|
|
|
|
ئۆلۇمگە تەقەززا ئىنسان (چوقۇم تولۇق ئوقۇڭ )
تولىمۇ ئادەتتىكىدەك بىر كۇن ئىدى ، پەقەت ئوخشىمايدىغان يىرى تۇنۇگۇن ئاپام يۇرتىمىزدىن مىنى كۆرگىلى كىلىدىغانلىقى ۋە يولغا چىققانلىقى توغۇرلۇق خەۋەر بەرگەن ئىدى . ئادىتىم بويىنچە سەھەر ئورنۇمدىن تۇرۇپ پاكىز كىيىنىپ ساقال بۇرتۇمنى ياسىتىپ غىزالانغاچ ، ئاپامنىڭ كەلگۇچە بىردەم بازار ئايلىنىش مەخسىتىدە ، ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قىزغىن سودا پائالىيتى يۇرگۇزىدىغان كوچىغا يىتىپ كەلدىم .
ئىلگىرىمۇ بۇ يەرگە كىلىپ تۇراتتىم ، بۇ يەرنىڭ كەچلىك بازىرى ئىنتايىن قىززىپ كىتىدىغان بولۇپ ، باققاللارنىڭ بەس بەس بىلەن ماللىرىنى ماختاپ كۆككە كۆتۇرۇشلىرى ، ئاشپۇزۇللاردىن چىقىۋاتقان بۇيرۇق سۆزلەر ، كۆكەمىلەرنىڭ كىلاسسىك ھاقارەتلىك ئىبارىلىرى، بۇ كوچىنى ئاجايىپ جانلاندۇرۋىتەتتى . مۇساپىرچىلىقتا بۇ كوچىدىن ئۆتكىنىمدە ئۆزۇمنى بومباينىڭ ئارقا كوچىلىرىدا ، قاھىرەنىڭ رەستىلىرىدە ، يۇرۋاتقاندەك ھىسياتقا كىلىپ قالاتتىم ، بۇ يەردىكى تونۇش پۇراقلار ، يۇرتۇمدىكى خام بازىرىنىڭ ھىدىنى ئەسلىتەتتى .
پەقەت ئىسىمدىن چىقمايدىغىنى شۇنداقلا مىنى ئۆزىگە مايىل قىلۋالغان بىر يىرى ، بىر كۇنى كەچرەك بۇ يەردىن ئۆتۇپ كىتىۋاتاتتىم ، مىجەزىم سەل ياخشى ئەمەسلىكىدىن شاۋقۇن سۇرەنلەر تىتىماي ، قۇلغۇمغا تىڭشىغۇچنى سىلۋىلىپ ، لىرىك چەتئەل مۇزىكىلىرىنى چىڭ ئاۋازدا قويۋىتىپ سوقۇلۇپ ئۇرلۇپ دىگۇدەك بۇ كوچىدىن نىمىلەرنىدۇر فانتازىيلىك خىياللارنى قىلىپ كىتىۋاتاتتىم ، دەل كوچىنىڭ ئوتتۇرغا كەلگەندە ،تۇيۇقسىز ئاجايىپ ۋەقە بولدى ،ئەتراپ گۆرىستان دەك جىمىپ ھەممىنىڭ زۇۋانى تۇتلۇپ كەتكەندەك دۇنيا ئايلىنىشتىن توختاپ ھەممە نەرسە قىتىپ قالغاندەك كۆرنۇشكە كەپ قالغان ئىدى ، مۇزىكىنىڭ ئاۋازىدىن باشقا ھىچقانداق ئاۋاز ئاڭلانمىدى . مەن چۇچۇپ كىتىپ ، تىڭشىغۇچنى قۇلغۇمدىن ئالدىمدە ئەتراپقا خۇدۇكسىرەپ قارىدىم . ھەممە ئادەم قىمىر قىلماي جىم تۇراتتى ئەتراپ ئىغىر سۇكۇتتە ئىدى ، مەن< لا ئىلاھە ئىللاللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلىللا> دەپ ئەتراپىمغا خۇدۇكسىرەپ قارىدىم ھەممە ئادەم قوللىرىنى دۇئاغا كۆتۇرۇشكەن ئىدى ، تىنىمنى بىر شۇركۇنۇش باستى ۋە مەنمۇ ئەگىشىپ قولۇمنى دۇئاغا كۆتۇردۇم . غايىپ بىر ئاۋاز ئاڭلانغاندەك يىنىمىزدىكى مەسچىتتىن < ئاللاھۇ ئەكبەر > دىگەن سادا بىلەن شۇكۇر سانالار بىلەن ئەتراپىمدىكىلەر يۇزىنى كۆزىنى يۇمشاق سۇۋاپ ، قولىنى دۇئادىن چۇشۇرىشتى .بۇ كۆرنۇش ماڭا بەك تەسىر قىلغان ئىدى . شۇندىن كىيىن جۈمە نامازلىرىم مۇشۇ يەردە مەقبۇل بولاتتى .
يوللار بەك شالتاق ، ئەتراپتا قۇرلۇش قىلۋاتقاچقا ، بۇ يەرنىڭ قاتنىشى ئانچە راۋان ئەمەس ئىدى . ئاپام بىلەن مولراق غىزالىناي ھازىر قوسغۇمنى توقلىۋىلىپ ھىلى ئاشۇرۇپ يۇرمەي دەپ . پىلانىمنى ئۆزگەرتىپ كوچادۇقمۇشتىكى بىر تاللا بازىرنى كۆزلەپ ماڭدىم ، مەھكەم ياغلىققا ئورنۇپ تارتىنىپ قاراپ كىتىپ بارغان قىزلارنى كۆرۇپ مەسلىكىم كەلدى . تاللا بازىرغا كىردىم تاللا بازىرى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ ماللار تولۇق ھەم رەتلىك تىزىلغان ئىدى ، دۇككاننىڭ ئىچىدە قەلەندەرلەردەك كىينىۋالغان بىر موماي ھە دەپ دەرت تۆكىۋاتاتتى ،ئۆزۇمنىڭ ياختۇرۇپ يەيدىغان پىرەنىكىم ۋە مۇسۇلمانچە نامدىكى ئىچىملىكتىن ئىلىپ پىرگازچىك قىزغا پۇل تەڭلىدىم . قىزچاق بىر موچەنلىك تىتلىپ كەتكەن بىر دۆۋە پۇلنى ساناپ ئاۋارە ئىدى . قانچە بولدى دىگەن سۇئالىممۇ جاۋاپسىز قالدى ، تەمكىنلىك بىلەن تىزىلغان ماللارنى كۆرۇپ تۇراتتىم ،يىنىمدىكى موماينىڭ بىچارىلەرچە ئىيتقان سۆزلىرى دىقىتىمنى تارىتتى ،
3 كۇن بولدى بالام تاماق يىمىدىم ، بەك قىيلاندىم بەك قىيلاندىم ، مەن ئۆلۇپلا كەتسەم ياخشىتى يا بۇ جان چىقمىدى ، يا بىر بالام يا بىر تۇققۇنۇم يوقكەن ، ھەجەپ تويدۇم جاندىن .
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ چۇچۇپ كەتتىم ، بۇ ئايالنىڭ دىگەن سۆزلىرى ، ھەدىسلەردە تىلغا ئىلىنغان پەيغەمبىرىمىزنىڭ <بىر ئادەم قەبرىنىڭ ئالدىغا كىلىپ ھەي مۇشۇ قەۋرە ئىچىدىكى ئادەم مەن بوپ قالسامچۇ ! دىمىگۇچە قىيامەت بولمايدۇ > دەپ ئىيتىلغىنى ئىسىمدىن كەچتى ۋە ئىغىر شۇركەندىم ، تۇنۇگۇن جۈمە كۇنى ناماز دىگەرگە يىقىن يەرتەۋرەش مىنىلا ئەمەس ، بۇ شەھەردىكى ھەر ئادەمنى ، ئويلاندۇرۇپ قالغان ئىدى ،
! ئىھ قۇدۇرتى چەكسىز ئاللا ، بەندىلىرىڭنىڭ ئىمان بىلەن دەرگاھىڭغا بىرىشىغا پۇرسەت بەرگىن ، بىلىپ بىلمەي ئۆتكۇزگەن گۇناھ كەبىرلىرىمىزنى ساۋاپلىق ئىشلار تەۋبە ئىستىخبارلىرىمىز بىلەن مۆمىنلەر قاتارىدا بەندىچىلىك قىلىشقا پۇرسەت بەرگىن ،شەپقىتىلىك ئىھ ئاللا دوزاق ئازابىنى مۆمىنلەردىن يىراق قىلغىن !ئامىن !
موماي بەك ئورۇق ئىدى تۇرقىغا قارغان ئادەم ھىسداشلىق قىلغۇسى كىلەتتى . ئۇستىگە تىتلىپ يىرتىلىپ كەتسىمۇ بىر ۋاخلاردا مودا بولغان چەيزىرەڭ جىلىتكە ، پۇتىدا جۇپلەپ قوشلاپ كىيىۋالغان ئۇزۇن پايپاق ۋە لاڭشەي ، بىشىدا سىدام ياغلىق بار ئىدى ،بارماقلىرىغا قارسام بوقۇملىرىدىن باشقا يىرىنىڭ گۆشى يوقتەكلا ، چاچلىرى ئاقارغان ، كۆزلىرى ئىچىگە ئولتۇرشۇپ كەتكەن ، ئاققا ماھىل چىرايى مەينەتتىن قارايغان ، بەك بىچچارە چىراي ئىدى .
پىرگازچىك <مانا 3 كويلۇق كەلدى > دەپ سۇلياۋ خالتىنىڭ چارىكىگە كىلىدىغان شىكەرنى جىڭلاپ موماينىڭ قولىغا تۇتقۇزدى .
موماي تىترەپ تۇرۇپ شىكەرنى ئىلىپ دەرت ئىيتقىنىچە دۇككاندىن چىكەتتى .
مەن موماي قىرىغىنى بىلەن كاللىسى ئىشلەيدىكەن ، شىكەر بىلەن ئىنىرگىيە تولۇقلاپ بۇ نىمجان ھالدىمۇ ئۆرە تۇرۇپتۇ ، ھەي،،، مۇشۇ ياشتا بۇ كۇننى كۆرگىنىگە قارغاندا دەردى كۆپ ئوخشايدۇ ، بۇ ياشتىكىلەرنىڭ ئەزىزلىنىشى ، كىرەك ئىدىغۇ ، دىگەنلەرنى ئويلۇدۇم
__سىزنىڭ ئالتە يىرىم كويلۇق بوپتۇ ،
مەن ھىساۋات قىلىۋىتىپ دۇككاندىن چىقاي دەپ بوپ يەنە كەينىمگە ياندىمدە ئابايقىدەك پىرەنىكتىن 5 نى چوڭ قىتىقتىن 1 نى ئالدىم ۋە سىرىتقا چىقىپ چىقىپ ئۇ موماينى ئىزدىدىم ، موماي كوچىلاردىكى يەشىك ۋە بوتۇلكىلارنى تىرۋاتاتتى . مەن قولۇمدىكى نەرسىلەرنى ،مومايغا تەڭلىگەچ __ ئاچا ئاز بولسىمۇ بۇنى ئەپ قاسىلا ناشتا قىلالا ،،،،، دەپ ئىللىق كۇلۇمسىرىدىم ،ۋە پورىتمالىمنى چىقىرىپ پۇتۇن پۇللاردىن باشقا ھەممە پۇلنى مومايغا بەردىم .
موماي يىغلامسىراپ تۇرۇپ مىننەتدارلىق بىلەن كۆزۇمگە قايلاپ _ رەخمەت بالام خۇدايىم مۇراد مەخسەتلىرىگە يەتكۇزەر ، ئىمان ھىدايەت ئاتا قىلا ، ئۆمۇرلىرى ئۇزۇن بولا ،،،،،،،،،،دەپ قولۇمدىكىنى ئالدى_ ئۆيگە چىسە بالام چاي قۇياي ، دەپ ئۆزرە ئىيتىپ تۇرۋالدى ، مەن خوش رەخمەت بىلەن ئارقىمغا قايرىلىپ كىتىپ قالدىم ،
خىيال بىلەن كىتىپ بىرىپ ئاخىرنى توسىۋەتكەن بىر كوچىغا كىرىپ قاپتىمەن ، دالدىراق يەردە ئاستا مىڭىپ قولۇمدىكىلەرنى يىگەچ ئۇ ئايالنىڭ قانداق بوپ شۇ كۇنگە قالغىنىنى ھەرخىل پەرەز قىلىپ ، مۇكەممەل بىر يەكۇن چىقىرالمىدىم . ئالدامچىمىكى دىسەم ، ئۇ ھالى بىلەن ئالداپ يىسىمۇ بۇ كۇنگە قالماس ئىدى ، ئەمەسمىكى دىسەم ، سىياسىتىمىز شۇنداق ياخشى تۇرۇقلۇق زىمىنىمىزدا ياشاۋاتقان بىر ئىنساننىڭ بۇ تۇرقى كاللامدىن ئۆتمىدى ، شۇ قىزقىش ۋە ساۋاپلىق ئىشلارنى مۇشۇ يەردىن باشلاش مەخسىتىدە ئارقامغا يىنىپ ئۇ موماينى ئىزدىدىم .
دۇككاننىڭ ئالدىغا كەلدىم ، ئۇ موماينىڭ قارىسىمۇ كۆرۇنمەيتى لىكىن يەر يۇزىدە موماي كۆتۇرۇپ ماڭغان ئەخلەتنىڭ پاسكىنا سۇيى ئۇ موماينىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بەردى . مەن ئۇ ئىزغا قاراپ مىڭىپ ئۇ موماينى تىزلا تىپۋالدىم ، موماي ئاددى بىر بىنانىڭ ئالدىدا تازلىق ئىشچىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ تۇراتتى . مەن ئۆزۇمنى دالدىغا ئالدىم ۋە سىنچىلاپ كۇزەتتىم .
موماي ئۇلار بىلەن سوغۇق خوشلۇشۇپ بىنانىڭ ئىچىگە كىركەتتى ،ئەگىشىپ كىردىم ، بىنا نىڭ بىر تەرپى ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزى سودا رايونىغا توغرا كىلەتتى ، بىنادىكى ھەممە ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىگە پولات قۇرۇلمىلىق ئوغۇرىدىن مۇداپىيەلىنىش ئىشكى بىكىتىلگەن ئىدى
موماي ئۈچىنجى قەۋەتكە چىقىپ بىر ئۆينىڭ ئىشكىنى شاراقشىتىپ يۇرۇپ تەسلىكتە ئاچتى ، مىنىڭ كۆرۇش نوقتامدىن ئۆي ئىچىنى كۆرگىلى بولاتتى ، موماي ئۆيگە كىرمەي تۇرۇپلا قولىدىكى ئەخلەتلەرنى ئۆيگە تاشلىدى
ئۆي ئىچى ئادەم بويى لىق ئەخلەت بىلەن توشقان ئىدى ، موماي مىنى كۆرۇپ قالدى ، كۇلۇمسىرەپ تۇتۇپ ئۆينىڭ ئالدىغا چىقتىم ،
__ ۋاي ھەدە مۇشۇ يەردە تۇراملا ،،،.
__ ۋاي بالام چىقلىما ، كەسە ئۆيگە كىرسىلە بىر چاي قۇياي سىلىگە ،
ئىشىكتىن كىرمەيلا ئۆي ئىچىگە قارىدىم ، ھەممە ئۆي ئەخلەت بىلەن لىق توشقان ئىدى ، ئەخلەتلەردىن ئارتىلىپ كىرگەندىلا موماينىڭ ياتىدىغان يىرىگە كىرگىلى بولاتتى .
ئۆينىڭ ئىچى ئەشەددى سىسىق پۇرايتتىكى ، ئاچچىق پۇراقنىڭ دەستىدىن كۆزلۇرۇم ئىيچىشىپ كەتتى .
__ ئۆيگە كىرىلى چاي قۇياي .
موماينىڭ ئىغىزىدىنمۇ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بىر سىسىق پۇراق چىقاتتى .
مەن __ ۋاي بولدى ئاچا ، سىلىنى تىپىپ كىيىن بىر يوقلاپ كىلەمەن دەپ تۇرالغۇلىرىنى پەستىكى تازلىقچىلاردىن سورسام دەپ بەرگەنتى چىققان ئىدىم كىيىنرەك كىلەمە تاماق يىمىگەن لىرىنى دىگەنتىلە ماڭسىلا تاماق ئىلىپ بىرەي ،
موماي مىننەتدارلىق بىلەن كۇلۇمسىرىدى ، __ ۋاي بالام ئاۋارە قىلامەنمۇ ، توختاپ تۇسىلا ئىشىكنى يىپىۋالاي ، ،،
موماي ئىشكنى تەسلىكتە ئىتىپ قۇلۇپلانى چىڭ سىلىپ ئارقامدىن ماڭدى ، بىنادىن چىقتىم ۋە ئەتراپتىكى ئاددىراق ئاشپۇزۇلغا قاراپ ماڭدىم . ئۇ موماي كەينىمدىن ئەگىشىپ كىلۋاتاتتى ، ئالدى تەرەپتىكى بىر ئەخلەت ساندۇقىنى ئاختۇرۇپ يەنە ئەخلەت تىرىشقا باشلىدى .
__ ۋاي ئاچا بىرسى ئىلۋالمايدۇ ، تاماق يەپ كىلىپ تەيسىلە !
__ ۋاي بالام مۇشۇنداق قىلىپ جان باقمىساق ، تەسكىن قايلىسا ، ئاغزىمغا گىيا سالمىغىلى 3 كۇن بولاپتى ، تاپقان تەرگىنىمگە بىر نانمۇ كەلمەيدۇ ، رېنشىجۇ دىن يوقلاپ كەگىنى تايىنلىق ، شىڭخو فېيرىم ، كىسىلىمغىلا كىتىدۇ ،چىگويەن باتى مەندە ،،،،،
_ ئوڭشىلىپ كىتە ئاچا سەۋىر قىلسىلا
__ئىبىيام نامزىمنى ئوقۇپ چىقىپ خىلى تەيگەنتىم ، ئى يەگە قوياپ قويسام يوق قايلىسا ،،،،
موماينىڭ تۇرقىدىن نامازخاندەك كۆرۇنمەيتى
يول بويى ماشىنىلار تىزلىپ كەتكەن ئىدى ،موماي يەنە يولدىكى ئەخلەتلەرنى تىيىپ ئارقامدا مىڭىپ كىلىۋاتاتتى ، يول بويى ماشىنىلار تىزلىپ كەتكەچكە بىر ماشىنا ئارلىقتىن چىقىۋىتىپ ، ئەخلەت تىرىش بىلەن بوپ كىتىپ يولغا قارماي ماڭغان بۇ موماينى قوپال سۆزلەر بىلەن يول بوشتۇشقا بۇيرىدى . موماي ئىلدام مىڭىپ يىنىمغا كىلىپ بىزەپ سۆزلەر بىلەن ماشىندىكىلەرنى تىللىدى . ماشىنىنىڭ ئىچىدىكى ئالتۇنغا پۇركىنىپ كەتكەن سىمىز خىنىملار مەنسىتمەسلىك نەزرى بىلەن دەرىزىدىن قاراپ قويدى .
ھىلقى كوچىنىڭ دوقمۇشىغا كەلگەندە موماي يولنىڭ بويدىكى بىر سامساخانىنى كۆرسىتىپ ، __ مۇشنۇڭدىنلا ئەپ بەمەملا بالام جىق مىڭىپ يۇرمەي ،، دەپ لىگەندىكى گوشناننى مىجىقلاپ تۇتتى .
سامسىپەزنىڭ سەت ھومۇيۇپ كەتتى. مەن __ ئۇستام ما ئاچىمىز تۇتقاننى خالتىغا سەپ بەرسىلە دەپ پورىتمال ئاختۇردۇم !
__ مانىڭ خىمىرى پىشماپتۇ ، شورى كۆيەپ كىتىپتۇ ، ماڭا گومىڭ قىلىتى ، مانى ئالاي ،،،،، موماي بىردىن تۇتقىلى تۇردى ، سامسىپەز ھومۇيۇپ ماڭا قاراپتى مەن ئاشۇ تۇتقان 3 تالنى سەپ بەرسىلە دەپ پۇل تەڭلىدىم .
دەل شۇ ۋاقىتتا ئاباينىڭ ياغى بىزنى كۇزتۇپ تۇرغان روپاش بىر تازلىق ئىشچىسى ئالدىمغا كىلىپ ، ۋاي ئۇكام ئالدانمىسىلا ئالدامچى پايدىسى يوق بولدى قىلسىلا ،،، دىدى
مەن پىسەنت قىلماي پۇلنڭ تۆلەپ پورتمالىمنى يانچۇغۇمغا سىلىپ ماڭدىم گۆشناننى ئالغان موماي يەنە رەخمەتلىرى بىلەن كاپشىغىلى تۇردى مەن ئەدەپ بىلەن خوشلۇشۇپ مىڭىۋىدىم ، ھىلىقى تازلىق ئىشچىسى ئارقامدىن ئەگەشتى .
___ ھەي بىلمەي قىلىۋاتىلىدە ئۇكام ،
__ ئاچا نىمىلا بولمىسۇن شۇنداق ناچار تۇرمۇش كەچۇرۋىتىپتۇ ، بوپتۇ كۆڭلى خۇشال بوپ قالا دىدىم .
__ ۋاي بىلمەيلا ئۇكام ئۇنىڭ نۇرغۇن پۇلى بار ، ياشلىقىدىكى رەسىىملىرىنى بىزگە كۆرسەتكەن ، شۇ چاغلاردا جاھانغا پاتماي قاغان گۇزەل چىرايى بىلەن غادىيىپ يۇرگەن ئايالكەن بۇ ، بالام يوق دىگىنى يالغان ، بىر قىزى بار ، ھاراقخانا ئىچىپ ئىچكىرلەردە چۆگىلىپ يۇرىدۇ ، بۇ خوتۇننىڭ تاپقان تەرگىنىنى ئەپ كىتەمدۇ بىز ئۇقمىدۇ .
__ ھە تەپسىلىرەك دەپ بەرسىڭىز ! ئەمدى نىمىلا قىلمىسۇن ئىنسانداچىلىق دىسىلە !
__ ئۇكام سىلە ئۇنداق دىگەن بىلەن ئۇنىڭ قانداقلىقىنى بىز بىلىمىز ، ئاۋۇ بىنانىڭ 3 _ قەۋتىدە ئولتۇردۇ . ياش ۋاختىدا ھەربى بولاپتىكەن نۇرغۇن گۇناھسىزنىڭ رىزقىنى كەمەيتىۋىتىپتىكەن . ئايدا ئىككى يىرىم مىڭدىن مۇئاشى چىقىدۇ ، ئۇنىڭدىن سىرىت قۇتقۇزۇش پۇلىمۇ ئالىدۇ ، ئۆيدە لىق ئەخلەت بار بىز ئەخلەت ئالدىغانلارغا كۆرسىتىپ قويمىز ئۇلار ئىلىپ كىتىدۇ . پۇل دىگەن ساماندەك ، خەنزۇچىنى سۇدەك سۆزلەيدۇ ، سىلىغۇ مۇسۇلمانكىن دەپ بىرىلا لىكىن قىلغان ئەتكىنى كاپىردىن يامان ، نامازنىغۇ قويۇپ تۇرلى ، ئاۋۇ قىرىنداشلىرىمىزنىڭ دۇككىنىدىن ھاراق تاماكا ئىلىپ چىكىتىدۇ . پات پات ئالدىمىزدىمۇ چىكىپ يۇرىدۇ . ،،،،،يانا دىسەم نۇرغۇن ، بىز يەنە ئىچىمىز ئاغرىيدۇ ، ئامال يوق ئاللا ئىگەم رىزقىنى بەرمەيدىغان قىلۋىتىپتىكەن . ياشلىقىدا قىلغان گۇناھلىرىغا بىر قارغىشقا ئۇچراپ كەتتىمۇ ،نۇرغۇن پۇلى بولسىمۇ بىر تويغۇدەك تاماق يىمەيدۇ . سىلى سەھىھ ھەدىسلەرنى ئوقۇمىغانمۇ بۇنداق ئادەمگە ساخاۋەت قىلىشقا بولمايدۇ . سىلىغۇ بىلمەي قىلدىلا ئاللا ساۋابىنى بىرە لىكىن سىلە ئەپ بەرگەن نەرسىلەرنى بۇ ئايال ئاۋۇ يەگە بىرىپ 2 كويغا كەمبىغەللەرگە سىتىۋىتىدۇ ، قانداق قىلاتتۇق سىلىگىمۇ ساۋاق بولسۇن ئۇكام ، گۇناھ ئىشلاردىن نىرى تۇرسىلا ھىلىمۇ بىزنىڭ قىلۋاتقان گۇناھلىرىمىز ئاز ئەمەس ، مىللىتىمىز ئىچىدە مىللىتىنى ۋەتىنىنى ساتىدىغان مۇناپىقلارلا ئەمەس كەيىپ ساپادا ھۇشىنى يوقاتقان شۇ بىچچارىلەرنىڭمۇ تەغدىرىنى بۇنداق بولمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ . ئاق كۆڭۇل بالىكەنلا ئۇكام ھالال ياشىسىلا ، ئاللا رىزقىلىرىنى كەڭ قىلغاي ،،
تازلىقچى ھەدەش كىتىپ قالدى ، مەن قاققان قوزۇقتەك جىملا تۇرۇپ قالدىم . ئابىيامنىڭ ياغىزى گىپىمىزنى يۇشۇرۇنچە ئاڭلاپ تۇرغان موماي يىنىمدىن دەرت تۆكۇپ ئۆتتى ، _ ھەي مەن نىمىشقا ئۆلۇپ كەتمەيمەن ، ھەجەپ قىيلاندىم ،ھەجەپ تويدۇم .
___ ياشىغىن ئىنسان كۆپ ياشىغان ،تىخىمۇ قىيلانغىن ،ساڭا لەنەتلەر بولسۇن، بەلكىم شەپقەتلىك ئىگىمىز سىنىڭ گۇناھلىرىڭنىڭ جاجىسىنى بۇ دۇنيادا بەكرەك تارتىشىڭنى بەلگىلگەندۇ ، سەن تارتىۋاتقان كۇنلەر دوزاخ ئازابى ئالدىدا مىسقالچە ئەمەس ، ئاللاھنىڭ ساڭا بەرگەن كۇنىنى ئابايقى خۇشاللىقىڭ بىلەن رەخمىتىڭ بىلەن قوبۇل قىلغىن ،گۇناھلىرىڭنىڭ ئازابىنى بۇ دۇنيادا تارتىۋالغىن !
2012 يىلى 30—ئاپرىل ئۈرۈمچى ئاپتۇرنىڭ تەستىقىسىز ھىچقانداق توربەتكە كۆچۇرلىشى، ئىملاچىلارنىڭ قۇسۇر قىلىش ھوقوقى چەكلەندى ! مەنبە : ئۆز كەچۇرمۇشۇم
|
|
|
|
|
|