مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2531|ئىنكاس: 34

خوتەن نامى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77920
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7037
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2012-3-25
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 12:30:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم


خوتەن نامى ھەققىدە

خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئۇزۇن زامانلارىدىن بىرى، مۇنبەت قاراقاش ۋە يورۇڭقاش دەريا ۋادىلىرىدا تىرىكچىلىكىنى داۋام قىلىپ، خوتەن بوستانلىقىنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ كەلگەن،ئۇلار ئاقكۆڭۈل،ۋاپادار،خۇشپىئىل،ھەق سۆيەر،چىداملىق،قەيسەر، ھايالىق، ئىتىقادلىق،راستچىل،مىھرىبان ،كەڭ قورساق، مىھماندوست ،سىغدۇرۇشچان ، ئەپۇچان، سەبىرچان ۋە باشقا نۇرغۇن ئالىجاناپ ئىنسانىي پەزىلەتلەرگە ئىگە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىدۇر.

پەقىر خوتەنگە قوشنا ياشايمەن، ئەمما خوتەننى ئانا يۇرتۇمدەكلا ياخشى كۆرىمەن، بۇ يازمام ئارقىلىق خوتەن شەھىدلىرىگە ۋە خوتەن ئەزىزلىرىگە ھۆرمەت-ئىھتىراملىرىم ۋە ياخشى تىلەكلىرىم يەتكەي!...


خوتەن ھەققىدە نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك تىمىلاردا تەتقىقاتلار بولۇپ ئۆتتى، جۈملىدىن «خوتەن» نامى ھەققىدىمۇ شۇنداق، ئەپسۇسكى تەتقىقاتچىلىرىمىز خوتەن تەتقىقاتىدا، بۇددا دىنى ۋە سانسىكرىت تىلىغا يانداشقان تەتقىقات يۈزلىنىشىدە خوتەننى كۈزەتتى، خوتەنگە باھا بەردى، شۇنداقلا خوتەن ئۇيغۇرلىرىنى شۇ يۈزلىنىشتە چۈشەنمەكچى-چۈشەندۈرمەكچى بولۇشتى. كۆرۈنۈشتە بۇ مىتود دۇرۇستتەك قىلسىمۇ، خوتەننىڭ بۇددىزىمدىن بۇرۇنقى ، يىراق   ئۆتمۈشتە قالغان تارىخىغا ئىتىبار بەرمىگەنلىگى ئۈچۈن، خوتەننىڭ تارىخىنى ئەتراپلىق شەرھىلەپ بىرەلمىدى.

شۇ ۋەجدىن «خوتەن» دىگەن نامنىمۇ ئۇيغۇر تىلىدىن ئەمەس، ھىندى، تىبەت تىللىرىدىن ئۇچۇر ئىزلەپ مەنا بىرىشلەر بولدى، بۇ ئەمگەكلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز، ئەمما «جاي نامى جاي ئىگىسىدىن بولۇش» دىگەن ئېلمىي نۇقتىدىن چىقىش قىلىنمىغىنى ئۈچۈن قوبۇل قىلالمايمىز.

تۈرلۈك يازمىلاردا «خوتەن» نامى ھەققىدە ھازىرغىچە ئىلان قىلىنغان خاتا قاراشلار تۆۋەندىكىچە:

1-«يەر ئەمچىكى» دىگەن قاراش.بۇ قاراشقا تاڭشۇەنزاڭ يازمىلىرى، تىبەتچە يازمىلار مەنبە بولغان بولۇپ،يىزىلىشىچە ، بالىسى يوق  ئۇدۇن شاھىغا بۇدداھ بەرگەن بىر ئوغۇل ، يەردىن چىققان ئەمچەكنى ئىمىپ چوڭ بولغاچقا «قۇستانا» يەنى «يەر ئەمچىكى» دىگەن نام پەيدا بولغان دىيىلىدۇ .

2-«كالىلىق»، ياكى «كالا ئەمچىكى» دىگەن قاراش.ئۇلار سانسىكرىت تىلىدىكى «گوستان» ۋە «گوستانا» سۆزلىرىنىڭ «كالا باقىدىغان جاي» ۋە «كالا سۈتى» دىگەن مەنىسىدىن شۇ قىياسنى چىقىرىشقان.

3-كۈچتۈڭگۈر دىگەن قاراش.چەت ئەللىك بەزى بىلىمدارلارنىڭ قارىشىچە ، «ئۇدۇن» دىگەن سۆزنىڭ ئەسلى شەكلى «خۇۋاتانا» بولۇپ ، مەنىسى «كۈچتۈڭگۈر» دىمەكتۇر.

4-گۇلباغ دىگەن قاراش.« سانسىكرىت تىلىنىڭ تەرجىمىسى » دىگەن كىتاپتا خەنزۇچە «يۈتىەن» دىگەن سۆز «ئۇديانا» دەپ تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، مەنىسى «ئارقا ساراي» دەپ ئىزاھلانغان.

5-قاشتىشى ماكانى دىگەن قاراش .رۇسىيەلىك بۇشىر ۋە ياپونىيەلىك شىراتورى كۇركىچىنىڭ قارىشىچە ، «ئۇدۇن» دىگەن سۆز تىبەتچە بولۇپ، تىبەت تىلىدا قاشتىشىنى «گيۇ»«يۇ » دەيدۇ،تىبەتلەر شەھەر-يىزىنى «توڭ» دەيدۇ، شۇنداق بولغاندا «گۇتوڭ» نىڭ مەنىسى «قاشتىشى چىقىدىغان جاي» دىگەن بولىدۇ.

6-خىتاي دىگەن قاراش.بۇ قاراش ھىچقانداق بىر نۇقتىدىن دەلىللەشكە لايىق ئەمەس، شۇڭا تەپسىلى بايان قىلمىدىم .

7-ئۈزۈم دىگەن قاراش.فىرانسىيە ئالىمى لىۋىنىڭ قارىشىچە، ھىندى تىلىدا ئۈزۈمنى «قۇستانى» دەيدىكەن، شۇڭا ئۇ بۇ قاراشنى خوتەنگە تەققاسلاپ شۇنداق دەلىللىگەن

...............................

خوتەن نامى ھەققىدىكى ئاساسلىق قاراشلار يۇقارقىدەك، سىنچىلاپ قارالسا ھىچبىر ئالىم «خوتەن» نامىنى بۇ ۋادىدا ياشىغان ئۇيغۇرلارغا باغلاپ چۈشىنىشكە ھەركەت قىلمىغان.

ئۇلارنىڭ چوڭ مىللەتچىلىكتىن تۇغۇلغان ساددا چۈشەنچىسىچە ، ئۇيغۇرلاردىن ئۆز جايىغا ئىسىم قويغۇدەك دىتى بار بىر ئىنسانمۇ چىقمىسا كىرەك؟

سوغۇققانلىق بىلەن قايتا-قايتا دەلىللىشىمگە قارىغاندا ، «خوتەن» دىگەن بۇ قۇتلۇق نام ساپ ئۇيغۇرچە بولۇپ ، مەنىسى « ئىككى دەريا» دىگەنلىكتۇر!...

خوتەن ۋادىسىدىكى قاراقاش ۋە يورۇڭقاش دەرياسىنىڭ مۇبارەك نامىغا تەققاسلاپ قويۇلغان بۇ نام ، مۇشۇ دەريا ۋادىلىرىدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئانا ماكانىغا قويۇلغان ۋە ئىزچىل شۇ بويىچە ئاتالغان، بۇ قارىشىمغا دەلىلىم مۇنداق:

ئۇيغۇرلار قەدىمدىن بۇيان يىللارنى 12 مۆچەلدىكى 12 ھايۋان نامى بىلەن ئاتاپ ئادەتلەنگەن، بۇ ئادەتكە ئاساسەن «كالا» 12 مۆچەلدىكى 2- يىلنىڭ نامى بولۇپ قوللۇنۇلغان، قەدىمە «كالا» سۆزىنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى «ئۇد» ئىدى، كالا 12 مۆچەلدە 2-ھايۋان بولغىنى ئۈچۈن، ئىككىنچى يىلنى بىلدۈرىدىغان «ئۇد يىلى» سۆزىدىكى ئىككىنى بىلدۈرىدىغان «ئۇد» سۆزى ،كىيىنچە يەنە كالىنى بىلدۈرۈدىغان «ئۇد-ئۇي» سۆزىگىمۇ مەنا كىڭەيتكەن، «ئۇد» سۆزى ئۇزۇن يىللىق تەلەپپۇز تارىخىدا « ئۇد←ئۇي←ئۇر←ئېر 二←» .

« ئۇد←دۇ←تۇ←Two←چۇ←كۇ←گۇ←ئۇگۇ←ئۇكۇ←ئىكۇ←ئىكى←ئىككى» شەكلىدە بىزگە يەتكەن بولۇپ،ساپ ئۇيغۇچە سۆزدۇر.

قەدىمدە بوۋىلىرىمىز دەريانى «دون» دەيتتى، ھازىرمۇ رۇسىيەدە كازاكلار ياشىغان بىر دەريانىڭ نامى «دون» دىيىلىدۇ، «دون» سۆزى ئۇزۇن يىللىق تەلەپپۇز تارىخىدا :

« دون←دوي←دەي←زەي←سەي-←Sea←چاي←قاي←خاي海» شەكلىدە بىزگە يەتكەن بولۇپ،ساپ ئۇيغۇچە سۆزدۇر،ھازىرقى ئەدەبىي تىلدا بۇزۇپ «دەريا» دەۋالغان بۇ ئاتالغۇنى ،خوتەن-يەركەن تەرەپلەردىكى ئۇيغۇرلار «دەي» دەيدۇ .

شۇنى ئەسلىتىش زۆرۈركى، «دەي» دىمەك «دەريا» ۋە «سۇ» دىمەكتۇر، تىلىمىزدىكى «زەي»،«زەيكەش» سۆزىمۇ سۇ كۆپ جايلارغا قويىلىدۇ،«سەيSea» سۆزى بۈگۈنكى ئىنگىلىز تىلىدا «دىڭىز» مەناسىدا قوللۇنۇلىدۇ،«سەيلى» سۆزى پوسكامدا بىر يىزا نامى بولۇپ، داۋاملىق سۇ ئۆرلەپ تۇرغىنى ئۈچۈن «سەيلى» دەپ ئاتالغان، مەنىسى «سۇلۇق» دىمەكتۇر،«سەينىگ» سۆزىمۇ ،قولىمىزغا سۇلۇق قاپارتما چىقىپ قالسا «سەينىگ» بوپ قالدى دىگەندە قوللۇنۇلىدۇ، «سەينىگ بوپ قالدى»  دىمەك «سۇلۇق بولۇپ قالدى » دىگەنلىكتۇر.

«چاي» سۆزىنىڭ سۇنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھەممە بىلىدۇ،«قاي» سۆزىمۇ سۇنى بىلدۈرىدۇ، «قاينام»،«قىيان» سۆزلىرىدىكى «قاي» دەل شۇدۇر، ئەمدى سۆز بۇ يەرگە يەتكەندە «قاي» سۆزىدىن كىلىپ چىققان«خاي»سۆزىنىڭ «海» تەلەپپۇزىدا خەنزۇلاردا دىڭىزنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىسەكمۇ ئەقلى بار ئىنسان بۇنى چۈشۈنىۋالار.


«ئۇد دون» سۆزى قەدىمدە «ئىككى دەريا» دىگەن مەنا ئاساسىدا قويۇلغان بولۇپ، بۈگۈنكى خوتەن بوستانلىقىنى سۇغۇرۇپ كىلىۋاتقان ئانا دەريا -قاراقاش ۋە يورۇڭقاشلارنىڭ نامى بولغان ئۇد دون دىگەن ساپ ئۇيغۇرچە سۆز ئاساسىدا كىلىپ چىققان.


«ئۇد دون» سۆزى  ئۇزۇن يىللىق تەلەپپۇز تارىخىدا :


« ئۇد دون←ئۇيدون←ئۇيتۇن←يۇتون←يۇتان←يوتقان».


« ئۇد دون←ئۇيدون←ئۇدۇن ».« ئۇد دون←دۇدون←تۇدۇن←چۇتون←كۇتەن←خوتەن».


« ئۇد دون←دۇدون←تۇدون←چۇدون←كۇدون←كوزۇن←كۇسۇن←كۇسان←گۇچان←گۇجان».


« ئۇد دون←دۇدون←تۇدون←چۇدون←كۇدون←كوزۇن←كۇسۇن←كۇسان←كۇشان».« ئۇد دون←دۇدون←تۇدون←چۇدون←كۇدون←كوزۇن←كۇزان←گۇزان←قازان» تەلەپپۇزلىرىدا ئاتىلىپ بىزگە يەتكەن.


تارىختىكى ئۇددۇن-ئۇدۇن، گۇجان-خوتەن ناملىرى ، ئىنسانىيەت تارىخدا سالماق ئىز قالدۇرغان كۇسان-گۇزان-گوجانلارنىڭ قەدىم خوتەندە ياشىغان يىراق ئەجدادىنىڭ ، بۈگۈنكى خوتەندىكى ئەۋلاتلىرىنىڭ نامى بولۇپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە.
يىپەك يولىنىڭ جەنۇبى لىنىيەسىدىكى مۇھىم جاي،سىرتقا يىقىنغىچە داغدام ئوچۇق خوتەن بوستانلىقىغا، تارىختا دىپلومات،سەيياھ،بىلىم ئالغۇچى، مۇساپىر ، سودىگەر، قاراقچى ، بۇلانچى بولۇپ كىلىپ كەتكەنلەرنىڭ تىلىدىن ، بۇ ۋادىغا قويۇلغان تەۋەررۈك ناملارغا مەنا ئىزلەش، ئىلىمگە يات بولغان نادانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
قەدىم ئۇد دونلۇقلار ئۇددۇن ۋادىسىدىن قۇرغاقچىلىق، قۇملىشىش، ياتلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەپلەرگە كۆرە 4 ئەتراپقا كۆچكەن بولۇپ، تارىختىكى كۇشان خانلىقىنى قۇرغان كۇشانلار،كۇچادا كۈسەن خانلىقىنى قۇرغان كۈسەنلەر، بۈگۈنكى تۈركىيەدىكى كوزان ئۆلكىسى نامىدىكى «كۇزان» ئاتالغۇسى شۇلاردىن قالغان تارىخى ناملاردۇر.خىشى كارىدورىدىن قايتىپ كەلگەن گوزانلار  ئەۋلادى بولغان پانتىكىن تەرىپىدىن تۇرپاندا قۇرۇلغان گازان خانلىقى(ئىدىقۇت خانلىقى-خەنزۇچە گاۋچاڭ خانلىقى دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىنغان) ئىدى، چىڭگىزخان ئىستىلاسىدا تۇرپاننىڭ يازلىق پايتەختى گوزان(بۈگۈنكى گۇچۇڭ)دىكى گۇزانلار ،بارچۇق ئارت تىكىنگە ئەگىشىپ جەڭگە كىرگەن بولۇپ، ئابباسىيلەر خەلىپىلىكىنى ئاغدۇرۇۋەتكەن گازان خان دەل شۇلاردىن ئىدى، گازانلار كىيىنچە جۇجىخاننىڭ تەۋەلىكىدە بولغان بولۇپ، بۈگۈنكى تاتارىستاندىكى تاتارلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن، گازانلاردىن قالغان يالداما بۈگۈنكى تاتارىستاندىكى قازان شەھرىنىڭ «قازان» دىگەن نامىدۇر،«قازان» دىمەك تاماق ئىتىدىغان قازاننى ئەمەس، بەلكى ئەرەپ ئابباسىيلەر سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇۋەتكەن گازان قەبىلىسىنىڭ نامى بولغان «گوزان» سۆزىدىن كەلگەندۇر.
شۇنىسى دىققەتكە سازاۋەر بولۇشى كىرەككى، بۇددىزىم پەيدا بولۇپ، دۇنياغا تارالغان جاي، بۇددا يازمىلىرىدا«ھىندىستاننىڭ شىمالى» دەپ خاتىرلەنگەن، ھىنىستاننىڭ شىمالى بولسا خوتەن بوستانلىقىنىمۇ كۆرسىتىدۇ، بۇددا دىنىنى تارىخىي نۇقتىدىن بايان قىلىش ئۈچۈن بۇ ھەقتە سۆز قىلىش زۆرۈر بولدى.
نادانلارنىڭ بۇددا دىنىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ ، خوتەننى بۇددا دىنى تەسىرىدىكى ھىندىستان بىلەن باغلاپ چۈشۈنۈشى يەنە بىر نادانلىقتۇر. شۇنىسى ئىنىقكى، بۇددا دىنىنىڭ بەرپاچىسى ساكلاردىن بولغان كىشى ئىدى، شۇڭا ئۇنىڭغا«ساك يامۇن» نامى بىرىلگەن، بۇددا تارىخنامىلىرىدە ھەتتا ساكيامۇننىڭ خوتەندىكى «كوسىنگارا» تىغى باغرىدا ۋەز ئىيتقانلىغىمۇ سۆزلىنىدۇ، بۇددىزىم تارىخىدا ، بۇددا دىنىنىڭ گۈللەنگەن جايى، ئەينى زاماندىكى كۇشانلار ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئافغانىستاندىكى قەندىھار ۋە بامىيان بۇتخانىلىرى، كۈسەنلەر ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى قەدىمى كۇچار ۋە قىزىل مىڭ ئۆيلىرى، خوتەندىكى گۇجانباغ ۋادىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گۇجانلار ياشىغان قەدىمى خوتەن ۋە قەدىمىي خوتەندە قۇرۇلغان 5000مىڭچە بۇتخانا، گوزانلار ياشىغان قەدىمى خىشى كارىدورىدىكى گوزاڭ ۋە موگاۋ مىڭ ئۆيلىرى(موگاۋ دىمەكمۇ مۇگ ئەۋ-ئىلاھنىڭ ئۆيى دىمەكتۇر)،خىشى كارىدورىدىن چىكىنىپ چىققان گوزان (گاۋچاڭ) لار بەرپا قىلغان تۇرپان ئۇيغۇر خانلىقى ۋە گاۋچاڭ-گۇزان خانلىقىدىكى سىنگىم ۋە بىزەكلىك مىڭ ئۆيلىرى قاتارلىق زەنجىرسىمان باغلانغان دەلىلەر ، شۇنداقلا بۇددا دىنىنىڭ دۇنياغا تارقىلىشىغا تۈرتكە بولغان قەدىم كۇشان خانلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلار، ھەمدە قەدىم ھىندى دىنىنىڭ بۇددىزىم ئەمەس بىراخمانىزىم ئىكەنلىگىدەك پاكىتلار، بۈگۈنكى دۇنياغا زور تەسىر كۆرسەتكەن ئاشۇ باتىل ئەقىدىنىڭ گۇزان-گۇجان لار دىيارىدا پەيدا بولۇپ، كۇشانلارنىڭ 4 تەرەپكە كۆچۈشى بىلەن دۇنياۋىي دىنغا ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
بۇ ھەقتە تەتقىق قىلغۇسى بارلار ئالدى بىلەن، بۇددا دىنىنى بەرپا قىلغۇچى «يامۇن-يامان» دەپ سۈپەتلەنگەن ساك نەسلى ساكيامۇننىڭ(ساك يامۇن-يامان ساك، قولىدىن ھەمما ئىش كىلىدىغان ساك دىگەن مەنادىكى ساپ ئۇيغۇرچە سۆزدۇر) ئەسلى ۋەتىنى خوتەننى،خوتەندىن نىپالنىڭ شىمالىغا كىتىپ نىرۋاناغا يەتكەن ساكيامۇننى، ئاندىن نەگە كۆچسە بۇددا دىنىنى شۇ يەرگە بىللە ئىلىپ بارغان قەدىم كۇسان-گۇزان-خوتەنلىكلەرنى ئىلمىي ۋە ئەتراپلىق تەتقىق قىلىشى كىرەك.
بۇ يەردە تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا شۇنى دىگۈمىز كىلىدۇكى؛ شاڭدا ئەپەندىمدەكلەرنىڭ تولىمۇ يەڭگىلتەكلىك بىلەن؛ «تارىم ۋادىسىدا مەدەنىيەت بولمىغان، بۇ ۋادىدىكى تىپىلمىلار ھىندىلاردىن قالغان تۈكرۈك چاچرالمىلىرىدۇر»  دەپ قاراشلىرى ئۇيغۇر تارىخىغا قىلىنغان بوھتان ۋە ھاقارەتتۇر!...
باتىل ئەقىدىلەردىن ماختانغىلى بولمىسىمۇ، ئەكسىچە بۇ رايۇندىكى ساك ۋە ئوغۇزلار.گۇجان-خوتەنلەر ھىندىلارغا بۇددىزىمنى، كالغا چوقۇنۇشنى ۋە «شىك» نامىدا ئاتالغان ئىنسان توپىنى ھەدىيە قىلغانلاردۇر!...
ئاددىيسى بىز يۇقۇرىدا دەلىل  ئالغان «دو» ۋە «دون» سۆزلىرىنىڭ ،تەلەپپۇز تارىخىدا بىسىپ ئۆتكەن  ئىنگىلىزچىدىكى «تۇ»، «ساي» سۆزلىرى بىلەن، خەنزۇچىدىكى «ئىر»،«شۈي»، «خەي» سۆزى بىلەن يىلتىزداشلىقى،بىزگە بۈگۈنكى خەنزۇ ۋە ئىنگىلىز تىلىنىڭ يىراق قەدەم تارىخنىڭ تارىم ۋادىسىدىكى قەدىم ئۇيغۇر تىلى بىلەن يىلتىزداشلىغىدىن سالماق تارىخى ئۇچۇر بىرىدۇ!...

خۇلاسى كالام:
خوتەن دىمەك ئىككى دەريا دىمەكتۇر!...
ئى خوتەن ئارسلانلىرى!...سىلەرگە مۇبارەك بولسۇن!...
يىراق ئەجدادىڭلار ساپ ئۇيغۇرچە «ئۇد دون» دەپ قويغان ، ئۇزاق تارىخنىڭ چاڭ-توزانلىرىدا مەناسى ئۇنتۇلغان شانلىق نامىڭلارنى ، سىلەرگە تۇنجى بولۇپ ئەينى ئىستىمالىدا تەقدىم قىلالىغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى تولىمۇ شەرەپلىك ھىساپلايمەن!...

بەندەڭمەن، گەر بىلمەي خاتانى يازدىم،
كەچۈرگىن يا غەفۇر، بەك تولا ئازدىم.

20012-يىلى، شەھرى قاغىلىق. ت.ت.قۇرىغار.  

مەنزىلىم:


www.adghar.org  



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qurighar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-26 12:58 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Uyghun + 108

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 108   باھا خاتىرىسى

aㄒamaη بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 01:21:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
nap--rat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 01:54:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
nap--rat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 02:11:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79353
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3010
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2012-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 02:16:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nap--rat يوللىغان ۋاقتى  2012-4-26 02:11 PM
خوتەن شەھىرىدىكى داڭلىق بازارلار» خوتەننىڭ يەنە بىر ك ...

رەھمەت قىرىنداشلىرىم!
مۇبادا يازمىلىرىم بۇ مۇنبەردە ئاستىغا چۈشۈپ كەتسە، ئىزلەشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن مەنزىل:
www.adghar.org


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79353
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3010
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2012-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 02:19:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆرمەتلىك مۇبەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ يازمامنى شەھىدانە خوتەننىڭ شەرىپى ئۈچۈن چوققىغا ئۇزۇنراق چىقىرىپ قويۇشىنى سەمىمى ئۈمۈت قىلىمەن . رەھمەت!..

ئاي نۇرلۇق بولغى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13677
يازما سانى: 448
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10193
تۆھپە نۇمۇرى: 507
توردا: 6058 سائەت
تىزىم: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 02:39:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ جاپا چىكىپسىز قېرىندىشىم،ئانا يۇرتۇم غېرىبانە خوتەندىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن،،،،
بىمار بوپ ئانا يەرگە يېقىلغاندا،
پۇرىدى دەل ئاستىمدىن ئانا سۈتى.
خېزىر بوپ تۇپراقتىكى كىندىك قېنىم،
تۇرغۇزدى مىنى يۆلەپ ساغلام پېتى.
شۇڭا يۇرت پايخان بولسا ماڭا ماتەم،
چۈنكى مەن ھېسياتلىق ھايات ئادەم....

بۇ شېئىر نەچچە يىل بولسىمۇ زادىلا ئېسىمدىن چىقمايدۇ،ئانا يۇرتقا بولغان مۇھەببىتىم مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79246
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3605
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2012-4-23
ئاخىرقى: 2013-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 02:52:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ يىقىن خوتەنگە، لىكىن مەن بىرپ باقماپتىكەنمەن،..  بەكلا بارگۇم كەپكەتتى...
جاپا تارتىپ مۇشۇنداق بىلملەر بىلەن تەمىنلىگەن لىكىڭلارغا كۆپ رەخەمەت......
مەن شۇنچە يىقىن تۇرۇپ بىلمىگەن يەرلەرنى بلۋالدىم

بۇدۇنيا غەپلەپ ۋە بىپەرۋالىق زامانى ئەمەس، بەلكى ئويغۇنىش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىدۇر.

ھەقىقى جەسۇر بولۇش ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48523
يازما سانى: 1149
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6222
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 568 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2012-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 03:00:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھەجەپ بىر تەھلىل بوپتۇ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم

ئاڭلا دۇنيا، مەن چوڭ بولدۇم! ياق سەن تېخى كىچىك، ئىمىزگەڭنى ئىمىپ جىم يات!...دەيدۇ ناتونۇش بىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75669
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4824
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 437 سائەت
تىزىم: 2012-2-13
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 03:25:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا خوتەننىڭ ھەر قايسى تاش كولىغىنىنى كورەلەيسىز مانا مەنمۇ خوتەندىن   رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم بىزنىڭ گۈزەل يۇرتىمىز خوتەننى مەدھىلىگىنىڭىزگە

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش