رەڭسىز مۇھەببەت
نەسىر
كۆزۈم
«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تاتلىق قىزىم، سالامەت ئوبدان تۇردىڭىزمۇ؟ ئۇقۇشىڭىز ياخشى كىتىپ بارامدۇ؟ بۈگۈن شۇنچىلىك ئالدىراشچىلىق ئىچىدە بۇ سالام خەتنى سىزگە يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ،چۈنكى سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ بامدات نامىزىغا چىقاي دەپ دەرۋازىنى ئاچىدىغان بولسام ،ئىشىك ئالدىدىكى ئۈزمىلەر يولنى بىر ئاپتۇ ،شۇئان قۇلاق تۈۋىمدە سىزنىڭ تاتلىق ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم
«-دادا،ئۈژمە پىشىپتۇ،مەھەللىدىكى بالىلار ئېغىتىپ يەپ بولغىچەماڭا جىققىدەئەپ بېرە تاتلىق دادا» .
مەستچىتتىن يېنىپلا ئانىڭىزنى،ۋە خۇلۇم خوشنىلارنى چاقىردىم .ئانىڭىز داستىرخاننى ئەپ چىقىپتۇ،خوشنا ئاياللار بىلەن ئۇلار داستىرخاننى دەرەخ ئاستىدا تۇتۇپ تۇردى .مەن ئوگزىدە ئۈژمىنى ئېغىتىپ تۇرۇپ پەستەخۇددى سىز خوشلۇقتا سەكرەپ كۈلۈپ قاراپ تۇرۋاتقاندەك خۇش بۇلۇپ كەتتىم .سىزگە ئاتاپ ئېغىتىغان بىر داسترىخان ئۈژمىدىن ، ئانىڭىز بىردىن-بىردىن پىششىقىنى تاللاپ،ئۇنى سۈرتۈپ بىر كورا مۇراببا سېلىپ تەييارلاپ سىزگە ئەۋەتتۇق .تەلىيىمىزگە بىر تۇنۇشۇم شۇ ياققا ماڭىدىكەن ،تىزلا تەككۈدەك دەپ ئانىڭىزمۇ بەك خۇشال . ۋاختىدا يەڭ تاتلىق قىزىم ،بۇ بىرىنجى پىشقىنى ،بەكمۇ ئوخشاپتۇ بۇ يىلمۇ ،سىزنى سېغىندۇق.
سىزنى چەكسىز يات ئىتىپ يىراقتىكى دادىڭىز*** ئانىڭىز***دىن »
،
بۈگۈن ئوي تازلاۋېتىپ ،تارتمىدىن بۇ خەتنى ئۇچرىتىپ قالدىم .كۆزلىرىمدىن چۈشىۋاتقان ياشلارنى مەن ھېچبىر توختىتالايدىغاندەك ئەمەس .مەن تۇغۇلغان كۈنىلا دادام مېنى قۇلىغا ئېلىپ تۇرۇپ ،«بۇ بالا چۇقۇم ماڭا خۇشاللىق ئەپ كىلىدۇ »دەپ پىشانەمگە سۈيۈپ قويغانىكەن .
ئۇ ئالەمدىن ئۆتكىلى نەچچە يىللار بولغان بولسىمۇ ،يىراقلاردىن ئۇنىڭ شەپىسىنى تىڭشايمەن،يۇلتۇز چىققان كېچىلىرى پىنھان يۇلتۇزلارغا قاراپ ئۇلار بىلەن مۇڭداشقىنىمدا ،دادامنىڭ نۇرلۇق سىيماسى يۇلتۇزلار بىلەن قۇشۇلۇپ خانەمگە ،كىرىپ كىلىدۇ .ھەرقېتىم تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش يۈرىۋاتقىنىمدا، ئۇنىڭ روھى يۈرىكىمگە ئېقىپ كىرىپ .كۆڭلىمدىكى زەئىپلىكنى يوقىتىپ ، كۆنۈپ قالغان ئاجىزلىقىمغا ھەمرا بۇلىدۇ.مەن ھەر كۈنى ئىچىمدە شىۋىرلاپ ئۇنى چاقىرىمەن .ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغىنىمدا بىر پەس خۇشاللىققا چۈمۈپ كىتىمەن .چۈنكى ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشلىرىم يىللارنىڭ تەبىئى سىيمالىرىغا سىڭىپ كەتكەن ئىدى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kuzum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-28 02:39 PM