ئوخشاش بولمىغان مۇھىت ، قىسمەت ۋە ئادەت تۈپەيلى بىر قىسىملىرىمىز ئۆزىمىزنى پەس كۆرۈش ، كەمسىتىش تۇيغۇسى يېتىلدۈرىۋالىمىز .
ئۆزىنى پەس كۆرۈش ــ راك كېسىلىدىنمۇ خەتەرلىكتۇر . بەلكىم بۇ ئوخشىتىش مۇبالىغە بولۇپ كەتكەندۇ ؟ ئەمما ئۆزىنى پەس كۆرۈش تۇيغۇسى جېنىمىزنى ئالالمىغىنى بىلەن ، كەيىپيات ، خىزمەت ۋە ياشاش ئۇسۇلىمىزغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ .
شۇنىڭغا ئەگىشىپ ،قاقشاش ،باشقىلاربىلەن ئەپ ئۆتەلمەسلىك ئاسان ئاچچىقلىنىش ھەممە ئىشنىڭ يامان تەرپىنى ئويلاش ، دائىملا غەم يەپ ئۆتۈش ... قاتارلىق <<ئەگەشمە كېسەللىك >> لەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .بەزىلىرىمىزدە ئازدۇر ـ كۆپتۇر ئۆزىنى پەس كۆرۈش تۇيغۇسى بولۇشى مۇمكىن .
بۇ ئانچە خەتەرلىك ئەمەس خەتەرلىك بولغىنى __ دائىملا ئۆزىنى كەمسىتىپ ئادەتلىنىپ قېلىشتۇر .
سىز نىمىشقا مىسرانىمغا كىرىسىز ؟
مەلۇم نوقتىدىن ئېيىتقاندا ئادەتلىنىپ قالغانلىقىڭىز تۈپەيلى شۇنداق بولىدۇ .
مەسىلەن : سول قولىدا تاماق يەپ ئادەتلىنىپ قالغان ئادەم بۇ خۇيىنى تاشلىيالمايدۇ.
ئوڭ قولىدا يېيىش بىئەپ تۇيۇلىدۇ . نىمىشقا شۇنداق بولىدۇ . چۈنكى ئۇ سول قولىدا يەپ ئادەتلىنىپ قالغان .
ئەمەلىيەتتە ، بىر مەزگىل تېرىشىپ ئوڭ قولىدا يەپ ئادەتلەنسە بۇنى ئۆزگەرتىش ئاسانغاتوختايدۇ. خۇدا ئىنسانلارغا ئەڭ ئولۇغ كۈچ __ ئۆزىنى تىزگىنلەش، تاللاش قۇدرىتى ئاتاقىلغان . شۇڭا ئىمكاننىڭ بارىچە ئۆزىنى پەس كۆرۈش تۇيغۇسىغا قارشى تۇرشىڭىز كېرەك! بولمىسا تېخىمۇ كۈچلىنىپ كېتىدۇ. بەزىلىرىمىزتىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئىشلار ئۈچۈن ئۆزىمىزنى پەس كۆرۈش كەمسىتىش پىسخىكىسىنى يېتىلدۈرىۋالىمىز . ئىقتىدارىمىزدىن ئېشىپ چۈشىدىغان نەرسىلەرنى ئارزۇلاش باشقىلارنىڭ رەت قىلىشى نەچچە يىل ـ ئاي ئىلگىرىكى ئۆتۈپ كەتكەن ئىش ۋە ئۆتكۈزگەن خاتالىقىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ئەيىبلەپ قايغۇرۇش ، ھەممە ئىشنىڭ يامان تەرىپىنى ئويلاش ، سىزنى تېخىمۇ تۈگەشتۈرىدۇ. گۈزەل رۇخسارىڭىزنى خۈنۈكلەشتۈرۈپ سەتلەشتۈرىدۇ .تالانىت ـ ئىقتىدارىڭىزنى كۆمۈپ قويىدۇ .
قانداق قىلغاندا ئۆزىنى پەس كۆرۈش ،كەمسىتىش تۇيغۇسىغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ ؟
كەچكىچە ، غەم ـ قايغۇ ، ھېجران كۈيلىنىدىغان چۈشكۈن ئىشقى ناخشا كۈيلەرنى ئاڭلىغاننىڭ ئورنىغا كىشىگە
ئېلھام ـ ئۈمىد ، ئىشەنىچ ـ جاسارەت ئاتا قىلدىغان كىتابلارنى كۆرۈڭ ! ئىسپىرىتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىپ مەسىت بولۇپ يىنىكلەيمەن دەپ ئويلىماڭ !
ئۇ نەرسىلەر سىزنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ چۈشكۈنلىككە باشلايدۇ .
بەدىنىڭىزنى پاكىز تۇتۇپ ، يېڭى كىيىملىرىڭىزنى كىيىپ مەنزىرلىك يەرلەرنى سەيلى قىلىڭ! يالغۇز
بېكىنىۋالماڭ ! كۆڭۈلدىكى دوسىتلىرىڭىز بىلەن ئۇچرىشىڭ . ئۇچرىشىشقا پۇرسەت يارىتىڭ !
خۇداغا رەھمەت ئېيتىڭ ! سىز بىلەن تەڭ ـ دېمەتلىك دوسىت ، تۇنۇش ـ بىلىشلەردىن نەچچىسى كېتىپ قالدى ؟ سىزنىڭ ھايات ، سالامەت يۈرگىنىڭىزنىڭ ئۆزى بەخىت ـ خۇشاللىق بولماي نېمە ؟
ھەر كۈننى ، يېڭى بىر كۈن باشلاندى دەپ خۇشاللىق بىلەن كۈتۈشكە ئادەتلىنىڭ ! تۈنۈگۈنكى سىز بۈگۈنكى سىز ئەمەس .ھېچكىممۇسىزگە خۇشال بولۇپ بەرمەيدۇ ، ئازابلىرىڭىزنى تارتىپ بەرمەيدۇ، كەيىپياتىڭىزنى قانداق تۇتۇش ئۆزىڭىزگە باغلىق . ئۈمىدۋار بولۇڭ ! ئۈمىدسىز ، چۈشكۈن كىشىلەر بىلەن ئارلىشىپ كەتمەڭ !
<< قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار >> دېگەندەك ، ئۇلاردىكى پاسسىپلىق سىزگىمۇ يۇقىدۇ . قەددىڭىزنى تىك تۇتۇپ مېڭىڭ ! نەزىرىڭىزنى قەدىمىڭىز ئاستىدىكى ئەخلەت ـ چىرىندىلارغا ئەمەس ئېگىزچۇققىلارغا تىكىڭ ! مۇخپىر ، كەشىپياتچى ئېدىسۇندىن ، سىز ئېلىكتىر لامپۇچكىنى ئىجاد قىلىشتىن ئىلگىرى 14 مىڭ قېتىم مەغلۇب بولۇپسىز ، بۇنىڭغا قانداق تەسىراتىڭىز بار ؟ دەپ سورىغاندا __ مەن 14 مىڭ قېتىم مەغلۇب بولمىدىم ، پەقەتئاقمايدىغان14 مىڭ خىل ئۇسۇلنى سىناپباقتىم دەپ جاۋاب بەرگەن . ئويلىنىپ بېقىڭە ! نېمدىگەن ئىسىل روھ ، ئاكتىپ ـ ئۈمىدۋار پوزىتسىيە ھە ؟ شۇنىڭغا قارىغاندا سىزنىڭ بىر ـ ئىككى قېتىم ئوڭۇشسىزلىق،
مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىڭىزنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمدۇ ؟
باشقىلارنىڭ مەسخىرىسى ، پەس كۆرۈشى ، سىزنىڭ خىيال ـ غايىللىرىڭىزنى كۆزگە ئىلماسلىقى بىلەن ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى يۇقاتماڭ ! ئۇلار ، سىزنى ھېچقانداق نەتىجە ئۇتۇق قازانمىسا ، بىزگە ئوخشاش مۇھتاجلىق ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزسە دەپ قارايدۇ . سىز دۇنيادا ئەڭ ئاسان ئاڭلايدىغان گەپ __باشقىلارنىڭ « قولۇڭدىن ئىش كەلمەيدۇ ›› دېگەن گېپىدۇر .
باشقىلارنىڭ گېپى بىلەن ، خىيال ـ غايىلىرىڭىزدىن ۋاز كەچمەڭ !
خىيالپەرەسلەر دۇنيانىڭ ئىجادكارلىرىدۇر . ئەينى ۋاقىتتا خىيالپەرەسلەر تۆمۈرنىڭ ئاسماندا ئۇچۇشىنى خىيال قىلغان ئىدى . بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر ئۇلارنىڭ خىيالىنىڭ رېئاللىققا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈۋالالايدۇ .
خىيالپەرەسلەر ھېچقانداق ئېلىكتىر سىمىغا تايانماي تۇرۇپ ھاۋائارقىلىق ئۇچۇر يوللىغىلى بولدىغانلىقىنى
ئېيىتقاندا دوسىتلىرى: ئۇلارنى نرۋا كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئاپرىپ تەكشۈرۈتكەن.
ئەجىبا بۈگۈنكى كۈندە ئۇخىيالپەرەسلەر خاتا قىلىپتىمۇ ؟
بىر ئىشنى سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلشىڭىز كېرەك ! سىناب باقمىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ قىلالمايدىغانلىقىنى
قانداق بىلىسىز ؟ بەلكىم باشقىلاردىن ياخشى قىلالىشىڭىزمۇمكىن . ھەممىمىز تەكشى يارىتىلغان . ھېچكىم ھېچكىمدىن ئىقتىدارلىق تالانىتلىق ئەمەس .
بەلكىم باشقىلار تىرىشىش ، ئىجتىھاد بىلەن ئۈستۈنلىككە ئىگە بولغان . ھەر قانداق ئىشقا تىرىشچانلىق ، پىداكارلىق كۆرسىتىش ئاللاھنىڭ يوليۇرىقىدۇر .
قىسقىسى : << ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ >>
<< قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ >> !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-28 08:45 PM