مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 528|ئىنكاس: 4

تەنقىد پوزۇتسىيىسى ۋە بىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13794
يازما سانى: 1562
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5741
تۆھپە نۇمۇرى: 1992
توردا: 849 سائەت
تىزىم: 2010-10-13
ئاخىرقى: 2015-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 03:59:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەنقىد پوزۇتسىيىسى ۋە بىز

بىر ئۇستامنىڭ ئون نەچچەيىل شۇغۇللانغان ھۆنىرىدىكى  مەلۇم بىر ئىشىغا يېڭىچە بولغان بىر يول كۆرسەتتىم ،   بۇئىشنى مىنىڭ ئويۇمچە قىلغاندا ھەم جىسمانى ئەمگەك ئازراق كىتىدىغان ھەم تېخىمۇ پۇختا بولاتتى ،لىكىن بۇئۇستام ئون نەچچە يىلدىن بېرى بۇئىشنى مۇشۇ ئۆز ئۇسىلى بويىچە قىلىپ كەلگىنىنى ئېيتتى ، ھەم پوزۇتسىيىسى قوپال ھالدى مىنىڭ تەكلىپىمنى رەت قىلدى ، مەن يەنە ئۇستام ئۆز ئۇسىلى بويىچە قىلغان شۇ ئىشىنىڭ كەمكۈتىسىز جايلىرىنى پاكىتى بىلەن ئوتتىرىغا قويۇپ ئۇستامنىڭ شۇ ئىشىغا بولغان قايىلسىزلىقىمنى ئىپادىلىدىم ،ئۇستامنىڭ ئەلپازى ئەمدى بوزۇلۇپ پوزۇتسىيىسى تېخىمۇ قوپاللاشتى ،مەن يەنىلا ئۆزپىكىرىمنى ساقلاپ قالدىم، قىززىقى شۇكى بۇ ئۇستام كىيىنچە ھېلىقى ئىشنى مىنىڭ تەكلىپىم بويىچە قىلىپ تۇ كىيىن مەن بۇنى باشقىلاردىن ئاڭلىدىم ،
مانا بۇ مەدەنىيەت سەۋىيىسى ۋەبىلىم قۇرۇلمىسى تازا مۇكەممەل بولمىغان بىر ئۇستامنىڭ تەنقىدكە بولغان پوزۇتسىيىسى ،بۇ ئۇستام شۇ نەخمەيداندىلا تەكلىپىمنىڭ توغراتەرىپىنى ھىس قىلغان بولسىمۇ ئىددىيىسىدىكى ۋە روھىدىكى قاتمال ۋەقالاق بەس تالىشىش  خائىشى تەكلىپنى قۇبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلدۇرمىدى ،دىمەك بۇنداق ئادەملەر بىلەن بىر مەسىلىنىڭ توغراتەرىپىنى مۇنازىرە قىلىشتا قانداق مۇ بىر توغرا بولغان نەتىجە چىقسۇن ، ئۇلاربۇنى ھەرگىزمۇ مەسىلە ھەل قىلىش يولى دەپ ئويلىماستىن بۇنى بىر تالاش تارتىش يۇقۇرى تۆۋەنلىك تالىشىش بەيگە ياكى مۇسابىقە دەپ ئويلايدۇ ،ئۇلارنىڭ ئىددىيىسىدە ئىشنىڭ توغرا يولىنى تېپىش توغرىسىنى بايقاش دىگەنلەر مەۋجۈت ئەمەس ئۇلارنىڭ ئويلايدىغىنى نىمىلا قىلىپ بولسۇن ئۆزىنىڭكىنى راس قىلىپ يىڭىش ئۇلارنىڭ ئويلايدىغىنى پەقەت يىڭىش -يىڭىلىش ئۇلارچە باشقىلار ئېيتقان توغرىنى توغرادىيىش يىڭىلگەنلىك بولۇپ ئۇلارنى تۆۋەن ھالاتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ ، نىمىلاقىلىپ بولسۇن ئۆزگېپىنى يورغىلىتىپ باشقىلارنى سۈكۈتتە قالدۇرۇش بولسا باشقىلارنى بويسۇندۇرۇش بۇلۇپ بۇ ئۇلار ئۈچۈن بىر خۇشاللىنارلىق غەلبە مانا بۇ رىئال تۇرمىشىمىز دىكى ۋە مۇشۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى بىزنىڭ تەنقىدكە بولغان پوزۇتسىيىمىز ،بىزدە توغرىنى توغرادىگۈدەك يۈرەك جاسارەت يوق .
تەنقىد سۆزى -  سەۋەنلىكنى ئەيىپلەش  رەت قىلىش ئىنكارقىلىش دىگەن مەنىدە بولۇپ بۇ سۆزنىڭ دائىرىسى  بىزنىڭ مەيلى ماددى ياكى مەنىۋىيىتىمىز  ياكى ئىشھەركەت ئىددىيمىزدىكى قاراش  .........دىگەندەك نۇرغۇنلىغان ئىش پەن ساھەلەرگە بىۋاستە يۈزلىنىدۇ ، ئەلۋەتتە تەنقىد كەم بولسا بولمايدۇ ، تەنقىد بولمىسا مۇكەممەللىك بولمايدۇ ،ئەمدىمەن دەبدەبىلىك تىل ئىبارىلەر بىلە پۈتۈن دۇنياغا يۈزلىنىپ كەتمەي مۇشۇ مۇنبىرىمىزدىكى ئاۋامنىڭ تەنقىد پوزۇتسىيىسىگە نەزەر سالدىم ھەم بۇ ھەقتە ئويلاندىم ،نەتىجە شۇ كى ئەھۋال باشتىكى ئۇستام بىلەن ئوخشاش .
بىز ياشاۋاتقان مۇشۇ ئۇيغۇر جەمىيىتىدە بىزدۇچ كىلىۋاتقان خىل مۇ خىل ئاڭ -ئىددىيە مەدەنىيەت دىنى قاراش پىكىر ئەدەبىيات ، سەنئەت شئېرىيەت كىشىلىك ھايات ياشاش يولى ........لارنى كىممۇ  كەم كۈتىسىز مۇكەممەل دىيەلىسۇن ، بۇنى كەمكۈتىسىز دىيەلمىگەندىن كىين نىمىشقا يەنە كەم قالغان نوخسانلارنى يەنە نىمىشقا دىيەلمەيدۇ ، تېخى بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە  بۇنى دىيىش خەلىق ئاراغا ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى تۆككەنلىك بولارمىش بۇ بولسا تەنقىددىن قورقىدىغان ئەنە شۇ توخۇ يۈرەكلەرنىڭ تولىمۇ ئاقىلانىلىك بىلەن ئويلاپ تاپقان بىر باناسى چۈنكى بۇبانا پۈتۈن بىر ئۇيغۇر مىللىتى تارتىلىپ چىقىلىپ تېپىلغان بولۇپ بۇنى ئاڭلىغان مىللەتپەرۋەر ئاق كۆڭۈل ئالىي جاناپ ئۇيغۇرلار بۇ ئۇمۇمىيلىقتىن قورقۇپ كىتىدۇدە ئىشتانغاچىققان كۆڭۈلگە ئايان بولغان نۇرغۇن نوخسان ئىللەتلەرنى بىراقلا يۈتىۋىتىدۇ ،بىز كۆزىمىز كۆرىۋاتقان رىئال ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزگە نىمىشقا چىنلىق سەمىمىيلىك راسچىنلىق بىلەن پىكىر قىلالمايدىغان بولۇپ قالدۇق ، مۇنبىرىمىزدە قۇرۇق گەپنى  بىر ئوبدان قىلىدىغان يازمىنىڭ قۇرۇلما  شەكلىنى بىر ئوبدان چۈشىنىۋالغان ھەم كۆپكىشىلەر چۈشەنمەيدىغان دەبدەبىلىك سۆز ئىبارىلەرنى ياد ئېلىۋالغان تەنقىددىن جېنى چىقىپ كەتكىچە قۇرقىدىغان بىرقىسىم ھەتتا بىرتوپ قەلەمكەشلىرىمىز كۆپىيپ كەتتى قۇرۇق يالغانياۋداق قېلىپلىشىپكەتكەن رىياللىقتىن چەتنىگەن ئۆز ئۆزىگە تەسەللىي قىلىپ ئۆزىنى ئالداپ قېلىنغان ياكى يېزىلغان نەرسىلەرگىمۇ رەڭ جايىدابېرىپ چىرايلىق بىزىلىپ مەيدانغا چىقسا بۇنىڭمۇ تاماششا بىنلىرى ئاۋۇپ كىتىدىكەن ،  چۈنكى بۇمۇقام رەتقىلىشتىن ئەيىپلەشتىن خالىي بولغاچقا شۇنداق لا كۆپنىڭ مەشغۇلىيىتىگە ئايلىنىپ بولغاچقا  ياكى كۆپنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلغاچقا بۇ قۇرۇق  مۇقام ئەنە شۇلارنىڭ دەسمايىسى بولۇپ قالىدىكەن ، كۆپنىڭ مەشغۇلىيىتىگە ئايلىنىپ كىتەي دەۋاتقان بىرخاتانى دادىللىق بىلەن خاتا دىيىش بولسا بۇ مىللەتنىڭ يۈزىنى تۆكۈش مىللەتنىڭ كۈشەندىسى دۈشمىنى بولۇپ قالىدىكەن ، بۇقالپاقلارنىڭ ۋەزنىنى قانداقمۇ يىنىك سانىغىلى بولسۇن بۇ  قالپاقلاردىن  كىممۇ قورۇقمىسۇن، ھال مۇشۇ تۇرسا يەنە كىممۇ ئۆزى بايقىغان ياكى كۆپ كىشىلەر بايقىغان بىر خاتانى خاتادىيەلىسۇن . بۇنىڭ نەتىجىسى شۇ بولۇدىكى مۇنبىرىمىز ساختا مەدھىيە تەخسىكەشلىك يالغان ياۋداق خۇمسىلىققا تولغان بىر مەۋھۇم دۇنياغا ئايلىنىدۇ خالاس .ئۆزىمىزنى ئالدىمايلى راستىنى راسدەيلى ھەممىمىزنىڭ ئىمانىمىز ئەركەك بولسۇن  !!
ئىنكاس يېزىش ئىختىيار بولساتېخىمۇ توغرا بولغان پىكىرلەر بىلەن مۇنۇ قاراشلىرىم چەتتە قالسا كىرەك ،يوق ،ياكى پىكىرلىرىمنىڭ كەم جايلىرى تۇلۇقلانسا بۇتېخىمۇ ياخشى !

قەلەم ئىگىسى : ئابلىمىت

ئۆلۈم يېڭى بىر ھاياتلىقنىڭ مەڭگۈلۈك باشلىنىشى !

مۇھەببەت ئۇ مەرد كىشىنىڭ ئىشى~

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2134
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7171
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 1256 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 06:20:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلۇپمۇ مۇنبەرلەردە مۇشۇ تەنقىد پوزىستىيىسى بەك زىل مەسىلە بۇلۇپ قالدى. بۇ يەردىكى مەسىلە يول بىلەن ئىپادىلەش ئۇسۇلى ۋە چۈشۈنىش جەھەتتىكى مەسىلىمىكىن دەپ ئويلايمەن.تەنقىددىكى يولىمىز قارشى تەرەپنىڭ قۇبۇل قىلىش،چۈشىنىش سەۋىيىسى ئەتراپىدا بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان .ئەسلى بىز شۇ پىكىر،تەلەپ تەنقىدنىڭ ئامال بار ئىلمىي،ئەمىلى تەرىپىدىن تۇرۇپ چىقىپ چۈشەنسەك چۇقۇم ياخشى دىل بىرلىكىنى بارلىققا كەلتۈرەلەيتۇق تەتۈر چاپاننى كەيمەي.

بۇلىقىسەن مېھرىبانلىقنىڭ،سەن بولمىساڭ قۇرۇيدۇ دەريا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5782
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 08:12:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە كىلىپ تىللاپ تۇرۇپ، ھاقارەتلەپ تۇرۇپ تەنقىد قىلىغىان كىشىلىرىمىزچۇ ؟ بۇ ئىشلارنى ئويلىسام كۈلۈپ كېتىمەن، مۇنبەرلەردىمۇ ئەنە شۇنداق تەنقىدلەرنى كۆپ ئۇچۇرىتىمىز. ئىشقىلىپ قاراپ باقسام سەمىمى نىيەتتە تەنقىدى تەكلىپ بەرگەنلەر ناھايتى ئەستايدىللىق بىلەن ئىلمى چۈشەنچە بىرىدىكەن

ھەقىقى جەسۇر بولۇش ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48523
يازما سانى: 1149
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6222
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 568 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2012-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 08:46:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنغۇ كۈلۈپ تۇرۇپ تەنقىدلەيمەن

ئاڭلا دۇنيا، مەن چوڭ بولدۇم! ياق سەن تېخى كىچىك، ئىمىزگەڭنى ئىمىپ جىم يات!...دەيدۇ ناتونۇش بىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79246
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3605
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2012-4-23
ئاخىرقى: 2013-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 09:06:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىلغان تىمىكەن،
خەممە ئادەملەر بىلىملىك بولمايدۇ ئەمدى، تەنقىتلىسىمۇ ئايرىم چاقىرىپ گەپلىرىنى دەۋالسا ياخشىمىكى دەيمە.......

بۇدۇنيا غەپلەپ ۋە بىپەرۋالىق زامانى ئەمەس، بەلكى ئويغۇنىش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىدۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش