ئۆز ئاجىزلىقىنى بىلمەسلىك – ئەڭ چوڭ ئاجىزلىق.
ساختىلىق ئىنچىكىلىك ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن سىغىشمايدۇ.
ئۆزۈڭنى چۈشىنىشىڭ قانچە كەمچىل بولسا، ئۆزۈڭدىن شۇنچىكى ياتلاشقان بولىسەن.
قۇلىقىڭ يۇمشاق بولغاندىن، قولۇڭ ئەپچىل بولسۇن.
بىلىم ئوقۇشتىن، ھۈنەر ئۆگىنىشتىن، نەتىجە ئىشلەشتىن، شەرەپ ئۆرلەشتىن كېلىدۇ.
ئىش – ئەمگەك قىممەتكە، ئىلىم – ھېكمەت ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.
ۋىجدانسىز ئادەمدە ۋاپا، ۋاپاسىز ئادەمدە ساداقەت، ساداقەتسىز ئادەمدە مۇھەببەت بولمايدۇ.
ئاداشقاندىن يول، نامراتتىن پۇل، ئىش كۆرمىگەندىن مەسلىھەت، ھەسەتخوردىن نەسىھەت سورىما.
ھەر قانداق كۈلپەت ئادەمگە نومۇسسىزلىقتىن بەتتەر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ.
نومۇس – ۋىجدان سوتىنىڭ پىروگراممىسى.
ئەگەر ئادەمنىڭ ئەقلى ئۇنى نومۇسسىزلىق بىلەن جان بېقىشقا قىزىقتۇرسا، ئۇ ئەقىل ئەمەس، بەلكى نەپسىدۇر.