مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1210|ئىنكاس: 17

كونا تۈگمەن رىۋايىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 373
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13025
تۆھپە نۇمۇرى: 1769
توردا: 6375 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 12:20:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كونا تۈگمەن رىۋايىتى

-«پۇقرالىق ھوقۇقى ھەققىدە ھېكايىلەر»نىڭ داۋامى


بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. شاھ ئوردىسىنى كۆچۈرمەكچى بوپتۇ. يېڭى ئوردا-قەسىر سالدۇرۇپتۇ. ۋەزىر-ۋۇزرا، تۈمەنلىگەن نەۋكەر-لەشكەرلەر بىلەن يېڭى ئوردىنى كۆزدىن كۆچۈرۈشكە بېرىپتۇ. پادىشاھ يېڭى ئوردىنىڭ ئەڭ ئېگىز راۋىقىغا چىقىپ ئەتراپقا نەزەر تاشلاپتۇ. پاھ، رەڭگا-رەڭ گۈل-چېچەكلەر، ئېقىپ تۇرغان سۈزۈك سۇلار، نەقىشلىق ئىمارەتلەر، يېشىل ئوت-چۆپلەر... پادىشاھ گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھوزۇرلىنىۋاتقاندا، ئوردا سېپىلىغا يېقىن جايدىكى كونا تۈگمەننى كۆرۈپ كەيپى ئۇچۇپتۇ.

-چېقىپ تۈزلىۋېتىڭلار،- بۇيرۇپتۇ پادىشاھ.

«باش ئۈستىگە» دېگىنىچە بىرمۇنچە نەۋكەرلەرنى باشلاپ كەتكەن ۋەزىر بىردەمدىن كېيىن قايتىپ كېلىپ دەپتۇ:

-شاھ ئالىيلىرىغا مەلۇم بولغاي، كونا تۈگمەننىڭ ئىگىسى تۈگمەنچى بوۋاي چېقىشقا ئۇنىمايدىكەن.

-سېتىۋېلىپ چېقىڭلار،-دەپتۇ پادىشاھ.

ۋەزىر بىردەمدىن كېيىن قايتىپ كېلىپ دەپتۇ:

-شاھ ئالىيلىرىغا مەلۇم بولغاي، تۈگمەنچى بوۋاي تۈگمەننى ساتمايدىكەن.

-قانچە پۇل دېسە، شۇنچە پۇل بېرىڭلار.

-ئالىيىلىرىغا مەلۇم بولغاي، تۈگمەنچى بوۋاينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئاتامىراس تۈگمەن ئىكەن، پۇل ئەمەس، ئالتۇنغىمۇ ساتمايدىكەن.

-مۇتەھەم!- پادىشاھ دەر-غەزەپ بوپتۇ. نەۋكەر-لەشكەرلەرنى كونا تۈگمەننى چېقىشقا بۇيرۇپتۇ، قارشىلىق قىلسا نەقمەيداندا كاللىسى ئېلىنسۇن، دەپ پەرمان چۈشۈرۈپتۇ.

كونا تۈگمەن ھەش-پەش دېگىچە چېقىپ تۈزلىنىپتۇ. نۇرغۇن ئادەملەر توپلىشىپتۇ، ئادالەت نەدە قالدى دېيىشىپ غۇلغۇلا قىلىشىپتۇ. تۈگمەنچى بوۋاي يىغلاپ يالۋۇرماپتۇ، تۈگمەننى چېقىۋاتقانلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ يېتىۋالماپتۇ، قارشىلىق قىلماپتۇ. يۇرتداشلىرىغا:

- پۇقرانىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقى دەخلىسىزدۇر. پۇقرامۇ، پادىشاھمۇ قانۇن ئالدىدا باپباراۋەر، ئەلنى قانۇن ئىدارە قىلىدۇ.  ئادالەت ۋە قانۇن بولغان ئەلدە قانۇن بىلەن ئوينىشىپ، پۇقرانىڭ ئۆيىنى مەجبۇرىي چېقىپ، جىنايەت يولىغا ماڭغان ناكەس ئەمەلدارلار جاجىسىنى يەيدۇ...ئالەمدە ئادالەت تۈگەپ كەتكىنى يوق، پادىشاھ ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلىمەن، دەپتۇ.

يۇرتداشلار دېيىشىپتۇ:

- پادىشاھنىڭ قىلغىنى قانۇنغا مۇخالىپ.

- ئۇ دېگەن پادىشاھ تۇرسا.

- پادىشاھ بولسىمۇ ئاۋام-پۇقرانىڭ ھەق-ھوقۇقىغا چاڭ سالسا بولماس.

- پادىشاھ قانۇننى بۇزسا، ئەلدە ئەمىنلىك بولامدۇ؟

- پادىشاھ بولسىمۇ ئەرز قىلىش كېرەك!

تۈگمەنچى ئەرز سۇنۇپتۇ. سوت ئېچىلغان كۈنى نەچچە مىڭ ئادەم سوتنى ئاڭلاشقا كەپتۇ. پادىشاھ سوتقا كەلمەپتۇ. دەرقەمسىز سوت بوپتۇ.

تۈگمەنچى ئەرزىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، سوتنى ئاڭلاپ تۇرغان كىشىلەر:

-پادىشاھ تۆلەم بەرسۇن،- دەپ چۇقان ساپتۇ.

سودىيەلەر كېڭەش قىپتۇ. «سودىيەنىڭ پادىشاھى-قانۇن»، ئادالەت ئۈچۈن بېشىمىزغا كەلگىنىنى كۆرەيلى، دېگەن ئىرادىگە كېلىپ، پادىشاھنى تۈگمەننى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشكە ھۆكۈم قىپتۇ.

ئادىل ھۆكۈمدىن ھاياجانلانغان ئادەملەر غەلىبە تەنتەنىسى قىلىشىپتۇ.

پادىشاھ ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، مەن قانۇننى مەنسىتمىسەم، ئاۋام مېنى مەنسىتمەيدىكەن، مەن قانۇنغا قارشى ئىش قىلسام، ئاۋام ماڭا قارشى چىقىدىكەن، دېگەننى پەملەپتۇ-دە، ھۆكۈمنى ئىجرا قىپتۇ. چېقىلغان كونا تۈگمەن ئورنىدا يېڭى تۈگمەن پەيدا بوپتۇ.

پادىشاھ بۇ دەۋاغا ھۆكۈم چىقارغان سودىيەلەرگە قايىللىقىنى بىلدۈرۈپ: سىلەردەك ئادىل سودىيەلەر پۈتكۈل ئەلنىڭ بەختى، دەپتۇ.

باشقا بىر ئەلدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان كونا تۈگمەن دەۋاسى بولغان ئىكەن، ئوخشىمايدىغىنى، سودىيەلەر ھۆكۈم قىلىپ بولۇپ، مەنسەپ قالپىقىنى چۆرىۋېتىپ، بەدەر تىكىۋەتكەنمىش، پادىشاھ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغانمىش...

ئابلاجان تۇردى تەييارلىغان



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   noshirwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-27 12:30 AM  


hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 01:08:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئوماق قوزام!!!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1917
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9902
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 549 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 01:18:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرىنجى ئەلنىڭ پادىشاھسى ئادىل ، ئىككىنجى ئەلنىڭ پادىشاھسى زالىم ئىكەن ئەمىسە

ئىزدىمىگىن گۈزەللىكنى ھەر ياندىن ، گۈزەللىك ئۆز قەلبىڭدە...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5782
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 01:21:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن !

jarulla77 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 01:49:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2413
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7195 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 02:14:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداقلا بولمىسۇن پادىشاھمۇ پايدا ئاپتۇ، پادىشاھنى بىئارام قىلغىنى ئەسكى تاملىق تۈگمەن ئىدى. بەلكىم كىيىن سېلىپ بەرگەندە چىرايلىقراق، بىئارام بولمىغۇدەك  قىلىپ سېلىپ بەرگەندۇ .

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.
loituma بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 02:22:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78393
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3108
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2013-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 03:43:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بىزنىڭ  تۇرمىشىمىزدىن  5000يىل  يىراقلىقتىكى  ئىشلاركەنغۇ  بۇ   ...  لېكىنغۇ  قىلىمىز دېسەك  قىلغىلى  بولاتتى  لېكىن  شۇ ...   

骑着狼 放着羊 唱着歌 耍流氓

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78659
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3075
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2012-4-11
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 08:12:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاھاندا قانداقمۇ  ئادالەت قالدى دەيسىز..................ھەي  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14351
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8034
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 08:54:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaqurallah يوللىغان ۋاقتى  2012-4-27 08:12 AM
جاھاندا قانداقمۇ  ئادالەت قالدى دەيسىز..................ھەي  {:1 ...

دۇنيادا پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدىغان ئىشلار كوپ ،لىكىن ھازىر شۇنداق ئادەملىرىمىز بارمىكىنتاڭ ھەي......؟

ئاشىق يۈرەك
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش