مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 22109|ئىنكاس: 259

«كروران گۈزىلى» بىولوگىيەلىك قورالدا شەھىد بولغانمۇ؟...   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77920
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4051
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2012-3-25
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 10:35:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم



«كروران گۈزىلى» بىولوگىيەلىك قورالدا  شەھىدبولغانمۇ؟...



يۇقارقى سۇئالنى ئەتراپلىق بايان قىلىش ئۈچۈن، تۆۋەندەبۇ تىمىدا 2 جەھەتتىن قاراشلىرىمنى بايان قىلىمەن:


1-  «كروران گۈزىلى» دەپ ئاتالغان جەسەتنى «كروران گۈزىلى» دەپ ئاتاش توغرىمۇ؟


2-  «كروران گۈزىلى» دەپ ئاتالغان جەسەتتىن چىققان پىت نەدىن كەلگەن؟ .



بۇ تىمىدا ئەتراپلىق ۋە قايىل قىلارلىق سۆز يۈرگۈزۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن «كروران » ۋە« كۆنچى »ناملىرى ھەققىدە ئوچۇقلىما بىرىش بەكمۇ زۆرۈردۇر.


لوپنۇر كۆلىنىڭ بويىغا جايلاشقان قەدىم « كورئوران» شەھرى ،سىۋىن ھىدىننىڭ «كروران»  دەپ تەلەپپۇز قىلىشىدىن2230يىللار بۇرۇندىن باشلاپ «كور ئوران» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان،ھالبۇكى  بۇ شەھەر «كور ئوران» دەپ ئاتىلىشتىنمۇ بۇرۇنقى يىراقدەۋرلەردە  ، كۆنچى دەرياسى ۋادىسىدا ياشىغان ئەجدادىمىز تەرىپىدىن «شەھرى سونچى» دەپ ئاتالغان.

«سونچى» سۆزى ئۇزۇن يىللىق تەلەپپۇز تارىخىدا «سونچى←سانچى←شانچۇ»، «سونچى←چونچى←كۆنچى»،

«سونچى←چونچى←چويچى←چورچى←چەرچى»تەلەپپۇزىدا  بىزگە يەتكەن بولۇپ، مەنىسى« كۆلنىڭ شىمالى» ياكى «تاتلارنىڭ شىمالى قەبىلىسى»دىگەنلىكتۇر، بۇ نام ئۇيغۇرلارنىڭ 4-قەبىلىسى بولغان «دورت←تورت←تۆت←تات»لەرنىڭ نامىدىن كەلگەن، بۈگۈنكى «تىتىما كۆلى» دەپ ئاتالغان قەدىم « تۆت مۇر» كۆلى ۋادىسىدا، قەدىمدىن بۇيان ئۇيغۇلارنىڭ4-قەبىلىسى ياشايتتى، شۇڭا بۇلارنىڭ مىللىي نەسەبى«تات»لار دەپ ئاتالغان، «تاتسىز تۈرك بولماس، باشسىز بۆرك بولماس» ماقالى شۇندىن قالغان بولۇپ،تىتىمۇر سۆزى بىزگە «تورتمۇر←توتمۇر←توتىمۇر←تىتىمۇر »تەلەپپۇزىدا يەتكەن . چەرچەندىكى «تاتىراڭ »نامىدىكى «تات»، ۋەتارىختىكى« تاتار» نامىدىكى«تات» ھەمدە كۆرلىدىكى« چارچى»،«چارچەن »نامىدىكى«چار» سۆزلىرى 4 نى بىلدۈرۈش مەناسىدا تات-تۆت سۆزلىرىگە يىلتىزداش ئىدى.


خوش، ئۇنداقتانىمە سەۋەپتىن سونچى شەھرىنىڭ نامى كور ئوران نامىغا ئالمىشىپ قالغان؟....



ئەلقىسسە، قەدىم جوڭگو تارىخىدا« ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرى»دەپ ناملانغان زامانلاردا،ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكئەتراپلىرىدىكى يات قەۋملەرنى نىشان قىلغان، ئاساسلىقى چىن بەگلىكى تەرىپىدىنگەۋدىلىك ئىلىپ بىرىلغان،باشقا  6بەگلىككەقارىتىلغان زىمىن كىڭەيتىش مەقسىتىدىكى 182 يىلغا سوزۇلغان ئىچكى ئۇرۇش بولدى.

شۇ زامانلاردا ، ئۇرۇشخۇمار چىن بەگلىكى ۋىيخى دەرياسى ۋادىلىرىنى ماكان قىلغان ۋىي بەگلىگىگە شىددەتلىك قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى ئىلىپ بىرىپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى328-يىلى ۋىي بەگلىگىنى ھالاك قىلغان، ئەنە شۇ قىرغىنچىلىقلار نەتىجىسىدە ، باشقا6 بەگلىك ھالاك بولۇپ چىن بەگلىكى جۇڭگودا چىن سۇلالىسىنى قۇردى.

ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر زامانىدا ۋىي بەگلىكىنىڭ ئەسكىرى 700مىڭ، نوپۇسى 3-4 مىليون ئىدى.

چى دۆلىتىنىڭ ۋەزىرى گۇەنجوڭ بو فامىلىلىكلەرنىڭ 300 قەلئەسىنى تارتىۋالغان ئىدى.

تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى340-يىلىدىن سەل بۇرۇنقى زامانلاردا، چىن بەگلىكىنىڭ رەھىمسىزلەرچە ئىرقىي تازىلاشلىرىدا، قورقۇنۇچتا قالغان ۋىي بەگلىكى پۇقرالىرى، تىنچ ياشاش ماكانى ئىزلەپ مىلادىدىن بۇرۇنقى340-يىلىئەتراپىدا شەرققە ۋە غەرپكە كۆچكەن، شەرققە كۆچكەنلىرى پايتەختىنى بۈگۈنكى خىنەن ئۆلكىسىنىڭ كەيفىڭ شەھرىگە كۆچۈرگەن، غەرپكە كۆچكەنلىرىنىڭ بىر قىسمى بۈگۈنكى بوتان ۋە تىبەتلەر بولۇپ، ئۇلار قەدىمقى «بو» قەۋمىنىڭ ئەۋلادى بولغاچقا بۈگۈنگىچە مىللىي نامىنى «بو» لار دەپ ئاتايدۇ.

تىبەتتىكى« بو » لارنىڭ بىر پىرقىسى «بوچاڭ»لار بولۇپ، «بوچاڭ» نامى قىسقىراپ ،تىبەتلەردە «بو»، خەنزۇلاردا «چاڭ» دەپ ئاتالغان، بوچاڭ نامى يەنە «بوچاڭ-چاڭبو-چاڭبا-كاڭبا» دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىنغان. بۈگۈنكى

« زاڭزۇ » دەپ ئاتالغان مىللەتنىڭ خەلقئارالىق نامى بولغان «تىبەت» نامىنى ئۇلارغا،  ئۇلار بۈگۈنگىچە ئولتۇرۇۋاتقان زىمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇر تۇرانىيلار قويغان بولۇپ ، «تىبەت» سۆزىنىڭ مەنىسى

« تەب ئۆت-ئىسسىق تەرەپكە-جەنۇپقا ئۆتۈپ كەتكەنلەر »دىگەن مەنادىكى ساپ ئۇيغۇرچە نامدۇر، بۈگۈنكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «تەب ئۆتۈپكەتتى»،«تەۋىڭىز قانداقراق»، « تاۋىم يوق» ، «تونۇرنىڭ داپ خانىسى»،«ئوتنىڭ تەپتى»سۆزلىرىدىكى «تەب» ئىبارىسى، تىلىمىزدا «ئىسسىق» مەناسىدا ئىستىمال قىلىنىدۇ .«ئۆت»سۆزىنىڭ مەنىسى « ئۆتمەك، كەتمەك»دىگەن بولغاي، شۇنىڭدەك «تاڭغۇت» دىمەكمۇ ئۇيغۇرلاردىن تاڭغا-شەرققە كەتكەنلەرنىڭ كۆچمەن نامى بولغان «تاڭ غا ئۆت» سۆزىدىن پەيدا بولغان قىسقارتىلما نامدۇر، شۇڭىمۇ مەھمۇت قەشقەرى تاڭغۇتلارنى تۈركي قەبىلە ھىساپلىغان ئىدى .

مىلادىدىن بۇرۇنقى 328-يىلى چىن بەگلىكى ۋىيخى دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ۋىي بەگلىكىدىكى «بوتان،بوچاڭ،ئوران-ئۇيان-بۇيان-مۇران » ناملاردا ئاتىلىدىغان« بو» قەۋمىنىڭ تارىختا ياشاپ كەلگەن ئانا ماكانىنىپۈتۈنلەي ئۆزىگە قوشۇۋالدى. چىن بەگلىكى زامانلىرىدا «بو» لار ياكى« روڭ»لار دەپ ئاتالغان « بوتان-بوچان-نوپچان ياكى ئۇيان-ئۇران»قەۋملىرىنىڭ بىر قىسمى،مىلادىدىن بۇرۇنقى 340-يىللىرىدىن سەل بۇرۇنقى چىن بەگلىكى تەرىپىدىن ئىلىپ بىرىلغان دەھشەتلىك قىرغىنچىلىقتا ، تارىم ۋادىسىغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان، ئەنە شۇ قەۋم «تاتمۇر» كۆلىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان سونچى قەدىمى شەھرىنى بويسۇندۇرۇپ، ئۆز نامىدا «كور ئوران» دەپ  ئاتىدى،«كور ئوران» نىڭ مەنىسى «غەربى ئوران »دىمەكتۇر، «ئوران» دىمەك خەنزۇچە قەدىم يازمىلاردىكى «روڭ» دىگەنلەر جۈملىسىدىندۇر. شۇنىسى ئىنىقكى، قەدىم تۇركىي قەۋملەرنىڭ يىزىق  ئادىتىدە سۆزنىڭ بىرىنچى بوغۇمىدا كەلگەن سوزۇق تاۋۇش يىزىقتا ئىپادىلەنمەيتتى، خۇددى بۈگۈنكى ئەرەپ تىلىدا يىزىقتا سوزۇق تاۋۇش مەخسۇس ھەرپ بىلەن يىزىلمىغىنىدەكلا.  شۇڭا«كوروران» دىگەن خەتنى سىۋىن ھىدىنچە «كروران» دەپ ئەمەس، بەلكى ئالتاي تىللىرى يىزىق ئادىتى بويىچە « كور ئوران» دەپ ئوقۇش، تارىخى چىنلىققا ۋە يىزىق ئادەتلىرىمىزگە ماس كىلىدىغان ئىلمىيلىكتۇر .

سونچى شەھرى ئاھالىلىرى شۇ قىتىمقى قىرغىنچىلىقتا ئانا ماكانىنى تاشلاپ تۆت تەرەپكە كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بۈگۈنكى سانجى ئوبلاستىغا نام بولغان «سونچى» نامىنى شۇ جايغا يىڭى نام قىلىپ قويغان سونچىلار  بولۇپ، سونچىلار ئانا ماكانىنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن بۇ ۋادىدىكى دەرياغا « تورت ئون» دەرياسى دەم ئىسىم قويغان، «تورتۇن » دىمەك« تات-توت لەرنىڭ سۈيى» دىمەكتۇر، «تورت ئۇن» سۆزى تارىختا

«دورد ئۇن←توردۇن←تۇ دۇن»،

« دوردئۇن←تورت ئون←تورتمون←تورتمۇي←تورتمۇر←توتىمۇر←تىتىمۇر←تىتىما»

  ۋە « دورد ئۇن←تورت ئون←تورت مون←تورت مۇي←تورتمۇر←توتىمۇر ←تاتىمۇر←تاتابۇر←تاتابى←چاتابى←كاتابى←قۇتۇبى» تەلەپپۇزلىرىدا بىزگە يەتكەن.

قەدىمدە «تىش» دىگەن سۆزنى بۈگۈن «چىش» دىگەندەك،قەدىمدە «ساچ» دىگەن سۆزنى بۈگۈندە «چاچ» دىگەندەك ، ۋە بۈگۈنكى تىلىمىزدا «سىزكىم» دىگەننى «سىز چىم»مۇ دىگەندەك يۇقارقى «تورت ئون» نامى شۇنداق تەلەپپۇزئۆزگۈرىشلىرىدە بىزگە يەتكەندۇر، سونچىلەرنىڭ بىر قىسمى بۈگۈنكى قۇتۇبى ناھىيەسىدە بولۇپ،«قۇت» دىمەك« توت» دىمەكتىن پەيدا بولغان سۆز بولۇپ ، بۇ سۆزمۇ «دورد←تورت← توت←چوت← كوت←قۇت» تەلەپپۇزىدا بىزگە يەتكەن.

سونچىلەرنىڭ  بىر قىسمى غەرپكە كۆچۈپ ،بۈگۈنكى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىنىڭ سانجۇ يىزىسىغا ماكانلاشقان، سونچىلارنىڭ يەنە بىرقىسمى بۈگۈنكى چارقىلىق ناھىيەسىگە ماكانلاشقان بولۇپ، تۈركى تىللار دىۋانىدىكى دۇنيا نىڭ تۇنجى يۇمىلاق خەرىتىسىدە ،بۈگۈنكى چارقىلىق ئورنىدا« شانچۇ » دىگەن شەھەر نامىنىڭ يىزىقتا خاتىرلىنىشى شۇ سەۋەپتىندۇر، «شانچۇ»نىڭ «چارقىلىق»قا ئالمىشىشىنى كىيىنچە باشقا تىما ئاستىدا بايان قىلغۇم، ئىنشائاللاھ.

سونچىلارنىڭ يەنە بىر قىسمى بارچۇق ئارت تىكىن بىلەن بىرگە چىڭگىزخان قوشۇنىدا ئۇرۇشقا قاتناشقان«تاتار»نامى ئاستىدىكى سونچىلەردۇر، چىچەنلەر بولسا بۈگۈنكى تۇرپان ۋىلايىتىگە سونچى شەھرىدىن كۆچۈپ كەلگەنلەردىن بولۇپ، تۇرپاندىكى چىچانخۇ دەپ ئاتالغان يۇرت نامى چىچانغار-چىچەنلەرنىڭ غەربى قەبىلىسى دىمەكتۇر. چونچى لار چىڭگىزخان قوشۇنىدا ئۇرۇشقا قاتناشقان سونچىلەرنىڭ ئەۋلادى ئىدى،سونچى نامى كىيىنچە« سونچى←چى سون←چىچۇن←چىچەن » دىگەن تەلەپپۇزلاردا ئاتالغان بولۇپ، بۈگۈنكى رۇسىيە فىدىراتسىيەسى تەۋەسىدىكى چىچىنىيە جۇمھۇرىيىتى شۇلارنىڭ بۈگۈنكى ماكانىدۇر.

كور ئورانلارنىڭ ئىستىلاسىدا ئانا ماكانىدىن ئايرىلغان سونچى لارنىڭ ، كىسەللك، قىرىلىق، كىچىكلىك، ۋە باشقا تۈرلۈك سەۋەپلەردىن كۆچەلمەي ئانا ماكاندا قىلىپ قالغانلىرىنىڭ كىيىنكى ئەۋلادى ، بۈگۈنكى لوپنۇر-كورلا ۋادىسىدا ياشاۋاتقان چەرچى- كۆنچىلەردۇر،« كۆنچى» دەپ ناملانغان سونچىلەرنىڭ ئەسلى ئانا يۇرتىنىڭ نامىنى« يۇلىشەن-يۇلىگۇ» ياكى« لوپنۇر »دەپ ئاتاش نادانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.يولىگۇ لار سونچىلەرنىڭ ئانا ماكانىنى بويسۇندۇرغان چاڭلارنىڭ بىر پىرقىسى بولغان ئۇيان غار قەبىلىسىنىڭ خەنزۇچە نامى بولۇپ، بۈگۈنكى ئۇيانغار←بايانغار←بايىنغول دىگەن ئاتالغۇ ئۇيانغار نامىنىڭ ۋاريانتلىرىدىن ئىبارەتتۇر. بۈگۈنكى «كورلا »نامى ئەسلىدە سونچى←چونچى←چارچى دەپ ئاتىلاتتى، چارچى←كۆنچىلەر قەدىمدىن باشلاپ تاتمۇر كۆلىگە قۇيۇلىدىغان كۆنچى دەرياسى ۋادىلىرىدا ماكانلاشقان، سۇ مەنبەسى ئۈزۈلۈپ كور ئوران شەھرى ھالاك بولغاندىن كىيىن،  چارچى ۋادىسىنىڭ يۇقۇرى قىسمىغا بىسىپ كىرگەن كور ئويان-كور بويانلارنىڭ مىللىي نامى ئاساسىدا «كورلا» نامى پەيدا بولغان بولۇپ، تاجاۋۇزچىلاردىن قالغان بۇ سۆز «كور ئوران←كوروران←كورۇلان←كورولا←كورلا » تەلەپپۇزىدا بىزگە يەتكەن.

كورلا سۆزىنىڭ مەنىسى «ئورانلارنىڭ غەربى قەبىلىسى » دىمەكتۇر. تارىخچى «بىلەرمەن»لىرىمىز نۇمۇس قىلماستىن «كورلا»نامىنىسۇ توختايدىغان « كويلا» غا، «كۆنچى» نامىنى تىرە ياسايدىغان «كۆنچى»گەتەققاسلايدۇ تىخى.

بۇ جايدا بىر نۇقتىنى ئالاھىدە قىستۇرما قىلىپ ئۆتۈشكە مەجبۇرمەن، قەدىمدەئۇيغۇرلار 9 دەريا ۋادىلىرىدا ماكانلاشقان ئىدى، شۇڭلاشقا ئۇلار ماكانلاشقان دەريالارنى بىرىنچى دەريا، ئىككىنچى دەريا، ئۇچۇنچى دەريا، تۆرتىنچىدەريا...دىگەندەك ناملاردىمۇ ئاتىغان ئىدى، «پامىر» سۆزى بىرىنچى دەريا مەناسىدىكى«بىر مۇر←بى مور←بومۇر←پامىر»دىمەكتۇر ، تارىم سۆزىمۇ «ئىككىنچى دەريا » مەناسىدىكى«تو مۇر←تورۇم←تورىم←تارىم» دىمەكتۇر، ئوسمۇر سۆزىمۇ «ئۈچىنچى دەريا »مەناسىدىكى«ئوس مۇر←سۇمۇر←سۇمۇل←چۇمۇل←قۇمۇل←كابۇل » دىمەكتۇر.

قەدىم ئىراققا ئەڭ تۆۋەن مۆلچەرلىگەندە بۇندىن تەخمىنەن 7000يىل بۇرۇن كۆچۈپ كەتكەن سۇمىرلارمۇ ، دەل مۇشۇ سۇمۇر دەريا ۋادىسىدىن كىتىشكەن ئىدى،سۇمۇرلار قەدىم ئىرقتا بۇندىن 5000-7000 يىللار بۇرۇن قۇرغان شەھەرلەردىن «ئۇر» ، «ئورك»،«لاگاس»،«كىش» ۋە «نىپپۇر»  شەھەرلىرىنى ساناش مۈمكىن، «ئور» «ئورك» سۆزلىرى بىزدىكى «سۇ ۋە ئارىق-بالىق» سۆزلىرى بىلەن يىلتىزداش ۋە مەنىداشتۇر، «نىپپۇر»سۆزى بىزدىكى «لوپنۇر» سۆزى بىلەن يىلتىزداش ۋە مەنىداشتۇر،«نىپپۇر ياكى لوپمۇردىمەكنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى «يىڭى سۇ» دىگەن بولغاي، نىۋ-نىم-نىپ-يىپيىپ-يوپ-روپ-لوپ(يىپ-يىڭىسۆزىدىكى يىپ)سۆزىنىڭ مەنىسى يىڭى ،

نۇر ۋە مۇر سۆزىنىڭ مەنىسى سۇ-دەريا دىمەكتۇر.«لاگاس-ئالگاس» دىمەك قەشقەردىكى «ئانقاز» شەھرى نامى  بىلەن يىلتىزداش ۋە مەنىداش بولۇپ،«شەرقى قاش»لار دىگەن بولغاي، «قاشقار» دىمەكنىڭ مۇقابىلىدىكى جۇغراپىيەلىك نامدۇر . «كىش» دىمەكمۇ قەدىم قەشقەرنىڭ قىسقارتىلما نامى بولغان«كىش-كاش»سۆزى بىلەن يىلتىزداش ۋە مەناداشتۇر. ئەنە شۇ سۇمۇرلار بۇندىن 5000 يىللار بۇرۇنلا ئىككى دەريا ۋادىسى ناملانغان يۇنانچە مىسوپوتامىيە، ئەرەپچە ماۋرائۇن نەھرى دىيىلگەن تىكىر ۋە فۇرات دەرياسى ۋادىسىدا سۇمۇر ئىمپىرىيەسىنى قۇرغان ئىدى، ئەنەشۇ ئىمپىرىيەنىڭ مەركىزى جايلاشقان جۇغراپىيەلىك ئورۇننى سۇمۇرلار «ئور ئىكى» دەپ ئاتىغان،«ئور ئىكى» سۆزىنىڭ قەدىم سۇمىرچە ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇرچە ئورتاق مەنىسى«ئىككى سۇ» دىگەن بولغاي، مۇنداقچە ئەيتقاندا «ئور ئىكى» خانلىقىنى  ئۇيغۇرلارنىڭ 3-قەبىلىسى سۇمۇرلار ئۇيغۇرتىلىدا «ئۇر ئىكى» دەپ ئاتىغان بولسا ،ئوخشاشلا قەدىم يۇنانلار يۇنانچە«مىسوپوتامىيە(ئىككى سۇ)» دەپ ئاتىدى، شۇنداقلا ئەرەپلەر ئەرەپچە «ماۋرائۇننەھرى-ئىككى سۇ» دەپ ئاتىدى،«ئور ئىكى» خانلىقىنىڭ «ئور ئىكى» نامى شۇندىن باشلاپ تاكى بۈگۈنگىچە «ئورئىكى-ئۇرىكى-ئىرىكى- ئىراقى-ئىراق» دەپئۇيغۇرتىلىدا ئاتالماقتا.  تىلىمىزدىكى «ئۆردەك.ئۆركەش،ئىرىق» سۆزلىرىدىكى «ئور-ئۆر-ئىر» بوغۇمى «سۇ» دىگەن سۆزنىڭ يەنە بىر ۋاريانتى بولۇپ، بۇ سۆز تەلەپپۇ تارىىدا « ئون-ئوي-ئور-ھور-ھۆل، ئون موي-مور-مول-بول ....»

قاتارلىق تەلەپپۇزلاردا بىزگە يەتكەن،ياغمۇر (يامغۇر)دىمەكمۇ ياغقان سۇ دىمەكتۇر، ماي-مەي سۆزلىرىمۇ شۇ نەرسىلەرنىڭ سۇدەك سۈزۈك سۈيۈقلۇقلىقىغا تەققاسلاپ قويۇلغان بولۇپ، ھاراق ۋە ياغ دىگەن باشقا بىر نامدىمۇ بۇ  سۇيۇقلۇقلارنى ئاتايمىز،«ئور ئىكى» سۆزىدىكى «ئىكى» بولسا دەل بۈگۈنكى «ئىككى» دىگەن سۆزنىڭ ئەينى شۇدۇر.

  مۇھەممەدسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يىراق ئەجدادى بولغان ھەزرىتى ئىبراھىم سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مىللىتى بولغان سەبە قەۋمى دەل ئەشۇ «ئور ئىكى» خانلىقىنى قۇرغان سۇمۇرلار نىڭ مىللىي نامى

سۇمۇر سۆزىنىڭ سۇمۇر-سۇبۇر-سۇبۇ-سەبە تەلەپپۇزىدا ناملىنىشى بولۇپ، ساپ قانلىق ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ 3-ئۇرىقىنىڭ غەربى ئاسىياغا كۆچكەنلىرىنىڭ كىيىنكى ئانا تەرەپتىن ئادنان ئەرەپلىرى، دادا تەرەپتىن ئۇيغۇر سۇمۇرلىرىدىن بولغانلىدۇر.


سۇمۇر دەرياسى مەھمۇت قەشقەرى قەلىمىدە، تۈركىي تىللار دىۋاندا «ئوسمى تارىم»تەلەپپۇزىدا خاتىرلەنگەن بولۇپ، نادان ئالىملىرىمىز قەدىم قەشقەرگە تەققاسلاشقان«سۇلمى-سۇلى» دەۋالغان سۆزنىڭ ئەسلى يىلتىزى بولغان «سۇمۇر» سۆزى خەنزۇچە «سۇلى»دپ تەلەپپۇز قىلىنغاندۇر.

سۇمۇرلارنىڭ شەرققە كەتكەنلىرىدىن بۈگۈنكى شەرقى شىمالدىكى ئۇسۇرى دەرياسى، سۇمۇرىيە –سىبىرىيە ئورمانلىقى، ۋە مۇشۇ ۋادىدا ياشاپ قالغان شىبە مىللىتىنىڭ نامى، تارىخى ئىز سۈپىتىدە بىزگە قالغاندۇر.

سۆز بۇ يەرگە يەتكەندە، مەھمۇت قەشقەرىي دەۋرىدە «ئوسمى تارىم» شەكلىدە ئاتالغان بۈگۈنكى تارىم دەرياسىنىڭ نىمە ئۈچۈن تۈركى تىللار دىۋاندا «ئوسمى تارىم» دەپ خاتىرلىنىشىنى قىسقىچە بايان قىلىمەن.

بىلىشىمچە، بۇندىن تەخمىنەن 2340 بۇرۇندىن ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 328-يىللىرى ئاتراپىغىچە،  بۈگۈنكى تەكلىماكان قۇملىقىنى غەرپتىن شەرققە كىسىپ ئاقىدىغان ئىككى دەريا بولغان، ئۇنىڭ بىرىنى خەزۇلار «ئۆركەشلىك جەنۇبىي دەريا» دەپ خاتىرلەشكەن بولسا، يۇنانلار«ئۇيغۇرداس» دەرياسى دەپ خاتىرلەشكەن، تۇرانلار بولسا  «2- سۇ» ياكى «تۇرانلارنىڭ سۈيى» مەناسىدا «تومۇر» دەپ ئاتىغاندۇر. بۇ دەريا قاغىلىقتىكى خالاستان دەرياسى، چولاق دەرياسى(قەدىمدەسول ئارق دەپ ئاتالغان بۇ دەريا ھازىر قۇرۇپ كەتكەن، گۇما-قاغىلىق چىگراسىدا ئىقىن ئىزى ئەينەن ساقلانغان)  ۋە يەركەن دەرياسى قوشۇلۇپ، بۈگۈنكى مەركىتكە كەلگەندە شەرققە قاراپ ئىقىپ داز-داش كۆلگە قۇيۇلاتتى،داش كۆلنى بۈگۈنكى  دىخان ئەسكەرلەر «داشىخەيزى»دەپ ئاتىشىدۇ،قەدىمدە بۇ كۆل «داز كۆل» دەپ ئاتالغان بولۇپ«د» تاۋۇشىنىڭ«ي»تاۋۇشىغا ئالمىشىشى سەۋەپلىك زاغرا تىلدا «ياز كۆل» دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىنغان، «داز←ياز» دىمەك جەنۇپ دىمەكتۇر. خەنزۇچە قەدىمىيەتلەردە، بۇ كۆلنىڭ نامىنىڭ «يۇزى كۆلى» دەپخاتىرلىنىشىدىكى سەۋەپمۇ شۇ ئىدى .شۇ زامانلاردا بۇ كۆلدىن ئىقىپ چىققان سۇ ، بوۋىلىرىمىز تەرىپىدىن «سارق دەريا» دەپ ناملانغان ،خەنزۇچە نامى «خۇاڭخى» دەپ تەرجىمە قىلىنىپ خەنزۇلاردا بۈگۈنگىچە شۇ نامدا قوللۇنۇلغان دەرياغا قۇيۇلاتتى. مانا مۇشۇ داز مۇر كۆلىنىڭ جەنۇبى بويىدا تات لارنىڭ جەنۇبى قەبىلىسى ياشايتتى، ئۇلار بۈگۈنكى چارچانلەردۇر. دازمۇركۆلىگە قۇيۇلىدىغان تومۇر دەرياسى قەدىمدە ئاققان ئىقىن بويىدا، بۈگۈنگىچەساقلانغان كۆلىمى زور ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلغان قاخشال توغراقلىق خارابىسى مەۋجۇت.تومۇر دەرياسى نامىدىن بىزگە تىلىمىزدا قالغان ئاتالغۇ تارىم،تىرىم، تامار،تەبەر،ۋە بەدىنىمىزدىكى بىر ئەزانى بىلدۈرىدىغان «قان تومۇر» سۆزىدىكى «تومۇر»سۆزلىرىدۇر،بوۋىلىرىمىز ئىنسان ئۈچۈن سۇنىڭ قاندەكلا مۇھىم ئىكەنلىگىنى تۇران چۆلىدە ناھايىتى ياخشى بىلگەن،  شۇڭا قان ئاقىدىغان ئەزاغىمۇ ئانا دەريانىڭ نامىدا تومۇر دەپ ئىسىم قويۇشقان ئىدى. بۈگۈنكى ئىراندىكى تەبەرەستانلىقلار 4 مىڭ يىل بۇرۇنقى ئىران-تۇران سوقۇشىدا ئىرانغا ئەسىرگەچۈشكەن ساكانخان(سىكۇنخا) نىڭ قول ئاستىدىكى كىشىلەردىن بولۇپ، ئۇلارمۇ تومۇردەريا ۋادىلىرىدا ماكانلاشقان خەلقنىڭ ئەۋلادىدىن ئىدى.


تەكلىماكاننى كىسىپ ئۆتكەن يەنە بىر دەريا سۇمۇر دەرياسىدۇر، بۇ دەريا بۈگۈنكى ئاقسۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىن تەخمىنەن 50 كىلومىتىر يىراق جايدا ئاقاتتى ، بۇدەريا قەدىمدە قەشقەر دەرياسى، توشقان دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ «سۇمۇر دەرياسى» دەپ ئاتىلىپ، شەرققە ئىقىپ تاكى ئاخىرقى ماكانى توتمۇر كۆلىگە قۇيۇلغىچە باشقا تارماق ئىقىنلارنىمۇ ئۆزىگە قوشۇپ باراتتى . بۈگۈنكى«ئاقسۇ» دىمەك« ئاز ئورك←ئاس ئۇرق← ئاس ئۇق←ئاسۇق←ئاقسۇ »  دىمەك بولۇپ، «ئارق سۇ←ئاقسۇ» سۆزى «ئۇس ئارق» سۆزىدىن كەلگەن، «ئارق سۇ » سۆزى «ئاز»ياكى «ئۇس» ياكى بۈگۈنكى تىلىمىزدىكى «ئۈچ» دىگەن سۆزگە «ئارق-ئورك» دىگەن سۆزنىڭ قوشۇلىشىدىن ياسالغان .مەنىسى ئاز ياكى ئاس قەۋمىنىڭ بالىقى، مەركىزى شەھرىدى مەكتۇر، ئاز قەۋمى ئۇيغۇلارنىڭ 3- قەبىلىسىدۇر، مانا مۇشۇ قەدىمىي شىمالىي دەريا ۋادىسىنى ئەجدادىمىز «ئاز مۇر» دەپ ئاتىغان بولۇپ، بۇ ۋادىدىن باشقا جايغا كۆچكەنلەرمۇ ئاز ئار(ئازلارنىڭ شەرقى ئۇرۇقى مەناسىدا) ۋە ئوسار(ئوسار بالق←ئەسكىسار-ئەسكىئوسار←يىڭى ئوسار←يىڭى سار) ۋە ئاز بارق( ئاز ئورك←ئاسۇرق←ئۆز بورك ← ئۆزبەگ، مەشھۇر ئاسۇكا مۇشۇ قەبىلىدىن چىققان ئىمپىراتور ئىدى) ،ئۇزغار(ئىزگىل←قۇزقار←قەشقەر)،

ئاز مۇر( ئاسمۇر←سامۇر←سۇمۇر←چۇمۇر←چۇمۇل←قۇمۇل←كابۇل) ، ئازمۇر(زاممۇر←ساممۇر←سامبۇر←سامپۇل،سامپۇللار خوتەندىكى سامپۇل شەھرىنى بىنا قىلغانلاردىندۇر،كىيىن ئۇلار قاراشەھەرگە كۆچۈپ كەتكىنى ئۈچۈن «خوتەن سامپۇل» نامىدا بۈگۈنكى «خوتۇن سۇمۇل» دەپ ئاتالغانلاردىندۇر)  دەپ ئاتالغان .خەنزۇچەيازمىلاردا بۇ كىشىلەر توپىنىڭ شەرققە كەتكەنلىرى « ۋۇسۇن» دەپ ئاتالغان. «ۋۇسۇن»نامى بىلەن بۇگۈنكى «ئونسۇ» نامى يىلتىزداشتۇر، «ئونسۇ» نامى يىقىنقى زاماندا خاتا قويۇلغان نام بولۇپ، «ئوس ئون» نامىنىڭ خەنزۇچە «ۋۇسۇن» دەپ ئاتىلىشىنىڭ ،ئەللامىلىرىمىز تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان يەنە بىر خاتا تەلەپپۇزىنىڭ يەنە بىرئۇيغۇرچە ئاتىلىشى بولغاي ، بۇ سۆزنىڭ توغرىسى «ئۇس ئۇن» بولۇپ، مەنىسى يەنىلا «3-دەريا»ياكى« 3-سۇ» دىمەكتۇر. «ئۇس ئۇن» سۆزى تەلەپپۇز تارىخىدا«ئۇس ئۇن←ئۇسۋۇن←ئۇسمۇن←سۇمۇن←سۇمۇي←سۇمۇر←سۇمۇل←چۇمۇل←قۇمۇل←قامۇل←كابۇل»لەھجىلىرىدە بىزگە يەتكەن .

مىلادىدىن بۇرۇنقى 328-يىللىرى ئەتراپىدا،تومۇر دەرياسىغا ناھايىتى زور قىيان كەلگەن بولۇپ، شۇ ئاپەتتە تومۇر دەرياسى بۈگۈنكى مەركىت(مور كەت) ئەتراپىدىن شەرققە ئەمەس ،بەلكى شىمالغا ئىقىپ ، بۈگۈنكى مارالبىشى ئەتراپىدا توپلىنىپ، ئاندىن سۇمۇر ۋە تومۇر دەرياسىنىڭ قوشۇلما سۈيى بىرلىشىپ مۇشۇ ۋادا ئەتراپىدا زور تىندۇرما بەلۋاغ ھاسىل قىلىپ، شىمالدىكى تاغنىڭ توسۇشى،غەرپنىڭ ئىگىز بولۇشى سەۋەبىدىن شەرققە ئىقىپ، بۈگۈنكى تارىم دەرياسىنى ھاسىل قىلغان، شۇ قىتىمقى ئاپەتتىن بىزگە قالغان تارىخي ئۇچۇر مور كەت(مەركىت)  ، بارچۇق(مارالبىشىنىڭ قەدىم نامى) ۋە كەلپىن(كەلپۇن)، ۋە «ئوسمى-تارىم»، شۇنداقلا مارالبىشى –كەلپىن ۋادىسىغا شۇ زور قىياندا تاشلانغان پايانسىز لاي-لاتقالاردۇر.

مور كەت دىمەك-قەدىم تومۇر دەرياسى ئىقىن ئۆزگەرتىش سەۋەبىدە ئۇيغۇرداس دەرياسىغا ئاقىدىغان  «سۇكەتكەن جاي» دىمەكتۇر، بارچۇق دىمەك « سۇ بەكلا جىق جۇغلاشقان جاي»دىمەكتۇر،كەلپىن دىمەكمۇ « پۇن كەلگەن جاي» دىمەكتۇر، ھالبۇكى«پۇن ۋە پان» دىگەن بۇ سۆزنىڭ مەنسى «توپان» تەلەپپۇزىدا تىلىمىزدا بار بولۇپ، قەدىمدە ئىنسانىيەتكە كەلگەن ئىلاھىي جازا بولغان «ئاسماندىن ۋە يەر ئاستىدىن چىققان دەھشەتلىك سۇ»نى سۈپەتلەپ «توپان» دەپ ئاتاشتىن كەلگەندۇر. «تۇ» سۆزىنىڭ مەناسى«ئىككى» بولغاي،«پان» سۆزىنىڭ مەنىسى «زور قىيان-تاشقىن» ياكى «زور سۇ» دىگەن بولغاي، چۈنكى نوھ قەۋمىنى ئاسمان ۋە يەردىن تەڭلا كەلگەن 2 سۇ ھالاك قىلغان،شۇڭا بۇ 2 سۇنى نوھ كىمىسىدە بار بولغان يىراق ئەجدادىمىز «توپان» دەپ ئاتىغاندۇر . شۇنداق بولغاندا«كەلپۇن»نىڭ مەناسىمۇ «زور قىيان كەلگەن جاي» دىگەن بولغاي.

ئەنە شۇ ھالاكەتلىك ئاپەت تۈپەيلىدىن ، تۇمۇر دەرياسىنىڭ سۈيى كىسىلىپ، تۇرانچۆلىدىكى «18مىڭ شەھەر» قۇم ئاستىدا قالغان، بۇ شەھەرلەردىن نامىنى ھازىرمۇ ساناپ بىرەلەيدىغىنىمىز، ئوغۇزبالىق، ئوساربالىق، تۇخار بالق، تۇران بالق، سوساك بالق،شەھرى كاتىك، شەھرى چۈمەن، شەھرى ئايشىم، كوتۇرى زەنگىنىڭ شەھرى، شەھرى قۇمان،(كەندىرلىك شەھرى)، شەھرى قۇم ،شەھرى بارمان، شەھرى بارقان، شەھرى سارت، شەھرى بەربەر (شەھرى پىلپىل)، شەھىر گۇزۇن(شەھرى كۇسۇن).... قاتارلىقلاردۇر . ھەتتاكى ئىران شاھلىرىنى ئالداپ، تاجاۋۇزچى ئىران ئارمىيەسىنى زور قۇملۇققا ئەكىرىپ ھالاك قىلغان مىللىي قەھرىمانىمىز شىراقمۇ،  مانا مۇشۇ شەھەرلەردىن بىرسىنىڭ پۇخراسى ۋە شەرەپلىك مىللىي قەھرىمانىمىز  ئىدى. ئاشۇ قۇملۇق دەل تۇرانىيەنىڭ تومۇر ۋەسۇمۇر دەريا ۋادىلىرىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى بىر ۋادا بولغان، بۈگۈن مەناسى كىڭىيىپ بىر چۆلگە نام بولۇپ قالغان «تەكلى ماكان»دا ئىدى . «تەكلى ماكان»دىگەن بۇ سۆزئەسلىدە «توكار بالىق» خارابىسى ئەتراپىغا، شۇ جايدىن قەدىم قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدە كۆچمەي قالغان كىشىلەردىن بولغا تەكەۋە باراق لار تەرىپىدىن، قەدىم ئانا ماكانىنى يۇتۇۋەتكەن قۇملۇققا قارىتا قويۇلغان بۇ نام ،  سىۋىن ھىدىن تەرىپىدىن دۇنياغا تونۇلۇش سەۋەبىدە ، مەناسى تۇيقىسىز كىڭىيىپ «تۇغار ماكان←توكرى ماكان» مەناسىدىن پۈتكۈل تۇران چۆلىگە ئىسىم بولۇپ قالغاندۇر، «تۇران چۆل» دىگەن نام خەنزۇچە يازمىلاردا ، بۇ ۋادىدا ياشىغان كىشىلەرنىڭ نامى سۈپىتىدە «تۇلانچۇەن» دەپ خاتىرلەنگەن ، ھالبۇكى «توكار بالق»نامى تاكار بالقتىن كۆچمەي قالغان كىشىلەرنىڭ كىيىنكى ئەۋلادىنىڭ كىرىيە دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئىقىنىدىن يۇقۇرى ئىقىنىغا سۈرۈلگەن بۈگۈنكى « تەكە »(توكار-تۇخار) بىلەن «باراق»(بارق) ئىككى جەمەتنىڭ «توكار بارق» دىگەن قەدىم ماكانىنىڭ نامنى ئىككىگە بۆلۈپ تەگئات قوللۇنۇش ئارقىلىق ، يىقىن تۇققانلارنىڭ توي قىلىپ قىلىشىدىن ساقلانماقچى بولۇشلىرى ئارقىسدا  «تەكە» ۋە «باراق» دەپ ئىككىگە پارچىلىنىپ ياشاشلىرى بىلەن تا ھازىرغىچە شۇلارنىڭ ئەۋلادى ئىچىدە قوللۇنۇلماقتا .

ئەنە شۇ قىتىمقى قىيان سەۋەبىدىن ، تومۇر دەرياسى بىلەن سۇمۇر دەرياسى قوشۇلۇپ كەتتى، سۇمۇرلار بىلەن دولان-تومۇر-تارىم-تىرىم لەرمۇ قوشۇلۇپ كەتتى، بىربۆلۈك ئاز-ئوز-ئۇس-قۇس-غۇز خەلقى ئۇسمۇر ۋادىلىرىدىن كۆچۈپ سۇمۇركەند-سەمەرقەند كە(بەلكىم سۇمۇركەند گە سۇمۇرلار ئافراسۇياب دەۋرىدە كۆچكەندۇ؟)، ئازاربايجانغا، خىشى كارىدورىغا ۋە ئۇ يەردىن قۇمۇلغا، خوتەنگە ۋە ئۇ يەردىن خوتۇن سۇمۇلغا، سار سۇمۇل(سارسۈمبە) گە  ۋە بىر قىسمى ئەۋۋەل كابۇلغا،ئاندىن كەشمىر گە كۆچۈپ كەتتى. ئەشۇ زور قىيان سەۋەبىدە ،تارىم ۋادىسىدا زورئىرقىي ئارىلىشىش ۋە كۆچۈش دولقۇنى يۈز بەرگەندۇر، بۈگۈنكى قىرىنداشلىرىمىزدىن بولغان ئۆزبەك تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ يىقىنلىقى، دەل ئەنە شۇ ئاز قەۋمى بىلەن تۇرانلارنىڭ تارىختىكى ھەممە جەھەتتىن يىقىن مۇناسىۋەتلىرىدىن شەكىللەنگەن تارىخي ھادىسىدۇر. بەزى ساددا تارىخچىلار تۇرانلارنىڭ ئاز كەم 4 مىڭ يىللىق ئۇيغۇر قەۋمى ئارىسىدىكى يىتەكچىللىك ئورنىغا كۆز يۇمۇپ «تۈركچىلىك» قاراشلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقماقتا، شۇنىسى ھەقىقەتكى، تۇران تىلى ئۇيغۇر قەبىلە ئىتتىپاقىدا ، تۇرانلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك يىتەكچىللىك ئورنى سەۋەپلىك باشلامچىلىق ئورۇنغا ئىگە سىياسى ۋە مەدەنىي ئورتاق تىل بولغان، بۈگۈنكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسىي تومۇرى تۇران تىلىدۇر، «تۈركىي تىل» دىگەن ئاتاق پەقەتلا تۇرانلارنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن تۈرك قەبىلە شىۋىسىنىڭ كىيىنكى كۆكتۈرك ۋە سىرتۈرك-غەربى تۈرك خانلىقىنىڭ قىسقا ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ، ئۇيغۇر-تۇران تىلىغا كۆرسەتكەن يۈزە تەسىرىگە قارىتا ئەيتىلسا مۇۋاپىق ۋە ئىلمىي بولىدۇ .

ئەنە شۇ زور قىيان كەلگەن كۈندىن باشلاپ ئەجدادىمىز تومۇر دەرياسى ۋادىسىدا50-60 يىلچە ئانا ماكانىغا قىيالماسلىق ۋە توغراقلارنىڭ ياشىرىپ تۇرۇشلىرىدىن ئۈمۈتلىنىپ، خوتەن دەرياسىنىڭ سۈيى  بىلەن ھاياتىنى داۋام قىلىپ كەلگەن، تارىم ۋادىسىدا قەدىمدە يولغا قويۇلغان « بىر تۈپ دەرەخ كەسسە بىر ئات تۆلەم تۆلەيدىغان، بىر شاخنى كەسسە بىر كالا تۆلەم تۆلەيدىغان» دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئورمان قانۇنىمۇ ،يۇقارقى تومۇر دەرياسىنىڭ قۇرۇپ كىتىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى .يۇرتىمىزنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى250-يىللىرىدىن بۇرۇنقى تارىخى دەل ئاشۇ سۇمۇر ۋە تۇمۇر ۋادىلىرىدا كۆمۈلۈپ ياتماقتا.مىلادىدىن بۇرۇنقى 250-يىللىرىدىن كىيىنكى تارىخمىز ھازىر ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بوستانلىقلىرىدا بولغاي .

دەل شۇ سەۋەپتىن مەھمۇت قەشقەرى تۈركى تىللار دىۋانىغا «ئوسمى-تارىم» دىگەن ئاتالغۇنى تارىم دەرياسىنىڭ يەنە بىر نامى سۈپىتىدە كىرگۈزگەن ئىدى، شۇنداقلا تۇران شاھلىرىنىڭ مەلىكە-خانىشلىرىمۇ دەل شۇ سەۋەپتىن «ئالتۇن تارىم» دەپ ئاتالغاندۇر، خۇددى يەركەندىكى خان جەمەتىگە مەنسۇپ قەدىم جايلار ھازىرمۇ«ئالتۇنلۇقۇم» دەپ ئاتىلىۋاتقاندەكلا .

يۇقارقى ئوسمۇر-تۇمۇر دەرياسى سۈيى بىلەن مەۋجۇتلىقىنى كاپالەتلەندۈرگەن دازمۇر ۋە  تۆتمۇر ۋادىسىدىكى چارچەن ۋە سونچى شەھرىنى مۇنقەرز قىلغان قەبىلەنىڭ نامى «ئۇيان غار» لار ئىدى.

«ئۇيانغار »نامى تارىختا يەنە«غار ئويان←كور ئوران←كور ئۇرۇن←كورۇرۇن←كىرولۇن» دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ،موڭغۇلىيەدىكى«كىرولەن» دىگەن نام بىلەن يىلتىزداش بولغان«كور ئوران» لىكلەرنىڭ مىللىي نامىدىن كەلگەندۇر.

كور ئورانلەر ياكى «ئاق ئاتلىق، سىرىق كالىلىق چاڭ»لار تارىم ۋادىسىغا بىسىپ كىلىشتىن بۇرۇنقى زامانلاردا ،بۈگۈنكى خەنزۇچە« كۇنلۇن شان» نامىنىڭ تاجاۋۇزچى چاڭلارنىڭ تىلىدىكى « كور ئوران تاغلىرى» نامى،چاڭلاردىن بۇرۇنقى زامانلاردا ئۆز تىلىمىز بىلەن« تۇران تاغلىرى» دەپ ئاتىلاتتى!...

قالتىس تەرجىمانلىرىمىزنىڭ تۆھپىسىدەتۇران تاغلىرىنىڭ نامى تۇرانلارنىڭ ئانا ماكانىدا ئۇنتۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا چاڭ قەۋمىچە «كور ئوران» نامىنىڭ شالغۇت تەرجىمىسى بولغان «قارا ئۇرۇن-قاراقۇرۇن-قاراقۇرۇم» نامى ئومۇملاشتى!...

«تۇرانتاغ »دىگەن بۇ نام خەنزۇچە يازمىلاردا «تىلەن شەن»، «چىلەنشەن »«نەن شەن» تەلەپپۇزىدا تۈرلۈك يازمىلاردا خاتىرلەنگەن ۋە بۈگۈنگىچە ساقلانغان. «زەكىيلىرىمىز»تىخى بۇ نامنىمۇ

« چىلانتاغ» دىگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ جايدا چىلانلىق كۆپ بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان دەپ بىلجىرلىشىدۇ، بەلكىم ئۇلار قىزىل چىلانلار بىلەن خەنزۇچەيازمىلاردا «قىزىل دى-چى دى» دەپ ئاتالغان «قىزىل تۇران»لارنى تۇران ئەۋلادىنىڭ كۆزلىرىدىن يوشۇرۇپ قويماقچىدۇر؟..

گەنسۇ ۋە چىڭخەيدىكى بىر قىسىم تاغلار ھازىرمۇ «تىلەنشەن» نامىدا ئاتىلىدۇ، مانا مۇشۇ تۇران تاغلىرى ۋادىسىدا ياشىغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ جەڭگىۋار قەبىلىسىدىن بولغان ئىنسان توپىنى  ئۇيغۇرلار «دوران-دولان» لار ياكى« تۇران-تۇلان»لار دەپ ئاتىشاتتى.خەنزۇلار بولسا دى لار، دىڭلىن لار، تىلى لەر دەپ ئاتاشقان. چاڭلار، تۇران تاغلىرىنىڭ جەنۇبى-شىمالىغا كەڭ كۆلەمدە بىسىپ كىرگەن سەۋەپلىك ۋەيۇنانلارنىڭ شىمال ۋە غەرىپتىن تۇرانىيەگە قىلغان قىرغىنچىلىق تاجاۋۇزى سەۋەپلىك ،ئۇيغۇرلارنىڭ تۇران چۆلىدە ماكانلاشقان سۇمۇر، تۇغار، تۇران، ئوغۇز،قۇمان،گوجان-كۇزون-كۇشان،تۈرك،ھون...قاتارلىق قەبىلىلىرى ، كۆكنۇر-تۇران،تەڭرىتاغ ۋادىسىدىن يەنىمۇ شەرققە سىلجىپ، كىيىنكى چىن-خەن–تاڭ سۇلالىلىرى بىلەن بولغان سوقۇشلار قاينىمىغا كىرىپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى.

چىن خاقانلىرى قوزغىغان پومىششىكلەرگە كۆپلەپ يەر ۋە قۇل تىپىش ئۈچۈن ئىلىپ بىرىلغان «يات»لارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق ئۇرۇشىلىرى، ئاخىرقى ھىساپتا بۇ ۋادىغا قىچىپ كەلگەن چاڭلارنىڭ قولى ئارقىلىق تارىم ۋادىسىدىكى بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ بىشىغا ئىغىر مۇسىبەتلەرنى سالدى، (بۇ ھەقتە باشقا سەھىپىدە توختالغۇم،ئىنشائاللاھ) ھەمدە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىمۇ قايتا ئۇرۇش قاينىمىغا سۆرەپ،نۇرغۇن ئىنسان ئەۋلادىنى كىيىنكى چىن-تۇرا سوقۇشى، خەن-ھون سوقۇشى، تاڭ-ئۇيغۇر سوقۇشى ،تاڭ-تۈرك سوقۇشى قاينىمىغا غەرق قىلىۋەتتى!...

بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەنە شۇ يىراق ئۆتمۈشتە، ھۆكۈمرانلارنىڭ تويماس نەپسى ئۈچۈن ھاياتىدىن، ۋەتىنىدىن، ئائىلسىدىن ئايرىلغان ھەرقايسى مىللەت پۇخرالىرىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن!...ھەمدە ، ھەر قايسى ئىنسان توپىغا قاغان بولغان ھوقۇقدارلارنىڭ تارىختىن چوڭقۇر ساۋاق ئىلىپ ،يەر شارىدىكى ھەر بىر ئىنسان ۋە جاندارلارنىڭ ياشاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى چىن دىلىمدىن تەۋسىيە قىلىمەن!...

........................................

تۇران ۋەكۆنچىلەر ياشىغان مۇشۇ ۋادىغا ، ۋىيشۈي ۋادىسىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئاق ئاتلىق ،سىرىق كالىلىق چاڭلار ماكانلىشىشتىن بۇرۇنلا، بۇ جايدا ياشاپ ئۆلۈپ كەتكەن تۇران قىزىنىڭ جەسىدىنى «كروران گۈزىلى» دەپ ئاتاپ بەرسە ،ئاشۇ خاتا نامدىن ئەخمەقلەرچەماختىنىشىمىز بار!..

بۇ نامنى ئاتاش توغرا كەلسە «ئۇيغۇر قىزى»ياكى«تۇران قىزى» ۋە ياكى «كۆنچى قىزى» دىيىش كىرەك ئىدى، چۈنكى بۇ ۋادىدا ،كور ئۇرانلاردىن بۇرۇن ۋە ھازىرمۇ تۇرانلار ۋە كۆنچىلەر نامىدا ئاتالغان  ئۇيغۇرلار ياشىغان ۋە ياشىماقتا.يەنە بىر ھەسرەتكى، باشقىلار ،جاھاننى ھەيران قالدۇرغان بۇ جەسەتتىن، ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىغا دەلىل بولىدىغان ئىلمىي بايقاشلارنى تاپسا ، بىزنىڭ ئەللامىلىرىمىز بۇ جەسەتتىن بىر پىتنى تاپتى!...

يەنە تىخى نۇمۇس قىلماي شىنجاڭ موزىيىدا بۇ پىتنى داغدۇغىلىق كۆرگەزمىگە قويۇشلىرىدىن ئايلىناي!.....



ئەمدىكى گەپ «كروران گۈزىلى»دىن چىققان ئاتالمىش پىتتە بولىدۇ.

ئوقۇرمەن بۇ سۆزدىن بەلكىم راھەتسىز بولار؟...ئەمما بۇ تىمىدا توختالمىغاندا ھەقىقەت ئاشكارا بولمايدۇ .



ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق زامانلاردىن بۇيان توپلىغان ئەقىل پاراسەت جەۋھەرلىرىنىڭ بىزگە يەتكەن يالدامىسىدۇر، شۇ تەمسىللەردە «ئۆلۈكتىن پىت قاچقاندەك» دەيدىغان بىر جۈملە سۆز بار، بۇ سۆز كۆپىنچە ، تۇيقىسىز بىر جايدىن تىزلا قىچىپ كەتكەن كىشىلەرگە قارىتا تەمسىل قىلىنىدۇ .

قاغا ۋە پىتتا ئوخشاش ئىھتىياج ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئوخشىماس ئىككى ئارتۇقچىلىق بار، پىت بولسا بىر ئادەمدىن جان چىقىپ كىتىشتىن خىلى بۇرۇن ، بۇئادەمنىڭ بەدىنىنى تەرك ئىتىپ باشقا بىر ھاياتلىق ماكانى ئىزلەپ «باشقا جاي»غا كۆچىدۇ.

قاغا بولسا بىر ئادەمدىن جان چىقىپ كىتىشتىن خىلى بۇرۇن ، بۇ ئادەمنىڭ بەدىنىدىن تارقالغان غەيرى پۇراقتىن ، بۇ ئادەمنىڭ يىقىندا ئۆلۈش مۈمكىنچىلىكىنى ئالدىن بىلىپ، دەرھال شۇ ئەتراپقا كۆچۈپ كىلىپ« قاق... قاق...قاق...قوسىغىمنى باق،جاننى بەرگىن تىزراق....مەن كۈتكىلى نەۋاق...» دەپ چۇقان سىلىپ مۇسىبەت مىلودىيەسىنى ياڭرىتىۋىتىدۇ . شۇڭا ئاتا-بوۋىلىرىمىز قاغىنىڭ قاقىلدىشىنى شۇملۇقنىڭ بىشارىتى دەپ بىلگەن .

خوش...

ئۇنداقتا زادى قانداق سەۋەپتىن «كۆنچى قىزى» بەدىنىدىكى پىت، «كۆنچى قىزى»نىڭ بەدىنىدىن ۋاقتىدا قىچىشقا ئۈلگۈرەلمەي، مىيىت بىلەن بىرگە دەپنە قىلىنىپ قالغاندۇ؟...

مەن بىلگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئۇيغۇرلار ئاتنى ، قوينى، كالىنى، توڭگۇزنى،چاكاندىنى، بۇغداينى، كىۋەزنى، قوغۇننى...تۈرلۈك ماددىي بايلىقلارنى ... ھەم دەپنە بۇيۇملىرى قىلغان،ئەمما پىتنى ھەم دەپنە قىلغانلىقىغا دائىر ھىچقانداق دەلىل-ئىسپات ئۇچراتمىغانمەن، ئۇنداقتا بۇ پىتنىڭ «كۆنچى قىزى» بىلەن بىرگە دەپنە قىلىنىشىدا بىر سىر باردۇر، ئىلمىي  پىكىرسىز بۇ سىرلارنى يەشكىلى، ئاشۇ پىتقا يوشۇرۇنىۋالغان «غايىپ غەزىنە»نىڭ مۇستەھكەم سىپىلىنى تەشكىلى بولمايدۇ.

ئۇنداقتا بۇ ھەقتە بىرگە پىكىر قىلايلى؛

1-  بۇ پىت ئاتالمىش «كروران خىنىم» كىرلىشىپ كەتكەن بىشىنى تۇيقىسىز قاشلىشى بىلەن، بىخۇتلارچە قۇربان بولۇپ، ئاندىن «كروران خىنىم» بىلەن بىرگە لەھەتكە دەپنە قىلىنغانمىدۇر؟...

ئەپسۇسكى ياق، چۈنكى«كروران خىنىم» ناھايىتى ئەتراپلىق زىننەتلىنىپ،ئاندىن دەپنە قىلىنغان، شۇنداقلا بۇ پىتنىڭ شىنجاڭ موزىيىدا كۆرگەزمەگە قويۇلغان رەسىمىگە قارىساقمۇ، مەرھۇم پىت جانابىلىرىنىڭ بەدىنى ساپ-ساق، ھەتتا قورسىقىدىكى قىپ-قىزىل قانمۇ شۇ ھالەتتە كۆرۈنىدۇ، پۇت-قوللىرىمۇ ساقلا تۇرۇپتۇ ئەنە!....

2-   بۇ پىت ، بۇ پىتنى بايقىغۇچىلارنىڭ بىرەرسىدىن، «كروران گۈزىلى»نىڭ جامالىغا قاراپ بىھۇش بولۇپ،بى ئىختىيار ھالدا پوككككىدە «كروران گۈزىلى»نىڭ جەسىدىگە چۈشۈپ كەتكەنمىدۇر يا؟....

ئەپسۇسكى بۇمۇ مۈمكىن ئەمەس، چۈنكى تەتقىقاتچى ئەپەندىلەر كۈندە جۇلدۇر-كىپەن جەسەتلەر ئارىسىدا يۈرگەن بىلەن، ئۇلارنىڭ كۈندە نەچچە رەت يۇيۇپ تۇرىدىغان ،خىمىيەلىك پۇراقلار بىلەن بويالغان بەدىنىدە  پىت جانابىلىرىنىڭ ئىشتاھاسىنى قوزغىغۇدەك مەززىلىك سىسىق پۇراقلار يوق!..

3-  بەلكىم قەدىم ئۇيغۇرلار بىولوگىيەلىك قوراللارنى ئىشلىتىشنى بىلگەن بولغىيمىدى؟....كروران خانىمغا تۇيقىسىز بىولوگىيەلىك قورال بىلەن زەربە بىرىلگەن بولسا ، پىت جاناپلىرى بىلەن كروران خانىم غىڭ قىلالمايلا ئۆلۈپكەتكەنمىدۇر يا؟....

ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە شەرەپ بىلەن دەپنە قىلىنپ....؟....

ھەبەللى!...مانا...دەلىل دىگەن شۇ!...

زادى چوقۇم مۇشۇنداقراق بىر قورالنىڭ زەربىسىدە پىت جاناپلىرى شىرىن قىپ-قىزىل قانلار قان تومۇر دەرياسىدا ئويناقشىپ ئىقىۋاتقان كروران خانىمنىڭ يۇمشاق بەدىنىدىن ئىبارەت جوڭگودەك قىپ-قىزىل ۋەتەننى قوغداش يولىدا تۇيقىسىز «شەھىد» بوپ كەتمىگەن بولسا، چوقۇمكى كروران خانىمنىڭ بەدىنىدىن مىنىڭ يۇمران ۋە سىمىز بەدىنىمگە قىچىپ كىلەلىگەن بولاتتى!....ۋاي ياق!..يىراق ئەجدادىمنىڭ يۇمران ۋە سىمىز بەدىنىگە قىچىپ كىلەلىگەن بولاتتى دىيىشىم كىرەك!....

ھىم...ئەپسۇسكى، ھالبۇكى....ھەرقانچە قىلىپمۇ بۇ پەرەزگە دەلىل تاپالمىدىم،بىرىنچىدىن كروران خانىم دەپنە قىلىنغان جايدا بىولوگىيەلىك قوراللارنىڭ زەربىسى بىلەن تەڭلا ھالاك بولۇپ, تەڭلا جان تەسلىم قىلغانلار كۆمۈلگەن كۆللىكتىپ جەسەتلەر توپى بايقالمىدى. ئىككىنچىدىن ،مۇبادە شۇنداق ئىش بولغان بولسىمۇ ، كروران خانىمنى بۇنچە دەبدەبىلىك دەپنە قىلغىلى ئادەم چىقماسلىقى مۈمكىن ئىدى، ۋە ھەتتا، كروران خانىمنىڭ نەۋرىلىرىدىن بولغان بۈگۈنكى كۆنچىلەرنىڭمۇ نەسلى شۇ ۋاقىتتىلا قۇرۇپ كەتكەن بولاتتى!...ئۈچىنچىدىن، ئۇيغۇرلار قەدىمدىن ھازىرغىچە مەن بىلىپ،  قىتىق بىلەن خمىرتۇرۇچتىن ئىبارەت 2 لا بىئولوگىيەلىك قورالغا ئىرىشىپ باققان ئىكەن، شۇغىنىسى قىتىق قورالىدا پىتنى زەھەرلەپ ئەمەس ، بەلكى چۆمۈلدۈرۈپلا ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ، پىتنى خىمىر بىلەنمۇ شۇ يوسۇندىلا ئۆلتۈرۈش مۈمكىن، پىتنىڭ قان شورايدىغان تەبىئىتىدىن ئەيتقاندا ، قىتىق بىلەن خمىرنى تەۋەززۇ بىلەن نوش ئىتىپ نەپسانىيەتلەرچە شەھىد بوپ كىتىدىغان نادان پىتلار بۇجايلاردەك توقچىلىق كۆتۈرۈپ باسقان شەھەر-قىشلاقلاردا قەدىمدىن يىقىنقى زامانغىچەپەقەتلا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىكەن !...كۆنچى ئاناممۇ قىتىق  ياكى خىمىر تۇرۇچ بىلەن زەھەرلىنىپ ئۆلمىگەن ئىكەن،شۇنداقلا كۆنچى ئانامنى كۆنچى داداممۇ قىتىققا چۆمۈلدۈرۈپ ئۆلتۈرمىگەن ئىكەن،چۈنكى كۆنچى ئانامنىڭ بەدىنىدە كۆڭۈل قويۇپ پەرداز قىلىنغانلىقىغا ئالاقىدار دەلىل باركى، قىتىققا پىتىق بولغانلىقىغا ئالاقىدار ھىچقانداق يىپ ئۇچى يوق!....ئۇنداقتا كۆنچى ئانام ھەرگىزمۇ بىولۇگىيەلىك قورالنىڭ تۇيقىسىز زەرىبىسىدە تىن تارتمايلا پىت بىلەن بىرگە بىمەھەل ئۆلۈپ كەتمىگەن بولىدۇ.

ھەرقانچە تەتقىق قىلىپمۇ، ئۇيغۇر تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەتلا 2 خىل بىولوگىيەلىك قورالنىلا ئومۇمىي يۈزلۈك ئىشلەتكىنىنى تاپتىم، پۈتكۈل تارىخمىزدا باشقا بىولوگىيەلىك قوراللارغا ئالاقىدار ھىچقانداق يىپ ئۇچى يوق، ئەپسۇسكى يۇقارقى 2خىل بىولوگىيەلىك قورال بىلەن كروران خانىم بىلەن پىتنى بىللە ئۆلتۈرگىلى بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە كروران خانىم بىلەن پىتنى تەڭ بورداپ سەمىرتكىلىلا بولىدىكەن.

ۋاي ئاللاھ...بۇ تەتقىقات ئەجەپ چىگىشلىشىپ كەتتا؟.....خۇددى خەننامە بىلەن تاڭنامىدىكى ئەجدادىمغا ئالاقىدار بايانلاردەكلا؟....

4-   بەلكىم ئەڭ ئاخىرقى قىياسىم بۇ مەسىلىگە ئازراق دەلىل بولالايدىغاندۇ؟

ئۇيغۇرلاردا بىرەرسىنىڭ يالغان گەپ قىلغانلىقىنى ئاڭلىغاندا « گىپىدىن پىت ئۆمىلەيدۇ» دەپلا قويىدىغان بىر تەمسىلىمىز بار، بەلكىم كۆنچى ئايىمنىڭ مۇردىسىدىن تىپىلغان پىتمۇ ياپون پاكارلىرىنىڭ كۆنچى ئايىمنى« سىلە بۇ يىل 6400ياشقا كىردىلە...يوششش...»دىگەن يالغان گىپىگە تەنە قىلغىلى ئۇلارنىڭ تەتقىقات ماقالىسىغا ئۆمىلەپ چىققان بولسا...فۇجىسەن تىغىدىكى شەمشادتەك تەپ تۈز كۆڭۈل ياپونلار بۇ كىنايىنى بىلمەي قىلىپ ، مەزكۇر پىت جاناپلىرىنىمۇ قوشۇپ تەتقىق قىلىپ كەتكەنمىدۇر يا؟..ياق...ياق...ياق!...بۇنداق بولۇشىمۇ مۈمكىن ئەمەس!...بۇ پىتنى ئەڭ دەسلەپ ، 2-جاھان ئۇرۇشىدا ياپون پاكارلىرى قىرغىن قىلغان نەنجىڭ شەھىدلىرىنىڭ نەۋرىلىرى تاپتى دە!...چوقۇمكى ئۇلار  قانلىق قىساسنى ئۇنۇپ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ سەنىمىگە نازىركوم ئوينىمايدۇ!....

ئەمىسە؟...لىكىن...ئەستاغپۇرۇلا..

ۋاي بولدىلا!..

كۆنچى ئايىمنىڭ مومياسىدىن ئىت چىقامدۇ ياكى پىت چىقامدۇ؟...كەيگەن كۆينىگى تەكشۈرۈشلەردە يۇڭسارجا چىقامدۇ ياكى چىت چىقامدۇ...مىنىڭ نىمە كارىم!؟...كارى بولسا چەرچەن، كۆنچى،چەرچى،تۇرپان، سانجى،قۇتۇبى لىكلەرنىڭ كارى بولسۇن دە!.....

ئۇھ!...ئاخىرى قۇتۇلدۇم بۇ بىسىمدىنمۇمانا!....

36 تەدبىر دەنادۇر....ھەممىدىنمۇ تاشلاپ كىتىشئەلادۇر.........



ئەلقسسە، بىيجىڭنىڭ جۇكودىيەندىن تىپىلغان «بىيجىڭ مايمۇنسىمان ئادىمى»نىڭ تاش قاتمىسىنى ، بۈگۈنكى بىيجىڭدىكى چاڭگا ئولىمپىك مۇسابىقە مەيدانىنىڭ نامىدا«چاڭگا مايمۇنسىمان ئادىمى» دەپ ئاتاش قانداق ئىلىمسىزلىك ۋە تارخ ئىلمىگە مۇخالىپ ئىش بولسا، خۇددى شۇنىڭدەكلا ، كۆنچى ۋادىسىدىن تىپىلغان قەدىمىي كۆنچىلەرنىڭ جەسىدىنى ،كۆنچى ۋادىسىغا بۇندىن 2350يىل بۇرۇن سىرتتىن كەلگەن كور ئورانلەرنىڭ نامىدا «كور ئوران گۈزىلى»دەپ ئاتاش شۇنداق نادانلىق ۋە تارىخ ئىلمىگە زىت قاراشتۇر!...

ھەتتا« كروران گۈزىلى» دەپ نام قويۇشمۇ بۇ ۋادىدىكى ئۇيغۇر-كۆنچى خانىم-قىزلىرىغا قىلىنغان كەمسىتىشتۇر!...چۈنكى بۇ ۋادىدا ياشاۋاتقان ئانىلىرىمىز، ھەدە-سىڭىللىرىمىز قەدىمدىن بۇيان گۈزەللىك ۋە ئىنسانىي پەزىلەتنىڭ قىبلەگاھلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلگەن، شۇڭا بۇ ۋادىدا بىرلا « كروران گۈزىلى» گۈزەل بولۇشىمۇ ، شۇنداقلا باشقا ئاياللار بەدبەشىرە ، ئالۋاستى سىياق سەتلەردىن بولۇشىمۇ ناتايىن.

ئى كۆنچى ئەۋلادى!...ئەجدادىڭلارنىڭ، دۇنيادىكى ئەينى زامان تەرەققىياتىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كىيىنىش، بىزىنىش، ياشاش ۋە مىللىيەتلىك تەرەققىيات تارىخىدىن ئۇچۇر بىرىدىغان كۆنچى قىزىنىڭ جەسىدىنى سىلەر بولساڭلارمۇ «كۆنچى ئانا» دەپ ئاتاڭلار!...چۈنكى ئۇ ئالدى بىلەن سونچى-كۆنچىلەرنى ئانىسى، ئاندىن ئۇيغۇرنىڭ ئانىسىدۇر!....




خاتىمە


مۇبادا ئانچە-مۇنچە داۋراڭ قىلىنىۋاتقان «تەكلىماكاندا يۈز ئىسرائىلىيە بەرپاقىلىش» قۇرۇلىشى راستىنلا باشلانسا ، تەكلىماكاندا يۈز ئىسرائىلىيە بەرپاقىلغۇچىلارنىڭمۇ يىراق ئەجدادى بولغان ئەجدادىمىزدىن قالغان تارىخىي خارابىلەر بىردۆۋە لايغا ئايلىنىدۇ.

بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى دۇنيا غەيرى ماددىي مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ قوغدىغىنىدىن سۆيۈندۇق، ئەمما ئۇيغۇرلار يۇرتىدا قوغداشقا تىگىشلىكى 12 مۇقاملا ئەمەس!...

بۇ تۇپراقتا ، بۈگۈنكى ئىنسانىيەتنىڭ 80پىرسەنتىنىڭ يىراق ئەجدادىنىڭ قەۋرە-يالدامىلىرى ۋە شەھەر –سەھرالىرىنىڭ قەدىم ئىزلىرى، قەدىم سۇمۇر ۋە تۇمۇر دەرياسى ۋادىسىدا قۇم ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتماقتا!...

ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ يىلتىزىنى ئىزلىمەكچى بولسا، بۇ ۋادىنىڭ تارىخىنى سىياسىي كۆزدە ئەمەس، بەلكى ئىنساني كۆزدە كۈزۈتىشى كىرەك!....

ئۆتمۈشتە نۇرغۇن ئاق تەنلىك غەرپلىكلەر ۋە سىرىق تەنلىك شەرقلىقلەر بۇ ۋادىدىن ئۆز ئەۋلادىنىڭ ئىزلىرىنى ئىزلەپ لوپا ئەينەكلىرىنى پۇلاڭشىتىپ ئۆتتى، غەرپلىكلەرنىڭ تەتقىقاتچىلىرى«ئارىيانلارنىڭ ياۋروپادىن تارىم ۋادىسىغا كەلگەنلىكىنى، ئاندىن شەرققە ۋە جەنۇپقا سۈرۈلگەنلىكىنى، تارىم ۋادىسىدىكى ئىرىقنىڭ مۇشۇ كۆچۈشتىكى ئوتتۇرا بىكەت بولغانلىقى»نى ئىسپاتلاش بىلەن قەغەز بوياشتى.

شەرقلىقلەرنىڭ تەتقىقاتىچىلىرى «موڭغولىئىدلارنى ڭشەرقتىن تارىم ۋادىسىغا كەلگەنلىكىنى، ئاندىن غەرپكە ۋە شىمالغا سۈرۈلگەنلىكىنى ،تارىم ۋادىسىدىكى ئىرىقنىڭ مۇشۇ كۆچۈشتىكى ئوتتۇرا بىكەت بولغانلىقى» نى ئىسپاتلاش بىلەن قەغەز بوياشتى.  ئەپسۇسكى بۇقاراشلار ، ساددا مىللەتچىلىكتىن تۇغۇلغان مەدەنىيەت شۇۋىنىزىمىدۇر!...

مايانلارنىڭ ئالتاي ۋادىسىدىن بىرىنگ بوغۇزى ئارقىلىق ئامىرىكا قىتئەسىگەكۆچۈشى، سۇمىرلارنىڭ تارىم ۋادىسىدىن غەربى ئاسىياغا كۆچۈشى، بۈگۈنكى ئىلىم دۇنياسىغا قىسمەن ئىلمىي ھەقىقەت بولۇپ تونۇلۇپ بولۇنغان ۋەقەلەردىندۇر.

سۇمۇرلاربىلەن مايانلار بۇ ۋادىدىن تاشقى دۇنياغا كۆچكەن بىردىن بىر قەۋملەر ئەمەس!....ھەتتا مايانلارنىڭ قىرىنداشلىرى بولغان بۈگۈنكى ئىندىيان قەبىلىلىرى ئۆزىنى «غەرپتىن كەلگەن توققۇز ئۇرۇقنىڭ ئەۋلادىمىز» دەپ تونۇيدۇ.(دوكتۇر ئەسئەت سۇلايمان، بۆرەتۇتۇم مەدەنىيىتى) . قۇياشنىڭ نۇرى بىر تامچە سۇدىمۇ ئايان بولىدۇ. بۈگۈنكى ئىنسانىيەت يىراق ئەجدادىنىڭ ئىزلىرىنى تارىخى چۆچەكلەردىن ئەمەس، بەلكى تارىم ۋادىسىدا قۇمغا كۆمۈلگەن ساناقسىز «يۇمىلاققۇم» ۋە« قارا دۆڭ» شەھەرلىرىنىڭ خارابىلىرىدىن ئىزلىشى كىرەك!...

بۇ ئەمگەكنى تىزراق روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ، بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «قەدىم سۇمۇر ۋە تۇمۇر دەريا ۋادىلىرىنى قوغداش –تەكشۈرۈش خەلق ئارالىق ئەھدىنامىسى»نى تىزراق تۈزۈپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن!...

چۈنكى بۇۋادىغا كۆمۈلۈپ ياتقان مەدەنىيەت غەزىنەلىرىدە ، بىرنى توسسا مىڭى پەيدا بولىدىغان كىپەن ئوغرىلىرىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تىگىشلىك ھەققى بار!....




2012-يىلى 4-ئاي.



قاغىلىق، چەرچى .



ت.ت.قۇرىغار .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-5 02:12 AM  


ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
furkat2 + 39 دەلىللەر يېتەرلىك
yolkezar + 50 بارىكاللا
kalkvn117117 + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
hakkikat + 200 、ئەسىرىڭىزنىڭ تارىخى.
tanha777 + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
ئۇيغۇرشاھ + 155 مانا ھەقىقىي تەتقىقات.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 464   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33013
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1427
تۆھپە نۇمۇرى: 102
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2012-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 02:41:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولۇق ئوقۇپ چىقتىم قېرىندىشىم  قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن قېرىندىشىم!!! مەن تارىخ بىلمەيمەن  . ئەمما سىزنىڭ يازغانلېرىڭىز دىن  خېلى كوپ ئەجىر سىڭدۇرگەنلىكىڭىز  چىقىپلا تۇرىدۇ !!! مومۇنجان ناخشىچىمىز نىڭ  بىر گېپى  قۇلاق تۇۋىمدىن كەچتى!!  
«ئۆز  ناخشىلېرنى ئەمەس ئۆز تارىخىنى بىلمەسلىك بۇ  بىلىمسىزلىك »  دىگەندەك گەپ قىلغان...
شۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئاندىن ئۇنىڭغا  ئاندىن  باشقىچە قارمايدىغان بولغان !!
سىزنىڭ تېمىڭىزنى ئوقۇپ  ئاندىن راستىنلا  بۇ  تارىخ دىگەنگە قىزىقىپ قالدىم !!!!!!!!!
مەنغۇ  قارىي موللىلارنىڭ  كۆزىدە  لۇكچەك بالا  شۇنداقتىمۇ  ئاللاھ سىزگە  تېخىمۇ كۆپ  بىلىم ۋە  ساغلام تەن ئاتا قىلغاي!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71638
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 211
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 325 سائەت
تىزىم: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 02:51:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەللىللىرىڭىزنى كۆردۈم . ئەلۋەتتە ئۇ يەردە ئېچىلمىغان نۇرغۇن نۇرغۇن سىرلار بار . مەنمۇ تارىخقا قىزىقىمەن . مەن ماتىرىيال ئاختۇرۇپ باقسام بولىدىغان ئوخشايدۇ ...
سىز قايسى ماتىرىيالاردىن پايدىلاندىڭىز ؟

توختىخاچام بۇرۇتلۇق ، قاق جىگدىسى قۇرۇتلۇق.France.2006

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17951
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3096
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 6768 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 02:54:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ساقلاپ كىيىنچە كۇرۋالاي

تىمتاس لېرىكا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1046
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1305
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 191 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 04:47:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
36 تەدبىر دەنادۇر....ھەممىدىنمۇ پەشنى قىقىپ كىتىشئەلادۇر........
___________________________________________________

ماۋۇ گەپ ئالامەت گەپكەن ماۋۇ ، 36 تەدبىرنىڭ 37-ىكەندە

ھايا يوقالسا ، بالا كېلىدۇ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77920
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4051
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2012-3-25
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 07:48:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن يازمىلىرىمدىكى دەلىللەرنى كۆپىنچە ئانا تۇپراقتىن، ۋە ئانا تىلدىن ئالىمەن، چۈنكى «ھەر بىر مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەتنىڭ تارىخى»دۇر، ئانا تىل يوشۇۇپ ياتقان تارىخى ئۇچۇرلار، ئانا تۇپراق يوشۇرۇپ ياتقان تارىخىي سىرلاردىنمۇ كۆپتۇر!....مەن كەلـۈرگەن دەلىللەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇرۇن باشقىلار بىلمىگەن ياكى بىلەلمىگەن ۋە ياكى بىلىشنى خالىمىغان ۋە ۋە ياكى بىزگە بىلدۈرۈشنى خالىمىغان قاراشلاردۇر!..ئىمانىمغا،ئىلمىمگە ۋە تىنىمگە سالامەتلىك تىلىگەن قىرىنداشلىرىمنىڭ دۇئاسىنى جانابى ئاللاھ ئىجابەت قىلغاي...ئامىن!
ھەممىڭلارگىمۇ ھەم جانابى ئاللاھ ماڭا تىلىگەنلىرىڭلاردىن ئاشۇرۇپ ئاتا قىلغاي!...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9468
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5422
تۆھپە نۇمۇرى: 256
توردا: 899 سائەت
تىزىم: 2010-9-7
ئاخىرقى: 2012-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 10:16:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇرىغار، ئىزدىنىشلىرىڭىز ياخشى بوپتۇ، ئەمما پايدىلانغان ماتېرىياللارنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتمەپسىز، تارىخ ھەققىدە ئەسەر يازغاندا چوقۇم مەلۇم ساندىكى پايدىلانغان ئەسەرلەر بولىشى كېرەك ئىدى...

http://www.quttikin.com

كۈچىمىز يەتمىگە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42256
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1719
تۆھپە نۇمۇرى: 447
توردا: 2870 سائەت
تىزىم: 2011-5-27
ئاخىرقى: 2012-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 10:45:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلانغان ئەسەرنىڭ كىمنىڭ قۇلىدىن چىققىنىغىمۇ قاراش كېرەك، نى تارىخچىلار ..تازا مەسلىھەتلىشىپ ..مانى ياززاق جىق ئىش چىكىپ كىتىدىكەن مانىلا يازايلى دەيدىغان...
مەن مۇشۇ ۋاقىتقىىچە پەقەت بىر ئۇسۇل بىلەن يېزىلغان تارىخنى ئۇقۇپ ۋە ئاڭلاپ كەلدىم .ئۇ بولسىمۇ...بىرە قەدىمىي جاي .ياكى ئاسارئەتىقە چىقىپ قالسا دەرھال شۇنى پالىنى سۇلالەمۇشۇ يەردە ئالاقە قىلغان...شۇ چاغدىلا بىز مۇشۇندا ئاپاق چاپاقتۇق .شۇ چاغدىلا  پالانى جاي پالانى يەرنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىدى..دىگندەك.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARAL52 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-29 10:49 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
qoqas + 11 ماختاشقا تېگىشلىك
زامانى + 111 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 122   باھا خاتىرىسى

كۈچىمىز يەتمىگەنىگە سەل تۇرۋالساق پۇرسەت كىلىدۇ.ئەمما قىلالايدىغان ئىشنى كىچىكتۈرسەك چاتاق .......................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77920
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4051
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2012-3-25
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 10:51:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرىسىز!
مەن  بۇ يازمىنى پەقەتلا تاسادىبى قازا يىتىپ قالسا، گۆرگە بىللە ئەكەتمەي دەپلا يىزىپ قويۇۋاتىمەن، بۇرۇنقى يازمىلاردىن نەقىل ئىلىشقا تىگىشلىك يەرلەر بولسا يازمام پايانىغا يەتكەندە تەپسىلى كۆرەلەيسىز، شۇنى سەمىڭىزگە سالغۇم كىلىدۇ: تارىخىمىز ھىچ قاچاندا ئىلمىي ۋە ئادىل ۋە تولۇق بايان قىلىنىپ بىقىلمىغان،  بىز ھەققىدە بولۇنۇۋاتقان داۋراڭلارنىڭ ھەممىسى ئورخۇن بويىدىن ئىدىقۇت باغرىغىچىلا.....
سىزگە يۇقارقى يازمامدا بىلدۈرۈشنى كۆزلىگىنىم سۇمۇر ۋە تۇمۇر دەرياسىنىڭ ئىقىن ئۆزگەرتىشى ۋە بۇ سەۋەپتىن پەيدا بولغان يىراق تارىخمىزدىكى ئۈزۈكچىلىكتۇر!...يەنى يىراق تارىخمىزنىڭ يىپ ئۇچىنى سىزگە ئىشارەت قىلدىم...
سىز مۇشۇ يىپ ئۇچىنى چىڭ تۇتسىڭىز مورگان ئەيتقان« تارىم ۋادىسىغا كۆمۈلگەن ئىنسانىيەت مەدەنىيەت غەزىنىسىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىنى تاپالايسىز»
يازمام ھەققىدە پىكىر بەرگىنىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئەيتىمەن!...
ھۆرمەتتە
قۇرىغار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qurighar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-29 10:52 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 205
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12137
تۆھپە نۇمۇرى: 314
توردا: 1513 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 11:22:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2-   بۇ پىت ، بۇ پىتنى بايقىغۇچىلارنىڭ بىرەرسىدىن، «كرورانگۈزىلى»نىڭ جامالىغا قاراپ بىھۇش بولۇپ،بى ئىختىيار ھالدا پوككككىدە «كرورانگۈزىلى»نىڭ جەسىدىگە چۈشۈپ كەتكەنمىدۇر يا؟....
ھا ھا مانىڭغا ئالامەت كۈلۈپتىمەن ..

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
axek13999649893 + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ھىنرىي ، Henry  ، ヘンリー  ، هنري ، 헨리 ، Αυτεπαγωγής  ،  Henri
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش