كورېيە ئاخبارات ۋاستىلىرى جۇڭگو «ئادەم گۆشى كاپسۇلى» ياساپ ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ گۇمانلاندى
خەلق گېزىتى تورى 8 ئاۋغۇست خەۋىرى: 8 ئاۋغۇست نەشردىن چىققان «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كورىيە پۇقرالىرى جۇڭگونىڭ يېمەكلىك ۋە دورىلىرىدىن قاتتىق ئەنسىرەشكە باشلىغان، كورىيەدىكى ئۈچ چوڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىرى بولغان SBS تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى 6- ئاۋغۇست كەچ كورىيەدە جۇڭگونىڭ «ئادەم گۈشى كاپسۇلى» بايقالدى دىگەن تېمىدىكى پروگراممىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، خەلىقنىڭ كۆڭلىدە قورقۇنۇش پەيدا بولۇشقا باشلىغان.
بۇ پروگراممىدا SBS تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى جۇڭگونىڭ قىسمەن دوختۇرخانىلىرىدا ئۆلگەن بوۋاقلارنى سېتىش ھەمدە ئادەم «گۆشى كاپسۇلى» ياساش ئەھۋالىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتقان. پروگراممىدا يەنە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، قىسمەن «ئادەم گۆشى كاپسۇلى» نى كورىيەلىكلەر ئاللىقاچان ئىستىمال قىلدى دېيىلگەن. مەزكۇر خەۋەرلەر گۇرۇپپىسى بىۋاستە جۇڭگوغا كېلىپ، ئەسلى ماتېرىيال ساتىدىغان دوختۇرخانىنى ئىزدەپ تاپقان ھەمدە «ئادەم گۆشى كاپسۇلى» ياساش جەريانىنى كامىراغا ئېلىۋالغان، «ئادەم گۆشى كاپسۇلى» ياساش جەريانى ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق بولغانلىقتىن كۆپ قىسىم كۆرۈنۈشلەر موزايكا بولۇپ قالغان، بىراق قىسمەن كۆرۈنۈشلەر ئىچىدىن چاچ ۋە تىرناق پارچىسى بايقالغان.
مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل قۇۋۋەت قىلىش ئۈنۈمىگە ئىگە بولغان «ئادەم گۆشى كاپسۇلى» نىڭ كۆپ قىسىمى جۇڭگودىكى چاۋشىيەن مىللىتى ئارقىلىق كورىيەگە كىرگەن، ھەمدە سېتىلىش باھاسى جۇڭگو بازىرىدىكىدىن ئون ھەسسە يۇقىرى بولغان. خەۋەرنىڭ چىنلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن پروگرامما ئىشلەش جەريانىدا دۆلەتلىك تامۇژنا بېجى نازارىتى ۋە ئىلىم-پەن تەكشۈرۈش ئاكادېمىيەسىنى خېمىيەلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ھاۋالە قىلغان. نەتىجىدە تەكشۈرۈپ چىققاندىكى DNA ۋە گىننىڭ %99.7 ى ئادەملەر بىلەن ئوخشاش چىققان.
پروگراممىنى كۆرگەندىن كېيىن كىشىلەر ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ غۇلغۇلا پەيدا بولۇپ، بۇ قىلمىشنى ئادەم قېلىپىدىن چىققان ھەرىكەت دەپ باھا بىرىشكەن.
ماقالە مەنبەسى:
http://www.eldawa.com | ماقالە ئادرېسى:
http://news.eldawa.com/quick/2011/0808/143.html