مۇھەببەت دىگىنىڭ مۇشۇمىدى يار
باھارنىڭ قۇياشى سىنى ئەسلىتەر
قۇشلاردىن ئەۋەتكەن سالىمىڭ يىتەر.
گۈللەردىن ئەتراپقا ھىدلىرىڭ كىتەر،
مۇھەببەت دىگىنىڭ مۇشۇمىدى يار!
باھارنىڭ چىڭقى چۈش ئاپتاپلىرىدا،
ئەكسىڭ بار چاقنىغان ياپراقلىرىدا.
مۇڭۇڭ بار تەبىئەت جىمقىتلىقىدا،
مۇھەببەت دىگىنىڭ مۇشۇمىدى يار!
باھارنىڭ زاۋىلى چىققان شامالمۇ،
دەپ بەرمەي قاچالماس يارىم ئامانمۇ؟
قارچۇغۇڭ سىماسى چۈشكەن گۇگۇممۇ،
مۇھەببەت دىگىنىڭ مۇشۇمىدى يار!
باھارنىڭ كىچىسى،باھارنىڭ چۈشى،
يار بىلەن جەم قىلار شىرىن ئۇيقۇسى.
يۇلتۇزلار چېقىمچى،ئاي ئاقلار تېخى،
سەن مىنى باغداشقا ئىېپ ماڭغان چېغى.
مۇھەببەت دىگىنىڭ مۇشۇمىدى يار!
2012-يىلى4-ئاينىڭ26-كۈنى