سارغايغان ياپراق
قولۇمنى چىڭ تۇتۇپ شۇ گۈزەل كۈزدە،
سەن ماڭا دىگەنتىڭ سۆيىمەن سىنى .
ۋەلىكىن ۋەدەڭگە ۋاپا قىلمىدىڭ
ھىجراننىڭ چۆلىگە تاشلىدىڭ مىنى.
كۈزنىڭ شۇ دەھشەتلىك بولارلىرىدا،
سارغايدى ياپراقلار بىرەلمەي بەرداش.
ئۆزگەردىڭ نەسەۋەب ھىچ بىلەلمىدىم
بورانغا يۇلۇققان ياپراققا ئوخشاش.
تۇرىمەن ئۇچراشقان تېرەكزارلىقتا،
ياپراقلار چۈشمەكتە-چۈشمەكتەئاستا.
غەمكىنىك ئىچىدە سۈرىمەن خىيال
ئوخشىدىڭ نە سەۋەب سارغۇچ ياپراققا.
سۇلماقتا ياپراقلار كۈچلۈك بوراندا،
ۋاقىتسىز توزۇتۇپ قاپاق تېرەكنى.
قەيسەرلىك ئۇدۇمى نەلەردە قالدى
كىملەرگە ئېيتارمەن سۆيگۈ -تىلەكنى؟!
نەپرەت
مۇھاببەتتە كۆڭلى يۇمشاق پاختىدىم،
مانا ئەمدى قاتتىم قارا تاش بولدۇم .
ئازاپلىرىڭ كۆيدۈرگەندە دىلىمنى
ھىجران ئىچرە كۆزدىن ئاققان ياش بولدۇم.
ئىشىنىپتىم يۈرۈگۈڭنى پاك دىسەڭ،
مۇھاببەتنى بېرىۋەتكەن قوش قوللاپ.
ئويلىماپتىن ئەقىدەمنى خارلار دەپ
مانا ئەمدى يالغۇز قالدىم ئوي ئويلاپ.
ئاشۇ كۈنى بىلگنىمدە سىرىڭنى ،
گويا چاقماق چۈشتى غېرىب بىشىمغا.
نەپرەت ئالدى يۈرەكتىكى ئورنۇڭنى
سۆيگۈ ئزدەپ كەلمە ئەمدى يىنىمغا.
كۆندى يۈرەك
چىراي ئېچىپ قويمىدىڭ بۆگۈن ،
ئازار بىرىپ قويدۇممۇ ساڭا.
ياكى ئېغىر كەتتىمۇ چاقچاق
ئەيبىم نىمە ئېيىتقىنا ماڭا.
ئازار يىسەڭ ياكى بىراۋدىن ،
قىيداپ ماڭا قىلدىڭمۇ شۇنداق.
گىپىڭ بارمۇ ياكى دەيدىغان
بايان ئەيلە قىينالما ئۇنداق.
كېچە كۆزۈم ئۇيقۇدىن يىراق،
ئىچىم خۇددى چىۋىن يىگەندەك.
نېمە ئۈچۈن ھىچ بىلەلمىدىم
يۈرەك گويا ساڭا كۆنگەندەك.
مەنبە : ئۆز قەلىمىم مۇھەممەدرېھىم ئوت