نۇمۇسسىز باشلىق.....!
ھەجەپ بىر ئادەم بىزنىڭ باشلىق
شامال كەبى ئۆزگىرەيدىغان
ماڭسا ئەگەر شىمال تەرەپكە
جەنۇپقىمۇ ھەم ماڭالايدىغان
يولۇم شىمال دىمەيدۇ ھەرگىز
چىقسا شامال جەنۇپ تەرەپكە،
شامال كەبى ئۇنىڭ نىشانى
مەيدانى يوق قەتئى يۇرەكتە
باشلقنى كۆرسە خۇددى پىئل ئۆزى
باشلقنىڭ مىجەزى ھەر قارار كۆزى
پوداقچىلققا ھەجەپ بەك ماھىر
ۋىجدان ، غورۇردىن مۇستەسنا ئۆزى
ۋىجدان غورۇردىن مۇستەسنا بولغاچ
ئىنساپ –ئىمانى چاغلقتۇر ئۇنىڭ
ھالال-ھارامنى ئارىماي يەيدۇ
ئاش قازانىدۇر - تاش قازان ئۇنىڭ
باشلىق ئالدىدا خۇددى توشقاندەك
تىۋەن ئالدىدا خۇددى يولۋاستەك
كۆزى يەتسىلا يۇلۇپ ئالىدۇ
چۇجە ئوۋلىغان قارام بۇركۇتتەك
بۇركۇتمۇ ھەر گىز يىمەيدۇ ھارام
يىيىشكە تىگىشلك بولمىغىننى
لىكىن ئۇ ئىنسان بەك قەبئى قارام
ھەي..قانداق چىقىرار تولغىقىنى
ھەر كىمگە ئۇنىڭ چۇشسە ھاجىتى
بەكمۇ مۇلايىم باھادىر ئۆزى
ئەھۋال سورايدۇ-كۇندە نەچچە رەت
ئىشى ئوڭشالسا دەرھال ئۆرۇر بەت...
ئۆزى باي ،مىسكىننى ياراتماس قەتئى
ۋاي مەينەت دىۋانى،كۆك پىت ۋەيرانى
ئۆزىدىن باينىمۇ كۆرەلمەس قەتئى
پىت ئۇچەي،پىخسىق،ئاچكۆز دىۋانى
توۋا دەي كۇندە بەش ۋاخ ئوقۇيدۇ ناماز
خۇددى مەجبۇرى ھاشارغا ئوخشاش
نامازدۇر ئىماننىڭ ، ئىنساپنىڭ ئۇلى
تىلى-دىلى بىر بولسابىر-بىرگە ئوخشاش
سۆزلىرىم سۇپتى،ئەمەس غەيۋاتى
شۇنداقكەن ئۇلارنىڭ ئۆمۇر ھاياتى
تىلەيمەن ئۇلۇغ قادىر ئىگەمدىن
مول بولسۇن ئىمانى، ئىنساپ شۇكراتى
يازسام-يازسام تۇگىمەس قورساق پىغانى
پىغاندىن تۇغۇلار شىئىر ئىلھامى
بولدى قىل ئەي قەلەم يۇرەك دىلخانى
ھەقىقەت بابىنىڭ بۇيۇك سەردارى..
مەنبە : ئۆزۇمنىڭ قوساق كۆپىكى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 艾力 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-30 01:17 PM