|
بىزدە تانسا ۋە تۇغۇلغان كۈن دىگەندەك ئەسلىدە غەربكە تەۋە بولغان ئادەتلەر شىددەت بىلەن ئومۇملاشماقتا . يېڭىدىن ئومۇملىشىۋاتقان روجدسىتوۋا بايرىمى، ئېلىكترونلۇق تۈنەك ....دىگەنلەرنى قويۇپ تورۇپ، تانسا ئۈستىدىلا توختالساق، بەزى ئۆزگىرىشلەرنى بىلىۋىلىش مۇمكىن. تانسا ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ نومۇس ۋە ئەرلىك غورۇرىغا بولغان دەھشەتلىك ھاقارەت بولسىمۇ، زامانىۋىلىشىش دىگەن يېپىنچا ئاستىدا بۇخىل ھاقارەت تۇيغۇسى يارىشىملىق، باشقىچە گۈزەل تۇيغۇلارغا ئورۇن بەرگەندەك قىلىدۇ. ئويلاپ كۆرمەمسىز ؟ يات بىر ئەركەك كۆز ئالدىڭىزدا ئايالىڭىز، قىزىڭىز ياكى ھەمشىرىڭىزنى خىرامان پىرقىرىتىپ يۈرسە، ۋىجدانىڭىزنى خورلۇق ھېس قىلماستىن، ئەكسىچە توغرا چۈشىنىپ كېتىۋەرسىڭىز، سىزدىكى بەرجەس ئەركەكلىك نەدە قالدى؟ ھەتتا سىزخورازچىلىكمۇ بولالمىسىڭىز، بۇ ئەمدى قانداق ئەرلىك غورۇر؟ نەدىن ئېمپورتقىلىنغان ناجىنىس ئادەت؟ ياكى ئەركەكلىك دېگەن ئوقۇمغا باشقىدىن تەبىر بېرىش كىرەكمۇ؟
8 j' W% W0 m' n( a2 g; h6 b$ lبەزىلەر : شۇمۇ گەپ بولدىمۇ؟ تانسا دىگەن ئاللىبۇرۇنلا
8 L2 S2 p+ k+ Iجەمىيئەتلەشكەن تۇرسا ، يەنە ئۇنى- بۇنى دېيىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ - دەپ ئويلاپ قالار. راسىت ! ئۇ ئاللىقاچان جەمىيئەتلەشتى، ئەمما، ئۇ ھەقتە كۆزىمىزنى يۇمۇپ، ھېچنىمە دىمەمدۇق؟ نۇرغۇن نەرسىلەر جەمىيئەتلىشىپ كېتىشتىن بۇرۇن ئۇ بىخ ھالەتتە ئىدى. ھېچكىم ھېچقانداق قارشىلىق قىلماي، ئەگىشىپ كېتىۋىرىپ كۆنۈپ قالغاندىن كېيىن، بۇ ئەمدى قىلمىسا بولمايدىغان ، ئەزەلدىن بار قىممەتلىك ئۇدۇمدەك خويمۇ ئوبدان ئۆزلىشىپ قالىدۇ. چاتاق دەل مۇشۇ .
; o) }" E' k8 r# W* u( j. n
, M9 f+ A, z" _$ {; M(شىنجاڭ مەدەنىيتى ژۇرنىلىدىن ئېلىندى. )
2 C8 T% P& ^ I* w( e" r* w1 u$ U tبۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەرنى كۆرۈپ بېقىڭ: 3 L. z# C1 ]* k% }
1-مۇلاھىزە: ; f" ^( }' i) d/ r1 F/ D/ x) W! f8 }
80-يىللار بولسا كېرەك، تۇرپاندا غوپۇر ئەۋرا دېگەن ۋىجدانلىق بىر قوشاقچى ئۆتكەن ئىكەن بۇ كېشى بىر سورۇنغا بېرىپتۇ، سۇرۇندا تانسا ئويناش باشلىنىپ تازا قىزىپ كېتىپتۇ. غوپۇر ئەۋراغا بۇ يەردىكى ئىشلار ياقماي سىرتقا چىقىپ ئاچچىغىدا تاماكا چېكىپ ئولتۇرسا، سىرتقا چىققان ياشراق بىرەيلەن ئۇنى كۆرۈپ مازاق قىلغان تەلەپپۇزدا:
% p7 H7 y; t2 B0 l A m4 e- ھە غوپۇركا بۇ يەردە ئولتۇرۇپسەن تانسا ئۇقمايدىغان ئوخشىمامسەن؟-دەپتۇ.
2 c. u& \4 Z, e4 H1 p9 }) H-غوپۇر ئەۋرا:
& v" [2 M+ W% n5 Q( J4 `- ھە، ئۇكا بىلمىگىدەك قانچىلىك ئىشتى دەپ بۇ قوشاقنى قېتىپتۇ:
2 n H }! [6 B8 g( k q% gسېنىڭ خوتۇنىڭنى ماڭا تاڭسا ،
) ~! g5 @0 l$ g7 _( Mمېنىڭ خوتۇنىمنى ساڭا تاڭسا ، 9 R* w9 \% s8 W/ }
بىرى بەلدىن، بىرى بوياندىن ئالسا 5 |6 p7 u5 M5 z: B+ m
ئاندىن بولىدۇ ئۇ تانسا ...... 1 o8 V% j6 I: ]3 ^) N2 V! C1 E
مېنىڭچە، تانسا غەرب مەدەنىيىتىدىن بىزگە ئەڭ ئومۇملاشقىنى بولسا كېرەك، تانسا پەقەت كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ياكى ئاڭلىق ئىنسانلارنىڭ مەدەنىي ھەركىتى ئەمەس . بەلكى ئۇ غەرپنىڭ ئىدىيە ئاڭ، تەپەككۈر ئەندىزىسى . بىزمىللەتنىڭ تانسىنى قوبۇل قىلىشىمىز غەربلىشىشكە باشلىغانلىغىمىزنىڭ مۇقەددىمىسى ئىدى ئاندىن بىز يەنە تالاي ئىشلارنى قوبۇل قىلىدۇق. بىزنىڭ بۇلارنى قوبۇل قىلىشىمىز شۇلارغا ئوخشاش مائارىپ ۋە ئىلىم- پەندە تەرەققىي قىلىش، شۇلارغا ئوخشاش پاراۋان ياشاش مىللى ئابرويىمىزنى ئۆستۈرۈش ئىدى. لېكىن مىللىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئەمەلى ئەھۋالى ھەممەيلەننى ئېغىرتىنىشقا، ئۆزىمىز ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ. بۈگۈن باتۇر، ئىپپەت- نومۇسىنى ساقلىغۇچى نۇزۇگۇم ئوبرازىنىڭ، شىنجاڭ گۇنىياڭدىكى ئادەمنىڭ ۋىجدانىنى قاينىتىدىغان ھېلىقى ئوبرازغا ئۆزگۈرۈشى بىزنىڭ ئۆزىمىز ھەم ھەدە- سىڭىللىرىمىز قېرىنداشلىرىمىز كەلگۈسىدىكى بالىلىرىمىز ھەققىدە ئويلىنىشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياج ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ ...
) C2 `1 J8 x4 m+ `' L% w' `مەن ئەسلىدە دوختۇر ئاغىنىلىرىمدىن ئاڭلىغان تانسىنىڭ ئەرلەرگە بولغان زىيىنى ھەمدە تانسىنىڭ قىزلىرىمىزدىكى ھايانىڭ كۆتۈرلىشىدىكى مۇھىم سەۋەپ ئىكەنلىگى ھەققىدە كۆپرەك بىر نەرسە يېزىشنى ئويلاپ يۈرەتتىم .... بولسابىز شۇ تانسىكەش بىچارىلەرگە كۆپرەك تانسىنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرىنى چۈشەندۈسەك ياخشى بولاتتى .....( x+ i1 I! w. R" a) X6 ]
2-مۇلاھىزە:, t3 j" J8 G, \! w
شۇنداق، مەنمۇ بىراۋنىڭ تانسا ھەققىدە تۇۋەندىكىدەك گەپلىرنى ئاڭلىغان:
+ y1 g0 U* p% Q8 p% lئاتا-ئانىدىن تانسا (<تېنىش> يۈز ئۆرۈش مەنىسدە)
9 z: `% |% A2 \7 l, ?ئەر، ئايالىدىن تانسا $ |8 c: U- A: _+ X, I" e: a; i- W
يىگىت، قىزىدىن تانسا ( e. E3 O, z3 y3 B2 H
مۇسۇلمان، ئىماندىن تانسا 3 q# P1 }+ j- ^# U2 L2 V+ h- K
تانسا ئوينىغۇچى ۋىجدان ،نۇمۇسىدىن، ئىپپەت، غورۇردىن ،تانسا ،،،،ئاندىن تانسا بولىدۇ !
( T" X+ M0 A5 u6 y+ |مىنىڭچە ھەر قانداق بىر ئەركەك يۇقارقىلاردىن تانماس دەپ ئويلايمەن. # i+ i7 C% I( c. D; d9 } K
3-مۇلاھىزە:
( v9 q9 G5 v% ^2 ]; B* q7 bمۇشۇنداق گەپلەرنىمۇ گەپ دەپ قىلىشىدىكەن بۇلار . تانسا دىگەن كۆڭۈل خۇشى. ئۇ غەرىپنىڭ بولامدۇ، شەرىقنىڭ بولامدۇ ئىشقىلىپ مىنىڭ نىمە كارىم!!! مەن ئوينايمەن ، كۆڭلۈمنى خوش قىلىمەن. قېنى مۇشۇ تېمىنى مۇلاھىزە قىلىۋاتقانلار مەن تانسا ئوينىمايمەن دىيەلەمدۇ؟ " U1 w) J0 {2 X. i
4-مۇلاھىزە:
# j/ \1 I1 t3 Y5 O, [تانسا ئوينىغانلارغا ، ئويناۋاتقانلارغا قاراپ ھەيران قالىمەن . ئۇلاردا تەپەككۇريوقمىدۇ؟ ئۆز ئايالى ۋە قىزلىرىنى باشقىلار قۇچاقلاپ ، پىقىرىتىپ يۈرسە توغرا چۈشۈنۈپ ئولتۇرىشلىرىنى!!!! توۋا ئۇنىڭ ئايالى ۋە قىزلىرى ئاممىۋى ئەسلىھەمىدۇ؟(ئەسلى باشقىچىرەك ئالساممۇ بولاتتى) ھەممە ئادەم ئىشلىتىۋېرىدىغان؟
6 p: C0 z. `# ?1 `: bئىنسانلار ئېتىقادتتىن يىراقلاشسا ئەخلاقى بۇزىلىدۇ. ئەخلاق بۇزۇلسا مىللەت ، ئىللەت ......ھەممىسى بۇزىلىدۇ . 0 M& K- M) d. d* w( e5 w0 _
5 -مۇلاھىزە:9 Q# X7 C1 W; F; L) \6 E$ m
ھەرقانداق نىجىس ئىشنىمۇ قوللىغۇچى ھامان چىقىدۇ. 5 A* G4 f. e& V7 U7 ], x, Z
تەييارلىقتا ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا قىز ساۋاقداشلىرىم بىرەرئولتۇرۇش-يىغىلىشلارغا بارسا كىمنىڭ تانسىغا كۆپ تارتىلغانلىقى بىلەن پەخىرلىنىپ سۆزلىشەتتى. سورۇندىن چۈشمەي ئوينايدىغان بازارلىق قىزلارنىڭ ھۆرمىتىمۇ ئۆسۈپ قالاتتى. قارىغاندا نۇرغۇن قىزلار ئۆزلىرىنىڭ بەللىرىدىن قۇچاقلاپ ئۇيان-بۇيانغا سۆرەپ يۈرگەن كىشىنىڭ كىملىكى بىلەن ئانچەھېسابلىشىپ ئولتۇرمىسا كېرەك.(بەلكىم) 3 T* x2 W/ L8 Z5 w; Z* B
قىزلار ئاڭلاشنى خالىمىسىمۇ، ئوغۇللار تۆھمەت دەپ ئويلىسىمۇ دەۋېرەي، بىر نەچچەكۈن ئىلگىرى بىر ئوغۇل ساۋاقدىشىم بىلەن تانسا ھەققىدە پاراڭلىشىپ قالغىنىمدا ئۇ ئوغۇللارنىڭ ھەر قېتىم يىغىلىشلاردىن كېيىن شۇ قېتىمقى ئولتۇرۇش ھەققىدە پاراڭلاشسا ئۆزى تانسا ئوينىغان قىزلارنىڭ قەيېرىنىڭ قانداقلىقى ھەققىدە پاراڭلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تانسا ئويناشقا قاتتىق نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. $ ] k, c. t/ S6 |7 L8 G/ f
قىزلارنى ئوغۇللار قونچاق ئورنىدا كۆرمەيدۇ، قىزلار ئۆزىنى-ئۆزى ئوغۇللارغا قونچاق قىلىپ بېرىدۇ # E2 E' i4 k$ z6 {+ J) d: N+ ^
6-مۇلاھىزە:
. z. w+ |& Y9 u. @0 ^/ s) }6 Pتانسا دىگەن ئۇقۇم ئەجدادلىرىمىزنىڭ كاللىسىدا ئەزەلدىن ناتۇنۇش ئىدى. پەقەتلا مەشرەپ ئويناش بىلەنلا چەكلىنەتتى، ھالا بۇگۈنگە كەلگەندە، ئاتالمىش غەرىپ مەدىنىيىتىنى ئۆزىمىزگە سىڭدۈرىمىز دەپ، ھەرقانداق سورۇندا ئوينالمىسا بولمايدىغان، تانسا بولمىسا سورۇن قىزىمايدىغان، ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدۇق. بۇنىڭ ھەممىسىنى بىزكىمدىن كۈرىمىز؟ ئۆزىمىزدىن كۈرەمدۇق ياكى ئاشۇ تانسىنى سورۇنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىرقىسمى قىلىۋالغان قېرىنداشلىرىمىزدىنمۇ؟ 1 E' x h' S$ c' z8 E
مەن ئويلايمەن: جەمىيەتنىڭ مۇشۇنداق بۇلۇپ كىتىشىنىڭ سەۋەبى ،ئاشۇ چەتئەللەرنىڭ تەرجىمە كىنولىرىنىڭ كۆپلەپ بازارغا سېلىنىشى. بىزگە يات ئىللەتلەرنىڭ شۇ ئارقىلىقتۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىشى.
) |. {* R2 F" Q, e4 L. M7- مۇلاھىزە:
1 U g0 j$ X L9 O8 b/ Iئۈرۈمچىدىكى مەلۇم رېستۇراندا 6 ياشلار چامىسىدىكى كىچىك بىر قىز تۇيۇقسىز پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى. يېنىدا ئولتۇرغان دادىسى ھەيران بولۇپ:9 k7 c# f1 H. T% C! ]0 W( P0 f9 S
-نىمە بۇلدۇڭ قىزىم نىمىشقايىغلايسەن؟ دەپ سورىدى. قىز ئىسەدەپ تۇرۇپ:3 n8 s. n5 U- V0 E3 ]7 b. I
-دادا نىمىشقا ئاپامنى ھىلى ئۇ ئادەم ھىلى بۇ ئادەم تارتىپ ئەكىتىدۇ مەن قورقۇۋاتىمەن ،- دىدى، قىزنىڭ دادىسى قاقاھلاپ كۇلۇپ كىتىپ:
; t4 G. V1 h( L' h- قىزىم قورقما ھىچ ئىش بولمايدۇ ئاپاڭنى ئۇلارھىچ نىمە قىلمايدۇ ئاپاڭ ھازىرلا قايتىپ كىلىدۇ. % {0 F N+ ?! v
مانا بۇ ھازىرقى دادىلارنىڭ قىزلىرىغا قىلىغان نەسھىتى.
8 u2 S5 P& Q9 v' i/ w, ` A
. ?; Q$ P0 K+ ^: k1 L8-مۇلاھىزە: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كۆپچىلىكنىڭ بۇ تېمىغا ئالاھىدە پىكىر قوشقانلىقىنى كۆرۈپ، ناھايىتى ھاياجانلاندىم. كۆپچىلىككە رەھمەت. مەن سىلەرگە كىچىككىنە تارىخىمنى دەپ بېرەي. & Y3 {$ g6 k1 F4 ~! V# r# J; O" l& J
مەن ئەسلىدە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئالى مەكتەپكە ئۈتۈپ ئوقۇۋاتقان ئادەم ئىدىم، ئۇ چاغدا مەن تانسىنى بىلسەممە ئانچە ياخشى ئوينىيالمايتىم، بىزنى يۇقىرى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار كۈتىۋالدى، شۇ سورۇندا يوقىرى يىللىقتىكى بىر قىز ماڭا تانسا ئويناشنى ئۈگىتىپ قويدى. مەن شۇندىن باشلاپ ھەركۈنى دېگۈدەك تانسىخانىدا تانسا ئويناپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان ئادەم بولۇپ قالدىم، نەچچە يىل ئوينىدىم، كىچىلىرى شۇنچە يىراق يەردە بولسىمۇ ئىزدەپ سوراپ ئوينىدىم، بىراق ئاخىرى ھىس قىلغىنىم نېمەبولدى دېمەمسىلەر؟ بۇ تانسا دېگەن ھېچبىر مەنىسى يوق ساراڭلار ئويۇنى ئىكەن ، سەن ئۆزەڭ ياخشى كۆرىدىغان قىزنى باشقىلارنىڭ تارتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان، ئۇنىڭ سەھنىدىن چۈشمەي ئوينىشىدىن پەخىرلىنىدىغان، ھايۋاندىن بەتتەر ھىسسياتتا يۈرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، بىر ماتىرىيالدىن ئوقۇسام، دۇنيادا جۈپتىنى پەقەت چوشقىلا كۈنلىمەيدىكەن، باشقا بارلىق ھايۋانلار جۈپتىنى كۈنلەيدىكەن. شۇڭا مەن تانسىدىن ئۈزەمنى تارتتىم، بىكار ۋاقتىم كۈپەيدى، ئىلگىرى ئوقۇمىغان ياخشى ماتىرىياللارنى ئەمدى كۈرۈشكە ۋاقتىم چىقتى. ) I; ?5 A# g! `* `- p) u4 U2 x
قارىسام تانسا دېگەن قىزلارغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ ھاقارەت ئىكەن، قارىمامسىز، تانسىخانىلار قىزلاردىن كىرىش بىلىتى ئالمايدۇ، بۇ قىزلارنى ھۆرمەتلىگىنىمۇ ياكى ئۇلارنى يەمچۈك قىلغىنىمۇ؟ دېمەك چىۋىن يىغماقچى بولساڭ ئۇنىڭغا ئازراق پۇرايدىغانگەندە كېرەك بولغاندەك بىلەت ئېلىپ كىرىدىغان ئوغۇللارنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن قىزلاردىن كىرىش بىلىتى ئالمايدىكەن. شۇڭا بىچارە نادان قىزلار توپ-توپ كىرىدىكەن. كىرگەندىن كېيىن ئۆزلىرى بىلەن ئۆزلىرى تانسا ئوينىمايدۇ، قانداق قىلىش كېرەك؟؟؟
/ W, N9 Q% d. P2 {% Fيەنىلا شۇ ئوغۇللارنىڭ تاللىشنى كۈتۈپ ئولتۇرىدىغان گەپ، ناۋا تاللىنالماي قالسا ئۇ قىز قانچىلىك ئازابلىنىدۇ، بۇنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققان قىزلار ئوبدان بىلىدۇ. تاللانغان باشقا قىزلار دېققەت قىلدىمىكىن، ئۇنىڭ بىلەنتانسا ئويناۋاتقان يىگىتيەنىلا تۆۋەندە ئولتۇرغان قىزلارنى كۈزىتىدۇ، بۇقېتىمقى مۇزىكىدا تاللايدىغان قىزنى كۈزلەپ تۇرىدۇ، خىيالىدا تاللايدۇ، تاكى پۈتۈن بىر قېتىملىق تانسا كىچىلىكى تۈگىگىچە بۇ ئىش تەكرارلىنىدۇ، ئاقىۋەتتە قىزلار يىگىتلەر ئۈچۈن ئىلگىرىكى زامانلاردا قۇلدارلار قۇل بازىرىغا بېرىپ قۇللارنىڭ چىشلىرىنى، بەدەنلىرىنى، تازىلىقىنى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئاندىن تاللىغاندەك تاللىنىش ئوبيېكتى بولۇپ بېرىدۇ. دېمەك ئەقىللىق قىزلار ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئارتۇق ھاقارەت بولمىسا كېرەك. ھەي قىزلار ناۋادا سىلەر تانىسىخانىغا كىرمىسەڭلار بەختىڭلارنى تاپالماسسىلەرمۇ؟ ...5 a- c0 P) `! `5 O
9 v+ _3 W$ N2 s( N2 X( Eمەنبە (شىنجاڭ مەدەنىيتى ژۇرنىلىدىن ئېلىندى. )2 A6 [8 P# R* D# V- c
: A. n* s, i8 e
|
|