مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: مارشال

ئۇيغۇرچە زىيالىلىق ھەققىدە ئويلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 897
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 16814
تۆھپە نۇمۇرى: 1799
توردا: 6792 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 10:10:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ataman0 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-27 12:07 AM
مارشال ئەپەندىم مەن سىزنىڭ قارشىڭىزغا ھۆرمەت قىلمەن ،  ...

بىدئەت چىقىرىشقا كەلسە،نۇرغۇن ئىشلار بار.
بىز قۇرئان-كەرىمدىن ئىمان نۇرى تاپقان،رەسۇلىللاھنىڭ يولىدا مېڭىپ،مۇسۇلماندارچىلىق قىلىۋاتقان بەندىلەر.رەسۇلىللاھ يولىدا مېڭىش كېرەك.ئۇ ھىدايەت يولى،ئۇ توغرا يول،ئۇ سائادەت يولى.
لېكىن،سىز پەيغەمبەر بار چاغدا،نەزىر-چىراق ئۆتكۈزگەنمۇ دەپسىز،قاراپ كەلسەك،نەزىر -چىراقتىن سىرت،يەنە دىندا چەكلىگەن نۇرغۇن ئىشلار بار،ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەشەمەتلىك،بېتۇندا سېلىنغان قەبرىلەر بۇنىڭ پاكىتى،رەسۇلىللاھ بار چاغدا بۇنداق قەبرىلەر ئەسلا يوق ئىدى.
پەيغەمبەر بار چاغدا،12مۇقام يوقتى،بۇنداق ناخشا-مۇزىكىلار ئەسلا يوقتى،لېكىن،ھازىر بار.
پەيغەمبەر بار چاغدا،ئاياللارنىڭ يۈزى ئەۋرەت دەپ قارىلاتتى،لېكىن،ھازىرقى دەۋردە،ھەرخىل كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى سىڭىپ كىرىپ،ئۇچۇق يۈرۈيدىغان ئەھۋال كېپ چىقتى.
پەيغەمبىرىمىز بار چاغدا،مەسجىدلەرنى بۇنداق بېزىمەيتى،پەقەت ئاللاھنىڭ ئۆيى دەپ،ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇراتتى.
رەسىمگە چۈشۈشمۇ بولمايتى،لېكىن،تور دۇنياسى ياكى كىتابلاردىن بولسۇن،تېلىۋۇزۇرلاردىن بولسۇن،قايسى ئىسلام ئەللىرى ھەم بولسۇن،ئېكرانغا چىققىنى چىققان،ھەتتا ،سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھىمۇ تېلىۋۇزۇرغا چىقىدۇ،بۇ قىل سىغماس پاكىت.پەيغەمبەر بار چاغدا ،پەقەت قۇرئان-كەرىمنى مىراس قالدۇرۇپتىكەن،لېكىن،ئۆزىنىڭ نۇرلۇق جامالىنى كۆرسەتمەپتىكەن،لېكىن،ھازىرقى ھەممە ئىسلام ئالىملىرىنىڭ سۈرىتىنى كۆرەلەيمىز،
ئەتراپقا قارايدىغان بولساق،نەزىردىن سىرت،نۇرغۇن ئىشلار بار،ئىسراپچىلىققا ياتىدىغان.
مېنىڭ چوڭ دادام بار،ھازىر 84ياشقا كىردى،بىر قېتىم نەزىرنى قاتتىق چەكلەش توغۇرلۇق خاتىب جۈمە سۆز قىلدى،قارشى پىكىردىكىلەر بارمۇ دېسە،چوڭ دادام مۇنداق بايانلارنى دەپ ئۆتتى:
-ئادەم دۇنيا مەئىشەتلىرى ئىچىدە ئالاقە قىلىپ ئۆتىدۇ،نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن بىر توپتا ياشايدۇ،مېھماندارچىلىق،توي-تۆكۈن،ئىجتىماھىي مۇناسىۋەتلەر تۈپەيلى،نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆيىدە تاماق يەيدۇ،لېكىن،ئەجەل قۇشى كەلگەندە،ئۇ ئادەمنىڭ نەزىرىنى بەرمەسلىك توغرا ئىش ئەمەس،ئاددىي-ساددا ئۆتكۈزۈپ،ئىسراپچىلىق قىلماي،ئۆتكۈزۈش كېرەك،شۇ كىشىنىڭ ئۆيىدە يېگەن تاماقلىرىنى نەزىردىن ئىبارەت يىغىلىشتا قەرزىنى قايتۇرۇش كېرەك.پەيغەمبەرمۇ تۈگەپ كېتىش ئالدىدا،ھەممە قەرزلىرىنى تۈگىتىپ كېتىپتىكەن،بىزمۇ شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك.
خاتىب ئوڭايسىزلاندى،بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالماي،سۆزنى باشقا ياققا بۇراپ گەپ قىلىشقا باشلىدى.
توغرا،مەن كورلىدىن،بىزنىڭ كورلىدا بۇرۇن ئابدۇۋايىت داموللا ھاجىم دەپ بىر ئۆلىما ياشاپ ئۆتكەن،ئۇ كىشى بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچراشقان ئىدىم ۋە نۇرغۇن سوئاللارنى سورايتىم.ئۇ كىشىمۇ دىنندا 7يىل تەربىيلەنگەن،لېكىن،مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا ئايالى تۈگەپ كېتىپ،يەنە توي قىلىپ،2-ئايالىدىن پەرزەنتلىك بولغاچقا،ئوبلاستنىڭ داموللا بۇلۇش سانىدىن چۈشۈرۋىتىلگەن،ئۇ كىشى جەمىيەتتە قالايمىقان پەتىۋالارنى تۈگىتىپ ماڭغان،خەلقنى توغرا يولدا يېتەكلىگەن،ھەممە كىشىگە ئاتا،ئۇستاز بۇلۇپ،كورلا خەلقىنىڭ نۇرلۇق ئىسلام چىرىقىغا ئايلانغان.
ئاللاھنىڭ تەغدىرى بىلەن ئۇ كىشى 2007-يىلى قۇربان ھېيتتا رېھلەت قىلدى،ئۇ ئادەممۇ نەزىرنى چەكلىمىگەن.تۈگەپ كەتكەن چاغدا،نۇرغۇن كىشىلەر كورلىنىڭ ئىسلام چىرىقى قاتتىق بىر تەۋرىدى....دېگەن ئىدى.
شۇ ئابدۇۋايىت داموللا ھاجىم مېنىڭ چوڭ دادامنىڭ شاگىرتى بولىدۇ،مېنىڭ بوۋامنىڭ تېگى-تەكتى قەشقەردىن،1839-يىلى تۇغۇلغان،قەشقەر خانلىق مەدرىستە ئۇقۇپ،يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىلىم يۇرتى بولغان بۇخارادا 10يىل ئۇقۇپتىكەن،كېيىن،قەشقەر خەلقى ئۇنى قەشقەر شەرىئەت مەھكىمىسىنىڭ قازىلىقىغا تەكلىپ قىلغاندا،بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى،كورلىغا كېپتىكەن.ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم بىلەن بوۋام تۇققان كېلىدۇ،شۇ چاغدىمۇ،ئاشۇ ئابدۇۋايىت داموللا ھاجىمغا مېنىڭ چوڭ داداممۇ نەزىرنى بىدئەت،قەبرىگە بېرىش بىدئەت دەپ ئۆگەتمەپتىكەن.
مۇنازىرىمىز مېنڭچە ياخشى ئېلىپ بېرىلدى دەپ ئويلىدىم.قانداقلا بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر،مەن ئاددىي-ساددا ئۆتكۈزۈلگەن نەزىر ئۆتكۈزۈشنى قوللايمەن.نەزىر ئۆتكۈزۈلۈپ،شۇ مېيت ئېگىسىنىڭ تۇققانلىرى،يېقىنلىرىغا ئازراق بولسىمۇ،روھىي -ئۇزۇق،ھاياتقا بولغان مەدەت ئېلىپ كېلىدۇ دەپ ئويلايمەن.


Hey, poor Uyghur, wake up, you have slept long enough,
You have nothing, what is now at stake is your very life.
If you don’t rescue yourself from this death,
Ah, your end will be looming, your end will be looming.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11921
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6972
تۆھپە نۇمۇرى: 256
توردا: 1507 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 03:44:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مارشال، سىزنىڭ نەرىڭىز باشقۇرغۇرچىغا ئوخشايدۇ؟ گۈلەننىڭ تېمىسىدا نېمشقا تۇيۇقسىز ئۇيغۇرزادىنى چشىلەپ تارتقىىڭىز كېلىپ قالدى؟نېمشىقا زىددىيەت تېريىسىز؟

ئېسىمدە قېلشىچە، سىز  ئەلكۈيىدە توخار نامىدا كىرىپ قاملاشمىغان ئىنكاس يازغىنىڭىزدا ئۇيغۇرزادە سىزنى تەنقىدلىگەن. قارىسام، نيتىڭىز توغرا ئەمەستەك. سىزنىڭ يېقىنقى ئىپادىڭىزغا قاراپ مىسرانىمنىڭ باشقۇرچۇغىلىقغا ماس كەلمەيدىكەن دەپ ئويلاپ قالغىلى تۇردۇم. بۇ تېمىدا قەستەن زىددىيەت تېرشىڭىز، مۇناسىۋەتىسز تېمىدا ئۇيغۇزرادىنى چىشلەپ تارتشىڭىز توغرا ئەمەس.  بۇنداق ئشىنى مسىرنىمدا ھېچكىمگە گەپ بەرمەي ئۆزىنى بىرچاغلاپ يۈرگەن سىزدەك باشقۇرغۇچى قىلسا ئالدى بىلەن مىسرانىم ئەپەندىنىڭ يۈزىگە سەت.

ئۇ تېمىنى كۆرۈپ تۇرغان ئادەم جىق. ئشىلار سىز دېگەندەك ئەمەس. گۈلەننىڭ تېما ئاخىرىدا قىلغان قىلىقى، ئۇيغۇرزادە چكېىنگەن شارائىتتا كۆورۈڭلىشى  چىدىماسلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئالدى بىلەن گۈلەن ئۇيغۇرزادىگە زەھەرخەندلىك بىلەن ھۇجۇم  قىلدى.ھەم گۈلەن بۇ ۋە ئاشۇ يازملىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇرۇن ئسىلام ۋە ئەنئەنە ھەققىدە دېگەن گەپلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى، ئىككى يۈزلىمىچى ئىكەنلىكىنى چاندۇردى.

مەن گۈلەننىڭ ساختپەزلىكىنى ياخشى بىلىدىان بىرسى. سىز گۈلەنىڭىزنى قانچلىك كۆتەرسىڭىز كۆتۈرۈۋرېرىڭ،ئەمما، بىز بۇدا ئۇنىڭ ھەقىقىي ئەپتى بەشىرىنى ياخشى كۆرۈۋالدۇق.  گۈلەن ئۇيغۇرزادىنى كۆرەلمەيدۇ. ئىلىمدە ئۇيغۇرزادىنىڭ خىلى بولالمايدۇ. بۇ تېمىدا دېگەن گەپلىرىدىن گۈلەننىڭ شۇنچلىك قارا قورساق ئادەم ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. ھەيرانمەن، ئۇ ئامېركىدا نېمە ئوقۇدى؟ ماگسىتېر ئادەممۇ مۇشۇنداق قارا قورساقلارچە گەپ قىلامدۇ؟ ئۇنىڭ «مەن مۇسۇلمان» دېگىنى راستمۇ ياكى مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ مۇسۇلمانچلىققا ئېنىق زىت ئشىلارنى ئاقلاۋاتقانلىقى راستمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40351
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 820
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1448 سائەت
تىزىم: 2011-5-11
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 06:07:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇلىمۇ  ئىسىل تىما  ئىكەن.

نىكاھ تەڭ باراۋەرلىك-ئادالەت ئۈستىگە ئەمەس، پەزلى- مەرھەمەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.

ھەربىرجان ئۆلۈم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45199
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2120
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 1814 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 10:39:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مارشال يوللىغان ۋاقتى  2012-4-26 10:10 PM
بىدئەت چىقىرىشقا كەلسە،نۇرغۇن ئىشلار بار.
بىز قۇرئان- ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مارشال ئەپەندى سىز مىنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىمنى چۈشەنمەيۋاتامسىز ياكى چۈشۈنىشنى خالىمايۋاتامسىز ، مەن پەيغەمبىرمىزنىڭ ۋىدالىشىش ھەججىدە مەن سىلەرگە قۇرئاننى قويۇپ كەتتىم قۇرئاننى مەھكەم تۇتساڭلار ئىزىپ كەتمەيسىلەر دەپ ۋەسيەت قالدۇرغان دىدىم ، مەن نەدە رەسىمگە چۈشۈش بىدئەت ، 12مۇقام بىدئەت دىدىم ، مەن يەنە ئەسكەرتىشنى لايىق كۆردۈم ، بىز ئەڭ ياخشىسى ئادەت بىلەن ئىبادەتنى ، ئايرىۋالمىساق مۇشۇنداق خاتا چۈشنىش كىلىپ چىقىدۇ ، دۇنيالىق ئىشلار بىدئەتكە كىرمەيدۇ ، بىەئەت دىگەن دىنى ئىشتا بولىدۇ ، بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۋالساق ، سىز پەيغەمبىرمىز دەۋىردە ئاياللارنىڭ يۈزى ئەۋرەت دەپسىز ، بولسا مۇشۇنىڭغا دەلىل بىلەن دىسىڭىز بولاتتى ... قارغاندا سىز قۇرئان كەرىمدىكى نۇر سۈرسىنىڭ 30-31ئايىتى بىلەن ئەھزاپ سۈرسىنىڭ 59-ئايىتىنى كۆرمىگەن ئوخشايسىز  ياكى كۆرسىڭىزمۇ ئانچە دىققەت قىلمىغان ئوخشايسىز بولمىسا بۇنداق يىنىكلىك بىلەن بۇنداق خاتا گەپ قىلىپ  يۈرمەيتتىڭىز ، ئاشۇ سۈرلەردە ئاياللارنىڭ قانداق كىينىشىنى تەپسىلى بايان قىلىدۇ ، ئىسلام ھىچقاچان ئاياللارنىڭ يۈزىنى ئەۋرەت دىمىدى ، ھازىرقى سىز دىگەن سەئۇدىدا يۈزنى يۆگەشنى مۇستەھەپ دەيدۇ ، سىز دىننى داموللامجىمدىن ، ئاشۇنداق نەزىردىكى چالا موللىلاردىن ئىگەللىمەكچى بولسىڭىز مۇشۇنداق خاتا چۈشۈنۋالسىز ، بەزەنلەر تىخى ئاياللارنىڭ ئاۋازىنىمۇ ئەۋرەت دەيدۇ، سىز قوپۇپ ئەمدى پەيغەمبىرمىز زامانىسدا ئاياللارنىڭ يۈزى ئەۋرەتتى دىسىڭىز قانداق بولغىنى ، ئىبادەت دىگەن ئۆزىمىز چاغلاپ قىلدىغان ئىشما !بىزنىڭ ئىبادەت دەپ قىلماقچى بولغان ئىشىمىزنىڭ ئىبادەت بولشى ئۈچۈن  ئاللاھ بىزىگە ئىبادەت دەپ كۆرسىتىپ بەرگەن بولشى كىرەك ، بولمىسا ئاللاھقا ئىبادەت قىلدۇق دەپ شەيتانغا قىلغان بوپ قالىمىز ، مەن باشتا سىىزىگە دىنىمىزدىكى نەزىرنى كۆستىپ ئۆتتۈم لىكىن سىز يەنىلام شۇ داموللاجىملارنىڭ گىپىنى دەۋاتسىز ، ئۇ داموللاجىملار بىز ئۈچۈن بىر ئۆلگە خالاس ،بىزنىڭ ئۇلارنىڭ يولىنى تۇتۇپ مىڭىش مەجبۇريىتىمىز يوق ، بەلكىم ئاشۇلار ھازىر بولغان بولسىمۇ كۈنىمىزدىكى نەزىرلەرنى چەكلىگەن بولاتتى ، بىز دىننى ئۇنىڭ ئەسلى مەنبەسى بولغان قۇرئاندىن ،  ھەدىستىن ئۈگەنمىسەك مۇشۇنداق خاتالىق كىلىپ چىقىدۇ

ھەربىرجان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تىتىغۇچىدۇر

ھەربىرجان ئۆلۈم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45199
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2120
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 1814 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 11:05:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىننى ئۆزىمىز ئۈگۈندىغان بولساق ئاللاھتائالا تارىخىتىن بۇيان پەيغەمبەر ئەۋەتپلا قالماي يەنە بىرگە كىتاپلارنىمۇ ئىۋەتتى ، ئەگەر ئۈزىمىز بىلدىغان بولساق بۇلارنى ئەۋەتكەننىڭ نىمە ئەھمىيتى قالىدۇ ، بىز ئۆزىمىزنىڭ نەپسىمىزگە ئەگەشسەك شەيتاندىن نىمە پەرقىمىز قالىدۇ ، سىزمۇ بىلسىز شەيتاندەك ئەقىلىق مەخلۇق تىخى دۇنيادا يوق ، شەيتانغا مۇناسىۋەتلىك ئاياتلەرگە زەن سىلىپ تەپەككۇر قىلساق ھەمىسنى چۈشەنمەك تەس ئەمەس ، كىم راخماننىڭ زىكىردىن يۈزئۆرۈسە ئۇنىڭغا بىز شەيتاننى مۇسەللەت قىپ قويمىز ، شۇنىڭ بىلەن شەيتان ئۇنى ئازدۇردۇ لىكىن ئۆزنى توغرا يولدا دەپ ئويلايدۇ  سۈرە زۇخرۇقتا مۇشۇنداق بىر ئايات بار ،  شۇڭا بىز سەللا دىققەت قىلمىساق شەيتانغا قۇل بولدىغان گەپ ،مۇنازىرمىزنى نۇرمال داۋاملىشۋاتىدۇ دەپ قارايمەن شۇڭا گەپ -سۆز بولسا چىرايلىق دىيىشسەك
بولىدۇ ، چۈنكى ھەمىمىزنىڭ دىنى بىر ، تىلى بىر ، ئامال بار پىكىر مۇستەبىتلىكىدىن ساقلانغان ئاساستا پىكىرلەشسەك، مۇنازىرە سورۇنى دىگەن مۇشۇنداق بولىدۇ ........

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kurax114 + 20 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ھەربىرجان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تىتىغۇچىدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59302
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 787
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 787 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2012-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 12:06:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۇلەن ئەپەندى ناھايتى سەزگۇر تىمىنى يوللاپتۇ. مىنىڭچە گۇلەن ئەپەندىنىڭ پىكىرى بارنى يىلتىزىدىن قومۇرۇش ئەمەس، بەلكى خاتانى ئىشىپ كەتكەن بۇلغانغان قىسمىنى تۇزەش.
نەزىر قىلىش  قەدىمدە نىمىدىن كىلىپ چىقسۇن بار ئىش. بۇرۇنلاردا ئىلاھلارغا نەزىرقىلىش يەنى بۇدلارغا نەزىر قىلىپ مال ئۆلتۇرۇش،ئاتاپ چەن سىلىش يەنى قۇلىقىنى كىسىش دىگەندەك ئادەتلەر ساقلانغان. ئىسلامىيەتتىن كىيىن بۇدلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش،قۇلىقىنى كىسىش چەكلەنگەن.بۇدىگەنلىك بۇدقا ئاتىماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. ئاندىن بىر ئاللاھقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش توغرىسىدا مەخسۇس قۇربان ھىيتىمىز بار. ئۇندىن باشقا ھەجگە ئاتالغان بەلگەسىلىنغان ماللارغا تەگمەسلىك توغرىسىدا بايان بار. بۇنەزىرلەر دەل شۇلارنىڭ راۋاجى.
ئۆزىمىزگە كەلسەك، قۇتادغۇبىلىگدە ئوگدۇلمىشنىڭ ئاتىسى ئايتولدىغا ئاتاپ،كىيىم كىچەك،پۇل پىچەك تارقاتقان بايانلىرى بار. دىمەك نەزىر بىزدە ئۇمۇملاشقىلى مىڭ يىلدىن ئارتۇق بولغان.شۇدەۋىرلەردىمۇ چەكلەنمىگەن. ئۇنىڭ ئۇستىگە سۇلايماننىڭ قۇشۇنلىرىنى بىر چۇمىلە ، چىكەتكە پۇتى بىلەن مىھمان قىلغانغا ئوخشاش، مىھماندارچىلىق بىزدە ئالاھىدە قىممەتلىك. بىر بىرىمىزگە يىگۇزۇش ئارقىلىق كۆڭۇللەر باغلىنىدۇ.ئۇيىشىمىز. دوس ئاداش بۇلىمىز. يىقىندىن بىرى بەزى ھىسياتچى زىيالىيلار نەزىرنى يەنى مىڭ يىل مابەينىدە ئاران ئادەت بولغان ئىسلامىي سۇپەتتىكى ئەمەللىرىمىزگە يىنىكلىك قىلماقتا. بىر ئىشنىڭ ئادەت بولمىقى ئاسان ئىش ئەمەس. بىلگەن ئىلىم ئەھلىلىرى بىلگىننىمۇ قىلالمايۋاتقان يەردە، بىلمىگەن تۇرۇك ئادەملەر ئادەت قىلىپ ئەمەل قىلىۋاتقان مۇشۇنداق ياخشى ئىشنى يۇتتۇرۇش ، ياخشىلىقتىن تۇسۇش، تەدىرجى بىزلەرنىڭ تۇز تەمىمىزنى قويمايدۇ. ئۆرۇپ ئادەت دىگەن چاخچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس. بۇجەھەتتە ئىزدىنىپ بىقىش كىرەك. ئۆرۇپ ئادەتلىرىمىزنى يۇقاتساق ، ئورنىغا باشقىسى ئۇنىدۇ. تۇغۇلغان كۇن، روجىستىۋا،ۋەباشقا بايرام دىگەندەك.
ھالالنىڭ سورىقى بار، ھارامنىڭ جازاسى بار. ھارام قۇرئاندا ئىنىق چەكلەنگەن. نەزىرنىڭ ھاراملىقى بۇلۇپمۇ ئارىمىزدىكى نەزىرنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا بايان يوق. بەلكى ھالاللىقى توغرىسىدىكى قارشىم يۇقارقىدەك. شۇھبە دىگەن تەقدىردىمۇ ئىنىق چەكلەنمىگەن ئىشلارنى قىلغانلارنى جازالىماسلىق توغرىسىدا ھۆكۇم ئەزلىيسى بار.

ھەربىرجان ئۆلۈم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45199
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2120
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 1814 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 01:20:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇندىن باشقا ھەجگە ئاتالغان بەلگەسىلىنغان ماللارغا تەگمەسلىك توغرىسىدا بايان بار.
ھۆرمەتلىك تادۇ ئۇنداق بولسا قۇرئاندا ئايەت بولسا شۇ ئايەتنى كۆرسىتىڭە ، بولمىسا قۇرئاندا ئانداق ئايەت بار مانداق ئايەت بار دىمەي شۇ دىگەن گىپىمىزگە ئىگە بولدىغان ئايەتنىمۇ بىللە قوشۇپ قويساق ، بولمىسا قۇرئانغا ئۆز رايىمىز بويچە مەنا بەرگەن بولمىز ، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى مەن دىمىسەممۇ بىلسىزغۇ دەيمەن ، مەن دىنىمىزدىكى نەزىرنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتتۈم ، ئىشەنمىسىڭىز سەھۇلبۇخارى جەۋھەرلىردىن تاللانما ، ياكى ياخشىلارنىڭ باغچىسى دىگەن ھەدىس كىتاپلىردىن مەن دىگەن نەزىرنى تاپالايسىز ، يەنە قايىل بولمىسىڭىز قۇرن كەرىمدىكى ئىنسان سۈرسىنىڭ 7-ئايىتى بىلەن  ھەدىس كىتاپلىردا بايان قىلنىپ كەلگەن  نەزىر بىلەن بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلسىڭىز چۈشنەلەيسىز  ، ئەمدى يەنە گەپدانلىق قىلمەن دىسىڭىز ھەم پاكىت كەلتۈرمىسىڭىز يول سىزنىڭ...
ئۇنتۇپ قالماڭ ئەينى ۋاقىتتا مەككە كاتتىللىرمۇ دىگەن بىز چوڭ بولساق ئاتابوۋلىرمىز مۇشۇ يولدا ئىكەنلىكىنى كۆرگەن بىزنى ئاتا-بوۋمىزنىڭ يولدىن تاندۇرامسەن دەپ پەيغەمبىرمىزگە شۇنداق دىگەن ، مەن پەقەت دىنىمىز كۆرسەتكەن نەزىرنى بايان قىپ قويدۇم ، سىز ئەينى ۋاقىتتا گۈلەندىن پەشۋا يەپ  يۈريىتتىڭىز، كىيىن كۆڭلىڭىزنى ئىپادىلەپ بايان قىلۋاتاتتىڭىز ئەمدى، سادىقلىقىڭىزنى كۆرسىتىۋاتامسىز ....... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ataman0 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-27 01:22 PM  


ھەربىرجان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تىتىغۇچىدۇر

ھەربىرجان ئۆلۈم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45199
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2120
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 1814 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 01:46:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى نەزىرلەرنى ئۆلمالىرمىز نىمىشقا بىدئەت دەيدۇ ، چۈكى كۈمىزدىكى نەزىرلەردە تارتىلۋاتقان يىمەك-ئىچمەكلەر ئەسلى كىم يىسە توغرا بولاتتى ، لىكىن كىم يەۋاتىدۇ ، ئۆمۈردە مەسچىتىنى بىلمەيدىغانلار ئۆلگندە نەزىرسىنى تاس قىلۋاتىدۇ شەھەر ئاتلاپ بەرگىلى ، ئۇلارچە نەزىرنى قانچە ھەشەمەت ئۆتكۈزسە مىيىتنىڭ ئاخىرەتلىلىگى شۇنچە ياخشى بولمىش ، بۇقانداق مەنتىقە ئەمدى ، مەن جەمئىيەتتە تولا ئاڭلاپ تۇرمەن قۇربان ھىييتتاياكى رامىزاندا ياكى كۈنىمىزدىكى نەزىرلەردە قۇرئان ئوقۇيدىغان قارىملاردىن 5~10-گىچە چاقىرىپ شۇلارغا جىقراق پۇل بىرىپ ئۆزنىڭ بىر يىللىق، ئۆلۈپ كەتكەن بولسا قىلالمىغان ساۋاپلىق ئىشلىرغا  (گۇناھلىرغا)كەپارات قىلدىغان ، بۇ قانداق دىن ئەمدى ، بۇ ياش ئەۋلادلىرمىزنىڭ كاللىسىغا ئاخىرەتتىكى جەننەتنى ئىشلىمەيلام قولغا كەلتۈرۈش ، گۇناھىنى پۇل بىلەنلام يۇيۇشتىن ئىبارەت ماڭقۇرتلۇقنى سىڭدۈرگەنلىك بولماي نىمە ، ئىشەنمىسىڭىز جەميەتكە چىقىپ تەكشۈرۈپ بىقىپ ئاندىن پىكىر قىلسىڭىزمۇ كىچىكمەيسىز ،تورنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۋىلىپ ئاتا-بوۋام، ئاتا-بوۋام دەۋىردىغان گەپما ، شۇنچە ئايەت ، ھەدىسلەر سىزنىڭ نەزىرڭىزدە نىمىگە ھىساپ... ئىمىزدە بولسۇن بىز ئاتا بوۋمىزنىڭ قىلمىشىدىن سۇئال -سوراق قىلىنمايمىز ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشلىگەن ئىشىدىن سۇئال-سوراق قىلىمىز !!!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ياۋۇز + 300 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

ھەربىرجان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تىتىغۇچىدۇر

ھەربىرجان ئۆلۈم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45199
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2120
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 1814 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 01:46:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى نەزىرلەرنى ئۆلمالىرمىز نىمىشقا بىدئەت دەيدۇ ، چۈكى كۈمىزدىكى نەزىرلەردە تارتىلۋاتقان يىمەك-ئىچمەكلەر ئەسلى كىم يىسە توغرا بولاتتى ، لىكىن كىم يەۋاتىدۇ ، ئۆمۈردە مەسچىتىنى بىلمەيدىغانلار ئۆلگندە نەزىرسىنى تاس قىلۋاتىدۇ شەھەر ئاتلاپ بەرگىلى ، ئۇلارچە نەزىرنى قانچە ھەشەمەت ئۆتكۈزسە مىيىتنىڭ ئاخىرەتلىلىگى شۇنچە ياخشى بولمىش ، بۇقانداق مەنتىقە ئەمدى ، مەن جەمئىيەتتە تولا ئاڭلاپ تۇرمەن قۇربان ھىييتتاياكى رامىزاندا ياكى كۈنىمىزدىكى نەزىرلەردە قۇرئان ئوقۇيدىغان قارىملاردىن 5~10-گىچە چاقىرىپ شۇلارغا جىقراق پۇل بىرىپ ئۆزنىڭ بىر يىللىق، ئۆلۈپ كەتكەن بولسا قىلالمىغان ساۋاپلىق ئىشلىرغا  (گۇناھلىرغا)كەپارات قىلدىغان ، بۇ قانداق دىن ئەمدى ، بۇ ياش ئەۋلادلىرمىزنىڭ كاللىسىغا ئاخىرەتتىكى جەننەتنى ئىشلىمەيلام قولغا كەلتۈرۈش ، گۇناھىنى پۇل بىلەنلام يۇيۇشتىن ئىبارەت ماڭقۇرتلۇقنى سىڭدۈرگەنلىك بولماي نىمە ، ئىشەنمىسىڭىز جەميەتكە چىقىپ تەكشۈرۈپ بىقىپ ئاندىن پىكىر قىلسىڭىزمۇ كىچىكمەيسىز ،تورنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۋىلىپ ئاتا-بوۋام، ئاتا-بوۋام دەۋىردىغان گەپما ، شۇنچە ئايەت ، ھەدىسلەر سىزنىڭ نەزىرڭىزدە نىمىگە ھىساپ... ئىمىزدە بولسۇن بىز ئاتا بوۋمىزنىڭ قىلمىشىدىن سۇئال -سوراق قىلىنمايمىز ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشلىگەن ئىشىدىن سۇئال-سوراق قىلىمىز !!!

ھەربىرجان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تىتىغۇچىدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59302
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 787
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 787 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2012-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 01:51:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرادەر بىزنىڭ يۇتتا ئىت تالاشتۇرۇش دەيدىغان بىر پائالىيەت بار. ئىككى ئىتنى قۇيىۋەتسە، تالىشىشى جەريانىدا خىرىس قىلسابۇلىدۇ. بىراق تىل ئىشلىتىپ قاۋىسا، ھەپ ھىساپلىنىپ يىڭىلگەن بۇلىدۇ. مۇنازىرمۇ شۇنداق.‹سىز ئەينى ۋاقىتتا گۈلەندىن پەشۋا يەپ  يۈريىتتىڭىز، كىيىن كۆڭلىڭىزنى ئىپادىلەپ بايان قىلۋاتاتتىڭىز ئەمدى، سادىقلىقىڭىزنى كۆرسىتىۋاتامسىز .......›
بۇنىمە گەپ ئۇزى، سىزنىڭ مىنىڭ يۇرۇش تۇرۇشۇم ئۆتكەن كەچكىنىم بىلەن نىمە كارىڭىز.  ئەيىپلەشكە ئالدىراپسىز. مىنىڭچە مەزمۇنغا كەلگىنىڭىز تۇززۇك.

ھىيىت، قۇربانلىق توغرىسىدا مەخسۇس بايانلاربار، مۇشۇنچىلىك ئىشنى بىلمىگۇدەك ئەمەسسىز.
چۇمۇلىنىڭ بىرزور باي قۇشۇننى مىھمان قىلىشىنى باشقا ئەسلەپ باققايسىز. مۇشۇ ئىككى ئىشتىن
نەزىر قىلىشنىڭ مال سۇيۇپ،ئاللاھ يۇلىدا ئاتا ئانىنىڭ ئەجرىگە جاۋاپ قايتۇرۇش،يۇت مەھەللىگە يىگۇزۇش ئىچكۇزۇشنىڭ خاتا يىرى يوق.
  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش