مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 635|ئىنكاس: 9

تەبىئى پەنلەر توغرسىدىكى بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىمىز ئۈستىدە تەھ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69499
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4941
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 579 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 11:27:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەبىئى پەنلەر توغرسىدىكى بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىمىز ئۈستىدە تەھلىل

ئەسلىمىلىك بايان


        ئۇيغۇرلار مەركىزى ئاسىيادىكى مەرىپەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى.خەلقىمىز بىر پۇتۈن بىلىش تارىخىدانۇرغۇنلىغان ئىختىرالارنى بارلىققا كەلتۈرۇپ،ئىنسانىيەتكە تېگشلىك تۆھپە قوشالىغان.خەلقىمىزدىن كومراجىۋا(413-344)،سۇجۇپ(مىلادى 6-ئەسىر)،سڭقۇسەلى تۇتۇڭ(10-ئەسىر)،تاتاتوڭا،ئەل ئۇقمىش(؟-1314)،تۆمۈر تۈرۈك(لۇمىڭشەن)، ئەل فارابى(950-870)،ئىبىن سىنا(1037-980)،ئەل خارازىمى(850-780)،ئەبۇ رەيھان بىرۇنى(1048-973)،مەھمۇدكاشغەرى(1105-1008)،يۈسۈپخاس ھاجىپ(1085-1019)،جامالىدىن كاشغەرى،ئىمامىدىن كاشغەرى،ناۋايى(1501-1441)،ئۇلۇغبەگ(1449-1394)…قاتارلىق بىلىمنىڭ ھەر ساھەلىردىكى چولپانلار يېتشىپ چىقىپ،خەلقىمىزنىڭ ئەينى چاغلاردا ئىلىم-پەننىڭ ھەر قايسى تۈرلىردە تەڭ،تەكشى تەرەققىى قىلغان ھالىتىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.بۇ خىل ھالەت ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ چاغلاردىكى ئۈستۈن سىياسى كۈچى،يېتەرلىك ئىقتىسادى ۋە نىسبى تىنىچ ۋەزىيەت ئاساسىغا قۇرۇلغان.خەلقىمىزنىڭ مائارىپقا يۈكسەك ئەھمىيەت بىردىغان روھى،بىلىمنى،بىلىم ئەھلىنى قەدىرلەيدىغان خىسلىتى؛يىپەك يولى ئالاقىللىردىكى ئاكتىپچانلىقى بۇ ھالەتنىڭ ئۈزۇنراق داۋاملىششىغا تۈرتكە بولغان.

    چىنگىزخان ئىستىلاسىدىن كېيىن،ئۇيغۇرلار ئۈستۈن سىياسى،ئىقتىسادى كۈچىدىن ئايرىلىپ قالدى.تىنىچ بولمىغان سىىياسى ھاۋا،ۋەيران بولغان ئىقتىساد مائارپنى ئەۋزەل شارائىت بىلەن تەمنللەممىدى.بولۇپمۇ سەئىدىيە خانلىقنىڭ ھالاكىتى ۋە ئەسەبىيلەشكەن سوپى-ئىشانچىلىق خەلىقنى خاتا تەربىيىگە باشلاپ قويدى.مائارىپ بارغانسىرى قالاقشىپ،خەلىقنىڭ رىئال مەنپەئەتلىرى، قايغۇ-ھەسرەتلىرى بىلەن كارى يوق ھالەتكە يەتتى.ئۇ دۇنيا غەۋغالىرى،جەننەت دەۋالىرى ئەۋجىگە چىقتى.رىئاللىقتىن چەتنىگەن مائارىپ خەلىقنى تەپەككۇرى ئاجىز،روھى ئۆلگەن،ئەقللىيلىكدىن چەتنىگەن،تولىمۇ قاتمال،ھورون،ئىزلەڭگۈ خەلق قىلۋەتكەن.دۇنيادىن ۋە ئۆز تەقدىردىن بىغەم ھالدا كەلگۈندى «خوجا»لارغا مۇرت بولۇشۇپ،بىر-بىرنى قىرشقان.خەلق ئۆزىنىڭ تەبىئەت پەنلىرى روھىدىن ئايرىلىپ قالغان.

      ئازاتلىققىچە داۋاملاشقان سىياسى تىنىچسىزلىق ئۇيغۇرلارنى نامىراتلىقتا چىكىگە يەتكۈزدى.بىزدە نە تېخنىكا،نە تەبئىى پەنلەر بولمىدى.ئازاتلىقدىن كىيىنكى قىسقىغىنا مەزگىلدە بىز ئەمدى زامانىۋى پەنلەر،يېڭى ئىلىملەر بىلەن تونۇشىمىزغا يەنە قالايمىقانچىلىق،چىكىنىش پەيدا بولدى.ئەلۋەتتە بۇ بىزنىڭلا تەقدىرىمىز ئەمەس.شۇڭاكېسىپ ئېيتىشقا بولدۇكى، خەلقىمىز تەبئىى پەنلەر بىلەن ھەقىقى مەنىسدە 1978-يىلدىن كىيىن تونۇشتى.پەن-تېخنىكا جەمىيەتلىرى،پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەشىرىياتلىرى قۇرۇلۇپ پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بارغان بولسىمۇ،ئۈزۇن داۋاملاشقان قالاقلىق،ئاڭدىكى بىر تەرەپلىملىك،ئەقلىيلىككە قارغاندا ھىسسيلىقنىڭ ئۈستۈن تۇرشىنى بەلگلىدى.خەلىقنىڭ بىلىم ساھەسىدىكى گۈللىنىشى يەنىلائەدەبىيات-سەتئەتنى بەلگە قىلىپ باشلاندى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مۇددىئايىمىز زور دەرىجىدە ئاتئىزىملىق(خۇداسىزلىق) تەربىينىڭ بىر قىسىمى بولۇپ قالدى.مەرھۇم ئابباس بورھان(2010-1932)ئىلىم-پەن تەشكىلاتچىسى،پەننى ئومۇملاشتۇرغۇچىلارنىڭ سەردارى سۈپىتىدە پائالىيەت ئىلىپ بېرىپ،ناھايىتى چوڭ تۆھپە قوشتى.مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن(1995-1933) بۇ جەھەتتە قەتئىى،تەخىرسىز پىكىر قىلغان بىردىنبىر كىشى بولۇشى مۇمكىن.ئۇ 1989-يىلىدىن كىيىنكى بىر قىسىم يازمىللىردا بىزنىڭ ھېچقانداق تېخنىكا،ئىختىرا ئىقتىدارى بولمىغان،نەزەرىۋى تەپەككۇردا ئاجىز،چىچىلاڭغۇ ھالىمىزدىن نالاپ كەلگەندى.ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن كاتتا تارىخشۇناس بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىخدىن ئاجايىپ ھېكمەتلەرنى سۈزۈپ چىققان.ئۇ ئۆمۈرنىڭ ئاخىردا تۈزۈتۈپ،تولۇقلىغان مەشھۇر ئەسىرى «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»(تۇران تارىخى)دا بۇنداق يەكۈننى چىقارغان:«قۇدىرەت تاپقاندا ئات ئۈستىدە پەرۋاز قىغان،ھالسىزلانغاندا سەنئەتچى قۇل بولۇپ قالغان بۇ تەقدىر مىلادىدىن تولىمۇ بۇرۇن ئىنتايىن تېرەن بىر ھەقىقەتنى كۆرسەتكەنىدى.ئۇ بولسىمۇ،دائىميى جەڭگىۋارلىق قىممىتىنى سەنئەتنىڭ ھامىيسى قىلشتۇر.»【1】ئوبزورچى يالقۇن روزى ئالىمنىڭ پىكىرگە ياندىشىپ«بۇنىڭدىن 1000يىللار ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئات ئۈستىدە زەپەر قۇچۇپ،ئوتتۇرا ئاسىيا ئىتەكلىردە زور ھەربى كۈچ بولۇپ تونۇلۇپ،قۇدىرەتلىك خانلىقلارنى قۇرغان،مەدەنىيەت جەھەتتە قېرىنداش مىللەتلەرگە باشلامچى بولغان چاغلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۈسسۇل،نەغمە-ناۋالىرى قوشنا ئەللەرنىڭ،ساياھەتچى-سەيياھلارنىڭ نەزىردە ئاجايىپ زور ئارتۇقچىلىق ھىسابلانغان.ئەمما،بۇنىڭدىن 100يىللار ئىلگىرى خەلقىمىزنىڭ سىياسى،ئىقتىسادى،مەدەنى ھاياتى ۋە تۇرمۇش سەۋيىسى مىسلىسىز تۆۋەن ھالەتكە چۇشۇپ قالغاندا،بۇ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىمىز كىشلەرنىڭ كۆزگە سىغماي قالغان.مىسالەن:1906-يىلى قەشقەرگە كەلگەن فىللاندىيلىك ئېكىسپىدىتسيچى ماننېرخېيىم(MANNERHEIM) ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرسىدە:〈ئۇيغۇرلارنىڭ تەبئيتى بىكار تەلەپ،كەيىپ-ساپا تۇرمۇشقا ئادەتلەنگەن،تەييار-تاپ،كۈن-كۈنلەپ لاغايلاپ يۇردۇ،ئىشلەي،دىمەيدۇ.بولۇپمۇ قوغۇن پىششىقىدا ئۇلار توپلىشىپ ئولتۇرشۇپ،بىر-ئىككى قوغۇن-تاۋۇزنى داستىغانغا قويۋىلىپ،ئەتگەندىن تۈن يېرمىغىچە توختىماي نەغمە-ناۋا قىلشىدۇ〉،دەپ خاتىرلىگەن »【2】دەيدۇ.

     21-ئەسىر كىرگەندىن كىيىن بىزنىڭ تەبئىى پەنلەر توغرسىدىكى مۇلاھىزىللىرمىز خېلى سالماقلىق بولدى.تۆۋەندىكسى شۇلارنىڭ تىپىك بولغانلىرى ھىسابلىندۇ:

1. يالقۇن روزى:《بىز قانداقلەرچە〈ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى〉دەپ ئاتىلىپ قالدۇق》(《شىجاڭ مەدەنىيتى》ژورنىلى2006-يىللىق5-سان)

2.داۋۇد ئوبۇلقاسىم: 《تەبئىى پەن روھى ۋە بىزنىڭ ئەدەبى ئىجادىيتىمىز》(يۇقارقىغا ئوخشاش)

3.ئەھمەتجان خۇما: 《بىزدە كەم بولۇۋاتقىنى يەنىلا تەبئىى پەن روھى》(يۇقارقىغا ئوخشاش)

4.ئەركىن ئسھاق ئوغۇزخان: 《بىزدىكى پەن ۋە سەنئەت مۇناسىۋتىدىكى ئېغىشلار》(《شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى》ژورنىلى 2007-يىللىق2-سان)

5.غەيرەتجان ئوسمان بىلگيار: 《مەدەنىيەت چۈشەنچىمىزنى جىددى يېڭلاش،سەنئەتخۇمارلىقتىن ئىلىمخۇمارلىققا كۆچۈش ۋە تەبئىى پەنگە يۈرۈش قىلشنىڭ تەخىرسىزلىكى توغرسىدا》(《شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى》ژورنىلى2010-يىللىق4-سان)

    بۇ جەرياندا بەزى ئاپتورلىرىمىز قۇتۇپتىن قۇتۇپقا بىراقلا ئۆتۈپ كېتىپ،مىللىى مەدەنىيتىمىزنى،سەنئىتىمىزنى كەمستىدىغان،پەن-تېخنىكىغا قارىغۇلارچە چوقۇندىغان،پەن-تېخنىكىنى بىردىنبىر چىقىش يولى،دەيدىغان خاتا قاراشلارنىمۇ ئوتتۇرغا قويدى ۋە تەنقىدكىمۇ ئۈچىردى.بىز پەلسەپە،دىن،پەن-تېخنىكا،سەنئەت ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى قارشى چۇشەنمەسلىكىمىز لازىم.بۇ جەھەتتە ئابدۇۋاھىد مەتنىياز ئەمىن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك پىكىرنى ئوتتۇرغا قويغاندى.( ئابدۇۋاھىد مەتنىياز ئەمىن: 《ئۆتمۈش بىلەن كېلەچەك ئارسىدا》،《شىجاڭ مەدەنىيتى》ژورنىلى2007-يىللىق5-سان)




مۇھاكىمە



      بۇگۇن بىز دەۋاتقان تەبئىى پەنلەر ھەقىقى مەنىسدە 15-ئەسىرنىڭ كېينكى يېرمىدا غەرپتە بارلىققا كەلگەن.بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى تەبئىى پەنلەر ماتىماتىكا،فىزىكا،خىمىيە،بىئولوگىيە،ئاستورنومىيە…قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.تەبئىى پەنلەر ماددىلار ۋە ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىپ،قانۇنىيەتلىك بىلىش سېستىمللىرنى مەيدانغا كەلتۇرىدۇ.تەبئىى پەنلەر بىلىم شەكىلدىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولۇش سالاھىتى بىلەن جەمئىەت تەرەققىياتى ۋە ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش رولغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن يەنە بىر قاتار ئىجتىمائى فونكىسسيگىمۇ ئىگە.مەسلەن:تەبئىى پەنلەرنىڭ ئىقتىسادنى سىلجىتىش رولىدىن ئالغاندا،ئىقتىساد نەزەرىيسىنىڭ شەكللنشى ئۈچۈن يېڭى تەپەككۇر يوللىرنى ئىچىپ بەردى.ئىقتىساد باشقۇرۇشنى ئىلمىلاشتۇردى.ئىدىيە تارىخى نۇقتىسىدىن ئالغاندا،ئىنسانلارنىڭ دۇنيانى ئىلمى چۈشىنىشگە،ئىلمى دۇنيا قاراش تىكلىشىگە تۈرتكە بولدى.

     تەبئىى پەنلەر قۇرۇلما جەھەتتىن ئاساسى پەنلەر،تېخنىكا پەنلىرى ۋە قوللنىشچان پەنلەردىن ئىبارەت ئۈچ قاتلامغا بۆلىنىدۇ.بۇلار ئوتتۇرسىدا ئايلانما مۇناسىۋەت مەۋجۇد بولۇپ زىچ باغلىنىشقا ئىگە.

    بىز دائىم دەيدىغان《پەن-تېخنىكا》دىكى پەن ئاساسى پەن بىلەن تېخنىكا پەنلىرنى كۆرسىتىدۇ.تېخنىكا بولسا ھەر خىل كونكىرىت قۇرۇلۇش تېخنىكىسنىڭ ئومۇمى نامىنى كۆرسىتىدۇ.پەن بىلەن تېىنىكا ئۆز-ئارا باغلىنشى بولغان ھەم روشەن پەرقلىنىپ تۇردىغان ئىككى كاتىگورىيە بولۇپ،پەن تېخنىكىنىڭ نەزەرىۋى ئاساسى،تېخنىكا بولسا پەننىڭ ئەمەلىيەتتە قوللنىشى.پەننىڭ مەقسىتى ئوبىكتىپ دۇنيانى بىلىش،تېخنىكىنىڭ مەقسىتى دۇنيانى ئۆزگەرتىش ۋە كونتىرول قىلىش.پەندىكى يېڭلىق يارتىش بايقاش دەپ ئاتالسا،تېخنىكا جەھەتتىكى بۆسۇش كەشىپ قىلىش دەپ ئاتىلدۇ.

      گەرچە غەربنىڭ تەبئىى پەنلەر تەرەققىياتى ئۇزاق تارىخى ئاساسقا ئىگە بولسىمۇ،ھەقىقى تەرەققىيات 15-ئەسىردىن باشلاندى.بۇ نەتىجىلەر ئەدەبىيات-سەنئەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش ھەركىتى،سودىنىڭ گۈللىنشى،تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى،يېڭى بايقاش،دېڭىزچىلىقنىڭ گۈللنشى،پەننىڭ كەسىپلىششى،ئىلىم ئورگانلىرنىڭ بەس-بەستە قۇرۇلۇشى…قاتارلىقلار ئۈستگە قۇرۇلغان.پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ ئۈزلۇكسىز غەلبە قىلغان غەرب پەن-تېخنىكىنىڭ قۇدىرتىگە شۇنچىلىك مەپتۇن بولدىكى،ئۆزلىرنىڭ ماددىچىلىق ۋە پەن خۇراپاتلىقىغا پېتىپ قالغانلىقنى سەزمەي قىلىشتى.غەرب پەن-تېخنىكا ئارقىلىق قانچىلىك غەلبىگە ئېرشكەن بولسا،شۇنچىلىك زەربىگە يولۇقتى.ئىككى قىتىملىق جاھان ئۇرۇشى ۋە ئۇرۇشتىن كىينكى ئىقتىسادى كىرزىس، ئەقىدسىزلىك،چۈشكۈنلۈك،ئىتقاتسىزلىق ئۇلارنى پەن-تېخنىكا توغرسىدا قايتىدىن ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى.شۇنىڭ بىلەن غەربتە《پەنشۇناسلىق》*،《پەن-تېخنىكا پەلسەپىسى》*قاتارلىق ئىلىملەر بارلىققا كەلدى.ئۇلار ئۆزلىرنىڭ ئادىمىيەت،ئىجتىمائىيەت ئىلىملىرى ئارقىلىق تەبئىى پەنلەر ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشقا باشلاپ،پەنلەر ئارسىدىكى ئۆتۇشۇش ۋە تەسىرنى ئالغا سىلجىتتى.

      بىزنىڭ تەبئىى پەنلەر توغرسىدىكى قايتا ئويلىنشىمىز غەربنڭكىدىن تۈپتىن پەرقلىندۇ.بىز باشقىلار بىلەن ئۆزىمىز ئوتتۇرسىدىكى پەرقنىڭ زوريىىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئازاپ ئىچىدە ھېس قىلغاندا،تەبئىى پەنلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە باشلىغاندۇق.بىزنىڭ رىئاللىقىمىز غەربتەك دىن،سەنئەت،پەلسەپە،بىلىم ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى يۈرۇشتۇرۇش،پەن بىلەن تېخنىكىنى كېلىشتۇرۇپ،سانائەتتە قوللنىش قاتارلىقلارغا ئىمكان بەرمىدى.ئىلىم دىموكراتىيسى،ھوقۇق،ئىقتىساد بىقۇللۇقى بىزنىڭ تەبئىى پەنلەر ھەققىدىكى مۇلاھىمىزدە پەقەت مىللىى تۇركۈم بىلەن پەن ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكىلا دىھققەت ئاغدۇرشىمىز لازىملىقىنى بەلگىلدى.بىز بىر پۇتۇن ئىلىم-پەن مۇناسىۋەتلىرنى بىر-بىرگە قارشى قىلىپ قويدۇق.ئۆزىمىزنى《ئىجتىمائى پەنلەردە تەرەققىى قىلغان،تەبئىى پەنلەردە كەينىدە قالغان》دىگەندەك كۈلكىلىك ھۆكۈملەرنى ياساپ چىقتۇق.ئەمەلىيەتتە،ئىلىم-پەن دۇنياسىدا بىزنىڭكىدەك بۇنداق يەككە لىنىيىلىك تەرەققىيات مەۋجۇد ئەمەسلىكىنى چۇشەنمىدۇق.بىزنىڭ تەبئىى پەنلەر توغرسىدىكى بىر تەرەپلىمە قاراشلىرمىزنى كونكىرىت مۇنداق ئىپادىلەشكە بولىدۇ:

     بىرنجىدىن، خەلقىمىز ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندىن باشلىنىپ،ھازىرغىچە داۋاملاشقان تەبئىى پەنلەرگە يۈرۇش قىلش توغرسىدىكى مۇلاھىزىلەرنى توغرا چۇشەنمىدى.《پەن-تېخنىكىغا يۈرۇش قىلساقلا تەرەققىى قىلمىز،بىردىنبىر چىقىش يولىمىز پەن-تېخنىكا》دىگەندەك سەپسەتلەرگە چىنپۇتتى.پەن-تېخنىكا مەسىلسىنى مىللىيەتلىك مەسىلە،دەپ ھىسابلىدى.دۆلەت ئىچىدىن مىسال ئىلىپ،دىڭىز بويى رايونلىر(خەنزۇلار)نى پەن-تېخنىكىدا تەرەققىى قىلغان قىلىپ كۆرسەتتى.پەن-تېخنىكىنىڭ دۆلەت سىياسىتى مەسىلسى ئىكەنلىكنى،ئۇنىڭ قانداقتۇر جوڭگودىكى بىر مىللەتنىڭ مەسىلىسى ئەمەسىلىكنى ئۇنتۇپ قىلىشتى.بۇ خىل ھۆكۈملەر ھەتتا دۆلىتىمىزدىكى نۇپۇزلۇق خەنزۇ تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەسەرلىردىمۇ كۆرۈلدى.بېيجىڭ ئۇنۋىرستىتى نەشىرىياتى نەشىر قىلغان 20نەچچە دوكتور بىرلىشىپ يازغان《دۇنيا مەدەنىيەت تارىخى》ناملىق كىتابتا جوڭگونىڭ يېقىنقى زاماندا ئارقىدا قىلىشىنى ئوچۇق قىلىپ مانجۇلار ۋە باشقا قالاق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ توسقۇنلىقى دەپ يازدى. 【3】

      ئىككىنچىدىن،بىزدە تېخىچە پەنشۇناسلىق شەكللەنمىدى.كىشللىرمىز ھەر قايسى پەنلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىچكى مۇناسىۋەتلەرنى،پەن-تېخنىكىنىڭ ئىجتىمىائى فۇنكىسسيلىرنى ۋە ئۇنىڭ سىياسى،ئىقتىساد مائارىپ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرنى توغرا چۈشىنىش ئىمكانىيتىگە ئېرشەلمىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مۇلاھىزلەرگە تەبئىى پەن، تېخنىكا پەنلىرى مۇتەخەسىسلىرى قاتناشمىدى.ئۇلار پەن-تېخنىكىنىڭ يەنە بىر يۈزىنى خەلىققە كۆرسەتمىدى.

      بىز پەن-تېخنىكا بىلەن ھوقۇق ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەھلىل قىلايلى: سىياسى بىلەن ئىقتىساد ئەزەلدىن بىر-بىردىن ئايرىلغان ئەمەس.بۇ ئىككىسى بىرلىشىپ مائارىپنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگلگەن.مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا پەن-تېخنىكا ھوقۇققا بېقىندۇ.ئامرىكىنىڭ مەشھۇر پەن پەلسەپىسى ئالىمى،《پەن ئىنقىلابىنىڭ تۈزۈلمىسى》ناملىق مەشھۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورى توماس كوئون 1973-يىلقى5-قىتىملىق خەلقئارا《پەن ۋە جەمىئەت》يېغىنىدا سۆزلىگەن《پەن-تېخنىكىغا قارتىغان چەكلىمە》ناملىق مەشھۇر نۇتىقىدا: 《ئىلىم-پەن ھوقۇقنىڭ قۇلى،ھازىرقى زامان جەمئىيتىدىكى ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى كۈچ ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتكە خاس قىسىم ھەمدە ئۈستقۇرۇلما بىلەن بازىس ئوتتۇرسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنلىرگە بىرلىشىپ كىتىدۇ…ئىلىم-پەن ھوقۇقنىڭ بىر تەرپى ئىكەن،ئۇ مۇقەررەر ھالدا ھوقۇقنىڭ ھۆكۈم قىلشىدا بولىدۇ.ھوقۇقدارلارغا ئىلىم-پەن كىرەك بولسا ئىلىم-پەننى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ئۇلارغا بىر قىسىم ھەقىقەت كىرەك بولسا،ئۇلار مۇكەممەل بولمىغان ئىلىم-پەننى ئوتتۇرغا قويىدۇ؛ئۆزىنى ئۆزى ئالداشقا توغرا كەلسە،ساختا ئىلىم-پەننى تەشەببۇس قىلىدۇ؛…ئىلىم-پەن قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولمىغان پايدا-زىيان ۋە سىنىپلار تەرپىدىن پارچىلانسا، ئىلىم-پەن توغرسىدىكى ئىزدىنىشلەرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.ئەگەر كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەنپەئىتى بىلەن بىرلەشتۈرۇپ قارالسا، ئىلىم-پەن ھەم مۇتەئەسىسپ،ھەم ئىنقىلابى بولىدۇ.》【4】دىگەن.بۇ خۇددى سىتالىننىڭ باشقا ئىرسىيەت نەزەرىيلىرنى ئۈگتىشكە ۋە تەشەببۇس قىلشقا روخسەت قىلمغانلىقى،نىسبىيلىك نەزەرىيسىنى《بۇرژۇئا ئىدىئالىستىك تەلىماتى》دەپ ئەيىپلىگىنىگە ئوخشايدۇ.

       پەن-تېخنىكا پەقەت زور ئىقتىساد سىلىنمىسى ئارقىلقلا رىئاللىشىدۇ.ئۇ كىشىلەرنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرگە باقمايدۇ.ئىقتساد پەن-تېخنىكا ئالىملىرى بىلەن پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى،ئۇنۋىرستېت،شىركەت…قاتارلىقلارنى ئۆز-ئارا باغلايدۇ.ئىلغار ۋە ئەۋزەل تەتقىقات مۇھىتى پەقەت مۇشۇنداق ئورگانلاردىلا بولىدۇ.جەمىيەتشۇناس دانېل بېل(Daniel Bell) ئۇنۋىرستىتنى بەكرەك تەكىتلىگەنتى.【5】بىراق زامانىمىزدا شىركەتنىڭ تەسىرى سالماقلىق بولماقتا.مۇشۇنداق سەۋەپلەردىن تەبئىى پەن ئالىملىرى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ رايىغا باقىدۇ.ئالىملار خۇددى زاۋۇدتىكى ئىشچىلارغا ئايلىندۇ.بۇنى ئۈستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن مۇنداق چۈشەندۇردى:《بىر ھىسابتا ئەقىلگە مەبلەع سىلىپ،ئەقىللنى ماددى ۋە مەنىۋى بايلىققا ئايلاندۇردىغان بۇرژۇئازىيە سىنپى بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئالىملىرى ئاسانلا مۇساپىر بوپقالىدۇ. 》【6】

       ئۅچىنچىدىن،ئاساسى پەنلەر بىلەن تېخنىكا پەنلىرى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت توغرا چۈشنىلمىدى.يەنى كىشىللىرمىز《تەبئىى پەنلەرگە يۈرۇش قىلىش 》نىلا تەكىتلىدى.تەبئىى پەنلەرنى ئۈگنىشتىن مەقسەت ئۇنى تېخنىكىغا ئايلاندۇرۇپ سانائەتتە قوللىنش.《بىكوننىڭ قارشىچە،ئىلىم-پەننى تەرەققىى قىلدۇرۇشتىكى مەقسەت ئىلىم-پەن ئارقىلىق ئىنسانلارغا بەخىت يارتىشتۇر.بېكون سانائەت بىلەن يېزا ئىگلىكىدە ئىلىم-پەننى قانداق قوللىنىش،ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ئىلىم-پەن ئارقىلىق قانداق ياخشلاش مەسىلسىنى بىر ئۆمۈر ئىزدىنىش نىشانى قىلغاندى.بېكون پەن بىلەن سانائەتنىڭ 〈تويىنى قىلىپ〉قويۇپ،پەننى چوقۇم سانائەتتە ئىشلىتىش زۆرۇرلىكىنى تەكىتلىگەنىدى. 》【7】 بۇنداق بولمىغاندا ھەممىمىزنىڭ تەبئىى پەنچىلەر بولۇپ كەتكىنىمىزنىڭمۇ ھىچقانداق ئەھمىيتى يوق.سانائەتتە قوللىنىش مەسىلىسى يەنىلا شۇ رايون ياكى مىللەتنىڭ شەھەرلىشىش،سانائەتلىشىش دەرىجىسى بىلەن باغلىندۇ. شەھەرلىشىش،سانائەتلىشىش ئوخشاشلا زور ئىقتىساتنى تەلەپ قىلىدۇ.ھازىرقى رىئاللىقتىن ئالغاندا،كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار تەبئىى پەنلەردە ئوقۇۋاتىدۇ.ئوقۇش پۇتتۇرگەندىن كىيىن،زور كۆپچىلكى ئاساسى قاتلامغا كادىر ياكى ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتىھانى ئارقىلىق باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە مۇئەللىم بولۇۋاتىدۇ.بۇنى شۇ ئوقۇغۇچىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەس.دىمەك،ھەممىمىز تەبئىى پەنلەرگە يۈرۇش قىلساقمۇ،مەسىلە ئوخشاشلا ھەل بولمايدۇ.ئابدۇرىھىم دۆلەت بۇنى مۇنداق ئىپادىلەيدۇ:《تەبئىى پەن نەتىجللىرنىڭ مەيدانغا كىلشىلا سانائەتنى بارلىققا كەلتۇرەلمەيدۇ.بۇنىڭدا يەنە شۇ جەمىيەتنىڭ ئۈستقۇرۇلمىسى پائال ماسلىشىپ،ئۇنىڭ تەرەققىي قىلشغا شارائىت يارتىپ بېرەلەيدىغان ئىقتىسادى قۇرۇلمىنى بەرپا قىلشقا توغرا كىلىدۇ.ناۋادا شۇنىڭغا ماس ئىقتىسادى تۈزۈلمە شەكىللەنمىسە،مەيدانغا كەلگەن تېخنىكىلارنى تەتبىقلاشقا سورۇن،شارائىت بولمايدۇ-دە،ئۇ ھىچقانداق ئەمەلىى قىممەت يارتالمايدۇ. 》【8】

      يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا،ھەر بىر دەۋىردە باشلامچى بولىدىغان ئاساسى پەن بولىدۇ.شۇنىڭغا ئاساسەن ئالدىن تەرەققى قىلدۇرۇلدىغان ساھەلەر بەلگىلىندۇ.مەسلەن:ماتىماتىكىدىكى فون،نويمان سېستېمىسىدىكى بۆسۇش ھىسابلاش ماشىنىسى پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرگەن.ماتىماتىكا،فىزىكا،خىمىيە ئىلگىر-ئاخىر بولۇپ باشلامچى پەن بولغان.شۇڭا بىز ئاساسى پەنلەر،تېخنىكا پەنلىرى ۋە ئەمەلى قوللىنىشچان پەنلەر ئارسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا چۈشىنىشىمىز لازىم.

        تۆتىنچىدىن،بىر دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى پەن-تېخنىكا سىياسىتى ۋە ئىلىم تەتقىقات ھەمكارلىقى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان.بىلشىمىز كىرەككى،يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدە بىر ئادەم ئۆزى يالغۇز ئۇتۇق قازىنالمايدۇ.ھەممىمىز شۇ ساھەنىڭ دانالىرى بولۇپ كەتسەكمۇ ھەمكارلىقىمىز بولمىسا ئوخشاشلا نەتىجە چىقمايدۇ.تارىخدىن مىسال ئالساق،ئاساسى پەنلەرنىڭ تەرەققىياتى ئالىملارنى يەككە،ئەركىن تەتقىقات قىلىشتىن تەشكىللىك،كۆلەملىك تەتقىقات قىلشقا مەجبۇر قىلغان.1871-يىلى ئەنگىليە كامبىرىچ ئۇنۋىرستىتىنىڭ مۇدىرى كاۋىندىش(Cavendish) 8450 فونىستىرلىڭ ئىنئام قىلىپ،ئاساسى پەنلەر تەتقىقات تەجىرىخانىسى-《كاۋىندىش تەجىرىخانىسى》نى قۇردى.1876-يىلى ئىدىسون 20مىڭ دوللار مەبلەغ سىلىپ،تۈنجى تەتقىقات ئورنىنى قۇردى.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىرلىن ئۇنۋىرستىتى نەزىرىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئورنىنى قۇردى.2-جاھان ئۇرۇشى مەزگىلدە ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن پەن-تېخنىكا ئۈچقاندەك تەرەققى قىلدى.پەن-تېخنىكا تەتقىقاتىنى دۆلەت بىر تۇتاش تەڭشەيدىغان باسقۇچ مەيدانغا كەلدى.1937-يىلدىن باشلاپ گىرمانىيە راكىتا قوراللىرنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن 300 مىليون مارىك سەرپ قىلىپ،V-2راكىتا تەتقىقات تەجىرىبە بازىسىنى قۇردى.1942-يىلى ئامرىكا《مانخاتتون پىلان》نى تۈزۈپ،ئىككى مىليارد دوللار مەبلەغ سىلىپ،ئاتوم بومبىسى تەتقىقات مەركىزىنى قۇرغان.غەربتە《پەن-تېخنىكا كومتىتى》،《ئىلىم-پەن مەسلھەتچىلەر كومتىتى》قاتارلىق ئورگانلار بارلىققا كەلگەن ۋە ئالاقىدار قانۇنلار تۇرغۇزۇلغان.

        بەشىنچىدىن،بىزدە تەبئىى پەنلەر ئالىملىرنىڭ بارلىققا كىلىشى مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ.ھازىر قارايدىغان بولساق،بىزدىمۇ بۇنداق كىشىلەر كۆپلەپ بارلىققا كەلدى.ئەمما خەلق ئۇلاردىن بىۋاستە نەپ ئالالمىدى.ئۇلارنىڭ كۆپى كەسپى تەتقىقاتچىلىق بىلەن شۇغۇنلىنىپ يۇرمەكتە.ھەتتا ئۇلارنىڭ ئارسىدا ئۆز تىلىنى بىلمەيدىغان،ئۆز خەلقىنى چۈشەنمەيدىغانلارمۇ بار.ئۇلار ئىجتىمائى مەسىللەر ئۈستىدە ئەسلا ئويلانمايدۇ.شۇڭا ئالىملىق ئىنسانىيلىققا تەڭ ئەمەس،ئالىملىق ئۆز خەلقىگە بولغان مەسئولىيەتكە تەڭ ئەمەس.تارىختا بۇنىڭ ئىسپاتى كۆپ.مەسلەن:گىرمانىيە خىمىيە ئالىمى خابىر(Fritz Haber,1868-1934) 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگلىدە زەھەرلىك قوراللار تەتقىقاتىغا قاتناشقانلىقدىن كۆپ دۆلەت ئالىملىرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچۇرغان.شۇڭا نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى،سابىق سوۋىت ئىتپاقىنىڭ يادرو فىزىكىسى ئالىمى ئاندىرى ساخاروف(1921-1989):《ئالىملار پەقەت ئىلىم-پەن قانۇنىيەتلىرى ئۈستىدىلا ئىزدىنىپ قالماستىن،ئىجتىمائى قانۇنىيەتلەر ئۈستىدىمۇ ئىزدىنىپ،ئىنسانىيەت جەمئىيتىگە بولغان مەسئولىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ساغلام ئەخلاقىغا ۋە ساپ ۋىجدانغا ۋەكىل بولۇپ ياشىشى كىرەك》【9】دەپ تەكىتلىگەن.


      تۈگەنچە: تەرەققى قىلغان ئەللەر بىلىم جەمىيتىدە تۇرۇۋاتىدۇ.21-ئەسىردىمۇ بىر پۇتۇن ئىلىم-پەن ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى قارمۇ-قارشى قويۇش،سەنئەت بىلەن پەننى،پەلسەپىنى قارشى قويۇش،زادى《ئىجتىمائى پەن مۇھىممۇ،تەبئىى پەنمۇ》دىگەندەك مۇلاھىزىلەر ئورۇنسىزدۇر! ئىلىم تەتقىقاتى دىمۇكىراتىيسى،ئىلغار،ئەۋزەل مۇھىتىغا ئىگە بولۇش،ئىلىم تەتقىقاتدا(مەيلى تەبئىى پەنلەر ياكى ئىجتىمائىيەت،ئادىمىيەت پەنلىرى بولسۇن)ھەمكارلىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىشلا بىزنى مەنپەئەتكە ئىگە قىلىدۇ.


نەقىل مەنبەلىرى ۋە ئىزاھلار

【1】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»(تۇران تارىخى) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىل نەشىرى 208-بەت.

【2】يالقۇن روزى:《بىز قانداقلەرچە〈ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى〉دەپ ئاتىلىپ قالدۇق》،《شىجاڭ مەدەنىيتى》ژورنىلى2006-يىللىق5-سان 27-بەت.

马克垚(主编):世界文明史(上),北京大学出版社2007年版 433页。【3】

【4】نۇرمۇھەممەد دۆلەتى(تەرجىمىسى):«دۇنيادىكى مەشھۇر ئالىملارنىڭ نۇتۇقلىردىن نەمۇنىلەر»،شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى 1999-يىل نەشىرى 288-بەت.

Daniel Bell:后工业社会的来临,商务印书馆 1984年版276页。【5】

【6】ئابدۇقادىر جالالىدىن:«‹شنىجاڭ مەدەنىيتى› ژورنىلى ۋە مەنىۋىيتىمىز»،《شىجاڭ مەدەنىيتى》2009-يىللىق 6-سان 79-بەت.

【7】ئابدۇۋاھىد مەتنىياز ئەمىن: 《ئۆتمۈش بىلەن كېلەچەك ئارسىدا》،《شىجاڭ مەدەنىيتى》ژورنىلى2007-يىللىق5-سان 16-بەت.

【8】ئابدۇرىھىم دۆلەت:«مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇدلىقىمىز »،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2003-يىل نەشىرى 193-بەت.

【9】نۇرمۇھەممەد دۆلەتى(تەرجىمىسى):«دۇنيادىكى مەشھۇر ئالىملارنىڭ نۇتۇقلىردىن نەمۇنىلەر»،شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى 1999-يىل نەشىرى 52-بەت.

、* پەنشۇناسلىق: ھەر قايسى پەنلەرنى تەتقىق قىلدىغان ئىلىم.ئۇ پەنلەرنىڭ ئىجتىمائى فۇنكىسسىيسى،پەننىڭ تەرەققىيات قانۇنىيتى،پەن سىستىمىسىنىڭ قۇرۇلمىسى،پەننى باشقۇرۇش ۋە پەن-تېخنىكا سىياسەتلىرى قاتارلىق مەسىللەرنى تەتقىق قىلىدۇ.پەنشۇناسلىق 20-ئەسىرنىڭ 30-،40-يىللىرى شەكىللىنىشكە باشلىغان.بۇ ئاتالغۇنى دەسلەپ پولشالىق ئوسفورىسكى ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ،پەنشۇناسلىقنى سېستىمىلىق شەرھىلىگەن،تارماق ئىلىم بولۇپ شەكىللىنىشكە ئۇل سالغان كىشى لوندۇن ئۇنۋىرستىتىنىڭ پروفىسورى،فىزىكا ئالىمى بېرنال(D.J.Bernal) دۇر.ئۇنىڭ 1939-يىلى نەشىر قىلىنغان «پەننىڭ ئىجتىمائى فۇنكىسسىيسى»(科学的社会功能)ناملىق كىتابى بۇ جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.بېرنال تەبىئى پەنلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپلا قالماستىن،پەن پەلسەپىسى،پەن تارىخى ۋە ئىجتىمائى مەسىللەر ئۈستىدىمۇ ئىزدەنگەن.ئۇنىڭ يەنە «ھاياتلىقنىڭ فىزىكىلىق ئاساسلىرى»(1951)،«19-ئەسىردىكى پەن ۋە سانائەت»(1953)، «تارىختىكى ئىلىم-پەن»(1954) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

* پەن-تېخنىكا پەلسەپىسى: پەن-تېخنىكا پەلسەپىسى پەلسەپىنىڭ مۇھىم تارمىقى.ئاساسلىقى تەبىئەت دۇنياسنىڭ قانۇنىيتنى،پەن-تېخنىكا تەتقىقاتلىرنىڭ ئاساسى مىتودىنى،پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى جەريانىدىكى پەلسەپىلىك مەسىللەرنى،پەن-تېخنىكا ۋە جەمىئەت ئوتتۇرسىدىكى ئۆز-ئارا تەسىرنى تەتقىق قلىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-28 03:36 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5677
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 223 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 11:47:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئىسىل يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4832
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18539
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6104 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 01:12:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىرلاشقا تېگىشلىك تېما ئىكەن.

مىنىڭ نەزىرىمدىكى«فىزىكا»

قاسىم سىدىق


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-28 02:22 PM  


كەلگۈسى بۇيەردى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7374
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9477
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 983 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 02:54:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ ئىلىم تەتقىقاتدا(مەيلى تەبئىى پەنلەر ياكى ئىجتىمائىيەت،ئادىمىيەت پەنلىرى بولسۇن )  ھەمكارلىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىشلا بىزنى مەنپەئەتكە ئىگە قىلىدۇ.››
ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار يازغۇچى-شائىرلار،موللا -ئەپەندىلەر قاچانمۇ ھەقىيقى ھەمكارلىشار-ھە.
مۇنبەرلەردىكى زىيالىيلار جىدەللىرى ئادەمنى ئويغا سالىدۇ.



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4832
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18539
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6104 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 12:36:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەما بىلەن ئېشەك



 بۇرۇن بىر ئەما بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى كۆزى تۇغۇلۇشتىنلا كۆرمەيدىكەن. بىر كۈنى تۇيۇقسىز بىر مۆجىزە يۈز بېرىپ، ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلىپ نەرسىلەرنى كۆرەلەيدىغان بوپتۇ. ئۇ كۆزىنى ئاچقان ئاشۇ دەقىقىدە، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا بىر ئېشەك بار بولۇپ، ئۇ پەقەت شۇ ئېشەكنىلا كۆرۈپ، كۆزىنى يەنە يۇمۇۋاپتۇ. بىر قېتىم بىر ئادەم ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ:
  ــ مەن ناھايىتى چىرايلىق بىر يۈرۈش ئۆي سالدىم.
  ــ سېنىڭ سالغان ئۇ ئۆيۈڭ ئېشەكتەك چىرايلىقمۇ؟ ــ دەپ سوراپتۇ ئەما.يەنە بىر قېتىم بىر ئادەم ئۇنىڭغا يەنە مۇنداق دەپتۇ.
  ــ مەن دېڭىزدا ناھايىتى چوڭ بىر پاراخۇتنى كۆردۈم.
  ــ سەن كۆرگەن ئو پاراخۇت ئېشەكتەك چوڭمۇ؟ ــ دەپ سوراپتۇ ئەما.
  شۇنداق قىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئەمادىن سوراپتۇ:
  ــ سەن نېمە ئۈچۈن ھەممە نەرسىنى ئېشەك بىلەن سېلىشتۇرىسەن؟
  ــ چۈنكى مەن پۈتۈن بىر ئۆمرۈمدە ئېشەكنىلا كۆرگەن، ــ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئەما.

  ئەخمەت ساتتار تەرجىمىسى

http://uyghur.people.com.cn/156014/15219061.html


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-29 12:37 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43627
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3163
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2011-6-8
ئاخىرقى: 2013-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 01:40:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئۆزىمىزنى مىللى سەنئەت بىلەن تونىتامدۇق ياكى پەن تىخنىكا بىلەنمۇ؟  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4832
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18539
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6104 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 10:57:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بىر مۇھاكىمە قىلىشقا تىگىشلىك تېما ئىكەن،نىمە ئۈچۈن ئىنكاس ئازدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69499
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4941
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 579 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 01:28:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توقماق يوللىغان ۋاقتى  2012-4-30 10:57 PM
بۇ بىر مۇھاكىمە قىلىشقا تىگىشلىك تېما ئىكەن،نىمە ئۈچۈ ...

مەن بۇ تىمىنى يوللاپ قويۇپ تورغا چىقمىغىلى 4 كۈن بولدى.ئەسلى مۇنازىرە قىزىپ كەتتى دەپ ئۇيلىغاندىم.ئەمما بۇ ھالەتنى كۆرۇپ بەك ئەپسۇسلاندىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69499
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4941
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 579 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 06:33:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىمدەك چوڭ توربەتتە بۇ تىمىنىڭ 157 قىتىم كۆرۇلگنىگە ھەيران قالدىم‹

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69499
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4941
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 579 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 07:04:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
t629 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-30 01:40 AM
بىز ئۆزىمىزنى مىللى سەنئەت بىلەن تونىتامدۇق ياكى پەن ت ...

بىزنىڭ ئۆزىمىزنى باشقىلارغا تونۇتىش قەرزىمىز يوق!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش