بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى
كۈرەش ،كۈرەش دەپ دائىما تىرىشىپ تۇرساق ،
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى .
ھەر قەدەمدە كونا تۇرمۇش بىلەن ئېلىشىپ تۇرساق ،
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى .
جاھانگىرلار يەر يۈزىدىن تامام يوقالسا ،
مەزلۇم ئەللەر يېڭى ھاياتتىن كەڭ يول ئالسا .
زادى تۈگىمەس سائادەتكە قەدەم قويسا ،
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى .
ئۆمەكلىشىپ مەزلۇملار بىلەن بىللە ئىشلىسەك ،
ھەقىقەتەن يېڭى يولغا راست كىرىشسەك .
باراۋەرلىك ئۇللىرىنى مەھكەم قۇرساق ،
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى .
يوقسۇل ،مىسكىنلەر ئەمدى تارتمىسا مۇشەققەت ،
«ئاھ ... نەيلەي ، قىسىلدىمغۇ » دىمىسە پەقەت ،
ئازادلىقتىن شۇلارغا ياغسا مىھىر- شەپقەت ،
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى .
ئېلىمىزدە ئىلىم مەرىپەت تىشىپ تۇرسا ،
دولقۇنلاپ ئۆزىمىزدىن ئېشىپ تۇرسا ،
خائىنلار يوللىرى كىسىلىپ تۇرسا ،
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى .
ھەر بىر يەردە زاۋۇت- فابرىكا ۋارقىراپ تۇرسا ،
تۆمۈر يولدا ئوت ھارۋىلار جارقىراپ تۇرسا ،
ھاۋا قۇشلىرى ئۈستىمىزدە غارقىراپ تۇرسا ،
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى .
قەھرىمان ياشلار ئەمدى تەييار تۇرسا ،
قەھرىمانلارچە ھەر بىر ئىشتا ھوشيار تۇرسا ،
قاراڭغۇ بۇلۇڭلارغىمۇ چىراقلار يىقىلسا ،
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى .
ئەسكى تۇرمۇش ھەر قەدەمدە ۋەيران بولسا ،
ئىستىبداتچى قارا كۈچلەر گۇمران بولسا ،
ئوقۇمىغان نادانلار ئەمدى ئىنسان بولسا ،
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى .
گۇرۇھ-گۇرۇھ زىيالىيلار قىلسا خىزمەت ،
ھەر بىر ئېغىر ئىشلارغا قىلسا جۈرئەت ،
پۈكسە كۆڭلىگە دائىما توغرا نىيەت ،
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى .
مىللەتچىلىك يىلتىزىنى يۇلۇپ تۇرساق ،
ھىقىقەت دەپ مەيدىمىزنى كىرىپ تۇرساق ،
جۇڭگۇنىڭ ئازادچى ئەللىرى بولساق ،
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى .
ھەر بىر ئىشتا ئەل خىزمىتىگە ئاساسلانساق ،
قۇرۇپ تىخنىكا ،ئىغىر ئىشنى ئاسھانلاتساق ،
تەرەققىيات يولىغا ئەزىز جاننى ئاتىساق ،
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى .
مۇتەللىپ سەن ھەقىقەتنى تارتىنماي سۆزلە ،
غەيرەت بىلەن قۇزغۇنلار يوللىرىنى تورا ،
بۇ يولدا ۋارقىرىساڭ ھەيۋەت بىلەن « ھۇررا »
بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى .
1938-يىل ئاپرىل ،غۇلجا
ئەمدى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئۆلمەس شىئىرلىرىنى ئۆزگەرتىپ نىمىمۇ قىلارسىلە ..
.gif)
.gif)
يەنە ياخشى تىما بۇپتۇ .لىكىن مەن شۇ ئۇلاق بازىرنى سەل ياخشى كۈرىمەن .شۇ بازاردا چىن لىق بار .ھەقىقى ساپ ئىنسانلارنى كۈرەلەيمەن .ياسالمىلىق يوق .ھەركىم ئۈزى خالىغاننى دەپ خالىغاننى قىلىدۇ ...