مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1216|ئىنكاس: 11

ھۈنەرسىز(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77660
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 181
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2012-3-19
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 03:13:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۈنەرسىز (ھېكايە)
ئاپتۇرى: ئابلەت ئىمىن روھلانى
مىنىڭ كىچىك ۋاقتىمدا بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان ھاممامنڭ بىر ئوغلى بۇلىدىغان. بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا بىر-بىرىمىزدىن زادى ئايرىلالمايىتتۇق. ھاممامنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى ھەسەن ئىدى. ئۇ ھاممامنىڭ بىرتاللا ئوغلى بۇلۇش بىلەن بىرگە ھەم بىردىنبىر پەرزەنتى ئىدى.
ھاممام شۇ ۋاقىتلاردا يېشى 40ياشتىن ئاشقان، پىشانىلىرىگە ئىنچىگە قورقلار چۈشكەن، چاچلىرىنى قىرۇۋ قاپلاشقا باشلىغان، بەدىنى ۋىجىك، بويى پاكار ئايال ئىدى. ھامماملارنىڭ ئۆيى گەرچە باشقا كەنتىدە بولسىمۇ مەن ھەسەن بىلەن بىرگە ئۇقۇيتتىم.
نىمە سەۋەپتىنكى ھاممام ۋە يېزناملارنىڭ پەقەت پەرزەنىت يۈزى كۆرمىگەندىن كىين بىر ئوغۇل بېقىۋالغان ئىكەن. مەن ئەقىلمگە كەلگەن ۋاقىتلاردىمۇ ئۇنىڭ بېقىۋىلىنغان بالا ئىكەنلىكىنى بىلمەيىتتىم. ئۇ مەندىن بىر ياش چوڭ ئىدى.ئۇ كەپسىزلىكتە ئۇچچىغا چىققان ئىدى، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كەپسىز ئىدىم. ئۇ سەككىز ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا نىرۋا ياللۇغى بۇلۇپ قېلىپ ھامماملارنىڭ پۈتۈن بىساتىنى تۈگەتكەندىن كىين ساقىيپ ئەسلىگە كەلگەن ئىدى. ئىككىمىز بىرگە ئويناپ، بىرگە ئۇقۇپ باشلانغۇچنىڭ 5-يىللىقىغا كۆچتۈك، مېنىڭ دادام، ئاپاملار ئۇقۇتقۇچى ئىدى. ھامماملار ۋە يېزناملار بولسا كۆك دېھقان ئىدى.
ھامماملار ھەسەننى بەك ئەتىۋارلاريىتتى، بىزنىڭ ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى سەل ياخشى بولغاچقا ھاممام ئۆيگە كەلگەندە ياخشىراق گۆش، تۇخۇم دىگەندەك نەرسىلەر داستىخانغا كەلگەن ھامان ھاممام ئازىراق يىگەندىن كىين گېلىنى بىركىم سىقىۋالغاندەك گېلىدىن ئۆتكۈزەلمەيىتتى. ئۇ يانجۇقىدىن بىرتال قول ياغلىقنى ئېلىپ چىرايلىق ئوراتتى. ھەسەن يىسۇن، ھەسەنگە ئالغاچ باراي دەپ تۇرىۋالاتتى. ئاپام ئاچچىقلىنىپ ئۇنىڭغىمۇ تەييار قىلىپ بىرەي، گېلىڭىزنى شەيتان بوغدىمۇ؟ ئالدى بىلەن سىزمۇ قۇۋۋەتلىك يەڭ دېسە ماقۇل دەيىتتى، يەنە بىرەي چىشلەم يىگەندىن كىين يەنىلا ئۆزىنڭ نېسىۋىسىنىمۇ قول ياغلىققا ئوراتتى. بۇنى كۆرگەن ئاپامنىڭ ئاچچىقى كەلسىمۇ چاندۇرمايىتتى. بەزىدە دادام-ئاپاملار «ھەسەن يىسۇن» دىگەن گەپنى تەكرارلاپ كۈلىشەتتى. شۇنداق داۋاملىشىر يەرگەچكە بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ھەسەننىڭ ئىسمىنى يىسۇنغا ئۆزگەرتىۋاتقان ئىدى.
مەن، پات-پات ھەسەن بىلەن ئۆگىنش قىلىش ئۈچۈن ھەسەننىڭ ئۆيىگە چىقىۋالاتتىم. ھەسەن ھە دېسىلا كىچىك ئىشلارنى باھانە قىلىپ قېيدايىتتى، سەۋەبى بولسا ناھايىتى ئاددى ئىدى. مەن ئاۋۇ قاچىدا ئاش يەيمەن دېسەم، ماۋۇ قاچىدا ئاش ئۇسۇپ بىرىپسەن، مەن داستىخاننىڭ تۆرىدە ئولتۇراتتىم، ماۋۇ يەردە ئولتۇرۇپ قالدىم. باشقىلارغا دادىسى مانچە پۇل بىرىپتۇ، ماڭا ئاران بەش مو بىرىپسەن دەپ يۈزىنى قىز بالىدەك چىڭ تۇتىۋىلىپ يېغلاپ تۇرىۋالاتتى. ھەسەننىڭ قېيدىغانلىقىنى كۆرگەن ھامماملار بارلىق ياخشى گەپلەر بىلەن ئۇنى بەزلەيىتتى، پۇل بىرىشەتتى. شۇنداقتىمۇ ھەسەن ئانچە ئاسان ئېرىمەيىتتى. ئالاھىزەل بىرەر سائەت ئۇنى پەپىلىگەندىن كىين بەرگەن پۇللارنى ئېلىپ چىرايىغا كۈلكە يۈگىرەتتى. مەن بەزىدە ھەسەنگە ھەسەت قىلىپمۇ قالاتتىم. چۈنكى مەنمۇ بىركۈنى ھەسەندىن ئۆگىنىپ قېيداپ بېقىشنى ئويلاپ يېغلاپ تۇرىۋالدىم. لىكىن ھېچكىم ماڭا پەرۋا قىلىپمۇ قويمىدى. ھەتتا ئاچچىقى كەلگەن دادام چىرايىنى شۇنداق بىر ئالايتىۋىدى. قېيدىشىمدىم دەرھال يېنىپ، پستە كۈچۈكتەك دادامغا ئەركىلىدىم. لىكىن دادام ماڭا پەرۋا قىلىپمۇ قويمىدى. دادامنى خاپا قىلىپ قويغىنىمغا، ھەسەندىن ئۆگىنىپ قېيدىغانلىقىمغا مىڭ پۇشايمانلارنى قىلدىم. شۇۋاقىتلاردا مەن، ئاتا-ئانام ماڭا ئامراق ئەمەس ئوخشايدۇ، ھەسەن قېيدىۋالسا ھەسەننىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئۇنى شۇنداق ياخشى گەپلەرنى قىلىپ پەپيلەيدىكەن لىكىن ماڭىچۇ دەپ ئويلاپ كۆڭلىم يېرىممۇ بۇلۇپ قالاتتى.
بىر كۈنى مەن ھويلىدا تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتاتتىم، يېزنام ۋە ھامماملار بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ كەلدى. ئاپام داداملار ئۇلارنىڭ ئالدىغا چاي كەلتۈرگەندىن كىين، يېزنەم ئېغىز ئاچتى؛-بىزنىڭ ھەسەننى مەكتەپتىن ئاجىرتىۋىلايلى دىگەن، ئۇقۇش ھەققى ئېغىر ئىكەن، كىتاپ ماتىرىيال پۇلىسى تېخى ئېغىر، ئۇقۇتمايلى دىگەن شۇڭا سىز ئۇقۇتقۇچى بولغاندىن كىين بىر ئامال قىلىپ ھەسەننى مەكتەپتىن ئاجىرتىپ بەرسىڭىز، ئۇ داۋاملىق ئوتتورا مەكتەپتە ئۇقۇسا بولمايىتتى، يەنى ئوتتورا مەكتەپكە يوللايدىغان ئىسملىكتىن ھەسەننىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرۈپ بەرسىڭىز دېدى. دادام سالماقلىق بىلەن ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كىين سورىدى؛-ئۇقۇشتىن ئاجىرتىپ نىمە قىلىپ بىرەي دەپ ئويلاۋاتىسىز؟ يېزنام خىجىل بولغان قىياپەتتە؛ -ئەمدى شۇ ياغاچچىلىققا شاگىرتكە بىرەي دەۋاتىمەن. دادام سالماقلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى؛-كىتاپ ماتىرىيال ئشىنى بىز ھەل قىلىپ بەرسەك، بالا كەپسىز بولسىمۇ ئۇقۇشى ياخشى، ئۇنى ئۇقۇتساڭلار، بىز ھەر جەھەتتىن قوللىساق،ئەگەر ئۇ ياخشى ئۇقمىسا مۇشۇ كەپسىزلىكى بىلەن كەلگۈسىدە ھەرگىزمۇ تىزگىللىيەلمەيسىلەر، ھېلىمۇ ھەسەننى سىلەر بەك ئەركە ئۆگىتىپ قويدىڭلار دېدى. لىكىن ھاممام ۋە يېزناملار ئۆزىنىڭ پىكىرىدە چىڭ تۇردى. ئاخىرى دادام ئاچچىقلاپ قالدى، ئاپام بولسا دادامنىڭ ئۆزىنىڭ ئاچىسىغا قاتتىق تەككەنلىكىدىن نارازى ئىدى. دادام قوپال تەلەپپۇزدا؛-مەن دىگەن بىر مائارىپ خادىمى، بىر ئۇقۇغۇچى بولسىمۇ ئۇقۇتۇش مېنىڭ مەجبۇرىيتىم، مەن بىركىمنى مەكتەپتىن چىقىردىغان بۇنداق ئىشنى قەتئى قىلمايمەن دېدى. ئۇلار دوققاڭشىپ، تۇققان دىگەن ئەسقاتمايدىكەن دەپ رەنجىپ قايتىشتى.
ئۇلار قايىتقاندىن كىين ئاپام دادامغا كايىپ كەتتى، نىمانداق گەپ قىلىسىز؟ قۇلىڭىزدىن كەلگەندىن كىين ئىشىنى بىجىرىپ بەرسىڭىز بولمامدۇ؟ ئۇلار بىزدىن رەنجىپ قايتىشتى، بىكاردىن-بىكار تۇققانلارنى رەنجىتىپ. دادام تېخىمۇ خاپا بۇلۇپ كەتتى. تۇققانغا كۆيۈنۈش دىگەن ئىچىدە بۇلۇش كېرەك، ئەگەر ئۇ كەلگۈسىدە يارامسىز ئادەم بۇلۇپ قالسا، ھەسەن چۇقۇم جىدەل قىلىپ مېنى نىمىشقا مەكتەپتىن ئاجىرتىپ بەرگەنتىڭ دەپ بىز بىلەن ھېسابلاشقىلى كېلىدۇ. ئۆزىنىڭ پۈتۈن بەخىتسىزلىكىنى بىزدىن كۆرىدۇ، شۇچاغدا بەك خوشاللىق ئىش بۇلامتى. ئېسىت سىنىڭ بىر مائارىپ خادىمى ئۇقۇتقۇچى بۇلۇپ قالغىنىڭ دېدى.
شۇ كۈندىكى ئىشتىن كىين بىزنىڭ ئالاقىمىزمۇ تۈگىگەن ئىدى. ھەتتا ھېيىت ۋاقتىدىمۇ يېزناملار ئۆيگە بىر كىلىپمۇ قويمىدى، بىزنىمۇ تەكلىپ قىلمىدى. دادام پات-پات، ئېسىت نادانلىق دەپ ئۆكىنەتتى.
كىلەركى مەۋسۈمدا مەن تۇلۇقسىز ئوتتورا مەكتەپكە چىقتىم لىكىن ھەسەن مەكتەپ كەلمىدى. كىين ئۇقسام يېزناملار مەكتەپ مۇدىرىغا سوۋغات قىلىپ ھەسەننىڭ ئىسمنى ئۆچەتتۈرگەن ئىكەن. مەن داۋاملىق ئۇقۇشۇمنى داۋاملاشتۇردۇم، ھەسەننى يېزناملار ياغاچچىغا شاگىرتقا بىرىپتۇ.
ۋاقىت كۈنلەر ھەپتىلەرنى قوغلىشىپ، ھەپتىلەر ئايلارنى قوغلىشىپ، ئايلار يىللارنى قوغلىشىپ چاقماق تىزلىكىدە ئۆتمەكتە ئىدى. ھەش-پەش دىگۈچە تۇلۇقسىز 3-يىللىققا چىقىپ قالدىم. بىر كۈنى ھويلىدا تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئولتۇرسام ھاممام بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ شۇ كۈندىن كىين بىزنىڭ ئۆيگە تۇنجى قېتىم كىرىشى ئىدى. ئاپام-داداملار ئۇنى قىزغىن قارشى ئالدى، چاي ئىچىپ بىردەم پاراڭلاشقاندىن كىين ئاپام ھەسەننىڭ ئەھۋالىنى سورىدى. ھاممام پىيالىنى ئالدىدا قويۇپ قويۇپ گەپ باشلىدى، -ياغاچچىلىققا شاگىرتقا بەرگەن ئىدۇق. ھەر چوڭ ياغاچلارنى كۆتىرىدىغان ئىش ئىكەن، بىرتاللا ئوغلۇم ئەمەسمۇ، بۇنداق جاپالىق ھۆنەرنى ئۆگەنمە دەپ ھۆنەردىن توختىتاۋالدۇق. باشقا بىر ھۆنەرگە بىرىشنى ئويلىدۇق. دادام كۆڭلىدە ئاچچىقلانغان ھامان چىرايىغا چىقاتتى، دادامنىڭ چىرايىدىن ئۇلارنڭ بۇ ئەقىلسىزلىكىگە نارازى بۇلغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. ئاپامنىڭ كۆز ئىشارىتى بىلەن دادام ئېغىزىنىڭ ئۇچچىغا كىلىپ قالغان گەپنى يۈتىۋەتتى. شۇنداقتىمۇ دادام، سالماقلىق بىلەن، يەنىلا ھامماغا نەسىھەتكە چۈشتى. ھاممامنىڭ ئىسمى بەختىخان ئىدى. –بەختى خان، سىز بەلكىم مايمۇننىڭ مىۋە يېغىشى دىگەن ھېكايىنى ئاڭلىغان بولغىيتتىڭىز، شۇنچە توسسام ئۇنىماي بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇنى مەكتەپتىن چىقىرۋالدىڭىز، مەيلى ھۆنەر بولسىمۇ ئۈگەنسۇن دېسەم ئەمدىلىكتە بىر ھۆنەرنى ئۆگىتە-ئۆگەتمەيلا ياندۇرۋالسىڭىز خۇددى مايمۇننىڭ مىۋە يېغىشىغا ئوخشاش ئىش بولۇپ قالمامدۇ؟ بىزلەرنىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىكى تارتقان جاپالارنىڭ ئالدىدا ھازىرقى بۇنچىلىك جاپا نىمىگە ئەرزىيتتى؟ جاپالىق بولسىمۇ بىر ھۆنەرنى باشتىن ئاخىرى ئۆگەنمىسە قانداق بۇلىدۇ؟ دېدى دادام. ھاممام دادامنىڭ گېپىدىن سەل رەنجىدى بولغاي.- ئەمدى بىزنىڭ بۇ بىر ئوغلىمىز بولغاندىن كىين ياخشى پەرۋىش قىلمىساق بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ كىچىك ۋاقتىدا ناۋ ماۋيەن بۇلۇپ قالغان(نىرۋا ياللۇغى) شۇ ئېغىر ياغاچلارنى كۆتۈرىمەن دەپ بىر نىمە بولسا قانداق قىلىمىز؟
-باشقىلارنىڭ ھۆنەر ئۆگىنىۋاتقان باللىرى تۆمۈردىن، سىزنىڭ بالىڭىز سۇلياۋدىن ياسالمىغاندىن كىين باشقىلارغا نىمە بولسا شۇ دېمەمسىز؟
-شۇ باشقىلارنىڭ بالىسى ناۋماۋيەن بۇلۇپ قالمىغان تۇرسا.
دادام ئەمدى باشقا گەپ قىلىشنىڭ ئورنى يوقلىقىنى ھېس قىلدى بولغاي، بالا ئۆزىڭىزنىڭ مەيلى ئىختىرايڭىز دەپ قويدى.
ھامماملار ھەسەننى ياغاچچىلىقتىن چىقىرۋالغاندىن كىين قۇرلۇشچىلىققا شاگىرىتقا بەردى. لىكىن قۇرلۇشچىلىق ئىشىمۇ ئىككى ئايغا بارمىدى.بىر كۈنى ئاپامدىن ھامماملارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قالدىم. ھاممام ۋاي خۇدايىم، قۇرلۇشچىلىق قىلسا سۇغۇق لايغا يالاڭ ئاياق دەسسەيدىكەن، ھېلىمۇ تىزدىن چىقىرۋىلىپتىمەن بولمىسا سۇغۇق ئۆتۈپ كېتىپ ناۋماۋيىنى يەنە قوزغلىپ قالىدىكەن ئەمەسمۇ.
مەن ئوتتورا تېخنكوم ئىمتھانىدىن ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ ۋىلايەتلىك سىفەن مەكتەپتىن چاقىرىق كەلگەن ئىدى. گەرچە ھەسەن بىلەن ئالاقىمىز كىچىك ۋاقتىمىزدىكىدەك يېقىن بولمىسمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئانچە-مۇنچە پاراڭلىشىپمۇ قالاتتىم ۋە بەزىدە ئۆيدىكىلەردىن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ تۇراتتىم.
قىشلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتىپ كېلىپ دەم ئېلىۋاتاتتىم. ھامماملار يەنە بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ كەلدى. ھاممامنىڭ كىرىشى بىلەن ھەسەن توغىرلىق بىرەي يېڭى خەۋەر ئاڭلاشنى ئويلايىتتىم. نىملا دىگەن بىلەن ئۇ مېنىڭ بالىلىق ۋاقتىمدىكى يېقىن دوستۇم ۋە تۇققىنىم ئەمەسمۇ؟
مەن ئەقلىمگە تولغاندىن كىين ئەينى ۋاقىتتىكى دادامنىڭ ھەسەننى نىمە مەكتەپتىن ئاجىرتىپ بەرمەسلىكىنى ھەقىقى چۈشىنىپ يەتكەن ئىدىم، مېنىڭ بولسا ئىشىم ئاساندەك قىلاتتى. چۈنكى ئۇقۇش پۈتتۈرسەملا خىزمەت تەييار ئىدى. ئاتا-ئانامنىڭ كەسپىگە ۋارسلىق قىلىپ ئۇقۇتقۇچى بۇلاتتىم.
ئارىدىن تۆت يىل ئۆتمەي، ھاممام ناھايىتى قېرىپ كەتكەندەك قىلاتتى. بەللىرىمۇ سەل مۆكچەيگەن، پىشانىسىدىكى ئىنچىكە-ئىنچىكە قورۇقلار، خۇددى كەپسىز بالىلارنىڭ رەسىمنىڭ ئۈستىگە قىرىنداش بىلەن جىجاپ قورۇقلارنى كېڭەيتىۋەتكەندەك كۆرىنەتتى. ئۇرۇقلاپ بىر ئۇستىخان-بىر تىرە بۇلۇپ قالغان ئىدى. ھاممامنىڭ سۆزلىرىدىن ھەسەننى ئۇقۇتمىغىنىغا بولغان پۇشايمىنى ئەكىس ئېتەتتى.ھاممام بۈگۈن ئاپامغا دەردىنى سۆزلەۋاتاتتى. ئوغلۇمغا مۇۋاپىق ھۆنەر تاپالمىدىم، قۇرلۇشچىلىققا شاگىرتقا بىرىپتىمەنكەن، لاي بەك سۇغۇق بۇلغاچقا سۇغۇق ئۆتۈپ كېتىپ كونا كېسىلى قوزغىلىپ قېلىشتىن قۇرۇقتىم. ئۇنىڭدىن كىين دىيەنشى(تېلىۋىزور) رىمونىت قىلىشنى ئۆگىنشكە بەردىم. ئاڭلىسام توك بىلەن شۇغۇللانسا خەتەرلىك ھەم بەك سۇغۇق دەيدۇ. يەنىلا ناۋماۋيەن كېسىلى قوزغىلىپ قېلىشتىن قورقتىم، ئۇ يەردىنمۇ چىقىرۋالدىم. مەن بۈگۈن ھاممامغا ناھايىتى ياخشى بىر ئەقىل كۆرسىتىپ ئۇنى خوشال قىلىشنى ئويلاپ ئويلىغىنىمنى بىۋاستە چىقاردىم. –ھامما، ھەسەننى زەگەرچىلىككە شاگىرتقا بەرسىڭىز قانداق؟ ھەم پاكىزە ھەم يېنىك، قىشتا سۇغۇق كۆرمەيدۇ، يازدا ئىسسىق دېسەم؛ ھاممام شۇ ۋاقىتتىلا گېپىمنىڭ بېلىگە تەپتى.-ئا......... ئۇكام، زەگەرچىلىكنى بىرنەچچە يىل ئۆگەنگەن بىلەن دوكان ئايرىيدىغان ۋاقىتتا بىز دېھقان خەققە نەدە ئۇ دۇكان ئېچىپ بىرىدىغان دەسمايە. مەن جىمىپلا قالدىم، ئاغىزىمغا شۇنچە گەپلەر كەلگەن بولسىمۇ چىداپ يۇتىۋەتتىم. ئىچىمدە مەڭگۈ باقارسەنمۇ ھەسەننى سەنلەر دەپ ئويلىدىم. ئاپام ھاممامدىن سورىدى، ئەمىسە نىمە ھۆنەرگە شاگىرىت قىلپ بىرىشنى ئويلاۋاتىسىز؟-ھاممام بىرپەس تۇرغاندىن كىين قوشنمىز پاتمىخاننىڭ باللىرىنىڭ سودىغا ئېپى بار ئىكەن، بازارمۇ-بازار بېرىپ سودا قىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ ساتىدىغنى تۇز، سەرەڭگە، سوپۇن قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ئىكەن، دەسمايە ئاز كېتىدىكەن. ئۇلار ھەسەنگە ئۈچ چاقىلىق ۋېلىسىپتتىن بىرنى بىرىدىغان بۇپتۇ، كۈنلىك سودىسىنىڭ %20تىنى ھەسەنگە بىرىدىكەن. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم سەل ئېچىلدى ۋە ھاممامنىڭ باياتتىنقى قوپاللىقنى ئۇنتۇم يەنىلا گەپ قىستۇردۇم. بۇ بەك ياخشى بۇپتۇ، تىجارەت دىگەننى مۇشۇنداق كىچىكىدىن باشلاپ قىلىشنى ئۈگەنسە كەلگۈسىدە ئىسقىقبالى ناھايىتى ياخشى بۇلىدۇ دېدىم. ھاممامنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈپ، تۇچتىن قاپلانغان ئىككى چىشى كۆرىنىپلا قالدى.
مەن ئۇقۇشۇمنى داۋاملاشتۇردۇم، يازلىق تەتىلمۇ بىردەمدە كېلىپ قالدى. دادام بىلەن بىرگە بازارغا چىقتۇق، ھەسەن ئۈچ چاقىلىق ۋېلىسىپتتا  ئادەم راسا توپلاشقان جايدا نەرسىلەرنى توۋىلاپ سېتىۋىتىپتۇ، دادام بىلەن ئىككىمىز ھەسەننى قوللاپ قويۇش يۈزىسىدىن لازىم بولمىسمۇ سوپۇن دىگەندەك تورمۇش بۇيۇملىرىدىن خېلى كۆپ سېتىۋالدۇق. ھەسەن ھەرنىم بولسا ياخشى ھۆنەردىن بىرنى ئۆگىنىۋىتىپتۇ دەپ ئويلاپ كۆڭلىمدە خۇرسەن بۇلدۇم ۋە ھەسەنگە مەدەت بىرىپ، ئۇنى ماختاپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم.
يازلىق تەتىل ئاخىرلىشاي دىگەن ۋاقىتتا ھاممام ئاپامنى يوقلاپ بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ كەلدى. مەن يەنىلا ھەسەننىڭ تەقدىرى توغىرلىق بىرە يېڭى خەۋەر ئاڭلاشنى كۈتۈپ ئۇلارنىڭ مۇڭىغا قوشۇلدۇم. ئاپام تاغدىن-باغدىن پاراڭلاشقاندىن كىين، تىما يەنە ھەسەننىڭ تېىمىسغا يۆتكەلدى. -قانداق ھەسەن سودىغاخېلى پىشىپ قالغاندۇ؟ ھاممام بۇ تېمىدا پاراڭ بۇلۇشنى تازا خالىماندەك گەپ باشلىدى. ئەتىيازدا سودا قىلىشقا شاگىرىتقا بەرگەن ئىدىم. بىچارە بالام ئۈچ چاقىلىق ۋېلىسىپتنى مېنىپ، نەچچە كېلومتىرلىق يىراقلىقتىكى بازارغا بارىدۇ. بەزىدە سودا بوش بولسا تامىقىغا قۇرۇق نان بىلەن دوغاپ يەيدىكەن. بالام تېخى توي قىلمىدى، ئۇ ۋېلىسىپت تېپىمەن دەپ بەك كۈچەپ كىتىپ بېلى چىم بۇلۇپ كىتىشىدىن ياكى كونا كېسلى قوزغىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ بۇ ھۆنەردىنمۇ چىقىرۋالدىم. ئاپام بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ غوژژىدە ئاچچىقى كەلدى. قانداق گەپ بۇ؟ يا ئۇنى بىرەر جايغا شاڭجاڭ، شۈجى قىلىش ئويىڭىز بارمۇ؟ھاممام خىجىل بولغان قىياپەتتە،- ئەمدى نىمە ھۆنەرگە بېرىشنى سىلەردىن مەسلىھەت سوراي دەپ ئويلاپ كېلىشىم. مىنىڭمۇ ئاچچىقم ناھايىتى كەلدى، دەرھال ھاممامدىن سورىدىم. ھەسەن ئۆزى قىلىشنى خالىمىدىمۇ ياكى سىلەر چىقىرۋالدىڭلارمۇ؟ -ھەسەننىڭمۇ بۇ ئىشتىن رايى قايتىپتىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز كېسەللىك ئەھۋالىنى ئويلاپ. .. مەن گەپنىڭ تىگىگە يەتتىم، ئەسلى ھەسەن ئانچە-مۇنچە دەردىنى سۆزلىسە، ئاتا-ئانىسى بولغان ئادەم، مەدەت، ئىلھام بەرمەكتە يوق، بىرتال ئوغلىنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ چىقىرۋەتپتىكەندە. مەن ئەمدى ھەسەننڭ تەقدىرىدىن راستىنلا ئەنسىردىم، 17ياشقا كىرىپ قالغان بىر ئوغۇلنىڭ شۇ كەمگىچە ھۆنەرسىز قېلىشى ياخشى ئەھۋال ئەمەس ئىدى. مەن كۆڭلۈمدە بۇ خەقلەرگە ئەمدى مەسلىھەت كۆرسەتمەيمەن دەپ ئويلىغان بولساممۇ لىكىن دوستۇمنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە كاللا قاتۇردۇم، ئاخىرى مىللى تىبابەتكە شاگىرتقا بىرىش تەكلىپنى ئوتتورغا قويدۇم. ھاممام دەسلەپتە ھۆنەر تاماملىغاندىن كىين دوكان ئايرىشقا دەسمايە كېتىدىغانلىقىنى دەپ تورىۋالغان بولسىمۇ مەن، ئېشىپ كەتسە ئىككى-ئۈچ مىڭ يۈەن پۇل بىلەن ئىش باشلىغىى بولىدىغانلىقىنى دەپ ئاران قايىل قىلدىم. ئۈچ كۈندىن كىين مىنىڭ يول كۆرسىتىشىم بىلەن داڭلىق تىبابەت ئۇستىسى غاپپار ھاجىمنىڭكىگە شاگىرىتلىققا ئاپىرىپ بەردۇق. شۇ ۋاقىتتا مەنمۇ بىرگە بارغان ئىدىم. ساقاللىرى قاردەك ئاقارغان، چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان غاپپار ھاجىم بىزلەرنى قىزغىن قارشى ئالدى. شۇنداق قىلىپ ھەسەننى مىللى تىباتچىلىككە شاگىرتقا بەردۇق. خيال ئىكرانىمدا ھەسەننىڭ بەش يىلدىن كىينكى سالاپەتلىك قارىم تەلپىكى كېيگەن، كەكۈ ساقال قويغان، مەغرۇر تومۇر تۇتىۋاتقان ھالىتى كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى. قايتىش ۋاقتىمدا ھەسەنگە مىللى تىبابەتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى، دوختۇرلۇق كەسپىدىن ھېچكىمنىڭ باھا تالاشمايدىغىنى، پۇلىسى نىسىي بولمايدىنىنى، بۇ ھۆنەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىش لازىملىقىنى تاپىلاپ قايىتتىم.
ھەپتىلەر ئايلارنى قوغلىشىپ ۋاقىت ناھايىتى تىز ئۆتتى. ھەش-پەش دىگۈچى ئۈچىنجى ئۇقۇش ماۋسۈمى تۈگەپ، قىشلىق تەتىل يىتىپ كەلدى. ئۆيدە دەم ئېلىۋىتىپ ھەسەننى يوقلاپ بېرىشنى ئويلىدىم لىكىن ھاۋا ناھايىتى سۇغۇق بولغاچقا ھاۋا ئېچىلغان كۈنى بېرىشنى قارار قىلدىم. بىر كۈنى دادام-ئاپاملار بىلەن ئىسسق ئۆيدە تېلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇراتتۇق. ئىشكتىن يېزنەم ۋە ھامماملار كىرىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئالدىغا تاتىلق-تۈرۈملەر،چاي كەلتۈرلدى. دادام ئۇلار بىلەن ناھايىتى قىزغىن پاراڭلاشتى. دادام ھامماملارنى ماختىغاندەك ھەسەننىڭ مىللى تىبابەت كەسپىنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ كەسىپنىڭ ئىستىقبالى توغىرلىق بىر ھازا سۆزلەپ كەتتى. ئۇلار شۇنداق،... شۇنداق.. دەپ باش لىڭشىتىپلا تۇراتتى. مەنمۇ ئىچىمدە ھەممىسى مېنىڭ ئەقلىم، بۇلار مىنى ئۇنتۇپ قالدى دەپ ئويلايىتتىم. لىكىن ئويلىمىغان بىر گەپ ھەممەيلەننىڭ كەيپىنى ئۇچىرۋەتتى. ئۇنى يەنە ھۆنەردىن چىقىرۋالدۇق. دادام،ئاپام ۋە مىنىڭ ئاغىزىمدىن تەڭلا «نىمىشقا؟» دىگەن گەپ چىقتى.ھەسەننىڭ دادىسى مامۇت ئاخۇن، تەلپىگى ئىچىگە قۇلىنى تىقىپ كاللىسىنى قاشلىۋەتكەندىن كىين گەپ باشلىدى.-ھۆنەرگە ئاپارغاندىن كىين ئوغلىمىزغا بىرەي ھۆنەرنى ئۆگىتەي دېمەپتۇ؟ ئەتىدىن –كەچكىگە ھويلا-ئاراملارنى سۈپۈرۈش، كېسەللەرگە چاي قاينىتىش، ھەتتا ئوبرىنىنىڭ پىشىپنى تارتقىلى سېلىش دىگەندەك ئىشلارغا ساپتۇ. قاچان بارسام شۇ ئىش بىلەن مەشخۇل بۇلىۋاتقىنىنى كۆرىمەن. ئوغلىمىزنىڭمۇ رايى تازا قايتىپتۇ، شۇڭلاشقا ئىككى ئاي بولدى چىقىرۋالدۇق. مەن ئېغىزىمدىن گەپ چىقىرشقا تەمشىلىشىمگە دادام گەپ باشلىدى.-شۇڭا بۇ مىللى تىبابەت، بۇنى ئاسانلا ئۆگەنگىلى بۇلىدىغان ھۆنەر ئەمەس، غاپپار ھاجىممۇ مۇشۇ كەسپنى ئۆگىنىش يولىدا 30يىلدەك جاپا تارتتى. ھېلىغۇ خالانىڭ پوقىنى تارتىشكەن ئۇنىڭدىنمۇ نەچچە ھەسسە جاپالارغا قالدى. شۇنداقتىمۇ مۇشۇ كەسپىنى سۈيۈپ خوتەندىكى ئالدىنقى قاتاردىكى تېۋىپلاردىن بۇلۇپ قالدى. ھەتتا قېرىنداش مىللەتلەرمۇ بۇ ھاجىمغا قايىل. ئۇنداق، مۇنداق ئىشلارغا سالماي، قوڭىغا قوشلاپ كۆرپە سېلىپ بىرىپ، تۇمۇر تۇتۇشتىن باشلاپ ئۆگىتىپ كەتسە بۇلامتى ئەمىسە، شاگىرتقا كىرگەن بالىلار ئالدى بىلەن ئاددى ئىشلاردىن باشلاپ كىين مۇستەقىل كېسەل كۆرگىدەك، دورا ياسىغۇدەك بۇلۇپ ئاندىن دوكان ئايرىيدۇ. دادام سەل چېچىلىپ سۆزلەۋاتاتتى. ھامماملار خىجىللىقتىن بېشى يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بۇلۇۋاتاتتى. ئاپام دېمىغىنى قىرقىپ قويغاندىن كىين دادام گەپ ئالماشتۇردى؛-خوش، مامۇت ئاخۇن، ئەمدى ھەسەنگە نىمە قىلىپ بىرىشنى ئويلىشىۋاتىلا. مامۇت ئاخۇن تاتارغان چىرايىدا، نۇرسىز كۆزلىرىنى پىلدىرلىتىپ سۆزلەشكە باشلىدى. ھازىر موتو-پوتو دىگەندەك نەرسىلەر بارغانسىرى كۆپىيۋاتىدۇ، ئۇ نەرسىلەرنى پات-پات رىمونىت قىلدۇرۇپ تۇرىدىغان گەپكەن، شۇڭلاشقا سېلىنىڭ چوڭ ئوغۇل مەتۇرسۇندىن موتو رىمونىت قىلشنى ئۈگەنسە دەپ كەلگەن ئىدۇق. دادام يەنە بىر ھازا كايىشقا باشلىدى، ئۇلارغا يۈز خاتىرمۇ قىلمىدى. كونىلار دىگەن« ھۆنەر ئېقىپ تۇرغان بۇلاق، بىلىم يېنىپ تۇرغان چىراغ» دەپ ھەقىقىتەن بىكار ئېيىتمىغان، دۇنيادا ھالاللىق بىلەن پۇل تاپىدىغان ھەرقانداق ھۆنەرنىڭ ياخشى-يامىنى يوق، مەيلى قايسى ھۆنەر بولسۇن، جاپاغا چىداپ ئۆگەنسىلە ھۆنەرنىڭ نېنىنى تېپىپ يەيدۇ، ھۆنەر كىشلەرنىڭ خالايىق ئالدىدا ئەزىز قىلىدۇ، ھۆرمىتى ئاشۇرىدۇ. مۇشۇنداق ھەپتە، ئون كۈندە بىر ھۆنەر ئالماشقىلى تۇرسا قانداقمۇ بىر ھۆنەر ئۆگىنىپ چىقالىسۇن، خۇددى مايمۇننىڭ تاغدىن چۈشىشى دىگەندەك ئىش بولمامدۇ. ئۇلار ئەمدى مۇشۇ ھۆنەردىن چىقىرۋالمايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا ۋەدە بەرگەندىن كىين دادام قوشۇلدى. ھەسەن ئەمدى موتو رىمونىتچىسىنىڭ شاگىرتى بولدى. ھەر ھالدا ھەسەن مەن تاكى سىفەن مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە بىريىل مۇشۇ ھۆنەرنى ئۆگىنىش بىلەن بولدى.لىكىن ھەر دېسلا ئىشقا كەلمەي، قاتتىقراق گەپ قىلسا قېيداپ، بوش گەپ قىلسا ھۆنەرگە كۆڭۈل بىلمەي ئۆتىۋاتاتتى. نەچچە خېرىدارنىڭ موتو سېكىلىتىنى بۇزۇپ قويۇپ، ئاكامنى ئىزاغا قويغان ئىدى. لىكىن ئاكام ھامماملارغا داتلىنىپ تەربىيە بىرىشنى ئۆتۈنسە،ئۇلار ھەسەنگە تەربىيە بەرمەكتە يوق ھەممە يامانلىقنى ئاكامدىن كۆرۈپ، توققانلىقنى پاش قىلىپ خاپا بۇلاتتى.
مەن ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كىين مەھەللىمىزدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلندىم دادام بىلەن بىر مەكتەپتە خىزمەت قىلاتتىم.
بىر كۈنى ھويلىدا ئۇقۇغۇچىلىرىمنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرىنى تەكشۈرۈپ ئولتۇراتتىم، ئاپام تاماققا تۇتۇش قىلىۋاتاتتى. دادام گېزىت كۆرىۋاتاتتى. ھاممام ناھايىتى خاپا ھالدا ئىشكتىن كىرىپ كەلدى. چاتاق بولدى! چاتاق بولدى! ھەسەن دادىسىنى ئۇرۇپ قېچىپ كەتتى دېدى.  بالسىنىڭ دادىسىنى ئورغانلىقتىن ھەممىزنىڭ غەزەپتىن مۇشتلىرىمىز تۈگۈلدى.
ئەسلىدە ھەسەن، ھاراق ئىچىپ كىرىپ دادىسىنى ئىتتىرۋەتكەن ئىكەن، ئۇ مەستچىلىكتە ھەممە گۇناھنى ئاپىسى بىلەن دادىسىغا ئارتىپتۇ، ھەممىنى قىلغان سىلەر، بىكاردىن-بىكار مېنى مەكتەپتىن چىقىرۋالدىڭىلار، ھۆنەر ئۆگەنگىلىمۇ قويمىدىڭلار چوپچوڭ بۇلغاندا رىمونتىچىنىڭ مەينەت شاگىرتى بۇلۇپ يۈرەمدىم؟ ھەسەن يەنە ئۆزىنى مەن بىلەن سېلىشتۇرۇپتۇ، مىنىڭ ئۇقۇشۇم ئەينى ۋاقىتتا ئەركىندىن ياخشى ئىدى. ئۇ ھازىر ئۇقۇتقۇچى بولدى مەنچۇ؟ دەپ بىرمۇنچە تاپا-تەننىلەرنى قىلپتۇ، دادىسى سەن ئۆزەڭ بۇ ھۆنەرنى ئۇنداق، ئۇ ھۆنەرنى بۇنداق دەپ ياخشى ئۆگەنمىدىڭ دېسە؛ ھەسەن مەن شۇنداق دىگەن بىلەنمۇ بىر بالا ئىدىم، ھەرقايسىڭ ماڭا ياخشى تەربىيە بىرىپ، كۆڭلۈمگە تەسەللى بىرىپ ياكى بولمىسا ئۇرۇپ تىللاپ بولسىمۇ ھۆنەر ئۆگەتمىدىڭ، ئەمدى مەن ھۆنەرسىز قالدىم. ئۇقۇشسىز قالدىم، تىبابەت كەسپىنى ئۆگەنگەن بولسامچۇ ھەي ئېسىت، سودا-سېتىقنى داۋاملىق قىلغان بولسامچۇ ھەي ئېسىت! ئەمدى قۇللىرىم قاسماق رىمونتىچى بۇلارمەنمۇ دەپ دادىسىنى ئىتتىرىپ يېقىتىۋىتىپ چىقىپ كەتكەن ئىكەن.
ھاممامنىڭ كۆز ياشلىرىنى كۆرۈپ ئىچىپ ئاغىرغان بولسىمۇ لىكىن  كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە ئۆزەڭلارغا ئاز دىگۈم كېلەتتى.
2012-يىلى 4-ئاينڭ 19-كۈنى (خوتەن ناھىيە لايقا يېزىسىدا)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-26 07:35 PM  


دۇنيا ئۈمىد بىلەن تولغان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 854
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7723
تۆھپە نۇمۇرى: 311
توردا: 5067 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 04:23:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۇنەرلىك ئادەم خار بولماس ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72219
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 423
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 04:26:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىنى ئەركە ئۆگەتسە ئاسماقغا پىچاق ئاتىدۇ، جاپا تارتمىغان بالا ھالاۋەتنىڭ قەدرىنى بىلمەيدۇ، ۋاپادار بولمايدۇ.

زەر ئەمەسكە خار ئەمەسمەن، ئوتى يوق يۈرەككە پار ئەمەسمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79144
يازما سانى: 533
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2204
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 359 سائەت
تىزىم: 2012-4-21
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 04:28:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۇنەرلىك ئادەم خار بولماس ....

ھەددى - ھېساپسىز مال دۇنيانىڭ كەينىدە ، ھەمىشە بويۇنغا پاتقۇدەك گۇناھ - جىنايەتلەر ماراپ تۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3538
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6159
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 4364 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 04:30:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا مۇشۇنداق تەربىيىۋي ئەھمىيىتى زور، مەزمۇنلۇق، سۆز جۈملىلىرى راۋن،ئەمەلى ھېكايىلەر بىزگە ئىستىتىك زوق بېرەلەيدۇ ۋە بىزلەرنى ئىلھاملاندۇرالايدۇ.
تېخىمۇ تىرىشىڭ قېرىندىشىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57921
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2141
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 2003 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 07:11:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما ھېكايە ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ .رېئاللىقنى ناھايىتى ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن .

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 4984
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 48543
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 2082 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 10:41:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹بارى يوقى بىر بالا،باش -كۆزى تاز بالام ››قىپتۇ -دە ھەسەننىڭ ئاتا -ئانىسى بالىسىنى...
ھەددىدىن زىيادە ئەركە ئۆگىتىۋەتكەن بالا ئاخىرىدا ئاتا -ئانىغا ‹‹بالا››بولىدۇ...

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

ئەقىلسىز دوستۇڭ

مەستانە ئـــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21145
تۆھپە نۇمۇرى: 1221
توردا: 2847 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 10:48:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
« بالاڭنى ئايىساڭ ، بالادا قالىسەن » دىگەندەك ئىش بوپتۇ

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41817
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 422
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 1605 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 11:04:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ ياخشى يېزىپسىز، تىلىنىڭ ئەدىبىيلىكىگە يەنە ئازىراق كۈچەپ مەتبۇئاتلارغا ئەۋەتىپ باقسىڭىز بولاركەنتۇق، تېمىسىمۇ شۇنداق ماس كەپتۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77660
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 181
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2012-3-19
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 11:11:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىم تورىنڭ مېنى قوللاپ، ئەسىرىمنى نادىر تېما قاتارىدا ئېلان قىلغىنىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.

دۇنيا ئۈمىد بىلەن تولغان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش