ئانا مۇقەددەس
مۇخەممەسسەمەتجان غاپپار ئەلتۈرك
1
ئانىنى ئولۇغلاپ قاتاي نەزمىگە،
زەن قۇيۇپ تاقەتتە ئاڭلاڭ سەۋرىدە،
ئانىغا ھۆرمىتىم تاشار قەلبىمدە،
شۇڭلاشقا يوللىدىم سالام –سۆزۈمدە،
جاھاندا ھەممىدىن ئانا مۇقەددەس.
2
ئانىنى ئۇلۇغلاپ تۇقۇيمەن قوشاق،
ئانىدىن توغۇلغان چوڭلار ۋە ئۇششاق،
توققۇز ئاي ۋايسىماي كۆتەرگەن قوساق،
ئانا بۈيۈكتۇر، تەڭداشسىز شۇنداق،
جاھاندا ھەممىدىن ئانا مۇقەددەس.
3
ئانىنىڭ جاپاسى ئۇچاق بېشىدا،
ماڭىدۇ ئېتىزغا بۇنىڭ تېشىدا،
كىر كىيىم،مەينەت ئۆي ساقلار بېشىدا،
ماس كەلمەس تۇرقى كىرگەن يېشىغا،
جاھاندا ھەممىدىن ئانا مۇقەددەس.
4
ئانىنىڭ دۇئاسى سائادەت ئۇلى،
ئانىنى قاخشاتسا ئۇزارماس قۇلى،
ئانىسىز پەرزەنتنىڭ ئېچىلماس دىلى،
ئانا رازلىقى «جەننەت»نىڭ يولى،
جاھاندا ھەممىدىن ئانا مۇقەددەس.
5
ئاناڭغا قىلچىمۇ سانىما قارا،
ئانىنىڭ قەلبىگە سالمىغىن يارا،
ئانىغا يۆلەك بول! ھال –ئەھۋال سورا؟!
ئانىسىز بۇ دۇنيا زۇلمەتلىك قارا،
جاھاندا ھەممىدىن ئانا مۇقەددەس.
6
ئانا ئۇ دۇنيادا جاپاكەش ئىنسان،
دەردىگە يەتمىگەن قىلۇر پۇشايمان،
ئانىنىڭ ۋۇجۇدى خۇددى بىر گۈلخان،
مۇھاببەت فونتانى سەن ئۈچۈن ۋولقان،
جاھاندا ھەممىدىن ئانا مۇقەددەس.
7
مەن شۇنداق ئانىنىڭ باغردىن چۈشكەن،
ئاق سۈتۈڭ مېھرىدە قۇۋەتلىك ئۆسكەن،
ئانىسىز يىتىمنىڭ كۈنى بەك تەسكەن،
ئانىنى خارلىغان ئىپلاس! بىر پەسكەن،
جاھاندا ھەممىدىن ئانا مۇقەددەس.
8
ئانىنىڭ ۋۇجۇدىدىن تۆرەلگەن ئۆزۈڭ،
ئاچچىق بىر تولغاقتىن يۇرىغان كۆزۈڭ،
ئاناڭنى قاخشاتساڭ چىدامدۇ يۈزۈڭ،
ئاناڭنىڭ ئەجرسىز نەدىكەن كۈنۈڭ؟!
جاھاندا ھەممىدىن ئانا مۇقەددەس.
9
پەرزەنتكە ئانىنىڭ ئۆزى پەرىشتە،
باغلايدۇ ئانىلار پەرزەنتكە رىشتە،
ھاياتلىق دۇنياسى شۇنداق رەۋىشتە،
قىلىدۇ داۋاملىق كېلىپ -كېتىشتە،
شۇڭلاشقا جاھاندا ئانا مۇقەددەس.
10
ئانىنىڭ بىر تېمىم سۈتى ھەققىگە،
ئاپارماق يەتتە رەت ھاجەت مەككىگە،
ئانىنى قويمىغىن جاپا - جەبرىگە،
يەتكىن سەن ئاناڭنىڭ دەردى–ھالىگە،
جاھاندا ھەممىدىن ئانا مۇقەددەس.
11
ئانىنىڭ پەرزەنتتىن زەر تەماسى يوق ،
ئانىنىڭ قارغىشى پەرزەنت ئۈچۈن پوق،
ئاناڭغا گىدىيىپ قىلمىغىن سەن دوق،
ئاناڭ بىر گۈلزارلىق بۇنى ئۇبدان ئۇق،
جاھاندا ھەممىدىن ئانا مۇقەددەس.
12
ئانا ئۇ پەرزەنتكە مېھرىنى بەرگەن،
پەرزەنتنىڭ بەختىگە كۆكرەكنى كەرگەن،
«سەن يېگىن، جان بالام!» ئۆتۈنۈپ دەركەن،
ھەتتا قۇرساق ئېچىڭغا دان–باشاق تەرگەن،
جاھاندا ھەممىدىن ئانا مۇقەددەس.
13
ئانىنىڭ قەلبى ئۇ مېھرىلىك دئېڭىز،
بېلىق سەن، دېڭىزنى ئۇنۇتما ھەرگىز،
مىڭ ئۆلۈپ سەن ئۈچۈن جۇغلايدۇ مېغىز،
قانداقراق جان ئانا!؟ دەپ باق بىر ئېغىز،
جاھاندا ھەممىدىن ئانا مۇقەددەس.
14
سەجدە قىل جان ئاناڭ ياتقان قەبرىگە،
ھېيت-ئايەم كۈنىدە كەتمە بەزمىگە،
روھى ئو يۆلەيدۇ، جاپا -جەۋرىدە،
ئۇدۇم بوپ قالسۇن نەۋرە –چەۋرىگە،
جاھاندا ھەممىدىن ئانا مۇقەددەس.
15
نوقسانغا كايىسا ئالايما! كۆز يۈم،
ۋاپادار پەرزەنت بول! بولما ئىپلاس شۈم،
تەۋەرۈك بوپ قالسۇن ياخشىلىق ئۈدۈم،
شۈم بۇيا بولمىغىن، كۆكلىسۈن شور قۇم،
جاھاندا ھەممىدىن ئانا مۇقەددەس.
16
ھىچ بىر جان ئانىسىز تۇغۇلغان ئەمەس،
ئانىلىق مېھرىگە ھېچنېمە يەتمەس،
ئانا ئۇ جاپادىن قېچىپمۇ كەتمەس،
ئانىغا باشقىنى سېلىشتۇرما بەس!
جاھاندا ھەممىدىن ئانا مۇقەددەس.
17
ئانىدەك پەرزەنتكە كۆيگەن نەدە بار؟!
پەرزەنتنى ئانىدەك سۆيگەن نەدە بار؟!
پەرزەنتنىڭ ئانىغا تاغدەك قەرزى بار،
جان ئانا ئەجرىڭنى يازسام يەنە بار،
جاھاندا ھەممىدىن ئانا مۇقەددەس.
ئاپتۇر :ئاۋات ناھىيەلىك يېڭىئېرىق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-26 11:28 AM