مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1135|ئىنكاس: 4

كېچىككەن ئارمان ( ھېكايە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36126
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5160
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 1794 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 04:06:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كېچىككەن ئارمان

ھېكايە
سەئىدە زۇنۇنوۋا ( ئۆزبەكىستان )

ئۆزبەكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : ئېرپان




مانا بىر ئايدىن بۇيان خۇرشىدبەكنىڭ ئارامى بۇزۇلغان ئىدى. ماڭسىمۇ ، تۇرسىمۇ ئانىسىنىڭ مۇيۇس ، مېھرىبانلىق چىقىپ تۇرغان قاراشلىرى كۆز ئالدىدىن كەتمەيتتى. ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۆيگە ئەھۋال سوراپ كىرگەنلەر ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ تۇرغانمۇ قانداق ، ئۇلارنىڭ ئايىقى ئۇزۇلىشى بىلەن  قەلبىنى ئىزىدىغان بىر جىمجىتلىق ئىچىدە قالغاندەك بولۇپ قالغان ئىدى. ئانىسىنىڭ بۇلۇڭدىكى ئاشۇ كىچىك ئۆيدە گەپ – سۆز قىلماي ئولتۇرۇپ بەرسىمۇ بۇ ھۆيلىنىڭ ئاۋاتلىقى ئىكىنلىكىنى ئەمدى چۈشۈنۈپ يەتكەن ئىدى.
خۇرشىدبەك يېنىك خۇرسىنىپ قويغۇنىچە ئانىسى تۇرغان ئۆي تەرەپكە قارىدى. ئۆينىڭ دەرىزىسىمۇ ، ئىشىكىمۇ يېپىق تۇراتتى .ئۆينىڭ ھازىرقىدەك سۈكۈت ئىچىدە جىمجىت تۇرۇشىمۇ ئانىسىنىڭ مىجەزىگە ئوخشاپ قالغان ئىدى .
ئانىسى دائىم ئوغلىنى ئاياپ ،ئەندىشە بىلەن ياشايتتى . ھېچقانچان ئۆزى ھەققىدە ئويلىمايتتى. ئۇ ھەتتا ئانىسىنىڭ ئۆزىدىن بىرنەرسە ئېلىپ بەر دېگىنىنى ياكى پۇل – مال سورىغىنىنى بىلمەيدۇ .ئانا پەقەت بىر قېتىملا ئوغلىدىن ئوتۇنگەن ئىدى. ئۇ چاغدا ئانا ئۆز تىلى بىلەن ئەمەس ، دىلىدىن ، كۆزلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەمما ... خۇرشىدبەكنىڭ نەپەسلىرى قىسىلىدى. بۇ ئەسلىمىلەردىن قاچماقچى بولغاندەك ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى .   
ھۆيلىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئۇستەلدە ئوغلى تىك تۇرغانچە يېرىم تاۋۇزنى قوشۇق بىلەن ئويۇپ يەۋاتاتتى .
-    ئاستىراق يىمەمسەن – دېدى ئوغلىغا چىرايىنى پۇرۇشتۇرۇپ – نېمە شاپۇلدىتىپ يەپ كەتتىڭ .
بالا ئاتىسىغا بىر قاراپ قويدى –دە ، ئاغزىنى قوللىرى بىلەن سۈرتۈپ تامغا يولەپ قويغان ۋەلسىتىگە قاراپ ماڭدى
-    شاپىقىنى كىم ئالىدۇ ؟
بالا ئاتىسىغا بايىقى قارىشىدا يەنە بىر قاراپ قويدى- دە ، زەردە بىلەن كېلىپ شاپاقنى ئېلىپ ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىدى ، ئاندىن ۋەلسىپىتىنى يېتىلەپ كوچىغا چىقىپ كەتتى . ئاشخانىدا گاژ – گۇژ قىلىپ سەي قورۇۋاتقان ئايالى ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىمۇ ، دېرىزىدىن بېشىنى چىقىپ  قاراپ قويدى .
ھۆيلا ئىچى يەنە جىمىپ قالدى، دېكابىر  كىرىپ قالاي دېگەن بولسىمۇ ھاۋا يەنىلا ئىسسىق ئىدى ، تېخى تۈنجى قارمۇ چۈشمىگەن ئىدى. يەرگە ئاخىرقى غازانلار چۈشمەكتە ، ئاسماندا بىر تالمۇ بۇلۇپ يوق ئوچۇق ،تەبىئەتنىڭ ئۆزىدە دىلنى خىيالدەك ئۆزىگە مەھلىيا قىلغۇدەك بىر كەيپىيات بار ئىدى.
يازدا ئۇ ئايالى بىلەن دەم ئېلىپ ئايلىنىپ كېلىش ئۈچۈن بىرلا ۋاقىتتا رۇخسەت سوراپ دەم ئالدى. بۇ چاغدا شەھەردىكى بىر تونىشى بىر گەپنى دەپ كەلگەن ئىدى. ئۇ بلىرۇسسىيىگە ساياھەت قىلىپ بارغان ئىكەن ،بىر ئورمانلىققا بارغاندا بىر قەۋرىنى كۆرۈپتۇ ،قارىسا قەۋرىدىكى ئىسىم – فەمىلىسى ئۇنىڭ دادىسىنىڭكى بىلەن ئوخشاش ئىكەن .شۇ يەرلىكلەردىن سۇرۇشتۇرۇپتۇ ،بىر رازۋېتچىكنىڭ قەبرىسى دېيىشىپتۇ . بۇرۇن كىچىككىنە بىر تاش تاختىغا يېزىلغان خەت بار ئىكەندۇق، كېيىن شۇ يەردىكى ئاھالىلەر قەبرىنى كۆتۈرۈپ ياساپ ، ئىسمىنى مەرمەر تاشقا ئويغۇزۇپ ئورنۇتۇپ قويۇپتۇ . خۇرشىدبەك دادىسىنىڭ رازۋېتكا خادىمى بولغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدى.
كۈتۈلمىگەن بۇ خەۋەر ئۇلارنى خۇشال قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كونا دەرتلەرنى قوزغاپ قويغان ئىدى. كونا خاتىرىلەر قايتىدىن ئەسكە چۈشۈپ ھەممىنى دەكە –دۇكىگە سېلىپ قويغان ئىدى. ئېنىقىنى دېگەندە ، ئانا شۇنىڭدىن كېيىن ئويچان بولۇپ قالدى .ئانا بىر نەرسە دېيىشكە تەمشىلەتتى- يۇ ، دېيەلمەيتتى. بۇ چاغدا ئوغلى بىلەن كېلىنى ئىسسىق كۆلگە بېرىش تەييارلىقىدا ئىدى. بىر كۈنى چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ خۇرشىدبەكنىڭ كۆزى ئانىسىنىڭ مۇيۇش چىرايىنى كۆرۈپ ئويلۇنۇپ قالدى .
-    ئاپا ، بىز كەتسەك يالغۇرلۇقتا زېرىكىپ قالماسسىز ھە ؟   
-    قوشنىلار بار نىمىدىن زېرىكىمەن ؟
-    نەۋرىڭىزنى ئېلىپ قالغۇڭىز بارمۇ يا ؟ قانداق ئويلىغان بولسىڭىز دەۋېرىڭ .
-    نېمىشقا ئەمدى ؟ ھېلىمۇ ئۇ دائىم يېنىمدىغۇ – شۇنداق ، ئوغلى مومىسى بىللە تۇراتتى .دەرسىنىمۇ شۇ ئۆيدە تەكرارالايدۇ ، يېتىپ – قوپۇشىمۇ ئۇنىڭ يېنىدا ئىدى .
-    داداڭ مۇساپىر بولۇپ يالغۇز ياتقاندىمۇ دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم ، بالام – دېدى ئانىسى بىردەمدىن كېيىن – بۇرۇن خەۋىرىنى ئالالمىغان ئىدىم نېمە قىلىشىمنىمۇ بىلمەيتتىم .ئەمدى كۈچ – قۇۋۋۇتۇمدىن قالغاندا ئۇنىڭ خەۋىرى كەلدى.
ئارىغا بىردەم جىمجىتلىق چۈشتى . ئوغلى بىلەن كېلىنىنىڭ يولىنى توسقان بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ ، ئانا يەنە كۆڭلىدىكى ئېيتالمىدى .خۇرشىدبەك ئانىسىنىڭ نېمە ئويلاۋاقانلىقىنى سېزىپ تۇردى .يولغا تەييارلىق قىلىۋاتقان خوتۇنىنى ، دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ ئوتۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئويلىدى .
-    بولىدۇ – دېدى ئۇ ئانىسىغا تەسەللەى بەرمەكچى بولۇپ – سىزنى كېيىنكى يازدا چوقۇم ئېلىپ بارىمىز . مانا كېلىنىڭىز ئۆزى ئېلىپ بارىدۇ . شۇنداقمۇ ؟
تېلۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغان خوتۇنى شۇنداق دېگەندەك باش لىڭشىتتى. كېيىن قېينىئاپىسىنى خاتىرجەم قىلماقچى بولغاندەك :
-    مۇساپىر بولۇپ قالدى دېمەڭ ، ئاپا .ئادەملەر قاراۋاتقان بولسا ، قەبرىنى يوقۇتۇپ قويمايدىغۇ – دېدى .
-    ئۇلارغا بەرىكەت بەرسۇن – دېدى موماي شىۋىرلاپ .
-    بولىدۇ ، شۇنداق بېكىتەيلى، كېيىنكى قېتىملىق دەم ئېلىشتا چوقۇم بارىمىز – ئۇ بۇ قەتئىي قارارى بىلەن ئانىسىنى خۇش قىلماقچى بولغان ئىدى. لېكىن موماي غەلىتە بىر كۈلۈپ قويۇپلا لام – جىم دېمىدى .ئۇنىڭ ئادىتى شۇنداق ئىدى . بىرىگە ئاسان گەپ ياندۇرمايتتى ، بىرەر نەرسىدىن نارازى بولسىمۇ كىچىك بىر تىنىپ قويۇپ ئۇندىمەي جىم بولۇپ قالاتتى. بۇ قېتىممۇ شۇنداق قىلدى .بەلكىم ھېچكىمگە مۇھتاج بولمىغان ئاشۇ ياشلىق چاغلىرىنى ئەسلەپ ؛بەلكىم ئۆزىنىڭ كۈندىن – كۈنگە كۈچىدىن قېلىۋاتقانلىقىنى ، كېلەر يىل يازغىچە ئۆزىنىڭ بار – يوقلۇقىنى ئويلاپ ؛ھاياتتا مۇقەددەس ، كېچىكتۇرمەي تاۋاپ قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى چۈشەنمىگەن ئاشۇ ئىككى نادان ئۇستىدىن كۈلگەندۇر .
شۇنداق قىلىپ ئۇ نەۋرىسى بىلەن دەرۋازنىڭ كېسەكلىك تېمىغا يولۇنۇپ مۇڭلانغىنىچە قالدى ،خۇرشىدبەك خوتونىنى ئېلىپ ئىسسىق كۆلگە كەتتى .
خۇرشىدبەك بۇلارنى ئويلاپ ئىچى قاتتىق سىقىلغاندەك بولدى .خوتۇنى ئاشخانىدىن چىقىپ ئۇنىڭغا غەلىتە بىر قاراپ قويۇپ يېنىپ ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى .ئۇنىڭ يۈرىكى سىقىلىپ تۇرغان بولسىمۇ خوتۇنىنىڭ بۇ قىلىقلىرىنى  سېزىپ تۇردى. ئۇنىڭ ئىشتىن كېلىپلا ھۆيلىدا ئەلەڭلەپ يۈرگەنلىكىدىن خوتۇنىڭ ئاچچىقى كەلگەن بولسا كېرەك .ھازىر ئۇنىڭ قولىغا بىرەر ئىشنى ئالغۇسى ، بىرەرى بىلەن پاراڭلاشقۇسى كەلمەيتتى.
ئۇنىڭ ھېچكىم بىلەن خۇشى يوق كەيپىياتىنى بىلگەندەك كەپتەرلەر ئوغلى ئەخلەت چېلىكىگە تاشلاپ قويغان شاپاقنى بىپەرۋا چوقۇپ يەۋاتاتتى ،بىردەم – بىردەم باشلىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ قوياتتى.ئانىسى قىشىچە مۇشۇ كەپتەرلەرنى بېقىپ چىقاتتى .قار يېغىپ دان تېپىش قىيىن بولغان چاغلاردا ئاچ قالغان كەپتەرلەپ دۇگدىيىشىپ مۇشۇ ھۆيلىغا توپلىشاتتى.  موماي نان ئۇۋاقلارى ، ئاشقان - تاشقان تاماقلارنى ئۇلارغا تاشلاپ بېرەتتى ،كەپتەرلەرمۇ ئۇنىڭدىن قاچماي ئۇنىڭ ئايىقى ئەتراپىدا بىمالال دانلاپ يۇرۇشەتتى .
خۇرشىدبەككە كەپتەرلەرمۇ ئۆزىدەك يېتىم بولۇپ قالغاندەك بىلىندى . ئۇنىڭ بىردىنلا كەپتەرلەرگە دان بەرگۇسى كەلدى . ئۆيگە كىرىپ تەخسىلەرگە قارىدى، ئاشقان تاماقمۇ يوق ئىدى. ئۇ يېرىم پىيالە گۈرۈچ ئاچىقىپ شاپاق ئەتراپىغا سېپىپ بەردى .ئۇنىڭ بۇ نىيىتىدىن بىخەۋەر كەپتەرلەر ئۇنىڭدىن قورقۇپ پۇررىدە ئۇچۇپ كەتتى. ئاشخانىدىن چىققان خوتۇنىنىڭ كۆزى يەردە چېچىلىپ ياتقان گۇرۇچلەرگە چۈشتى.
-    ئېسىڭىز جايدىمۇ سىزنىڭ ، بۇلارنى گۇرۇچ بىلەن بېقىپ بولالامسىز . يولغىلا چېچىپ بەرگىنىڭىزنى كۆرۈڭ – خوتۇنى شۇنداق دېگىنىچە ئاچچىقى بىلەن سۇپۇرگىنى ئېلىپ چىقىپ گۇرۇچلارنى سۇپۇرۇپ بىر يانغا توپلاپ قويدى .ئۇ بىر خۇرسىنىپ قويۇپ نېرى كەتتى .ئۇنىڭ ئىچىنى تىت – تىت قىلىۋاتقان پۇشايماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى پەقەت ئۆزىلا بىلەتتى .ئانا مۇشۇ بىر تال بالىسىنى دەپ ئۆمرىنى يالغۇز ئۆتكۈزگەنلىكىنى،قانچىلىك جاپا تارتقانلىقىنى خۇرشىدبەك ئۆزىلا بىلىدۇ . ئەمدى ئۇ كۈنلەرنى قانداق ئۇنتىيدۇ ، بۇ كۈنلەرگە قانداق كۆنىدۇ .شۇنداق تاش يۈرەك ئادەملەر بولىدۇ،ئۇلار ئۈچۈن ھەممە نەرسە تولىمۇ ئاسان بىلىنىدۇ ،ئۇلا ئۈچۈن باشقىلارنى ئۇنتۇش ، باشقىلارنى سۆيۈش ھەم ئۇلارنى تاشلاپ كېتىش تولىمۇ ئاسان.ئۇلار كۆپ دىللارنى يارا قىلىدى – يۇ ، يەنە ھېچنىمە كۆرمىگەندەك خۇشال يۇرىۋېرىدۇ .ئاتا- ئانىدىن ئايرىلىش ، ئۇلارنىڭ يوقلۇقىغا كۆنۈش شۇنچە ئاسانمۇ ؟ بولۇپمۇ يۈرىكى پۇشايمان قىيناپ يۇرسە بۇ كۈنلەرگە كۆنمەك تېخىمۇ تەس بولىدىكەن .قېنى ئەمدى ، ھايات بولسىچۇ ،ئۇ پويىز بىلەن ئەمەس ، يەلكىسىگە يۇدۇپ پىيادە ئاپىرىپ كېلىشكە رازى ئىدى .ئۆز ئارزۇ – ئامانلىرىنى ئويلىدى – يۇ ، ئانىسىنىڭ پىشىپ قالغان مىۋىدەك بۇنداق تېزلا سېپىدىن  ئۇزۇلىشىنى ئويلىمىغان ئىدى .  تېخى ئاتمىش بەشكە كىرگەن ئۇنچىمۇ قېرىپ كەتمىگەن ئىدى. سەكسەن – توقسەنگە كىرىپ يۇرگەن ئادەملەرمۇ جىققۇ.ئانىنىڭ ھاياتى بەخت ئىچىدە ئۆتمىدى . كېلىن بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تۇل بولۇپ قالدى. كېچىلىرى ئاتا دىدارىنى كۆرمىگەن پەرزەنتىنىڭ بېشىدا ئولتۇرۇپ يۇم – يۇم يىغلاپ چىقاتتى .كېيىن قېيىئاتىسى بىلەن قېيىئانىسىنى يەرلىككە قويدى. بىر تال قىيىنسىڭلىسى جەڭجەل قىلىپ ھۆيلىنىڭ يېرىمىنى بۆلىۋېلىپ كېيىن باشقىلارغا سېتىۋەتتى .ھۆيلىنىڭ ئوتتۇرسىغا تام سېلىندى .قىزىنىڭ بەخسىزلىكىنى كۆرگەن ئانا قاتتىق ئىچ ئاچچىقى تارتىپ بىۋاقىت ئۆلۈپ كەتتى .  كۆڭلىگە تەسەللى بېرىدىغان بىردىن – بىر  ئادىمىدىن ئايرىلىپ ، پۈتۈن مېھرىنى ، پۈتۈن ئۇمۇدىنى ئوغلىدىن كۈتكەن ئىدى. دەسلەپ كوپىراتىپتا ، كېيىن فاپرىكىدا ئىشلىدى. ئوغلىنى ياخشى كىيىندۇردى ، ياخشى يىگۇزدى . ئىشتىن چارچاپ بىر ھالدا كەلگەنلىكىنى ئۇ ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى ، شۇنداق ھېرىپ ، چارچاپ كەتسىمۇ يەنە تىكىش ماشىنىسى ئالدىدا ئولتۇرۇپ كىيىم تىككەندە ئۇ خېلى ئۇزۇنغۈچە ئانىسىنىڭ  يېنىدا ئۇخلىماي ئولتۇراتتى .ئوغلىنىڭ بويى ئۆسۇپ چوڭ بولغانچە ئانىنىڭ خۇشاللىقىمۇ ئارتىپ ، قەددى رۇسلانغاندەك بولغان ئىدى. بۇ خۇشاللىقلارنى خۇرشىدبەك ئانىسىنىڭ كۆزلىرىدىن سېزىپ تۇراتتى. ئۆزى كۆرمىگەن بەختنى ، ئۆزى كۆرمىگەن ھاياتنىڭ لەززىتىنى شۇ ئوغلى ئۈچۈن چىن كۆڭلىدىن كۈتۈپ ۋە ئۇمۇت قىلىپ ياشاپ كەلگەن ئىدى. لېكىن ئوغلى ئانا ئۈچۈن نېمە قىلدى ؟ ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى يەڭگىللەتكۈدەك ، ئانىسىنى رازى قىلىپ بىرەر ئىش قىلغانلىقىنى ئېسىگە ئالالماي داغدا قېلىپ ئۆرتەنمەكتە ئىدى.
ئۇ ئالى مەكتەپنى پۇتتۇردى ، توي قىلدى ، قورو – جايلىق بولدى . ئانا تاپقان – تەرگىنىنى سەرپ قىلىپ ئۇنى قوللىدى . كېيىن ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش ، نەۋرە بېقىش بىلەن ئۆمرىنى ئۆتكۈزدى.پالانچىنىڭ ئاپىسىنى پالانى نەرسە كىيىپتۇ ماڭا ئېلىپ بەر ، مۇنچە ياشقا كىردىم تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزۈپ بەر دېمىدى. ئۇنىڭ ئەكسىچە پىنسىيە پۇلىنى مۇشۇ ئۆي ئۈچۈن خەجلىدى .ئويلاپ باقسا ئانىسى بىر شامدەك ھەممىگە بۇر چېچىپ ئۆتۈپتۇ .
ئۇلار ئىسسىق كۆلدىن قايتىپ كەلگەندە ئانىسىنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىدى. ئاتىسىنىڭ   ئۇنتۇلغان ئەسلىمىرى قايتا پەيدا بولغاندا موماي بۇنى كۆتۇرەلمەي قالغان ئىدى.ئۆتكەن ئۆمۇرنىڭ ئەسلىمىلىرى ئۇنى باشلاپ كېتىۋارگەن ،شۇ ئويلار ئۇنى يەپ كەتكەن ئىدى. ئورماندا جىمجىت تۇرغان قەبرىگە خىيالىدا نەچچە قېتىم بېرىپ داد – پەريات كۆتۈرگەن ئىدى .
ئۇ بىر يېرىنىڭ ئاغرىغانلىقىنى دەپ باقمىغان ئىدى ، ئەمما بىردىنلا يىقىلىپ قالدى.ھەممىسىنى ئارماندا قالدۇرۇپ بىر كېچىدىلا تۇيۇقسىز بۇ ئالەمدىن كېتىپ قالدى .خۇرشىدبەك مۇنداق بولىشىنى پەقەتلا ئويلىمىغان ئىدى ،بۇنداق بولۇشىنى بىلگەن بولسا ھەممە نەرسىدىن ۋاز كېچىپ ،نېمىلا بولمىسۇن ئانىسىنى ئاتىسىنىڭ قەبرىسىگە ئېلىپ بارغان بولار ئىدى. بىچارە ئانا يۈرىكىدە يىغىلىپ قالغان ھەسرەتلىرىنى ئاشۇ قەبرىگە توكۇپ كەلگەن بولسا ، خېلى يېنىكلەپ قالاردىمىكىن . ئۇ ئانىسىنىڭ بىردىن – بىر ئىلتىماسىنى ، بىردىن – بىر ئىستىگىنى رەت قىلغان ئىدى. ئۇ قانداق ئانا ئىدى ھە ! ئۇ ئۆلۈپ كېتىپمۇ ئۇنىڭغا ئېغىرلىقىنى سالمىغان ئىدى .ئۇ ئاخىرەتلىك ھەممە نەرسىنى تەييارلاپ تەق قىلىپ قويغان ئىكەن. ھېچ نەرسە تەييارلىمىغان بولسا ئاخىرەتلىكىنى ئۆزى ئۇزۇتۇپ قەرز بولغان بولسا بۇ پۇشايمانلىرى ئازراق بولسىمۇ يېنىكلەردىمىكىن .بۇ قېتىممۇ ئانا ئوغلىنى ئويلاپ ئېغىرىنى سالمىغان ئىدى.
خۇرشىدبەك بۇلارنى ئويلاپ يۈرىكى پۇشايماندىن نالە قىلاتتى . خوتۇنى تاماق تەييار بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئوغلىمۇ سىرتتىن ۋەلسىپىتىنى تاقىرتىپ كىرىپ كەلدى ، گۇرۇچ ئەتراپىغا ئولاشقان كەپتەرلەر بۇ شاۋقۇندىن چۆچۇپ ئۇچۇپ كېتىشتى. ئىچكىرىدىن خوتۇنىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى .
-    كىرىڭ ئەمدى ، تاماق سوۋۇپ قالىدۇ – ئايالى چىقىپ ھۆيلىنىڭ چىرىقىنى ياقتى. ئۇ شۇندىلا قۇياش پېتىپ ئەتراپنىڭ قاراڭغۇ بولۇپ كەتكەنلىكىنى سەزدى .ئۇنىڭ كۆزلىرى يەنە چەتتىكى
ئۆيگە تىكىلدى .  ئىچى قاراڭغۇ ، جىمجىت ، ئاجايىپ بىر سۈكۈتتە تۇرغان ئۆي ،ئۇنىڭغا خۇددى دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ تۇرغان تىرىك ئادەمدەك تۇيۇلماقتا ئىدى .ئۇ ئاستا بېرىپ ئۆي ئىشىكىنى ئاچتى ، لېكىن چىراقنى ياندۇرمىدى .   


تەرجىمە مەنبە : ئۆزبەكچە ئەدەبىيات تور بېكىتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   eerpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-26 06:26 PM  


ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12435
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32507
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4492 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 10:54:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىرىكىلكىمدە ئەتمىدىڭ ياد،
ئۆلگىنىمدە چەكمىگىن پەرياد.

قايسى كىتاپتىن ئوقۇغنىم ئېسىمدە يوق بۇ شېئىرنى،ئاتا -ئانىسىغا بولغان پۇشايمانلىق ھېسلارنى ئوقۇغۇنۇمدا بۇ شېئىر ئېسىمگە كېلىدۇ......
تەجىمە ئەسەرلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن...
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41817
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3379
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 1623 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2014-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 10:56:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن، كېيىنكى پۇشايمان ، يەنە كېلىپ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان پۇشايمان بەكلا ئازاپلىق بولىدۇ...

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15243
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3609 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 09:22:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست جۇمۇ مەنمۇ ئاتا ئانامغا نىمە قىلىپ بەردىم؟ دەپ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە، يىلدا بىر قىتىم بېرىپ ئەھۋال سوراپ كەلگەنگە ئاران ئۈلگۈرىمەن. تۇرمۇش ھەلەكچىلىگى شۇنداق قىلىدىكەنغۇ!

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

توۋا قىلىڭ!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39903
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4377
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 347 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 11:50:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن، كېيىنكى پۇشايمان ، يەنە كېلىپ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان پۇشايمان بەكلا ئازاپلىق بولىدۇ...

بۇ دۇنيادا ياشىغان ئىكەنمىز ،ۋىجدان بىلەن پاك ياشايلى!!!قىلغان ھەر بىر گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلايلى!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش