مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1095|ئىنكاس: 15

خوتەن نامى ھەققىدە(تۈزۈتۈلگىنى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79353
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3010
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2012-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 03:35:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


بىسمىللاھىررەھمانىر رەھىم


خوتەن نامى ھەققىدە


خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئۇزۇن زامانلارىدىن بىرى، مۇنبەت قاراقاش ۋەيورۇڭقاش دەريا ۋادىلىرىدا تىرىكچىلىكىنى داۋام قىلىپ، خوتەن بوستانلىقىنىئاۋاتلاشتۇرۇپ كەلگەن،ئۇلار ئاقكۆڭۈل،ۋاپادار،خۇشپىئىل،ھەق سۆيەر،چىداملىق،قەيسەر،

ھايالىق، ئىتىقادلىق،راستچىل،مىھرىبان ،كەڭ قورساق، مىھماندوست،سىغدۇرۇشچان ، ئەپۇچان، سەبىرچان

ۋە باشقا نۇرغۇن ئالىجاناپ ئىنسانىي پەزىلەتلەرگەئىگە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىدۇر، پەقىر خوتەنگە قوشنا ياشايمەن، ئەمما خوتەننىئانا يۇرتۇمدەكلا ياخشى كۆرىمەن، بۇ يازمام ئارقىلىق خوتەن شەھىدلىرىگە ۋە خوتەنئەزىزلىرىگە ھۆرمەت-ئىھتىراملىرىم ۋە ياخشى تىلەكلىرىم يەتكەي!...


خوتەن ھەققىدە نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك تىمىلاردا تەتقىقاتلار بولۇپ ئۆتتى،جۈملىدىن «خوتەن» نامى ھەققىدىمۇ شۇنداق، ئەپسۇسكى تەتقىقاتچىلىرىمىز خوتەن تەتقىقاتىدا،بۇددا دىنى ۋە سانسىكرىت تىلىغا يانداشقان تەتقىقات يۈزلىنىشىدە خوتەننى كۈزەتتى،خوتەنگە باھا بەردى، شۇنداقلا خوتەن ئۇيغۇرلىرىنى شۇ يۈزلىنىشتەچۈشەنمەكچى-چۈشەندۈرمەكچى بولۇشتى. كۆرۈنۈشتە بۇ مىتود دۇرۇستتەك قىلسىمۇ،خوتەننىڭ بۇددىزىمدىن بۇرۇنقى ، يىراق ئۆتمۈشتە قالغان

تارىخىغا ئىتىبار بەرمىگەنلىگى ئۈچۈن، خوتەننىڭ تارىخىنى ئەتراپلىقشەرھىلەپ بىرەلمىدى. شۇ ۋەجدىن «خوتەن» دىگەن نامنىمۇ ئۇيغۇر تىلىدىن ئەمەس،ھىندى، تىبەت تىللىرىدىن ئۇچۇر ئىزلەپ مەنا بىرىشلەر بولدى، بۇ ئەمگەكلەرگە ھۆرمەتبىلدۈرىمىز، ئەمما «جاي نامى جاي ئىگىسىدىن بولۇش» دىگەن ئېلمىي نۇقتىدىن چىقىشقىلىنمىغىنى ئۈچۈن بۇ ئەمگەكنى قوبۇل قىلالمايمىز.

تۈرلۈك يازمىلاردا «خوتەن» نامى ھەققىدە ھازىرغىچە ئىلان قىلىنغان خاتاقاراشلار تۆۋەندىكىچە:

1-«يەر ئەمچىكى» دىگەن قاراش.

بۇ قاراشقا تاڭشۇەنزاڭ يازمىلىرى، تىبەتچە يازمىلار مەنبە بولغانبولۇپ،يىزىلىشىچە ، بالىسى يوق  ئۇدۇنشاھىغا بۇدداھ بەرگەن بىر ئوغۇل ، يەردىن چىققان ئەمچەكنى ئىمىپ چوڭ بولغاچقا«قۇستانا» يەنى «يەر ئەمچىكى» دىگەن نام پەيدا بولغان دىيىلىدۇ .

2-«كالىلىق»، ياكى «كالا ئەمچىكى» دىگەن قاراش.

ئۇلار سانسىكرىت تىلىدىكى «گوستان» ۋە «گوستانا» سۆزلىرىنىڭ «كالاباقىدىغان جاي» ۋە «كالا سۈتى» دىگەن مەنىسىدىن شۇ قىياسنى چىقىرىشقان.


3-كۈچتۈڭگۈر دىگەن قاراش.

چەت ئەللىك بەزى بىلىمدارلارنىڭ قارىشىچە ، «ئۇدۇن» دىگەن سۆزنىڭئەسلى شەكلى «خۇۋاتانا» بولۇپ ، مەنىسى «كۈچتۈڭگۈر» دىمەكتۇر.


4-گۇلباغ دىگەن قاراش.

« سانسىكرىت تىلىنىڭ تەرجىمىسى » دىگەن كىتاپتا خەنزۇچە «يۈتىەن»دىگەن سۆز «ئۇديانا» دەپ تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، مەنىسى «ئارقا ساراي» دەپئىزاھلانغان.


5-قاشتىشى ماكانى دىگەن قاراش .

رۇسىيەلىك بۇشىر ۋە ياپونىيەلىك شىراتورى كۇركىچىنىڭ قارىشىچە ،«ئۇدۇن» دىگەن سۆز تىبەتچە بولۇپ، تىبەت تىلىدا قاشتىشىنى «گيۇ»«يۇ » دەيدۇ،تىبەتلەرشەھەر-يىزىنى «توڭ» دەيدۇ، شۇنداق بولغاندا «گۇتوڭ» نىڭ مەنىسى «قاشتىشى چىقىدىغانجاي» دىگەن بولىدۇ.


6-خىتاي دىگەن قاراش.

بۇ قاراش ھىچقانداق بىر نۇقتىدىن دەلىللەشكە لايىق ئەمەس، شۇڭا تەپسىلىبايان قىلمىدىم .


7-ئۈزۈم دىگەن قاراش.

فىرانسىيە ئالىمى لىۋىنىڭ قارىشىچە، ھىندى تىلىدا ئۈزۈمنى «قۇستانى»دەيدىكەن، شۇڭا ئۇ بۇ قاراشنى خوتەنگە تەققاسلاپ شۇنداق دەلىللىگەن .

..............................

خوتەن نامى ھەققىدىكى ئاساسلىق قاراشلار يۇقارقىدەك، سىنچىلاپ قارالساھىچبىر ئالىم «خوتەن» نامىنى بۇ ۋادىدا ياشىغان ئۇيغۇرلارغا باغلاپ چۈشىنىشكەھەركەت قىلمىغان. ئۇلارنىڭ چوڭ مىللەتچىلىكتىن تۇغۇلغان ساددا چۈشەنچىسىچە ،

ئۇيغۇرلاردىن ئۆز جايىغا ئىسىم قويغۇدەك دىتى بار بىرئىنسانمۇ چىقمىسا كىرەك؟

سوغۇققانلىق بىلەن قايتا-قايتا دەلىللىشىمگە قارىغاندا ، «خوتەن»دىگەن بۇ قۇتلۇق نام ساپ ئۇيغۇرچە بولۇپ ، مەنىسى « ئىككى دەريا» دىگەنلىكتۇر!...

خوتەن ۋادىسىدىكى قاراقاش ۋە يورۇڭقاش دەرياسىنىڭ مۇبارەك نامىغا تەققاسلاپقويۇلغان بۇ نام ، مۇشۇ دەريا ۋادىلىرىدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئاناماكانىغا قويۇلغان ۋە ئىزچىل شۇ بويىچە ئاتالغان، بۇ قارىشىمغا دەلىلىم مۇنداق:

ئۇيغۇرلار قەدىمدىن بۇيان يىللارنى 12 مۆچەلدىكى12 ھايۋان نامى بىلەن ئاتاپ ئادەتلەنگەن، بۇ ئادەتكە ئاساسەن «كالا» 12 مۆچەلدىكى2- يىلنىڭ نامى بولۇپ قوللۇنۇلغان، قەدىمدە «كالا» سۆزىنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى«ئۇد» ئىدى، كالا 12 مۆچەلدە 2-ھايۋان بولغىنى ئۈچۈن، «ئىككىنچى يىلى» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان«ئۇد يىلى» سۆزىدىكى ئىككىنى بىلدۈرىدىغان «ئۇد» سۆزى ،كىيىنچە يەنە كالىنىبىلدۈرۈدىغان «ئۇد-ئۇي» سۆزىگىمۇ مەنا كىڭەيتكەن، «ئۇد» سۆزى ئۇزۇن يىللىقتەلەپپۇز تارىخىدا : « ئۇد←ئۇي←ئۇر←ئېر 二←» .

« ئۇد←دۇ←تۇ←Two←چۇ←كۇ←گۇ←ئۇگۇ←ئۇكۇ←ئىكۇ←ئىكى←ئىككى» شەكلىدە بىزگە يەتكەن بولۇپ،ساپ ئۇيغۇچە سۆزدۇر.

قەدىمدە بوۋىلىرىمىز دەريانى «دون» دەيتتى، ھازىرمۇرۇسىيەدە كازاكلار ياشىغان بىر دەريانىڭ نامى «دون» دىيىلىدۇ، «دون» سۆزى ئۇزۇنيىللىق تەلەپپۇز تارىخىدا « دون←دوي←دەي←زەي←سەي-←Sea←چاي←قاي←خاي海»

شەكلىدە بىزگە يەتكەن بولۇپ،ساپ ئۇيغۇچە سۆزدۇر.

ھازىرقى ئەدەبىي تىلدا بۇزۇپ «دەريا» دەۋالغان بۇ ئاتالغۇنى ،خوتەن-يەركەن قاغىلىق تەرەپلەردىكى ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ «دەي» دەيدۇ .

شۇنى ئەسلىتىش زۆرۈركى، «دەي» دىمەك «دەريا»ۋە «سۇ» دىمەكتۇر، تىلىمىزدىكى «زەي»،«زەيكەش» سۆزىمۇ سۇ كۆپ جايلارغا نام بولۇپ قويىلىدۇ،«سەيSea-» سۆزى بۈگۈنكى ئىنگىلىز تىلىدا «دىڭىز» مەناسىدا قوللۇنۇلىدۇ، «سەيلى» سۆزى پوسكامدا بىر يىزا نامى بولۇپ، داۋاملىق سۇ ئۆرلەپ تۇرغىنى ئۈچۈن «سەيلى» دەپ ئاتالغان، مەنىسى«سۇلۇق» دىمەكتۇر، «سەينىگ» سۆزىمۇ ،قولىمىزغا سۇلۇق قاپارتما چىقىپ قالسا «سەينىگ»بوپ قالدى دىگەندە قوللۇنۇلىدۇ، «سەينىگ بوپ قالدى»  دىمەك «سۇلۇق بولۇپ قالدى » دىگەنلىكتۇر.

«چاي» سۆزىنىڭ سۇنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئۇسسىغاندا چاي ئىچىپ كۆرگەن ھەممە ئادەم بىلىدۇ، «قاي» سۆزىمۇ سۇنى بىلدۈرىدۇ،«قاينام»،«قىيان» سۆزلىرىدىكى «قاي» دەل شۇ سۆزدۇر، ئەمدى سۆز بۇ يەرگە يەتكەندە «قاي»سۆزىدىن كىلىپ چىققان«خاي»سۆزىنىڭ «海» تەلەپپۇزىدا خەنزۇلاردا دىڭىزنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىسەكمۇ ئەقلى بار ئىنسان بۇنى چۈشۈنىۋالار.
«ئۇد دون» سۆزى قەدىمدە «ئىككى دەريا» دىگەن مەنا ئاساسىدا قويۇلغان بولۇپ،بۈگۈنكى خوتەن بوستانلىقىنى سۇغۇرۇپ كىلىۋاتقان ئانا دەريا -قاراقاش ۋەيورۇڭقاشلارنىڭ نامى ئاساسىدا كىلىپ چىققان.

«ئۇد دون» سۆزى  ئۇزۇن يىللىق تەلەپپۇز تارىخىدا :

« ئۇد دون←ئۇي دون←ئۇي تۇن←يۇتون←يۇتان←يوتقان»،

« ئۇد دون←ئۇي دون←ئۇدۇن ».

« ئۇد دون←دۇ دون←تۇ دۇن←چۇ تون←كۇ تەن←خو تەن»،

« ئۇد دون←دۇ دون←تۇ دون←چۇ دون←كۇ دون←كو زۇن←كۇ سۇن←كۇ سان←گۇچان←گۇجان».

« ئۇد دون←دۇ دون←تۇ دون←چۇ دون←كۇ دون←كو زۇن←كۇ سۇن←كۇ سان←كۇ شان»،

« ئۇد دون←دۇ دون←تۇ دون←چۇ دون←كۇ دون←كو زۇن←كۇزان←گۇزان←قازان»

تەلەپپۇزلىرىدا ئاتىلىپ بىزگە يەتكەن.

تارىختىكى ئۇد دۇن-ئۇدۇن، گۇجان-خوتەن ناملىرى ، ئىنسانىيەت تارىخىدا سالماق ئىز قالدۇرغان كۇسان-گۇزان-گوجانلارنىڭ قەدىم خوتەندە ياشىغان يىراق ئەجدادىنىڭ ، بۈگۈنكى خوتەندىكى ئەۋلاتلىرىنىڭ نامى بولۇپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە.

يىپەك يولىنىڭ جەنۇبى لىنىيەسىدىكى مۇھىم جاي،سىرتقا يىقىنغىچە داغدام ئوچۇق خوتەن بوستانلىقىغا، تارىختا دىپلومات،سەيياھ،بىلىم ئالغۇچى، مۇساپىر ، سودىگەر، قاراقچى ، بۇلانچى بولۇپ كىلىپ كەتكەنلەرنىڭ تىلىدىن ،بۇ ۋادىغا ئۇلاردىن بۇرۇنلا قويۇلغان تەۋەررۈك ناملارغا مەنا ئىزلەش، ئىلىمگە يات بولغان نادانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

قەدىم ئۇد دونلۇقلار ئۇد دۇن ۋادىسىدىن قۇرغاقچىلىق، قۇملىشىش، ياتلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەپلەرگە كۆرە4 ئەتراپقا كۆچكەن بولۇپ، تارىختىكى كۇشان خانلىقىنى قۇرغان كۇشانلار،كۇچادا كۈسەن خانلىقىنى قۇرغان كۈسەنلەر، خىشى كارىدورىدىن قايتىپ كەلگەن گوزانلار ئەۋلادى بولغان پانتىكىن تەرىپىدىن تۇرپاندا قۇرۇلغان گازان خانلىقى(ئىدىقۇت خانلىقى-خەنزۇچە گاۋچاڭ خانلىقى دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىنغان) ،بۈگۈنكى تۈركىيەدىكى كوزان ئۆلكىسى شۇلاردىن قالغان تارىخى ناملاردىندۇر، چىڭگىزخان ئىستىلاسىدا تۇرپاننىڭ يازلىق پايتەختى گوزان(بۈگۈنكى گۇچۇڭ)دىكى گۇزانلار ،بارچۇق ئارت تىكىنگە ئەگىشىپ جەڭگە كىرگەن بولۇپ، ئابباسىيلەر خەلىپىلىكىنى ئاغدۇرۇۋەتكەن گازان خان دەل شۇلاردىن ئىدى، گازانلار كىيىنچە چىڭگىزخاننىڭ ئوغلى جۇجىخاننىڭ تەۋەلىكىدە بولغان بولۇپ،بۈگۈنكى تاتارىستاندىكى تاتارلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن، گازانلاردىن قالغان يالداما بۈگۈنكى تاتارىستاندىكى قازان شەھرىنىڭ «قازان» دىگەن نامىدۇر،«قازان» دىمەك تاماق ئىتىدىغان قازاننى ئەمەس، بەلكى ئەرەپ ئابباسىيلەر سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇۋەتكەن گازان قەبىلىسىنىڭ نامى بولغان «گوزان» سۆزىدىن كەلگەندۇر،گۇزان بولسا بۈگۈنكى خوتەندە ھازىرمۇ شۇ نامدا ئاتالغان «گوجانباغ» نامى بىلەن يىلتىزداشتۇر .

شۇنىسى دىققەتكە سازاۋەر بولۇشى كىرەككى،بۇددىزىم پەيدا بولۇپ، دۇنياغا تارالغان جاي، بۇددا يازمىلىرىدا «ھىندىستاننىڭ شىمالى» دەپ خاتىرلەنگەن، ھىنىستاننىڭ شىمالى بولسا خوتەن بوستانلىقىنىمۇ كۆرسىتىدۇ، بۇددا دىنىنى تارىخىي نۇقتىدىن بايان قىلىش ئۈچۈن بۇ ھەقتە سۆز قىلدۇق.

بۇددا دىنىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ ، خوتەننى بۇددا دىنى تەسىرىدىكى ھىندىستان بىلەن باغلاپ چۈشۈنۈش يەنە بىر نادانلىقتۇر.شۇنىسى ئىنىقكى، بۇددا دىنىنىڭ بەرپاچىسى ساكلاردىن بولغان كىشى ئىدى، شۇڭا ئۇنىڭغا«ساك يامۇن» نامى بىرىلگەن، بۇددا تارىخنامىلىرىدە ھەتتا ساكيامۇننىڭ خوتەندىكى «كوسىنگارا» تىغى باغرىدا ۋەز ئىيتقانلىغىمۇ سۆزلىنىدۇ، بۇددىزىم تارىخىدا ، بۇددا دىنىنىڭ گۈللەنگەن جايى، ئەينى زاماندىكى كۇشانلار ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئافغانىستاندىكى قەندىھار ۋە بامىيان بۇتخانىلىرى، كۈسەنلەر ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى قەدىمى كۇچار ۋە قىزىل مىڭ ئۆيلىرى، خوتەندىكى گۇجانباغ ۋادىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گۇجانلار ياشىغان قەدىمى خوتەن ۋە قەدىمىي خوتەندە قۇرۇلغان 5000مىڭچە بۇتخانا، گوزانلار ياشىغان قەدىمى خىشى كارىدورىدىكى گوزاڭ ۋەموگاۋ مىڭ ئۆيلىرى(موگاۋ دىمەكمۇ مۇگ ئەۋ-ئىلاھنىڭ ئۆيى دىمەكتۇر)،خىشى كارىدورىدىن چىكىنىپ چىققان گوزان (گاۋچاڭ) لار بەرپا قىلغان تۇرپان ئۇيغۇرخانلىقى ۋە گاۋچاڭ-گۇزان خانلىقىدىكى سىنگىم ۋە بىزەكلىك مىڭ ئۆيلىرى قاتارلىق زەنجىرسىمان باغلانغان دەلىلەر ، شۇنداقلا بۇددا دىنىنىڭ دۇنياغا تارقىلىشىغا تۈرتكە بولغان قەدىم كۇشان خانلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلار، ھەمدە قەدىم ھىندى دىنىنىڭ بۇددىزىم ئەمەس بىراخمانىزىم ئىكەنلىگىدەك پاكىتلار، بۈگۈنكى دۇنياغا زورتەسىر كۆرسەتكەن ئاشۇ باتىل ئەقىدىنىڭ گۇزان-گۇجان لار دىيارىدا پەيدا بولۇپ،كۇشانلارنىڭ 4 تەرەپكە كۆچۈشى بىلەن دۇنياۋىي بۇددا دىنىغا ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

بۇ ھەقتە تەتقىق قىلغۇسى بارلار ئالدى بىلەن،بۇددا دىنىنى بەرپا قىلغۇچى «يامۇن-يامان» دەپ سۈپەتلەنگەن ساك نەسلى ساكيامۇننىڭ(ساكيامۇن-يامان ساك، قولىدىن ھەمما ئىش كىلىدىغان ساك دىگەن ساپ ئۇيغۇرچە سۆزدۇر)ئەسلى ۋەتىنى خوتەننى،خوتەندىن نىپالنىڭ شىمالىغا كىتىپ نىرۋاناغا يەتكەن ساكيامۇننى، ئاندىن نەگە كۆچسە بۇددا دىنىنى شۇ يەرگە بىللە ئىلىپ بارغان كۇسان-گۇزان-گۇجان-خوتەنلىكلەرنى ئىلمىي ۋە ئەتراپلىق تەتقىق قىلىشى كىرەك.

بۇ يەردە تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا شۇنى دىگۈمىز كىلىدۇكى؛ شاڭدا ئەپەندىمدەكلەرنىڭ تولىمۇ يەڭگىلتەكلىك بىلەن؛ «تارىم ۋادىسىدا مەدەنىيەت بولمىغان، بۇ ۋادىدىكى تىپىلمىلار ھىندىلاردىن قالغان تۈكرۈك چاچرالمىلىرىدۇر»  دەپ قاراشلىرى ئۇيغۇر تارىخىغا قىلىنغان بوھتان ۋە ھاقارەتتۇر!...ۋە بەلكىم ھىندى،خەنزۇ ، ياپۇن،كورىيان قاتارلىق بۇددا ئەقىدىسىگە ھازىرمۇ ئىشىنىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەر توپىغىمۇ قىلىنغان ھاقارەتتۇر!...

ئاددىيسى بىز يۇقۇرىدا دەلىل  ئالغان «ئۇ»،«دو» ۋە «دون» سۆزلىرىنىڭ ،ئۇزۇن يىللىق تەلەپپۇز تارىخىدا بىسىپ ئۆتكەن ئىنگىلىزچىدىكى «تۇ»، «ساي» سۆزلىرى بىلەن، خەنزۇچىدىكى «ئىر»،«شۈي»، «خەي»سۆزى بىلەن يىلتىزداشلىقى، بۈگۈنكى خەنزۇ ۋە ئىنگىلىز تىلىنىڭ يىراق قەدەم تارىخنىڭ ، تارىم ۋادىسىدىكى قەدىم ئۇيغۇر تىلى بىلەن يىلتىزداشلىغىدىن بىزگە سالماق تارىخى ئۇچۇر بىرىدۇ!...


خۇلاسى كالام:

خوتەن دىمەك ئىككى دەريا دىمەكتۇر!...

ئى خوتەن ئارسلانلىرى!...سىلەرگەمۇبارەك بولسۇن!...

يىراق ئەجدادىڭلار ساپ ئۇيغۇرچە «ئۇددون» دەپ قويغان ، ئۇزاق تارىخنىڭ چاڭ-توزانلىرىدا مەناسى ئۇنتۇلغان «خوتەن» دىگەن شانلىق نامىڭلارنى، سىلەرگە تۇنجى بولۇپ ئەينى ئىستىمالىدا تەقدىم قىلالىغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى تولىمۇ شەرەپلىك ھىساپلايمەن!...



بەندەڭمەن، گەر بىلمەي خاتانى يازدىم،

كەچۈرگىن يا غەفۇر، بەك تولا ئازدىم.



2012-يىلى، شەھرى قاغىلىق.



ت.ت.قۇرىغار.


www.adghar.org


بۇرۇنقىسىنى تەھرىرلەشكە ئىمكانىم بولمىغىنى ئۈچۈن قايتا يوللىدىم، كەچۈرىسىلە.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   adghar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-26 03:49 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49694
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3213
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2011-7-30
ئاخىرقى: 2014-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 06:53:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ئەتراپلىق تەبىر بىرىپسىز ! ئەجرىڭىزگە بارىكاللا ،!!!

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 3497
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3998
تۆھپە نۇمۇرى: 2936
توردا: 10853 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 08:02:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇرتۇمنىڭ كىلىش نامىغا ئەتراپلىق تەبىر بىرىپسىز.خوتەن نامىنىڭ مەنىسى ۋە قۇيۇلىشى بەك ئەتراپلىق ھەم ئەملىيەتچانكەن.

ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77920
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7037
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2012-3-25
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 09:48:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت!...بۇ ھەقتە 10 يىل ئويلاندىم دىسەممۇ بولىدۇ، خوتەنگە لايىق ھالدا ھەق گەپنى بىرلا دەپ ھەق دادىغا يەتكۈزمىسەك بومىيتۇ ئەينا شۇ؟...قايدىغا؟...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77920
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7037
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2012-3-25
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 09:56:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چولپانلىرىم كەلدىمۇ نىمە كونا كەپەمگە؟...تۆرگە مەرھەمەت قىلىشقايلا!!...قىنى تارتىنمىغايلا...قاتتىق قۇرۇق بولسىمۇ قۇرۇق يىمىشنىڭ ئورنىدا قۇرۇق سۆزىمىز بولسىمۇ بار، تارتىنماي كۆرۈشكەيلا، ھەرقايسىلىرىنى كۆرۈپ سەلللللل...ھودۇقۇپ قالدىميا؟

ھەر ۋاقىت ھۇشيار

باش رەسىمى نىقابلانغان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24343
يازما سانى: 1259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8708
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 1408 سائەت
تىزىم: 2010-12-29
ئاخىرقى: 2013-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 10:03:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
يولۋاس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9458
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8198
تۆھپە نۇمۇرى: 379
توردا: 315 سائەت
تىزىم: 2010-9-7
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 10:58:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت،تەشەككۈر!.ئانا يۇرتۇم نامىنىڭ ھەقىقى كىلىپ چىقىشىنى ۋە مەنىسىنى  بىلىۋالدىم ،ئۆتكەندە مۇئەللىم سورىغاندا جاۋاپ بىرەلمەي شۇنداق خىجىل بولغانتىم ،لىكىن شۇ ۋاقىتتا باشقىلارمۇ بىلمەيدىكەنتۇق ،

كىملەر بۇلۇر كىملەرگە خار،
يەنە كىملەر كىملەرگىدۇر زار.
بۇ ھايات قىسمەتلىرىڭدىن،
كىملەرنىڭ يۇلى كىملەرگەتار.

ئادەم - ئۇ ئەڭ ئا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44751
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4288
تۆھپە نۇمۇرى: 249
توردا: 967 سائەت
تىزىم: 2011-6-18
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 11:11:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوتەن نامى ھەققىدە ئويلىنىپ ئىزدەنگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر بولسۇن....
ئېسىل تېما يوللىغىنىڭزغا كۆپ رەھمەت....
خوتەنلىك تۇرۇپ خوتەن بولامدۇ باشقا بىر نىمە بولامدۇ مېنىڭ نىمە كارىم دەپ ياشايدىغان خوتەنلىك يەنىلەا شۇنچە كۆپ ...سىز نىڭ بۇ ھەقتە قول تەۋرەتكىنىڭىزگە ئالى ئېھتىرام بولسۇن....

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79376
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 404
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 112 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2012-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 11:51:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6837
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8789
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 1371 سائەت
تىزىم: 2010-8-19
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 12:00:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىلىرڭىز ھەقىقەتەن ئىسل ئىكەن ، كۆز تەگمىسۇن ؟
بۇرادەر خوتەن سۆزى ھەققىدە ئازراق سۆزلە پ بەرمەمسىز ھازىر نىمىشكە ئۇدۇن دىمەي خوتەن دەۋاتىمىز ئەمدى؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش