ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار:
كۈنلىرىڭلار خوشال، ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق،تەنلىرىڭلار سالامەتمۇ؟
گەپنى ئۇدۇللا دەۋېرەي مۇنداق كەپتى ، مەن مەمۇرلۇق ئىمتاھاننىڭ ماقالە يېزىش قىسمىنىڭ بەزى يەرلىرىنى چۈشۈنەلمەي ئالدىنقى قېتىم ئىمتاھاندىن ئېغىر زىيان تارتىپ كەتكەن ئىدىم.
يەنە شۇنداق خاتالىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇلارنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. تەربىلەش كۇرۇسقا قاتنىشاي دېسەم ۋاقىت يوق. كىتاپ ئېلىپ كۆرەي دېسەم تاپالمىدى .(مەن تەكلىماكاننىڭ شەھەرلەرگە يىراق گىرۋەكلىرىدە بولغاچقا). شۇڭلاشقا بىلىدىغانلار بولسا ياردەم قىلغان بولساڭلار. تۆۋەندە مەن چۈشۈنەلمىگەن جايلرىمىنى مېغىزلىق قىلىپ بايان قىلاي. بىلىدىغانلار جاۋاپ بەرسەڭلار. سىلەردىن ئالەمشۇمۇل مىننەتتار بولغان بۇلاتتىم. رەھمەت.
1. ماقالە يىزش ئىمتاھانىدا ئاساسىي مەزمۇنىنى ئىخچاملاپ يېزىش تەلەپ قىلىنغان باشتىكى ئىككى كىچىك ماقالىگە ماۋزۇ قويىمىزمۇ يوق؟؟ باشلىنىشنى بۇ بۆلەكنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق… دەپ باشلايمىزمۇ ياكى بۇلارنى يازمايلا ئىخچاملاشنى باشلايمىزمۇ؟
2. ئاخىرىدىكى چوڭ ماقالىنىڭ ماۋزۇسىنىڭ ئاستىغا «مۇھاكىمە ماقالىسى» دېگەننى يازىمىزمۇ يوق؟؟( دېمەكچى ژانىرىنى ئەسكەرتىمىزمۇ يوق دېمەكچى؟؟)
ئەگەر يۇقارقى سۇئاللارنىڭ ئېنىق جاۋابىنى دەپ بەرسىڭىز،گەپ يوق چۇقۇم دۆلەت مەمۇرى بۇلۇپ قالاتتىم . ياردەم قىلساڭلار قېرىنداشلىرىم. تورداشلىرىم.
رەھمەت سىلەرگە.