قىزىقارلىق تەغدىر
98-يىلىدىن باشلاپ مەكتەپ قوينىغا قەدەم قويغان بەزى تەلەيسىز گۆدەكلەرنىڭ تەغدىرى.
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا دۆلىتىمىزنىڭ يىزىدىكى مەكتەپلەرنى شەھەرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش سىياسىتى چىقتى ، شۇنىڭ بىلەن بىزدىن بىر قارار كېيىنكى ئوقۇغۇچىلار ناھىيىگە بىرىپ ئوقۇيدىغان بولۇپ،بىز ئاشۇ كىچىك يىزا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قارار ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ قالدۇق.
تولۇقسىزنى مۇۋاپىققىيەتلىك تاماملاپ ناھىيىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردىم . تولۇق 2- يىللىققا چىققاندا يىڭى دەرىس ئىسلاھاتى يولغا قويۇلدى ، يەنە شۇ بىزدىن بىر قارار كېيېنكى ئوقۇغۇچىلار يىڭې مائارىپ ئۇسۇلىدا ئوقۇپ بىزلەر كونا مائارىپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قارار ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ قالدۇق.
تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتىغا ئوقۇشقا كەلدىم . مانا ھازىر كەلگىلى ئىككى يىل بوپ قالدى . تەغدىر يەنە بىر قىتىم قىزىقارلىق چاقچاق قىلىدىغان ئوخشايدۇ. يىقىندا بىزنىڭ مەكتەپتە مىش مىش پاراڭلار ئاۋۇپ كەتتى . بىزنىڭ مەكتەپنى 9-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ پىداگوگىكا مەخسۇس كۇرىسى دەپ ئۆزگرىتمەكچىمىش . راسىتلا شۇنداق بولسا بىز يەنە شۇ شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قارار ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ قالىدىكەنمىز ..................
مۇشۇلارنى ھەر قىتىم ئويلىغىنىمدا بىر تەرەپتىن كۈلگۈم كەلسە يەنە بىر تەرەپتىن زارلىنىمەن . نىمىشقا دىسىڭىز ، ئاشۇ يتىمسىراپ قالغان ئانا مەكتىپىمنى ھەر بىر قىتىم كۆرگىنىمدە ئانىسىدىن ئايرىلغان قوزىدەك بولۇپ قالىدىكەنمەن. بىر ۋاقىتلاردا مۇشۇ كىچىككىنە مەكتەپنىڭ ئىللىق قوينىدا بالىلىقنىڭ ئاخىرقى مەۋسۇملىرىنى خۇشاللىق ئىلكىدە ئۆتكۈزگىنىمگە خۇش بولسام ، يۇرتىدىن ئايرىلىپ ياتاقتا يىتىپ ئوقۇۋاتقانلارنى ئويلاپ ئىچىم ئېچىشىدۇ.............
كەلگۈسىدە
يەنە بۇندىن كېيىن مۇشۇنداق تەغدىرنىڭ بىمەنە چاقچاقلىرىدىن نەچچىسى بار ، بۇنى ياراتقان ئېگەم ئۆزى بىلىدۇ .
مەنبە : ئۆز قەلىمىم