مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 682|ئىنكاس: 12

قاغا ( ھېكايە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78449
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 202 سائەت
تىزىم: 2012-4-6
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 11:23:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قاغا

   خۇدەبەردى مىڭلىغان

ھەرلەرنىڭ ئارىسىدا قاللغانتى . ھەرىلەر خورغا چۈشكەندەك بىر – بىرى بىلەن

گېڭىلدىشاتتى . ئۇ قولىدىكى سۈپۈرگىنى توختىماي ھەرە تەرەپكە شىلتاتتى . ھەرلەر

بولسا ئۇنىڭ يۈز – كۆزلىرىنى ، قۇلاقلىرىنى ... قىسقىسى ئۇتتۇر كەلگەن يەرلىرىنى

چاقاتتى . نۆۋەت تەگمىگەنلىرى بولسا ئۇنىڭ باش ئۈستىدە پۇرسەت كۈتۈپ ئايلىنىپ

يۈرەتتى . ئۇ قېچىپ ئۆيگە كىرۋېلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەركەت قىلۋىدى ،

پۇتلىرى چوڭقۇر قېقىۋىتىلگەن قوزۇقتەك مىدىرلىمىدى . ئۇنى قورقۇنۇچ  ،

سۈر ، ۋەھىمە باستى . ھەرىلەر ئۇنىڭ باشلىرىنى ، يۈز – كۆزلىرىنى ، قاش –

قاپاقلىرىنى توختىماي چاقاتتى ، غاجىلايتى ... ئۇ بىردىنلا قېنى تۈگەپ ھوشسىزلىنىپ

يىقىلدى . ھەرلەر ئەمدى ئۇنىڭ گۆشلىرىنى غاجىلاپ يېيىشكە باشلىدى . خۇدەبەردى

بىردەمدىلا ئىسكىلىتقا ئايلىنىپ قالدى . ھەرلەر يوغناپ ئاۋال قۇچقاچلاردەك ، ئاندىن

پاختەكلەردەك ئاخىرىدا قاغىلاردەك بولۇپ كەتتى ... شۇ تاپتا ھەرىلەر ئۇنىڭ

سۆڭەكلىرىنىمۇ غاجىلاپ يېيىشىۋاتتاتتى ... ئۇ قاتتىق ۋاقىرىغىنىچە ئويغۇنۇپ كەتتى .

ھويلا سۈپۈرىۋاتقان ئايالى سۈپۈرگىنى تاشلاپ ، ئۇنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كىرىدى .

خۇدەبەردى تەكىيگە يۆلىنىپ ئولتۇرغىنىچە جالاقلاپ تىتىرەۋاتاتتى .


   - نىمە بولدى سىزگە ؟


   - سورمايلا قوي ، تېز بول بىر

تاۋاق تېرىقنى بېشىمدىن ئۆرۈپ ، سىرتقا ئەپچىقىپ چېچىۋەت .


   - قارا بېسىپ قاپتۇ – دە ؟


   - ھەئە ، شۇنداق ، ھەئە شۇنداق ...

تېز بول ... تېرىق ئەپچىق .


  - سەھەردە قوپۇڭ ، ھېچ بولمىغاندا

بىرەر ۋاخ ناماز ئوقۇڭ دېسەم ئۇنمايسىز ، كۈن قىزىلىدا ياتسا ئاشۇنداق قارا

باسىدىغان گەپ .


   - تولا سۆزلىمەي يۈگۈر ، مەن

دېگەننى قىل ، ھېلى بىكار ...


   - مەن قارا باستۇرۇپ قويغاندەك

نىمە مۇزلۇق قىلىدۇ ماڭا – ھەنىپىخان غۇدىرىغىنىچە ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى .


   << راست ئېيتىدۇ ، خوتۇن

راست ئېيتىدۇ ، بوۋام رەھمىتىمۇ كۈن قىزىلىدا ياتقان ئەڭ يامان ... >>

دەيدىغان ، دەپ ئۆز – ئۆزىگە شىۋىرلىدى ئۇ ، ئايالى بىر تاۋاق تېرىقنى ئېلىپ چىقىپ

بېشىدىن ئۆرىگەندىلا قەلبىدىكى قورقۇنۇچ سەل بېسىلغاندەك بولدى خۇدەبەردىنىڭ .


   خۇدەبەردى روھى چۈشكۈن ، كۆڭلى

يېرىم ھالدا سىرتقا چىقتى. ئۇنىڭ يۈرىكى نىمىشقىكىن ئەنسىزلا ئېغىپ تۇراتتى ،

ئائىلىسىدە ھېلىلا بىر كۆڭۈلسىزلىك ، كېلىشمەسلىك يۈز بېرىدىغاندەك تۇيلۇپ بىئارم

بولاتتى .


   - قاق ، قاق ، قاق ...


   قاياقتىندۇر ئۇچۇپ كەلگەن بىر

قاغىنىڭ ھويلىدىكى قاپاق توغراققا قونۋېلىپ ، ئارقا – ئارقىدىن قاقىلدىشى ئۇنىڭ

يۈرۈكىدىكى ئەنسىزلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى . كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم ، پاراكەندە

بولدى . خۇدەبەردى << كۆزۈم كۆرمىدى ، قۇلىقىم ئاڭلىمىدى >> دەپ ئۈچ

قېتىم شىۋىرلاپ قاغىغا قاراپ ئۈچ قېتىم تۈكۈردى . قاغا يەنىلا يېقىمسىز

قاقىلداۋاتاتتى . << ياخشى گېپىڭ بولسا ئاغىزىڭغا ياغ ، يامان گېپىڭ بولسا

ئاغزىڭغا ئەڭ سېسىق پوق >> دەپ يەتتە قېتىم شىۋىرلاپ ، قاغىغا قاراپ يەتتە

قېتىم تۈكۈردى . ئۇ بۇلارنى كىچىك چېغىدا مومىسىدىن ئۈگۈنىۋالغاندى .


   << قاغا ناھايتى ئەقىللىق

جانۋار ، ھەر قانداق بالا – قازانى ئالدىن سىزىپ بىشارەت بىرەلەيدۇ ، بىر راۋايەتتە

ئېيتىلىشچە ، قاغا بەندىنىڭ بېشىغا كىلىدىغان ئۆلۈم ھىدىنى يەتتە كۈن بۇرۇن

پۇرارمىش ، دىيىلگەن . يەنە بىر راۋايەتتە قاغا ئۆز بېشىغا كىلىدىغان ئۆلۈمنى ئۈچ

كۈن بۇرۇن بىلۋالغاچقا ئادەملەرگە ئۆلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ دىيىلگەن >> دەپ

سۆزلەپ بىرەتتى بوۋىسى ھايات چېغىدا ئۇنىڭ بېشىنى مېھرى بىلەن سىلاپ تۇرۇپ .

خۇدەبەردى بۇلارنى ئويلاپ ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغۇنۇپ كەتتى ... قاغا ھەققىدىكى

راۋايەتلەر راست بولسۇن ، يالغان بولسۇن قاغىنىڭ قاقىلدىشى ئۇنىڭ نەزىرىدە شۇملۇق

ئېلىپ كېلەتتى . بىر قېتىم تۆگمەندىن كېلۋاتسا باش ئۈستىدە بىر قاغا ئايلىنىپ بىر

ھازا قاقىلدىغاندىن كىيىن ، يىراقلارغا كەتكەن ، شۇ چاغدىمۇ ئۇنىڭ يۈرىكى بىر

شۇملۇقنى سەزگەندەك ئەنسىز ئېغىپ كەتكەنتى ، راست دېگەندەك ئۆيگە كەلگەندە بىر توپ

جامائەت ئۇنىڭ چوڭ قىزىنىڭ جەسىدىنى ھويلىغا ئېلىپ كىردى . ئۇنىڭ قىزى سۇغا چۈشۈپ

كىتىپ ئۆلۈپ كەتكەندى . ، يەنە بىر قېتىم ئاياغ مەھىلىدىكى قوناقلىرىغا سۇ

تۇتىۋاتقاندا بىر قاغا ئۇنى ئايلىنىپ قاقىلداپ ئارام بەرمىگەن ، چالما ئاتسىمۇ

ئۇنىماي قاقىلداۋەرگەن ... قاغا ئۇچۇپ كىتىپ بىر ھازادىن كىيىن ، ئۇنىڭ ھويلىسىدا

قىيا – چىيا كۆتۈرىلگەن ، ئۇ يۈگۈرۈپ يويلىغا كىرگەندە ئۈچ ياشلىق ئوغلى قانغا

مىلىنىپ ياتاتتى . خۇدەبەردى يۇقارقىلارنى ئويلاپ چەكسىز ، ئارامسىزلىنىشقا باشلىدى

...


      ئۇ ئىنەككە ھەلەپ

بىرىش ئۈچۈن ئېغىلغا كىردى ، كىردىيۇ كۆز ئالدى قاراڭغۇلۇشۇپ ئولتۇرۇپ قالدى –

تۇغۇشىغا بىر نەچچە كۈنلۈكى قالغان ئىنىكى ئۈردەپ ئۆلۈپ قالغاندى . ئۇ بىردىنلا

ھۆكىرەپ يىغلاپ كەتتى ، ئۆزىنىڭ شور پىشانىلىكىدىن قاتتىق ئېچىندى ، ئايالى

يۈگۈرگىنىچە ئېغىلغا كىرىپ سۇنايلىنىپ ياتقان كالىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ

ھوشىدىن كەتتى ...  


      مانا شۇنىڭدىن باشلاپ

ئۇنى پالاكەت بېسىشقا باشلىدى . ھېلىقى شۇم قاغا ھەر كۈنى ئىت پوق يىمەستە كىلىپ

توغراقنىڭ قاپ ئۇچىغا قونىۋېلىپ يېقىمسىز قاقىلدايتى . ئۇنىڭ خۇشال كۈنلىرى تۈگەپ ،

يۈرىكى ئۆرتىنىدىغان بولۇپ قالدى . ئۆمۈتسىزلىك ، مىسكىنلىك ئۇنىڭغا زورلۇق –

زۇمبۇلۇق قىلاتتى ...  


   ئۇ ئەمدى ئورنىدىن ئەتىگەندە

تۇراتتى . قاغىنى تاش – چالما ئېتىپ قوغلايتى . قاغا ئۇچۇپ كەتكەن تەرەپكە

نەپرەتلىك خىيالار بىلەن ئۇزاققىچە قاراپ تۇرۇپ كېتتەتتى . ھېلىلا بىر كۆڭۈلسىزلىك

يۈز بىرىدىغاندەك بىئارام بولاتتى ... ئۇ بۈگۈنمۇ قاغىنى ئاڭ سېسىق تىللار بىلەن

تىللاپ ، قوغلىۋەتكەندىن كىيىن ، كارۋات ئۈستىدە تۇرغان پالتىنى كۆرۈپ قالدى – دە ،

كۆز ئالدى پاللىدە يورۇپ كەتكەندەك بولدى . ئۇ ھەرھال پالتىنى قولىغا ئېلىپ ، غەزەپ

بىلەن توغراقنى كېسىشكە باشلىدى .


   - نىمە قىلۋاتىسىز ؟ ساراڭ

بولدىڭىزمۇ ؟


   - تولا كاپشىما ! ھېلىقى نىجىستىن

مۇشۇنداق قىلىپ قۇتۇلمىسام بولمايدۇ ...


   - كەسمەڭ ، شەرتلىك توغراق بۇ ،

بۇنىڭسىزمۇ بىزگە كىلۋاتقان كۆڭۈلسىزلىك ئازمۇ ؟


   - شەرتلىك بولسا بولمامدۇ ،

كېسىۋىتىش كېرەك ، شۇ چاغدىلا قاغا ھەمرالىرىنى باشلاپ كىلىپ قاقىلداپ بىزنى ئاۋارە

قىلمايدۇ .


   ئۇ توغراقنىڭ غولىغا ئەسەبىلەرچە

پالتا ئۇرۇشقا باشلىدى ...


- كەسمەڭ ، - ئايالى كىلىپ ئۇنىڭ قولىغا

ئېسىلىۋالدى – كەسمەڭ ، كۆڭلۈم بۆلەكچىلا ئېغىپ تۇرۋاتىدۇ ، كەسمەڭ ، ئۇ ئايالىنى

ئىتىرىۋېتىپ توغراقنى كىسىشنى داۋام ئەتتى . قاياقتىندۇر كەلگەن بىر ئىسسىق شامال

ئۇنىڭ يۈز  – كۆزلىرىنى سىپاپ ئۆتۈپ كەتتى . ئۇنى ئاستا – ئاستا بىر

تاتلىق ئۇيقۇ قىستاپ كىلۋاتاتتى . ئۇ كىسىلىپلا دەپ قالغان توغراق غولىغا يۆلىنىپ

ئولتۇرۇپ بىردىنلا ئۇيقۇغا كەتتى ...


   قابائەتلىك بىر چۈش دەۋرەپ كىلىپ

ئۇنى قوينىغا ئېلىشقا باشلىدى . ئۇزۇنغا سوزۇلغان قورقۇنۇچلۇق چۆل ... قاخشال بولۇپ

كەتكەن يۇلغۇنلار ... يىلان باغرى سوزۇلغان ئىككى تەرىپى دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان

، لاۋۇلداپ كۆيۋاتقان دەريا ... ئوت دولقۇنى ئېچىدە بىخارامان ئۈزۈپ يۈرگەن بىلىق ،

لەھەڭ ، يىلانلار ... كەستۇيۇم بۇرۇلكا كىيىپ ، گىلاستۇك تاقىۋالغان تۈلكىلەر ...

قوي تېرىسىگە ئورنىۋالغان بۆرىلەر ... بوۋاقلارنى پۈتۈنلا يۈتىۋىتىپ بارغان

يولۋاسلار ... كىپەنلىكنىڭ يېرىمىنى پوملاپ ئاغىزىغا تىقىۋالغان جەسەتلەر ...

تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ئانىسىنىڭ قورسىىدىنلا دەم تارتىپ يۈتىۋاتقان ئەجىھالار ... ئۇ

پۇت – قولى مەھكەم باغلانغان ھالدا قۇرۇپ قاخشال بولۇپ كەتكەن بىر تۈپ يوغون

يۇلغۇننىڭ ئاستىدا ياتاتتى . يۇلغۇن شاخلىرىغا نۇرغۇن ئۆلۈك يىلانلار

يامىشىۋالغانتى ... نۇرغۇن ھوقۇش ، نۇرغۇن كىلەلەر قونۋالغانتى ... ئۇنىڭدىن سەللا

نېرىدا چوڭ بىر داش قازاندا لىقلا سۇماي قايناۋاتاتتى . چىرايى بەتبەشىرە ،

قورقۇنۇچلۇق بىر نەچچە مەخلۇق چىقىرىشىپ يىغلىشىۋاتقان بوۋاقلارنى ئارقا – ئارقىدىن

پۇرۇقشۇپ قايناۋاتقان قازانغا تاشلىشىۋاتاتتى ، بىر – بىرىگە نىمىلەرنىدۇر دەپ

قاقاقلاپ كۈلشىۋاتاتتى . چىرايلىرى سۇلغۇن ، كۆزلىرىدىن مىسكىنلىك تۆكۈلۈپ

تۇرىدىغان ئاياللار كۆزلىرىدىكى ياشلارنى يوشۇرۋالالماي لەۋلىرىنى چىشلىگىنىچە

ئۇلارغا ئىش ھەققى بىرىپ قايتىپ كىتىۋاتاتتى ... ئۇ قۇرۇپ قاخشال بولۇپ كەتكەن

يۇلغۇننىڭ ئاستىدا سۇنايلىنىپ ياتاتتى . ئۆمۈرىدە كۆرۈپ ، ئاڭلاپمۇ باقمىغان

ئاجايىپ بەتبەشىرە ، ۋەھىمىلىك غەلتە مەخلۇق ئۇنىڭ كۆكرىكىنى يېرىپ ، يېرىقلاردىن

شىلدىرلاپ چىقىۋاتقان قاننى ئىچمەكتە ئىدى ... خۇدەبەردى كۆز ئالدىدىكى بۇ

ئېچىنىشلىق مەنزىرىنى كۆرۈپ چىقىرىغىنىچە ئويغۇنۇپ كەتتى ...


قاغا يېقىمسىز قاقىلداۋاتاتتى ، ئۇ

ئەسەبىلەشكىنىچە  تاش – چالما ئاتاتتى . قاغا سەللا ، ھاۋاغا كۆتۈرلەتتى

– دە ، يەنە توغراق شاخلىرىغا قونۇپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك قاقىلداۋىرەتتى . ئۇ ئىچ –

ئىچىدىن قاپساپ كىتىۋاتقان غەزىپىنى باسالماي ، توغراق غولىغا غەزەپ بىلەن پالتا

چېپىشقا باشلىدى . ، << قاراس – قۇرۇس >> قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ

چىررىدە چىقىرىغان بىر ئاۋاز پۈتۈن مەھلىنى بىر ئالدى – دە ، خۇدابەردىنىڭ –

يۈرۈكىنى جىغىلدىتىۋەتتى . تاپىنىدىن كىرگەن تىتىرەك مىڭىسىنى قوچىۋەتتى . يىقىلغان

توغراقنىڭ ئاستىدا ئايالى قانغا مىلىنىپ ياتاتتى . قاغا ھېچيەردە كۆرۈنمەيتى

>>


... ئۇ ئايالىنىڭ قىرىق نەزىرسىنى تۈگەتكەندىن

كىيىن توغراقنى ئۇششاق پارچىلاپ ئوتۇن قىلىپ ، غازاڭلىرىنى سۈپۈرۈپ بىر يەرگە

دۆۋلەپ ، ئۈستىگە كىرسىن چېچىپ ئوت قويۋەتتى . ئوت يېقىلىش بىلەن تەڭ بىر توپ

قاغىلار ئۇچۇپ كىلىپ ، ئۇنى ئايلىنىپ قاقىلداشقا باشلىدى ، ئۇ يەنە كۈتۈلمىگەن

پاجىئەلەردىن سارسىمگە چۈشتى ، ئوت ئۈچ كېچە – كۈندۈز لاۋۇلداپ كۆيدى ،قاغىلارمۇ

ئۈچ كېچە – كۈندۈز ئوت ئۈستىدە ئايلىنىپ توختىماي قاقىلداشتى ، خۇدەبەردىمۇ ئۈچ

كېچە – كۈندۈز قاغىلارغا توختىماي تاش – چالما ئاتتى ...


ئوت ئۆچتى – قاغىلارمۇ كەتتى . بىراق كۈل دۆۋىسى

كېچە – كۈندۈز قاغىلاردەك قاقىلدايدىغان بولىۋالدى ... ئۇ ھەيران قالدى ، كۈل

دۆۋىسى قاقىلدايتى ، ئۇ ياقىسىنى چىشلىگىنىچە كۈل دۆۋىسىگە قاراپ تۇراتتى . كۈل

دۆۋىسى قاغىلاردەك قاقىلدايتى ... ئۇ ئاخىرى كۈل دۆۋىسىنى تاغارلارغا قاچىلاپ يىراق

بىر جاڭگالغا ئاپپىرىپ تۆكۈۋەتتى . ئەمدى بولسا كۈل دۆۋىسىنىڭ ئورنى قاغىلاردەك

قاقىلداۋاتاتتى ، ئۇ بىر نەچچە كۈن جاپالىق ئىشلەپ ئۇ جاينىمۇ ئادەم

بويى  چوڭقۇرلۇقتا ئويۇپ توپىسىنى يىراق بىر ساسلىققا ئاپپىرىپ تۆكۈۋەتتى

...


قاپاق توغراقنىڭ كۈنىكىدىن نۇرغۇن توغراق

نوتىللىرى كۆكلەپ چىقتى ، ئۇ توغراق نوتىللىرىنى كىسىپ تەڭ كىلەلمەي ، توغراق

كۆتىكىنى كولاپ چىقىرۋاتتى . ئۇنىڭ تەلىيى يەنە ئوڭدىن كەلمىدى . ئۆي – ھويلىسى ،

ئۆي - ئەتىراپىنى يەنە نۇرغۇن توغراق نوتىللىرى قاپلاپ كەتتى ، ئۈنۈپ چىققان توغراق

نوتىللىرى تېز كۆپۈيىپ ، تېز يوغناشقا باشلىدى ... نۇرغۇن قاغىلار كىلىپ

توغراقلارغا ئۇۋا سالدى . نۇرغۇن بالىلارنى چىقىرىپ قاتارغا قوشۋەتتى ، ئۇ

قاغىلارنىڭ ئۇۋىسىنى بۇزۇپ بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ ، تۇخۇملىرىنى چېقىپ تۈگتەلمىدى ،

قاغىلار ئۇنىڭ بىلەن قېرشقاندەك ئەتتىگەندىن كەچكىچە ، كەچتىن ئەتىگىچە توختىماي

قاقىلدايتى . ئۇ ئۆگۈزسىگە چىقىۋېلىپ قاغىلارغا توختىماي تاش – چالما ئاتاتتى ،

قاغىلار توختىماي قاقىلدايتى . ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى ھەممىلا نەرسە قاغىلارغا جۈر

بولاتتى ، ئۇ توختىماي تاش – چالما ئاتاتتى ... ئەمدى توغراقلار قاغىلار بىلەن

بەسلەشكەندەك كېيىم – كېچەكلىرىنىڭمۇ قاغىدەك قاقىلداۋاتقىنىنى سىزىپ قالدى – دە ،

سېلىپ تاشلاپ ئاندىن تۇغما بولدى ...


ئۇنڭ ئۆگىزىگە تاش – چالمىلارنى دۆۋلىۋېلىپ

قاغىلارغا ئېتىۋاتقىنىغا ئۈچ كۈن بولغانتى ، ياق ئۈچ ئاي بولغاندۇ ، ياق ، ياق ئۈچ

يىل بولغاندۇ ، ياق ، ياق ئۈچ يۈز يىل بولغاندۇ ، ياق ، ياق ئۈچ مىڭ يىل بولغاندۇ

<< قاغىلار توختىاي قاقىلدايتى ، ئۇ قاغىلارغا قارتىپ توختىماي تاش – چالما

ئاتاتتى ...


... سەنلەر بىلەن ئېلىشقىنىم

ئېلىشقان  ، سەنلەرنى سۈرتوقاي قىلمىغىچە ، بۇ يەردىن قوغلىۋەتمىگىچە

ئارام تاپمايمەن . ئاڭلاشتىڭمۇ ھەي نۇمۇسسىزلار ، بۇلاڭچىلار ، مەلئۇنلار ، بىر

ئېتىز قونۇقىمنىڭ بېشىنى ئېلىپ قېچىپ تۈگۈتىشمىدىڭمۇ ئاچ – كۆز تويماسلار ، مەندە

يەنە ھەر قايسىڭنىڭ نىمىسى قالغان ، ئەگىپ كىتىشەلمەيسەنۇشۇملار ...


ئۇ مەجنۇنلارچە ۋاقىرايتى ، قاغىلارغا قارىتىپ

تاش – چالما ئاتاتتى ... قاغىلار توختىماي قاقىلدايتى ...


-     قاق ، قاق ، قاق ...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شورلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-28 11:24 AM  


♥LOVE✿KEY♥

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29588
يازما سانى: 547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4549
تۆھپە نۇمۇرى: 605
توردا: 546 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 12:06:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

گۈل قانچىكى چىرايلىق بولسا ، بولبۇلنىڭ ھەسرەت -پىغانىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 563
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 12:11:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەلگە سىلىپ قويۇپ كەچتە ئوقۇي بۇ ھېكايىنى

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 904
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5824
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 4688 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 12:17:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ۋەھىمىلىك، قاباھەتلىك، قورقۇنۇچلۇق ھېكايە ئىكەن، بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ كەتتى!ئاللاھ ساقلىسۇن!

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

كۈلكە شەيتاننىڭ راھىتى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2385
يازما سانى: 1142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10065
تۆھپە نۇمۇرى: 543
توردا: 8513 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 12:29:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوتقاننى ئىغىلىنىڭ  تۆپىسىتە سالغاننىڭ ئىشى ..................
يۈندىدە ياتقان باللارنىڭ يىغىزارى پەلەككە يەتتى ..............
قۇشلارنىڭ  ھايۋانلارنىڭ قولىدا ھىچىقانداق بالا قازا ئىلىپ كىلەلمەيدۇ .............

رىسىقى  قوشۇلغانلار  يىراقتا بولسىمۇ  ئۇچۇرىشىدۇ . رىسىقى قۇشۇلمىغانلار ھەر قانچە يىقىن بولسىمۇ مەڭگۈ ئۇچۇرشىمايدۇ . بۇنى بىلگۈچى  ئاللاھ

ئىگىلگەنگە ئىگىلىگىن، بېشىڭ يە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62407
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 232
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 12:51:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان ھېكايە ئىكەن، سىموۋۇللۇق تۈسى قويۇقكەن. بەك ياخشى يېزىپسىز. بارىكاللا!
ئۇلۇغ اللە ھەممىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي..........

كۈلمەك ئۈچۈن يارىتىلغان كۆزلەرگە ياش تولمىسۇن، سۆيمەك ئۈچۈن يارىتىلغان قەلبلەرگە دەرت كەلمىسۇن.

مەن سىلەر بىلەن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6530
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7974
تۆھپە نۇمۇرى: 992
توردا: 1920 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 01:11:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ ھىكايىنى ئوقۇپ تازا كۈلۈپتىمەن،لېكىن ئاخىردىكى مۇنۇ قۇرلارنى ئۇقۇپ  ھىكايىنىڭ ئەسلى ماھىيتىنى،مەنىسىنى چۈشەندىم

سەنلەر بىلەن ئېلىشقىنىم

ئېلىشقان  ، سەنلەرنى سۈرتوقاي قىلمىغىچە ، بۇ يەردىن قوغلىۋەتمىگىچە

ئارام تاپمايمەن . ئاڭلاشتىڭمۇ ھەي نۇمۇسسىزلار ، بۇلاڭچىلار ، مەلئۇنلار ، بىر

ئېتىز قونۇقىمنىڭ بېشىنى ئېلىپ قېچىپ تۈگۈتىشمىدىڭمۇ ئاچ – كۆز تويماسلار ، مەندە

يەنە ھەر قايسىڭنىڭ نىمىسى قالغان ، ئەگىپ كىتىشەلمەيسەنۇشۇملار ...


ئۇ مەجنۇنلارچە ۋاقىرايتى ، قاغىلارغا قارىتىپ

تاش – چالما ئاتاتتى ... قاغىلار توختىماي قاقىلدايتى ...


-     قاق ، قاق ، قاق ...


.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78230
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 283
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 02:15:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلاپ قۇيۇپ ئۇقۇيدىغان ھىكايىكەن بۇ . بەك ياخشى يىزىلىپتۇ .

نۇر چېچىشنى بىلمىگەن ئىنسان مەڭگۈ باشقىلارنىڭ سايىسى ئاستىدا ياشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78230
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 283
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 02:28:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۆز ئىبارىلەر ، ئىستېلىستىكىلىق ۋاستىلەر ئاجايىپ جايىدا قوللۇنۇلۇپتۇ . بەك ياخشى يىزىلغان ئەسەركەن ،

نۇر چېچىشنى بىلمىگەن ئىنسان مەڭگۈ باشقىلارنىڭ سايىسى ئاستىدا ياشايدۇ.

گۈزەل قەلب، گۈزەل ھاياتلىق

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41612
يازما سانى: 428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 751
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 176 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 08:29:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوخشىتىش ۋە چۇڭقۇر سىمۋولغا ئىگە ھېكايە ئىكەن ~~~~~رەھمەت

ھەربىر قەلب گۈزەل بولغاندىلا پۈتكۈل ھاياتلىق گۈزەللىككە تولىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش