ياۋرۇپا خەلقىنڭ ئۆز مىللىلكىنى ساقلاشقا چەكسىز ئەھمىيەت بىرىشى
مۇسۇلمانلار ،بىز ياۋرۇپا خەلقىغە قاراپ باقايلى!(چۈنكى ئۇلار مىللى ئالاھىدىلكىنى ساقلاشتا باشقىلارغا ئۈلگە)ئۇلار بىر-بىرىنىڭ تەركىۋىگە كىرىپ كىتىشىگە ،ئانا تىلىنى باشقا تىلغا بويسۇندۇرۇشقا قەتئي قارشى تۇرىدۇ.مەسىلەن:ئېنگىلىز تىلغا بويسۇندۇرۇشقا قەتئى قارشى تۇرىدۇ.مەسلەن ئېنگلىز مىللىتى ئېنگىلىزلىك ھالتىمدە قالسام دەيدۇ.فىرانسىيەلىك فىرانسوزچە تىلنى ساقلاپ قېلىش يولىدا كۈرۈش قىلدۇ.گىرمانىيە ۋە ئتالىيەلىكلەرمۇ ئۆز نۆۋتىدە باشقىلارغا سىڭىپ ئانا تىلىنى يۇقۇتىشنى ،ئۇنتۇشىنى نومۇس بىلدۇ.ئسپانىيەمۇ ئۆتىلنى چەكسىز قەدىرلەيدۇ.رۇسىيەلىكنىڭ ئاخرىقى غايىسىمۇ 《رۇس》دېگەن نامدىن ئايرىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىش.ئۇندىن باشقا مىللەتلەرمۇ شۇنداق ئەھمىيەت بىردۇ.
ئېيتىپ ئۈتۈشكە لايىقراقى شۇكى،ئىرلاندىيە خەلقى ئەنگليەگە چىگرداش ياشايدىغان كىچىككىنە بىر خەلق بولۇپ چىگىرداش ياشايدىغان كىچىككنە بىر خەلق بۇلۇپ ئەنگىليە ھۆكۈمىتى 700يىلدىن بىرى شۇلارنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ كىتىش ئۈچۈن ئەقىل تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە ئقتىساد چىقىم قىلىپمۇ كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمىدى.دېمەك ئۇلار ئۆز تىلى ،ئەقدىسى،ۋە ئۆرۈپ ئادىتىنى ساقلاپ ئىرلاندىيەلىك ھالىتىدە قېلىۋەردى.
فرانسىيە دۆلىتى ئچىدە 《ئەلبىرىتۇن》دەيدىغان بىر مىللەت بۇلۇپ ئۇلار فىرانسىيەنىڭ ئاسىملاتىسىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان نۇرغۇن تىرىشچانلىقلىرىنى نەتىجىسىز قالدۇردى.فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا 《باشكىنىس》دەيدىغان بىر تائپە خەلق بۇلۇپ ،ئۇلارمۇ فىرانسىيەنىڭ ،كېيىن ئەرەپلەرنىڭ ،ئاخىردا ئسپانىيەنىڭ ئۆزلىرىگە قۇشۇۋېلىش قەستىدە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغاسەلبى جاۋاپ قايتۇردىكى ،تىل ۋە ئۆرۈپ ئادىتىدىنى،مۇھىمراقى مىللى ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالدى.(ئۇلارنىڭ پۈتۈن نوپۇسى بىر مىليۇندىن ئاشمايتى).
(پەلەمنەك )خەلقى فىرانسۇزلارنىڭ تىلىنى،مەدەنىيىتىنى ئۆزتىلى ۋە مەدەىيىتى قىلىپ قۇبۇل قىلىشقا ئۇنماي بىلگىيەدە نامايىش قىلىش ۋە باشقا نامايىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ ئاخىرى بىلگىيە دۆلىتىنى قۇردى،ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىنى 《رەسمى 》تىل قاتارىغا قوشتى.
《سۇۋەسىرە》دېگەن رايۇندا ئۈچ قىسىم تىلدىكى مىللەتلەر ياشايدۇ.بىر قىسىمى نىمىسلار بۇلارنىڭ نۇپۇسى 2.800.000يەنە بىر قىسىمى ئىتالىيە تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار بۇلۇپ بۇلارنىڭ نۇپۇسى 200000.يەنە بىر قىسىمى فىرانسوز تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار بۇلۇپ ئۇلار ھەممىسى بىر مەمىلكەتتە ياشاپ مۇھىم شارائتلاردا(باشقىلار ھۇجۇم قىلسا تەڭ تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن)بىرلىشىدىغان،بىر بىرى بىلەن ياردملىشىدىغان تۇرۇپمۇ بىر بىرنىڭ تىلىنى ئۆزلاشتۇرۋالماي،ئۆمىللى ئالاھىدىلىگىنى ھەر قايسى ئۆز خۇسىسيەتلىرى بىلەن ياشايدۇ.
دانماك ۋە ئىسكىندىناپ رايۇنلىرى ۋە ھوللاندىيە دۆلىتى ھەمىسى گىرمايىنەدىن ئبارەت چوڭ بىر دەرەخنىڭ پۇتاقلىرى(شۇنىڭ تەۋەلىكىدە)تۇرۇقلۇق نىمىسلارغا ئارلىشىپ كتىشنى ياكى ئۆز مىللتىدىن يۈز ئۆرۈپ ھاكىم مىللەتكە سىڭىپ كىتىشنى خالىمايدۇ.
تەشەييۈك مىللىتى ئككى يۈز يىلدىن بىرى نىمىسلارنىڭ ھۆمرانلىقى ئاستىدا ياشاپ كەلگەن بولسىمۇ ئۆزمىللىتىنى يۇقىتىۋەتمەي(نىمىسلارغا ئاسمىلاتىسىيە بۇلۇپ كەتمەي )ياشاپ كەلگچكە جىنسى ئستىقلالىنى [:------جىنسى دېگەن بۇگەپ ئەرەپچىدىكى دۆلەت تەۋەلىكى دېگەن گەپنى تەرجىمان شۇ بۇيىچە ئالغاندەك تۇرىدۇ ]ساقلاپ قالغاچقا بىرىنچى دۇنيا ئۇرشىدىن كېيىن سىياسى ئستىقلالىنى ئۆزقولىغا ئالدى.
مەلۇم بولدىكى ،ھەر قانداق مۇستەملىكە مىللەت ئۆز مىللىتىنى يوقۇتۇپ قويسا(ھاكىم سىنىپىغا قۇشۇلۇپ كەتسە)ئۇ مىللەتنىڭ مۇسەقىل بولىشىدىن ئۈمىد ئۈزىلدۇ.
گىرمانىيە ،ۋىنگىريە خەلقىنى سىياسى جەھەتتىن يۇقىرى سەۋىيەگە ياتكۈزگەن،پەن -سانائات ئۈگەتكەن ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان بولسىمۇ ئۇلارنى ئۆزلىرىگە قۇشۇۋېلىشىغا،تىلىنى ئۆزگەرتىشكە ئمكان تاپالمىدى.ئۇلارغا ھازىر قارايدىغان بولسىڭىز ئۆزنىڭ مۇڭغۇل تىلىنى ۋە مەجەر مىللىتىنى ساقلاپ قېلىشىغا جېنىنىڭ بېرىچە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن 《ۋىنگىريە》 دۆلىتىنى قۇرغانلىقىنى كۆىرمىز.
رۇسىيە خەلقى ئىككى يۈزيىلدىن ئۈچ يۈز يىلغىچە 《پولونيە》مىللىتىنى رۇس مىللىتى تەركىبىگە كىرگۈزۈش ۋە ئۇلارنى ئۆز مىللىتىنى تاشلاپ رۇس مىللىتىنى قۇبۇل قىلىشقا زورلاش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە يېتەلمدى.《پولونيە》 مىللىتى بىرىنچى دۇنيا ئۇرىشىدىن كېيىن مۇستەقىل بولدى.
بۇمۇ ئۆز مىللى ئالاھىدىلىكىنى يۇقاتمىغانلىق ۋە مۇستەملىكچى مىللەتكە قۇشۇلۇپ كەتمەسلىكتىن بولدى ئەلۋەتتە.
30مىليۇن نۇپۇسى بار چوڭ مىللەتنىڭ روسلارغا ئارلىشىپ كېتىشنى خالىمايدىغانلىقى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.چۈنكى ئاران ئىككى مىليۇن نۇپۇسى بار 《ئستونىيە》رۇسلارغا ئارلىشىپ كىتىشنى خالىماي ،مۇستەقللقنى باشقىدىن قۇرۇپ چىقىپ ئانا تىلىنى مۇڭغۇل تىلىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.(بالتىق دېڭىز بۇيىدىكى ئستۇنىيە جۇمھىريىتى)
《فىلاندىيە》مىللىتىمۇ رۇسلاردىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولدى.رۇسلارنىڭ 《لىتىۋا》رۇس جىنسى تەركىبىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن قىلغان سەئيى-سەۋەپلىرى بىكارغا كەتتىى دە باشقا جۇمھۇريەتلەرگە ئوخشاش جۇمھۇرىيەت قۇردى.
ئۆزىنىڭ چوڭ مىللى تەركىبگە باشقا ئاز سانلىقالارنى قۇشۇۋېلىشقا گىرمانىيە ئاجىز كەلگەندەك ،رۇسىيەمۇ ئاجىز لىقىنى ھېس قىلدى.چۈنكە ھەرقانداق مىللەر ھەرقانچە كىچك بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىگە ئنكار قىلىشقا ۋە قېنىنى بۇلغاپ مىللىلىگىنى يۇقۇتىشقا قەتئى قارشى تۇردۇ.(ھىرۋات)مىللىتى گىرمانيە ۋە لاتىندىن ئبارەت ئككى چوڭ دۆلەتنىڭ ئىھاتىسى ئچىدە تۇرۇپمۇ مىللى ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ كەلدى.
《سىرپ 》خەلقى بىر نەچچە ئەسىردىن بىرى تۈركىيەنىڭ دېكتاتورلقىدا تۇرۇپمۇ ئۆز جىنسى قېننى پاك ساقلاپ كەلدى.
《ئالبانىيە قەدىمقى زامانلاردىن بىرى يۇنان ۋە ساقىبەدىن ئبارەت چوڭ ئككى دۆلەت ئارلقىدا تۇرۇپ ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ ھاكىميەت سىنىپنىڭ ئۆرۈپ ئادىتىنى قۇبۇل قىلماي كەلدى.
《بۇلغار》لارمۇ رۇم،سەلەپ،لاتىن قاتارلىق دۆلەتلەرىنڭ ئارىسىدا تۇرۇپ ئۆزنىڭ بۇلغار دېگەن ئۈچۈرمەي كەلدى.كېيىن تۈرۈكلەر ئشغال قىلىۋالغان ھەتتا تىلىنى ئۆزگەرتىپ تۈرۈك تىلىنى ئۈگەتكەن بولسىمۇ يەنىلا ئۇلار بۇلغارلارغا خاس ئالاھىدىلىكنى ساقلاپ قالدى.مەن ئۆز مىللى ئالاھىدىلىكىنى قاتتىق ئەمىيەت بېرىپ كەلەگەن ھەمدە شۇ ئارقىلىق مۇستەقىللقە ئېرىشكەن مىللىەتلەردىن مۇسۇلمانلارغا ئۈلگە ۋە نەمۇنە قىلىپ كەلتۈرۈشتە ياۋرۇپانىڭ سىرتىغا چىقىپ باشقا مىللەتلەرنى گۇۋاھلىققا تارمايمەن.چۈنكى مۇسۇلماننى ياۋرۇپاغا تەقلىد قىلماقچى بولغان ۋە شۇلارنىڭ ئۆرۈپ ئادەت ،مەدەنىيەت قاتارلىق ئشلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدىغان 《جاھىد》لار بىز تەرەقىياتتا مىللەتنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلمايمىز دپ ئېتىراز بۈلدىرشى ئېنىق.
يۇقىردا مىسال كەلتۈرگەن مىللەتلەر ،خەلقلەرنىڭ ھەمىسى ياۋۇرپالىق.ھازىر ھەمىسسنىڭ مدەنىيەتلىك ۋە رەتلىك شەھەرلىرى،ئالىي بىلىم يۇرۇتلىرى،پەننلەر ئاكادمىيىسى،ئلىمى جەمىيەتلىرى،ھەربىي رايۇنلىرى،دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيەلىرى،ھاۋا قىسىملىرى بار قۇدرەتلىك دۆلەتلەردۇر.
يۇقاردا دېيىلگەن مىللەتلەر ،جاھىد ئادەملەر نەمۇنە ۋە ئۈلگە قىلماقچى بولغان مىللەتلەردۇر.ئۇ ئادەملەر ياۋۇرپالىققا تەقلىدى قىلىمىز دەپ ئۆرۈپ ئادىتى،ئانا تىلىنى،ھەتتا سۈزۈك ۋە ساپ قېننىى ،مىللى ئالاھىدىلىكنى يۇقىتىشنى ۋە بولغاشنى ئويلايدۇ.بىراق ئادەملەرگە ئۈلگە بولغان ئاشۇ مىللەتلەر مىللى ئالاھىدىلىكىنى ساقلاشقا قانداق ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ۋە شۇ ئارقىلىق مۇستەقىل بۇلۇپ بۈگۈنكى تەرەقىياتقا ئېرىشىپ سەلتەنەت سەھنىسىدىن ئۇرۇن ئالغانلىقىنى يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتتۇق.
بىزنىڭ بۇنىڭدىن ئالدىغان ھەسسىمىز شۇكى ئەگەشتۇق دەپ مىللى ئالاھىدلكنى يۇقۇتۇپ قويسا بۇنداق مىللەت مەڭگۈ مۇستەقىل بۇلالمايدۇ.
ئاپتور ئەمىر شەكىپ ئارسلان.
شەكىپ ئارسلان كىم؟-----شەكىپ ئارسلام ئەرەپ مىلتىدئن چىققان ،ئسلام دۇنيسىنى نۇرلاندۇرغان ،ئەدەبىياتچىلار ،يازغۇچىلار،ئۆلىمالار ۋە سىياسوسونلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن ،يەرشارىغا چۈشكەن بىر نۇر بۇلۇپ 50يىل ما بەينىدە ئۇنىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى كۆزلەرنى نۇرلاندۇرغان ،كۆزلەر مۇنتەزىر بولغان ،تارىخ ۋە پەلسەپەدە توغرا-خاتاسىنى ئايرىش ئۆلچىمى بۇلۇپ كەلگەن غايەت ئىلغار بىر شەخىستۇر.
بۇكىشى 1899يىلى 12ئاينىڭ25-كۈنى لىۋاندا تۇغۇلۇپ، 1946-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ۋاپات بولغان.
بۇ شەكىپ ئارسىلاننىڭ مۇسۇلمانلار نېە ئۈچۈن ئارقىدا قالدى دېگەن كىتابىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشىغا بولغان سەۋەپلەرنى ئەمەلىي دەللىلەر بىلەن يازغان ئېسىل مەزمۇن ئكەن،ھەم بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزغا تولىمۇ ماس كېلدىغان ھېس قىلىپ شۇ تېمىنى كىتاپتىن كۈچۈرۈپ تەييارلاپ قويدۇم.
ئەئەرەپچە نەشىرنىڭ مۇقەددىمىسى
ھۆرمەتلىك كىتاپخان ،قولىڭىزدىكى بۇ كىتابتا ئاساسەن ياۋرۇپالىق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا دىن دۈشمەنلىرىنىڭ 《ئسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ پۇتىغا چۈشكەن مەنىۋى كىشەن،ئسلام دىننىڭ بۇيۇن تۇرقىغا كىرگەن ھەرقانداق ئادەم ئالغا باسالمايدۇ،مۇسۇلمانلار قايسى كۈى ئسلام دىنىدن ۋاز كېچىدىكەن قەدىنى كۆتىرەلەيدۇ،بۇ سۆزىمىزنى ،ئۇلارنىڭ ھازىرقى ھالىتى تەستىقلاپ تۇرۇپتۇ.》دېگەندەك زەخەر خەندە سۆزلىرىنىڭ ،شۇنداقلا مۇسۇلمانلار ئچىدىمۇ شۇ قاراشقا بولغان ياكى پۈتۈنلەي شۇ قاراشتا بولمىسىمۇ،ئنسانىيەت دۇنياسىغا نەزەر تاشلاپ ،مۇسۇلمان بولغانلىكى مىللەتلەرنىڭ مۇستەملىككە ياكى مۇستەقىل بولسىمۇ ئەجنەبىلەرنىڭ كونتىروللىقدا تۇرغانلىقىنى كۈرۈپ 《ئسلام دننى راستىنلا ئالغا بېسىشىغا تۇسالغۇ بۇلامدىغاندۇ؟》دەپ ئسلام دىنى توغۇرسىدا قانائەتلىنەرلىك تۇنۇش ھاسىل قىلالماي تۇرغان كىشىلەرنىڭ قاراشلىرىنىڭ پۈتۈنلەي خاتا ئكەنلىكىى ھەققىدە ئسلام دىننىڭ بۈيۈك دەستۇرى بولغان قۇرئان دىن ،ھەدىستىن ۋە تارىختىن پاكىتلارنى نەقىل كەلتۈرۈش،شۇنداقلا ئەقىلى ھۆججەتلەرنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئەمىليەتنى چىقىش نوقتا قىلغان ،رئىالىقتىن چەتنىىمگەن ئاساستا قانائەتلىنەرلىك ئلىمى سۆزلەر بىلەن ،ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئارقىدا قېلىشىغا،سىياسى جەھەتتىن چۈشكىنلىشىپ كېتىشىگە دىننىڭ سەۋەبچى ئەمەسلىكىنى ،'سلام دىننىڭ قانداقتۇر دۈشمەنلەر قارلىغاندەك 《خۇراپى 》بولماستىن ،بەلكى ئۇنىڭ ئنتاۇىن گۈزەل ،مەدەنىيەت بۈشۈگى،جاھالەت دۈشمىنى ،مەدىنىي مائارىپ بۇلىقى،ئلىم پەن يېتەكچىسى،ئادالەت تەشۋىقاتچىسى ئلەنلىكىنى ئلىمى يول بىلەن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپلار ئارقىلىق يۇقۇرقى مۇقەددەس ئسلام دىنى ھەقىدىكى رەزىل بوھتانلارنى كۈچلۈك ئەيىپلىگەن .شۇنداقلا سىز ئككىلىنىپ مەسىلە ھەققىدە 《ئسلام ئەللىرى نىمە ئۈچۈن ئارقىدا قالدى،باشقىلار نېمە ئۈچۈن ئلگىرلەپ كەتتى؟》دېگەن ھېندىنوزىيەلىك مۇھەممەد بىيسوتى ئىمراننىڭ سۇئالىغا مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قلىشىغا ئسلام دىنى سەۋەپچى بولماستىن ،بەلكى ئۆزلىرىىنڭ سەۋەپچى ئىكەنلىگى ھەققىدە ئنتايىن توغرا ،ئلىمى جاۋاپ بېرىلگەن،ۋە ئۇنىڭ تارىختىكى رېئالىقى دەللىلەپ كەلتۈرۈلگەن.
ھۆرمەتلىك ئۇقۇرمەن كىرىش سۆزنىڭ داۋامىدا ھارۇن رەشىدنىڭ ۋەزىرى يەھيا بەرمەكى دېگەن كىشى مىلادىيە 800 يىلى پەيتەخىت باغداتتا يەرشارىدىكى تۇنجى قەزغەز زاۋۇتىنى قۇرۇپ چىقىقان….دۇنيادىكى دىنسىز ئنساپلىق بەزى ئالىملار قەغەز ياساشنى مۇسۇلمانلاردىن ئۈگەنگلىكىنى ئېتىراپ قىلىغىندەك،ئالگبىرا،مىمارچىلىق،شۇنداقلا ئۈچ بۇلۇڭلۇق ھېساپ بىلىملىرىنى مۇسۇلمنلاردىن ئۈگەنگىنىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.مەسلەن خارزەمىنى تىلغا ئالساق ئۇنىڭ پىلانىتلارنى تەكشۈرۈش ،گئومىتىريە ئلىملىرى ئېسىمىزگە كېلىدۇ.ئەقىلدىس دېگەن كىشىنى تىلغا ئالساق ماتىماتىكىدىكى ئونلۇق كەسىرنى ئجاد قىلغان لىقىنى بىلىمىز.تۈرۈك ئالىمى تىبابەت ۋىراچى ئبىنى سىنا ئۆزىنىڭ ئەلقانۇنى فىتتىب دېگەن داڭلىق كىتابىنى يېزىپ چىقش بىلەن مېدىسسىنا ساھاسىدە يۈكسەك دەرىجدە نەتىجە قازانغان.ئۇ كىشىنىڭ مەزكۇر كىتابى 16-ئەسىرگەچەياۋۇرپادا ئۇقۇلېۋاتقان مېدىسسىنا دەرىسلىكىنىڭ دەستۇرى بۇلۇپ كەلگەن.ۋە 15 ئەسىردە15قېتىم،16ئەسىردە20قېتىم قايتا قايتا نەشىر قىلغان.
خېمىيە،كومپاس ،ئۈسۈملىكلەرنىڭ تۈرلەرگە ئايرىلىش قاتارلىق ئلىملەر ئەڭ بۇرۇن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پەيدا بولغانلىقى ئلىمى ،تارىخى دەللىلەر بىلەن دەللىنىدۇ،قىزىقسىڭىز بۇ كىتاپنى كۈرۈپ چىقىڭ.
شەكىپ ئارسىلاننىڭ بۇ كىتابىغا يەنە تەپسىر مەنارنىڭ يازغۇچىسى كاتتا ئالىم رەشىد رىزا بۇ كىتاپقا بېغىشلىما يازغانكەن.