تەپەككۇر مىۋىلىرى
مەقسەتنىڭ ناپاكلىقى_ ھەرىكەتنىڭ ھالاكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھەممىنى پۇل بىلەن ئۆلچەيدىغان دوستتىن يىراق قاچ، ھەممىنى بۇرچ بىلەن ئۆلچەيدىغان دوستقا قۇچاقنى ئاچ.
ئىختىلاپ كۈپىنچە <سەن، مەن> دىن چىقىدۇ، شۇڭا <بىز>دىگىن.
ئىرادە ئوچىقىدا تاۋلىنىشتىن قورقساڭ، مۇشەققەت ئازگىلىدا ئىڭراپ ياتقىنىڭ ياتقان.
مۇشەققەت_ راھەتنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ.
مال-دۇنيانى يوقاتساڭ يوقات، ئۈزۈڭنى يوقاتما.
ھاياتلىق تېپىشماققا ئوخشايدۇ، ئەپسۇسكى تاپاي-تاپاي دىگەندە بۇدۇنيادىن خوشلىشىسەن.
قەدىناسنىڭ قەدرى 40يىلدا بىلىنەر.
بىخۇدلۇق_<كىچىككىنە>دىن باشلىنىپ، <ئاپلا>دا ئاخىرلىشىدۇ.
بەخىت بىلەن خۇشاللىقنى بىر تۇتام پۇل دەيدىغانلار، يۈرەكنىمۇ چوقۇم بىر سىقىم گۆش دىيەلەيدۇ.
ھۆرمەتتىن ئىگىلگەن باشقا ئالقىش ياغىدۇ،خۇشامەتتىن ئىگىلگەن باشقا قارغىش.
ياخشلىقنى بىلگەن مىڭ قېتىم، ياخشلىقنى بىلمىگەن بىر قېتىم ياخشىلىققا ئىرىشىدۇ.
سەن ئىشەنگەن ئادەمدىن كۈرە، ساڭا ئىشەنگەن ئادەمدىن كۆپرەك ۋاپا كىلىدۇ.
يالغانچى ھەرگىزمۇ ئامالسىزلىقتىن يالغان سۆزلىمەيدۇ، بەلكى ۋوجۇدىدا راست سۆزگە بولغان مەسئۇلىيەت ھەم ۋىجداننىڭ بولمىغانلىقىدىن راست سۆزگىمۇ يالغاننى قوشۇپ قويىدۇ.
ھەقىقى مۇھەببەت ۋەدە قەسەملەر بىلەن بارلىققا كەلمەيدۇ، ساختا مۇھەببەتنى ۋەدە-قەسەملەرمۇ تۇتۇپ تۇرالمايدۇ.
بىلمىگەننى بىلدىم دىيىش ساختا بىلەرمەننىڭ، بىلگەننى بىلىمىدىن دىيىش ئىچى ياماننىڭ ئىشى.
دوراش_ باشقىلارنىڭ سايىسىگە ئەگىششتۇر.
سەمىمىيەت_ باغچىدىكى گۈلگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدىن ھەممە كىشى بەھرىمەن بولالايدۇ.
ئۈزىنى تونۇش_ئۆزلۈك، تونۇتۇش_ كىملىك.
مەسئۇلىيەتسىز كىشلەردىن مەسلىھەت سورىما.
ئاز ھەم ئورۇنلۇق سۆزلىگەن كىشىنىڭ سۈزىنىڭ قىممىتى، ئۈزىنىڭ ھۆرمىتى بولىدۇ.
ئادەم بىر ئۈمۈر ئەقىل بىلەن ھىسياتنىڭ، قەلبى بىلەن شەيتاننىڭ ئوتتۇرىسىدا كۈرەش قىلغۇچىدۇر.
مەۋقەسىزلىك_پۇرسەتپەرەسلەرنىڭ، ياخشىچاقلىق_ئىككى يۈزلىمىلەرنىڭ، چېقىمچىلىق_ مەلئۇنلارنىڭ، سۈخەنچىلىك_ قارا نىيەتلەرنىڭ ئاساسلىق قۇرالىدۇر.
<چاتاق يوق>دىگەن گەپ بىرى مەسئۇلىيەتسىز، يەنە بىرى پوچى كىشلەرنىڭ ئاغزىدىن ئەڭ ئىتتىك چىقىدۇ.
مەسئۇلىيەت ئىككى دوست ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چىڭىتىدىغان كەمەر.
ئاداۋەت ساقلىما، بىراق ئۈزۈڭنى غەزەپ-نەپرىتىڭنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى تونۇتۇپ قوي.
ئوڭۇشسىزلىق_بىر قېتىملىق يامغۇر، سەن يامغۇردىن كىيىن ھاۋانىڭ ئېچلىپ، ئىلگىركىدىنمۇ ياخشى بولىدىغانلىغىنى ئويلاپ قوي.
تېرىككەن كىشىدىن سوئال سورىما، تۇتۇرۇقسىز كىشىدىن مەسلىھەت.
دۇنيا ئادەملەرنىڭ مېھرىدىن بالقىپ چىققان ھارارەت بىلەن تېخىمۇ ئىللىق.
مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيتىدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-29 08:06 PM