يىـڭى ئــەزا
كىرىمنى جىلغىسىدىكى چۈش ئۇيغۇران كېتىپ بارىمەن، جىلغىلار ئارا،ئەگرى –بۈگرى، قاراڭغۇ –يورۇق، ئېگىز –پەس، لېكىن ھەيۋەتلىك. چاقنايدۇ تاغلار، خۇددى يالقۇندەك. نۇر چاچار سۇلار، خۇددى كۈمۈشتەك. ھەيرانمەن! قارىغايلار، ئارچىلار، سۆگەت، سۇۋادان، تارقالغان ھەريان. لېكىن ئەمەس يېشىلزار، شاخلىرىدا ئوينايدۇ دوللار، بەتلىرىدە داھى سۈرىتى. قىيالارغا يامىشىپ يۈرەر، كۆرەڭلىگەن ئەرەب رەقىمى، مارافونغا يۈگرەيدۇ تىنماي، يىگىرمە ئالتە لاتىن بالىسى. سۇسىز ئۆسكەن بولۇق چىمەندە، ئېنتىرنىتقا ئۇلانغان چوپان، باقار ئۇندا تىزگىنەك بىلەن، كىلونلانغان ئۆچكىلىرىنى. تۇرۇپ قالدىم چوپانغا قاراپ، كۆزلىرىدە لازىر چاقنايدۇ، كالتىكىدىن ئۆچكىلىرىگە، توختىماستىن دولقۇن تارايدۇ. سوراپ قالدىم چوپانغا قاراپ: بۇ يەر قەيەر؟ بۇ قانداق جاي؟ تىلسىماتمۇ؟ كوھىقاپمۇ؟ ياكى دوزاخنىڭ ئېلانى؟! دېدىكى چوپان: ئەي، ئادەم بالىسى! بۇ يەر شۇنداق جاي جەننەت دېسەڭ جەننەتتۇر بۇ يەر، ئۆلمەي تۇرۇپ كىرەلەيدىغان. دوزاخ دېسەڭ دوزاختۇر بۇيەر، تېرورلۇقنى ئىشلەپچىقارغان. تىلسىم دېسەڭ تىلسىمدۇر بۇيەر، مىشچان، ساددا چۈشەنمەيدىغان. كوھىقاپ دەر كوھىقاپمۇ ھەم، كۆز يېشىغا ئىشەنمەيدىغان. چۈشىنىشكە پەقەتلا كېرەك، كىرىمنىيدىن ياسالغان يۈرەك. ※※※※※※※※※※※※※※※※※ كېتىپ بارىمەن، جىلغىلار ئارا، كىرىمنىيلىق چېغىر يوللاردا، يول بەلگىسى ــــــــ كولورادو، كولورادو، كولورادو... سايرايدۇ قۇشلار«كولورادو» دەپ. ھۆپۈپ ئۇنتىغان سايراشلىرىنى، زەينەپ چاقىرماس كاككۇكىنى ھەم. كوكاكولا ئىچىپ مەست بولۇپ، تولغىما ئۇسۇل ئوينايدۇ دىلفىن، دەرەخلىكتە ئورانگوتانمۇ، كىيىۋاپتۇ چوپان ئىشتىنى. پۇت تېپىشەر پىل بىلەن ئېشەك، تۇيىقىدىن ئوتلار چاچرىتىپ، گلوبۇسنى زەيتۇن توپ قىلىپ، تالىشاركەن نوھتىن قىزغىنىپ. كومىتالار ئاتىدۇ لاۋا، سەييارىلەر پارتلايدۇ دەھشەت. ئەللىك يۇلتۇز ھۆكۈمران بولۇپ، باش بولاركەن ئالەم قەسرىگە. ئاپئاق ساراي، بەشبۇرجەكساراي، نىچۈن چاچار دۇنياغا مىشەك؟ چۈشىنىشكە پەقەتلا كېرەك، كىرىمنىيدىن ياسالغان يۈرەك. ※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※ «0»نى قۇچاقلاپ ياتقان ئارالدا، كىرىمنىينى يەۋالغانمېكىن، ساراڭ بوپتۇ بارچە كالىلار. خاررىي پوتتېر سۈپۈرگىسىدە، ئۇچۇپ يۈرەر ئەركە بالىلار. شۇنچە كەڭرى ئالىپ جىلغىسى، شۇنچە گۈزەل دوناي ۋادىسى. ھەر يۈرەككە بېسىلغان چوڭقۇر، نىيوتۇننىڭ ئالتۇن تامغىسى. كىرىمنىيدا يېزىلغان كىتاب، كىتابلاردىن ياسالغان مۇنار، ساقلار ئىكەن روھلارنى ئەبەت. سىبىرىيەدە شىمال بۇغىسى، سەمىرەتتى ئېيىق بورىسنى، بايقوڭۇردىن ياڭرىغان سادا، تەئەججۈپكە سالدى جاھاننى. ئاي كېمىدە ئولتۇرغان مىللەت، ئەركىلەتتى بەڭباش زاماننى. ۋولگا، ئېدىل جىلغىلىرىدا، ئېقىۋاتقان كىرىمنىي سۈيى، يۇتۇپ كەتتى كۇرسىك كېمىنى. «چىرنوبىل»نىڭ تۈتەكلىرىدىن، تۇمان باستى قىزىل مەيداننى، كىرىمنىيلىق ياۋۇز ئىمپىرىيە، كېتىپ قالدى تاشلاپ جاھاننى. ئۆلۈك دېڭىز جىلغىلىرىدا،مۇسائەۋلادى ــــــ يەھۇدىلار ـــــــــ كىرىمنىيدىن تۆرەلگەن مىللەت، تىرىلدۈردى ئۆلۈك دېڭىزنى! تېنچلىق ئۈچۈن يانغان يۈرەكلەر، ئىلىم –پەندىن ئۈنچە تېرەركەن، نوبىل ئاكام يىلدا ئۇلارغا، سۆيۈنچە ھەم ھېيتلىق بېرەركەن. نېمە دېگەن تەتۈر جاھان بۇ، ئۇلارغا تېنچلىق يوق، لېكىن ھېيتلىق بار. بىزگە تېنچلىق بار، لېكىن، لېكىن ھېيتلىق يوق! قۇياش چىققان تاقىم ئاراللار، ئاراللاردا ئۈنچە مارجانلار. شۇ زېمىندا ياشايدىكەن، تارىخنى ئۇنتىغان جەسۇر ئىنسانلار. پاناسونىك، سونى، ياماخا، ئۇزاپ كەتكەن قاچان، قاچاندا. جاھانگىر بوپ ئاقچا –دوللارغا، تويوتا ھەم خوندا، توشىبا. يانار تاغلار ئاتىدۇ لاۋا، ئاسمان –زېمىن تىترەيدۇ پات – پات، بايلىقلىرى تامام خورىغان، مۈشكىلاتقا بولۇپتۇ جاللات. كىرىمنىيلىق چېغىر يوللاردا، گىگانت بوپتۇ پەتەك ياپونلار. خوجا بوپتۇ تېنچ ئوكيانغا، سام تاغىدىن تەلىم ئالغانلار. نەۋرۇز گۈلى ئاچىدۇ چېچەك، بىزگە نىچۈن كۈلمەس كېلەچەك، چۈشىنىشكە پەقەتلا كېرەك، كىرىمنىيدىن ياسالغان يۈرەك. ※※※※※※※※※※※※※※※※ كېزىپتىمەن چۈشلىرىم ئارا، كېزىپتىمەن جىلغىلار ئارا، كۆرۈپتىمەن ــــــــــــــ كولورادو، تىمزا دەرياسى، ئالىپ جىلغىسى، ۋولگا ۋادىسى، ئۆلۈك دېڭىز، فۇجى تېغىنى. ئاھ، كىرىمنىي دۇنياسى! نەقەدەر سېھىرلىك، نەقەدەر تىلسىم، ئەپسۇسكىم لېكىن، كۆرمىدىم بىراق، ئىزدىدىم ئۇزاق. تاپالمىدىم تەڭرى تېغىنى، تاپالمىدىم بۇغدا ئاتىنى. نىچۈن شۇنداقتۇ؟ تەڭرى تاغلىرى، كىرىمنىيغا ياراشمامدىكەن؟! چۈشىنىشكە پەقەتلا كېرەك، كىرىمنىيدىن ياسالغان يۈرەك.
2001 –يىل 24 –ئۆكتەبىر شەھرى ئۈرۈمچى ش م ئى
پاش قىلىش
ئادەتتىكى ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ