مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 35597|ئىنكاس: 262

安利 Amway ئەمۋاي   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49411
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3312
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2011-7-28
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 01:27:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

安利 Amway ئەمۋاي

ئەمۋاي ئامرىكىدىكى ئەڭ چوڭ داڭلىق بىۋاستە سېتىش كارخانىسى، باش شىركەت ئامرىكا مىچىگان شىتاتى ئادا شەھرىدە، 1959- يىلى جېي. ۋىن ئەنلۇ ۋە رىچ.دىۋوس دىن ئىبارەت ئىككى دوستنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆيىنىڭ يەر ئاستى ئۆيىدە قۇرۇلغان.ئاساسلىق تىجارىتى كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى.نۇچۇرلەت ماركىلىق ساقلىقنى ساقلاش ئوزۇقلۇق يىمەكلىكلىرى، ئارتىسچۈرى ماركىلىق گىرىم بويۇملىرى، شەخسى تازىلىق بويۇملىرى، ئائىلە تازىلىق بويۇملىرى ۋە ئائىللەردە ئىشلىتىدىغان چىداشلىق زامانىۋى ئائىلە جابدۇقىلىرى قاتارلىق 5چوڭ تۈركۈمدە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەھسۇلاتلارنى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىدۇ ۋە ساتىدۇ.

ئەمۋاي شىركىتىنىڭ ئامرىكا مىچىگان شىتاتى ئادا شەھرىدىكى باش شىتابى

1-ئەمۋاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بىۋاستە سېتىش كارخانىسى

ئەمۋاي(ئامرىكا)ئورگان تەرەپ تور بىكىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەمۋاي شىركىتى بولسا، كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرىنى كۆپ قاتلاملىق ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە بىۋاستە ساتىدىغان شىركەت.

شىركەتنىڭ ئىككى نەپەر قۇرغۇچىسى جېي.ۋىن ئەنلۇ ۋە رىچ.دىۋوس گوللاندىيلىك كۆچمەنلەرنىڭ  ئەۋلاتلىرى بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپ بىرگە چوڭ بولغان.ئۇلارنىڭ بىرگە ئۆسۈپ يىتىلىش تارىخى ۋە گوللاندىيەلىكلەرنىڭ ئەۋلادى بولۇشتىن ئىبارەت خاراكتىر ئالاھىدىلىكلىرى، كىيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ ئىنتايىن يىقىن ھەمكارلاشقۇچىلاردىن بولۇپ چىقىشغا ئۇل ھازىرلىغان.بۇ ئىككىيلەن ئەينى ۋاقىتلاردا نۇچۇرلەت شىركىتىدە ساتقۇچى بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا، ئۆزلىرىدە ئىنتايىن ياخشى بولغان بىۋاستە سېتىش ئاساسىنى تىكلىگەن.

جۇڭگۇنىڭ ئىسلاھات ئىچىۋىتىشنى كەڭ كۆلەمدە يولغا قويىشىغا ئەگىشىپ، ئەمۋاي شىركىتى دادىللىق بىلەن جۇڭگۇغا مەبلەغ سىلىشنى پىلانلىغان ھەمدە 1991- يىلى شىركەت قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان رىچ.دىۋوس ئايالىنى ئىلىپ بېيجىڭغا، جۇڭگۇنىڭ مەبلەغ مۇھىتى ۋە بازار ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە كەلگەن.

1992-يىلى ئەمۋاي(جۇڭگو)كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملار شىركىتى قۇرۇلغان.دۆلەتلىك سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەستىقى بىلەن جۇڭگۇدىكى تۇنجى بىۋاستە سېتىش شىركىتى بولغان.ئەينى ۋاقىتتا ئەمۋاي(جۇڭگو)شىركىتىنىڭ ئىش بىجىرىش ئورنىنىڭ كۆلىمى 40 كىۋادىرات مىتىر بولۇپ،پەقەت 4نەپەر خادىمى بار ئىدى.

جۇڭگوغا كىرگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە، ئەمۋاي شىركىتى باشقا كارخانىلارغا ئوخشاش مەھسۇلاتلىرنى ئىمپورت قىلىپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان، ئەمما ‹‹سەمىمى تىجارەت قىلىش، مۇقىم پۇت دەسسەپ تۇرۇپ يىراقنى كۆرۈش››كارخانا پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئەمۋاي(جۇڭگو) قىسقىغىنە 3 يىل ۋاقىت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قاتارلىق ئاساسى ئۇل مۇئەسسە قۇرۇلۇشلىرىنى ئىلىپ بارغان.

1995-يىلى 4-ئاينىڭ 10كۈنى، ئەمۋاي(جۇڭگو)كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملار شىركىتىنىڭ يوپۇقى ئىچىلىپ گۇاڭجۇدا داغدۇغىلىق تىجارەت باشلىغان.

تىجارەت باشلىغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، ئەمۋاي(جۇڭگو) دەسلەپكى قەدەمدە كۆپ خىل ئىشلىتىشچان قويۇقلاندۇرۇلغان تازىلاش سۈيۈقلۇقى، قويۇقلاندۇرۇلغان قاچا يۇيۇش سۈيۈقلۇقى، قويۇقلاندۇرۇلغان ئەينەك تازىلاش سۈيۈقلۇقى، كىر يۇيۇش سۈيۈقلۇقى ۋە تىز سۈرئەتتە ماي داغلىرنى تازىلاش سۈيۈقلۇقى(بۇس تارتقۇ تازىلىغۇچ) دىن ئىبارەت 5خىل مەھسۇلاتنى بازارغا سالغان.  

جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماسلىشىش يۈزىسىدىن 1998-يىلى 7- ئايدىن باشلاپ، جۇڭگۇنىڭ ھەرقايسى رايۇنلىرىغا دۇكان(店铺) تەسسىس قىلىپ تىجارەت يۈرگۈزگەن. ھازىر مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى شەھەر، رايۇنلىرىدا 250 دىن ئارتۇق دۇكان(店铺)بار. شىنجاڭدا ئۈرۈمچى، غۇلجا، قارماي، شىخەنزە، قۇمۇل، كورلا، قەشقەر قاتارلىق 7شەھەردە دۇكان(店铺) بار.

شىركەت 1959-يىلى دەسلەپكى قۇرۇلغان چاغدا LOC (سىھىرلىك سۇ)دىن ئىبارەت بىرخىللا مەھسۇلات بىلەن ئىش باشىغان، ھازىر بولسا 5چوڭ تۈركۈمدە،460خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلات بار ، جۇڭگۇ بازىرىغا كىرگىنى 200خىلدىن ئارتۇق.قالغان مەھسۇلاتلار يىقىن كەلگۈسىدە بازارغا سىلىنماقچى.

ئەمۋاي (جۇڭگو)نىڭ گۇاڭجۇدىكى زاۋۇتىنىڭ كۆلىمى 141000كىۋادىرات مېتىر، زامانىۋالاشقان ئەشيا ئوبورۇت بازىسىنىڭ كۆلىمى 40000 كىۋادىرات مېتىر.

20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى ، ئەمۋاي شىركىتىنىڭ 1- ئەۋلاد رەھبەرلىرى شىركەتنى ئۆزىنىڭ ئوغۇللىرىغا غەلبىلىك ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئالماشقان 2- ئەۋلاد رەھبەرلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا، ئەمۋاي شىركىتى ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىياتقا قاراپ يېڭى سەھىپە ئاچقان.

ئەمۋاي شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى: 1-ئەۋلاد، 2-ئەۋلاد رەھبەرلىرى

2-تەرەققىيات تارىخى

1959-يىلى جېي.ۋىن ئەنلۇ ۋە رىچ.دىۋوستىن ئىبارەت ئىككى ياش ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ئاساسىدا ئامرىكىنىڭ مىچىگان شىتاتى ئادا شەھرىدە بىر يەر ئاستى ئۆيدە ئەمۋاي شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان ھەم LOC(سىھىرلىك سۇ)دىن ئىبارەت بىرخىل مۇھىت ئاسرايدىغان، قويۇقلاندۇرۇغان كۆپ خىل تازىلاش سۈيۈقلۇقىدىن ئىبارەت مەھسۇلات ئارقىلىق مۇۋاپىقيەتلىك بازار ئاچقان.تۇنجى يىللىق تىجارەت سوممىسىنى 500مىڭ ئامرىكا دوللىرىغا يەتكۈزگەن. بۇتىجارەت سوممىسىنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىقتىسادى شارائىت ئاستىدا خىلى ياخشى مۆجىزە دىيىشكە بولاتتى.

1959-يىلى ئەمۋاي شىركىتى قۇرۇلغان.

1961-يىلى يىللىق خۇلاسىلاش يىغىنىغا 200 نەپەر تىجارەت ۋەكىلى قاتناشقان.

شۇ يىلى ئەمۋاينىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك كىر يۇيۇش پاراشۇكى SA8 بازارغا سىلىنغان.

1962-يىلى كەسىپ دائىرسىنى كاناداغا كىڭەيتكەن.

1963-يىلى ئەمۋاي(كانادا) تاماق شىركىتى قۇرۇلۇپ، تىجارەت باشلىغان.

زاۋۇت ئورنى ئۇل مۇئەسسەلىرى 55000 كىۋادىرت فۇتقا يەتكەن.

ئىشچى- خزمەتچىلەر سانى 300 نەپەرگە يەتكەن.

ئالتە ئورۇنغا مال ئىسكىلاتىنى كىڭەيتىپ قۇرغان.

1968- يىلى مەھسۇلات تۈرى 150 خىلغا يەتكەن.

ئۈچ ئورۇنغا مۇكاپاتلاش، ئارام ئىلىش ئورنى قۇرغان.

ئەمۋاي(گوللاندىيە) تارماق شىركىتى تىجارەت باشلىغان.

1971- يىلى شىمالى ئامرىكىنىڭ سىرتىدىكى تۇنجى شىركەت ئەمۋاي(ئاۋىسترالىيە) تارماق شىركىتى تىجارەت باشلىغان.

1972-يىلى نۇچۇرلەت ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچى يىمەكلىكلەر شىركىتى رەسمى تۈردە ئەمۋاي بايرىقى ئاستىدىكى ئورگاننىڭ باشقۇرشىغا ئۆتكەن.

1973-يىلى تىجارەت ۋەكىللىرنىڭ سانى 200000 نەپەرگە يەتكەن.

ئادا شەھرىدە ئەركىن كارخانا مەركىزى پۈتكەن.

ئەمۋاي(ئەنگىلىيە) تارماق شىركىتى تىجارەت باشلىغان.

1974-يىلى ئەمۋاي(شىياڭگاڭ) تارماق شىركىتى تىجارەت باشلىغان.

1975-يىلى ئەمۋاي(غەربى گىرمانىيە) تارماق شىركىتى تىجارەت باشلىغان.

1976-يىلى ئەمۋاي(مالايسىيا) تارماق شىركىتى تىجارەت باشلىغان.

1979-يىلى ئەمۋاي(ياپۇنىيە) تارماق شىركىتى تىجارەت باشلىغان.

1980-يىلى يىللىق سېىتلىش مىقدارى 1 مىليارد ئامرىكا دوللىرىلىق چوڭ ئۆتكەلنى بىسىپ ئۆتكەن.

1981-يىلى سودا ئوبروتى 1 مىليارد دوللارغا يەتكەن.

ئەمۋاينىڭ 4 يۇلتۇز دەرىجىلىك ھەشەمەتلىك  گىران خۇادۇ (格兰华都) مىھمانسارىيى يوپۇق ئاچقان.

تەتقىقات تەرەققىيات بىناسى پۈتكەن.

1982-يىلى ئەمۋاي(تەيۋەن) تارماق شىركىتى {ھازىر ئەمۋاي كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملار پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى دەپ ئاتىلىدۇ} تىجارەت باشلىغان.

1983-يىلى ئەمۋاي گىرىم بويۇملىرى زاۋۇتى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

1985-يىلى ئەمۋاي ئاۋىستىرىيە، پاناما، ئىتالىيە، يېڭى زىنلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تارماق شىركەتلىرىنى قۇرغان.

1986-يىلى پۈتۈن دۇنيادىكى ئىشچى-خىزمەتچىلرىنىڭ سانى 7000 غا يەتكەن.

زاۋۇت ئەسلىھە ۋە ئىشخانا ئورۇنلىرىنىڭ كۆلىمى 2300000 كىۋادىرات فۇتقا يەتكەن.

مەھسۇلات تۈرى 300 خىلغا يەتكەن.

تىجارەت تىرانسىپورتى 44 دۆلەت ۋە رايۇنغا كىڭەيگەن.

ئەمۋاي(ئىسپانىيە) تارماق شىركىتى

1987-يىلى ئەمۋاي تايلاند ۋە گىۋاتېمالادا  تارماق شىركەت قۇرغان.

1989-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان <<مۇھىت ئاسراش تۆھپە مۇكاپاتى>>غا ئىرىشىپ، مۇشۇ تۈردىكى ئىككىنچى چوڭ شەخسى كارخانىغا ئايلانغان.

1990-يىلى ئەمۋاي(مىكسىكا) تارماق شىركىتى قۇرۇلغان.

1991-يىلى ئەمۋاي كورىيە،بىرازىلىيە، ۋىنگىرىيەدە تارماق شىركەت قۇرغان.

پۈتۈن دۇنيادىكى تىجارەت سوممىسى 3مىليارد100مىليون ئامرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

1992-يىلى ئەمۋاي پورتۇگالىيە، ئاۋمېن، ھىندىنوزىيە، پولشادا تارماق شىركەت قۇرغان.

پۈتۈن دۇنيادىكى تىجارەت سوممىسى 3مىليارد900مىليون ئامرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

دۆلەتلىك ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ئىتىپاقى تەرىپىدىن <<دۆلەت ئىكولوگىيسىنى قوغداش تۆھپە مۇكاپاتى>> غا ئىرىشكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-تەتقىقات گورۇپپىسى تەرىپىدىن <<قۇتۇپ چەمبىرى مىدالى>>غا ئىرىشكەن .

1993-يىلى پۈتۈن دۇنيادىكى تىجارەت سوممىسى 4مىليارد500مىليون ئامرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

ئەمۋاي(ئارگىنتىنا) تارماق شىركىتى قۇرۇلغان.

<< بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەر شارىنى تەشكىللەش(ئۇيۇشتۇرۇش)>> مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.

1994-يىلى ئەمۋاي تۈركىيە، سىلوۋاكىيەدە تارماق شىركەت قۇرغان.

1995-يىلى گۇاڭجۇ ئىقتىسادى تەرەققىيات رايۇنىدا قۇرۇلغان چوڭ تىپتىكى زاۋۇت رەسمى تۈردە ئىشلىتىشكە تاپشۇرلۇپ، شۇ يىلى 4- ئايدا ئەمۋاي (جۇڭگو) شىركىتى تىجارەت باشلىغان.

1996-يىلى پۈتۈن ئامرىىكىدىكى خۇسۇسى كارخانىلار ئىچىدە 22- ئورۇنغا تىزىلغان.

1997-يىلى ئەمۋاي بايرىقى ئاستىدىكى نۇچۇرلەت پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ۋىتامىن ۋە مىنرال ماددىلار ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچى قۇۋۋەت يىمەكلىكلىرىنىڭ بىردىنبىر ماركىسىغا ئايلانغان.

1998-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى، دۆلەتلىك تاشقى ئىشلار ئىقتىسادى ھەمكارلىق مىنىستىرلىكى، دۆلەتلىك سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى، دۆلەتلىك مەملىكەت ئىچى سودا ئىدارىسىنىڭ تەستىقى بىلەن ئەمۋاي (جۇڭگو) مەملىكەت ئىچىدە دۇكان (店铺)  تەسسىس قىلىش ۋە سودا- سېتىقچى (推销员) ياللاپ ئىشلىتىش شەكلىچە مەخسۇس تىجارەت بىلەن شۇغۇلانغان.

2000-يىلى شىركەت، Amway، Quixtar ، Access Business Group قاتارلىق تارماق شىركەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەنداگاۋ (Alticor Inc) نى قۇرۇپ چىقتى.

2010-يىللىق سانلىق سىتاستىكىدا ئەنداگاۋ شىركىتىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدىكى ئىشچى- خىزمەتچى سانى 13000 نەپەر، تىجارەت خادىمى 5 مىليون نەپەرگە يەتكەن.

2003-يىلى 8- ئايدا ئەمۋاي (جۇڭگو)نىڭ تىجارەت سوممىسى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەمۋاي شىركەتلىرى ئىچىدە 1- ئورۇنغا ئۆتكەن.

2004-يىلى ئەمۋاي (جۇڭگو)نىڭ تىجارەت سوممىسى 17مىليارد يۈەن خەلق پۇلىغا، تاپشۇرغان بېجى 3مىليارد 700مىليون يۈەنگە يىتىپ، ئەمۋاينىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بازىرىغا ئايلانغان.

2006-يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئەمۋاي (جۇڭگو) رەسمى ھالدا بىۋاسىتە سېتىش ئىجازەتنامىسىنى ئالغان، بۇ ئەمۋاينىڭ كەلگۈسىدە ئۇچقاندەك تەرەققىياتلارغا ئىرىشىدىغانلىقىدىن دىرەك بەرگەن.

2008-يىلى ئەمۋاي شىركىتى تۇنجى قېتىم كەلگۈسى 4يىللىق سىتراتىگىيلىك نىشانىنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، 2012-يىلىغا بارغاندا ئەمۋاي شىركىتىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدىكى تىجارەت سوممىسىنى 12 مىليارد ئامرىكا دوللىرىدىن ئاشۇرۇش پىلانلانغان.

2009-يىلى ئەمۋاي (جۇڭگو) شىركىتى بىلەن جۇڭگو تىلگىراف شىركىتى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، 3G دەۋرىگە باشلامچىلىق بىلەن قەدەم تاشلىغان. ئەمۋاي (جۇڭگو) نىڭ يىللىق تىجارەت سوممىسى 20 مىليارد يۈەنلىك يېڭى رىكورتنى بۇزۇپ تاشلىغان.

2010-يىلى ئەمۋاي (جۇڭگو) نىڭ يىللىق تىجارەت سوممىسى 22 مىليارد يۈەن خەلق پۇلىغا يىتىپ، يەنە بىرقىتىم يۇقىرى رېكورت يارتىلغان.

2012-يىلى ئەمۋاي شىركىتىنىڭ پىلانى پۈتۈن يەرشارىدىكى ئەمۋاي سودىسىنى 12 مىليارد ئامرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈش.

نۆۋەتتە ئەمۋاي كەسپى 5 قىتئەدىكى 80 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايۇنغا كىڭەيگەن، يەر شارى بويىچە 13 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچىسى، 5 مىليوندىن ئارتۇق تىجارەتچىسى بار، ئەمۋاي Amway ماركىسىدىكى مەھسۇلاتلار 5 چوڭ تۈركۈمدە، 600 خىلدىن ئارتۇق.  ھازىرغىچە ئەمۋاي شىركىتى 800خىلدىن ئارتۇق پاتنىتقا ئىرىشكەن، 600 خىلدىن ئارتۇق پاتنىتقا ئىلتىماس قىلغان.

3- تىجارەت شەكلى

ئەمۋاي بىۋاسىتە سېتىش تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللانغان. مەھسۇلات زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلغاندىن كېيىن، تىجارەتچىلىرى، بىۋاسىتە ساتقۇچىلىرى ۋە مەخسۇس دۇكانلىرى ئارقىلىق، بىۋاسىتە خىرىدارنىڭ قولىغا كېلىدۇ.ئارلىقتىكى ئوبوروت ھالقىلىرى قىسقارتىلىپ، مەھسۇلاتنى سىتىشتىن بۇرۇنقى، سىتىش جەريانىدىكى، سىتىشتىن كىيىنكى سۈپتىگە ۋە مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، خىرىدارلارنى تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەن. ئەمۋاينىڭ سىتىش شەكلى ئەڭ ياخشى تىجارەت ئەندىزىسى بولۇپ، ئامرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئەمۋاينىڭ ئىقتىسادى تۈزۈلمىسىنى MBA تەربىيلەش ماتىريالى قىلىپ، ئوقوغۇچىلارغا دەرس ئۆتىدۇ. جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى MBA ماركېتىڭ كىتابىغا ئەمۋاينىڭ تىجارەت ئەندىزىسىنى كىرگۈزگەن. ياپۇنىيە ۋاسېدا ئۇنۋىرسىتىتىمۇ دەرىسلىككە كىرگۈزگەن. كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى، ئەمۋاينىڭ ئىقتىسادى تۈزۈلمىسى نۇرغۇنلىغان ئالىي بىلىم يۇرۇتلىرنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشكەن. لېكىن بىر قىسىم كىشىلەر ئەمۋاينى << قانۇنلۇق شاخلىتىپ سىتىش>> دەپ قارايدۇ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئەمۋاينىڭ تۈزۈلمىسىنى بۇرمىلاپ تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەمۋايغا كىرىشنى خالايدىغان دوستلارنىڭ ئاقىلانىلىك بىلەن تەپەككۇر قىلىپ، ئەمۋاي شىركىتىنى، مەھسۇلاتىنى، تۈزۈلمىسىنى چوڭقۇر چۈشۈنۈپ، تەتقىق قىلىپ، ئۆزىگە ماس كىلىدىغان تەرەققىيات قوشۇنىنى تاللىشىنى، ئۆزىنى بىسىۋىلىپ يىراقنى كۆرەرلىك پوزىتسىيسىدە توغرا تەپەرككۇر قىلىشىنى ، تىز ھاياجانىلىنىپ كېيىن پۇشايمان قىلىدىغان قارار چىقىرىپ قويماسلىقىنى تەۋىسسىيە قىلىمەن.

4-شىركەتنىڭ ئەمەلىي كۈچى

ئەمۋاي شىركىتىنىڭ ئامرىكىدىكى ئورنىنى مۇبادا كومپىيوتېر كەسپى ئاتا بېگى بولغان IBM، ماشىنا ياساستىكى باشلامچى كارخانا GM بىلەن سىلىشتۇرغاندا، كۆلەم جەھەتتىن ھەقىقەتەن چوڭ پەرق بار. چۈنكى ئەمۋاي ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممسى كۈندىلىك ئىستېمال بويۇملىرى، تۆۋەن كىرىملىك ئائىللەرنىڭ شەخسى تۇرمۇش بويۇملىرى، ھەرگىزمۇ، كومپىيوتېر، ماشىنا قاتارلىق يۇقىرى ئىستىماللىق مەھسۇلاتلاردىن ئەمەس. مەشھۇر ئىقتىساد ژۇرنىلى << فوربىس (Forbes)>>  2008-يىلى ئامرىكىدىكى داڭلىق 100كۈچلۈك خۇسۇسى كارخانىنى رەتكە تۇرغۇزغان بولۇپ، ئەمۋاي شىركىتى 44-ئورۇنغا تىزىلغان.پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغىنى، 40يىلدىن بىرى ئەمۋاي شىركىتى ئامرىكىنىڭ ئىككى قىتىملىق ئىغىر ئىقتىسادنىڭ چىكىنىش تارىخىنى بىشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن تىجارەت ئۈنۈمى ئازىراقمۇ ئاجىزلىمىغان. ئىقتىساد كاساتلاشقان مەزگىللەردە IBM، OMgod  قاتارلىق شىركەتلەر ھەسسىلەپ خادىم قىسقارتقان، ئەمما ئەمۋاي شىركىتى ئەزەلدىن خادىم قىسقارتىپ باقمىغان، ھەتتا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت دائىرسى ئىزچىل مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلگەن.

نۆۋەتتە ئەمۋاي شىركىتىنىڭ مۇقىم مەبلىغى 37 مىليارد ئامرىكا دوللىرىغا يىتىدۇ.

ئەمۋاينىڭ ھەشەمەتلىك  گىران خۇادۇ (格兰华都) مىھمانسارىيىغا 60 مىليون ئامرىكا دوللىرى مەبلەغ سىلىنغان بولۇپ، 4 يۇلتۇز دەرىجىلىك ھەشەمەتلىك مىھمانساراي مىچىگان شىتاتىنىڭ سودا مەركىزىگە سىلىنغان، جەمئىي 29 قەۋەتلىك، 700 دىن ئارتۇق يۈرۈشلۈك ياتاقتىن تەركىب تاپقان.1981-يىلى تىجارەت باشلىغان، چىكاگو مۇنبەر گىزىتى ۋە مۆتىۋەرلەر گىزىتىدە ھۆرمەتلىنىپ تەشۋىق قىلىنغان ۋە ياخشى باھاغا ئىرىشكەن.

ئەمۋاي ئارىلىدىكى سەيلە كىمىسى كۇلۇبى، مەخسۇس دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇۋاپىقيەت قازانغان تىجارەتچىلىرىنى كۈتىۋالىدۇ.

10نەچچە مىليون ئامرىكا دوللىرى مەبلەغ بىلەن ياسالغان ساياھەت پاراخۇتى- <<كارخانا 5- نومۇر>> نەپىس ياسىلىش ۋە بىزىلىشى بىلەن مۇۋاپىقيەتشۇناسلارنىڭ ئارام ئالىدىغان، يىغىن ئۇيۇشتۇرىدىغان ئارامگاھىغا ئايلانغان.

داۋامى بار .......


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elham315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-27 01:36 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-29 10:30 PM):
تىمىنىڭ داۋامى 14، 16-بەتلەردە....

ھەقىقى جەسۇر بولۇش ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48523
يازما سانى: 1175
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 568 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2012-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 02:04:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھى ھى ھى...ئالدىنقى كۈنى بۇ ئوقەتنى بولمايدۇ دەپ يازما يوللىغانتى، قارىغاندا ئەمۋايچىدىن بىرەسى بۇنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئوخشايدۇ. داۋامى بارلىقىغا قارىغاندا خېلى ئۇزۇن ھېكايىدەك قىلىدۇ، قېنى بىردەم مۇنازىرە كۆرەيلى، زادى قايسى توغرا

ئاڭلا دۇنيا، مەن چوڭ بولدۇم! ياق سەن تېخى كىچىك، ئىمىزگەڭنى ئىمىپ جىم يات!...دەيدۇ ناتونۇش بىرى

ھەر ۋاقىت ھۇشيار

باش رەسىمى نىقابلانغان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24343
يازما سانى: 907
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8706
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 1408 سائەت
تىزىم: 2010-12-29
ئاخىرقى: 2013-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 02:12:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
يولۋاس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 854
يازما سانى: 600
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11222
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 5207 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 02:12:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئەمۋاينى دورىلىرى بىلەن كۆپ سوزلەيدىغان خادىملىرىدىن باشقا ،تازىلىق بۇيۇملىرى بەك ياخشى مەن دورىلىرىدىن 8-9خىلنى ئىچىپ ھىچقانداق ئۇنۇمىنى كۆرمىدىم.

سىز ئۇزىڭىزگە ئى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4687
يازما سانى: 1879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15140
تۆھپە نۇمۇرى: 544
توردا: 7423 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 02:14:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتامسىز قانداق.

رىۋايەت

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1987
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19149
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7469 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2013-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 02:21:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمۋاينىڭ سوپىننى چىڭ تۇتۇپ ئۆزى يەپ بىرىپ ساتقىننى كۆرگەن . بۇ خەقلەرنىڭ ئوتۇنى بولسا كىرەك . مەن قەتئىي پەرەڭلەرنىڭ نەرسىلرىنى ئىشلەتمەيمەن ....

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2655
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8641
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 2807 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2012-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 02:36:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامۋايچىلانىڭ ھەممىسى ئالدامچىلار .ئۇخلىماي چۈش كۆرۆپ ئەجىر قىلماي  باي

بولوشنى ئويلايدىغان،  خەلىققە ماددى ۋە مەنىۋى ئاپەت يەتكۈزىدىغان مىتە قۇرت خالاس.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78835
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3449
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2012-4-14
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 02:37:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە شۇ              ئەمۋي
ئادەم سەل زىركىپ قالامدۇ  نىمە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49411
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3312
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2011-7-28
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 02:42:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bodak010 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-27 02:14 PM
سىز تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتامسىز قانداق.

بۇ تەشۋىقات ئەمەس.
1.قارىسام توردا ئەمۋاي توغۇرلۇق ھەر خىل مۇنازىرلەر بولىۋىتىپتىكەن. ھەر بىرسىگە ئايرىم-ئايرىم ئىنكاس يىزىپ چۈشەندۈرەي دىسەم يىزىپ ئۈلگۈرمەيدىغاندەك ھىس قىلدىم ھەم بىر ئىككى ئىغىز سۆز بىلەن توغرا ئىپادىلەپ چۈشەندۈرگىلى بولمايدىكەن. شۇڭا ئايرىم تىما يوللاپ تورداشلار ئۆزلىرى ھىس قىلىۋالسۇن دىدىم.
2.رايۇنىمىزدىنمۇ مۇشۇنداق 50 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىغا ئىگە، شىنجاڭ، جۇڭگۇغىلا ئەمەس پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغان شىركەتلەردىن كۆپلەپ چىقىشىنى ئارزۇ قىلىپ ئايرىم تىما يوللىدىم.
3.بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئويلاپ ئىككىلىنىپ قالغان دوستلارنىڭ ئەمۋاي شىركىتىنى ئاددى كۆز بىلەن ئەمەس، ئىگىزدە تۇرۇپ ئەقىل كۆزى بىلەن كۆزىتىپ بىقىشىنى تەۋىسىيە قىلىش يۈزىسىدىن ئايرىم تىما يوللىدىم.
3. ئازغىنە كىشىلەرنىڭ ئەمۋاي كەسپىنى قىلىشنى ئويلاپ كىرىپ بىقىپ، ئۆزىدىكى تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئوخشىتالماي ئارقىسىدىن يامان گىپىنى قىلىپ، خاتا بۇرمىلاپ جەمئىيەتتە ئەمۋاي كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلماقچى بولغانلىقىنى كۆپچىلىككە ئازىراق بولسىمۇ چۈشەندۈرۈپ قويۇش مەسئۇلىيتىمىنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلىپ ئايرىم تىما يوللىىم.
ئۇنىڭدىن باشقا توردا تەشۋىقات قىلىش، بۇكەسىپكە باشقىچە كۆز قاراشتا بولىۋاتقانلارغا رەددىيە بىرىپ قارشىلىش...نىيتىم يوق. چۈنكى، بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى تاللاش شۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى. رىزقى بولسا مۇشۇ كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىپ كۆزلىگەن مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، بولمىسا باشقا ئىش بىلەن شۇغۇللىنىپ شۇنىڭدىن رىزقىنى تىپىپ يەيدۇ. جەمئىيەتتە بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ زور مۇۋاپىقيەتلەرنى قازانغان كىشىلەر ئاز ئەمەس. پەقەت ئۆزۈمنىڭ ھىس قىلىشى، ئازغىنە چۈشەنچەمگە ئاساسەن تىما يوللىدىم.  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78586
يازما سانى: 706
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13188
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 02:48:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە شۇ   ئەمۋي...........................................

دوست ئۈچۈن ئۆلۈش قىيىن ئەمەس،لىكىن .ئۆلۈشكە تىگىشلىك دوست تىپىش قىيىن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش