ئەمۋاي ھەققىدىكى ماۋۇ تېمىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆرگەندىن كېيىن كۆڭلۈمدە بىزنىڭ خېلى كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىز بىۋاستە سېتىشنى تولۇق چۈشەنمەيدىكەن دەپ قالدىم.بىۋاستە سېتىش ئەسلى 90-يىللاردىمۇ بار ئىدى. 98-يىلىغا كەلگەندە بىۋاستە سېتىش بازىرى قالايمىقانچىلىققا تولۇپ شاخلىتىپ سېتىشقا ئۆزگىرىپ كەتكەن. شۇ سەۋەبلىك دۆلىتىمىز ھۆكۈمىتى شاخلىتىپ سېتىشقا قارىتا چەكلەش ئېلىپ بارغان.
نېمە ئۈچۈن بىۋاستە سېتىشقا توغرا كېلىدۇ؟
بىر چوڭ مەھسۇلاتنى بىر دۆلەتنىڭ بازىرىغا سېلىش ئۈچۈن مۇنداق باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ
پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ۋاكالەتچىسى--------ئۆلكە ياكى ئاپتونوم رايوننىڭ ۋاكالەتچىسى--------شەھەر ياكى ۋىلايەت ۋاكالەتچىسى-----رايون(ناھىيە) ۋاكالەتچىسى-------توپ تارقىتىش بازىرى--------دۇكاندار------ئىستىمالچى
يۇقارقى باسقۇچلار بىر قېتىم بېسىلغاندىن كېيىن مەھسۇلات ئاندىن ئىستىمالچىنىڭ قولىغا تىگىدۇ. بۇ ئارلىقتىكى باج، كىرا، شۇنداقلا ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ مۇئاشى، توپ تارقاتقۇچى ۋە دۇكاندارلارنىڭ مەھسۇلاتقا قوشىدىغان پايدىسىنى ئۆزۈڭلار ھېساپلىساڭلار بولىدۇ.
بەزى مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلىنىش تەننەرخى يۇقىرى، مەھسۇلات سۈپىتىگە قويۇلدىغان ئۆلچەم يۇقىرى بولغاچقا يۇقارقى باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن باھاسى كىشى قوبۇل قىلغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە يۇقىرىلاپ كېتىدۇ. ئىستىمالچىلار بۇ باھانى قوبۇل قىلالمايدۇ. يەنە كېلىپ بۇ ھالقىلاردىن ئۆتۈش جەريانىدا ساختا ماللار
ئارلىشىپ قېلىشتەك ئەھۋال چىقتى. ئەمسە قانداق قىلىش كېرەك؟
بىۋاستە سېتىش دەل مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئىستىمالچى مالنى بىۋاستە زاۋۇتتىن ئالىدىغان، سۈپىتىگە زاۋۇت كاپالەتلىك قىلىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈردى.
دۆلىتىمىزمۇ يۇقارقى مەسىلىلەرنى نەزەرگە ئېلىپ، 2006-يىلى تۇنجى بولۇپ يافاڭ شىركىتىگە بىۋاستە سېتىش ئىجازەتنامىسىنى بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن نىئۇسكىن شىركىتى بۇ ئىجازەتنامىنى ئالدى، ھازىرغىچە يىلىغا بىر ياكى ئىككى شىركەت تەستىقلىنىۋاتىدۇ. جەمئىي تەستىقلانغان شىركەت 31 (بۇ يىل يېڭى بىر شىركەت تەستىقلاندى، ئەمما تېخىچە سودا مىنىستىرلىقى بىۋاستە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېرىلگەن شىركەتلەر قاتارىغا چىقىرىلماپتۇ).
سودا مىنىستىرلىقى بىۋاستە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېرىلگەن شىركەتلەر قاتارىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ
بىۋاستە سېتىش ئىجازەتنامىسىنى قانداق ئالىدۇ؟
سىز مەھسۇلاتىڭىزنى بىۋاستە سېتىش ئىجازەتنامىسىغا ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن 400مىليون خەلق پۇلىنى كاپالەت سۈپىتىدە تاپشۇرىسىز. ئاندىن بىرقانچە يىلغىچە سىزنىڭ شىركىتىڭىزنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى، مەھسۇلاتقا ئىشلىتىلدىغان خام ئەشيا، شىركەتتە ئىشلەۋاتقان بارلىق خىزمەتچىلەر، قاتارلىق تۈرلەر بويىچە قاتتىق تەكشۈرلۈشتىن ئۆتسە ئاندىن سودا مىنىستىرلىقى سىزگە بىۋاستە سېتىشقا ئىجازەت بېرىدۇ. يىلىغا مەملىكىتىمىزدىن 10مىڭغا يېقىن كارخانا بىۋاستە سېتىشقا ئىلتىماس سۇنىدۇ، بىراق يىلىغا تەستىقلىنىدىغانلار 1-2گىچە.
بىۋاستە سېتىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن شىركەتلەر قانداق شىركەتلەر؟
ئاشۇرغىنىم ئەمەس، بايىقى توربەتتە كۆرگەن 30 شىركەتنىڭ ھەممىسىنىڭ مەھسۇلاتى ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتقا قارىغاندا ئەڭ ياخشىسى. ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا پاتېنتى، سېتىۋالغان ئىشلەش تېخنىكىسى بار مەھسۇلاتلار. خام ئەشياسىدىن تارتىپ ئوراپ قاچىلاشقىچە بولغان ئارلىقتىكى بارلىق ھالقىلار يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن پۈتۈپ چىققان.
قانداق كىشىلەر بىۋاستە سېتىش بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ؟
دۆلىتىمىزنىڭ «بىۋاستە سېتىش قانۇنى»غا ئاساسەن ئوقۇش مەزگىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار (ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بار)، دۆلەت خىزمەتچىلىرى ۋە مەمۇرلار بىۋاستە سېتىش بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ.
مەھسۇلات شۇنداق ياخشى تۇرسا؟ نېمىشقا يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بىۋاستە سېتىش مەھسۇلاتلىرىنى ياقتۇرمايدۇ؟
بىۋاستە سېتىشنى بىز ئادەتتە كىنو سىنارىيىسىگە ئوخشىتىمىز. بىۋاستە سېتىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بولسا سىنارىيە مەزمۇنى بويىچە رول ئالغان ئارتىستلاردۇر. مەيلى سىنارىيە ھەرقانچە ياخشى يېزىلغان بولسۇن، ئارتىستنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى ياخشى بولمىسا بۇ كىنو ھەرگىزمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقمايدۇ. شۇنىڭدەك مەھسۇلات سۈپىتى ياخشى بولسىمۇ، ساتقۇچىنىڭ ئىقتىدارىدا مەسىلە بولسا، ياكى كىشىلىك پەزىلىتى ياخشى بولمىسا مەھسۇلات كىشىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىماقتا يوق ئەكىسچە ئۈنۈم بېرىپ كىشىنىڭ بىزارلىقىنى قوزغايدۇ.
رىۋايەتلەردىكى ئېيىغا 10مىڭ يۈەنلىك مۇئاش راستمۇ؟
بىۋاستە سېتىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار شىركەتكە زور دەرىجىدە ئىقتىسادىي مەنپەئەت يارىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە مەھسۇلاتنى تەشۋىق قىلىشتىمۇ مۇھىل رول ئوينايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن شىركەت بىۋاستە ساتقۇچىغا مەلۇم دەرىجىدە پايدا ئايرىيدۇ، ساتقان مەھسۇلاتى، تونۇشتۇرغان ئادەم سانى كۆپ بولسا ئالىدىغان پايدىسىمۇ كۆپ بولىدۇ.
مېنىڭ ئالدىنقى ھەپتە (تۇنجى ھەپتىلىك) كىرىم ئەھۋالىم: