دۇنيا 15-قېتىملىق «كىتاب ئوقۇش كۈنى» خاتىرىسى
قايتماس
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى 15-قېتىملىق «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» بولۇپ، بۇ كۈندە دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەر مەلۇم ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىتابقا بولغان ھېرىسمەنلىكى، كىتابقا بولغان قىزغىنلىقى ۋە كىتابقا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ.
كىتاب پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئىلىم بۇلىقى، كىتاب مەدەنىيەت ۋە تەرەققىياتنىڭ ئالتۇن شوتىسى، كىتاب ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ ۋە ئۆزىنى تونۇشنىڭ بىردىن-بىر قۇرالى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» نى دۇنيادا ھازىرغىچە بارلىققا كەلگەن، شەكىللەنگەن تۈرلۈك بايرام ۋە پائالىيەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ۋە خاتىرىلەش زۆرۈر دەپ قارالغان ئالاھىدە كۈن دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ھەم شۇنداق دەپ ئېيتىشقا ھەقلىقمىز، چۈنكى بىزنىڭ ھازىرقى مەدەنىيىتىمىز يەنىلا شۇ كىتابتىن كەلگەن.
دەل مانا مۇشۇ ئەھمىيەتلىك كۈندە قاراقاش ناھىيەلىك كۈتۈپخانىدا 15-قېتىملىق «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت كۈتۈپخانا ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى. پائالىيەتكە ناھىيە ئىچىدىكى نوپۇزلۇق ئاپتورلاردىن مەمتىمىن قۇربان، جاپپار رەخىم روھلانى، ئايمۇھەممەت ساھىبى، مەتتۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار، ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار، ئەنۋەر ھىدايەت، مەمتىمىن نۇر، مەتتۇرسۇن سىدىق، توختىمۇھەممەت نۇرىمۇھەممەت، روزى ياسىن قاتارلىقلار، ياش، ئۈمىدلىك ئاپتورلاردىن يىمىت ياسىن، ياسىنجان ئابدۇقادىر، توختىمۇھەممەت تۇراجان، تۇرسۇنمۇھەممەت نەمەت، مۇھەممەتساقى ساۋۇر، مۇتەللىپ ئابدۇخالىق، نۇرمۇھەممەت تۇردەخمەت قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. پائالىيەتكە يەنە ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن 20 گە يېقىن ئوقۇغۇچى ۋە 15 كە يېقىن ئوقۇرمەن قاتناشتى. پائالىيەتنى ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تۇرسۇنباقى توختىقۇربان ۋە كۈتۈپخانا مەسئۇلى سالامەتخان باشقۇردى. ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار بىلەن ياسىنجان ئابدۇقادىر پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى.
پائالىيەت ئۈچ باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلدى. بىرىنچى باسقۇچ سوئال-جاۋاب شەكىلدە ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭدا كىتابقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ھەققىدىكى چۈشەنچىسى سۆزلەندى. ئىككىنچى باسقۇچ مۇلاھىزە ۋە مۇنازىرە شەكىلدە ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلار،ئاپتورلار ۋە ئوقۇرمەنلەر ئۆز ئارا مۇنازىرىلىشىپ ھەمدە كىتاب توغرىسدا مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىپ، كىتاب ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ۋە چۈشەنچىلىرىنى ئىلمىي يوسۇندا بايان قىلدى. ئۈچىنچى باسقۇچ ئەركىن پائالىيەت شەكىلدە ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭدا پائالىيەتكە قاتناشقان بارلىق پىكىر ئىگىلىرى كۈتۈپخانا ئىچىدە ئىختىيارى كىتاب كۆردى ۋە ئېلېكتورنلۇق قىرائەتخانىغا چىقىپ كومپيۇتېر ئارقىلىق ئېلكىتابلارنى ئوقىدى، ئاۋازلىق كىتابلارنى ئاڭلىدى. پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق قىسمى چۈشتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتى. پائالىيەت ئاخىرىدا پائالىيەتنى تەشكىللەشكە ۋە بۇ پائالىيەتنىڭ جانلىق، ياخشى ئېلىپ بېرىلىشىغا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان كۈتۈپخانا مەسئۇلى سالامەتخان پائالىيەتكە قاتناشقان ئاپتورلارنىڭ ھەر بىرىگە 180 قىممىتىدىكى رادىيودىن بىردىن، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇرمەنلەرگە 80 يۈەندىن 120 يۈەنگىچە بولغان تۈرلۈك مەزمۇندىك كىتابلاردىن بىر يۈرۈشتىن سوۋغا قىلدى.
چۈشتىن كېيىن ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ، ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكلىشىدە كۈتۈپخانىغا كېلىپ ئىختىيارى كىتاب كۆردى. پائالىيەت قىزغىلىق بىلەن باشلىنىپ قىزغىنلىق ب
ىلەن ئاخىرلاشتى.
مەنبە: يېڭى يازما
قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن نۇرمۇھەممەت تۇردەخمەت (سەل ئالدىراش بولۇپ قېلىپ بۇ ئۇچۇرنى ۋاقتىدا يوللىيالمىدىم، توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سورايمەن)