
 
نەئۈچۈن بەزىلەر چەكسە تاماكا ،
مەن ئۆزۈم يالغۇزلا ھەسرەت چېكىمەن.
نە ئۈچۈن بەزىلەر كۆتۈرسە  رومكا ،
باشقىلار دەردىنى ئۆزۈم كۆتۈرمەن .
 

نە ئۈچۈن بەزىلەر يۈرسە كۈلۈپلا ،
كۈلسىمۇ كۆزلىرىم كۈلمەيدۇ يۈرەك .
نە ئۈچۈن بەزىلەر تاپسا بەخىتلەر،
ئاشمايدۇ ئەمەلگە ئارزۇلۇق تىلەك .
 

نە ئۈچۈن سۆيگۈمنى بىلسە ياپراقلار،
بىلمەيدۇ ئۇ قىزچاق سۆيگەنىم تۇرۇپ.
نە ئۈچۈن ئاقىدۇ تارام  ياشلىرىم ،
كەتمەسمۇ يار مېنىڭ كۆزلۈرۈم قۇرۇپ. 

 
نە ئۈچۈن بەزىلەر رېئال تۇرمۇشتا،
مەن ئۆزۈم ياشايمەن سۈرۈپلا خىيال.
نەئۈچۈن بەزىلەر كۈلسە بەختىدىن،
مەن ئۆزۈم يۈرەكتىن بولمايمەن خۇشال.

 
نە ئۈچۈن شۇ قۇشلار قاقسا قاناتلار ،
مەن ئۆزۈم ھەسرەتتە قالدىم يىگانە.
نە ئۈچۈن بەزىلەر قاچسا سۆيگۈدىن،
يۈرىمەن سۆيگۈگە بولۇپ  دىۋانە.

 
نە ئۈچۈن سۈزۈك سۇ ئاقسا شىلدىرلاپ،
ئاقىدۇ  ياشلىرىم كۆزۈمدىن  تارام .
نە ئۈچۈن بېلىقلار  تاپسا جۈپتىنى ،
سۆيگەنىم تۇرۇپ ئۇ دېمەيدۇ سالام.

 
باغراش كاككۇكى.....