مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1220|ئىنكاس: 11

ئۆمرىنىسا موماي (ھېكايە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36126
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5158
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 1794 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 10:38:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆمرىنىسا موماي

ھېكايە
سەئىدە زۇنۇنۇۋا ( ئۆزبېكىستان )

ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇغۇچى : ئېرپان




نەرگىز چاچ بوغقۇچنى چىشىغا چىشلىۋېلىپ ئەينەك ئالدىدا چاچ تاراۋاتاتتى ،ئۇنىڭ سەل بۇدرە قويۇق چاچلىرى ئۇنىڭ نازۈك سەلكىسىنى ئۆراپ ئالغان ئىدى. يۈزىگە چۈشۈپ تۇرغان چاچلىرىنى بېشىنى يەڭگىل سىلكىپ كەينىگە ئاتتى. مانا ھېلىلا كەيگەن يېڭى كۆينىكىنىڭ پوتىلىرىنى تۇزەشتۇرگەچ ، كىر يۇپ ئولتۇرغان مومىسىنىڭ يېنىغا كەلدى .
-    زېرىكمۇدىڭىزمۇ موما كىر يۇيۇپ ؟ - دېدى ئۇنىڭغا قاراپ يۇمشاق كۈلۈپ – بولدى قويۇپ قويۇڭ مەن يۇۋېتىمەن .
-    بۇنى قىلمىسام بىكار ئولتۇرمەنغۇ شۇ . قايناقسۇ قاينىدى ، چاي دەملەپ بېرەيمۇ .
-    - مەن دەملەي – نەرگىز شۇنداق دەپ ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى . ئەتتىگەندىن ئۇستەلگە ئىڭىشىپ ئاللىنىمىلەرنى سىزىۋاتقان دولقۇن بېشىنى كۆتۇردى. بېلىكىدىكى سائىتىگە قارىدى ، بىرنەرسىنى ئويلاپ بىردەم تۇرۇپ قالدى، پىشانىسىنى سىلىغانچە بېرىپ رادىئونى بۇراپ ئاچتى. ئاۋازىنى ئەڭ ئاخرىغىچە  بۇرۇغان رادئىودىن  بىر مۇزىكا گۇمبۇرلەپ چىقىشقا باشلىدى.مۇزىكا ئاۋازىدىن موماينىڭ قۇلىقى پاڭ بولغۇدەك بولدى ، ئەمما نەۋرىسىگە ئاۋازنى پەس قىلغىن دېمىدى .چۈنكى بۇ شاۋۋقۇن دولقۇننىڭ دەرس تەكرار قىلىشىغا تەسىر قىلمىغاندەك قىلاتتى.  دولقۇن بەزىدە قوللىرىنى بېلىگە تېرەپ قەغەزگە تىكىلىپ قاراپ كېتەتتتى ، بەزىدە ناخشىغا جور بولۇپ ‹ بام بام ، لاي لاي ›› دەپ كېتەتتى. بىر ئىشلار بىلەن ئۇيان – بۇيان مېڭىپ يۇرگەن نەرگىزنىڭمۇ چىرايىدا تەبەسسۇم ،كۈلۈپلا تۇرىدىغان لەۋلىرىدىن ئۇنىڭ قانچىلىك خۇشال ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى . ئۇ مەكتەپتىن ھېلىلار قايتىپ كەلدى، دولقۇن ئەمدى مەكتەپكە باراتتى .  
نەرگىز ئۆي ئىشىغا چاققان ، ئىشچان قىز ئىدى . دولقۇننىڭ بازارغا چىقىپ قىلىپ كەلگەن سودىسى ئانىسىغا ياقمىغاچقا ،بازارىكى سودىنىمۇ نەرگىز ئۆزى قىلىپ كىرەتتى. ئۇ ئۆينى چىنىدەك  تۇتاتتى .يەنە يېرىم كېچىگىچە دەرس تەكرارلايتتى. ئۆمرىنىسا موماي نەۋرىسىنىڭ تىنىم تاپمايدىغانلىقىغا ، جاسارەتلىكىگە قاراپ ئۆزىنىڭ ياشلىقىنى ئەسەلەيتتى.
نەرگەز يەڭگىل قەدەملەر بىلەن كىرىپ كەلدى .
-    چاي تەييار بولدى ، قېنى چايغا چىڭىڭلار .
ئۆمرىنىسا موماي مۇزىكىنىڭ شاقۇنىدا ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمىدى . بىر قولىنى قۇلىقىنىڭ ئارقىسىغا قويدى بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ.نەرگىز رادئىونىڭ ئاۋازىنى پەسلەتتى .
-    چاي ئىچىمىز .
ئۆمرىنىسا موماي ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ باشقا ئۆيگە كىردى .كەينىدىن دولقۇنمۇ كىرىپ كەلدى.نەرگىز تاۋاقتا پاقىراپ پىشقان گۆش بىلەن كارتوشكىنى   ئۇستەل ئۇستىگە قويۇۋېتىپ ، مومىسىغا قاراپ كۈلدى :
-    رەھمەت سىزگە موما ،قورۇپ تەييار قىلىپ قويۇپتىكەنسىز  ئىسىتتىم – دېدى . ئۇ كىچىك تەخسىگە توغرالغان پىياز بىلەن تۇرۇپ ئېلىپ كەلدى ، تارتمىدىن ۋىلكا ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويدى .
ئۆمرىنىسا موماينىڭ قوسىقى ئاچمىغان بولسىمۇ بالىلارنىڭ كۆڭلىنى دەپ ئۇنىڭدىن – بۇنىدىن ئازراق يەپ ئولتۇردى. دولقۇن ھېچكىمگە قارىماي ئالدىراپ تامىقىنى يەپ بولۇپ ، قەغەزلىرىنى يېىغىشتۇرۇپ مەكتەپكە كەتتى . نەرگىز دولقۇن ئولتۇرغان جايدىكى نان ئۇۋاقلىرى ۋە قالايمىغان تاشلىۋەتكەن قول سۇرتكەن قەغەزلەرنى يىغىشتۇرۋېتىپ :
-    كۆردىڭىزمۇ ، دائىم ئۇنىڭ كەينىدىن مەن يىغۇشتۇرۇپ يۇرىمەن . تازا قالايمىغان بۇ – دېدى .
-    بولدى قوي ، ئوغۇل بالا ئەمەسمۇ .
-    لېكىن دادام ئۇنداق ئەمەسقۇ .ئۆيلەنسە خوتىنىنىڭ جېنىغا جاپاغۇ بۇ .
-    كۆرمىدىڭمۇ رەسىم سىزىشتىن باش كۆتۇرەلمەيۋاتىدۇ ، تازا چارچىغاندۇ بىچارە بالام .
-    شۇنچە بالىنى قانداق چوڭ قىلغانسىز موما ؟ - نەرگىز مومىسىنى گەپكە سېلىپ ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاشقا ئامراق ئىدى . بولۇپمۇ ياشلىقىدىكى ئىشلىرىنى ، بالىلارغا قانداق تەربىيە قىلغانلىقى ھەققىدە جىق سورايتتى. ئۇ ئاز گەپ قىلاتتى . ئۇ ئۆزبېكچىنى ئاڭلاپ ياخشى چۈشەنسىمۇ ، لېكىن سۆزلىگەندە قىينىلاتتى . ئۇ مومىسىغا چاي قۇيۇپ ئۇنىڭغا ئۇزۇتۇپ مومىسىنى يەنە گەپكە سالدى .
-    دادۇشكام سىزگە قارىشامتى ؟
-    ماڭا ياردەملىشىشكە ۋاقتى يوق ئىدى. ئۇ چاغلاردا دوختۇر ئاز ، ئەمما كېسەل كۆپ ئىدى .
-    چارچاپ كېتەرسىز ھە ؟
-    ياش چاغلاردا ھېرىپ كەتمەيتتىم .كېيىن بالىلار چوڭ بولۇپ ئۇلار قارىشىدىغان بولدى .
-    سىز پىداگوگىكا بىلمەيسىز ھە ؟ موما –ئۆمرىنىسا موماي ھەيران بولۇپ نەۋرىسىگە تىكىلىپ قاراپ قالدى .
-    چۈشەنمىدىم ، سېنىڭ دەرسىڭمۇ ئۇ ؟
-    ھە ، شۇنداق دېسەكمۇ بولىدۇ ، تەربىيە ھەققىدە، بولۇپمۇ بالىلار تەربىيىسى ھەققىدە . لېكىن بالىلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ياخشى .
ئۆمرىنىسا موماي يەڭگىل تىنىپ قويدى .
-    مەن بالىلىرىمنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنىمۇ ، باشقىلار بىلمەيدىغان يامان تەرەپلىرىنىمۇ ياخشى بىلىمەن بالام .
-    مانا دادامنى ئالساق . دادام ناھايىتى مەدەنىيەتلىك ،توغرا گەپ قىلىدۇ .يەنە ، يەنە ، نېمە دېسەم بولا – نەرگىز ئۆز ئويلىغانلىرىنى دېيىشكە گەپ تاپالماي قالغان ئىدى  - ھە ، يەنە ھالال ئادەم . سىز پىداگوگىكا بىلمەيسىز ، لېكىن سىز ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلغان . ماڭا قىززىق بىلىنىدۇ ؟
ئۆمرىنىسا موماي نەۋرىسىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ قويدى . ئۇ بىردىن خىيالغا پاتتى . ئۇ ئېرى ئاتاجاننى ئەسلەپ قالغان ئىدى.
بىر كۈنى ئوكۇل ئېلىپ يۇرگەن بىر قوشنىسى يىگىرمە سوم پۇل قالدۇرۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى .ئۇ باشتا ئېلىشقا ئۇنۇمىدى .دارىنىمۇ ئېرىم پۇلغا ئالىدىغۇ ئاخىر ،بالىلىرىم كۆپ كىچىكى چوڭلارنىڭ كىيىملىرىنى كىيىۋاتىدۇ ،كىچكلىرىگە كىيىم ئېلىپ بېرەلمەيۋاتىمىز ،كىچىككىنە بولسىمۇ بىرەر ھاجىتىمىزدىن چىقىپ قالامدىكىن دېگەن ئۆي بىلەن  ئۇ پۇلنى ئالغان ئىدى .ئېرى كەچتە ئىشتىن قايتىپ كەلدى . تاماقنى يەپ بولۇپ گېزىت كۆرۈشكە باشلىدى. بالىلارنىڭمۇ ھەممىسى ئۆيدە بولۇپ . چوڭلىرى دەرس تەييارلاپ ئولتۇراتتى. ئۇ پۇلنىڭ ئىشىنى ئېرىگە ئېيتتى ، ئېيتتى- دە بالاغا قالدى . بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاتاجاننىڭ رەڭگى ئاقىرىپ كەتتى ،لەۋلىرى قىمىرلاپ تىترەپ كەتتى . ھېچقاچان خوتۇنىغا قاتتىق گەپ قىلمايدىغان ئادەم قولىدىكى گېزىتنى پىلدىرلىتىپ ئاتتى .
-    ئۇيالمىدىڭىزمۇ ؟ ئۇ قوشنىمىزغۇ! ئادەمنى شەرمەندە قىلىپسىز . ئېرىم باي بولۇش ئۈچۈن، ئويدە  پۇل تېپىش ئۈچۈن دوختۇرلۇق قىلىپ يۇرىدۇ دەپ قالدىڭىزما ؟
ھەر ۋاقىت دادىسىنى ئېغىر – بېسىق ، سىپايە ھالىتىدە كۆرۈپ ئادەتلەنگەن بالىلارنىڭ رەڭگى ئۆچۈپ ،تەنلىرى جۇغۇلداپ كېتىشتى. ئۇ يىگىرمە سوم پۇلنى ئېلىپ ئوغلى شەرىفنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى .
-    ماڭ ، بۇ پۇلنى ئاپىرىپ بەر .
شەرىف بىر دادىسىغا ، بىر بېشىنى ئىگىپ تۇرغان ئاپىسىغا قاراپ –قاراپ پۇلنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئەنە ئاشۇ شەرىف مانا بۇ نەرگىزنىڭ دادىسى .ئەنە شۇنداق مۇھىتتا ئۆسكەن ،ئاشۇنداق مۇئامىلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن  كۆرۇپ چوڭ بولغان بالىنىڭ ناننى ھالاللاپ يەيدىغان بالا بولماسلىقى مۇمكىنمۇ ؟ ئەنە شۇلارنى ئويلىغان موماي بۇنى نەۋرىسىگە قانداق چۈشەندۇرۇشنى بىلمەي تۇرۇپ قالغان ئىدى .
موماي ئوغلى شەرىفنى ئويلىغاندا ئۇنىڭدىن رازى بولغان ھالدا مەمنۇنلۇق بىلەن ئۇلۇق تىندى . شەرىفنىڭ قىلىۋاتقان ئىشى تولىمۇ ساۋاپلىق ئىش ئىدى . ئۇ گېزىتتە ئىشلەيتتى ،كۆپ ۋاقتى كاماندۇرۇپكىدا ئۆتەتتى. ئۇ ئوبلاستنىڭ بۇلۇڭ – پۇشقاقلىرىغىچە ياخشى بىلەتتى. ئۇنىڭ قەلىمى بىلەن ياخشىلار ئەلگە تونۇلسا ، يامانلار شەرمەندە بولاتتى .ئۇ قايتىپ كەلسە
نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئىسىملىرىنى بىلىپ كېلەتتى ،ياخشى كىشىلەر ھەققىدە ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ئۇلار ھەققىدە سۆزلەپ بېرەتتى .ئۆمرىنىسا موماي قولىغا گېزىت چىقسىلا كۆز ئەينىكى تاقىۋېلىپ ئوغلىنىڭ ئىسمىنى ، فەمىلىسىنى ئىزدەيتتى .ئىسمىنى كۆرۈپ قالسا ئىسىمغا ئۇزاققىچە تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى،ئىسىمنى قوللىرى بىلەن سىلاپ كېتەتتى .ئوغلىنى نۇرغۇن كىشىلەر تونۇيتتى، تونىمايدىغانلار بولسىمۇ ئۇنىڭ ئىسمىنى بولسىمۇ ئاڭلىغان بولاتتى.ئانىنىڭ ئەڭ چوڭ بەختى مانا مۇشۇ ئىدى.
كېلىنى سۇلتانخانمۇ ناھايىتى ياخشى ئايال ئىدى. ئۇ چوڭ بىر مەكتەپنىڭ مەسئۇلى ئىدى . كېلىنى ناھايىتى كەمتەر ،مېھرىبان ئايال ،يولدىشىنى بەك ئەتىۋارلايتتى .شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆمرىنىسا موماي كېلىنىنى بەك ياخشى كۆرەتتى.ئوغلىنىڭ خاتىرجەم ،خۇشال يۇرۇشىنى كېلىنىنىڭ ياخشىلىقىدىن دەپ بىلەتتى . بالىلىرى ھەم يامان ئەمەس . لېكىن بەزى ئىشلار ئۇنىڭغا ياقمايتتى. بازارغا نەرگىز ئەمەس ، دولقۇن بېرىشى كېرەك دەپ ئويلايتتى .ئەر كىشى سودا قىلىشنى ئۆگۈنىشى كېرەك ، نەرسە كېرەك سېتىۋېلىپ ئۇنى كۆتۈرۈپ ئەكىرىشكە ئوغۇل بالىنىڭ كۈچى يېتىدۇ دەپ قارايتتى .ئۇندىن باشقا ، مومىلىرى ئۆيدە بولمىسا نەرگىز ئۇكىسى بىلەن ئۆزبېكچە سۆزلەشمەيتتى. نەرگىز چىنە –قاچىلارنى يۇيۇپ بولۇپ ئۆيگە كىردى .
-    نېمە ئويلاپ كەتتىڭىز ؟ بوۋام ئېسڭىزگە كېلىپ قالدىما ؟ - دېدى نەرگىز چاقچاق قىلىپ .
نەۋرىسى توغرا ئېيتقان ئىدى . ئەتە پەيشەنبە ئۆيگە بېرىپ چىراق يېقىپ قويۇش كېرەك .
-    موما كەچۇرۇڭ . نىمە تاماق ئېتەيلى .
-    بىلمىدىم بالام .
-    تېخى تاماققا بالدۇر ئىكەن . مەن كىيىملەرگە دەزمال سېلىۋېتەي ، ئاندىن تاماق قىلارمەن .
-    تاماقنى مەن قىلاي .
-    بولدى ، سىز دەم ئېلىپ ئولتۇرۇۋېرىڭ ، مەن قىلىمەن .سىز كېتىمەن دەپ تۇرۇۋالمىسىڭىزلا بولدى .
نەرگىز دوۋىلەپ قويۇلغان كىيىملەرنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى .بىردەمدىن كېيىن ئۇنىڭ ئاۋازى بالكوندىن ئاڭلاندى .
-    موما بۇ ياققا چىقىڭ ، يېنىمدا ئولتۇرۇڭە – ئۆمرىنىسا موماي ئورنىدىن تۇرۇپ رومالىنى تۇزەتكىنىچە نەۋرىسىنىڭ يېنىغا چىقتى. ئۇ نەرگىزنى ياخشى كۆرەتتى . ئۆزى يالغۇز قالغانلىرىدا زېرىكىپ قالاتتى . نەۋرىسى ئىشنىپ ئۇنىڭغا يۈرەك سىرلىرىنى ئېيتاتتى ،سىنىپىدىكى بىر يىگىتنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى قىزىرىپ تۇرۇپ ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. ئۆزىنىڭ ئۇ يىگىتنى ياخشى كۆرۈدىغان – كۆرمەيدىغانلىقىنى دېمىگەن بولسىمۇ كۆزلىرىنىڭ يېنىپ ، پارلاپ تۇرۇشىدىن موماي ئۇنىڭ كۆڭۇل مايىللىقىنى بىلىپ بولغان ئىدى.
-    ئانىسى بار ، ئەمما دادىسى ئۇرۇشقا كېتىپ قايتىپ كېلەلمەپتۇ – دېگەن ئىدى نەرگىز – ئاچىسىنى بىر ئامال قىلىپ توي قىلىپتۇ .ئوقۇشنى تۇگۇتۇپ ئىشلەپ پۇل تېپىپ توي قىلايلى دەيدۇ .ھەممىنى ئۆزىمىز ئىشلەپ تېپىپ ئالىمىز . مانا ئاپام بىلەن داداممۇ ھەممىنى ئۆزلىرى ئاپتىكەنغۇ .قانداق دېدىم موما ؟
مومىسى نەۋرىسىنىڭ يەلكىسىنى مېھرى بىلەن سىلاپ تۇرۇپ شۇنداق دېگەن ئىدى.
-    كىم باي بىلەمسەن قىزىم ؟
نەرگىز يەلكىسىنى قىستى .
-    بىر – بىرىنى ياخشى كۆرۈپ بىر ئۆيدە بىر – بىرىنى مېھماندەك ئىززەت قىلىپ ئۆتۇدىغانلار باي .كىم بەختسىز ؟ ئۆيىدە جەڭگە – جىدەل بىلەن ئۆتۇدىغانلار بەختسىز .
نەرگىز مومىسىدىن سۆيۇنۇپ ئۇنى قۇچاقلاپ كەتكەن ئىدى .
-    زامانىۋىي موماي -دە سىز موما .بۇ زاماندا ياشاپ تۇرۇپمۇ ئون بەشىنچى ئەسىردە ياشايدىغانلارمۇ بار .
-    ئۇنداق دېمە ، بالام .ھەممە زاماندا ياخشىلارمۇ ياشىغان ، يامانلارمۇ ھەم . بۇ دۇنيانىڭ تېنچلىقى ياخشىلارنىڭ شاراپىتىدىندۇر ،بالام .
-    شۇنى دەۋەتىمەن شۇ . ئەمما ئاپامغا دېيەلمەيمەن ،ئۇنىڭ ئىشى ئالدىراش . كېيىن دەي ھازىرلا خىيالغا سەپ قويماي دەيمەن .
موماي نەۋرىسىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ شۇلارنى خىيالدىن ئۆتكۈزدى.نەرگىز كىيىملەرگە سۇ پۇرگۇگەچ مومىسىنىڭ خىيالنى بىلىپ قالغاندەك سۆزلەشكە باشلىدى.
-    موما ، بىلەمسىز ،مەن ئاپىسىنى كۆردۇم
موماي كىمنىڭ ئاپىسىنى دەۋاتقانلىقىنى دەرھال بايقىدى.
-    ئۇنىڭ بىلەن بىللە كېتىۋېتىپتىكەن يىراقتىن كۆرۈپ قالدىم . كورۇنىشىدىن خېلى ئوڭلۇق ئايالدەك قىلىدۇ .
-    ئوغلى ياخشى بولسا . ئانىسىمۇ ياخشى بولىدۇ – دە ، بالام.
-    رەسىمىمنى ئۆيىگە قويۇپ قويۇپتىمىش . رەسىمىم يېقىپتۇ .ئۆزەم ئاپىسىغا ياقارمەنمۇ ؟ - نەرگىز شۇنداق دېگىنىچە ئۆزىنىڭ گېپىدىن قاقاقلاپ  كەتتى. ئۇنىڭ يۈزىگە قىزىللىق يۇگۇرگەن ئىدى.
-    ئۆزەڭ چوقۇم ياقىسەن ، بالام .
-    موما سىز ھەر دائىم ئادەمنى خۇش قىلىدىغان ياخشى گەپلەرنى قىلىسىز جۇمۇ.
موماي ئايىقى ئاستىدا تۇرغان بىر ۋاراقنى ئېلىپ ئۇنىڭ خەتلىرىگە قاراشقا باشلىدى .
-    كۆزۈم كۆرمىدى ،نىمە ئىكەن بۇ، ئوقۇپ بەرگىنە ماڭا . داداڭنىڭ خېتىدەك تۇرىدۇ،مۇھىم بىر نەرسە بولمىسۇن يەنە .
نەرگىز دەزمالنى قويۇپ قەغەزنى قولىغا ئالدى.ئۇ قاشلىرىنى يىمىرىپ قەغەزگە بىردەم قاراپ تۇردى –دە ، مومىسىغا قايتۇرۇپ بەردى .
-    چۈشەنمىدىم ، يېزا باشلىقى ، دارامەت دەمدۇ ، يەنە بىرمۇنچە نەرسىلەر باركەن .دادامنىڭ گېزىتكە يازغان نەرسىسىدەك قىلىدۇ .
ئۆمرىنىسا موماينىڭ يۈرىكى ئېچىشقاندەك بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ كۆڭلىنى خىرە قىلغان نەرسىنىلەرنىڭ بىرى دەل مۇشۇ ئىدى. پىداگوكىكا دېگەن دەرسىدە بۇ ھەققىدە دېمەمدىغاندۇ .
-    بىلەمسەن – دېدى موماي ئويچانلىق بىلەن – سەن قېينىئاناڭغا ھەم ياقماسلىقىڭ مۇمكىن .دەزمالنى كۆتەر .كۆيدۇرىسەن .
مومىسىنىڭ گېپىدىن ھاڭ –تاڭ بولغان نەرگىز  ئالدىراپ دەزمالنى كىيىم ئۇستىدىن ئالدى .
-    بىردەمدە ئەمدى بۇ گەپنى قىلدىڭىزغۇ ؟ - دېدى ئۇ ھەيران بولۇپ .
-    سېنى كىم بېقىپ چوڭ قىلدى ؟
ھېچنەرسىنى چۈشۈنەلمىگەن نەرگىز
-    دادام بىلەن ئاپام – دېدى كۆزلىرىنى پاقىرتىپ.
-    قانداق قىلىپ ، نىمە بىلەن باقتى سىلەرنى ؟
-    موما ، سىز زادى نىمە دېمەكچى ؟
-    ماڭا جاۋاپ بەر .
-    ئىشلەپ باقتى –دە ، ئەلبەتتە
-    داداڭنىڭ تېپىپ كەلگەن نېنىنى يەيسەن ، ئېلىپ كەلگەن كىيىمىنى كىيىىسەن . لېكىن قانداق قىلىپ بۇ پۇللارنى تاپتى،نىمىلەر يېزىپ تاپتى، بۇلار سېنى قىزىقتۇرمايدۇ ، شۇنداقمۇ؟ سەن داداڭنىڭ نىمە يازغانلىقىنى بىلمەيسەن ،ئەمما ئۇنىڭ پۇلى ياخشى شۇنداقمۇ ؟ بۇلاردىن ئۇيالمامسەن بالام ؟ ئۇكاڭ بولسا سەندىمۇ بەتتەر .
-    ۋاي –ۋۇي موما ، ئاساسەن چۈشۈنىمەن ، ئەمما قىيىندا چۈشۈنىمەن .
-      ئون تىلنى بىل . مەيلى بىلىۋەر .سېنى بېقىۋاتقان تىلنى بىلمىسەڭ –ھە ! ئادەممۇ سەن ؟ ئەگەر قېينى ئاناڭ مېنىڭ كۆڭلۇمدىكىدەك ئايال بولسا ، بالام بېرىڭ ،ئەۋۋەل ئانىڭىزنىڭ تىلىنى ئۆگۇنۇپ كېلىڭ دەيدۇ .
نەرگىز گەپ تاپالماي تىنماي‹‹ ۋاي موما ›› دەيتتى.
-    ئەگەر بوۋاڭ بولغان بولسا مۇشۇ ئىشىڭ ئۈچۈن سېنى نىمە قىلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن . بالىلىق بولساڭ ئۆزەڭ بىلمەيدىغان تىلنى ئۇلارغا قانداق ئۆگۈتىسەن .بالىلىرىڭ مەكتەپتە ئۆزبېكچىدىن ئىككى نومۇر ئالامدا ؟
ئۆمرىنىسا موماينىڭ شۇنداق ئاچچىقى كەلگەن ئىدىكى ، ھەتتا نەرگىزنى گەپ قىلىشقىمۇ قويماي،ئۇنى قاتتىق سىلكىشلىۋەتتى .نەرگىز غەلىتە بولۇپ ،ئوڭايسىز ھالغا چۈشۈپ قالدى .سۆيۈملۈك مومىسى ھېچقاچان ئۇنى بۇنداق سەتلەپ باققىنى يوق ئىدى.
-    توۋۋە قىلدىم موما ،ئۇنچىلىكمۇ بىلمەيدىغان دەرىجىدە ئەمەسقۇ .
موماي قەغەزنى سىلىپ – سىپاپ تۈزلىدى ، ئۇنى ياخشىلاپ ئىككى قاتلىدى ،قەغەزدىن كۆزىنى ئۈزمەي ، قەغەزنى ئوغلىنىڭ ئۇستىلى ئۇستىگە قويۇپ قويغىلى چىقىپ كەتتى .
ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلىدى ، نەرگىز يۇگرەپ بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى . سۇلتانخان ئىكەن ..
-    نىمانچە قىزىرىپ كەتتىىڭ ؟
-    دەزمال سېلىۋاتقان ئىدىم
نەرگىزگە زەڭ قاراپ تۇرغان موماي كېلىنىگە قارىدى.
-    قايتىپ كەلدىڭىزمۇ ، بالام؟
-    زېرىكمەي ئولتۇردىڭىزمۇ ؟ ھېلىمۇ ياخشى نەرگىز بار ئىكەن.سىز بولسىڭىز نەرگىزنىڭمۇ ئۆيدىن چىققۇسى كەلمەيدۇ .
-    ئەمدى ئۆيگە كىرگۇسى كەلمەي قالامىكىن ؟
-    نىمىشقا ؟ - سۇلتانخان ھەيران بولۇپ ئىككىسىگە قارىدى .
-    قويسىڭىزچۇ موما ، ئۇنداق ئىش يوق – نەرگىز كۈلۈپ قويۇپ بالكونغا چىقىپ كەتتى .
ئۆزىگە سۇئال نەرىزى بىلەن قاراپ تۇرغان سۇلتانخانغا :
-    ئازراق ئۇرۇشتۇم ئۇنىڭ بىلەن – دېدى كۈلۈپ .كېلىنىمۇ كۈلۈپ قويدى .
كەچقۇتۇن تاماق ۋاقتىدا نەرگىز مومىسىغا قاراپ – قاراپ قوياتتى ، بەزىدە نىمىنىدۇر ئويلاپ ئويغا پاتاتتى .ئۆمرىنىسا موماي نەۋرىسىنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى سېزىپ تۇراتتى ، ئۇنىڭغا قاتتىقىراق تەككەنلىكىنىمۇ ھەم چۈشۈنۈپ تۇراتتى.دولقۇنمۇ مەكتەپتىن قايتىپ كەلدى . قوللىرىنى يۇيۇپ تاماق ئۇستىلىگە كېلىپ :
-    Xxx    ( بۇ يەردە رۇسچە سۆزلەيدۇ ، مەنىسىنى بىلمىگەچكە مۇشۇنداق ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇم  ، كەچۇرۇڭلار) -دېدى . نەرگىز چۆچۈپ مومىسىغا قارىدى.
-    چىق ماڭ ، تاماقنى ئاشخانىغا چىقىپ يە .چىق دەۋاتىمەن ساڭا – دولقۇن خالىمىغاندەك ئورنىدىن تۇردى .
-    - شەرىفجان قاچان كېلىدۇ ؟
سۇلتانخان قېينىئانىسىغا چاي سۇنغاچ :
-    زېرىكىپ قالدىڭىزمۇ ؟ - دېدى كۈلۈپ . ئۇ قېينىئانىسىنىڭ مىجەزىنى ياخشى بىلەتتى .ئەتە ھېچقانداق بىر كۈچنىڭ ئۇنى بۇ يەردە ئېلىپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۆمرىنى ، مېھرىنى ھەم مېھنىتىنى بالىلىرىغا ئاتا قىلغان بۇ موماي ،ئاشۇ جىمجىت ئۆيىدە بىر كۈن بولسىمۇ سىردىشىپ ،ئۆچكەن خاتىرىلەر بىلەن ئۇ ئۆيگە چىراق يېقىپ كېلىشنى ھېچقاچان توختۇتۇپ قويغان ئەمەس . ئۇنى چارچاشتىن توسۇپ قالغان كۈچ ئەنە شۇ بولسا كېرەك .
ئۆمرىنىسا موماي ھازىر شۇنى ئويلايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.ھەممە نەرسىگە ئېتىقات كېرەك . ئەل – يۇرتقىمۇ ، مۇھەببەتكىمۇ ، ئائىلىگىمۇ ،تىلغا ھەتتا سۆزگىمۇ ئېتىقاد قىلىش كېرەك دەپ قارايتتى . ئېتىقات قىلمىغان نەرسە خاراپ بولىدۇ .ئۇ نەۋرىسىنىڭ دىلىنى ئاغرىتتى ،لېكىن نەۋرىسى ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەندىمىكىن ...
پەرزەنتىنىڭ ياخشى ، يامىنىنى ھېچكىم ئانىسىدەك چۈشەنمەيدۇ . لېكىن ئۇ بۇلارنى ھەممە كىشىگە ئېيتىپ يۇرمەيدۇ .بالىلىرىنىڭ كۆڭلى كۆتۇرمىگەن قىلىقلىرىنى تۇزۇتەلمىسە پىنھانىي دەرت چېكىدۇ .ئۆمرىنىسا موماي مانا ھازىر شۇنداق ئەھۋالدا ئىدى. ئۇ نەۋرىلىرىنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى ،بەختلىك بولىشىنى ،ھەممە كىشىنىڭ ئۇلارغا ھەۋەس بىلەن قارىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى .



تەرجىمە مەنبە : ئۆزبېكچە ئەدەبىيات تور بېكىتى




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   eerpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-29 10:45 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79446
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3053
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2012-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 12:09:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھېكايە بەك ئۇبدان يېزېلېپتۇ ...توغرا ھەرقانداق ئادەم ئۆز تېلېنې ئۇنتۇپ قالماسلېقې كېرەك

♥LOVE✿KEY♥

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29588
يازما سانى: 682
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7734
تۆھپە نۇمۇرى: 695
توردا: 634 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 12:34:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋايجان ئوقۇپ بولالماي بىشىم قىيىپ كەتتى................ يىرىمىغا كىلىپ توختاپ قالدىم
ياخشى يىزىلغان ئەسەركەن

گۈل قانچىكى چىرايلىق بولسا ، بولبۇلنىڭ ھەسرەت -پىغانىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30164
يازما سانى: 694
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6695
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 3505 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 12:42:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«ئون تىلنى بىل . مەيلى بىلىۋەر .سېنى بېقىۋاتقان تىلنى بىلمىسەڭ –ھە ! ئادەممۇ سەن ؟ ئەگەر قېينى ئاناڭ مېنىڭ كۆڭلۇمدىكىدەك ئايال بولسا ، بالام بېرىڭ ،ئەۋۋەل ئانىڭىزنىڭ تىلىنى ئۆگۇنۇپ كېلىڭ دەيدۇ .»
نىمە دىگەن ئىسىل سۆزلەر بۇ   

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78133
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3012
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2012-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 01:22:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرجىمىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ ، ئەتراپىمىزدىكى بالىلىرىغا ئۆز ئانا تىلىنىمۇ ياخشى بىلدۇرمەي تۇرۇپ يات تىلدا تەربىيلەۋاتقان، ھەتتا ئائىلىدە ئۆزلىرىمۇ ئانا تىلدا سۆزلەشمەيدىغان ئاتا-ئانىلار كۆرۇپ تەربىيە ئالغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45909
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3198
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2011-6-28
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 01:23:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرجىمىدىكى ئىشلەتكەن سۆزلىرىڭىز ناھايىتى چۈشىنىشلىك ، ئىملا خاتالىقىدىن ساقلانغان ئىكەن ، تىرىشىڭ .

يۇلتۇزجان تور ئويۇنلىرى،سالون نامى : Yultuzjan

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32319
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3727 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 01:53:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
@tulpar@ يوللىغان ۋاقتى  2012-4-29 12:34 PM
ۋايجان ئوقۇپ بولالماي بىشىم قىيىپ كەتتى................ يىرىم ...

بىشىڭىز قىيپ يىرىمىدا توختاپ قاپسىز  ، شۇنداقتىمۇ ياخشى يىزىلغىنىنى بىلىۋاپسىز - ھە ؟ ( چاخچاق )

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78784
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3070
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2012-4-13
ئاخىرقى: 2014-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 02:08:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارمىزدىكى 57- مىللەتلەر ئوقۇپ قويسا بولغۇدەك، ‹يىرىم چىلەك سۇ شالاقشىيدۇ› دىگەندەك كىچىككىنام بىرنىمە بىلۋىلىپ ئانا تىلنى قايرىپ قويدىغانلا ياخشى ئوقۇپ قويۇڭلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79246
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3605
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2012-4-23
ئاخىرقى: 2013-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 02:45:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇدۇنيا غەپلەپ ۋە بىپەرۋالىق زامانى ئەمەس، بەلكى ئويغۇنىش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79451
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3180
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 03:10:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئوقوشقائەرزىيدىكەن قالتىس

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش