مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1491|ئىنكاس: 11

«يۇقىرى»غا ئەرز قىلغاندىن كۆرە، قانۇننى «ئۆزگەرتكەن» تۈزۈك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شىنجاڭ سىرىقبۇيا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17444
يازما سانى: 1279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13716
تۆھپە نۇمۇرى: 1120
توردا: 1977 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 10:56:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھازىرقى تۈزۈمدىكى «ئەرز -شىكايەت»نىڭ تەسىس قىلىنىشىدا مەسىلە يوق. مەسىلە دەل «يۇقىرىغا ئەرز قىلىش»تا. خۇددى ئامېرىكا يازغۇچىسى ھېللېرنىڭ «يىگىرمە ئىككىنچى سەربىي نىزام» ناملىق كىتابىدا يېزىلغىنىدەك: ئەرزىيەت خىزمىتىدىكى «يۇقىرىغا ئەرز قىلىش» تۆۋەندىكى ئەمەلدارلارغا «ئىشەنمەسلىك» تىن دېرەك بېرىدۇ، ئەمما بىزنىڭ ئەرزىيەت تۈزۈمىمىز بولسا ئەرز قىلغۇچىلارنى تۆۋەندىكى ئەمەلدارلارغا ئىشىنىشكە مەجبۇرلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەرز قىلغۇچىلار بىر -بىرىگە زىت بولغان مۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرايدۇ: يەنى ئەرز قىلىش ھوقۇقىڭىز بار، ئەمما «دەرىجە ئاتلاپ يۇقىرىغا ئەرز قىلىشىڭىز قاتتىق چەكلەنگەن.» ئەگەر يەنە داۋاملىق تۈرىدە «دەرىجە ئاتلاپ يۇقىرىغا ئەرز قىلىمەن» دەيدىكەنسىز، «ئەرزىيەت توسقۇنلۇقى» غا ئۇچرىشىڭىز تۇرغان گەپ.

بېيجىڭدىكى «ئەرز -شىكايەتچىلەرنى توسۇش ئەترىتى» ۋە ئۇلارنى توسۇۋېلىشقا ئالاقىدار مىساللار ئېغىزغا چىقىپ قالغىلى خېلى يىللار بولدى. بىراق، ئەمەلىيەتتە پەقەت ناھايىتى ئاز ساندىكى ئەرز -شىكايەتچىلەرلا بېيجىڭغا ئوقۇشلۇق بارالىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەڭدىن كۆپى يۇرتىدىن چىقمايلا «توسۇۋېلىنغان»، ھەتتا «مەجبۇرى تۇتۇپ كېتىلگەن.»

خېنەن ئۆلكىسىنىڭ نەنياڭ شەھىرىدىكى ناھىيە -يېزىلاردا، مۇنداق لوزۇنكىلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ: «قانۇنسىز ھالدا يۇقىرىغا ئەرز قىلغۇچىلارغا قارىتا: بىر قېتىم ئەرز قىلغانلار تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ، ئىككى قېتىم ئەرز قىلغانلارغا ئەمگەك بىلەن تەربىيە بېرىلىدۇ، ئۈچ قېتىم ئەرز قىلغانلار جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.» كۆپلىگەن دېلولاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇنداق سوئاللار قورقۇتۇپ قويۇش ئۈچۈنلا يېزىلغان ئەمەس، ئۇنىڭ ئەمەلىي مىساللىرىمۇ خېلى كۆپ.

شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ ئەرز -شىكايەتچىلەرنىڭ پايتەختكە بېرىشقەدىمى توختاپ قالغىنى يوق. يۇقىرىغا ئەرز قىلىشتىكى نېگىزلىك مەسىلە شۇ يەردىكى، ئەرزچى ئەمما بىر قىسىم يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، بۇنداق ئەمەلدارلار «يۇقىرىغىلا تەلمۈرۈپ، تۆۋەندىكى خەلق ساداسىغا قۇلاق سالمايدۇ، ھوقۇققىلا بېرىلىپ، قانۇنغا پەرۋا قىلمايدۇ،» ئەمەلدارلار ئۆزىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ. شۇڭا مەسىلە ھەل قىلىشتا، تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى ئىزدەش كېرەك. ھالبۇكى، يەرلىك ئەمەلدارلار بولسا يۇقىرىغا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرمەسلىك ئۈچۈن، شۇنداقلا بىر قانچە قېتىملىق ئەرز -شىكايەت تۈپەيلىدىن سىياسىي نەتىجىلىرىنىڭ يوققا چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەرزىيەتكە بارلىق ئاماللارنى ئىشلىتپ توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

بۇ، قارىماققا يېشىمى يوق تۈگۈنگە ئوخشايدۇ: يۇقىرىغا ئەرز قىلغۇچىلار بىلەن ئەرزىيەتكە توسقۇنلۇق قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۈشۈك بىلەن چاشقاننىڭ ئويۇنىدا، ئەرز -شىكايەتچىلەر ھەرخىل نىقابلار بىلەن يۇشۇرۇنۇپ، توسۇقتىن ئۆتۈۋېلىشقا تىرىشىدۇ؛ ئەرزىيەتكە توسقۇنلۇق قىلغۇچىلار بولسا، بەدەلنىڭ كۆزىگە قارىماي، كۈچلۈك قوشۇن بىلەن توسۇق قۇرۇپ ئۇلارنى كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ. بەزىدە، پايتەختكە يىراق جايلاردىن كېلىدىغان ئەرز -شىكايەتچىلەر كۆپىيىپ كەتسە، ئۇلار يېتىشىپ بولالماي نېمە قىلىشىنى بىلەلمەيلا قېلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، «ئەرزىيەتنى ۋاكالىتەن توسۇپ بەرگۈچى» شەخسىي شىركەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بېيجىڭ ئەنيۈەندىڭدىكى مەخسۇس ئەرز -شىكايەتلەرنى توسۇپ بېرىشنى ئاساسلىق تىجارىتى قىلغان بىر «ئامانلىق قوغداش شىركىتى» نىڭ 2008- يىلىدىكى يىللىق تىجارەت كىرىمى 21 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن. مۇشۇنداق بىمەنە رېئاللىق، ئاشۇنداق «ئەرز -شىكايەتلەرنى توسۇپ بېرىش شىركەتلىرى» نى داۋاملىق روناق تېپىش بوشلۇقىغا ئىگە قىلغان.

رېئاللىق شۇكى، جەمئىيەتتىكى تەبىقە ئايرىمىسى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، مەنپەئەت توقۇنۇشىنى ماسلاشتۇرۇش بارغانسىېرى قېيىنلىشىۋاتىدۇ.

مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىغا كەلسەك، ئەرزىيەت تۈزۈمىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەكمۇ ياكى قانۇن -تۈزۈمنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەكمۇ؟ باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، «يۇقىرىغا ئەرز قىلىش» كېرەكمۇ ياكى قانۇننى «ئۆزگەرتىش» كېرەكمۇ؟

قانۇن تۈزۈم جەمئىيىتىدە، قانۇننىڭ ئەڭ ئاخىرقى كېسىمى سوتچىغا باغلىق؛ ماجىرالار ئەڭ ئاخىردا يەنىلائەدىلىيە تەرتىپلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئەرزىيەت تۈزۈمى بولسا، بىر ئەرزىيەت قىلمىشىغا قارىتا ئەڭ ئاخىرقى قارار چىقىرىشھوقۇقىنى يۇقىرىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ قانداق ئارىلىشىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا باغلاپ قويىدۇ. ئۇنى دەپ بۇنى دەپ كېلىپ، ئاخىرى يەنىلا ئادەمنىڭ دېگىنى ھېساب بولىدۇ.

نەزەرىيە جەھەتتىن، ئەرزىيەت تارماقلىرى پەقەت «ئوتتۇرا بېكەت» لىك رولىنىلا ئۆتەپ، ھېچقانداق ئەمەلىي بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بولماسلىق كېرەك ئىدى. ئۇلارنى خىزمىتى بولسا، ئەرزىيەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىغا ياكى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا يوللاپ بېرىشلا ئىدى، خالاس.

بىراق، دۆلەت ئەرزىيەت ۋە ئەرزىيەت تۈزۈمى تەشۋىقاتىدا، ئۇنىڭ «ئوتتۇرا بېكەت» لىك ئورنىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن توختاپ قالماي، ئەرزىيەت خىزمىتى خادىملىرى قانداق قىلىپ ئەرز – شىكايەتچىلەرنىڭ «قىيىنىنى ئاسان قىلىشى» ۋە ئەمەلدارلار ئەرزىيەت تارماقلىرىغا كېلىپ يىغىلىپ قالغان دېلولارنى نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، دېگەندەك گەپلەر ئەرزىيەت خىزمىتى تەشۋىقاتىنىڭ ئاساسلىق مېلودىيەسى بولۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ، ئەرز -شىكايەتلەرنىڭ ئەرزىيەت ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىدىغان بىر كۆزنەك تەسىس قىلىنغان بولدى.

ئاتالمىش «قانۇنغا ئىشەنگەندىن ئەرز قىلغان ياخشى» دېگەن گەپنىڭ چىقىشىدا، بۇنىڭغا بىر جەھەتتىن ئەرز -شىكايەتچى ئاممىنىڭ ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسى ۋە تەپەككۇرى سەۋەب بولغان. شۇڭا، ئەرز -شىكايەتچى ئاممىنىڭ «ئەرز» قىلىشى، ئۇنىڭ «ئەرزىيەت تۈزۈمى» گە ئىشەنگەنلىكى بولماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ ئاخىرىدا سۆزلەپ قايىل قىلغىلى بولىدىغان بىرەر رەھبەرگە ياكى تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدىكىدەك ئۈلگىلىك ئەمەلدارلارنى تاپالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكىدىن بولغان.

ئەرز شىكايەتچى ئاممىنىڭ بۇنداق «ئوتتۇرا بېكەت» تىن ئۆتۈشى، ئالاقىدار تارماقلارنى تولىمۇ خۇشال قىلىدىغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى: ئەرزىيەت «مۇقىملىقىنى قوغداش» خىزمىتىدە سۇسلاشتۇرۇش بەلۋېغى ھاسىل بولغان ئىدى. بىراق بۇ ھەرگىزمۇمەسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىش ئۇسۇلى بولالمايدۇ.

شۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، رەھبەرلەردىن ئاممىنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلىش «ئەرزىيەت توسقۇنلۇقى» غا ئوخشاش بىمەنە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشقا پايدىلىق. رەھبەرلەرنىڭ ئەرز -شىكايەتچى ئاممىنى قوبۇل قىلىشى كۈچەپ تەكىتلەنسە، ئۇلار «بىرىنچى قول باشلىق» لار بىلەن يۈزتۇرا كۆرۈشەلىسە، بۇ، ئەمەلدارلارنىڭ ئاۋامنىڭ قايغۇ -ھەسىرىتىنى چۈشىنىشىگە پايدىلىق، شۇنداقلا يۇقىرىغا ئەرز قىلىنماقچى بولغان ئەرزىيەت دەۋاسىمۇ يەرلىكتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ قولىدىلا ھەل بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. شۇغىنىسى بۇنداق «ئەرزىيەتچىلەر يېشىل كارىدورى» نىڭ ھەمىشە ئوچۇق بولۇشى ئاسانغا توختىمايدۇ- «بىرىنچى قول» لار دائىملا شۇنداق ئالدىراش، ئەرزچىلەرنى كۈتۈۋېلىشنىمۇ ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ.

«رەھبىرىي كادىرلار» نىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى نامى بىلەن قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە ئەدلىيىگە ئارىلىشىۋېلىشى يەنە بىر قاتار يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. رەھبىرى كادىرلار ئېھتىمال ئاممىنىڭ ئەرزىنى ئايدا ئاران بىر قېتىم قوبۇل قىلىشى مۇمكىن، ئەمما كۈندە دېگۈدەك زىياپەت ئۈستىلىدە «ھوقۇقدارلار ۋە بايۋەتچىلەر» نىڭ «زىيارىتى» نى قوبۇل قىلىشتىن خالىي بولالماسلىقى مۇمكىن. ئوخشاش بىر يازما ماتېرىيال، ئوخشاش بىر رەھبەرنىڭ تەستىقىغا دۇچ كەلگەندە، قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارۋە ئەدلىيە خادىملىرى بۇنىڭغا قانداق پوزىتسىيىدە بولار؟شۇ تۈپەيلى كېلىپ چىققان قانۇن ئىجرا قىشتىكى ئادالەتسىزلىك، كېيىنكى نۆۋەتلىك يۇقىرىغا ئەرز -شىكايەت قىلىش بىلەن ئەرزىيەتكە «توسقۇنلۇق» قىلىشلارنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

بۈگۈنكى ئنتېرنېت تورى دەۋرىدە، يۇقىرىغا ئەرز – شىكايەت قىلغۇچىلار بىلەن ئەرزىيەتكە «توسقۇنلۇق» قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ «ئويۇن»، تورغىمۇ سىڭىپ كىردى. توردا ئەرز -شىكايەتنى توسۇش (ئاساسى ئالاھىدىلىكى ئۆچۈرۈش ۋە چاپلاشتىن ئىبارەت)، پايتەختتىكى «ئەرز -شىكايەتچىلەرنى ۋاكالىتەن توسۇپ بېرىش» قا قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ بازارغا ئىگە بولدى. بۇنداق غەيرىي بازارنىڭ ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئەرزىيەت تۈزۈمى ۋە ئەرزىيەت تەشۋىقاتى ئۈستىدە قايتىدىن مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىشتىن سىرت، يەنە ئەمەلدارلار بىلەن خەلقنىڭ مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش، ھوقۇقنى مۇۋاپىق يۇسۇندا تەڭشەش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلامدىكى كۆپ مەنبەلىك ئاساسىي قاتلام تالاش -تارتىشلىرىنى ھەل قىلىش مىخانىزىمىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك.

يەرلىك ئەمەلدارلار ئاۋام خەلقتىن ئەيمىنىدىغان قانۇننىڭ ھۆرمىتىنى قىلىدىغان بولغاندا، ئاۋام يۇقىرىلاپ ئەرز قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمىغانلىقىنى ئۆزلۈكىدىنلا ھېس قىلىپ قالىدۇ.




ۋاڭ لىن ئىمزالىقىدىكى بۇ يازما «فىليەتونلار ئايلىق ژۇرنىلى» نىڭ 2010- يىللىق 11- سانىدىن ئاسىمجان ئابلىمىت تەرجىمە قىلغان. تىلىماچ: خېجىڭ ناھىيەلىك رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدا.

كۆيۈپ قېلىپ  ئۇنتۇش ئاسان بولغىنى بىلەن، كۈنۈپ قېلىپ  سەۋەپسىز ئايرىلىشنىڭ  قانچىلىك  ئازاپلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟؟؟

ھەر ۋاقىت ھۇشيار

باش رەسىمى نىقابلانغان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24343
يازما سانى: 1259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8708
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 1408 سائەت
تىزىم: 2010-12-29
ئاخىرقى: 2013-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 02:06:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
يولۋاس
قەبرە بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 02:11:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەپۇچانلىك _ گۇزەل ئەخلاق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14852
يازما سانى: 947
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15636
تۆھپە نۇمۇرى: 1724
توردا: 6166 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 05:32:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە بۇ ئەرزىيەت ئىدارىسى دىگەن ئۇرۇن  -__ قانۇننىڭ مۇكەممەل بولماسلىقىنىڭ ھەم قانۇننى توغرا ،ئادىل ئھەق ئىجىرا قىلماسلىقتىن كىلىپ چىققان مەسھۇلات .   ئەرزىيەتچىلەرنىڭ نۇرغۇن ئىشلىردا ئەسلىدىنلا تايىندىغان قانۇن بار بولسىمۇ ئۇ قانۇن ئادىل توغرا ئىجرا بولمىغان .شۇڭا  بۇ يولغا مېڭىشقا مەجبۇر بولغان .    قانۇننى مۇكەممەلەشتۇرۇش ۋە ئىشلارنى قانۇن يۇلىغا كىرگۇزۇپ بۇلۇشقا  دۆلىتىمىزدە خىلى بىر مەزگىل ۋاقىت كىتىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا يەنىلا بەزى ئىشلارنى بىجىرىش تەس ،شۇڭا مۇكەممەللىشىپ بۇلالمىغان دۆلىتىمىز   بىر مەزگىلگىچە ئەرزىيەت ئىدارىسى دەيدىغان ئوتتۇردا قالغان نامۇۋاپىق ئۇرۇننى تەسىس قىلدۇ .   بۇ مىنىڭ قارشىم .  مەنمۇ بەك ئۆچ بولدۇم بۇ يۇزى قېلىن ئىجىرا بولمايدىغان قانۇنلارغااااااااااااااااااا

دوستلۇق _ مەڭگۇلۇك تىما ، دوستلار ئۆز-ئارا خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بۇلغۇچىلاردۇر ،  ھەم ئۆز-ئارا قايغۇھەسىرەتنى تۇگتىشكە ھەمرا بولغۇچىلاردۇر .
،،.دانىشمەن دۇشمىنىمدىن  قۇرقمايمەن ،لىكىن ئىتتەك دوستۇمدىن قورقىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 06:05:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە قانۇننىڭ مۇكەممەل بولىشى ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت كىتىدۇ.چۈنكى جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئىچىنىشلىق تارىخى تىخى يىقىنقى مەزگىلدە بىسىقىپ ئەمدى قۇرسىقى تۇق،كىيىمى پۈتۈن بولۇپ پۇل تىپىشقا يۈزلەندى،ئۇلار تىخى تارىخى مەسئۇلىيتىنى ئۇنۇتقىنى يۇق،قانۇنمۇ ئادەمنى ئاساس قىلىدۇ.ئەلۋەتتە ئادەممۇ ئۆزىدىكى رىئاللىقنى كۆرۈپ يىتىشى كىرەك.كىشىلەردىكى ئۆز ئارا ئىشەنمەسلىكمۇ بىر مەسىلە.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 965
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2084 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 09:01:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كۈندە دىگۈدەك قانۇنغا ئائىت كىتابلارنى كۆرىۋاتىمەن ،بىلمىدىم كىتابتىكى ئۇ قانۇنلارقاچانلاردا ئۆز ئەينى بويىچە ئېجرا بولاركىن

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!قۇدرەتلىك مېھرىبان اللەھىم ئۆزۈڭنىڭ ھالال نىئمەتلىرى ئارقىلىق مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن.https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (6).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79243
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3127
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-4-23
ئاخىرقى: 2012-6-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 11:48:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
awatbag يوللىغان ۋاقتى  2012-4-27 09:01 PM
مەن كۈندە دىگۈدەك قانۇنغا ئائىت كىتابلارنى كۆرىۋاتىم ...

ۋاقتى  كەلگەندە  ماۋۇ جىنايەت ماۋۇ قانۇنننىڭ پالانى ماددىسىغا خىلاپ بولىدىكەن ،مۇنداق جازالىنىدىكەن دەپ ئىسپات بىلەن كىرسىڭىز .........................نەتىجىسى  نۆل  بولىدىكەن

چىن  يۈرىكىمدىن  چىقىرىپ  كۈلۈپ  باقسام  دەيمەن..........................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64487
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3745
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 1300 سائەت
تىزىم: 2011-11-11
ئاخىرقى: 2014-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 01:54:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئەرزىيەت ئىدارىسى دىگەن يەردە ، كالىنڭ پىشماس يەرلىرنى يەپ چوڭ بولغانلار ئشلەمدىكىن ، بىرەر مەسلىنى ئنكاس قىلىپ بارسىڭز ئەتە -ئوگۇن كەل دەپ ئاخىرىدا تولا يول ماڭدۇرۇپ زىرىكتۇرۋىتىدۇ ئادەمنى ، ئەرىز قىلپ خېلى يەرگىچە بېرپتىمەن ،ئىشىم ھەل بولمىسىمۇ تازا  يۇغان ( نول ) دىن بىرنى ئەكىلپ بىرپتىمەن ، ماۋۇ  بىگز تىقسا قانمۇ چىقمايدىغان لەنەتتەككۇرلەرگە، پارتىيە -ھوكومەت بەرگەن مائاشنى  ئېلىپ ئاممىنڭ دەردىنى تىڭشىمايدىغان تۇزكورلار،،،،،،،،،،بېرپ  پادا باقسىچۇ،،،،،،،،،،

ياردەم مەزمۇنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10000
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3398
تۆھپە نۇمۇرى: 690
توردا: 777 سائەت
تىزىم: 2010-9-11
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 06:33:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىھقان بولماق تەس دىگەن ئاۋازلىق ئەسەرنى ئاڭلىمىغانلار يوق . قالدىسىنى ....................

قوقۇنۇشلۇق ئەسەرلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلارنى قارشى ئالىمىز
wehime.net

شىنجاڭ سىرىقبۇيا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17444
يازما سانى: 1279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13716
تۆھپە نۇمۇرى: 1120
توردا: 1977 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 03:02:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەبرە يوللىغان ۋاقتى  2012-4-27 02:11 PM
بۇرۇن يوللانغان تېىمىغۇ بۇ  .
مانا ئادىرىسى ________________http: ...

كەچۈرسىز مەن كۆرمەپتىكەنمەن بەلكىم يەنە كۆرمىگەنلەرمۇ بولىشۇ مۇمكىن

كۆيۈپ قېلىپ  ئۇنتۇش ئاسان بولغىنى بىلەن، كۈنۈپ قېلىپ  سەۋەپسىز ئايرىلىشنىڭ  قانچىلىك  ئازاپلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟؟؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش