بۈگۈن دادام ئۇزاپ قالغان كۈن
قەلەمىي
كالىندار ئىككى مىڭدىن ئاشقاندا تۆت يىل ،
چاپلاشقان ئىكەن بىر كېسەل دادامغا .
بىلمەپتۇق بىر زامان بايقىماي يۈرۈپ ،
دىمەپتۇ داداممۇ بىز ھەم ئانامغا .
ئوقۇيمەن دەپتىمەن ئالىي مەكتەپتە ،
جان دادام دىمەپتۇ داۋالىناي دەپ .
قىينىسمۇ كۈنسىرى كېسەل ئازاۋې،
كۆرمەپتۇ بىزلەرگە جاكارلاشنى ئەپ .
سەۋەبى خاتىرجەم ياشسا دەپتۇ.
مەندەك دەرت ئازابقا تولمىسا دەپتۇ .
ئاسانراق نان تېپىپ ھالاۋەت كۆرۈپ ،
ياماننىڭ دۇمبىقى بولمىسا دەپتۇ .
شۇنداق دەپ كۈن-كۈننى قوغلاپلا كېتىپ ،
دادامنىڭ ئاغرىقىمۇ داۋاملا ئېتىپ .
ئىككى مىڭ گە ئالتە يىل قوشۇلغان باھار ،
خوش دىدى ئۆمىرىنى تاماملا ئېتىپ .
شۇ كۈنى ئاپىرىلنىڭ ئاخىرى ئىدى .
ماي كۈلۈپ باقارغا ئىككى كۈن قالغان .
ئاھلىغان بىر كېچە كۈندۈز توختىماي ،
چوڭ-كىچىك ھەممىمىز مۇسىبەتتە قالغان .
جان دادام بىر ئۆمۈر شەھەر كۆرمىگەن .
نە شەھەر زەررىچە راھەت كۆرمىگەن .
كۆيۈمچان ،سۆيۈملۈك ساخاۋەتلىكتى ،
ئۆمىرىدە ھېچكىمگە قاپاق تۈرمىگەن .
بىر ئۆمۈر بالا دەپ ياشىغان كۈلگەن ،
تۇرمۇشنىڭ دېڭىزىدا غارقىراپ ئۈزگەن .
جاپالار بىر مېنىڭ راھەت سىلەرنىڭ ،
دەپ كەلگەن مىڭ تىرىلىپ مىڭ قېتىم ئۆلگەن .
دەل بۈگۈن جان دادام ۋاپات بولغىلى ،
ساپمۇ ساق يەتتە يىل بولغان دەقىقە ،
قەبرەڭدىن گۈل ئۈنسۇن جەننەتتىن ئورۇن ،
ئالغىنسەن يار بولسۇن مىڭلاپ پەرىشتە .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kalamiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-28 11:36 AM