ئويغۇر سودا تور بىكەتلىرىنىڭ چىقىش يۇلى قەيەردە؟
ئالدى بىلەن يۇقارقى تىمىنى مۇلاھىزە قىلىشتىن بۇرۇن ئېلىكتىرۇنلۇق سودىنى چۈشۈنۈپ باقايلى.
بۈگۈنكى دەۋېرنىڭ تەرەقىياتىدا ئېنتېرنىتتىن ئىبارەت ئېلغار قۇرال ئىنسانلارنىڭ تورمۇشىغا رەڭدارلىق قۇشۇپلا قالماي يەنە
سودىدىمۇ مۇئەييەن يۈنۈلۈش ھاسىل قىلىپ يېڭىچە بىرخىل سودا شەكلىنى بەرپا قىلدى. بىز ھازىر شۇنى ھىس قىلۋاتىمىز ،
ئەتىراپىمىزدا نۇرغۇن دوسلىرىمىزنىڭ ئۆيىدىن چىقماي تۇرۇپلا ئېلىكتىرنلۇق سودا تور بىكەتلىرى ئارقىلىق تۇرمۇشقا
كېرەكلىك نۇرغۇن نەرسىلەرنى سېتىۋالغانلىقىنى، يەنە نۇرغۇن مۇلازىمەتلەرنى ئايرىپىلان بىلىتى، پويىز بىلىتى،لاتارىيە
،تىلفۇنغا پۇل قاچىلاش دىگەندەك نۇرغۇن مۇلازىمەتلەرنى ئۆيىمىزدە ئولتۇرۇپلا بىجىرگىلى بۇلىدىغانلىقىنى كۈرەۋاتىمىز، يەنە
بەزەنلىرىمىزباشقىلارنىڭ كارتىلىرىغا تور ئارقىلىقلا پۇل ئاغدۇرۇپ بىرىدىغان مۇشۇنداق كەسىپلەرنى بىجىرۋاتىمىز. دىمەك بۇ يەردە ئىنتېرنىت بىزگە نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەپتۇ.ئېنتېرنىت يالغۇز ئامىركىلىقلارنىڭ ،ئەنگىليىلىكلەرنىڭ ياكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەمەس بەلكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىدا كام بولسا بولمايدىغان مۇشۇنداق بىر ھالات ھازىر شەكىللىنىپتۇ.يەنى ئىنتېرنىت بىز ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا باستۇرۇپ كىرىپتۇ.بىز بۇندىن كىيىن ئىنتېرنىتتىن ئايرىلالمايدىكەنمىز.
ئېلىكتىرۇنلۇق سودا دىگەن نىمە ؟
ئىنتېرنىتنى قۇرال قىلىپ تۇرۇپ ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچى ئوتتۇرسىدىكى ھەرخىل سودا ،پۇل-مۇئامىلە،ھەرخىل مۇلازىمەتنى
تور ئارقىلىق بىجىرىدىغان، رايۇن چەكلىمىسىگە ئۇچۇرمايدىغان بىرخى سودا شەكلى.
ئېلىكتىرۇنلۇق سودىنىڭ يۇشۇرۇن كۈچى نەدە؟
ئېلىكتىرۇنلۇق سودىنى كارخانا نوختىسىدا تۇرۇپ ئويلىساق كارخانىلارغا نىسبەتەن قانداق ئەۋزەللىككە ئىگە؟
ئالدى بىلەن شىنجاڭدىكى مەلۇم بىر كارخانىنى مىسىالغا ئالساق ،ئۇ كارخانا مەھسۇلاتىنى ئىنتايىن ياخشى سېتىشى ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەك؟ بولسا شىنجاڭدىكى 20دىن ئارتۇق شەھەر ۋە 70 كە يېقىن ناھىيە بار دىسەك شۇ ھەر بىر شەھەردە ۋەھەر بىر ناھيىدە بولسا بىردىن دۇكان ئاچتۇرالىسا (ۋاكالەتچى قۇبۇل قىلالىسا)بۇ شىركەت مەھسۇلاتنى ئىنتايىن ياخشى ساتقان ،پۈتۈن شىنجاڭنىڭ بازىرىنى ئىگەللىيەلگەن بۇلاتتى. لىكىن 90 دۇككان ئاچقاندىن كىيىن ئۇنىڭغا ئىجارە ھەققى تۈلەيدۇ، باج تۈلەيدۇ،ۋاكالەتچىمۇ نان يىيىشى كېرەك. مۇشۇ چىقىمنىڭ ھەممىسى ئاخىردا بېرىپ مەھسۇلاتنىڭ باھاسىغا قۇشۇلۇپ مەھسۇلاتنىڭ تەنەرقىنى ئۆرلىتىۋىتىدۇ.بۇ زىيان ئاخىردا بېرىپ شۇ مەھسۇلاتنى سېتىۋالغان ئىستىمالچىنىڭ يانچۇقىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. ئەگەر شۇ كارخانا مەھسۇلاتىنى تورغا قۇيۇپ ساتسىچۇ؟ ھازىر سىتاستىكىدا ئويغۇرلارنىڭ تەخمىنەن 10دىن 1 ئادەم تورغا يۈزلىنىپتۇ.ھەم شىنجاڭمۇ مەمىلكىتىمىز بۇيىچە تورغا چىقىش جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. كارخانا مېلىنى تورغا قويسا يەنى مەھسۇلاتىنىڭ بارلىق ئۇچۇرىنى تورغا چىقىرىپ قويسا ، سودىنى توردىلا پۈتكۈزسە ،ئارلىقتىكى نۇرغۇن پايدا ئالىدىغان ھالقىنى قىسقارتىۋېتىپ ،ئىستىمالچى بىۋاستە زاۋۇتتىنلا سېتىۋالسا ئىستىمالچى نۇرغۇن چىقىمنى تىجەپ قالىدىكەن. توردىكى دۇكانغا جېق چىقىم كەتمەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەخمىنەن بىر مىليۇن ئادەم بۇ دۇكاننى كۈرەلەيدىكەن. 1 مىليۇن دۇكىنى باركەن.بۇ يەر يۈزىدە دۇكان ئېچىپ ساتقانغا قارىغاندا سانى كۆپ ،باھاسى ئەرزان، تىجارەت ۋاقتى ئوزۇن(24 سائەت).
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن 21-ئەسىردە بىز سانائەت دەۋىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئاللابۇرۇن ئۇچۇر دەۋىرىگە ،ئېنتېرنىت دەۋىرىگە
كىردۇق.ئەتىراپىمىزغا قارىساق ئوخشاش بىر تۈردىكى مەھسۇلاتنىڭ ئوخشىمىغان ماركىدىكىسى ئىنتايىن كۆپ.ئىستىمالچىلار
بۇرۇنقىدەك زاۋۇتنىڭ سېتىپ بەرگىنىنى ئالىدىغان ئەمەس بەلكى ئۆزى خالىغىنىنى تاللاپ سېتىۋالىدىغان دەۋىرگە كىرىپتۇق.ئەگەربىز ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلات سېتىلماي قالسا شىركىتىمىزنىمۇ ساقلاپ قالالمايدىكەنمىز.ئۇنداقتا بىر شىركەتنىڭ ئەندىزىسى ۋە ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتى ئىستىمالچىلارغا ئۇزۇن مۇددەت مەنپەت بىرەلىسە ئاندىن بۇ كارخانا مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ تۇرالايدىكەن. ئىستىمالچىنىڭ تەبىتى شۇكى ئۆزى ئىشەنچىلىك بولغان ھەم ئوخشاش ماركىدىكىنىڭ ئەڭ ئەرزىنىنى سېتىۋېلىشتۇر. ئۇنداقتا بۈگۈنكى كۈندە كارخانا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن قانداق قىلىپ ئىستىمالچىنى تۇتۇپ تۇرۇش مەسلىسىنى بەكرەك ئويلىشى كېرەك.
ئېلىكتىرنلۇق سودىنى ئىستىمالچى نۇقتىسىدا تۇرپ ئويلىساق ئىستىمالچىغا نىسبەتەن قانداق ئەۋزەللىككە ئىگە؟
بۇنى چۈشۈنۈشتىن بۇرۇن بىز بۇ يەردە ئەنئەنىۋى سودا ۋە بىۋاستە سېتىشنىڭ سودا ئەندىزىسىنى تەھىلىل قىلىپ باقايلى.
ئەنئەنىۋى سودىدا مەلۇم بىر تاۋار زاۋۇتتىن چىققاندىن كىين قايسى يوللار بىلەن بىز ئىستىمالچىلارنىڭ قۇلىغا كىلىدۇ؟
: زاۋاۇت ← ئۆلكە ۋاكالەتچىسى ← شەھەر ۋاكالەتچىسى ← ناھىيە ۋاكالەتچىسى ← چوڭ توپ سودىگىرى
←كىچىك توپ سودىگىرى ←دۇكان← ئىستىمالچى .
مۇشۇنداق بىر جەريان ئارقىلىق ئەڭ ئاخىردا بىز ئىستىمالچىنىڭ قۇلىغا كىلىدۇ. مەلۇم ماركىدىكى بىر يانفۇننى دۇكاندا 1000كويغا سېتىۋالغان بولساق ئۇنىڭ ئەسلى زاۋۇتتى چىقىش تەنەرقى بەلكىم 300 كوي بۇلىشى مۇمكىن.ئۇ قولدىن قولغا ئۈتۈپ 700 كوي پايدا شەكىللەندۈرۈپتۇ.مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئارلىقتىكى ھالقىلار ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ ياكى ئىگىلىكىنى تىكلەيدىكەن
بىۋاستە سېتىش : زاۋۇت ← دۇكان(بىۋاستە سېتىش خادىملىرى) ← ئىستىمالچى.
ئەسلى زاۋۇتتىن چىقىش تەنەرقى تۈۋەن . لىكىن زاۋۇتتا تۇرۇپلا ئىستىمالچىغا تىگىدىغان باھادا ئۆستۈرۈلۈپ ،ئاندىن ھەركەتچان دۇكان(بىۋاستە سېتىش خادىملىرى)غا ئۆتكۈزۈلۈپ بىرىلىدۇ. ئاندىن ئارلىقتىكى پايدىنى ھەرقايسى ھەركەتچان دۇكان(بىۋاستە سېتىش خادىملىرى)لارغا پىرسەنتى بۇيىچە بۈلۈپ بىرىدۇ. ئەنئەنىۋى سودا بىلەن ئوخشىمايدىغان تەرىپى مەھسۇلاتى ئىنتايىن ياخشى،ئېلانى كۈچلۈك(جانلىق ئېلان)، رايۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچۇرمايدىغان پۇتى بار دۇككان (يېزا قىشلاقلارغىچە بارالايدۇ). مۇقۇم خېرىدار تۇتۇپ تۇرالايدۇ( بىۋاستە سېتىش خادىملىرى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بۇلالمىسا ئۆزى ئىستىمال قىلىدۇ ياكى تۇققانلىرىغا زولاپ بىرىدىغان گەپ).
بۇ ھەرگىز بىۋاستە سېتىشنى چۈشۈرگىنىم ئەمەس،بىۋاستە سېتىش ئەندىزىسى ئىنتايىن ياخشى، ئۇ يەردە ئالى مەكتەپتە ئالالمىغان بىلىمنى ئالالايسىز، كىشلەر بىلەن قانداق مۇناسىۋەت قىلىش، نۇتۇق قابىليىتىنى ئۆستۈرۈش،كىشلىك تۇرمۇش، ساغلاملىق ئىڭى ،ئىش بىجىرىش تەجىربىسى قاتارلىقلار... لىكىن مۇشۇ ئىشنى قىلىمىز دەپ نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز نۇرغۇن ۋاقتىدىن ،ئىقتىسادىدىن يەنە نۇرغۇن نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالدى. شۇڭا بۇنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم. سىلەردىن ئۈتۈنىدىغىنىمىز ئۇقۇغۇچىلاغا ۋە دېھقانلارغا بۇ ئىشنى قىلىشنى تەۋسىيە قىلمىساڭلار.
ئېلىكتىرۇنلۇق سودا : زاۋۇت ← سودا تور بىكىتى← ئىستىمالچى.
بۇ يەردە ئىستىمالچى تور ئارقىلىق سېتىۋالغاندا ئارلىقتىكى پايدا ئالىدىغان يوللار قىسقارغانلىقى ئۈچۈن ئىستىمالچى نۇرغۇن پۇلنى تىجەپ قالىدۇ ھەم قۇلايلىق.
ئويغۇر سودا تور بىكەتلىرىنىڭ ئىستىقبالى نىمە بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟
1. مال مەنبەسى يىتەرلىك ئەمەس
تور بىكىتىڭىزدە مالنىڭ ئاز كۆپلىكى كىرگەن خېرىدارنىڭ سېتىۋېلىش سېتىۋالماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ.ئەگەر ئىستىمالچى تورىڭىزنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئۆزى ئالماقچى بولغان مالنى تاپالمىسا چىكىتىپ قالىدۇ دە ،كىيىنكى قېتىم ئۇ تور بىكەتنى قايتا زىيارەت قىلىش پۇرسىتى ئاز بۇلىشى مۇمكىن.كىرسەممۇ بەرىبىر مال ئازكەن دەپ ئويلايدۇ.يەنە بىر جەھەتتىن ئىستىمالچىلارنىڭ كىيىم-كىچەككە قارىغاندا ئېلىكتىر سايمانلىرىنى كۆپرەك سېتىۋالىدۇ. بار ئامالنى قىلىپ مېلىڭىزنىڭ تۈرىنى كۈپەيتىڭ،ئىستىمالچىنىڭ ئېھتىياجىنى بىرىنچى ئورۇنغا قۇيۇڭ.
2.ئۈچۈنچى تەرەپ كىپىللىك پۇل تۈلەش سۇپىسى
دىيارىمىزدا سودا تور بىكەتلىرى خېلى كۈپىيىپ قاپتۇ ،ئەمما بەزى سودا تور بىكەتلىرى يەنىلا مۇشۇ ئۈچۈنچى تەرەپ كىپىللىك پۇل تۈلەش سۇپىسىغا سەل قاراپ،بىۋاستە بانكا كارتا نۇمۇرىنى قالدۇرۇپ قۇيىدىكەن، بۇنداق بولغاندا ئىستىمالچىنىڭ مالنى ئالغۇسى بولسىمۇ ئەمما سىزنىڭ بانكا كارتىڭىزغا پۇلنى ئۇرۇپ بەرگىسى كەلمەيدۇ دە،يەنىلا سودىڭىز بولمايدۇ.بۇ ئۈچۈنچى تەرەپ كىپىللىك پۇل تۇلەش سۇپىسى سودا تور بىكىتىدە كام بولسا بولمايدىغان مۇھىم نەرسە.چۈنكى ئېلىكتىۇرنلۇق سودا دىگەن مەۋھۇم سودا ،ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى كۆرمەي تۇرۇپ قىلىدىغان ،ئەگەر مالنىڭ پۇلنى سىزنىڭ كارتىڭىزغا ئۇرۇپ بولغاندىن كىيىن، سىزنىڭ مالنى سېلىپ بەرمەي قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرەيدۇ دە.بۇ ئىش سودىڭىزغا قاتتىق تەسىر يەتكۈزىدۇ.
3. ئىشەنىچ مەسلىسى
ئىشەنچ مەسلىسى جۇڭگو ئېلىكتىرۇنلۇق سودىدا دۈچ كەلگەن ئەڭ قىيىن مەسلىدۇر،ئۇنداقتا سىز سودا تور بىكىتىڭىزدىكى
تاۋارنىڭ سۈپىتىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىسىز؟ ساختا چىقىپ قالسا تۈلەپ بىرەلەمسىز ياكى سودىڭىز پۈتسىلا بۇلامدۇ؟ئەگەر
ساختا چىقىپ قالسا ئىگە بولمىسىڭىز ،كىيىن ئۇ ئىستىمالچى كۆرگەنلا يەردە سۆزلەپ بازىرىڭزنى كاساتلاشتۇرىدۇ،ھەم بىرنىڭ
پۇقى مىڭغا دەپ ، ھەممە سودا تور بىكەتلىرىنى بىر تاياقتا ھەيدايدۇ.توردىن مال ئالسا ساختا دىگەن قاراش بىكار
شەكىللەنمەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن قايتا مال ئالمايدۇ،يەنىلا شۇ ئىستىمالچىدىن ئايرىلىپ قالىسىز.ئىستىمالچى سىزنىڭ
مەۋجۇتلىقىڭىزنىڭ جان تۇمۇرى.شۇڭا مۇشۇ ئىشەنچ مەسلىسىنى ئەڭ يۇقۇرى چەكتە ھەل قىلالىشىڭىز كېرەك.
4. سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت
سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەتمۇ ئىنتايىن مۇھىم ،ئىستىمالچى مالنى سېتىۋالغاندىن كىين ياختۇرماي قېلىپ ئالماشتۇرماقچى
ياكى مالنى قايتۇرماقچى بولسا، سىز بۇ خىل مۇلازىمەتنى قىلالمىسىڭىز يەنىلا شۇ ئىستىمالچىدىن ئايرىلىپ قالىسىز.تور
تېخنىكىڭىزدىن پايدىلىنىپ تورىڭىزنى ياخشى ياسىسىڭىزلا ياكى باشقىلارغا ياساتسىڭىزلا ھىساپ ئەمەس.سىز ئۇزۇن مۇددەت
داۋاملاشتۇرماقچى بولسىڭىز بۇ ئىشقا ھەرگىز سەل قارىماڭ.
5.مەبلەغ كەمچىل بۇلۇش
بۇ ئىشنى قىلغاندىكىن ئەلۋەتتە خىزمەتچى ئىشلىتىسىز،ئىشخانا ئىجارە ئالىسىز،باج تۈلەيسىز،تور باشقۇرۇش مۇلازىمەت ھەققى دىگەندەك چىقىملار ، يەنە ئۆيىڭىزنىڭ چىقىمى،مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىگە يىتەرلىك مەبلەغ بولمىسا بولمايدۇ.شۇڭا مەبلەغ مەسلىسىنى ئۇبدان ھەل قىلالىشىڭىز كېرەك.بۇ سىزنىڭ مۇشۇ ئىشنى بىر باشقا ئاچىقىشىڭىزدا ئىنتايىن مۇھىم.
6.يېڭىلىق يارىتىش يوق
سودا تور بىكىتىڭىزنى بىر تىنىچ سۇدەك قىلىپ قويماي، ئۇنىڭغا ئىستىمالچىنى جەلىپ قىلىدىغان ھەر خىل يېڭىلىقلارنى
قوللىنىڭ.مەسلەن: كوللىكىپ سېتىۋېلىش (团购) ،تالىشىپ سېتىۋېلىش (抢购) ،تەلەيلىك مېھمان (秒杀). ئۇندىن
باشقا ھەرخىل ھېيىت-بايراملاردا ھەر خىل پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرڭ. تېخىمۇ كۆپ ئىستىمالچىنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن
ھەرخىل تو بىكەتلەردە ئېلان قۇيۇپ تەشۋىقاتنى ئۇبدان كۈچەيتىڭ. لىكىن مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىگە مەبلەغ كىتىدۇ.
7.تور بىكىتىڭىزنىڭ كۈرۈنمە يۈزىنى چىرايلىق بىزەڭ
تور بىكىتىڭىزنىڭ كۈرۈنمە يۈزىنىڭ بىزىلىشى زىيارەت قىلغان ئىستىمالچىدا ياخشى تەسىر قالدۇرالىشى كېرەك.بۇمۇ بىر
مۇھىم ئامىل(شەخسى كۆز قارىشىم)
8.ئىستىمالچىلارنىڭ توردىن مال ئېلىشنى بىلمەسلىكى
ھازىر نۇرغۇن كىشلەر تورغا يۈزلەنسىمۇ كۈپۈنچىلىرى چ چ دا پاراڭلىشىش ،كىنو كۈرۈش،ناخشا ئاڭلاش،ئويۇن ئويناش،مۇنبەر كۈرۈش، خەۋەر كۈرۈش قاتارلىق زىيارەت خاراكېرلىك ئىشلارنى قىلىشنى بىلىدۇ،توردىن ماللارنى كۈرىدۇ ، توردىن مال ئالغۇسى بار ، لىكىن توردىن قانداق مال سېتىۋېلىشنى بىلمەيدۇ.تور بانكىسىنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۇقمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەتە ئالاي،ئۆگۈن ئالاي دەپ توردىن مال ئېلىش ئىدىيىسىدىن ۋاز كىچىدۇ. شۇڭا سىلەرگە تەكلىبىم : تور بانكىسىنى قانداق بىجىرىش،تور بانكىسىنى تورغا قانداق تىزىملىتىش، تور بانكىسنىڭ قوزغاتقۇچ دىتالىنى توردىن قانداق چۈشۈرۈپ قانداق قاچىلاش ۋە تورغا قانداق تۇنۇتۇش، ئۇنى قانداق ئىشلىتىش، ۋە توردىن مالنى قانداق سېتىۋېلىش دىگەندەك جەرياننى مۇكەممەل بىر سىندەرىس قىلىپ ئىشلەپ تور بىكىتىڭىزدە قويسىڭىز ئىستىمالچىلار ئۇنى چۈشۈرەلىسە ھەم شۇنىڭغا قاراپ ئۆگەنسە بۇ ھەممەيلەنگە پايدىلىقتۇر. بۇ توغۇرلۇق نۇرغۇن دەرىسلەر ئىشلەندى.لىكىن شۇ سىزنىڭ تورىڭىزدا بولمىغاندىكى ئۆگەنمەكچى بولغان ئىستىمالچى نەدىن ئىزدەپ تاپىدۇ ئۇ دەرىسلىكنى.
9.سەۋىر تاقەت
جەمىيەتنىڭ يۈزلىنىشىنى كۈزۈتىۋاتقان خېلى كۆپ كارخانچىلىرىمىز تور سودىسىغا بولغان چۈشەنچىسى بارغانسىرى چوڭقۇرلاۋاتىدۇ،ھەم نۇرغۇن ئىستىمالچىلارمۇ تور سودىسىنىڭ ئىتىبار باھادا،ھەم قۇلايلىقلىقىنى ھىس قىلىپ يەتتى.ئەمما بۇ تېخى قىسمەن ئەھۋال ، يەنە تېخى نۇرغۇن كارخانچىلىرىمىز يەنە نۇرغۇن ئىستىمالچىلىرىمىز بۇنىڭىدىن مۇستەسنا.ئەمما شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، ئېلىكتىرۇنلۇق سودا بۇندىن كىين مۇقەررە يۈزلىنىش. 80-يىلدىن كىين تۇغۇلغانلار ئاساسەن تورغا يۈزلەندى.كارخانچىلارمۇ بارغانسىرى ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە. شۇلارنىڭ مۇشۇ نوقتىنى ھىس قىلىشىقا يىتەرلىك سەۋىر تاقەت، يىتەرلىك ۋاقىت، يىتەرلىك مەبلەغ كىرەكتۇر.بۈگۈن سىلەر باشلامچى بولدۇڭلار جاپا تارتىسىلەر، كەلگۈسىدە باشقىلاردىن بىر قەدەم بالدۇرراق ئۈنۈمىنى كۈرىسىلەر. شۇڭا چىشىڭىزنى چىشلەڭ قېرىدىشىم.
10.ئويغۇر كارخانچىلىرىنىڭ قوللىماسلىقى(چۈشەنمەسلىكى)
نۆۋەتتىكى شارائىتتا تور بىكىتىڭىزدە مال مەنبەسىنىڭ كەمچىل بۇلىشى ئويغۇر كارخانچىلىرىنىڭ تور سودىسىغا بولغان
چۈشەنچىسىنىڭ كەمچىللىكى،توردا قۇيۇپ سېتىشنىڭ ئەۋزەللىكىنى چۈشەنمەسلىكىدە.يەنە بىرسى ئەگەر توردا قۇيۇپ ساتسا
يەرلىك ئورۇندىكى ۋاكالەتچىسىنىڭ زىيان تارتىشىنىمۇ خالىمايدۇ.ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزەن كارخانچىلىرىمىزنىڭ ئەگەر مېلىنى توردا قۇيۇپ ساتسا مېلىنىڭ پاسۇنىنىڭ ئوغۇرلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان تەرپىمۇ بۇلىشى مۇمكىن.شۇڭا كارخانچىلىرىمىنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى ئىدىيىسى ئېچىلمىغىچە ئىلاج يوق. يەنە بىر قىسىم كارخانچىلار باركەن ،ئۇلار ئاللا بۇرۇن توردا قۇيۇپ سېتىشنى باشلاپتۇ.مەن بۇلاردىن خېلى خوش بۇلۇپ قالدىم .مەسلەن ئىزچى ئاياقلىرىنى توردا سېتىۋالسا %20 ئىتىۋار قىلىدىكەن. ئەمما ئۇلارمۇ مېلىنىڭ سېتىش يۇلىنى كىڭەيتىش ئۈچۈن ئۈزىنىڭ تورىدىلا قۇيۇپ ساتماي باشقا سودا تور بىكەتلىرىگىمۇ قويسا ئاندىن تېخىمۇ ياخشى ساتالايدۇ.
11. ئىستىمالچىلارنىڭ قوللىماسلىقى
ئىستىمالچىلارقوللىمايدۇ ئەمەس ئەسلى قوللۇغىسى بار،ھەم قوللاۋاتىدۇ. لىكىن ئىستىمالچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئېھتىياجى نىمە؟ كۆز يۇمالمايمىزكى مەيلى ئەنئەنىۋى سودىدا بولسۇن مەيلى ئېلىكتىرۇنلۇق سودىدا بولسۇن ئىستىمالچىنىڭ ئەڭ چوڭ ئېھتىياجى :مال ئىشەنچىلىك بۇلۇش، سۈپىتى ياخشى بۇلۇش، ئوخشاش تۈردىكى ئىچىدە باھاسى ئەڭ ئەرزان بۇلۇش. بۇ ئىستىمالچىلاردىكى ئۆزگەرمەس تەبى قانۇنىيەت. مەيلى ئەنئەنىۋى سودىدا بولسۇن مەيلى ئېلىكتىرۇنلۇق سودىدا بولسۇن مۇشۇ مەسلە چۇقۇم ھەل بۇلىشى كېرەك.ئاندىن خەلقىڭىز سىزنى قوللايدۇ.سىز خەلقىىڭىزنى قوللىمىسىڭىز خەلقىڭىز سىزنى قوللامدۇ؟بۈگۈنكى پايدىنى دەپ بۇرۇننىڭ ئۇچىنىلا كۈرۈپ يىراقنى كۈرەلمەسلىك سىزنىڭ پايدىڭىزنى ئۇزۇنغا ئېلىپ بارالمايدۇ. ئويغۇر سودا تور بىكەتلىرىدە بۇ مەسىللەر ئاساسەن ھەل بۇلۇپ بولغاندۇ ، ئەگەر ھەل بولمىغان بولسا مۇشۇ مەسلىنى ئەڭ يۇقۇرى چەكتە ھەل قىلىشقا تىرىشىڭ.
12.......
بۇ تىمام پەقەت شەخسىنىڭ كۆز قارشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،تەھىلىلىم يۈزەكى بۇلۇپ قالغان بۇلىشى مۇمكىن. ھەم بەزەنلەرنىڭ
مەنپەتىگە ،ياكى زىتىغا تىگىدىغان گەپ قىلىپ قويغان بولسام تۈۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سۇرايمەن. تورداش دوسلىرىمىزنىڭمۇ ئىلىمى ،ساپالىق گەپ قىلىشىنى ھەم ئەپۇچانلىق بىلەن مۇنازىرە قىلىشىنى ئۈممۈت قىلىمەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kerindax33 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-28 02:45 PM