سۆيۇشكەن ئىدۇق بىز ئاشۇ چاغلاردا
كىپىنەك قۇغلاشقان گۇزەل باغلاردا.
ئەپسۇسكى ئەسلىمە بۇلدى شۇكۇنلەر
يۇرەكنى قالدۇرۇپ ئىغىر داغلاردا.
سۆيۇپسەن شۇنداقلا كۆزنى ياشلاشقا
كۆيۇپسەن شۇنداقلا ئوتقا تاشلاشقا.
ئەپسۇسكى سۆيۇشلەر بۇلدى ئۆكۇنۇش
مەجبۇرمىز كۆڭۇلنى ئەمدى ياتلاشقا.
شۇنچە زۇر ئۇمىدىلەر كۇتسەم سىنڭدىن
ئازاپقا سالساڭمۇ كەتمەي يىنىڭدىن.
ئەپسۇسكى بىلمىدىڭ قىلغانلىرىمنى
تەشۋىش يۇق شۇنداقلا كەچتىڭ مىنڭىدن.
يۇرەكتىن ساڭىلا قىلسام مەن ۋاپا
ئەقىدەم بىلمىدىڭ سالدىڭ سەن جاپا.
ئەپسۇسكى سىنىلا سۆيىمەن دىسەم
بۇلدۇڭغۇ ئۆزەڭچە ئۇرۇنسىز خاپا.
قىلغان شۇ ۋەدەڭدىن ئەمدى تاندىڭغۇ
ھەسەلدەك سۆزلىرىڭ تۆگدى ياندىڭغۇ.
ئەپسۇسكى باشقىنى كۆرۇپ شۇنداقلا
مىنڭدەك يايرىڭدىن ئەجەپ چاندىڭغۇ.
كۆزلىرىم ياشلىدىم قىلغانلىرىڭغا
يۇرەكنى لەختە قىلىپ تىلغانلىرىڭغا.
ئەپسۇسكى سۆيگۇممۇ كەچتى سىنىڭدىن
پۇشايمان يەرسەن شۇ قىلغانلىرىڭغا.
ھەرقانچەتارتىساممۇ سىنىڭىز ئازاپ
ئۆتەرمەن شۇنداقلا كۆڭلۇمنى ياساپ.
ئەپسۇسكى ساڭا شۇ قىلغانلىرىمغا
كۆزۇمدىن يۇتكىنە نامەرد ھەي كاززاپ.