مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7726|ئىنكاس: 62

چېچىڭىزغا قاراپ ساغلاملىقىڭىزغا ھۆكۈم قىلىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پەرىشتىلەرمۇ يا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4373
يازما سانى: 3243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25879
تۆھپە نۇمۇرى: 1223
توردا: 3453 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 11:50:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

چېچىڭىزغا قاراپ ساغلاملىقىڭىزغا ھۆكۈم قىلىڭ


چاچ شالاڭلىشىش
قالقانسىمان بەز ئاجرالمىلىرىنىڭ بەك كۆپ ياكى بەك ئاز بولغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن. قالقانسىمان بەز ئاجرىتىپ چىقارغان ھورمون بەدەندىكى ماددا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى تەڭشەيدۇ، شۇنداقلا چاچنىڭ ئۆسۈشىنىمۇ تەڭشەپ تۇرىدۇ. ئەگەر قالقانسىمان بەزنىڭ ھالىتى ئاقسىلىنىڭ ئالمىشىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۋەتسە، چاچ چۈشۈش ۋە چاچ شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسى يەنى ئادىتى ياخشى بولماسلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكمۇ چاچنىڭ شالاڭلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىشى مۇمكىن.

چاچ چۈشۈش
تۆمۈر كەملىكتىن بولىشى مۇمكىن ئادەمنىڭ كۈندە 100-40 تالغىچە چېچى چۈشۈپ تۇرىدۇ. ئەمما يېنىك دەرىجىدىكى تۆمۈر كەملىكمۇ دائىم چاچ چۈشۈشنى تېزلىتىۋېتىدۇ.

چاچنىڭ يۇمشاپ، جانسىزلىنىپ كېتىشى ياكى قۇرغاقلىشىشى
سۇ تەركىبى كەملىكتىن بولۇشى مۇمكىن چاچتا بۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈشى مەلۇم دەرىجىدە نەملىك كەملىكتىن بولىدۇ. چاچ ساغلام بولسا، چېچىلىپ، ئايرىم تۇرىدۇ. ئەمما يېمەك- ئېچمەك مۇۋاپىق بولمىسا، ھەربىر تال چاچتىكى تۈك خالتىسى مالىكولا قۇرۇلمىسى جەھەتتە سۇنى ياخشى ساقلىيالمايدۇ. شۇڭا، سالامەتلىككە پايدىلىق ياغ تۈرىدىكىلەرنى، مەسىلەن ،ماكۇئىل بېلىقى، پىنتادۇ بېلىقى ۋە ترون بېلىقىنى كۆپرەك يېسە ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ئومىگا ياغ كىسلاتاسى، چاچنىڭ نەملىك ساقلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

چاچنىڭ پارقىراقلىقى يىتەرسىز بولۇش
ۋىتامىن B كەملىكنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن چاچنىڭ پارقىراقلىقىنى يوقىتىشى كۆپىنچە ياغنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشتىكى ھالقىلىق ماددا ۋىتامىن B نىڭ يىتەرسىزلىكىدىن بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ۋىتامىن Bنى تولۇقلىسا بولىدۇ. ۋىتامىن B ھايۋانات جىگىرى، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر ۋە پارقىرتىلمىغان گۈرۈچتە كۆپرەك بولىدۇ.

چاچنىڭ ياغلىشاڭغۇ بولۇشى
سۈتنى بەك كۆپ ئىچكەنلىكتىن بولۇشى مۇمكىن بەزى چاچ تەتقىقاتچىلىرى سۈت، قېتىق قاتارلىق سۈت ئىچىملىكلىرىنى بەك كۆپ ئىچسە، چاچ ياغلىشاڭغۇ بولۇپ قالىدۇ، دەپ قارايدۇ. سۈت تەركىبىدىكى ياغلار چاچ خالتىسىغا يېقىن تېرە بەزلىرىگە يېتىپ بارغاندا ياغنى كۆپ ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. بۇنى ھەل قىلىشتا سۈت تۈرىدىكى ئىچىملىكلەرنى بىر ھەپتە ئىچمىسە، ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.

چاچنىڭ ئۆسۈشتىن توختىشى
يېمەكلىك رېئاكسىيە قىلغانلىقتىن بولۇشى مۇمكىن بۇ خىل ئەھۋال يېمەكلىك رېئاكسىيە قىلغانلىقىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇ چاچنىڭ ئۆسۈش دەۋرىنى قىسقارتىپ چۈشۈشتىن ئىلگىرى مەلۇم ئۇزۇنلۇقتا ئۆسۈپ، ئۆسۈشتىن توختايدۇ. ئادەتتە سۈت يېمەكلىكلىرى رېئاكسىيە قىلىش ۋە بۇغداي يېمەكلىكلىرى رېئاكسىيە قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. شۇڭا، چوقۇم رېئاكسىيە سىنىقى ئېلىپ بېرىش كېرەك. باشنى پات-پات يۇيۇپ تۇرمىسىمۇ ياغ پەيدا قىلغان كىر تەسىرىدىنمۇ چاچنىڭ ئۆسۈشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

چاچ ئۇچى يېرىلىش
مېنىرال ماددا ياكى ۋىتامىن كەملىكنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن بۇ بەدەنگە زۆرۈر بولغان بىر قانچە خىل مىنېرال ماددا ياكى ۋىتامىننىڭ كەملىكىدىن بولۇشى مۇمكىن. يېمەكلىككە ئەھمىيەت بېرىپ ئاقسىل تەركىبلىك يېمەكلىكنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا، چاچ ئۇچى يېرىلىشنى ياخشىلاشقا پايدىلىق.

چاچ كېپەكلىشىش
زەمبۇرۇغ تەسىرىدىن بولىدۇ، ئادەمنىڭ باش تېرىسى بىلەن تېرىسىدە ئاز مىقداردا زەمبۇرۇغ بولىدۇ، ئەمما كېپەك ئېغىر بولغانلارنىڭ %25ىدە زەمبۇرۇغ باش تېرىسىگە تارقالغانلىقتىن بولىدۇ. كۆپ مىقداردىكى زەمبۇرۇغ تېرىنى غىدىقلاپ كۆپلەپ تېرە ھۈجەيرىسى پەيدا قىلىدۇ. كېپەكنى ئازايتىش ئۈچۈن بەزى دورىلىق چاچ سوپۇنى بىلەن چاچنى يۇسا بولىدۇ.

تۇرمۇش مەسىلھەتچىسىدىن ئېلىندى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-26 01:08 PM  


ھەرقاچان خۇشال ياشىغىن!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58510
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5640
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 1213 سائەت
تىزىم: 2011-9-29
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 01:27:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ سۈت ئىچمىسەممۇ چېچىم مايلىشىپ كېتىدىغۇ؟   قانداق قىلارمەن !!!

ھەربىر مىنۇت ۋاقتىىڭنىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشقىن! ئېسىڭدە بولسۇن يېيىش ئۈچۈن ياشىمىغىن، ياشاش ئۈچۈن يىگىن!
aㄒamaη بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 01:36:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1740
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10562
تۆھپە نۇمۇرى: 674
توردا: 5235 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 01:43:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزغا رەھمەت!

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 01:52:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇمۇر ماددامنى تۇلۇقلىسام بولغىدەك
رەھمەت تېيمىڭىزغا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rizwangul0995 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-26 01:53 PM  


ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~
nap--rat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 01:58:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5290
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7886
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2028 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 01:59:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەمبىغەللەرنىڭ  چېچى  چۈشۈپ  كەتسە  ئۇزۇقلۇق  يېتىشمەسلىكتىن ،  باي ـ  
ئەمەلدارلار تاقىرباش  بولۇپ  قالسا  ،  كاللىسى  بەك  ئىشلەپ  كەتكەنلىكتىن ...
غەم  ـ  قايغۇ  ،  ئۆزىنى  كەمسىتىش  ،  ئەيىبلەشمۇ  چاچ  چۈشۈرۈشنى  كەلتۈرۈپ  
چىقرامدىكىن دەيمەن.  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-26 02:01 PM  


ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1361
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51063
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9870 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 02:11:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇقادىر جالالىدىن،بۇغدا ئابدۇللا ئاكىمىزنىڭ چاچلىرى نېمە سەۋەبتىن ئاقىرىپ كەتكەندۇ
مېنىڭچە،مىللەتنىڭ غېمىنى ئەمىلىيىتدە كۆرسىتىدىغان زىيالىيلارنىڭ چېچى بالدۇر ئاقىرىپ كېتىدۇ.

ئاللا ئىمان ئاتا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29637
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5405
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 1158 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2012-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 02:23:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاچقا ئاق كىرىشنى ئىرسىيەت ،سەپرامىجەزدىنمۇ بولىدۇ دەيدۇ، دىققەت قىلايلى... ياخشى تىما بوپتۇ رەھمەت

ئاللا ھەممىزگە ئىمان ئاتا قىلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20520
يازما سانى: 719
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11525
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 02:36:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاچ ئاسراشقۇ بەك مۇھىم.  بىراق بەزى يېمەكلىكلەرنى ئاسانلىقچە تاپقىلى بولمايدىكەن شۇ....

ھەممە رەزىللىكلەرنى، يامانلىقلارنى ئۆزىمىز قىلىپ ئاندىن ‹ رەھىمسىز دۇنيا ! › دەپ قويىمىز. رەھىمسىزلىكلەرنى ئۆزىمىز قىلمىساق بۇ دۇنيانىڭ قولىدىن نېمە كەلس
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش