ما تېما قىززىپ قويىۋاتىدۇ -ھە باللا !
---------------------------------
«پادىشاھنىڭ يېڭى كىيمى» دېگەن چۆچەكتىكى شاھنىڭ كىيىم كىيمىگەنلىكىنى ئاشكارلىۋەتكەن بالىدەك مەنمۇ ھەقىقى گەپتىن بىرنى قىلىۋىتەي-ھە؟! بەزى قوشاقلار قەتئىي قاملاشماپتۇ،بۇنداق دىسەم ئەلۋەتتە ئاچچىقىڭلار كېلىدۇ،لېكىن بىلىشىمىز كېرەك تىلىمىز تولىمۇ بىر گۈزەل تىل،ئىنكاسنى ئالۋاڭ-سېلىققا يازغاندەك،باش-ئاخىرى كەلمىگەنلا بىر مىسرالارنى تىزىپ قويۇپ ئىككى مۇنبەر پۇلى ئالغاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟! ئەلۋەتتە مەنمۇ شائىر ئەمەسمەن،ئەمما نەپىس ئانا تىلدىن ھوزۇرلىنىشنى،ئۇنى قەدىرلەشنى بىلىمەن،سۆيۈملۈك مۇنبەرداشلار بىز سان قوغلاشماي سۈپەت قوغلىشايلى،قاپىيە دېگەن نېمە؟شېئىرىيەتكە ھۆرمەت قىلىۋاتامدىم يوق دەپ ئويلىشىپ بىر نەرسە يازايلى!كىتاپ كۆرەيلى،بىز ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەر بەكلا كۆپ قېرىنداشلىرىم!خاپا بولماي مېنىڭ دېگەنلىرىمنىۇ ئويلىشىپ باققان بولساڭلار...(مەن بۇ يەردە ھەممە قوشاق قاملاشماپتۇ دېمىدىم،ئەلۋەتتە تولىمۇ تاتلىق كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان مىسرالارمۇ بار ئىكەن! يەنە بىر گەپ،مەن مۇنبەرنىڭ خېلىلا كىچىكىمەن،تەنبىھ بەرمەكچى بولساڭلار بەك قاتتىق تېگىپ كەتمىگەيسىلەر،سۆزلىرىم خاتا بولسا ئەپۇ قىلارسىلەر،سىلەر بەك ئەپۇچانغۇ!
.gif)
)