نۆلدىن ئىلاۋە :
يازمامنىڭ بېشى يوق ، لېكىن ئاخىرى بار ... ئۆتۈپ كەتكەن ھەربىر مېنۇتتا مەن بەھرىلىنىشكە تېگىشلىك گۈزەللىك ۋە بەخت بار . مەن شۇنى ئىزدەيمەن ...
دادام ، كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس دېگەن ئىدى ،مەن كۆرۈنمىگەن تاغمۇ يىراق ئەمەس دېدىم ...
قۇياش پاتمىسۇن دېيىش ساراڭلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس ... بۇ تەڭرى ياراتقان قانۇنىيەت . قۇياش ھامان يىراقتىكى تاغنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ كېتىدۇ .جاھان قاراڭغۇلۇققا چۆمىدۇ .كۆزلىرىمىز ھەم يۈمۇلىدۇ ، شۇنداقلا يەنە قارچۇقلاردا چاقنىغان ئۈمىد بىخلىنىپ ، يېڭى قۇياشنى كۈتىۋالىدۇ .
ئادەم ئاتىنىڭ ئەۋلادلىرى بولمىش بىزلەر شۇنداق ياشايمىز ھەم شۇنداق ئۆلىمىز . بىزمۇ ھەم ئاخىرى بىر كۈن شۇنداق بىر تاغنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ كېتىمىز . نەپەسلىرىمىز سۈكۈتكە ئۆتىدۇ . تىنىم تاپماي سوقۇۋاتقان ۋۇلقان كەبى يۈرەكلىرىمىز مەڭگۈلۈك قانۇنىيەت ئالدىداباش ئىگىدۇ .
بىز مانا بۇ جەرياندا قانائەتسىزلىككە تولغان ۋۇجۇدىمىزنىڭ قۇلى بولىمىز .
... ئەي ، بالىلىق ، قېنى سەن ؟ مېنىڭ بالىلىققا قايتقۇم بار .
كېلەچەك گۈزەل ،لېكىن ئۇنىڭدا ئۆلۈم سىزنى ساقلاپ تۇرغان بولىدۇ . ئۆتمۈشكە رەھمەت ، چۈنكى ئۇنىڭدا ھاياتلىق يېلتىز تارتقان .
...ئىزتىراپلىق تۇيغۇلار ئىچىدە كۆككە باقتىم . ئاپئاق قار زېمىننى بېزىمەكتە ، زېمىننىڭ جاراھەتلىرىنى ياپماقتا ، تازىلىماقتا ... باھارنى يېمەكتە ...
شۇنداق ، گۈل – چېچەك بىخ سۈرگەن باھارنى كۈتىۋالىدىغىنى ئاخىرقى ھېساپتا مۇتلەق مۇدھىش زېمىستان بولىدۇ . لېكىن بىزنى خوشال قىلىدىغان يېرى شۇكى زېمىستان ئوخشاشلا باھارغا باش ئېگىدۇ . تۇغۇلۇش ۋە يوقىلىش ھاياتىمىزدىكى قىش ۋە باھار . ھايات مۇشۇنداق مەڭگۈلۈك جەريان. روھىيتىمىزدىكى مەڭگۈلۈك دېۋگاتىل.
ئىنسان ئۆمرى يارىلىشتىن ، ئاخىرلىشىشقىچە ، ئاخىرلىشىشتىن يەنە يارىلىشقىچە بولىدۇ . پەسىللەرنىڭ ئالمىشىش تەرتىۋى بىلەن بىزنىڭ ھاياتلىق قانۇنىيتىمىز نەقەدەر ئوخشاش ھە !
پىلتىڭلاپ يۈرگەن بالىلىق مەزگىلىمدە ئاپامنىڭ ماڭا ئويۇنچۇق ئېلىپ بەرمەسلىگى ياكى توي – تۆكۈنلەرگە مېنى ئېلىۋالماي ، ئۆزىنىڭ كېتىپ قىلىشى ۋە ياكى دادامنىڭ دوستلۇرۇم بىلەن ئوينىشىمغا توسقۇنلۇق قىلىپ مېنى ئۆيگە قوغلىشى ،مېنىڭ ئەڭ چوڭ غەملىرىم ۋە ياكى ئازاپلىرىم ئىدى ...مېنىڭ نەزىرىمدە ھەممە مەن ئۈچۈن بولىشى كېرەك ئىدى .قۇياش مەن ئۈچۈن نۇر چېچىشى ، يۇلتۇزلار مەن ئۈچۈن جىمىرلىشى كېرەك ئىدى ...ئەگەر ئىشلار مېنىڭ دېگىنىمدەك بولمىسا ، بىرلا يىغا بىلەن ھەممە ھەل بولاتتى . يىغلاش مېنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك قورالىم ئىدى . مەن پادىشاھ ئىدىم .
كۈنلەر بەك تېز ئۆتتى . خۇددى باھار يازنى كۈتىۋالغاندەك مەنمۇ ياشلىقىمنى كۈتىۋالدىم . لېكىن بۇ كۈنلەردە مېنىڭ بالىلىقتا ھېس قىلغان غەملىرىم پۈتۈنلەي باشقىچە تۈس ئالدى .تۈپتىن ئۆزگەردى ...
بالىلىقتىكى قىلىقلىرىم ئەمدى ياراشمايتتى . قەدەملىرىم ، قاراشلىرىم ، ئارزۇ – تەلپۈنۈشلىرىم ئۆزگەرگەن ئىدى .كېچىلىرى ئۇيقۇم كەلمەيتتى .يۈرۈگۈمدىن ئوت ياناتتى .ئىستەكلىرىم ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن كۈۋەجەيتتى ... دولقۇنلايتتى ...!
شۇنداق قەدەملىرىم باشقۇرۇشىمدىن چىقىپ ، ئاللاقاچان بىراۋلارنىڭ قەدەملىرىگە باغلىنىپ قالغان ئىدى .مېنىڭ ئەڭ چوڭ غېمىم ئازاپلىق لەززەتنىڭ تەمىنى تېتىغۇچى قەلبىمنىڭ قانائەت تۇيغۇسى تېپىش ياكى تاپالماسلىقى بولۇپ قالغان ئىدى . ئەمدى مەن بالىلىق مەزگىللىرىمدەك يىغلاپلا بۇ مەقسەتكە يېتەلمەيتتىم .
كېچىلەر تولغىنىش ، ئۇھسىنىش بىلەن ئۆتەتتى . ئارزۇلىرىمىز چۈشلىرىمىزدە ئايان بولاتتى .
غەم قاقشىتىدۇ ،
ئۈمىد ياشنىتىدۇ .
ياشلىقتىكى بۇ غەملەر ئايىقى چىقماس ئۈمىدلەر بىلەن تەسكىن تاپاتتى ...
پەسىللەر قوغلىشىپ ئۆتمەكتە . ياز داۋاملاشماقتا ... بەلكىم كۈز پەسلىمىزدە مول – ھوسۇللۇق خامان بىزنى ساقلاپ تۇرغاندۇ !؟
... قۇياش پاتمىسۇن دېيىش ساراڭلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس . بۇ تەڭرى ياراتقان قانۇنىيەت . قۇياش يېراقتىكى تاغنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ . جاھان قاراڭغۇلۇققا چۆمىدۇ .كۆزلىرىمىز يۈمۈلىدۇ .شۇنداقلا يەنە قارچۇقلاردا چاقنىغان ئۈمىد بېخلىنىپ ، يېڭى قۇياشنى كۈتىۋالىدۇ .
شۇنداق ئادەم ئاتىنىڭ ئەۋلادلىرى بولمىش بىزلەر شۇنداق ياشايمىز .شۇنداق ئۆلىمىز .بىزمۇ ئاخىرى بىر كۈن شۇ تاغنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ كېتىمىز . نەپەسلىرىمىز سۈكۈتكە ئۆتىدۇ . تېنىم تاپماي سوقۇۋاتقان ۋۇلقان كەبى يۈرەكلىرىمىز مەڭگۈلۈك مۇتلەق قانۇنىيەت ئالدىدا باش ئېگىدۇ .
مانا بۇ جەرياندا بىز قانائەتسىزلىككە تولغان ۋۇجۇدىمىزنىڭ قۇلى بولىمىز .
...ئەي ، بالىلىق ! قېنى سەن ؟!
مېنىڭ بالىلىققا قايتقۇم بار !
باقىمەن ھاياتقا ئېغىر سۈكۈتتە ،
كۆزلىرىم ئىزدەيدۇ سەبىيلىگىمنى .
قاپتۇ ئۇ تاڭلاردا ئارماننى يۈدۈپ ،
بىلەلمەي قاياقتا نەدىلىگىمنى .
ئىزلەپمۇ كەلمەسكەن بىلسىمۇ ھەرگىز ،
سالماسكەن بىر نەزەر مەڭگۈ قايتىلاپ .
يۈرەكنى قولۇمغا ئالساممۇ ھەتتا ،
ئاقسىمۇ كۆزۈمدىن قېنىم تامچىلاپ .
ياشلىقنىڭ تېڭىگە كېلىپ قاپتىمەن ،
كۆپ ئىكەن بۇ يەردە كوھىقاپ تىلسىم .
قىپ قالدىم تاپالماي ۋىسال ئاچقۇچى ،
سەبىيلىك قۇتقۇزغىن مېنى بىر قېتىم .
ھەر قەدەم بىر ماۋزۇ تۇرار ئالدىمدا ،
ھەر ماۋزۇ بىر تىلسىم ، بىر چىگىش دۇنيا .
ئادەملەر چۈمۈلە ، يەرشارى ئۇگا ،
بىر كاللا مىڭ خىيال تاغ باسقان گويا .
خوشلۇغۇم ساڭىلا قالغانكەن سىڭىىپ ،
شوخلۇقنى ھەم ساڭا بېرىپتۇ روھىم .
ئەركىنلىك بوپ قاپتۇ ئەمدى ماڭا يات ،
تەمكىنلىك ياشلىققا بوپ قالدى بېسىم .
ئۆتمەكتە ياشلىقىم ، تېۋىش چىقارماي،
يۈرەكنىڭ يارىسى تېخى ساقايماي ...
........................................
مەنبە : نـــــۆ ل
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نــۆل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-29 05:55 PM