<< ئىندىئانلار ئۇيغۇرمۇ ؟ >>غا دانىشنىڭ نارازىلىق جاۋابى
مۇھەممەت مەتنىياز دانىش
<< ئىندىئانلار ئۇيغۇرمۇ >> دېگەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا مېنىڭچە ، باشقا مىللەت
كىشىلىرىنىڭ ( ئالىم دەپ ئاتىۋالغانلارنىڭ)مۇلاھىزىسىنى ئاڭلاشتىن ئاۋۋال مۇشۇ مەسىلىدە
باش پىرسۇناژ بولغان ئۇيغۇر ۋە ئىندىئاندىن بولغان ئاددى كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى
ئاڭلاپ بېقىش كېرەك !
مەن ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ، مىللىتىمنى قالايمىقان بىر نەرسە دېسە چىداپ تۇرالمايدىغان
ئاددىي بىر ئادەم . باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ سۆزلىرىگە ھەيران قالغان ھەي قېرىنداشلار مېنىڭ
سۆزۈمگىمۇ قۇلاق سېلىپ بېقىڭلار !
<< ئىندىئان>> دېسە ، ھازىرقى زامانىۋىي جەمئىيەتتىن يىراقتا قالغان ، تۈزۈككىنە
كېيىم - كېچەكمۇ كىيمىگەن بىر توپ تەبىقە كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ . ئەمدى ئۇ ئىندىئانلارنى
ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىن كۆچۈپ بارغان<< ئۇيغۇرلار >> دېگۈچىلەرنىڭ ئاغزىغا تۆۋەندىكى
پاكىتلار تاش تۇپراق بولۇپ تىقىلغاي :
بىزنىڭ تارىخلىرىمىز بەزى تارىخ ماتىرىياللاردىن چېقىرىۋىتىلگەن بولسىمۇ ، ئانا تۇپرىقىمىز
باغرىغا چىڭ بېسىپ ساقلاپ قالغان قېزىلمىلار مىللىتىمىزنىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىكىگە پاكىت
بولۇپ ، مىللىتىمىزنىڭ تارىخىنى بۇرمىلىغۇچىلار ئۈچۈن چوڭ توساق بولۇپ ، مىللىتىمىزگە
خىزمەت قىلماقتا . ئاتۇشنىڭ بوغاز دېگەن يېرىدىن ئەجدادىمىزنىڭ بىر تاش قاتمىسى قېزىۋىلىنغان
بولۇپ ، بۇ يۇڭ تۇقۇلمىدىن كېيىم كەيگەن ئەجدادىمىزنىڭ جەسىدىگە دۇنياۋىي شۆھرەتكە ئىگە
ئالىملار << بۇندىن ئون مىڭ يىللار ئىلگىرى ياشىغان < ئاتۇش ئادىمى > ، بۇ ئاتۇش ئادىمى
بېيجىڭ جۇكۇدىئەن ئادىمى بىلەن زامانداش >> دېگەن باھانى بەردى . ( تارىخ تەتقىقاتچىلىرىمىز
ئەنىۋەر بايتۇر بىلەن خەيرىنسا سىدىقلار تۈزگەن ، 1999 - يىلى 3- ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان
<< شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى>>نىڭ 7- بېتىگە قاراڭ )
<< جۇڭگو تارىخى >> دېگەن دەرسلىكىمىزدە بېيجىڭ ئادىمىنىڭ قىپيالىڭاچ ھالدا بىر توشقاننى
توقماققا ئېلىپ ، كېتىۋاتقان رەسمى بار . شۇ بېيجىڭ ئادىمى كىيىم كىيمىگەندە بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز
<< ئاتۇش ئادىمى>>كېيىم كىيگەن. << ئىندىئانلار چىڭگىز خان دەۋرىدە ئامىرىكىغا قېچىپ بارغان
ئۇيغۇرلار ئىدى >> دېگەن سەپسەتەنى تارقاتقۇچىلار قېنى ئويلاپ بېقىڭلارچۇ ،
شۇ ئون مىڭ يىل ئىلگىرى كىيىم كىيگەن بىز ئۇيغۇرلار ئەمدىلىكتە 1200 - يىلى ئامىرىكىغا
قېچىپ بارغاندا كېيىمسىز برىپتىمىزما ؟ ئاغزىڭلارغا كېيىم - كېچىگى بىلەن چىققان ئەجدادىم
<< ئاتۇش ئادىمى>>نىڭ تاشقاتمىسى تىقىلسۇن !
<< ئىندىئانلار چىڭگىز خان دەۋرىدە ئامىرىكىغا قاچقان ئۇيغۇرلاردۇر دېگۈچى سەپسەتەچىلەر ،
سىلەرنى تازا بىر تىللىماقچى ئىدىم ، بولدى تىللىماي ، ئەقلىڭلەر بولسا تۆۋەندىكى پاكىتقا قۇلاق
سېلىڭلار !
بىز ئۇيغۇرلار چىڭگىز خان دەۋرىدە ئامىرىكىغا قېچىپ نېمە قىلىمىز ؟ چۈنكى ، بىز ئۇيغۇرلار
ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە تېخنىكا تەرەققىياتىمىز بىلەن چىنگىز خان دەۋرىدە ئىنتايىن ئەتىۋارلانغان !
ئانا دىيارىمىز دۇنخاڭدىن قېزىۋىلىنغان ئالتى تال چىلان ياغىچى ئۇيغۇرچە ياغاچ مەتبە
1990 -يىلى8- ئاينىڭ 2- كۈنى دۇنخاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت مائارىپ ئىلىم - پەن
يىغىنىدا << دۇنخاڭدىن تېپىلغان ئالتە تال ئۇيغۇرچە ياغاچ مەتبە دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى
مىخ مەتبە ھېساپلىنىدۇ >> دەپ ئىتىراپ قىلىنغان . ( << تۇرپان گېزىتى >> 1591 - سانغا قاراڭ )
<< جۇڭگو تارىخى>> دا تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا مۇنداق
بايانلار بار : << تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆڭلۈك - سۆيگىن توپىلىڭى يۈز بەردى ،
تاڭ خانى پايتەخت لۇياڭنى تاشلاپ ، سىچۇئەنگە كەتتى ۋە ئۇيغۇرلاردىن ياردەم سورىدى .
ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانى لەشكەر باشلاپ كېلىپ ، تاڭ خانىنىڭ پايتەختىنى ئىگەللىۋالغان ئۆڭلۈك -
سۆيگۈن توپىلىڭى تېنجىتىپ ، سىچۇئەندە تۇرىۋاتقان تاڭ پادىشاسىنى قايتا تەختتە ئولتۇرغۇزۇپ
قويدى >> ( بۇ خىل بايانلار << شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى>>دىمۇ بار .
موڭغۇللار تارىخىدىن ھەممىمىزگە مەلۇمكى ، چىنگىز خان قىزى ئالتۇن بېكەنى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانى
قۇقار تېگىنگە ياتلىق قىلىپ ، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانىنى << بەشىنچى ئوغلۇم >> دەپ ئاتىدۇ .
چىنگىز خان دەۋرىدە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەخلى - تەرۈزگە ئۇچرىمىدى . ئۆزىنى شاھلارنىڭ
شاھى دەپ ئاتىغان چىنگىز خان نېمە ئۈچۈن قىزىنى ھەر - ھەر پادىشاھلارغا ياتلىق قىلماي ،
نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر خانىغا ياتلىق قىلىدۇ ؟ بۇ ھەرگىزمۇ سەۋەبى يوق ئىش ئەمەس !
ئۇ چاغلاردا بىز ئۇيغۇرلاردا چىڭگىزغان ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ئىككى ئەنگۈشتەر بار ئىدى !
بىرى ، دۇنيانىڭ مىڭ يىلىدا بارلىققا كەلگەن ئەڭ زور كەشپىياتلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان
<< ئۇيغۇر زەمبىرىكى >> بۇ زەمبىرەك 1182 - يىلى ئىدىقۇتتا كەشپ قىلىنغان بولۇپ ، كۆيدۈرگۈچىنىڭ
پارتىلاش كۈچىنى نو شەكىللىك ئەسۋاپ ئارقىلىق جارى قىلدۇرىلىدۇ . ھەر قېتىم ئېتىلغاندا يېرىم مو
دائىرىدىكى ئادەم ۋە نەرسىلەرنى تەلتۆكۈس كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ .( << شىنجاڭ ياشلىرى>>نىڭ
1983 - يىللىق 11- سانىغا قاراڭ )
ئەنگۈشتەرنىڭ ئىككىنچىسى ، تىل - يېزىق بولۇپ ، چىنگىز خان دەۋرىدە نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ
يېزىقى يوق ئىدى . بۇنىڭ ئەكسىچە ، ئۇيغۇرلار ئۇ چاغدا تۆت -بەش خىل يېزىقنى ئىجات قىلىپ بولغان .
چىنگىز خان ئۇيغۇر خانىغا ئەڭ ئەتىۋارلىق قىزىنى ياتلىق قىلىش ئارقىلىق يۇقارقى ئىككى ئەنگۈشتەرگە
ئېرىشىپ ، يولۋاسقا قانات چىققاندەك كۈچىيىپ كەتكەن .
1229 - يىلىدىن 1241 - يىلىغىچە ئۇيغۇر كوز كوز موڭغۇللارنىڭ ئىراندىكى مەمۇرى باش
ئەمەلدارى بولغان . شۇ ئىلخانلار دەۋرىدە موڭغۇللار ئىگىلىگەن زېمىنلاردىكى پۇقرالارنىڭ بەش ياشتىن
باشلاپ ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنىش يارلىقى چۈشۈرۈلگەن .
<< ئۇيغۇر بىناكارى ئەختەرىدىن 1262- يىلى چەىنخاڭداۋ ئارىلىنى بىنا قىلىش تەكلىبىنى
بەرگەن .1263 - يىلى چىنخاڭداۋ ئارىلىنى بىنا قىلىش يارلىقى چۈشۈرۈلگەن . 1265 - يىلى
چىنخاڭداۋ ئارىلىنى بىنا قىلىنغان . ئۇيغۇر بىناكارى ئەختەرىدىننىڭ لاھىيلىشى بىلەن بۇ ئارالغا
<< تايدۇ >> ( ئۇلۇغ پايتەخت) بىنا قىلىنغان . تايدۇ ھازىرقى بېيجىڭنى كۆرسىتىدۇ . شۇ چاغدا سېلىنغان
پايتەخت ھازىرقى گۇگۇڭ خان سارىيىدۇر . ( << تۇرپان گېزىتى >> 1591 - سانغا قاراڭ )
دېمەك ، چىنگىز خان دەۋرىدە بىز ئۇيغۇرلار شۇنداق ئەتىۋارلانغان ھەم ئەقىل - پاراسەت ، بىلىم
تېخنىكا جەھەتتە شۇنداق تەرەققىي قىلغان تۇرسا ، بىز ئۇيغۇرلارغا ئامىرىكىدا پوق بارمۇ ؟
ئۇيغۇرلار ئامىرىكىغا قېچىپ بېرىپ ئىندىئان بولغان دېيىش ساراڭلارچە جۆيلۈش ئەمەسمۇ ؟!!
مەن يەنى يازىمەن ! مىللىتىم توغرىسىدا كىمىكى ساراڭلارچە جۆيلىسە ، مەن يەنە يېزىشقا تەييار !!
قايسى كۇنى ئىندىىانلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامىرىكىغا قىچىپ بارغان تارمىقى دىگەندەك ئۇچۇرلارنى كۇرۇپ قالغان ، ئۇنىڭغا رەدىيە بىرىشكە قۇربىتىم ئاجىزلىق قىلغاچقا (تەۋپىق مائارىپ توردىكى مۇھەممەد نىياز دانىش مۇئەللىمنىڭ بۇ رەدىيەلىرىنى بۇ يەرگەئەينەن كۇچۇرپ كەلدىم، يىزىلغان پاكىتلار تۇللۇق بولغاچقا مۇشۇ ئىش توغىرسىدا گاڭگىراپ قالغان تورداشلارنىڭ توللۇق ئۇقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن ، بىزنىڭ بۇ پاكىتلارنى دەلل قىپ تۇرۇپ ئىندىئانلاربىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھىچقانداق مۇناسىۋتىمىز يوقلۇقىنى باشقا تورداشلارغا بىلدۇرۇپ قۇيۇش مەجبۇريىتىمىز بار دەپ قارايمەن ....
مەنبە:تەۋپىق مائارىپ تورى
http://www.tawpek.com/bbs/read.php?tid=5872
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ssqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-28 09:26 PM