىن ئاشمايتى . ئاينۇر پۈتمەس تۈگىمەس كۆز ياشلىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ خۇدادىن بەختىيارغا پۈتمەس تۈگىمەس بالايى ئاپەتلەرنى تىلەپ ئۈمۈتسىز ھالدا يۇرتىغا قايىتتى . ئۇ ئۆزىنى مىڭ بىر جاپادا ئۇقۇتۇپ قاتارغا قوشقان ئۆزىنى خۇددى خىزىردەك كۆرىپ كېلىۋاتقان مېھرىبان دادىسى بىلەن ئانىسىغا قارىسا ئىچى سىرىلاتتى . يۈرىكى پۇچۇلىناتتى . ئۇلارغا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىدىن ئېچىناتتى . شۇلارغا قارىغاندا ئۆزىنىڭ بۇلارنىڭ ئالدىدا پۈتمەس- تۈگىمەس قەرزى باردەك بۇ قەرەزنى ئادا قىلماي كەتسە تۇپراقمۇ ئۇنى قوينىغا ئالمايدىغاندەك تۇيغۇغا كېلەتتى. شۇڭلاشقىمىكىن ئاينۇر شۇ مېھرىبان كۈيۈمچان ئاتا- ئانىسىغا قاراپمۇ بۇدۇنيادا ياشاپ قېلىشنى راۋا كۆردى. ئاينۇر خىزمەتكە چىقى بىر يىلدىن كىيىن تويى بولدى . ئاينۇر بۇ تويدىن بىرخىل قورقۇپ تۇراتتى ئاللادىن بۇتوينىڭ خەيىرلىك بۇلۇشىنى تىلەيتى . ئۇ ئۆمرىنى توي قىلماي ئۆتكۈزۈشنى نىيەت قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئۆيدىكىلىرىنىڭ زورى بىلەن بۇ توينى قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇيى بۇلىدىغان يىگىتمۇ يېزلىق ئورمان پونكىتىدا ۋاقىتلىق ئىشلەيدىغان بالا بۇلۇپ تۇرقىدىن يامان ئەمەس، ياۋاش بالىدەك قىلىپ تۇراتتتى . شۇڭلاشقىمۇ ئاينۇر كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ چىراي تۇرقىنىڭ يامان ئەسلىكى ۋە مۇئاشىنىڭ يۇقۇرلىقى مۇقىم خىزمەت ئورنىنىڭ بولغانلىقىدىن ، بۇبالىنىڭمۇ ئائىلىسى نامرات ۋاقىتلىق ئىشلەيدىغان ياللانما كادىر ھۆكۈمەت خالىسا ئىشلىتىدۇ خالىمىسا ئخشلەتمەيدۇ . شۇنداق بولغاندىن كىين بىر كېچىنى ئۆتكۈزىۋېتەر كىيىكى كۈلىرىنى ئويلاپ بولسىمۇ مەن بىلەن ئۆي تۇتۇپ قالار دېگەنلەرنى ئويلاپ كۆڭلى بىر ئاز تىنغاندەك بولسىمۇ يەنىلا كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىدە يامان خىياللار ھامان ھۆكمىران ئىدى .شۇڭلاشقىمۇ بۇ تۇيغا قورقۇپ تۇرۇپ  خۇددى ئۆز ئەجىلىگە رازىلىق بەرگەندەك رازىلىق بەگەن ئىدى.

  لېكىن ئىش ئۇنچىلىك ئۇڭۇشلۇق بولمىدى . ھەممە ئادەمگە ئالەمچە لەززەت ئېپ كىلىدىغان تەسۋىرلىگۈسىز شېرىنلىككە تولغان توي كېچىسى ، ئاينۇر ئۈچۈن كۈتۈرۈپ قوپقۇسىز ئازاپ ئەپ كەلدى. يىگىت ئاينۇرنى قىز چىقمىدى دەپ توي كېچىسى يەڭگىللىرىگە تاپشۇرۇپ بەردى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئاينۇڭرنىڭ ئانىسى تاڭ ئاتماستا كېلىپ يىگىتنىڭ ئانىسىغا نالە قىلىپ قىزنى ئۆيىدە بىر ھەپتە تۇرغۇزۇپ بىرىشنى تويلىقىغا تويلۇق قۇشۇپ قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى دەپ زار – زار يىغلاپ يالۋۇردى . توي دەب-دەبىسى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى. قۇدا كۆرىشىش قىز پەتىلىتىش دېگەنلەر بولمىدى.يىگىت توي كۈنىدىن باشلاپ قىزغا يېقىن يولىمىدى. قىز ئازاپ ۋە ھەسرەت ئىچىدە تاماقمۇ يىمەي يىگىتنىڭ ئۆيىدە تۆت كۈن تۇرغاندىن كىيىن بەشىنچى كۈنى  يىگىتنىڭ ئۆيىدىن بىر قۇر ئاددى كىيىمى ۋە بىر جۇپ ھالقا ۋە بىر تال ئۈزۈك بىلەن غايىپ بولدى.

  يېرىم كېچىدە ئۆيدىن سۇغۇرلۇپ چىقىپ كەتكەن قىز دەرياغا ئۆزىنى تاشلاپ ئۈلۈۋېلىشنى ئويلىدى . ئەمما قېنى دەريا ئۇ بېشى قايغان تەرەپكە قاراپ توختىماي يول يۈرۈپ ساراڭدەك مېڭىپ  سەھەر پەيتى دۆلەت تاش يولىغا چىقىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ماشىنا تۇسۇپ مېڭىپ كەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ قەيەرگە قايسى شەھەرگە بارىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەتتى. ھەتتا ئۆزىنىڭ ئىسىنىمۇ بىلمەيتى . ئۇ كۈيۈمچان مېھرىبان دادىسىنىڭ بۇ ئازاپنى قانداق كۆتىرىپ كېتىپ بارغانلىقىنى، ئانىسىنىڭ شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانلىقىنى تېخىمۇ بىلمەيتتى. ئۇ ھاياتتىن ۋاز كېچىپ ئۈلۈۋېلىش ئۈچۈن قانچە ھەركەت قىلغان بولسىمۇ ئاللاھ خالىمىسا جان تەندىن چىقمايدىكەن . ئۇ سەۋەپ بۇ سەۋەپ بىلەن ھايات قالدى. ۋۇجدىغا پۈتمەس تۈگىمەس قىساس ئوتى تۇتاشقان ئاينۇر ئاخىرى ياشاش قارارىغا كەلدى . ئۇ بەختاياردىن ، گۈلدەك ياشلىق باھارىنىڭ . ئاپتاپتەك ئىستىقبالىنىڭ زەھىپلەشكەن ۋۇجدىنىڭ . ئازاپتىن ئادەملىكىنى يوقاتقان، بىر نەچچە كۈندە يۈز ياش قېرىپ كەتكەندەك بۇلۇپ كەتكەن خۇشاللىقى كۆڭىل ئازادىلىكى يوقالغا دادىسىنىڭ، باغرى يۇمشاق قاتتىقراق يۈتۈلۈشتىنمۇ قورقىدىغان مېھرىبان ئانىسىنىڭ ئۈۈلكتەك بۇلۇپ قالغان قەلبىنىڭ قىساسىنى بىراقلا ئالماقچى بولدى. ئۇ بۇقىساسنى ئالماي تۇرۇپ بۇ دۇنيادىن خۇشلاشماسلىقنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ چىقىپ كەتكەنچە بۇ دۇنيانىڭ ئازاپ ئوقۇبەتلىرىگە تەنھا تاقابىل تۇرۇپ شەھەر كېزىپ سەھرا كۆرىپ ئاخرى ئۇرۇلۇپ سۇقۇلۇپ بۇ ئۈرۈمچىگە كېلىپ بۇ مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى ئاشخانىدا ئىشلەپ قالدى.ئىسمىنى سورغۇچىلارغا زەينەپ دېدى.   

ئۇ بىر نەچچە يىل ئىشلىگەندىن كىيىن ئاشخانا خۇجايىنى چەتئەلگە چىقىدىغان بۇلۇپ قېلىپ بۇ دۇككاننى ئۆزلىرى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان «زەينەپكە » قالدۇردى.  ئاينۇر شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ئاشخانىنىڭ خۇجايىنى« زەينەپ » بۇلۇپ قالدى.

  بۇ ئۈرۈمچىدىكى بىر تۇلۇقسىز تۇلۇق ئوتتۇرا بىرلەشتۈرۈلگەن ئوتتۇرا مەكتەپ بۇلۇپ ھازىر شىنجاڭ تۇلۇقسىز سىنىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. ئاشخانا   مانا مۇشۇ مەكتەبنىڭ ئادىدا بۇلۇپ سودىسى ياخشى ئىدى. بۇلۇپمۇ چۈش كەچلىرى يىراق – يىراقلاردىن كېلىپ بۇ مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان نارېسىدە بالىلار بۇ ئاشخانىدا تاماق يەپ خۇددى يىراقتا قالغان ئۆيىدە تاماق يېگگندەك بۇلۇپ قالاتتى.

   مانا ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەن بۇگۈنكى كۈندە ئۇ 17 يىل كۈتكەن رەقىبى بىلەن ئۇچراشتى. ئون يەتتە يىل ھەي ئون يەتتە يىل نىمىنداق ئۇزۇن نىمە دېگەن ئازاپلىق يىللا ھە ! ئاينۇر بۇ ئون يەتتە يىل ئىچىدە ئاتا – ئانىسى بىلەن بىرەر قېتىم يۈز كۆرىشىپ باقمىدى. ئۇ ئاتا ئانىسىنى شۇنچە سېغىنغان بولسىمۇ ۋىجدانى ئۇنى كەچۈرمىدى. ئۇ ئاتا ئانىسىغا قايسى يۈزۈ بىلەن قارايدۇ . بارلىقىنى سېتىپ ياخشى كىيدۈرۈپ ياخشى يىدۈرۈپ ئۇقۇتۇپ چوڭ بولغاندا ياراملىق ئادەم بۇلۇپ جەميەتتتە يۈمىزنى يۇرۇق قىلار دېگەن مىڭ بىر ئارمانلار بىلەن كۈندىزى ئېتىزدىن كىرمەي كېچىسى تۈزكرەك ئۇخلىماي باققان .ئاتا –ئانىسىنىڭ يۈزىنى قانچىلىك يۇرۇق قىلدى . ئۇلارنى قانچىلىك قان يىغلاتتى يەر بىلەن يەكساق قىلدى . ئابرۇيىنى غۇرۇرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى. ئۆزىمى بىر ئۆمۈر ئازاپتىن باشقا نىمىنى . ئۇ ئالى مەكتەپتە نىمە دەپ ئوقۇغان ئىدى؟ شۇ كۈنلەرنى كۆرۈش ئۈچۈن ئوقۇغانمىدى؟ ئۇنىڭدىن كۆرە دېققان بۇلۇپ بىر دېققان يىگىت بىلەن توي قىلغان بولسا مۇنىڭدىن مىڭ ھەسسە ياخشى ياشىماسمىدى... ئاتا- ئانىسى يېنىدا بولاتتى... ئائىلىسى بولاتتى... باللىرى بولاتتتى.. جاپاتارتىسىمۇ ئادەمدەك ياشاپ ئادەمدەك كۈلۈپ ياشالايتى ئەمەسمۇ؟!.. مانا 17 يىل ئۆتتى ئۇ ئاتا ئانىدىنى كۆرىپ باقتىمۇ پەقەت ئىككى قېتىم تاپقان تەرگەن پۇللىرىنى ئۇلارغا ئەۋەتىپ بېرەلىدى. بىراق ئۇلارغا كۆرىنمىدى. بىر قېتىم ئۇ تىلىۇندا دادىسى بىلەن كۆرىشكەندە بىچەرە دادىنىڭ يەر تېگىدىن چىقۋاتقاندەق مىسكىن چۈشكۈن ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۆزىنى يۇقۇتۇپ قويدى. بىچارە دادا قىزىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۈن قۇيۇپ ھۈگۈركېتىپ يىغلاپ كەتتى . ئاينۇرنىڭ يۈرىگى پۇچۇلىنىپ كەتتى بىراق ئۇ بۇ ئازاپلارنى كەلتۈرگەن ھايۋاندىن قىساسىنى ئالماي تۇرۇپ ئۆيگە قايىتمايمەن دەپ ئۆزىگە قەسەم قىلدى .ئۇ شۇلارنى ئويلىغانچە بەختەيارنى ھەرگىز كەچۈرەلمەيتتى بەلكى غەزىۋى پايانسىزكەلكۈندەك يۇپۇرلۇپ كېلەتتى. زەينەپ خىيالىدىن باش كۈتۈرگەندە ئاللا قاچان كەچ كىرىپ كەتكەن بۇلۇپ كەچ كۈزنىڭ ئىزغىرىن شامىلى نەشتەردەك ساچىلاتتى.... ئۇنىڭ چاچلىرىنى ئۇچۇرتۇپ كۆز ياشلىرىنى ئەگىتەتتى. زەينەپ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ قەددىنى رۇسلىدى. سوغوق ھاۋادىن چۇڭقۇر نەپەس ئالدى .

  ئۇ باغچىدىن چىققاندا خېلى كەچ بۇلۇپ قالغان بۇلۇپ سوغوق شامال ئۇرۇپ تۇراتتى. تۇيۇقسىز چاقىرغاندەكلا بايقى تاكسىچى بالا بۇ يەردە پەيدا بۇلۇپ قالدى. زەينەپ ھەيرانلىق ئىچىدە تاكسىغا چىقتى . تاكسىچى بالا:

ــ قارسام كەيپىياتىڭىز پەقەت ياخشى ئەمەس سىزگە بىرەر ئىش بۇلۇپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرەپ مۇشۇ ئەتراپتىلا يۈردۇم – دېدى يېقىملىققىنە . توۋا بايقى ناچار كەيپىياتنىڭ تەسىرىمۇ ياكى باشقا بىرەر سەۋەپمۇ زەينەپ بۇ گەپتىن شۇنچىلىك بىر خىل تەسەللى تەسۋېرلىگۈسىز بىر خىل يېقىنلىق ۋە كۆيىنىشنى ھېس قىلغاندەك بۇلۇپ كۆزلىرىگە ئاچچىق ياش كەلدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ بىرەر ئېغىز گەپمۇ قىلماي ئولتۇردى . زەينەپ ئىشىك ئالدىغا كەلگەندى مۇلازىم باللىنى چاقىرىپ تاكسىچى بالىغا 200 يۈئەن پۇل ئەچچۇققۇزۇپ بەردى. بىراق بالا بۇ پۇلدىن 50 يۈئەن ئېپ قېلىپ قالغىنى قايتۇرۇپ بەردى. زەينەپنىڭ شۇنچە قىلغىنىغىمۇ ئۇنىمىدى. زەينەپ بۇنى كۆرىپ تېخىمۇ بىر خىل بۇلۇپ قالدى.

  ــ ئەجەپ ئەنسىرەتتىڭىز ئادەمنى دەپمۇ قويماي  تېلېفۇن قىلايلى دېسەك تېلېفۇننىمۇ ئالماپتىكەنسىز – دېدى مۇلازىم قىز جىددىلەشكەندەك قىلىپ .

ــ سىرىتتا جىددى ئىشىم چىقىپ قالدى – دېدى زەينەپ.

ــ ھىلىقى زىلالە كىلارەلەرنىڭ ئاتا- ئانىسى سىز بىلەن كۆرىشىپ ماڭايلى دەپ خېلى ساقلاپ كىتىپ قالدى.-دېدى يەنەبىر مۇلازىم بالا. زەينەپ گەپ سۆز قىلماي مۇلازىم بالا كۆتىرىپ چىققان تېلېفننى ئېلىپ نۇمۇرنى باسقاچ ئىچكىركى ئۆيگە كىرىپ كەتتى.

   ئۇنىڭ بايقى غەزەپ ئوتى يەنە تۇتۇشىۋاتاتتى . ئۇ نەچچە يىللاردىن بېرى ئۆزىگە قانات سۆرەپ ئاللا كىملەرگىدۇ تۇنۇشتۇرۇش خىيالىدا يۈرگەن يۈرگەن ياسىنغا تېلېفۇن ئالدى . ئۇنىڭغا يەكشەنبە كېلىشنى . ئۇنىڭغا بېرىدىغان ئېسىل مال بارلىقىنى ئېيتتى.

   ياسىن دېگىنى كىرپىنىڭ تىكىنىدەك يىرىك ساقىلكىنى ئايدا يىلدا بىر ئالدۇرمدۇرمايدىغان تەتۈر ئۇقان توڭگۇز چىراي بىرنىمە بۇلۇپ ئادەمگە 10 مېتىر يەردىن تاماكا پۇراپ تۇردىغان قاپ قارا بىر نىمەبۇلۇپ، مۇشۇ ئەتراپتا داڭقى چىققان سۇلامچى ئىدى. ئۇنىڭ مىجەزىدىن ئەر ياكى ئاياللىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئۇنىڭغا ئىلنىشىپ قالغان ئادەمنى پالاكەت باسىدىغان ھايۋان سىمان بىر ئادەم بۇلۇپ ئۇنىڭدا نە ئىنسانى غۇرۇر نە ئادەمگەرچىلىك دېگەندىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدىغان مەخلۇق ئېدى . ئۇ نۇرغۇن قېتىم زەينەپنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنى كىملەربىلەندۇر كۆرىشىپ بېقىشقا ئۈندەپ نەچچە قېتىم ئەدىۋىنى يەپمۇ تويماي تېخى بەزىدە بىركىملەرنى دۇككانغا باشلاپ كېلىپ زەينەپ كۆرسىتىپ ، زەينەپتىن ئەدىۋىنى يەپ يۈرۈپ ئاخىرى زەينەپكە گەپ يىگۈزەلمىگەندىن كىيىن بۇنىڭ بىلەن ئىش تاڭاتمايدىغانلىقىنى بىلىپ قۇيرىقىنى قىسىپ كېتىپ قالغان ئىدى . ئۇ ھەر قېتىم كەلگەندە تېلېفۇن نۇمۇرنى قالدۇرۇپ كېتەتتى زەينەپ بولسا بۇنۇمۇرلارنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ يىرتىپ تاشلايتى . ئۇزۇندىن بېرى يۇقاپ كەتكەن ياسىن ئالدىنقى ھەپتىنىڭ بىر كۈنى يەنە كېلىپ تاماق يېگەچ تاماققا كىرگەن قىزلارغا كۆز تاشلاپ زەينەپكە ھېچ بولمىغاندا مۇشۇ قىزلاردىن بىرنى كەلتۈرۈپ بېرىشنى، بۇلۇپمۇ زىلالەنى كەلتۈرۈپ بەرسە زەينەپنى پۇلغا كۆمىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىۋىدى زەينەپ جاندىن تويغاندەك ئەلپازدا قىڭراقنى كۆتىرىپ ياسىننى سۈر توقاي قىلىۋاتكەن ئىدى.ياسىن بىزىرىپ تۇرۇپ  ئىسىم كارتىسىنى زەينەپكە بەرگەەندە زەينەپ يەنە ئۇنى تىللاپ كارتىنى يىرتىۋەتكەن بۇچاغدا ياسىن يەنە بىزىرىپ تۇرۇپ تېلىفۇن نۇمۇرنى ئاشخانا تېمىغا يېزىپ قويغان ئىدى. مانا ئەمدى قېيىشقاندەك يامان ئىشلەر بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرى ماسلىشىپ كېلىۋاتاتتى. زەينەپ مانا بۇنۇمۇرغا تېلىفۇن قىلىپ ، ئەينى چاغدا ئۆزىگە كەلگەن بۇبالا قازانى بەختىيارنىڭ قىزلىرىنى بېشىغا سالماقچى بۇلۇپ ياسىنغا تېلېفۇن قىلىپ ئۇنى يەكشەنبە كېلىشكە بۇيرىدى.

  يەكشەنبە چۈشكە يېقىن زىلالە بىلەن كىلارە خۇددى بىرجۇپ ھۈكەر يۇلتۇزدەك ئاشخانىغا سىن بىرىپ كىرىپ كېلىشتى. زەينەپ بۇلارنى ئارقا ھويلىدىكى كىچىك كارۋاتقا باشلاپ نىمە يەيدىغانلىقى سوردى. قىزلا ئۆزلىرىنىڭ چۆچۈرە سېغىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتىشتى. زەينەپ تاماق تەييارلاشقا چىقىپ كەتتى. ئەتىگەن قاغا پوق يىمەستە كېلىپ ئولتۇرغان ياسىن توڭگۇز تامغاقلىرىنى چاكىقلدىتىپ ئولتۇرالماي قالغان ئىدى. ئۇ زىلالەگە قارغانچە زىلالە بىلەن كىلارە بۇلارغا خددى يامغۇردىن كىيىنكى كۆكتە چاقنىغان قۇياشتەك يۇلتۇزلۇق ئاسماندى چولپان يۇلتۇزدەك كۆرىنىپ كېتىپ باراتتى.

  تاماق پىشتى زەينەپ] بۇقىزلارغا قاراپ ئۇلارنىڭ ھېچنىمىدىن غېمى يوق غۇبارسىز چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىگە گىلاستەك لەۋلىرىگە تېخى بالىلىقى كەتمىگەن ئوماق چىرايىغا قاراپ سەل ئىككىلىنىپ ئىچى ئاغرىپ قالدى . ئارقىدىنلا ھەي زەينەپ سەن ئەينى چاغدىكى ئاينۇرنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ ئەينى چاغدا ئاينۇرمۇ شۇنداق غۇبارسىز ئىدىغا؟ ئۇ ئۆزىنىڭ قىزلىقى بىلەن قانداق خوشلاشتى .... چىن دىلىدىن سۆيگەن يىگىتى بىلەنچۇ؟.. ئۇ چاغدا ئۇنىڭغا كىم ئىچ ئاغرىتقان .... نۇمۇسىنى قۇيۇپ مىڭ بىر جاپادا بەختيىيارنى ئۆيىگە ئىزدەپ بارغاندا كۆرگەن خورلىقلىرىغا كىم ئىچ ئاغرىتقان ئىدى... توي كېچىسى تارتقان ئازاپلارغا كىم ئىچ ئاغرىتقان ...17 يىل جەريانىدا ئاينۇرنىڭ دادىسى بىلەن ئانىسى نىمە كۈنلەرنى كۆرمىدى.. ئۇلار ئازاپلانغاندا قايغۇرغاندا خورلانغاندا نۇمۇستىن ئۆلەر ھالەتكە يېتىپ ئاغرىپ يېتىپ قالغاندا ئۇلارغا كىم ئىچ ئاغرىتقان... بۇلانىڭ سەۋەپچىسى زادى كىم ..؟ ئۇ، ئويلىغنسىرى ئىچى – ئىچىىدىن بۇغۇلۇپ غەزىپى تېشىپ چىشلىرى كىرىشىپ كېتىپ باراتتى. خۇدىنى بىلمەي تەلۋىلەشكەن ئىدى. ھېچنىمە ھەرقانداق كۈچ ئۇنىڭغا تەسىر قىلمايتى شۇتاپتا ئۇنىڭ گۆشىنى كەسسە قان چىقمايدىغان بۇۇپ قالغان ئىدى.

  ئۇ ئەشۇنداق ساراڭقېتىش بۇلۇپ قالغان بۇلۇپ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئەينى چاغدا بەختىيار ئۆزىگە ئىشلەتكەن ھىلىقى دورىدىن بۇ ئىككى كىچىپ پەرىشتىنىڭ قاچىسىغا سالدى .

  قالغان ئىشلارنى مۇنداق ئىشلارغا پىشىپ كەتكەن ياسىن خەنەك ئاشخانىنىڭ ئارقا ئىشىكىدىن كىرىپ ئۆزى بىر تەرەپ قىلدى.

  ئەتىگەندە ئويغۇنۇپ ئېسىگە كەلگەن كىلارە ئۆزىنى بىر چېلەك قاننىڭ ئىچىدە كۆرىپ قورققىنىدىن يۈرىگى ئاغزىغا قاپلىشىپ قالدى ئۇ نىمە قىلىشىنى بىلمەي ساراڭ ئادەمدەك قېتىپلا قالدى.

زىلالە بولسا يېرىم كېچىدىن ئۆتكەندىن كىيىن ئىسىگە كەلگەن بۇلۇپ كېچىچە يىغلاپ ماغدۇرسىزلىنىپ سەھەرگە يېقىن يېرىم ھۇشسىز ھالدا ياتاتتى. بۇلار ئۈچۈن بۇنىڭدىن يامان ئىش بولمايتتى. بىر چاغدا زىلالەنىڭ يېنىغا كىرپىدەك سېرىق ساقال بۇرتى ئۆسۈپ كەتكەن تەتۈر ئۇسقان توڭگزدە سەمرىگەن بىر مەخلۇق پەيدا بولدى . زىلالە بۇنى كۆرىپ ھۇشىدىن كەتتى. ھىلىقى، ئادەم قېلىپىدىن چىقان ھايۋانلار ئۇنى قىلىپ بۇنى قىلىپ يۈرۈپ بۇ ئىككىسىنى يەنە ھۇشىغا كەلتۈرۈپ ئىككى قىزنى بىر يەرگە ئەكىلىپ تاكسىغا سېلىپ مەكتىۋىگە يولغا سېلىپ قويدى. ئىككى قىز ياتاققا كىرىپ بىر بىرىگە ئېسىلىپ دەريا-دەريا يىغلاشتى . ئۇلارنى چىرايى سارغىيىپ ھالسىراپ قېلىشقان ئىدى. نىمە قىلارنى بۇلمەي بىر – بىرىگە چىڭ ئېسىلىپ جىمىپ قېلىشتى. ھالسىزلىنىپ ھۇشىدىن كەتتىمۇ ياكى ئۇخلاپ قالدىمۇ بىلگىلى بومايتتى.

   زەينەپ بۇ قىزلارغا ئىچ ئاغرىتقان بۇلۇپ ياخشى تاماقلار بىلەن كۈتتى . ئۇلارغا ھەر ھالدا پەرۋىش قىلدى . لېكىن ئىش بۇنىڭلىق بىلەن تۈگمىدى. ئەينى چاغدا بۇ ئىش ئاينۇرنىڭ بېشىدا قانداق تەكرارلانغان بولسا مانا ئەمدى بۇ ئىككى قىزنىڭ بېشىدا شۇنداق تەكرارلاندى. ھەر قېتىم بۇ ئىش بولغاندا قىزلار بىلمەيلا قالاتتى لېكىن ئىش ئاخىرلاشقاندا بولسا بىر – بىرىگە ئېسىلىپ قار يامغۇر يىغلىشاتتى . بىچارە قىزلار بۇ گەپلەرنى كىمگە دىيەلىسۇن؟ بۇ ئازاپنى قانداقمۇ كۆتىرەلىسۇن بىر بىرىگە قاراپ قار يامغۇر يىغلاپ كۈنلەرنى ئازاپ ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بۇلۇپ قېلىشتى. بۇلارنى ھالىغا قاراپ ئۇقۇتقۇچىلار ساۋاقداشلار ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتتى لېكىن ئاغزىدىن گەپ ئالالمىدى. ئەڭ يامىنى زىلالە نىڭ بەنىدە ئۆزگىرىشلەر بۇلۇشقا باشلىدى. بەزىدە بېشى قاياتتى بەزىدە كۆڭلى ئېلىشاتتى تاماقنى كۆرسە ھۆ تۇتۇپ قۇسقۇسى كېلەتتى. لېكىن بۇ كىچىككىنە قىز بۇنىڭ نىمەئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. ئاچا- سىڭىل ئىككىسى كۈندىن كۈنگە سارغىيىپ ياداپ مادارى قالمايۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇقۇتقۇچىسى بۇلارنىڭ ئاتا- ئانىسىغا تېلېفۇن بەردى. قىزلارنىڭ ئانىسى تېزلا يىتىپ كەلدى . قىزلار ئانىسىنى كۆرىپ ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالماي كەپتەر باچكىسىدەك بۇقۇلداپ يىغلاپ ھۇشىدىن كەتتى. بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئانىسىمۇ يىغلىدى. قىزلا ھۇشىغا كېلىپومۇ نىمىش بولغانلىقىنى ئانىسىغا ئېيتالمىدى. ئانىسى قىزلارنى دوختۇرغا تەكشۈرۈتتى. دوختۇرلار ئەتراپلىق ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئارقىلىق قىزلارغا بىرەر يامان ئىش قاتتىق تەسىر قىپتۇ . قىزلار ناھايىتى قورقۇپ كېتىپتۇ ھەم پىسخىكىسىدىنمۇ چاتاق چىققاندەك قىلىدۇ. شۇڭا قىزلارنى پىسخىكىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچە ئازادە مۇھىتقا كۆيىنىشكە مۆھتاج. بالىلارنى چۈچىتىدىغان ھاياجانلاندۇردىغان ئىشلار بولمىسۇن ھەرقانداق ئىشقا زورلىماڭلار ئۆزلىرى خالىغانچە بىر مەزگىل ياشىسۇن ، بولسا ئاياللار بۆلىمىدە بىر كۆرسىتىپ بېقىڭلار دېدى. چاتاق ئاياللار بۆلىمىدىن چىقتى. ئۇلار تەكشۈرۈپ زىلالەنى ھامىلداركەن دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ قىزلارنىڭ ئانىسى قايىدىلا ئولتۇرۇپ قالدى.

كىيىن قىزلار بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىر بىرىگە ئېسلىپ قاتتىق يىغلاشتى . ئانىسى بۇ قىزلارنىڭ ھالىغا قاراپ ئۇلاردىن بىرەر ئېغىز گەپمۇ سورمىدى . شۇ كۈنى زىلالە مەكتەپ ياتاق بىناسىدىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلىۋالدى . ئاچىسىنىڭ قانغا بۇيالغان جەسىدىنى كۆرگەن كىلارە بىرلا چىقىرغانچە ئېسىگە كېلەلمىدى. ئو توختىماي كۈلەتتى، چاچلىرىنى چۇۋۇيتى، قانداقتۇر بىرنىمىلەرنى دەپ چۈچۈيتى. تۇرۇپلا بىرنىمىدىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەندەك چىقىراپ قېچىپ بىرنەسىلەرنىڭ ئارقىسىغا ئۆتىۋالاتتى. بىرنىمىلەرنى دەپ تاش ئاتاتتى. بۇ پاجىئەنى كۆرگەن ئانا ھۇشىدىن كەتتى. كېچە سائەت ئون ئىككى بولغاندا بەختىيار ئايرۇپىلان بىلەن يېتىپ كەلدى. بەختىيار بۇ ئىشلارنى كۆرىپ نىمە قىلاررىنى بىلماي قاققان قۇزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى . ئۇ بۇ پاجىئەنى قۇبۇل قىلالمىغان ئىدى. ئۇ بىر ئاز ھۇشىنى يىققاندىن كىيىن خۇددى، يارلانغان شىردەك ھۆكىرەپ ، بوغوزلاپ تاشلىۋەتكەن توپاقتەك ئۆزىنى ھەريانغا ئۇرۇپ بۇغۇلۇپ – بۇغۇلۇپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ تەقدىرنىڭ قىسمىتىگە لەنەت ئوقۇدى.ئۇ ھىلى ئېلىشىپ قالغان قىزىنى باغرىغا باسسسا، ھىلى ئۆلۈپ كەتكەن قىزىنىڭ مۇزدەك جەسىدىگە ئۆزىنى تاشلاپ ھۆكىرەپ يىغلىدى. زارلىدى، قاخشىدى، نالا قىلدى، پەريات ئۇردى.

  قىزىنىڭ ئاخرەتلىكىنى تۈگۈتۈپ كىچىك قىزى بىلەن ئايالىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇپ كەلگەن بەختىيار مەكتەپكە كېلىپ ئەھۋال ئىگىلىدى. قىزلىرى دائىم كىرىدىغان ھىلىقى ئاشخانىغا كىردى. ئۇ ئاشخانىدا زەينەپنى كۆرىپ تۇرۇپلا قالدى . ھەممە ئىش ئۇنىڭ كۆڭلىدە بىرەر قۇر ئايان بولغاندەك بولدى . چۈنكى ئۇ بىرنەچچە قېتىم ئاينۇرنىڭ بەختىيارنى قان يىغلىتىپ ئۆچۈمنى ئالىمەن دېگىنىنى ئاڭلىغان ئىدى.

  ــ كەل بەختىيار ـ دېدى، زەينەپ خۇددى خۇمارى بېسىققان نەشىكەش بەڭگىدەك ئارام تاپقان ھېسياتتا  ــ بۇرۇن تاغ ئايلانسا ھازىر باغ ئايلىنىدۇ، مەرھابا ـ دېدى يەنە غەزەپ بىلەن بەختىيارغا نەشتەردەك تىكىلىپ. بۇ ئەھۋال بەختىيارغا « بەختىيار گۇمانىڭ خاتا ئەمەس » دېگەندەك تۇيغۇ بەردى.

  ــ سىز...سىز..ئىسمىڭىز زەينەپ.....

  ــ توغرا ھازىرقى ئىسمىم زەينەپ بۇرۇن ئاينۇر ئىدى ـ دېدى زەينەپ، نەشتەردەك تىكىلىپ تۇرۇپ. بەختىيارنىڭ بېشىدىن كىرگەن بىر تىترەك ئايىغىدىن چىقتى . بېشى قېيىپ كۆڭلى يات بولدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ كاللىسىدا ھېچنىمە يوق بىرەر ئىشنى ئويلاشقىمۇ ماجالى يوق ئىدى. « ئاللاھ مېنى جازالىدى...ئاللاھ مېنى جازالىدى» دېدى ئۇ ئاستا پىچىرلاپ. ئۇ ئاستا ئارقىسىغا يېنىپ ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتى.

   كەچقۇرۇن. كەچلىك تاماق يەيدىغانلار بىر ئاز بېسىقىپ ئاشخانىدىكىلەرنى قولى ئازراق بۇشىغان چاغدا زەينەپ مۇلازىملارغا بىرنىمىلەرنى تاپىلىپ سىرىتقا ماڭاي دەپ تۇرۇشىغا ئاشخانىغا بەختىيار چالا مەس ھالەتتە كىرىپ كەلدى.

  ــ ھۇ بۇزۇق بۇ ئىشنى سەن قىلدىڭ شۇنداقمۇ ؟- دېدى بەختىيار زەينەپكە ھۆرپىيىپ.

  ــ ھاي..ھاي مېھمان ئاغزىڭىزنى چايقاپ گەپ قىلىڭ ھە نىمىش بولدى – دېدى زەينەپ پۇخادىن چىققاندەك بەختىيارنى غەزىپىدىن ئازابىدىن خۇشال بۇلۇۋاتقاندەك.

ــ قىزىمغا سەن زىيانكەشلىك قىلدىڭ

  ــ كىمنىڭ قىزى ئۇ مەن زىيانكەشلىك قىلىدىغان

  ــ مېنىڭ قىزىم زىلالە كىلارەم بىر جۈپلىرىم

  ــ ھە مۇنداق دە ئۇمۇ قىز ئەمەسمۇ ئۇنىڭغىمۇ بىرەر ئىت ئېشەك تەبىئەتلىك مەلئۇنلار زىيان كەشلىك قىلغاندۇ . ھېچقىسى يوق. بۇ بىز ئاياللار قېچىپ قۇتۇلغىنى بولمايدىغان ئىشقۇ.

  ماڭىمۇ ئەينى چەغدا بىر ھايۋان زىيانكەشلىك قىلىپ مانا ھازىرغىچە ئازپ ئىچىدە ياشاۋاتىمەن غايە، ئىستەك، ئىستىقبال دېگەنلەر ماڭا يات ھەتتا ئاتا- ئاناممۇ قان قۇسۇپ يۈرۈيدۇ. شۇ كۈنگىچە ئاتا- ئانامنى كۆرىپ باقمىدىم. ئۇلارنىڭ ئازابى ئالدىدا سېنىڭ ئازابىڭ قانچىلىكتى. 17 يىلدىن بىرى زارلىنىۋاتقان ئاتا- ئانىلارمۇ سەندەك سىنىڭ ئۇلار بىلەن كارىڭ يوققۇ .ئۇلارنىڭ ئازابىنى سەن ئازاپ ھېسابلىمىغان يەردە سىنىڭ بىر ئىككى كۈنلىك ئازابىڭنى ئازاپ دېگىلى بولسۇنمۇ .

  ــ ئاغزىڭنى يۇم ! ئۇشتۇمتۇن تەككەن بىر شاپىلاقتىن دۈگۈجىگەن زەينەپ يېنىدىكى تاماق شىرەسىگە يۈلىنىپ قالدى. ئۇ بىرئاز دىمىنى ئالغاندىن كىيىن :

  ــ نىمە ئادەم ئۇرسەنۇي ھايۋان تەبىئەتلىك خۇمسى! ئىت چىلىك بولساڭچۇ كاشكى . قىزىڭغا مەن زىيانكەشلىك قىلدىم قانداق قىلالايتىڭ ئىسپاتىڭ بارمۇ ؟ ئىسپاتىڭ بولسا ساقچى چاقىر مامسەن ؟ ئەينى چاغدا ئاينۇرغا زىيانكەشلىك قىلغان ۋاختىڭدا ئەجەپ كىيىنكى كۈنلەردە سىنىڭمۇ شۇنداق قىزىڭنىڭ بۇلۇپ قېلىشىنى ئويلىماپتىكەنسىنا ئەبلەخ!  ئۇمۇ خۇددى سىنىڭ قىزلىرىڭغا ئوخشاش ئەتىۋارلىق قىزئىدى. ئەينى چاغدا ئاينۇر قار يامغۇر يىغلاپ ئۈيۈڭگە بارغاندا ئۇنى ئىتنى قوغلىغاندەك قوغلاپ چىقارغاندا،  ئەجەپ ئۆزىڭنىڭ شۇنداق بىر كۈنلەردە شۇنداق قىزلىرىڭنىڭ بۇلۇپ قېلىشىنى ئويلىماپتىكەنسەنا !. تۇنجى توي كېچىسى ئۆمرىدىكى ئەڭ خۇشاللىق مىنۇتلارنى كۈتۈۋېلىشنىڭ ئورنىغا بىر ئائىلە كىشىللىرىنى قۇشۇپ زەرداپ يۇتقاندا سەن نەدىدىڭ ھايۋان . سەن تېخى مېنى ئۇرۋاتىسىنا نېمەڭگە ئۇراتتىڭ ھايۋان ـ ئۇ مۇلازىم بالىغا قاراپ ـ ساقچىغا تېلېفۇن قىلە – دېدى .

ــ ھۇ بۇزۇق – ئۇشتۇمتۇت يەنە بىر شاپىلاق زەينەپنى موللاق ئاتقۇزھۋەتتى. زەينەپ ئورنىدىن تۇرۇپ يېنىدىكى ئۇرۇندۇقنى ئېلىپ – ھۇ بۇزۇق- دېگەنچە بەختىيارغا قارتىپ ئاتتى. شۇ ئارلىقتا مۇلازىم بالىلار ئۇلارنى ئاجراتماقچى بۇلۇۋېدى ھەر ئىككىلىسى تەلۋىلەشتى. بەختىيار بىر ئۇرۇندۇقنى ئېلىپ زەربە بىلەن زەينەپكە شىلتىۋىدى . ئۇرۇندۇقنىڭ قىز زەينەپنىڭ چىكىسىگە تەگدى . ئۇ خۇددى 200 مېتىر ئىگىزلىكتىكى ياردىن يىقىلغاندەك كەينىگە ئۇچۇپ بېرىپ ئارقا مېڭىسى يەردە يەتقان ئۇرۇندۇقنىڭ قىزىرىغا تەگدى. زەينەپنىڭ باشكۆزى قانغا بۇيالدى. بىردەمدىلا ئاشخانىنىڭ ئىچى زەينەپ ياتقان يەرنى بويلاپ قىپ-قىزىپ قانغا بۇيلىپ كەتتتى. زەينەپنىڭ ئارقې مېڭىسى بىلەن چېقىسىدىن قان ئېتىلىپ چىقىۋاتاتتى . مۇلام قورقۇپ كېتىپ دەرھال ساقچىغا تېلېفۇن بەردى. ئارقىدىنلا يەنە بىر بالا كېلىپ «قۇتقۇزۇش ماشىنى چاقىرايلى» دېدى ۋە تېلېفۇننى بايقى بالىنىڭ قۇلىدىن ئالدى. قۇتقۇزۇش ماشىنىسى كەلگۈچە زەينەپ ياتقان يېرىدە جان ئۈزگەن ئىدى. ساقچىلار بولسا بەختىيارنىڭ قۇلىغا كويزا سېلىپ ئېلىپ مېڭىشتى.

خاتىمە.

بەختىيارنىڭ شۇ خاتالىقى تۈپەيلى بىر ئۆمۈر ئازاپ تارتقان ئاينۇر ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن بەختىيارنىڭ قىزلىرىغا شۇ ئىشنى قىلدى. بەختىيار نىڭ قىزلىرىنىڭ بىرى ساراڭ بولدى بىرى ئۆلدى. بۇنىڭغا چىدىمىغان بەختىيار زەينەپنى يەنى ئۆز ۋاختىدا چېقىلىپ قۇيۇپ تاشلىۋېتىپ بىر ئۆمۈر بەخىتسىز قىلىپ قويغان ئاينۇرنى ئۆلتۈرۈپ قۇيۇپ ئۆمۈرلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىندى. ساقچىلار ئاينۇرنىڭ ئاتا ئانىسىغا خەۋەر قىلىپ زەينەپنىڭ مۈلۈكلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئاينۇرنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ نەرسىلەرنى شۇيەردىلا بىر خەيرى ساخاۋەت ئورنىغا بېرىۋېتىپ قان يامغۇر يىغلاپ يۇرتىغا قايىتتى. كىلارە بولسا ئانىسى بىلەن قالدى . كىلارەنىڭ ئانىسىمۇ ھىلى ساق بولسا ھىلى ئېلىشىپ قالغاندەك بىنۇرمال بۇلۇپ قالغان ئىدى . بەختىيار بولسا تۈرمىدە كىلارەنىڭ كېسلىمۇ كۈندىن كۈنگە يامانلىشىپ كېتىپ باراتتى

2012.4.18.

مەنبە: چارتېكىن يازمىللىرى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-30 05:04 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
wisal819 + 300 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.

ئۇلۇغ خۇداغا قويدۇم!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6051
تۆھپە نۇمۇرى: 311
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 05:23:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60765
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 727
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2011-10-16
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 05:37:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەھشەت ئۇزۇن ھىكايىكىنا ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77224
يازما سانى: 485
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 523
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 06:37:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ياخشى چىقىپتۇ دەيدۇ قارىسام بەكلا جىخكەن ئالدىراپلا باھا بەرگۈم كەلمىدى ئاۋال ئالدىرىماي ئوقۇپ باقاي ھە..............!   

ھاياتىڭ‹اللە›نىڭ قۇلىدا،ماڭغىن‹مۇھەممەد›نىڭ يۇلىدا،بەختىڭ ‹ئۆزەڭ›نىڭ قۇلىدا،كۆيمىگىن‹دەۋزەخ›نىڭ ئوتىدا                       دەردىمنى تىڭشاپ قۇيۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 854
يازما سانى: 466
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7733
تۆھپە نۇمۇرى: 311
توردا: 5067 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 06:44:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۆيگۇ ۋە قىساس دىگەن ھىكايە ئىسىمگە كەپ قالدى ،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36675
يازما سانى: 496
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1433
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1664 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2012-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 06:46:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاران ئوقۇپ بولدۇم دىسە،ئاللاھ بىزلەرنىڭ بىشىمىزغا ھەرگىز ئۇنداق كۈنلەرنى كەلتۇرمىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77848
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1747
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2012-3-24
ئاخىرقى: 2012-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 07:11:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىمۇ،بۇنداق ئىشلار كۆپ...‹مەكتەپنىڭ گۈلى›دەپ نام ئالغانلار كۆپرەك دىققىەت قىلسا بولىدۇ..كونىلار‹سەتنىڭ ھالى،چىرايلىق دەردى كۆپ›دەپ بىكارغا دىمىگەن....ھەي ئىسىت.بۇنداق تېراگىدىيە بىلەن ئاخىرلىشا دەپ ئويلىماپتىكەنمەن....

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
joda☠ + 10 بەرھەق ..راس گەپ مۇشۇ ..

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10410
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6547
تۆھپە نۇمۇرى: 304
توردا: 1751 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2012-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 07:29:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ بۇ ئەسەر.......
بەختىيارنىڭ ئانىسىمۇ تازا ياخشى ئايال ئەمەسكەن،......توۋا...............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8501
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6805
تۆھپە نۇمۇرى: 745
توردا: 661 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2012-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 08:20:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ھازىرقى پەسەندە ئاتالمىش مۇھىببەتلىشىدىغانلار بۇ دۇنيادا قىلغان ئاشۇ گۇناھلىرىڭنىڭ ھامان سورقى بار ئاچاڭ سىڭلىڭ يا قىزىڭ........... نىمۇ خەخ......  
ھەي  دۆت قىزلار سىلەرنىڭ قىزلىق غۇرۇرىڭلارغا پاكلىغىڭلارغا ھۆرمەت قىلىمىغان ئادەمدىن نىمە كۈتسىلەر...ئاشۇنداق ئادەم سىلەرگە كەلگۈسىدە ئىگە بۇلارمۇ .... ئاللاھ قىلما دىگەن ئىشنى قىلساڭلار ئاللاھ بەختىڭلارنى بىرەمدۇ....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kulpat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-30 08:25 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2012-5-1 01:48 AM):
كككككككككككككككك

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-5-1 01:52 AM):
بىر يىگىت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30164
يازما سانى: 700
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3779
تۆھپە نۇمۇرى: 797
توردا: 3237 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2012-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 08:26:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقىي ۋەقەمۇ يا؟

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكىن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش