مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 708|ئىنكاس: 16

يوقنىڭ گېپى بولدى،ئېپى بولمىدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57840
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 446
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 331 سائەت
تىزىم: 2011-9-24
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 09:39:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                  يوقنىڭ گېپى بولدى،ئېپى بولمىدى

                                                   خانقىز (سەئىدىيە)
         يوقنىڭ گېپى بولدى،ئېپى بولمىدى! ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭ بىر ماقالىسىدە ئۇچراتقان بۇ بىر جۈملە سۆز ،شۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن تا ھازىرغا قەدەر ئارىدىن تۆت بەش يىل ئۆتۈپ كەتكەن ، قەلىپ  خاتىرەمدە ماقالە نامى قاتارلىق باشقا نەرسىلەر پاك پاكىز ئۇنتۇلغان بولسىمۇ ، خۇددى  يىگانە ئارالدىكى نۇرلۇق چىراقتەك،ھەمىشە  تەپەككۇر كېمەمگە غۇۋا بىر يۆلنىشنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
      شۇ ماقالىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن، شئرغا بولغان ئوتتەك ھەۋىسىم تۈپەيلى، ھازىرقى بىر قىسىم ھەۋەسكار،يازغۇچى قەلەمكەشلىرىمىزگە ئوخشاش،   مىللىتىمىز، جەمىيتىمىز ، جۈملىدىن بىرقىسىم كشىلىرىمىزدە ساقلىنىۋاتقان ئىللەتلەرنى تېپىپ چىقىپ شۇلارنى قامچىلاش، سۆكۈش ئاساسىداتوختىماي ئىزدىنەتتىم، شئر يازاتتىم . ئەمما شۇ بىر جۈملە سۆز مېنى ئۆزگەرىتتى .  بۇ جۈملىنى ئوقۇدۇم. ئوقۇغاندىمۇ قايتا قايتىلاپ ،يىنىش يىنشلاپ ئوقۇدۇم.شۇنىڭدىن كىيىن بىرەر يىلغىچە شېئر يىزىشنى ئاساسەن دىگۈدەك توختاتتىم.چۈنكى ئۆزۈمنى تېخى كاللىسى ئېچىلمىغان ، پەقەت 80-يىللاردىكى شائىرلىرىمىزنىڭ  كۆز قاراش ئىددىيەلىرىنى قوبۇل قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ئۇسلۇبىغا ئەگىشىپ،دورامچىلىق بىلەن يىزىۋاتقان ، يېڭى دۇنياغا تېخى يۈزلەنمىگەن بىر ھەۋەسكار دەپ ھىس قىلدىم.كىيىنكى كۈنلەردە ئۇسلۇبىمنى ئۆزگەرتىپ خاتىمە قىسمىغا كېسەلنىڭ رېتسىپىنى قوشۇپ يازىدىغان ياكى يىتەرسىزلىكلەرنى بۇرۇنقىدەك زارلاش ئەمەس ھەجىۋى ،كۈلكە ئاساسىدا سۆكىدىغان بولدۇم.
            "  ئىللەت تۈزەلمىگىچە ،مىللەت تۈزەلمەس"بۇ كۆزقاراشنى خېلى ۋاقىتلاردىن بىرى قوللاپ ،مەدھىيلەپ كېلىۋاتقان بولساقمۇ، ئىللىتى يوق بىرەر مىللەتنى تېخى ئۇچراتقىنىمىز يوق.سۆكۈشلەر مودىغا ئايلانغاندا، ئىللەتلەر تۈزەلمەكتە يوق، ھەشەمەتچىلىك،غەيرى  مودا ئېقىم،  قارىغۇلارچە دوراش، غەيۋەت، ھاكاۋۇرلۇق،مەنمەنچىلىك، قاتارلىقلار قانچە سۆكۈلسىمۇ، تېخىمۇ ئەدەپ، تىلنى ئۇنتۇش، ئۆز مىللىتىدىن ،دىنىدىن ئۇيىلىش،ھەتتاكى يىرگىنىشتەك يېڭى تۈرلىرى بىلەن ئەسكى يوتقاننىڭ مېزىدەك بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى سۇغۇرلۇپ چىقماقتا.
     بۇ خىل ھالەت بىزگە زادى قانداق نەتىجە ئىلىپ كەلدى؟
   ئەڭ ئاددى قىلىپ ئېيىتقاندا ،بىزگە بۆلىنىش ئىلىپ كەلدى. بۇنداق دىسەم بەزىلەر بەلكىم ،بىز نەدە بۆلۈندۇق دىيىشى مومكىن. ئەمما ،ئىنىچكىلىك بىلەن كۆزىتىدىغان بولساق ، تۈرلۈك پاراڭ ،سۆكۈشلەر، ھەرخىل مۇھىت ۋە تەربىيەلەر ئاستىدا،ئەسلىدىمۇ تازا مۇكەممەل بولمىغان كىشىلىك دۇنيا قارىشىمىز زور دەرىجىدە شىددەت بىلەن بۆلىنىشكە قاراپ يۈزلەندى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا بۇ خىل ئەھۋال تولىمۇ ئىنىق ئىپادىلەنگەن.بۇنىڭ تىپىك مىساللىرى سۈپىتىدە تۆۋەندىكى بىر قانچە تىپتىكلەرنى مىسال ئىلىپ ئۆتمەكچىمەن.  
    1.سەنئەتنى ،بولۇپمۇ ناخشا ئۇسۇلنى ئۆچ كۆرىدىغانلار:بۇ خىل قاراش بەلكى بىتەرەپلىمە، سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى سەنئەتخۇمار ياشلىرىمىز بۇ تىپتىكلەرنى ئىددىيسىدە مەسىلە بار دەپ ئويلىشى مومكىن.،ئەمما بۇمۇ بىر خىل مىللەت سۆيەرلىكنىڭ ئىپادىسى. چۈنكى ،مەن ئۆزۈم شۇلارغا يېقىنلاپ قالغان ،ھەتتا شۇ چەمبەرنىڭ گىرۋىكىدىن قايىتقانلىقىم ئۈچۈن بۇخىل ھىسياتنى ئاساسەن دىگۈدەك چۈشىنىمەن. بولۇپمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بىلىم ئىلىۋاتقان  بەزى ياشلار نىڭ  كاللىسىدا مۇنداق سۇئاللار پەيدا بولىدۇ: باشقىلار نىمە سەۋەپتىن بىزنى ناخشا ئۇسۇلچى مىللەت،چوڭ  كىچىك ھەممىسى ئۇسۇلچى دەپ بىلىدۇ؟ نىمىشقا كاۋاپچى بىلەن سەنئەتچىلىرىمىز دىن باشقىنى تونىمايدۇ ؟ بىزدە نىمىشقا يېڭى يۈسۈف خاس ھاجىپ ،مەخمۇت قەشقەرىيلەر چىقمايدۇ؟بىز ھەممىمىز سەنئەتكە بىرىلىپ ،باشقا بىلىشكە تېگىشلىك بىلىملەرنى تاشلىۋەتتۇقمۇ؟ ....دىگەندەك. تېخى بىر ئىككى يىل ئاۋال ،ھەقىقەتنى بىلمەستە، مەنمۇ سەنئەتخۇمار بىر قىز،مەكتىۋىمىزدىكى  بەلگىلىك كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇسۇلچى ئىدىم، ھەتتاكى دۆلەت دەرىجىلىك مۇسابىقىدە  1.دەرىجىگە ئىرىشتىم.ئەلبەتتە بۇ جەرياندا كۆپ ۋاقتىمنى سەرىپ قىلدىم. ئەمما ،ئەڭ ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچۇم ماڭا تولىمۇ مەسخىرىلىك ھالدا، مەن ئوقوغۇچۇمنىڭ پۇت قولى تەرەققىي قىلغان ،كاللىسى ئاددى ئادەم  بولۇپ قېلىشىنى خالىمايمەن ،ئەگەر سەن ۋاقتىڭنى بۇنداق ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان بولساڭ، ساڭا شىنجاڭ ئەڭ ياخشى دىدى. بۇ گەپ خۇددى ھەرىدەك يۈرىكىمنى چاقتى. شۇنچە كۆپ ۋاقتىمنى مۇشۇ ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ئالدىدا مىللىتىمىزنىڭ مەدىنىيتىنڭ بىر قىسمى بولغان سەنئەتنى تونۇتىمەن، ئەڭ ياخشى تەسىر قالدۇرىمەن دەپ قىلغان تىرىشچانلىقىم ۋە بۇ ھالىتىم ،مېنڭ، سەنئەت، خەلقىمىزنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسى توغىرسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىشىمغا تۈرىتكە بولدى.........سەنئەت ، بىز ئەلبەتتە ناخشا ئۇسۇلچى مىللەت ئەمەس، ھەم ھەقىقى مەنىدىكى سەنئەتتىن ئايرىلىپ ياشىغۇچى ھەم ئەمەس!
2."مىللەتچىلىك" ئىددىيسى كۈچلۈكلەر،
ئەلبەتتە شۈبىھسىز، بۇلارمۇ مىللەت سۆيگۈچىلەر.بەزى ياشلىرىمىز، ئەرەپلەرنى  تولىمۇ ئۆچ كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ بىزگە بولغان تەسىرىنى ياقتۇرمايدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ شۇنچە ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ،جاپا مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ ، دۇنياغا ھەقىقەتنى يەتكۈزگەنلىكىدەك كاتتا تۆھپىسىنى بىر ياققا تاشلاپ قويىدۇ. بەزىلەر ئىستانبولنى ئۇنداق ئۆزگەردى ،مۇنداق ئۆزگەردى دىسە، يەنە بەزىلەر قىرغىز، قازاق قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەرنى چەتكە قاقىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلار زادى نىمىگە ئېرىشمەكچى؟مەيلى باشقا مىللەتلەرنى مەسخىرە قىلسۇن، مەيلى ئۆزىمىزنى سۆكسۇن، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭلا خاتالىقىنى بىر پۈتۈن مىللەتكە يۈكلەش، ھىچبىر ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئويلانماسىتىن، باشقىلارنى تەنقىدلەش بەدىلىگە ، ئۆزگە مىللەتلەرنى سۆكۈش بەدىلىگە ئۆزىنىڭ مىللەت سۆيەرلىكىنى ئىپادىلىمەكچى بولۇش ھەقىقەتەن تولىمۇ نادانلىق.چۈنكى بۇنداق قىلىش، ۋاقىتنى زېھىننى خوراتقاننى ئاز دەپ، باشقىلارنى يىراقلاشتۇرۇپ ،ئۆز يولىغا توساق سالىدۇ، كىشىلەرنى چۈشكۈنلۈككە باشلايدۇ.
  مەسىلەن ، بىزدە مىنكاۋخەن ئۇقۇمىنى يامان كۆرىدىغان ئادەت شەكىللەندى.بۇ ئەلبەتتە بىر قىسىم مىنكاۋخەن ئاتالغانلارنىڭ ئۇيغۇرچىنى تاشلىۋىتىشى، ئاتا ئانىلىرىنىڭ،جەمىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلمەسلىكى قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى،  بالىلارنىڭ باشقا مىللەت بالىلىرى بىلەن زىيادە ئارلىشىپ،غەيرى مودا ئېقىم( فىيجۇلىيۇ) بىلەن يۇقۇملىنىشى،نەتىجىدە ئۇيغۇر  مەدەنىيتىنى ھەرھالدا  ساقلاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئۇلارنى كۆزگە ئىلماسلىقىدىن كېلىپ چىققان.ئەمما بۇ يەردىكى مەسىلە، سىز ئۇلارنى ئۆزىڭىز بىلەن دۈشمەنلەشتۈرمەكچىمۇ؟
مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم شۇكى،نورمال ئەھۋالدا، بىر ئادەم ھەرگىزمۇ ئۆزىنى يەكلەيدىغان، تىللايدىغان كىشىلەر توپىغا يېقىنلىشىپ،ئۇلار بىلەن دوسىت بولمايدۇ.بىزدە« مىنكاۋخەن قىز»دەك ئەسەرلەر خېلى كۆپ يىزىلدى،ئەمما مەدەنىيتىمىزنىڭ ئېسىل، تولىمۇ پارلاقلىقىنى يورىتىپ بىرەلەيدىغان قەلەملەر،ئۆز ھەركىتى بىلەن مەدەنىيتىمىز، جۈملىدىن مىللىتىمىز كىشىلىرىنىڭ ئېسىل خىسلەتلىرىنى ھېس قىلدۇرالايدىغان ھۆرمەت ئىگىلىرى  قانچىلىك؟32 ھەرىپنىڭ 26 ھەرىپتىن كىيىنكى تۇرمۇش ،ئۆگىنىش جەريانىدا تېخمۇ ئەۋزەللىكىنى كەڭ جەمىيەتكە تونۇتۇپ بىرەلەيدىغان ،ئاتا ئانىلارنى، جەمىيەتنى ئويغىتالايدىغان ئەسەرلەرچۇ؟خەلىقنىڭ غېمىنى يەيدىغان خەلىق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئىچىدە دىققىتنى بۇ  مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈشنى ئويلاپ باققانلار بارمۇ؟

3. ئېتقات كۆز قارىشىنىڭ بىتەرەپلىمىلىكى؛
  ئېتقات ، بۇ بىر تولىمۇ كەڭ دائىرلىك ئۇقۇم، بەزىلەر بەلكى ئېتقات -ئەقىدىنى ئىسلامغا باغلاپلا چۈشىنىشى مومكىن. ئەمما دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەربىر ئادەم، ئۆزىگە خاس ئېتقات بىلەن ياشاۋاتىدۇ. مۇسۇلمانلار ئىسلامغا ئېتقات قىلىدۇ، بۇددىسىتلار بۇددا دىنىغا ، يەھۇدىيلار يەھۇدىي دىنىغا ، جوڭگو ماركىسىزىمغا، ئامىرىكا ماتىريالىزىمغا دىگەندەك. شۇنداق بىر سۇئال سوراپ كۆرسەم، سىز نىمىگە ئېتقات قىلىۋاتىسز؟
بىزنىڭ كىشىلىرىمىز، خېلى يىللاردىن بىرى مۇسۇلمان ئاتىلىپ كەلگەچكە، «مۇسۇلمان، ئىسلام »نىڭ بىزنىڭ ئارىمىزدا  دىگىدەك قەدرى بولمىدى.بەزىلەر  ھەقىقىي مۇسۇلمانلىقنىڭ قانداق بولىدىغىننى بىلمەي تۇرۇپ، مۇسۇلمانلىقتا چىڭ تۇرۇش مەقسىتىدە دۇنيانىڭ ھاۋايى ھەۋەسلىرىدىن كەچكەنلەرنى خۇراپىي ، مۇتەسسىپكە چىقىرىشتى. يەنە بەزى كىشىلىرىمىز، بىدئەتلەرنى بىزگە تەشۋىق قىلىپ ،ئۆلۈكلەردىن ياردەم تىلەش، تۇمار ئېسىش،پىرە ئوينىتىش قاتارلىق ئەسلى ئىسلامدا كەچۈرۈلگۈسىز گۇناھ بولغان شېرىك ئەقىدىلەرنى ئىسلام مەدەنىيتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە بىزگە سىڭدۈرۈپ، ئۆزنى ۋە بىزنى ھالاكەت يولىغا باشلىدى.ساختا مۆجىزاتلار بىزدەك ساددا خەلىقنى ئىشەندۈرۈپ ئەسلى مۆجىزە بولغان نەرسىلەرنى بايقاشتىن توسۇپ قويسا، ئۇنىڭ كەينىدىنلا ئارقا ئارقىدىن ئاشكارلىنىپ ، كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتكە ،ئىسلامغا بولغان ئەقىدىسىنى سۇسلىتىپ ئۈلگۈردى.ھەتتا بەزى مىللەت دىسە «جېنىنى بىرىدغان» قېرىنداشلىرىمىز، دىننڭ مىللەت مەدەنىيتىنى ساقلاۋاتقان ئالتۇن قۇلۇپ ئىكەنلىكىدىن خەۋەرسىز ھالدا ،بۇ قۇلۇپنىڭ تىزرەك چېقىلىپ تاشلىنىپ ئىددىيسىنىڭ«ئازات»بولىشىغا ئالدىرماقتا.
بىلىشىمىز كېرەككى ،ئىنسان ئەقىدە، ئېتقادتىن ئايرىلسا ئېنسانىي تۇيغۇسى ئاجىز بولىدۇ.ھەتتاكى بەزىلىرى ھايۋاندىن بەتتەر بولۇپ كېتىدۇ. بۇنى مۇسۇلمانلارلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيا خەلقى بىردەك ئېتراپ قىلىدۇ. بىر كىشىنىڭ ئېتقاتتىن يىرگىنىشى، ئۇ كىشىنىڭ مەدەنىيەتلىكىدىن ئەمەس، قىسمەن ھاللاردا ئۆزىنىڭ چەكسىز ئەركىن بولۇپ ،نەپسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇرۇشقا ئىنتلدىغانلىقىنى ،يەنە بەزى ھاللاردا ئۆزىنىڭ تېخىمۇ ياخشى يول تاپماقچى بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
..............................
يۇقىردا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، سەنئەتخۇمارلار بىلەن،سەنئەتنى زىيادە ئۆچ كۆرىدىغانلار؛مىللەتپەرەسلەر بىلەن مىللەتنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان،مىللىتىدىن نۇمۇس قىلىۋاتقانلار؛دىننى بۇرمۇلاۋاتقانلار بىلەن دىنىدىن تېنىۋاتقانلار قاتارلىق گورۇھلارنىڭ ھەممىسى،كۆپ قىسىم ئۇيغۇر ياش ،زىيالىي ،يازغۇچىلىرىنى قايمۇقتۇرۇۋاتىدۇ.
        بۇنداق بۆلىنىشنىڭ بىزگە پايدىسىدىن زىينى كۆپ ئەلبەتتە، چۈنكى بىز بەخىتلىك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقان، مىللەتنىڭ كەلگۈسى، ئەتىنىڭ ئۇل سالغۇچىلىرى بولغان بالىلار ۋە ياشلار قايمۇقىۋاتىدۇ. نىمىنىڭ توغرا ،نىمنىڭ خاتالىقىنى بىلەلمەي، تۈرلۈك سەۋەبى ۋە دورىسى بولمىغان تىللاش سۆكۈشلەر بىلەن يۇقۇملىنىپ ،ئۆزى خالىغان تەرەپلەرگە كېتىۋاتىدۇ.
  شۇنچە كۆپ ۋاقىتتىن بىرى ، بىز نىمىنى مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى توسقۇنلۇق دەپ قارىساق، ئەستايدىل تەھلىل قىلىپ، پىكىر يۈرگۈزۈپ ،ئىزدەنمەي تۇرۇپلا شۇنى ئۆچ كۆرۈپ كەلدۇقيۇ، ھىچقاچان بىكار تەلەپلىكنى، ھورۇنلۇقنى،ھەشەمەتچىلىكنى،ئابرويپەرەسلىكنى ھەقىقىي تۈردە ئۆچ كۆرۈپ باقمىدۇق.ئۆزىمىزنىڭ بىر ئىنسان ئىكەنلىكىمىزگە ، ئەقىدىدىن تىنىق ئايرىلالمايدىغىنىمىزغا تەن بەرمەي كەلدۇق.شۇنىڭ بىلەن ئەسلى ئۆچ كۆرۈلىشى تىگىشلىك بولغان ئادەت يوسۇن ۋە ئىللەتلەر ئۆچ كۆرۈلمەي ،ئەكىسىچە گۈزەل تىلىمىز،دۇنيانى تاڭ قالدۇرغىدەك مەدەنىيتىمىز، ھەتتاكى ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ پارلاق يولباشچىسى، چېچىلىپ خاراپلاشقان دۇنيا تارىخىنىڭ تولىمۇ كۆركەم يېڭى بەتلىرىنى ئاچقان، مۇكەممەل تۈزۈم _ئىسلام،بىزدە مەدەنىيەتسىزلىكنى ئىپادىلەيدىغان ، ئۆچ كۆرۈلىدىغان ئېچىنىشلىق كۈنگە قەدەم باستۇق.
ئۇنداقتا سۆكمەسلىك كېرەكمۇ؟
   جوڭگونىڭ داڭلىق يازغۇچىسى لۇشۈننىڭ مۇنداق بىر  سۆزى بار: جوڭگولۇقلار قاچان ئۆزىنى سۆكۈشكە جۈرئەت قىلغاندا ئاندىن تەرەققىي قىلىدۇ. مېنىڭچە بۇ سۆز تولىمۇ توغرا ئېيتىلغان. ئەگەر ھىچكىم مىللەت دەپ ئازاپ چەكمىسە، مىللەت، ئېتقات دەۋاسى بولمىسا، بىز بەلكىم  ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىمىز توغىرسىدا ئويلانماي ئۆتىشىمىز مومكىنتى. ئەمما بۇ يەردىكى ئويلاپ كۆرۈشكە تېگىشلىك مەسىلە ،بىز سۆكۈشنى بىلەمدۇق يوقمۇ؟بىز زادى كىمنى، نىمە سەۋەپتىن سۆكىۋاتىمىز؟ئۆزىمىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇنىڭدا  چوقۇم ئېنىق مەقسەت مۇددا بولىشى، ئۆزىمىزدە يىتەرلىك پىكىر ۋە ئويلىنىش بولىشى كېرەك. ئىنگىلىزلاردا مۇنداق بىرگەپ بار ئىكەن:(Two wrong never make one right)،ئىككى خاتالىقتىن بىر توغرا نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.ئۆزىمىزنىڭ خاتا كۆز قارىشى بىلەن خاتالىققا رەددىيە بىرىش، باتىلنى باتىل بىلەن تۈگەتمەكچى بولۇش ئېنىقكى تېخىمۇ زور خاتالىقنىڭ باشلانمىسىدۇر.
بىزدە ھەقىقەتەن نۇرغۇن نەرسىلەر كەمچىل:
1. توغرا ۋاقىت قارىشى. بۇ توغىرسىدا  ئەركىن سېدىق ئاكىنىڭ ۋاقىتنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش ناملىق تىمىسىنى تەۋسىيە قىلىمەن.ھەم بۇ يەردە جىق توختالمايمەن،
2. ئېتقات .بىز باشتا دىگەندەك ئېتقاتنى توغرا چۈشىنىشكە، بۇ يولدا تېخىمۇ كۆپ ئىزدىنىشكە مۇھتاج .ھەقىقەتەنمۇ ،ئۇيغۇر ئاتالسىلا مۇسۇلمان دىگىلى بولمايدۇ.ياكى مۇسۇلمان بولسىلا باشقىلارغا باھا بىرىش، پەتىۋا بىرىش ھوقوقى بولغان بولمايدۇ. بۇنداق نازۇك مەسىلىلەردە ئابروينى ئەمەس ھەقىقەتنى قوغلاشساق ، بىز ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ تولىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىمىقىمىز قىيىن ئەمەس.
3. ئېقتىسات كۆز قارىشى.
ياۋورپالىقلاردا،سەھەر تۇرساڭ ،باي بولىسەن. ۋاقىت بايلىقتۇر. دىگەندەك ماقال تەمسىللەر تولىمۇ كۆپ ،ئەمما بىزدە ۋاقىت بىلەن ئىقتىسادنى بىرگە باغلايدىغان ھېكمەتلەرگە كۆرە، ھارام ئارىلاشمىسا باي بولماس دىگەندەك بايلىقنى سەلبىي قىىپ كۆرسىتىدغان،  تەمسللەر كۆپرەك بولسا كېرەك. بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ بايلىقنى ئانچە چوڭ بىلمەيدىغان ئېسىل خىسلىتىنى ئىپادىلەيدۇ.  ئەمما ،بۈگۈنكى دەۋىردە ،ھالال يول بىلەن باي بولۇشمۇ مومكىن بولمايدىغان ئىش ئەمەس ئەلبەتتە. بەزى دىھقانلىرىمىز، بىر يىللىق ئەمگىكىنىڭ ھوزۇرىنى ، بىر قېتىم باغچا تاماششاسى قىلىشقا ئاتىۋەتكەن. بەزى ئاتا ئانىلارنىڭ ئۆمۈر بويى تاپقان تەرگىنى ھەشەمەتلىك بىر توي ئۈچۈن .ئاققان تەر ۋە كۆز ياشلار، قەرىز پۇللار ، خانىم قىزلىرىمىزنىڭ مودا قوغلىشىشىنىڭ دەسمايىسى،يىگتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان قورالى بولۇپ قالماقتا . بىز ئىقتىساتقا بۇ خىل ھوزۇرلىنىش ، ھەشەمەت ئابرويپەرەسلىك پوزىتسىيسىنى تۇتۇپ، نىمىلەرگە ئېرىشىپ ،نىمىلەرنى قۇربان قىلىۋاتىمىز؟بىزنىڭ ياردىمىمىزگە موھتاج كىشىلەر ۋە بىز مەبلەغ سېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار يوقمىدۇ؟
4.قانۇن ئۆگىنىشكە سەل قارايمىز.
        نۇرغۇن كىشىلەر، يەرلىك ئەمەلدارلار ئالدىدا قانۇن ئىشلىمەيدۇ دەيدۇ، ئەمما سىز ئىشلىمىگەن شۇ قانۇننى قانچىلىك بىلىسىز؟ جەمىيتىمىزدە، جۈملىدىن ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا قانۇننى ئۆز ئالدىغا شەخسىي يۈرگۈزىۋاتقان بىلەرمەن كادىرلىرىمىز، دوپپىسىنى ئەكەل دىسە كاللىسىنى قوشۇپ ئەكىلىدىغان نادان كىشىلىرىمىز ھەقىقەتەن مەۋجۇت . بۇنىڭلىق بىلەن، ئۇلارنىڭ ئەمىلى ئۆسكەندەك قىلغان بىلەن خەلىقنىڭ ھالى ناچارلىشىپ ، زىددىيەتلەر تېخىمۇ كەسكىنلەشمەكتە. بۇ ھۆكۈمەت ئۈچۈنمۇ ،خەلىق ئۈچۈنمۇ پايدىسىز. ئەگەر دەۋىر ئالدىدا مېڭىۋاتقان زىيالىي ياشلىرىمىز خەلىقنىڭ غېمىنى ھەقىقى  يىسە ، قانۇن ئۆگىنىش تولىمۇ زۆرۈر دەپ قارايمەن. ئەگەر بىزنىڭ خەلقىمىزدەك جەسۇر ،ھەقىقەتنى ياقىلايدىغان كىشلەر قانۇندىن پايدىلنىشنى، بىرلىشىشنى بىلسە، كوللىكتىپ قانۇن بىلىدىغان كىشىلەرگە ، قانۇنغا ئۇيغۇن بولمىغان ئىشلارنى قىلغۇزۇش، ھازىرقىدەك ئاسانغا توختىمىغان بولاتتى.
5.ئىزدىنىش ،ئۆگىنىش روھى .
يېقىندا خېيلوڭجىياڭ سۆزىنىڭ ئالتاي تىل  سېستىمىسىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ، بۇنى تەكشۈرۈپ بېكىتىكىنى خەنزۇ تىل تەتقىقاتچى بولۇپ، ئۇ قارا ماي ،قارا سۇ ،قارا قۇرۇم .........دىگەندەك جاي ئىسىملىرىدىن،  قازاق قىرغىز ئۇيغۇر قاتارلىق ئالتاي تىل سېستىمىسىغا تەۋە مىللەتلەرنىڭ黑 قارا سۆزىنى جاي ئىسىمى  قىلىپ قوللىنىشتەك  ئالاھىدىلىكىدىن قول سېلىپ، تارىخى ماتىرياللار ئارقىلىق كۆز قارىشىنى ئىسپاتلاپ ،تىل ساھەسىدە غۇلغۇلا قوزغىدى. شۇنىڭغا قاراپ ئويلىنىپ قالدىم ، بىز تۆھپە شان شەرەپنى كۆپىنچە پەقەت كۆز ئالدىمىزدىن ، سەھنە ، مۇسابىقە مەيدانلىردىنلا ئىزدەيدىكەنمىز.قىسقىغنا ۋاقىت ئىچىدىلا غەلبە قازىنىشنى ئۈمىد قىلىپ ،ئابرويپەرەسلىك تۈپەيلى ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى كەتكۈزۈپ قويىدىكەنمىز. ئۆزىمىزنى توختىتىۋىلىپ، ھەقىقىي تۈردە قابىلىيتىمىزنى چېنىقتۇرۇشنى ،ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى بولسا باشقىلارنى تەربىيلەشتەك ئەلا بىلمەيدىكەنمىز. ئەمما ھەقىقىي شەرەپ ۋە ئۆچمەس نەتىجىلەر بولسا ئەنە شۇ كىشىلەر كۆزگە ئېلمىغان ،قىيىنلىقىدىن قورىققان،ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىغان  ئىشلارنى ئۈن تىنسىز ھالدا تەكشۈرۈش،ئۆگىنىش ،جاپالارنى يېڭىشتىن كېلىدۇ.بىز شۇ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلدۇقمۇ؟ ئېنىقكى،  ئۆزىمىزدە بىر چېلەك سۇ بولمىسا باشقىلارغا بىر ئىستاكان سۇ بىرەلمەيمىز.
   ئۇنداقتا بىزدە نىمە ئالاھىدىلىكلەر بار؟
1.بىزدە ئەدەپ ئەخلاق ۋە ئۆزگىچە ئائىلە تەربىيەسى بار.بەلكىم ئامىرىكا كىشىلىرىنىڭ بالىلىرىغا بولغان سەمىمىي مۇئامىلىسى  ياكى يەھۇدىيلارنىڭ قاتتىق باشقۇرۇش ،ئۆزگىچە تەربىيلەش ئۇسۇلى بىزنى ئۆزىگە تارتىشى مومكىن، ئەمما بىزنىڭ مەدەنىيتىمىز ،تارىخمىز ،ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ ئىزلىرىغا قارايدىغان بولساق، بىزنىڭ ئۆگىنىشمىزگە ئەرزيدىغان، ھەتتا شۇ مىللەتلەرنى بېسىپ چۈشكىدەك نۇرغۇن ئېسىل تەرەپلىرى بارلىقىنى بايقايمىز.پەقەت بىزدە شۇ ئۇسۇللارنى تەتقىق قىلىدىغان،ئەمەلىي ئىشلىتىدىغانلار ئاز.
  2. پەخىرلەنگۈدەك ئانا تىلىمىز بار.
بۇ بىر سەل قارايدىغان ئىش ئەمەس. ئەگەر بىر مىللەتنىڭ تىلى بولمىسا ئۇنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيتى ئۆز تىلىدا يىزىلمىسا ، بۇ مىللەت مۇستەقىل مىللەت بولۇپ شەكىللىنەلمەيدۇ. جوڭگو پۇلىدىكى خەنزۇچە،پىنيىنچە ،موڭغۇلچە ،زاڭزۇچە، جۇاڭزۇچە، ئۇيغۇرچە يىزىقنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇرلارنىڭ جوڭگودا تۇتقان ئورنىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ،تىلىمىز كۆپ خىل ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ ،ئۇيغۇرتىلى بىلگەنلەر ئۈچۈن ئەرەپچە،تۈرىكچە ،ئۆزبېكچە،قازاقچە،قىرغىزچە ، ھەتتاكى ئېنگىلىزچە ،روسچە ،ياپونچە تىللارنى ئۆگىنىش تېخىمۇ قولاي،ۋە ئاسانغا توختايدۇ.بىزنىڭ يەنە باشقىلاردا يوق ياكى تولىمۇ ئاز بولغان قوشاق،دەررە،مۇشائىرە قاتارلىق سەرخىل ئېغىز ئەدەبىياتى مەدەنىيتىمىز بار.
3.تائام، كىيىم كېچەك ،تۇرالغۇ قۇرلۇش  مەدەنىيتىمىىز.
       ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق تىزىملىكىنى ۋە خۇرۇچلىرىنى ئالدىمىزغا ئەكىلىپ ، مىدىتسىنا ۋە باشقا جەھەتلەردىن ئەتراپلىق ئويلاپ كۆرىدىغان بولساق، ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەقلىي قابىلىيتى ۋە قول ھۈنىرىگە قايىل بولماي تۇرالمايمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ سىرىتلاردا ئۇيغۇرچە تائاملارغا تەلپۈنىشى پەقەتلا كۆنۈپ قالغانلىقىدىن ،ياكى سېغىنىشىدىىنلا ئەمەس.   ئۇيغۇر تائام مەدەنىيتى ھەقىقەتەنمۇ دۇنيا تائام مەدەنىيتىنىڭ جۇلالىق يۇلتۇزلىرىدىن بىرىدۇر.
    كىيىم كېچەك توغىرسىدا توختالغاندا ، بىزنىڭ كۆپ قىسىم قىزلىرىمىزنىڭ كۆزى غەرىپنىڭ ،كورىيەنىڭ كىيىملىرىگە تىكىلگەن، ئەمما ماڭا تەسىر قىلغىنى شۇ بولدىكى، ئىچكىردىكى كىيىم كېچەك دۇكانلىرىنى ئايلانغاندا، بىزنىڭ ئانىلىرىمىز 90-يىللار ئارتقان ياغلىقلارنىڭ، 2000-يىللاردا ئۆيىمىزدە تامغا تۇتىدىغاان ھەتتا شۇنىڭغىمۇ ياراتمايدىغان گۈللۈك رەخىت نۇسخىلىرىدىن تىكىلگەن كىيىم كېچەكلەرنىڭ، كىچىك بالىلارغىلا كىيگۈزۈپ قويىدىغان ياقىلىق ،ئاق تور تۇتقان كۆينەكلەرنىڭ مودا كىيىم قاتارىدا قىممەت باھادا كۆپلەپ سېتىلىشى مېنى ھەم ھەيران قىلسا ھەم ئەپسۇسلاندۇردى.بىزنىڭ كىيم كېچەكلىرىمىزنىڭ ئۆزگىچە خاسلىقىنى ماڭا يەنە بىر قېتىم تونۇتتى .

       بىناكرلىق توغىرسىدا توختالسام، بىز چەتئەل پاسوندىكى بىنا ئۆيلەرنى قوغلاشتۇقيۇ بىزنىڭ گۈزەل باغلىرىمىز، چۈنجە شەكلى ۋە خان ئوردىسىغا ئوخشاش كەڭ كۇشادە ،ھەيۋەتلىك سېلىنغان ئۆي پىشايۋانلىرىمىز باشقىلارنىڭ ئارزۇسى ھەتتاكى چۈشى ئىدى.
  شۇنداق ئۇيغۇر كىيىم كېچەك ، بىناكارلىق مەدەنىيتى تولىمۇ قىممەتلىك ،بىباھا گۆھەرلەردۇر.بۇلاردىن باشقا يەنە  باغۋەنچىلىك، كەشتىچىلىك ، پىچاقچىلىق، قاتارلىق نۇرغۇن قول ھۈنەرلىرىمىزمۇ قولى گۈل ئۇيغۇرۇمغا  ئىقتىسات ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ھەمدەمدە بولىدىغان ئالاھىدىلىكلەردۇر.
4.ئىمان ۋە غورۇر ۋىجدان.
  مەن بىر ئۇيغۇر بولغىنىمدىن،تولىمۇ پەخىرلىنىدىغان ئەڭ كۈچلۈك سەۋەبلەرنىڭ بىرسى بىزدىكى ئىمان ۋە غوروردۇر. بىر خەنزۇ ئوقوغۇچى  ئۆز مىللىتى يىگىتلىرىنىڭ كۈندىن كۈنگە غوروردىن يىراقلاپ كېتىۋاتقىننى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:...... بىزنىڭ مەكتەپتە بىر ناھيە باشلىقىنىڭ ئوغلى بولۇپ ھەممىمىزنى بوزەك قىلاتتى . ئەمما بىز ئۇنىڭغا ھىچنەرسە دىيەلمەيتتۇق. ئاخىرى بىر ئۇيغۇر ئوقوغۇچى كېلىپ قاتتىق سوقۇشتى ، نەتىجىدە ئىككىلىسى مەكتەپتىن قوغلاندى. ئەمما مەن ئۇ ئۇيغۇرنىڭ جاسارىتىگە ھەقىقىي قايىل بولدۇم، بىز شۇنچە كۆپ ئوغۇللار ئىچىدە نىمىشقا شۇنداق يۈرەكلىكلەر چىقمايدۇ؟ بىزدىكى ھەق ناھەق قارىشى نەگە كەتتى؟...يۆيۈ ئىسىملىك قىز ھادىسىگە ئۇچىرغاندا، ئوقۇتقۇچىلىرىمىز :بىز ئېتقاتنىڭ تەسىرىدە ئەمەس.شۇڭا ئىنسانىي نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ باشقىلارنى ئويلايدىغانلار ئاز. بۇ ئەلبەتتە ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى دەپ چۈشەندۈردى. ئەگەر دۇنيادا ئېتقات بولمىسا ،ھەق ناھەق قارىشى بولمىسا، نىمە ئىشلار بولۇپ كېتەر بولغىيتى؟
   ھازىر نۇرغۇن خىرىستئانلار،دىنسىزلار ،ۋە باشقا ئېتقاتتىكىلەرنىڭ مۇسۇلمان بولۇش سۈرئىتى تىزلاپ بارماقتا. بۇرۇن خەۋەرلەردىن توردىن ئاڭلىغان بولساق، ھازىر ئەتراپىمىزغا كېڭەيمەكتە. ئەجىبا ئۇلار شۇنچە ئاسانلا ئۆز ئېتقادىدىن ۋاز كېچىپ، ياكى پايدا مەنپەئەتنى دەپ مۇسۇلمان بولىۋاتقانمىدۇ؟ ھالبۇكى ،ئۇنداق ئەمەس.ئويلاپ كۆرەيلى،  باج تۈزۈمى -(ئىسلامدا )زاكات.رەئىس سايلاش تۈزۈمى (شەكلى جەھەتتىن)، يېشى چوڭ ۋە بىلىملىكنى خەلىپە قىلپ تاللاش تۈزۈمىگە سېلىشتۇرما ،  دىننىي ئەركىنلىك سىياسىتى_"..... خالىغان كىشى مۇسۇلمان بولسۇن، خالىغان كىشى كاپىر بولسۇن ".....ۋە ھاكازالار. ئىسلام ئاچسا ئاچسا تۈگىمەيدىغان بىلىم خەزىنىسى. ئۇ كىشىلەرنىڭ،ئالىم پەيلاسوپلارنىڭ  نەچچە مىڭ يىل ئىزدىنىپ چىققان تەتقىقات نەتىجىلىرى ئالدىدا يەنىلا ئەڭ ئېلغار، ۋە  مۇكەممەللىككە ئىگە بىر پۈتۈن تۇرمۇش سېستىمىسى.
       مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم شۇكى ،بىزدە شۇنچە كۆپ ساقلاشقا تېگىشلىك ئارتۇقچىلىقلار ۋە چوقۇم ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك ،تەخىرسىز ۋەزىپىلىرىمىز بار. بىز نىمە ئۈچۈن ھەمىشە باشقىلاردىن ئاغرىنىمىز؟ نىمىشقا مەن نىمىلەرنى قىلالايمەن دەپ ئويلاپ باقمايمىز؟ ئەگەر ئۆيىڭىزدە بىرەر نەرسە كەم بولسا ، ياكى بىرەرسى بەد قىلىق  بولسا ، كەچكىچە ئۇ يوق ،بۇ يوق دەپ قاقشاپ، ئۇنى تىللاپ بۇنى تىللاپ كۈن ئۆتكۈزەمسىز؟ ياكى ،ئىلگىرى ئۇندا بايتىم، مۇندا بايتىم دەپ ماختىنىش  ،قوشنىلارنى ،تۇققانلارنىڭ ۋاپاسىزلىقىنى ،كەمچىلىكىنى قاغاپ ،چىشلەپ تارتىش بىلەن ئاۋارە بولامسىز؟ ئەگەر ھايات بىر توپ مەيدانى بولسا، سىز ماھىرلارنى قانچە تىللاپ چۈشۈرسىڭىزمۇ ،ياكى ماختاپ ئۇچۇرسىڭىزمۇ ،بۇنىڭ نەتجىگە يا ئەكىس تەسىرى بولىدۇ، ياكى ئۆزىڭىز مات بولىسىز،قىلچە ياخشى نەتىجە بولمايدۇ. ئەڭ ياخشى ئۇسۇل مەدەت بىرىش،قوللاش. ئەگەر سىز توپ ئوينىغۇچى بولسىڭىز، سىزنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنىڭىز باشقىلارنى باشقۇرۇش ،ئۇلاردىن ئاغىرنىش ئەمەس،ئىتتىپاقلىشىش، تېخنىكىڭىزنى ،چىدامچانلىقڭىزنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش ،تېخىمۇ مۇھىمى ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە.

         يوقنىڭ جېدىلىنى قىلىۋەرمەي،يوقنى ھەل قىلىشقا تىرىشايلى؛ بۈگۈنكى بالىلارنىڭ،ياشلارنىڭ  ئەتىكى ئالىم، دوكتۇر، سىياسىئون ۋە كارخانىچىلار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئەستىن چىقىرىپ قويمايلى؛ سۆزلىگەندە، بىرەر ئىشنى قىلىۋاتقىنىمىزدا شۇ سۆز ۋە ئىشنىڭ كەلگۈسىمىز ۋە قېرىنداشلىرمىزغا بولغان تەسىرىنى ئويلاپ قويايلى.ئۇيغۇر -بىر ئادەملا ئەمەس، ئەمما ھەربىر ئادەمنىڭ قىلمىشى بىلەن باشقىچە بىر مىللەتتۇر.

-----------------

مەن بىر يازغۇچى ياكى داڭلىق شەخىسمۇ ئەمەس،ئەمما ئويلىنىشلىرىمنىڭ يىغىندىسى بولغان بۇ تىمام ئارقىلىق ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويماقچى بولدۇم. تولىمۇ نازۇك تىمىلارنى سۆزلىگىنىم ئۆزۈمگە ئايان، دوستانە تەكلىپ پىكىر ،مۇنازىرە ۋە تەنقىدلەرگە تەييارمەن.


مەنبەسى: ئۆز ئىجادىيتىم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   cholpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-28 12:40 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tatlikpigan + 299 سىزدىن پەخرلىنىمەن دو.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 299   باھا خاتىرىسى

يا ئىمان ئۈچۈن ياشايسەن؛يا نەپسىڭ ئۈچۈن.

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1964
تۆھپە نۇمۇرى: 207
توردا: 1865 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 11:19:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  تىما  بۇپتۇ  ،،، مەن  بەك  تەستە  ئۇقۇپ  بولدۇم  دىسە  

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 349
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 262
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 394 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 11:29:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالى ھەقىقى ياخشى يىزىلغان بىر تېمىنى كۆرگىنىمدىن خۇشالمەن ،قەلەم تۇلپارىڭز ھارمىغاي ،ئېسىل تېمىلىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلمىگەي.

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!

كۈلكە شەيتاننىڭ راھىتى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2385
يازما سانى: 1142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10063
تۆھپە نۇمۇرى: 543
توردا: 8510 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 11:35:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى ئۇيغۇر باللارغا توۋا دىمىسە ، بەزى ئۇيغۇر باللىرى چەتئەللەرگە چىقىپ ئۈگۈنىدىغان نەرسە چىقىمىغاندەك .خرىسىتىيان  دىنى ئۈگۈنۈپ ئۆيدىكىلەرنى ئىسىلام دىنىدىن چىكىتشىنى تەلەپ قىلىپ خىرىستىيان دىنىغا دەۋەت قىلىدىكەن .

رىسىقى  قوشۇلغانلار  يىراقتا بولسىمۇ  ئۇچۇرىشىدۇ . رىسىقى قۇشۇلمىغانلار ھەر قانچە يىقىن بولسىمۇ مەڭگۈ ئۇچۇرشىمايدۇ . بۇنى بىلگۈچى  ئاللاھ

ئۈزىنى تونۇش_ئۆزلۈك

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45130
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5998
تۆھپە نۇمۇرى: 2191
توردا: 2154 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 11:37:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىلى ئەتراپلىق  ياخشى يىزىلىپتۇ ،تەپەككۇرىڭىزغا ئاپىرىن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73736
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 946
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 318 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 11:39:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوبدان تېما ئىكەن بۇ ، مۇشۇنداق ئادەمنى ئويلاندۇرىدىغان تېمىللارنى يوللاپ تۇرسىڭىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6642
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 222 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 11:53:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازغانلىرىڭىزدىن ، تىلغا ئالغان مەسىللەرگە تۇغرا مۇئامىلە قىلالايدىغانلىقىڭىز چىقىپ تۇرىدىكەن. ئەمما ئاخىرىغا بارغانچە سەل قالايمىقانلاشتۇرۋىتىپسىز.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
cholpan + 10 ئېسىل پىكىر

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57840
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 446
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 331 سائەت
تىزىم: 2011-9-24
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 12:02:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Dakyanos يوللىغان ۋاقتى  2012-4-27 11:53 PM
يازغانلىرىڭىزدىن ، تىلغا ئالغان مەسىللەرگە تۇغرا مۇئا ...


راست دەيسىز، ھەقىقەتەنمۇ ئاخرىنى ياخشى يازالمىدىم، پىكرىم چېچىلىپ كەتتى ،تىما دائىرسىنى بەك كېڭەيتىۋىتىپتىمەن. تەپسىلىي پىكىرلىرىڭىزنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقسىڭىز قانداق؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   cholpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-28 12:06 AM  


يا ئىمان ئۈچۈن ياشايسەن؛يا نەپسىڭ ئۈچۈن.

مۇھەببەت ئۇ مەرد كىشىنىڭ ئىشى~

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2134
يازما سانى: 688
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11637
تۆھپە نۇمۇرى: 843
توردا: 1164 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 12:30:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوقنىڭ گېپى بولدى،ئېپى بولمىدى.
ھەقىقەتەن نەچچە توم مەزمۇن چىققۇدەك گەپكەن ماۋۇ.

بۇلىقىسەن مېھرىبانلىقنىڭ،سەن بولمىساڭ قۇرۇيدۇ دەريا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68811
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 560
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2011-12-6
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 12:34:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەپەككۇرىڭىزغا ئاپرىن ،ياخشى يىزىپسىز~!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش