ئاياللار كۆپىنچەھاللاردا ئۆزىنى يىغىغا زورلايدۇ، ئۇلار شادلىق ئۈچۈنمۇ يىغلايدۇ، تارتقان دەرت-ھەسرەتلىرى ئۈچۈنمۇ يىغلايدۇ. بەزىدە يىغلاش ئۇلارغا يىنىكلىك ئېلىپ كىلىدۇ.ئۇلارنىڭ ئىچ- ئىچىدىن چىققان ئۇھلىرى ھىسابىغا ۋۇجۇدى يىنىكلەپ قالغاندەكبىلىنىدۇ. ئۇلار بىشغا كەلگەن دەرت- ئەلەملىرىنى ۋۇجۇدىدىن چىققان كۆز ياشلىرىبىلەن يۇغۇرۇپ، بۇلاقتەك كۆزلىرىدىن تۆكۈلگەن چەشمىلەرگە قوشۇپ ئازاپتىن خالاسبولۇشقا تىرىشىدۇ، بەلكىم كۆز- يىشىغا زورلاش اللا ئىگەمنىڭ ئاجىز- بەندىلىرىگەھەسرەت- نادامەتتىن يىنىكلەش ئۈچۈن ئىلتىپات قىلغان ، پەقەت ئاياللارغىلا خاسئالاھىدىلىكى بولسا كىرەك. شۇڭا كۆپىنچە ھاللاردا ئاياللار كۆز- يىشىغا زورلايدۇ.
بىز ياشاۋاتقان بۇدۇنيا ئادەمنى ئېزىقتۇرغىدەك دەرىجىدە شۇنداق رەڭدار ئالەم.ئۇ ئۆزىنىڭ راس- ھەميالغان بوياقلىرى بىلەن ئادەملەرنىڭ چىرايىغا رەڭ بىرىدۇ. ئۇنى قۇياش نۇرىدانۇرلاندۇرىدۇ. بۇ نۇرلار كىشىنىڭ قەلىپ ئەينەكلىرىدىن ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ ھەرخىلغەرەز يوشۇرۇنغان يۈرىكىنى نىقاپلايدۇ. رەڭگارەڭ ھاياتتا ئەنە شۇ نىقاپ تۈپەيلىنۇرغۇنلىغان ئادەملەر ئالدىنىدۇ، ئازىدۇ، كىشىلەرنىڭ " ئازماس اللا " دېگەنلىرىمۇشۇنىڭغا قارىتىلغانمىكىنتاڭ.
تەغدىر- قىسمەتدىگەن ئەنە شۇنداق رەھىمسىز، ئۆلۈم تېخىمۇ رەھىمسىز ۋە قورقۇنۇچلۇق. ئۇ سىنىڭياخشى كۆرگەن ئادىمىڭنى ۋاقتى يەتتى- يەتمىدى دىمەي، سېنىڭدىن تارتىۋالىدۇ.ئەسلىدە ئۆلۈم ئۇنچىۋالامۇ قورقۇنۇچلۇق ئەمەس، بەلكى ياخشى ئادىمىڭدىن، سادىقسەمىمى ھەمرايىڭدىن، بىر ئۆمۈر نەپەسلىرى بىر- بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن ئىچكۆيەرىڭدىن ئايرىلىش ئەڭ قورقۇنۇچلۇقتۇر.
رەھىمسىز تەغدىر سەنياخشى كۆرگەن، سەن ئارزۇلىغان، سەن ئەتىۋارلىغان، سەن ئۈچۈن دۇنيادىكى ھەممەنەرسىدىن قىممەتلىك بولغان نەرسىلىرىڭنى قانداقتۇر بىر يوللار بىلەنتارتىۋالىدىكەن. ھەم روھىي - دۇييايىڭنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىۋىتىدىكەن. شۇنداقلاقەلبىڭدە ساقايتۇۋالغۇسىز جاراھەت پەيدا قىلىدىكەن. ھەم بۇ جاراھەت تۇيدۇرماستىنھايات مۇساپەڭنى قىسقارتىدىكەن.
جىسمانىم كۈچۈميوقالدى، روھى كۈچۈم ئاران- ئاران ئۆزىنى ئاڭقىرالىغۇچىلىك ئەس- ھوشىغا ئەسىرلىكبىلەن ئېرىشەلىدى. تۆلىگەن بەدەللىرىم چەكسىز، يۈكۈم ئاجايىپ ئېغىر، مەن قاتتىقھالسىراپ كەتتىم. ئۆزۈمدىكى بۇ ھارغىنلىقنىڭ ئېغىر ۋەزنىنىمۇ مۆلچەرلەشكە ئاجىزلىققىلىمەن.... قاچانغىچە بېلىمنى رۇسلىيالماي، قەددىمنى تىكلىيەلمەييۈرۈيدىغانلىقىمنى بۈلمەيمەن. جاسارىتىمنى ئەسلىدىكى بۈيۈكلۈك روھى قاتلىمىدىكىجۇشقۇنلۇقۇمنى، تەپەككۈرۈمنى، نېرۋا سۈزۈكلۈكۈمنى ئىزدەپ تاپالىشىم مۇمكىنمۇ؟بىلمەيمەن، بىراق مەن ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويۇشنى خالىمايمەن. ئەمما مەن چەكسىزھارغىنمەن. روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن تەسۋىرلىگۈسىز ئاجىزلاپ كەتتىم. ئەقلىكۈچۈم، نېرۋام ئاجىزلاپ كەتتى. تۇرمۇش مىنى قوينىغا ئالمىدى.
ئىرادىلىك ئادەم يۇلغۇنغا ئوخشايدۇ. جۇدۇن- چاپقۇندا ئېگىلىدۇ، يۇلۇنمايدۇ. ئۇسسۇزلىققا چىدايدۇ. ئىرادىسىز ئادەم قورايغا ئوخشايدۇ، گۈررىدە كۆيىدۇ، بىردەمدە ئۆچىدۇ. ئادەم قورايدەك ياشىماي يۇلغۇندەك ياشىشى كىرەك.
كوچىغا چىققان ئادەملەرنىڭ مەقسەت- مۇددىئالىرى ئوخشىمايدۇ. بىرلىرى قىسمىتىدىن يىغلاپ چىقىدۇ، بىرلىرى رازى بولۇپ كۈلۈپ چىقىدۇ، بىرلىرى بىرىنى كۆزلەپ چىقىدۇ، بىرلىرى بىرىدىن قېچىپ چىقىدۇ، يەنە بىرلىرى مال-دۇنيا يىغقىلى چىقىدۇ، يەنە بىرلىرى چاچقىلى چىقىدۇ.
ھايات تەغدىر قىسمەت ئاجايىپكى: شۇ تۇرقىدا بەزىلەر تاتلىق ئۇيقىدا، بەزىلەر ئېغىر قايغۇدا، بەزىلەر يىغا بىلەن سەكپارە، بەزىلەر كۈلكە بىلەن شادىيانە....... ئادەملەر تۇرمۇشنىڭ ھەم تاتلىق ھەم ئاچچىق قاينىمىدا ياشايدۇ، بۇ يولدا ئىنسان نۇرغۇن توسالغۇ، ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرايدۇ. ئۈمىدلىك ئادەم ھەر قانداق توسالغۇ، ئوڭۇشسىزلىقلارنى يىڭىپ كىتەلەيدۇ. كىشى ئۆز مەقسەت- مۇددىئاسى يولىدا كۈرەش قىلمىسا، ياشاشنىڭ نىمە مەناسى قالىدۇ؟
ھەي تەڭشەلمىگەن جاھاندە بۇ، باي كەمبەغەل دەپ ئايرىۋاتىمىز بىر- بىرىمىزنى ئوخشاش ئادەم تۇرۇپ،يەنە بەزىلىرىمىز ھاۋادا ئۇچساق، يەنە بەزىلىرىمىز توپا يولدا ماڭىمىز.
جەمىيەتتە مۇھەببەت بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكىدەك ساپ بولمىغاچقا،ئادەملەرنىڭ بىر- بىرىنى ئالدىشى كۆپىيىپ كەتتى. كىشىلەر ئارىسدا شامالنىڭ چىقىشىغا، سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش تۇتىدىغان، ئەمەل، يۈز- ئابروي ۋە ئۆي زىمىنىنى يۇقىرى بىلىدىغان ھالەت شەكىللىنىشكە باشلىدى.شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئارىسدا توي قىلغان بولسىمۇ، بەخىتلىك بولالمىغان كىشىلەر كۆپەيمەكتە.
مۇھەببەت ئالدىدا يىڭى كۆڭۈل ، كونا كۆڭۈل، جىڭ كۆڭۈل، جا كۆڭۈل دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت ئەمەس.
پۇل مال- دۇنيا ھوقۇق نۇرغۇن نەرسىلەرنى ۋەيران قىلىۋىتەلەيدۇ، ئۇزۇن يىللىق ئەر- خوتۇنلارنى، ئاتا- بالىلارنى، قېرىنداشلارنى، رەھىمسز،شەپقەتسىز دۈشمەنلەرگە، بىر- بىرىگە قان چىچىشقان رەقىبلەرنى قەدىناس دوسلارغا، سىناقتىن ئۆتكەن پاك ئەمەلدارلارنى، تويماس پارىخۇرلارغا، ئاجايىپ غورۇرلۇق قاتتىق سۆڭەك ئەرلەرنى، شەرمەندە ساتقىنلارغا ئايلاندۇرىۋىتەلەيدۇ، پەقەت بىرلا نەرسىگە كۈچى يەتمەيدۇ.ئۇ بولسىمۇ: چىن مۇھەببەت.
نامراتلىق ئىچىدە چوڭ بولغان كەمبەغەل بالىلىرى ئۈچۈن، دۇنيادا جاپا- مۇشەققەت دىگەن نەرسە يوق.
ئىنسان تۈرلۈك روھى ئاجىزلىقلاردىن خالى ئەمەس، ئۇ گاھى بىلىپ، گاھى بىلمەي ھەرخىل خاتالىقلارنى سادىر قىلىدۇ. لېكىن ئاددىيغىنە سەۋەنلىك، ھاياتتا خاتا ئېلىنغان بىر قەدەم، سىنى بارغانسىرى پاتقاققا سۆرەيدۇ. نەتىجىدە بۇلغىنىسەن، رەسۋا بولىسەن، پاسكىنلىشىسەن....ئاخىرى بىر كۈن سەسكىنىپ كەينىڭگە قايتىسەن، ئەمما كېچىككەن بولىسەن، ئەل- نەزىرىدىن چۈشىسەن، بۇ نادامەت بىر ئۆمۈر سىنى خۇن قىلىۋىتىدۇ..... شۇڭا ھەر كىشى ئۆز دىلىنى سەمىمى نىيەت نۇرى بىلەن بىزىشى كىرەك! ھاياتتا تۇراقلىق بولۇش- پەزىلەتتۇر. بۇر پەقەت غەيرەت ۋە سەۋىر بىلەن بولىدىغان ئىش.
مەنبە: خاتىرەمدىن ۋە كىتاپلار پارچىسىدىن ئېلىندى.