مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 800|ئىنكاس: 13

قاردىن باشلانغان مۇھەببەت (ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇھەببەت بىر خىل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9856
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6015
تۆھپە نۇمۇرى: 372
توردا: 1309 سائەت
تىزىم: 2010-9-10
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 04:16:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ezhar QQ 644844635 (9).jpg


ئەسەر ۋەقەلىكى پۈتۈنلەي تۇقۇلما،ئەگەر ئەتىراپىمىزدىكى بەزى ئىشلارغا ئوخشاپ قالسا بۇ باشقا گەپ



يانۋار ئىيىنىڭ ئاچچىق سۇغۇقلىرى جاندىن ئۆتەتتى،ھەپتىدىن بىرى توختىماي يېغۋاتقان قارلار، خۇددى دىيىشۋالغاندەك يىل بۇيى تۈزۈك قار ياغمايدىغان بۇ ماكانغا دەستىرخاندەك تەكشى يىيىلىپ،دەل-دەرەخلەرگە ئاق لىباستىن تون كىيدۈرگەن ئىدى.مەندە بۇنداق مەزىرلەردىن ھۇزۇرلىنىش تۇيغۇسى يوقمۇ؟ياكى سۇغۇقتىن قورقامدىم؟ ئىشقىلىپ مەن قار يېغىشنى ئانچە خالىمايتتىم.لېكىن بۇ يىل ياققان قىشنىڭ ئەھمىيىتى، مەن ئۈچۈن ناھايتى خاسىيەتلىك بولدى.چۈنكى مەن بۇ ئاپئاق قارلار ئارىسىدىن،مەڭگۈلۈك دىلكىشىم ۋە كۈڭۈل خانەمنىڭ نۇرلۇق چىرىقى بولغان، گۈلنۇرنى تاپقان ئىدىم.

بۈگۈنمۇ يەنە قار ياغدى،مەن ماتىريالدىن بىشىمنى كۆتۈرۈپ دىرىزىدىن سىرتقا قارىدىم، تىشىدا يېغۋاتقان قارلار بىر رىتىمدە تەكشى يىغۋاتاتتى،سائەتكە قارىدىم، ئىشتىن چۈشۈشكە يەنە 20 مىنۇتتەك ۋاقىت بارئىدى.مەن باشقىلارغا قارىماستىن چاپىنىمنى كىيىپ ئىشخاندىن چېقىپ كەتتىم.ئىشخانا بىناسىدىن چىقىمىشغا قېشنىڭ قەھىرتان سۇغۇقلىرى مەڭزىمنى ۋاژژىدە سۈيۈپ ئۆتتى.<<كاساپەت قار! ئەجەپ توختاي دىمەيدا>>-دېدىم ئىچىمدە....ئىدارە دەرۋازىسىدىن چېقىپ، ئۇدۇل چوڭ يولغا قاراپ ماڭدىم،ئەمما قىرىشقاندەك يولدا بىرمۇ تاكسى
كۈرۈنمەيتتى.ئامالسىز پىيادىلەر يولىغا چىقىپ، ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.تۇيۇقسىز ئالدىمدا كىتۋاتقان بىر قىز <<گۆپ>>لا قېلىپ يىقىلىپ چۈشتى،ئۇنىڭ يىقىلىپ چۈشكەن بۇ ھالتىدىن كۈلۈپ تاشلىدىم،چۈنكى ئۇقىز گويا 3ياشلىق بالىدەك،ئاتا-ئانىسىنىڭ، ياكى بىرەرسىنىڭ يۆلىشىنى ساقلاپ تۇرغاندەك،ئۇياق-بۇياققا قاراپ يەرگە تايىنىپ ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدى،لېكىن يەنە لاسسىدە جايىدا ئولتۇرۇپ قالدى، مەن قەدەملىرىمنى تىزلىتىپ قىزنىڭ يىنىغا كەلدىم،ۋە قىزنىڭ بىلىكىدىن يۆلەپ ئورنىدىن تورغۇزۇپ تۇرۇپ؛-قاتتىق چۈشمىگەنسىز؟ ياردىمىم كېرەكمۇ ؟....قىزمۇ جاۋابەن؛-ياق!! رەھمەت، ئانچە قاتتىق چۈشمىدىم، بۇ يەرگە مۇز قېتىپ قاپتىكەن، ئىھتىياتسىزلىقتىن دەسسىۋېلىپ يېقىلىپ چۈشتۈم،-دىدى كىيمىلىرىنى قىقىشتۇرغاچ ناھايتى خىجىل بولغان قىياپەتتە. -ھە.. ئۇنداق بولسا ئاۋايلاپ ماڭارسىز،،. قىز چىرايمغا ھەيرانلىق ئىلكىدە بىر قارىۋېتىپ؛-ۋۇي!! سىز ئەزىمەتجانمۇ؟؟
باياتىن قىزمۇ ماڭا تۇنۇش بىلىنگەن،خۇددى بىر يەردە كۆرگەندەك ھىس قىلغانىدىم. ئەمما بۇ قىسقا مىنۇت ئىچىدە پەقەت يادىمغا ئالالمىغان ئىدىم،مانا ئەمدى بۇ قىزنىڭ ئىسمىمنى چاقىرىشىدىن گۇمانىمنىڭ خاتا ئەمەسلىكنى جەزىملەشتۈردۈم.
-ھە ئە!! مەن ئەزىمەتجان .. سىز ؟؟؟
-مېنى تۇنىمىدىڭىزمۇ ؟ ئوبدانراق ئەسلەڭە تاز...
ئۇنىڭ مېنى <<تاز>> دىيىشىدىن ئەمدى خىيالىم،باشلانغۇچتىكى گۆدەك چاغلىرىمغا يۆتكەلدى،ئۇ ۋاقىتلاردا مېنىڭ ئالدىمدا ئولتۇردىغان،گۈلنۇر ئىسىملىك بىر ساۋاقدىشىم بولىدىغان،مەن ئۇنى ھەر قېتىم بوزەك قصلىپ تىرىكتۈرگەندە؛- <<تاز ،، تاز،، >>دەپ ئەدىپىمنى بېرەتتى،ئەمىليەتتە مەن تاز ئەمەس،بىر چاغدا دادام شىمالغا بارغاندا ماڭا بىر پوسما ئالغاچ كەپتۇ، لېكىن بۇ پوسمىدا لاتىنچە<< TAZ>>دىگەن ئۈچ خەت بار بۇلۇپ،مەنمۇ باشتائانچە دىققەت قىلمىغان ئىكەنمەن،كېيىن گۈلنۇر ئۇ خەتلەرنى ئۇيغۇرچە <<تاز>>دەپ مېنىڭ ئاغزىمنى تۇۋاقلاشقا ئادەتلەنگەندى،ئەمدى مەن ئۇنى تىزلا ئىسىمگە ئالدىم.
-ۋاي.. سىز گۈلنۇرمۇ ؟؟
-ھە، ئە!! ئەجىبا سىز تۇنۇيالمىغۇدەك شۇنچە ئۆزگۈرۈپ كىتىپتىمەنمۇ؟-دىدى ئۇ ماڭا قىيا بىقىپ،سۇئال نەزىرىدە..
-ۋاي ! پىندەك،، نىمانداق تۇنۇماي قالدىمكى دىسەم،ئەسلى ئىككى كۆزىڭىز ئاينىپ قاپتۇ،ئەمەسمۇ،-دېدىم چاقچاقنى باشلاپ.شۇ چاغلاردا گۈلنۇرنىڭ بۇيى تولىمۇ پاكار بۇلۇپ،سىنىپتىكى ھەممە ساۋاقداشلاردىن ئارىسىدىن <<مانا مەن>> دەپلا چىقىپ قالاتتى.دائىم كەينىگە بۇغۇپلا يۈرۈيدىغان قاپقارا چىچى بىلەن،يۇمىلاق يۈزىگە تۇلىمۇ ياراشقان ئويماقتەك ئىككى زىنىقنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئامراقلىقنى كەلتۈرەتتى،شۇڭا مەن ئۇنى ھەمىشە <<پىندەك>> دەپ جىلە قىلاتتىم،باشلانغۇچنى تۈگۈتۈپ،بەزى ساقداشلىرىم بىلەن بىر مەكتەپكە بۈلۈنگەن بولساممۇ، لېكىن گۈلنۇر بىلەن باشقا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە بۈلۈنۈپ كەتتۇق.كىيىن ئانچە-مۇنچە كۈرىشىپ قالغىنىمىزنى ھسساپقا ئالمىغاندا، ھەممىمىز ئۆگۈنۈش ۋە ئۆز ئىشىمىز بىلەن مەشغۇل ئىدۇق،ھازىرقى كۆز ئالدىمدىكى گۈلنۇر بولسا ، بۇرۇنقىدىن بۇيى كۆرىنەرلىك تارتقان،زىلۋا بەدەنلىك،ئۇيغۇر قىزلىرىدا مۇجەسسەملەنگەن،تال-تال كىرپىكلىرى،بىر جۈپ قارا قوي كۆزلىرىگە ياراشتۇرۇپ تاقۋالغان زامانىۋىي ئۇسلۇبتىكى ئاق كۆز ئەينىكى بىلەن، ھازىرمۇ شۇ پىتى ئۆزگەرمىگەن،بىر جۈپ زىنىقى ۋە چىرايلىق بۇغۋالغان چاچلىرى،ئۇنى شۇقەدەر لاتاپەتلىك ۋە جەلىپكار كۆرسىتەتتى.ئارىدىن شۇنچەيىللارئۆتكەچكىمۇ، بۈگۈنكى بۇ تۇيۇقسىز ئۇچىرشىشتا ئۇنى دەماللىققا تۇنيالمىغىنىمدىن ئۈزۈممۇ سەل ھەيران قالدىم.
-ئۇنتۇپ قالماپسىز-ھە! ھى ھى
-شۇ سەبى چاغلارنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالغىلى بولسۇن!! شۇ گەپ بىلەن ئىككىلىمىز دەقىقە سۈكۈتتە بۇلۇپ قالدۇق.
-ھازىر قانداقراق؟؟ ماڭالايدىغاندەك تۇرامسىز؟
-مېڭىپ باقاي، بىردەم ماڭسام ياخشى بۇلۇپ كېتىمەن...
مەن ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ ئاستا ماڭدۇردۇم،ئۇمۇ مېنىڭ بىلىكىمدىن يىنىك قاماللاپ مىڭىشقا باشلىدى،دىگەندەك 7~8 قەدەملەردىن كىيىن،مېنى قۇيۋېتىپ ئۆزى ماڭدى،
-كۆزىڭىز ئاجىز ئوخشايدۇ-ھە!! مانا يول ماڭسىڭىزمۇ دۈم چۈشىدىغان بۇلۇپ قاپسىز،-دىدىم كۈلۈپ تۇرۇپ،،
-مازاق قىلماڭە،، يېقىننى كۈرۈش قۇۋېتىم ئانچە ياخشى ئەمەس،ئەينەك تاقىمىسام بايا سىزنى قانداق تۇنۇيتۇم،-دىدى ئۇ يېقىملىق كۈلۈپ..
-ھى ھى ،، چاقچاق-ھە!! تىرىكمەڭ يەنە...
-ۋاي! ياقەي،،، مەن ھازىر سىز تىرىكتۈرسىڭىز،تىرىكىدىغان ئۇ كىچىك گۈلنۇر ئەمەسقۇ،دىدى-دە مۇلايىم قىياپەتتە چىرايىغا يەنە كۈلكە يۈگۈرتۈپ،،،،
-ھە،راسىت!! ھازىر بىرەر يەردە ئۇقۇۋاتامسىز ياكى خىزمەت قىلۋاتامسىز؟-دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن
-شىئەندىكى بىر تىببي مەكتەپنى تېخى يېقىندىلا پۈتتۈردۈم،ھازىر شەھەرلىك دوختۇرخانىدا سىناقتا ئىشلەۋاتىمەن؛-سىزچۇ ؟ -دىدى،ئۇ كىتىۋېتىپ...
-مەنمۇ ئۈرۈمچىدىكى يىزا-ئىگلىك مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ،ھازىر مۇھىت ئاسىراش ئىدارىسىدە ئىشلەۋاتقىلى 1يىل بولدى،
-ھە،،، كادىر بولدۇم دەڭە،،
-ئۇنداقمۇ ئەمەس،بىزمۇ پات-پات ئەمگەك قېلىپ قويمىز،مەسلەن؛ قايسى كۈنى بىر كۈن قار تازلىدۇق،
-ئۇنىمۇ ئەمگەك قىلدى دىگىلى بولاتتىمۇ ؟ ھېلىمۇ بىكار ئولتۇرۇپ مائاش ئالغىنىڭلا،دىدى-ئۇ خوش تەبەسسۇم بىلەن؛-بىزنىڭ خىزمىتىمىز سىلەرنىڭكىدەك ئىشخانىدا بىكار ئولتۇردىغان ئىش يوق،ئۇياقتىن-بۇياققا چېچىپلا يۈرۈيدىغان گەپ،
-ئۇنچىلىك جاپا چەكمىسەڭلار،قانداقمۇ ئاق خالاتلىق پەرىشتە بولالايسىلەر؟؟بولمىسا بىزنىڭ ئىدارىگە يۆتكۈلۈپلا كېلىڭە بىللە ئىشلەيمىز.
-ھى ھى ،، ما گەپنى كۈرۈڭ،، بولدى !! ئۈزۈمنىڭ ئۇقۇغان كەسپىنى قېلاي،مەن بۇ كەسىپنى ناھايتى ياخشى كۆرىمەن،-دىدى ئۇ قەتئىيلىك بىلەن..
-ماقۇل ئەمسە،ئۆيگىمۇ كېلىپ قاپتىمەن، ئارلىقتا يەنە ئالاقىلشىپ تۇرايلى، يوقاپ كەتمەڭ،-دىدى ئۇ قەدىمىنى تۇختۇتۇپ...
-ئۆيىڭىز قايسى ؟؟
-ئۈيۈم ئاۋۇ ئۇدۇلدىكى بىنادا،،-دېدى،ئۇ ئالدى تەرەپتىكى بىر ئولتۇراق بىناسىنى كۆرسىتىپ
-ھە،،، ماقۇل ،،تېلغۇن نۇمۇرىڭىزنى دەپ بېرىڭ ،، سىز يوقاپ كەتسىڭىز،مەن تېلغۇن قېلىپ سىزنى تىپۋالاي..
شۇنداق قېلىپ بىز بىر-بىرىمىنىڭ تېلغۇن نۇمۇرلىرىنى ساقلىۋېلىپ ئاندىن خوشلاشتۇق،گۈلنۇر بىلەن خوشلىشىپ ، ئۆيگە بارغىچە ئارلىقتا شۇ بالىلىق ئەسلىمىلىرىمنى ئويلاپ، گاھى ئۈزەمچە ئىچىمدە كۈلۈپ دىگەندەك، ئۆيگە قانداق يېتىپ كەلگىنىمنى بىلمەي قاپتىمەن.ئەتسى ئىدارىدىن بىزنى يەنە بىر كۈن قار تازلاشقا سەپەرۋەر قىلدى،بەلگلەنگەن دائىرلەرنى تازلاپ بولغاندىن كېيىن،بىز يەنە ئىشخانىغا قايىتىپ كىردۇق.بۇ چاغدا قىلدىغان ئىشلارمۇ قالمىغاچقا،ئىشخانىدىكى خىزمەتداشلار ئۆز-ئارا پاراڭغا چۈشتى،مەن ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قىززىقمىغاچ،تېلغۇنۇمنى ئويناپ ئولتۇرۇپ،تۇيۇقسىز گۈلنۇرغا قىسقا ئۇچۇر قېلىپ، بىر دەم تىرىكتۈرۈش ئۇيى تۇغۇلدى،تېلغۇن خاتىرەمدىن ئۇنىڭ نۇمۇرىنى تېپىپ،ئۇنىڭغا قىسقا ئۇچۇرقىلىشقا باشلىدىم،<<تىنچلىقمۇ؟پىندەك!! قانداق ئەھۋالىڭىز؟بۈگۈن ئىشقا مىڭىپ بارالىدىڭىزمۇ ؟ ياكى دادىڭىز ھاپاش قېلىپ ئاپرىپ قويدىمۇ؟ ھى ھى >>ئۇچۇر يوللاش كۆزنىكىگە بۇ مەزمۇنلارنى كىرگۈزۈپ ئۇنىڭغا يوللىۋەتتىم،لېكىن خېلى ئۇزۇنغىچە ئۇنىڭدىن سادا كەلمىدى،<<بەلكىم ئالدىراش بولسا كېرەك>> دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە،، ئالاھەزەل يىرىم سائەتتىن كېيىن،<<تېرىڭ،تېرىڭ>> قېلغان ئاۋاز بىلەن تېلغۇنۇمغا ئۇچۇر كەلدى،ئۇچۇر گۈلنۇردىن كەلگەن بۇلۇپ؛<<تىنچلىق، سىزچۇ؟ئەھۋالىم ياخشى، سىزنىڭچۇ؟ئىشقا ئۈزەم باردىم،دادام ھاپاش قېلىپ ئاپرىپ قويدىغان،مەن مىيىپ بولمىسام،،ھى ھى ئەمدى مېنى <پىندەك> دەپ چاقىرسىڭىز خاپا بۇلۇپ قالىمەن،چوپ-چوڭ بۇلۇپ قالغاندا ئۇنداق دىسە بەك غەلىتە تۇردىكەن،ئەمدى ئۇنداق دىيىشمەيلى ماقۇلمۇ؟>>دىگەن خەتلەر ئىدى.مەن خەتلەرنى ئۇقۇپ كۈلۋەتتىم،ۋە ئۇنىڭ ھەقىقەتەن تىرىكىپ قالغانلىقنى بىلدىم،مەنمۇ جاۋابەن؛<<ئەھۋالىم ياخشى،ئەمدى ئۇنداق دىمەي،ئادەم بولاي،لېكىن نېمىشقا شۇنچە ئۇزاقتا خەت قايتۇرسىز ؟ ئاۋارە قېلىپ قويمىغاندىمەن>>دىگەن مەزمۇنلارنى ئۇنىڭغا يوللىۋەتتىم،بۇ قېتىم ئۇچۇر تىزلا كەلدى،ئۇ<<ھە،، ئەمدى بولدى،ياخشى بالا دىگەن شۇ ھى ھى ،، كەچۈرۈڭ بايا مەسئۇل دوختۇر بىلەن ، بىمارلارنىڭ ئەھۋالنى تەكشۈرۋاتقان ئىدىم، شۇڭا دەماللقغا ئۇچۇر قايتۇرالمىدىم>>دىگەن خەتلەر ئىدى،بۇ خەتلەرنى كۈرۈپ ئۇنىڭ قايسى كۈنى دىگەندەك،<< بىزنىڭ خىزمىتىمىز جاپالىق،ئۇياقتىن-بۇياققا چىپىپلا يۈرۈيمىز>>دىگەن سۆزلىرى يادىمغا كەلدى،ئاندىن مەنمۇ <<ھە،، ئۇنداق بولسا ئىشىڭىزنى قېلىۋېرىڭ،باشقا كۈنى ئۇچۇر ياكى تېلغۇن قىلىشارمىز>>دەپ ئۇچۇر يوللىۋەتتىم،بىر ئازدىن كېيىن ئۇنىڭدىن<<بولىدۇ،كۈرۈشكىچە ئامان بۇلۇڭ>>دىگەن ئۇچۇر كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىن گۈلنۇر بىلەن پات-پات بىللە تاماقلىنىپ، تېلغۇنلىشىپ تۇردىغان بولدۇق.گاھى چاغلاردا بولسا ،گەپلىرىمىز تۈگۈمەيلا قالاتتى،شۇ چۈچۈرىدەك ۋاقتمىزدىلا ، كىمنىڭ كىمگە ئاشق بولغانلىقى، قايسى بىر ساۋاقدىشىمىزنىڭ بىرسىگە يازغان سۆيگۈ خەتلىرى،سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ قېلىپ، سىنىپ يېغىنىدا ئۇلارنىڭ تەنقىت ئاڭلىغانلىقنى ،ئاغزى-ئاغزىمىزغا تەگمەي سۆزلەپ،كۈلۈشۈپ كېتەتتۇق.كۈنلەرنىڭ ئۈتۈشىگە ئەگشىپ،مەندە گۈلنۇرغا نىسبەتەن ساۋاقداشلىقېھرىدىن ھالقىغان،بىر خىل تۇيغۇ پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى.بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ بىلەن ھەر قېتىم،كۈرۈشكەندە،سالامدىن كېيىن،<<ئاتا-ئانىڭىز سالامەتمۇ؟ئىشلىرىڭىز كۆڭۈلدىكىدەك كېتۋاتامدۇ؟تاماق يىدىڭىزمۇ؟>>دىگەندەك كۈيۈنۈش ئاھاڭىدا قىلغان سۆزلىرى،ئۇنىڭ قىزلارغا خاس پەزىلىتىگە بولغان ھۆرمىتىمنى تېخىمۇ كۈچەيتەتتى. مەن بۇ خىل مېھرى-مۇھەببەتنى تاھازىرغىچە،باشقا قىزلاردىن كۈرۈپ باقمىغانچقىمۇ ياكى ئۇزۇن مەزگىلىك تەنھالقتىن كېيىن، كۆڭلۈم ئۇنىڭدىن سۇ ئىچتىمۇ، بۇنى بىلىپ بولالمايتتى.بۇ خىل ھىسياتنى ئاغزىدا ئىيتىش قېيىن بولسىمۇ، ئەمما يۈرىكىم سىزىپ تۇراتتى.مەن كىتاپلاردىن<<مۇھەببەت ئۇمۇمى ئۇقۇم،لېكىن مۇھەببەتنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولىدۇ>>دىگەن جۈملىلەرنى كۆرگەن،بىراق مېنىڭ قەلبىمدىكى مۇھەببەت زادى قايسى تۈرگە تەۋە ئىكەنلىنى، ھەم گۈلنۇرغا بولغان ھىسياتمنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل كۈرۈشمەسلىك قارارىغا كەلدىم.
بىر كۈن ، ئىككى كۈن ، ئۈچ كۈن، خىيالىمدا يەنىلا گۈلنۇرنىڭ نۇرلۇق سىماسى ۋە مۇزىكىدەك يېقىملىق سۆزلىرى، توغرا!! بۇ مۇھەببەت ،،، مەن گۈلنۇرنى ياخشى كۆرىدىكەنمەن،ئاللاھ گۈلنۇرنىڭ ئىشقىنى مېنىڭ كۆڭلۈمگە ساپتۇ، بەلىكم بۇمۇ بىر تەغدىر بولسا كېرەك، لېكىن بۇ كۆڭۈلنى ئۇنىڭغا قانداق ئىزھار قېلىش كېرەك،ئەگەر مېنى رەت قىلسىچۇ ؟ راستلا شۇنداق بۇلۇپ قالسا مەن تۈگۈشۈپ كېتىمەن، ئاھ!! خۇدا قانداق ئۇرۇنلاشتۇرۇش بۇ ؟ ئەمدى مېنىڭ پۈتۈن ئەسيادىم گۈلنۇردىلا قالغان ئىدى. ئۇنىڭغا تېلغۇن قېلىشنى ئويلىغان بولساممۇ، بارماقلىرىم كۇنۇپكا تاختىسىغا بىرىشى ھامان، يۈرىكىم رىتىمسىز سۇقۇپ، جۈرئىتىمنى سۇسلاشتۇراتتى.



بۈگۈن قار ياغمىغان بولسىمۇ، زىمىستاننىڭ قارا سوغۇقلىرى يەنىلا بار ئىدى،بۈگۈن شەنبە بولغاچقا، ئۆيدە تېلۋىزۇر كۈرۈپ ئولتۇراتتىم، لېكىن خىيال كەپتىرىم يەنە گۈلنۇر تەرەپكە پەرۋاز قېلىپ كەتكەندى،تۇيۇقسىز تېلغۇنۇم سايرىدى،قۇلۇمغا ئېلىپ قارىسام گۈلنۇر ئىكەن،كۆزۈم ئۇنىڭ <<پىندىكىم>>دىگەن ئىسىمنى كۈرۈش بىلەن ، پۈتۈن ھۇجۇدۇم لەرزىگە كېلىپ،يۈرىكىم تىل بىلەن تەسۋىرلىگسىز ھاياجان ئىلىكدە سۇقۇشقا باشلىدى.چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىپ، ئۈزەمنى بىر ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن تېلغۇننى ئالدىم.
-ئەسسىلامۇ-ئەلەيكۇم!! ئەزىمەتجان
-ۋەئەلەيكۇم-ئەسسىلام....
-قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ نەچچە كۈن بولدى، يەنە يوقاپ كەتتىڭىزغۇ ؟؟ ئاغىرىپ قالمىغانسىز-ھە؟؟
-ياقەي! بايرام مۇناسۋىتى بىلەن خىزمەتتە سەل ئالدىراش بۇلۇپ قالدىم،،
-ھە،،، نەچچە كۈن يوقاپ كەتكەنتىڭىز، سەل ئەنسىرەپ قالدىم،، ياخشى بولسىڭىزلا مەيلىغۇ ،،،
ئۇنىڭ <<ئەنسىرەپ قالدىم>> دىگەن سۆزىنى ئاڭلاپ ، كۆڭلۈم پاللىدە يۇرۇپ كەتتى، <<دىمىگەن بىلەن سېنىڭمۇ كۆڭلۈڭ بار ماڭا>>دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە...
-راسىت!! كەچتە ۋاقتىڭىز بارمۇ ؟بۈگۈن بىزنىڭ باشلانغۇچتىكى ساۋاقدىشىمىز رەنا بىلەن كۈرۈشكەن، سىزنىڭ ۋە باشقا ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ گەپلىرىنى قىلشىپ، كەچتە ساۋاقداشلار ئولتۇرىشى قېلايلى دىيىشپ قالدۇق !! قانداق ۋاقتىڭىز بارمۇ ؟
-ھە،،، شۇ چاغلاردا سىنىپتىكى بىر نەچچەيلەن <<قارا پاقا>> دەپ چاقىردىغان ،ھېلىقى رەنامۇ ؟؟،-دىيىشىم بىلەن تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
-ھە ئە... ئاشۇ رەنا ،،، يەنە ئارزىگۈل، زەينەپ قاتارلىق ساۋاقداشلىمىزمۇ بار، بولسا ھەممە ساۋاقداشلار يېغىلساق بولاتتى.
-مەن باشلانغۇچتىكى ساۋاقداشلاردىن ، جۈرئەت، مۇتەللىپ قاتارلىق باللار بىلەن پات-پات كۈرۈشۈپ تۇرۋاتىمەن، مەنمۇ شۇلارنى باشلاپ كېلەي..
-ماقۇل،، ئەمسە مەن كەچتە تېلغۇن قېلاي...
-ماقۇل ،، كەچتە كۈرىشەيلى..
مەن تېلغۇننى قۇيۇپلا ، جۈرئەت ، مۇتەللىپلارغا تېلغۇن قېلىپ، ئەھۋالنى ئىيتتىم، شۇنداق قېلىپ ئۇلار بىلەن كەچتە تېلغۇنلىشىدىغانغا كېلىشتۇق.
بىز ئۈچمىز دىيىشكەن بۇيىنچە، گۈلنۇر تېلغۇن قېلغۇچە يىغىلىپ تەييار بۇلۇپ تۇردۇق،ئارىدىن گۈلنۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن،باشلانغۇچتىكى يەتتە نەپەر بالا ساۋاقداشلار ، شەھەر مەزكىزنىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىسىدىكى ، ئەتتىرگۈل تىز تاماقخانسنىڭ بىر ئايرىم خانىسدا جەم بولدۇق.بىز خۇددى ئۇزۇن يىللار كۈرۈشمىگەن، ئۇرۇق- تۇققانلاردەك ناھايتى قىزغىن سالاملار بىلەن كۈرۈشۈپ كەتتۇق.مەن ئۇلارغا بىر-بىرلەپ سەپسالدىم.ۋاقت نىمىدىگەن تېز ئۆتكەن-ھە!! مانا بىر چاغلاردا يوغان بوغچىلارنى مۈرىمىزگە ئارتىپ،مەكتەپكە بارىدىغان،بالىلارچە شوخلىقىمىز بىلەن توپ-توپ بۇلۇپ، ھەرخىل ئۇيۇنلارنى ئوينايدىغان،كىچىلىرى تېلۋىزۇردا قانداق كارتون فلىىم ھەم بالىلار پىروگراممىسى كۆرگەنلىكى ھەققىدە،ئەتىگىنى بەس-بەستە دىىيىشىدىغان،بۇ سەبىي، ناتىۋانلار ،،،ئەمدىلىكتە ئۇغۇللارنىڭ بۇرۇتلىرى خەت تارتىپ، قەددى-قامەتلىك، ياشلىقنىڭ ئەڭ جۇشقۇن مەزگىللىرىگە قەدەم قويغان،قىزلار بولسا ئۆز يىشىغا خاس ھۆسىن-جامالىغا تولغان ، خۇددى ئىچلىش ئالدىدىكى گۈل غۇنچىلرىدەك! كونىلارنىڭ <<ۋاقىت دىگەن ئاتقان ئوق>> دىگەن تەمىسىللەر خىيالىمغا ياللىتە كەچتى،شۇ تاپتا ئۆزەمنى ، ھايات مۇساپەمنىڭ ئۇزۇن جەريانلىرىنى بىسىپ بولغاندەك ھىس قېلماقتا ئىدىم.بىر ئازدىن كېيىن بىز بۇيرۇتقان ھەرخىل تائام سەيلەر تارتىلدى، بىز تاماقلارغا ئىغىز تەگكەچ، يەنە بالىلىق خاتىرلىرىمىزنى ۋاراقلاشقا باشلىدۇق.مېنىڭ قۇلىقىم باللارنىڭ پاراڭلىرىدا بولسىمۇ، كۈزۈم يەنىلا گۈلنۇردا ئىدى، يۈرىكىم ئۇنىڭ ئىشقى ئۇتىدا توختىماي چاراسلاپ كۆيمەكتە.
-ۋۇي،،، ئەزىمەت!! گۈلنۇرغا قاراپ ئولتۇرۇۋېرىپ ئاچ قالماڭ يەنە، بىز گۈلنۇر ئىپچقىپ كەتمەيمىز، يىگەچ ئولتۇرۇڭ،-دىدى،ئارزىگۈل باياتىن بىرى ماڭا دىققەت قېلىپ ئولتۇرغاندەك،ئارىدىكى پاراڭنى ئۈزۈپ ..شۇ گەپ بۇلۇپلا ھەممەيلەن تەڭلا كۈلۈپ كەتتۇق.ئارزىگۈل شۇ چاغلاردىكى سىنىپنىڭ ئەركە ،گەپدان، ئەڭ كەپسىز قىزى ھىسساپلىناتتى،شۇنىڭغمۇ ئۇنى ھەممىمىز<<سىغىزخان>>دەپ چاقىراتتۇق.بۇنىڭ مىجەزنىڭ شۇ پىتى ئۆزگەرمىگەنلىكنى قارىمامدىغان، گۈلنۇر بولسا يۈزلىرى ئانارنىڭ دانىسىدەك قىزىرىپ يەرگە قاراپ ئولتۇراتتى،باشقىلارمۇ ئىككىمىزنى قوشقاندەك بىر-ئىككى ئىغىزدىن چاقچاق قىستۇردى.سۇرۇن قىززىپ راسا ئەۋجىگە چىققاندا، ساۋاقدىشىمىز جۈرئەت تۇيۇقسىزلا مۇلازىمنى چاقىرىپ ، ھاراق بۇيرۇتتى.قىز-ئۇغۇللار بۇلۇپ <<ھاراق ئىچشكە بولمايدۇ>> دىگەن بولساقمۇ،<<بۈگۈنكىدەك بالا ساۋاقداشلار جەم بولغان سۇرۇندا ئىچمىسەك بولمايدۇ>>دەپ ئۆز گىپىدە چىڭ تۇرۋالدى، ئاخىرى مەيلىگە قۇيۋەتتۇق.ھاراق كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، جۈرئەت ساقىلىق ۋەزىپىىسنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئاۋال ئۈزى بىر رومكا ئىچىۋېتىپ، كېيىنكى رومكىنى ماڭا سۇندى، مەن ئادەتتە ئالاھىدە ئەھۋاللاردىلا ئامالسىز ئىچەتتىم، بىر ئىككى ئىغىز تەكەللۇپ قېلىپ، ئىككىدە بىر ئىچىش شەرتى بىلەن،ئىچەرمەنلەرگە قېتىلدىم.يىيىلىپ، ئىچىلىپ بۇلۇنغاندىكىن كېيىن، بىز قايتماقچى بۇلۇپ ، تەڭلا ئۇرنىمىزدىن تۇرۇشۇپ ئايرىمخانىدىن چىقتۇق،بىز چىققاندا ئالىقاچان ئەتىراپقا گۇگۇم پەردىسى يىپىلغان ئىدى.ھەمىمىز خوشلىشىپ ھەر تەرەپكە قاراپ ماڭدۇق،شۇنداق قېلىپ بۇ قېتىمقى يېغىلىش ناھايتى كۆڭۈللۈك ئاخىرلاشتى.مەن ئىچىدە<<بۈگۈن گۈلنۇرغا كۆڭلۈمنى ئىزھار قېلىشنىڭ ئەڭ ياخىشى پۇرسىتى،بۈگۈن دىمىسەم بەلكىم،زاكامدىن قالغان بۇ جۈرئەتسىزلكىم،بىر ئۈمۈر ئۇنىڭغا يۇشۇرۇن كۆيۈپ يۈرۈشمگە سەۋەپچى بولشى مۇمكىن، توغرا!! ئۇنىڭغا بۈگۈن ئىغىز ئاچاي>> دەپ ئۆز-ئۆزەمگە خىتاپ قىلدىم.مەن گۈلنۇرنى ئۆزەم ئۈيىگە ئاپرىپ قويماقچى بۇلۇپ، قىزلاردىن ئۇنى ئايرىۋالدىم.ئەلۋەتتە!! بۇ يەردىمۇ ئازدۇر-كۆپدۇر چاقچاقلار بولدى.
گۈلنۇر بىلەن ئىككىمىز شۇنداق يىنىك، قەدەملەر بىلەن قىشنىڭ كىچىدىكى قارلىق مەنزىرسىنى تاماشا قىلغاچ كېتىۋاتىمىز.ئارىمىزنى يەنە سۈكۈتلىك نەپەسلەر ھۈكۈم سۈرمەكتە،مەن قەدىمىمنى تۇختۇتۇپ، گۈلنۇرغا ئاستا يۈزلەندىم،
-گۈلنۇر!! سىزگە دەيدىغان گىپىم بار ئىدى.
گۈلنۇر كۈزۈمگە يېقىملىق قاراپ قۇيۇپ؛-قېنى دەڭ،، قۇلىقىم سىزدە..يۈرىكىم شۇ تاپ رىتىمسىز سۇقۇپ كىتۋاتاتتى، مەن چاندۇرماستىن چوڭغۇر بىر نەپەس ئىلۋالغاندىن كېيىن؛-گۈلنۇر !! بىز ساۋاقداش ۋە يېقىن دوست،سىز بىلەن تۇيۇقسىز ئۇچىرشىپ قالغان ئاشۇ كۈندىن باشلاپ،مۇناسىۋىتىمىز تېخمۇ قۇيۇقلاشتى،ئەمما بۇ دوستلۇق ھازىرقەلبىمدە مۇھەببەت بۇلۇپ شەكىللەندى.ئۈزۈممۇ بىلمەيلا قالدىم، قانداق بۇلۇپ بۇخىل ھىسياتقا كېلىپ قالغىنىمنى،،،،
گۈلنۇر قىلچە ھەيران قالماي،گىپىمنى ئەستايدىللىق بىلەن ئاڭلاۋاتتى.بۇ خىل پوزىسسيە ماڭا تېخمۇ غەيرەت ئاتا قىلدى.مەن ئەمدى ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلپ تۇرۇپ؛-گۈلنۇر! مەن كىتاپ سۆزى قلىشنى ئانچە بىلمەيمەن،ھەم بۇ جەھەتتە ناتىقمۇ ئەمەسمەن،بەلكىم سۆزلىرىمنى چۈشەنگەنسىز،مەن سىزنى ئۈزەممۇ سەزمەستىن ياخشى كۈرۈپ قالدىم،مېنى ھەرگىز <مەسىت بۇلۇپ قاپتۇ>،دەپ ئويلاپ قالماڭ، بۇ مېنىڭ چىن يۈرەك سۆزۈم،سىزگە يۈرەك سۈزۈمنى ھازىر دەۋالمىسام،كېيىن ھەرگىزمۇ دىيەلمەسلىكىم مۇمكىن،چۈنكى مەن سىز ئويلىغاندىنمۇ بەك جۈرئەتسىز، بۇ سىزگە سۆيگۈ تەكلىپلا ئەمەس،بەلكى توي تەكلىپىم،،،مېنى ئۈمۈتسىز قۇيماسلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.
شۇ گەپلەرنى دىگەندىن كېيىن، ئۈزەمنى يېنىكلەپ قالغاندەك ھىس قىلدىم.گۈلنۇر گىپىم تۈگۈشى بىلەنلا چىرايىنى قىلچىمۇ ئۆزگەرتمەستىن،ئەمدى ماڭا يۈزلەندىدە؛-ئەزىمەت! مەن سىزنى كىچىكىمدىن باشلاپ تۇنۇيمەن،سىز ئاقكۈڭۈل ياخشى يىگىت،شۇڭا مەن سىزنى ئىزچىل ھۆرمەت قىلمەن.سىزگە ئىشەنمىگەنلىكىم ئەمەس،ئارىدىن شۇنچە يىللار ئۆتتى، ھەممىز چوڭ بولدۇق، نۇرغۇلىغان ئىسسىق-سۇغۇقلارنى باشتىن كەچۈردۇق،بىز بۇرۇنقى گۆدەك ئەزىمەت،گۈلنۇرلار ئەمەس،ھەممە ئۆزگىرىدۇ،شۇنداقلا بىزمۇ ھەم ئۆزگەردۇق،مۇھەببەت ئىنسان قەلبىدىكى ئەڭ نازۇك تۇيغۇ،<<توي بولسا ئۈمۈر سودىسى>>دىگەن گەپ بار، شۇڭا ئالدىراپ كەتمەي، بىر مەزگىل ئۆز-ئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلساق، بولامدۇ؟ پىكىرىمگە ھۆرمەت قىلامسىز؟-دىدى،ئۇ مۇلايىملىق بىلەن..
ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ماڭا يەنە پۇرسەت بارلىقنى بىلىپ راھەتلىنىپ قالدىم،شۇ تاپتا ئۇ مېنىڭ قەلبىمدە يۈكسەك بىر ئۇرۇنغا چىققان ئىدى، مۇھەببەتمۇ پۇل بىلەن ئۆلچىندىغان بۇ دەۋىردە،گۈلنۇردەك پاكلىق، ساداقەت، ۋاپا، ئىشەنچكە ئىنتىلدىغان قىزلار كەمدىن- كەم ئۇچىرايتتى.ئەمدى ئۇ مېنىڭ كۆڭلۈمدە <<ئاق خالاتلىق پەرىشتە>>لا ئەمەس، ئىنسانلار دىلىدا غايىبى مەدىھىيلىندىغان ھەقىقى<<پەرشتە>> سىياقتا كۈرۈنۋاتاتتى.
-ماقۇل!! مەن پىكىرىڭىزگە ھۆرمەت قېلىمەن،سىز دىگەندەك ئاۋال ئوتتۇرىمىزدا چۈشەنچە بارلىققا كەلسۇن،-دىدىم،مەنمۇ ئەستايدىللىق بىلەن.

شۇنىڭدىن كېيىن مەن بار ئاماللار بىلەن، گۈلنۇرنى ئۈزىمگە قارىتىشقا، يەنى ئۇنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىشقا باشلىدىم،كۈندە ئۇنىڭغا ئادەتتىكدەك تېلغۇن ياكى قىسقا ئۇچۇر قىلاتتىم،بەزىدە ھەتتا ئۇ ئىشلەيدىغان دوختۇرخانىغا ئىزدەپ بېرىپ،خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرەتتىم،ئۇ ئامراق تاماق ۋە قىزلار ياقتۇردىغان ماددى بۇيۇملارنى يېقىن دوستى رەنادىن سوراپ،ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ بېرەتتىم،چۈنكى مەن ھازىر ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىنى قىلىشقا رازى ئىدىم.لېكىن نېمە سەۋەپتىنكىن گۈلنۇرغا بۇرۇنقىدەك، چاقچاق قېلىپ تۇردىغان،ئىلھاملىرىمدىن ھازىر ئەسەرمۇ يوق ئىدى،بەلكىم ئۇنىڭ مۇھەببتى مېنىڭ بۇ تەمتەك مىجەزىمنى ئۆزگەرتكەن بولسا كېرەك.

بۈگۈنمۇ ئاسماننىڭ قەھىرى باشقىچە بۇلۇپ،سۇس قار يېغۋاتاتتى،چۈشتىن كېيىن مەن گۈلنۇر بىلەن، بىللە قار سەيلىسى قىلغاچ، ئايلىنىپ كېلىشكە دىيىشكەندۇق، ئىككىلمىز دەل ۋاقتىدا پۈتۈشكەن جايغا ئۈلگۈرۈپ كەلدۇق.مەن<< سوغۇقتا ئايلانماي،بىرەر خالي جاينى تېپىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرايلى>> دىسەم، ئۇ<< بۈگۈن بەك قار سەيلىسى قىلغۇم بار >> دەپ قەتئىي ئۇنىمىدى،شۇنداق قېلىپ بىز خەلىق مەيدانىدا بىللە ئايلىنىشقا باشلىدۇق،
ئەتىراپ بۈگۈن شۇنچە گۈزەل تۈسكە كىرگەن ئىدىكى، مەندەك قاردىن بىزار ئادەممۇ، پۇت-قۇلۇمنىڭ مۇزلىغىنىمۇ سەزمەستىن، بۇ مەنزىگە زوق ئىشتىياق بىلەن قاراپ كەتتىم، ئەسلى يالغۇز ماڭسا مەنىسىز تۇيۇلغىنى بىلەن،كۆڭلىدىكى ئادىمىنى بىلەن بىللە ئايلانسا،ھەممە نەرسە گۈزەل كۈرۈندىكەن ئەمەسمۇ..
تۇيۇقسىز گۈلنۇر ئەپچىللىك بىلەن مېنى قولتۇقلىۋالدىدە؛-ئەزىمەت!! مەن سىز بىلەن مەڭگۈ مۇشۇنداق،ئۇزاق يوللارنى بىرگە باسسامكەن دەيمەن..
مەن شۇ دەقىقىدە ئۆز قۇلىقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم،،؛-نېمە؟ يەنە بىر دەڭە گۈلنۇر،،، يەنە بىر ئاڭلاي،،-دىدىم،مەن قاتتىق ھاياجانلىنىپ.....
-قۇلاق قېتىش!! ئاڭلىمىدىڭىزما؟؟ ئاڭلىمىغان بولسىڭىز بوپتۇ، ئەمدى دىمەيمەن.-دىدى،ئۇ نازلىق بىلەن خۇيلىنىپ،،،
مەن دەرھال گۈلنۇرنىڭ قۇلىنى چىڭ تۇتۋالدىمدە؛-دىمەك، ماڭا ماقۇل بولسىڭىزما؟ بۇ چاقچاق ئەمەستۇ،،
گۈلنۇر يەردىن بىشىنى كۆتۈرمەي،تەبەسسۇم بىلەن بىشىنى لىڭىشتتى.
-ماڭا ئىشەنگىنىڭىزگە رەھمەت گۈلنۇر، ئاللاھ خالىسا، بىشىم تېنىمدىلا بولدىكەن،سىزنى چۇقۇم بەختلىك قېلىمەن،،-دىدىم،مەن قەتئىيلىك بىلەن،
-مەن سىزگە ئىشىنىمەن ئەزىمەت!!
مەن شۇ تاپتىكى خوشاللىقمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بىرەلمەيتتىم،ئۈزەمچە ھازىر مەندىن بەختلىك ئادەم يوق، ئەمدى ھەممە،، دۇنيادىكى بارچە مەۋجۇدات ماڭا شۇقەدەر گۈزەل كۈرۈنۋاتاتتى،شۇنداق قېلىپ گۈلنۇر بىلەن ئىككىمىزنىڭ مۇھەببەتلىك كۈنلىرىمىز باشلىنىپ كەتتى.

كىشلىك ھايات تولىمۇ ئەگىرى-توقاي، مۇھەببەتنىڭ مۇرەككەپ سىناقلىرى بەزى مۈشكۈل بولدىكەن، گۈلنۇر بىلەن مەنمۇ بۇ سىناقلاردىن خالى بولالمىدۇق.بىز يۈرۈپ كۆپ ئۆتمەي، گۈلنۇرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى يىتىپ كەلدى، ئىككىمىز مەسلەھەتلىشپ بۇ تۇغۇلغان كۈننى،ھېلىقى بالا ساۋاقداشلىرىمىز ۋە بىز نەچچە يېقىن دوستلار بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈشكە كېلىشتۇق.بۇ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى، بىز دائىم ساۋاقداشلار بىلەن يېغىلدىغان ئەتتىرگۈل تىز تاماقخانىسنىڭ بىر ئايرىمخانىسىغا ئۇرۇنلاشتۇرلدى،چاقىرىلغان مېھمانلار بىر-بىرلەپ سۇرۇنغا كېلىپ بولدى،بۈگۈن بۇ يەردە ساۋاقداشلاردىن باشقا،مېنىڭ خىزمەتدىشىم قەيسەر،يەنە گۈلنۇرنىڭ ئىككى قىز خىزمەتدىشىمۇ بار ئىدى،بىز بىرلەپ-بىرلەپ قايتا تۇنۇشۇپ چىقتۇق، كېيىن مۇلازىملار تاماق ۋە گۈلنۇرغا ئاتاپ بۇرىتىلغان مەخسۇس تورتنى ئەكىردى،بىز تۇغۇلغان كۈن ناخشىسىنى تەكشى ئاھاڭدا ئۇقۇپ، تورت ئۈستىگە سانجىلغان 22تال رەڭگارەڭ،كىچىك شاملارنى گۈلنۇر بىلەن تەڭ پۆۋلەپ ئۈچۈرگەندىن كېيىن،تىلەكلىرىمىزنى بەس-بەستە ئىيتىشتۇق،مەن ئۇزۇندىن بىرى گۈلنۇرغا ئۆز قۇلۇم بىلەن تاقاپ قۇشۇشنى ئويلاپ كېلۋاتقان،ئالتۇن ئۈزۈكنى نەق مەيداندىلا،گۈلنۇرنىڭ بارمىقىغا سېلىپ قويدۇم،بالىلار چاۋاك بىلەن ئىككىمىزنى قايتا تەبرىكلىدى،بىز شۇ كەيپىياتتا ئۇيەر-بۇيەردىن پاراڭلاشقاچ غىزالاندۇق.پاراڭ ئارلىقىدا ساۋاقدىشىمىز جۈرئەت ئورنىدىن تۇرۇپ؛-خەپشۈك باللا!! خەپشۈك،،،، مەن ئىككى ئىغىز سۆزلەي-دىدى، ئۇ گىلىنى قىرۋېىلپ....
؛-بۈگۈن بالا ساۋاقدىشىمىز گۈلنۇرنىڭ تۇغۇلغا كۈنى،ھەم ئەزىمەت بىلەن گۈلنۇرنىڭ يۈرۋاتقىنىغا خېلى بۇلۇپ قالدى،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بۈگۈنكى سۇرۇننىڭ ئاخرىنى دىسكوخانىدا چىقىرىمىز،ئۇ يەردىكى باھارلىق چىقىم مەندىن بولىدۇ، بۇ گەپلەردىن كېيىن، قىزلار بىر-بىرگە قاراپ پىچىرلىشىشقا باشلىدى، گۈلنۇر بولسا <<قانداق قېلىمىز>> دىگەندەك ماڭا قارىدى، مەنمۇ <<بارايلى>> دىگەندەك باش لىڭىشتىپ،سۆز قىستۇردۇم.
-بوپتۇ،، بېرىپ كېلەيلى!!! ئاغىنىمىزنىڭ كۆڭلى ئەمەسمۇ،، ئۇمۇ يامان يەر ئەمەس، شۇ ئانچە-مۇنچە ئۇسۇل-پۇسۇل ئويناپ،سەكرەپ كېلدىغان ئىش شۇ،، بارايلى-دېدىم،مەن قىزلارغا تەكشى قاراپ...
شۇنداق قېلىپ بىز قورساقنى ئەستەلىۋالغاندىن كېيىن، ئايرىمخانىدىن چېقىپ، تاكسى بىلەن شەھەردىكى ئەڭ چوڭ،ياۋرۇپا پاسۇندا بىزەلگەن، بىر دىسكوخانىغا كەلدۇق، دىسكوخاندىكى رەڭگارەك چىراقلار كۆزلەرنى قاماشتۇرسا،مەيدا جۇشقۇن ئۇسۇلغا چۈشكەن، قىز-يىگىتلەر كىشنىڭ مەسكىلنى كەلتۈرەتتى،ئارىدىن كۇلۇبنىڭ مۇلازىمى، بىزنىڭ سانىمىزغا قاراپ، بۇلۇڭدىكى بىر چوڭ شىرەگە باشلىدى، بىز ياخشى جايلىشۋالغاندىن كېيىن، ياقتۇرۇپ ئىچىدىغان سۇغۇق ئىچىملىكلەرنى بۇيرۇتتۇق،ئۇسۇل تۈگەپ بىر ئازدىن كېيىن، ناخشىچى يىگىت، سۇرۇندىكى ھەممىمىزنى لىرىك تاڭسىغا تەكلىپ قېلدى،مۇزىكا باشلىنىشى بىلەن مەن تۇنجى بۇلۇپ ، گۈلنۇرنى تاڭسىغا تارتتىم، بۇ گۈلنۇر بىلەن ئىككىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم تاڭسا ئوينىشىمىز ئىدى، ئۇ ماڭا قارايتتى، مەنمۇ ئۇنى گويا تۇنجى كۆرگەندەك زوق بىلەن تۇيماي قارايتتىم،بىز لەرزان مۇزىكىغا ئەگىشىپ، مۇھەببەتنىڭ ئەڭ شېرىن قاينىمىغا غەرىق بۇلۇپ كەتتۇق، تاڭسا ئاخىرلىشىپ،ھەممىز ئۆز ئورنىمىزغا كېلىپ ئولتۇردۇق، كۇلۇبنىڭ قائىدىسى بۇيىنچە، ناخشىچى سەھنىگە چىققۇچە، مۇڭلۇق ناخشىلاردىن ھۇزۇرلانغاچ، پاراڭ بىلەن ئولتۇراتتۇق، تۇيۇقسىز بىر تۇنۇش چىراينىڭ بىز تەرەپكەئاستا قەدەملەر بىلەن كېلۋاتقانلىقنى كۈرۈپ قالدىم،باشتا سۇس چىراق نۇرىدا دىگەندەك تۇنۇپ كىتەلمىگەن بولسام، ئەمدى ئۇ يىنقىلاپ كەلگەنسىرى كۆڭلۈم بىر خىل شۇملۇقنى سىزۋاتاتتى،بۇ تۇنۇش چىراي گۈلشەن بۇلۇپ، ئالى مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، بىر قېتىملىق ئولتۇرۇشتا تۇنۇشۇپ قالغان ئىدۇق، بىر يۇرتلۇق بولغانلىقمىزئۈچۈن، پات-پات ئىزدىشىپ ئۆتتۇق، كېيىنكى كۈنلەردە، ئۇ ئۈزىنىڭ مېنى ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقنى ئېيتىپ، ماڭا كۈڭۈل ئىزھار قىلدى، مەن ئۇ چاغلاردا <<ھاياتنىڭ پەزىسى مۇشۇ>> دەپ ئويلايدىغان،مۇھەببەتنى ھەقىقى چىن مەنىسىدىن چۈشەنمەيدىغان،ئۇيۇنچى سىتودىنتلاردىن بولغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ قالغان ئىدىم،بىز بىر مەكتەپتە بولمىغاچقا دەسلەپ ئۇنىڭغا تازا دىققەت قىلمىغان ئىكەنمەن، كېيىن ئۇنىڭ مەكتەپتىكى ئىستىلى ناچار ، قىز-ئۇغۇل سىتودىنتلار ۋە جەمىئەتتىكى بىر قىسىم قۇلاق كەستى بالىلار بىلەن قۇيۇق ئارلىشىدىغانلىقنى بىلگىنىمدە، دوست-بۇرادەرلىرىمدىن،ئەتىراپتىكى كۆزۈم ئۇچىرشىپ قالغانلىكى كۆزلەردىن خىجىل بۇلۇپ، ئۇنىڭ بىلەن شۇنچە ۋاقىت يۈرگىنىمگە يىرگىنىپ كەتتىم،ئەمما ئۇنى بۇنداقلا تاشلىۋىتىشكە كۆزۈم قىيمىدى،چۈنكى ھەر نىمە دىگەن بىلەن،مەن ئۇنىڭ بىلەن شۇنچە ۋاقىت بىلەن يۈرۈپ، <<كۆڭلۈم بار>> دىيەلمىسەممۇ، ئىنسانلار ئوتتۇرسىدا مەڭگۈ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇردىغان<<مېھرىم>> بار ئىدى،شۇڭا ھىچ بولمىغاندا، ئۇنىڭغا نەسىيەت قېلىپ، بۇ ئاخىرى يوق ، تۇيۇق يولدىن ياندۇرۇپ كېلىشنى مۇۋاپىق كۈرۈپ ، باھارلىق بىلگەن ئىشلىرىمنى يۈزىگە سالدىم، ئەمما كىم بىلسۇن؟؟ ئۇ بۇلارنى تەن ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، <<خۇدىكى بارنىڭ، مۇدىكى بار >>دىگەندەك سەكرەپ كەتتى، ئاقىۋەت يەنە گەپ قېلىشمنىڭ قىلچە پايدىسى يوقلىقنى ھىس قېلىپ، ئۆزەمنى تارتىپ ، ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتكەن ئىدىم،مانا بۈگۈن ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئالدىمدا پەيدا بولشدىن سەل ئەندىكىپ قالدىم.چۈنكى بۇنداق شۇم مىجەز قىزلارنىڭ قۇلىدىن ھەر قانداق ئېشلار كىلەتتى...

گۈلشەن ئالدىمغا كېلىپ،يىنىمدىكى گۈلنۇرغا بىر سۇغۇق نەزەر بىلەن قاراپ قويدى-دە،،،
-ۋۇي!! ئەزىمەتجان ،باركەنسىز-ھە!! - دېدى، ئۇ ئۆز تەبىئىتگە ماس ھىجىيىپ،،،،
مەن ھىچبىر ئىپادىسىزلا ، باشقا تەرەپكە قاراپ ، ئىچىملىكنى ئىچىملىكنى ئېچىپ ئولتۇردۇم،
-ھىم،، نىمە ماڭا قارا كۆزى يوقكىن دىسەم، ئەسلى يىنىڭىزدا، شۇنداق ئوماق تۇمۇچۇقتىن بىرسى باكەن ئەمەسمۇ..يېڭى مال ئوخشمامدۇ؟؟
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بىشىمدىن تۈتۈن چېقىپ كەتتى، گۈلنۇر <<بۇ نېمە ئىش >> دىگەندەك ماڭا سۇئال نەزىدە قارايتتى..
-يېڭىنى تاپقاندا، كونىنى بىراقلا تاشلاشقا يامان ئۇستا جۇمۇ سىز ،،، بولدى !! سىلەرگە دەخلى قىلماي، ياخشى ئويناڭلار
ئەمدى مەن ئەنسىرگەن ئىش ئاخىرى يۈز بەردى، ئارقا-ئارقىدىن دىيىلگەن، بۇ قۇرۇق سۆز-چۆچەكلەرگە گۈلنۇر ئىشىنىپ قالدى بولغاي،گۈلنۇر ئورنىدىن چاچىراپ تۇرۇپ؛-ئەزىمەت!! بۇ قىز كىم ؟؟ بۇنىڭ نېمە مۇناسىۋىتىڭىز بار ئىدى؟
بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە،ماڭا چاپلانغان، بۇ تۆھمەتلەردىن گاڭگىراپ ، تېلىم گەپكە كەلمەس بولغان ئىدى، گۈلشەن پەۋراسىزلىق بىلەن كەينىگە يېنىپ كەتمەكچى بولۋىدى، گۈلنۇر ئۇنى تۇتۋېلىپ؛-تۇختاڭ!! سىز كىم؟ ئەزىمەت بىلەن قانداق مۇناسىۋىتىڭىز بار؟ گەپنى ئۇچۇق قېلىڭ!!!
مەن ئەمدى پاراڭنىڭ چىڭىغا چىقىدىغانلىقنى پەملىدىم-دە،؛-يوقال!! بۇ يەردىن، نىمە قېلماقچى سەن؟بېرىپ ئۆزەڭنىڭ ئۇينىنى ئوينا...دەپ ئۇنىڭغا شۇنداق زەردە بىلەن ۋاقىردىم، بەلىكم ئاۋازىم بەك ئۈنلۈك چېقىپ كەتكەن بولسا كېرەك،دىسكوخانىدىكى باللارنىڭ كۆزلىرى بىزنىڭ شىرە تەرەپتە ئىدى،مەن گۈلنۇرغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرمەكچى بۇلۇپ ئۇنى بىر تەرەپكە تارتتىم،
-گۈلنۇر ، ئۇنىڭ ياغلىما گەپلىرىگە ئىشەنمەڭ، ئۇ ماڭا تۆھمەت قېلۋاتىدۇ، مەن ئۇنى پەقەت تۇنۇمايمەن،يۈرۈڭ!! بىز بۇ يەردىن كىتەيلى....
گۈلنۇر گۈلشەننىڭ چالۋاقاشلىرىدىن، مېنى خاتا چۈشۈنۈپ ئارىمىزغا سوغۇقچلىق چۈشۈپ قېلشىدىن ئەنسىرەپ،باللارغا <<قايتايلى>>دەپ ئىشارەت قېلىشقا تەمشىلۋىدىم، گۈلشەن بىز تەرەپكە بۇرۇلۇپلا، يەنە تۆھمەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىشقا باشلىدى،
-ۋۇىـــــــــــــت، ئەزىمەتجان!!!!!!مېنى تۇنۇماس بۇلۇپ قالدىڭىز دەيلى،ئەينى ۋاقتتىكى قىزىل گۈل ئەمدى بۇرنىڭىزغا تىزەك پۇراۋاتامدۇ؟ ئەمدى گۈلشەننىڭ پەيزى قالمىدى شۇنداقمۇ؟ بۇنداق يۈزسىز ئىكەنلىڭىزنى ئويلىماپتىكەنمەن جۇمۇ!!
-ئەزىمەت!! بۇ قىز زادى كىم؟ بۇنىڭ بىلەن قانداق مۇناسۋىتىڭىز بار؟ قېنى دەڭە ،، ماڭا جاۋاپ بېرىڭ،،،
گۈلنۇر شۇنداق دەپلا مېنىڭ قۇلۇمغا ئىسلدى،مېنىڭ بۇلۋاتقان رەسۋاچلىقتىن ، بۇغۇزۇمغا بىر نىمە كەپلىشىپ قالغاندەك،زۇۋانىم چىقمايلا قالدى، ئەل ئۆمۈرۇمدە بۇنداق ئۇۋالچىلىققا ئۇچىراپ باقمىغان بولغاچقا،غەزەپ-نەپرىتىم تېشىپ كەتتى،
-ھەيران قالماڭ قىزچاق،،مەنمۇ ئەينى چاغدا سىزگە ئوخشاش، بۇ يىگىتنىڭ ئەتىۋارلىقى ئىدىم، ھازىر بۇنىڭ ئالدىدا مەن بىر پۇڭغا ئەرزىمەس ئەسكى چاپان خالاس، سىزمۇ ئۇزۇنغا قالماي مەندەك تاشلىنىپ قالسىز،،،

گۈلنۇر بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ،ماڭا شۇنداق ئۈمۈتسىز بىر سوغۇق قارىدى-دە،،يېغلىغان پىتى، دىسكوخانىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى، رەنامۇ گۈلنۇرنىڭ سومكىسى ۋە چاپاننى ئېلىپ، گۈلنۇرنىڭ كەينىدىن توۋلىغىنىچە چىقىپ كەتتى، بۇ ناھەقچىقىلتىن كاللام قۇرۇدۇنۇپ ھىچنىمىنى ئاڭقىرالماس ھالغا كېلىپ قالدىم،پەقەت شۇ ئەسنادا كاللامغا كەلگىنى، بۈگۈنكى مۇشۇ كۆڭۈلسىزلىكنىڭ سەۋەپچىسى بولغان،بۇ قانجۇقنى تازا ئۇرۇپ،قاراپ تۇرۇپ ماڭا تۆھمەت قېلغىننى، گۈلنۇرنىڭ ئالدىدا ئىقرار قېلدۇرۇش، گۈلنۇرغا مېنىڭ ئاقلىقمنى ئىسپاتلاش ئىدى، ئەمما ھەر قانچە بولسىمۇ، بىر ئەركەكنىڭ بىر ئاجىز قىزنى ئۇرىشى تازا دۇرۇس ئەمەس،ناخشىچى يىگىت مىكرافۇندا ئۈنلۈك قېلىپ، كۆپچلىكنىڭ جايىغا بېرىپ،ئولتۇرۋېلىشنى دىگەندە، كاللام بىر سىلكىنگەندەك بولدى،
-ھىم،، موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە...
ئەمدى بۇ مەلئۇننىڭ بۇ گەپلىردىن، سەۋىر قاچام تۇشۇپ يېرىلىپ كەتتى،
-ۋۇ، ئىپلاس رەسۋا!!!!
ئۇنىڭ يۈزىگە شۇنداق دەپلا بىر تەستەك سالدىم، شۇ ھامان بىز دىمەتلىك ئىككى باللا،بىز تەرەپكە يۇپۇرلۇپ كېلىشتى.مەن ئۇلارغا پىسەنت قىلمايلا، گۈلنۇرنىڭ كەينىدىن يۈگۈرگىنىمچە چېقىپ كەتتىم، لېكىن سىرتتا گۈلنۇرنىڭ قارىسىمۇ كۈرۈنمەيتتى،
مەن قېقىپ قويغان قۇزۇقتەك، تۇرغان جايىمدا تۇرۇپلا قالدىم،بىر چاغدا رەنا ئالدىمغا كېلىپ؛-توۋا!! ئەزىمەت،، سىزنى خىلى دۇرۇس، ئەخلاقلىق يىگىت دەپ ئويلاپ يۈرۈتتىم،مۇشۇنداق كوچا قىزلىرى بىلەنمۇ ئارلىشىپ يۈردىڭىزمۇ؟
-رەنا ،، مەن ،، مەن ،، ھەي،، بولدىلا ،، ئۇ قانجۇق ماڭا تۆھمەت قېلۋاتىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن بۇرۇن ئارلاشقىنىم راسىت. ئەمما ئەھۋال ئۇ دىگەندەك، ئىشلار سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس.
-بولدى!! بولدى، چۈشەندۈرمەڭ ئەزىمەت، ئەمدى نىملا دىگەن بىلەن، ئورنىغا كەلمەيدۇ، بۇ گەپلەرنى ماڭا ئەمەس،گۈلنۇرنىڭ ئۈزىگە دەڭ،، قىزلارنى ھامان قىزلار چۈشىنىدۇ، گۈلنۇرنىڭ كۆڭلى بەك نازۇك قىز، بۇنداق گەپ سۆزلەرنى ئاڭلىغان ھەرقانداق قىز چىداپ تۇرالمايدۇ،ئەڭ ياخشىسى بۈگۈن ئۇنى ئىزدىمەڭ، گۈلنۇرنىڭ مىجەزىنى مەن ئوبدان بىلىمەن.ئۇ ھازىر ھىچكىمنىڭ گىپىنى ئاڭلىمايدۇ، شۇڭا بىرەر ئىككى كۈندىن كېيىن، ئۇنى ئايرىم چاقرىپ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ بېقىڭ،ئاق ھامان ئاق،، ئەگەر گۈلنۇرنى ھەققى ياخشى كۆرسىڭىز،مەن سىزگە ياردەم قېلىمەن،بولدى قايتايلى.

شۇ تاپتا مەن نىملا دىگەن بىلەن پايدىسى يوق، شۇڭا يەنىلا <<لام-جىم>>دىمەي سۈكۈتتە تۇرۇپ قالدىم،قالغانلارمۇ بىر-بىرلەپ چىقىپ كەلدى، گۈلنۇرنىڭ خىزمەتداشلىرى ۋە ساۋاقداشلار، ماڭا بىر خىل گۇمان نەزىرىدە سوغۇق قارايتتى،ئۇلار ھەر تەرەپكە ئۇزاپ كەتتى،جۈرئەت ماڭا چاپىنىمنى ئۇزىتىپ، كىيۋېلشىمنى دىدى،قەيسەر مۈرەمگە يېنىك شاپلاقلاپ؛
-بولدى، ئاداش!! كۆڭلىڭنى بۇزما، قىز دوستۇڭغا ئىغىر بىسىقلىق بىلەن بۇ ئىشنى ياخشى چۈشەندۈر،،ئۇ سېنى ياخشى كۆرسە چۇقۇم كەچۈرىدۇ.جۈرە قايتىمىز.
-بولدى!! سەن كىتىۋەر ئاداش، بەرىبىر يولمىز بىر ئەمەس.
-ماقۇل، ئەمسە ،، مەن قايتقاچ تۇراي، ئاغىنلەر ئەزىمەتنى سىلەرگە تاپشۇردۇم، بۈگۈن ئۇنى يالغۇز قويماڭلار،، ئاللاھغا ئامانەت.
-بولىدۇ، ئاداش!! خاتىرجەم بول، ئۇنى ئۆيگە ئەپكىتىمەن،سەن كېتىۋەر، ئاللاھغا ئامانەت-دېدى، جۈرئەت بىلەن مۇتەللىپمۇ جاۋابەن.
شۇنداق قېلىپ، بۈگۈنكى بۇ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىمۇ كۈڭۈلسىز ئاخرلاشتى. باللار تاكسىغا چۈشەيلى دىگەن بولسىمۇ، مەن ئۇنىمىدىم،شۇنداق قېلىپ ئۈچىمىز پىيادە مىڭىشقا باشلىدۇق،خىيالمىدا يەنە بايىقى بۇلۇنغا كۈڭۈلسىز ئىشلار،گۈلشەن دىگەن ئىپلاسنىڭ قاراپ تۇرۇپ، ماڭا قارا چاپلاپ تۆھمەت قېلىشى، گۈلنۇرنىڭ ئۇ ئىپلاسنىڭ چالغان دىپىغا ئۇسۇل ئويناپ،مۇھەببتىمگە قىلچە ئىشەنمەي،دىسكوخاندىن مېنى تاشلاپ چېقىپ كېتىشى، ئاھ!! خۇدا ،، ياراتقان ئىگەم، بۇ جاھاننى نىمانداق تار ياراتتىڭ؟ نېمە ئۈچۈن ئەمدىلا ئىچىلىشقا باشلىغان، سۆيگۈ گۈللىرىگە،قارا قۇيۇنلارنى يۇقۇلتۇرسەن؟
-ئاداش!! بولدى كۆپ ئويلىما، سەندىمۇ بار، شۇنداق قىزلار بىلەنمۇ ئارلىشىپ يۈردىڭمۇ؟؟بولغۇلۇق بولدى! ئەمدى ئەسلىڭگە قايتقىن جېنىم دوستۇم، گۈلنۇرغا ياخشىراق چۈشەندۈرۈپ باق...
لېكىن جۈرئەتنىڭ بۇ گەپلىرى قۇلىقىمغا كېردىغاندەك ئەمەس، مۇتەللىپمۇ سۆز قىلماقچى بولغاندەك،ئاغزىنى ئۆمەللەتتى، ئەمما جۈرئەت يەنە گەپ باشلىدى.
-ئاداش!! ۋاقىتمۇ بىر يەرگە باردى، تاكسىغا چۈشۈپ بىزنىڭ ئۆيگە كېتەيلى،قالدى ئېشلارنى ئەتە-ئۆگۈن ھەل قېلىمىز.
-بولدى.. ئاغىنىلەر !! سىلەر ماڭغاچ تۇرۇڭلار، مەن بىردەم پىيادە ماڭاي،، بەلكىم سوغۇقتا كاللام سەگىپ، كۆڭلۈم ئىچلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، ھازىر كۆڭلۈم بەك پاراكەندە..
باللارمۇ بىرەر ئىش بولسا،تېلغۇن قېلىشمنى، قالايمىغان ئىشلارنى ئويلىماي،تېنىچ ئۆيگە قايتىپ كېتىشىمنى ئىيتپ كېتىپ قېلشتى. مەن پىيادە يۇلۇمنى داۋام قېلغاچ، گۈلنۇرغا تېلغۇن قىلدىم، لېكىن ئۇ تېلغۇننى پەقەت ئالمىدى، قايتىلاپ شۇنچە قېلساممۇ ئاخىرى بىسۋەتتى. شۇ تەرىقىدە كۈنلىرىم شۇنداق ئازاپ ئچىدە ئۆتتى،خۇددى كىسەل تەگكەن تۇخۇدەك بۇلۇپ قالدىم،گۈلنۇرغا تېلغۇن قىلسام ئالمايتتى ياكى بىسۋىتەتتى،ئۇنى ئىزدەپ بېرىشنى ئويلىغان بولساممۇ، ئەمما يەنىلا جۈرئەت قېلالمىدىم،چۈنكى مەن ھازىر گۈلنۇرنىڭ نەزىرىدە بىر <<ئالدامچى>>بۇلۇپ قالدىم. بەلىكم شۇ كۈندىكى ئىشلارنى ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن ئادەملارنىڭ نەزىردىمۇ شۇنداقتۇرمەن.بۇرۇن نادانلىق قېلىپ،ئۇ ئىپلاس بىلەن بىر مەزگىل ئارلاشقىنىم راسىت. ئەمما مەن ئۇ خىلدىكى <<ئۈجمە كۈڭۈل>> پەسكەشلەردىن ئەمەستە، نىمە ئۈچۈن گۈلنۇر ماڭا بىر قېتىم چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى بەرمەي،گۈلشەننىڭ دىگەنلىرىگە ئىشىنىپ،ئۇنىڭغا بولغان پاك مۇھەببىتىمگە ئىشەنمەيدۇ؟ئەجىبا گۈلنۇر قىز-يىگىتلەر ئارىسىدىكى مۇھەببەتنىڭ،<<ئىشەنچ>>ئۈستىگە قۇرۇلدىغانلقغنى بىلمەيدىغانمىدۇ؟گۈلشەن دىگەن قانجۇقنىڭ،رەزىل تۆھمەتلەر بىلەن ئىككىمىزنى ئايرىۋېتىش غەرىزى ئېنىق تۇرمامدۇ. شۇ كۈندىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئويلىسام،گۈلشەن دىگەن ئىپلاسنى..... كاللامغا ھەرخىل يامان خىياللار كىچەتتى.ئارىدىن بىر ھەپتىمۇ ئۈتۈپ كەتتى، مەن ئاخرى تاقەت قېلالمىدىم، ئاق دىگەن ھامان ئاق، رەزىللىك ئەزەلدىن ھەقىقەت ئالدىدا غالىپ كىلەلىگەن ئەمەس،توغرا!! مەن گۈلنۇرغا بىر ئاماللارنى قېلىپ چۈشەندۈرەي،ئىككىمىزنىڭ تۆھمەتخورلارنىڭ قۇربانى بۇلۇپ كەتكەنلىكنى بىلدۈرەي،يۈرىكىمدە پەقەت ئۇنىڭلا بارلىقنى ئەسلىتەي،بىشىمغا كەلگىننى كۆرەرمەن دەپ، بىر كۈنى چۈشلىكى دەل ئۇنىڭ چۈشلىك تاماققا چۈشىدىغان ۋاقتىغا ئۈلگۈرتۈپ، ئۇنى ئىزدەپ دوختۇرخانىغا باردىم،دوختۇرخاننىڭ چوڭ دەرۋازىسىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، بىر سۆگەت دەرىخنىڭ كەينىدە،گۈلنۇر چىققۇچە ساقلاپ تۇردۇم،تەخمىنەن يىرىم سائەتلەردىن كېيىن،ئۇ بىر خىزمەتدىشى بىلەن چىقىپ كەلدى. ئۇ خىزمەتدىشى بىلەن بىر نىمىلەرنى دەپ،يىقىملىق كۈلۈشۈپ ماڭسىمۇ،ئەمما ئۇنىڭ چىرايىدىن يەنە بىر خىل مىسكىنلىك چىقىپ تۇراتتى، بۇ شارائتتا ئۇنىڭ ئالدىغا قانداق بېرىشمنى بىلەلمەي،ئىككىلىنىپ قالدىم، گۈلنۇر شۇ ماڭغانچە كۆز ئالدىمدىن يىراقلارغا ئۇزاپ كەتتى، مەن ئىغىر خۇرسىنىپ<< ياراتقان ئىگەم، ھەممىگە ئۈزىڭ گۇۋاھ، ،، ماڭا مەدەت بەرگىن>> دەپ ئۈنسىز ئاللاھقا نالە قىلدىم.
بىر كۈنى ئەتىگەنلىكى ئىشخانىدا،شۇ كۈندىكى كۈڭۈلسىز ئېشلارنى خىيال قېلىپ ئولتۇراتتىم،تۇيۇقسىز تېلغۇنۇم سايراپ كەتتى، قارىسام گۈلنۇر ئىكەن، مەن سەل ھۇدۇقۇش بىلەن تېلغۇننى ئالدىم.
-ئەسسىلامۇ-ئەلەيكۇم!!
-ۋەئەلەيكۇم-ئەسسىلام ئەزىمەت، قانداق ئەھۋالىڭىز؟
-خۇداغا شۈكرى يامان ئەمەس، ئۈزىڭىزچۇ؟
-مەنمۇ قەدىر ئەھۋال،،، ئىشلەۋاتامسىز؟
-ھە ئە،، سىزچۇ ؟
-مەنمۇ ئىشلەۋاتقان،
بۇ قىسقا سالاملىشىشتىن كېيىن، ئارىمىزنى يەنە دەقىقە سۈكۈتلەر قاپلىدى، مەنمۇ دەماللققا نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم، ئۇ ماڭا قانداق مەخسەتتە تېلغۇن قېلغان بولغىيتى؟شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئاغزىدىن <<بىز ئايرىلىپ كىتەيلى>> دىگەن سۆزلەر چىقىدىغاندەك، يۈرۈكۈم شۇنداق ئەنسىز سۇقۇپ كىتۋاتاتتى.
-چۈشتىن كېيىن بىر كۈرۈشسەك بوپتىكەن، ۋاقتىڭىز بارمىدۇ؟
-بولىدۇ!! ئەلۋەتتە ۋاقتىم بار، نەدەراق كۆرىشىمىز؟
-بوستان كوچىسىدىكى، ھېلىقى كىچىك گۈللۈكتە كۆرىشەيلى.
-ماقۇل،، ئەمسە شۇ يەردە كۆرىشەيلى..
-ئەمسە شۇنداق بولسۇن،، خوش!!
-ماقۇل،، خوش ..
تېلغۇننى قۇيۇپ، ئەمدى خىياللىرىم بايىقىدىنمۇ بەك ئەدەپ كەتتى، گۈلنۇر بۈگۈن ماڭا ئارىمىزنى ئۇچۇق قېلۋىتىش ئۈچۈن تېلغۇن قىلغانمىدۇ؟ ياق!! ياق!! ئۇلۇغ ئاللاھ بەندىلىرىگە ھەرگىز بۇنداق ئادالەتسىزلىك قىلمايدۇ،چۈنكى مەن گۇناھسىز، گۈلنۇر مېنى ياخشى كۆرىدۇ، مەنمۇ ئۇنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرىمەن.
مەن ئىشلىرىمنى بىرەر قۇر تۈگۈتۈپ، بىز دىيىشكەن جايغا يىتىپ كەلدىم،ئەمما گۈلنۇر تېخىچە كۆرۈنمەيتتى،مەن ياندىكى بىر ئۇرۇنغا كېلىپ ئولتۇردۇم، بۈگۈن ھاۋا سۇغۇق بولغاچقىمۇ، ئەتىراپتا مەندىن باشقا ئادەم يوق دىيەرلىك ئىدى،
بىر چاغدا تۇيۇقسىز ئارقىمدىن بىر جۈپ قول كېلىپ كۆزۈمنى ئىتۋالدى.
-تارغاقمۇ ؟ سۈزگۈچمۇ ؟
بۇ دەل گۈلنۇرنىڭ ئاۋازى ئىدى، ئۇنىڭ بۇنداق شوخلىق قىلغىنىدىن، ئاللاھنىڭ ئاخىرى ماڭا ئىچى ئاغىرىغانلىقدىن،يېغلىۋەتكىلى تاس قالدىم.مەنمۇ ئۇنىڭ بۇ سۇئالىغا چاققانلىق بىلەن جاۋابەن..
-پىندەك!!!-دىدىم،ئۇنىڭ قۇلىدىن تۇتۋېلىپ..
-ۋۇ ئەسكى،يەنە شۇنداق دەۋاتسىزغۇ، -دېدى،تاتلىققىنە خۇيلىنىپ
-كىچكىپ كەلدىڭىزغۇ؟
-مەن سىزدىن ئاۋال كېلىپ بولغان، يىراقتىن سىزنىڭ كېلۋاتقنىڭىزنى كۈرۈپ،كەينى تەرەپكە مۈكۋالغان ئىدىم،سىزنى چۈچۈتۋېتەي دەپ..
-ھېلىمۇ بەك چۈچۈپ كەتتىم، بىلەمسىز؟ بۇ يەرگە كەلگۈچە كاللامغا نۇرغۇن خىياللار كېلىپ كەتتى.
-قانداق خىيال؟
-بۈگۈن بىزنىڭ ئەڭ ئاخرىقى كۈرىشىشىمىز بۇلۇپ قالدىغان ئوخشايدۇ،دىگەندەك قۇرقۇنۇشلۇق خىياللار،، مەن سىزدىن ئايرىلپ قالسام.... گىپىمنىڭ ئاخىرىنى دەپ بولالماستىن،گۈلنۇر مېنىڭ ئاغزىمنى قۇلى بىلەن تۇسۋالدى.
-ئۇنداق يوقىلاڭ گەپلارنى قىلماڭ ئەزىمەت،، مەنمۇ سىزدىن ئايرىلىپ قانداق ياشايمەن،مېنى كەچۈرۈڭ!! مەن گۈلشەنىڭ سىزگە قىلغان تۆھمەتلىرىگە ئېشىنىپ،سىزگە بەك ئۇۋال قېلىپتىمەن.ئۇ مېنى تۈنۈگۈن ئىزدەپ كەپتۇ.
-نېمە؟ ئۇ سىزنى ئىزدەپ كەپتۇما؟
-شۇنداق!! مەن باشتا ئۇنى كۈرۈپلا، جۇدۇنۇم ئۆرلەپ كېتىپ قالدىم، لېكىن ئۇ شۇنچە خەقلارنىڭ ئالدىدا بىلىكمگە ئىسلىپ، سۆزىنى بىر ئاڭلاپ بىقىشىمنى ئۈتۈنۈپ تۇرۋالدى،نائىلاج ئۇنىڭ گىپنى ئاڭىلدىم.ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۆز ۋاقتىدا، سىزنىڭ گىپىڭىزنى ئاڭلىماي، يامان باللار بىلەن ئارلىشىپ، ئاخىرى مەكتەپ پۈتمەيلا، قۇغلىنىپ كېتىپتۇ،كېيىن ئاتا-ئانىسىغا يالغان گەپ قېلىپ،بىر مەزگىل ئۈرۈمچىدە لاغايلاپ يۈرۈپ، ئاندىن يەنە يۇرتقا كېلىشكە مەجبۇر بۇپتۇ، دادىسى ئۇنىڭ مەكتەپتىن قوغلانغانلىقنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن تېنىپ،ئۆيدىن قوغلاپ چېقىرىپتۇ،ئەمىليەتتە ئۇ سىزنى ياخشى كۆرەتتىكەن، ئۇ كۈنى ئىككىمىزنىڭ تاڭسا ئوينىغىنى كۈرۈپ،جان ئاچچىقىدا ، دەردىنى سىزدىن ئاپتۇ،ئۇ بۇ گەپلەرنى قېلىۋىتىپ قاتتىق يېغلاپ،ئۈزىنىڭ كۆپ پۇشايمان قېلغانلىقنى، ھەر كۈنى ۋىجدان ئازاپى تارتىپ،ئاخرى نۇرغۇن سۈرۈشتۈرۈشلەر ئارقىلىق،مېنى ئىزدەپ كېلىپ، ھەقىقى ئەھۋالنى ماڭا چۈشەندۈرگەنلىكنى، ۋە سىزدىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقنى ئىيتتى. تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغىرىپمۇ قالدى.

بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى، گۈلشەننىڭ ئاخىرى ئىنساپقا كەلگەنلىكىدىن، ئاللاھغا كۆپ ھەمدۇسانەلەر ئىيتتىم ئىچىمدە..
-ئەمدى مېنىڭ قۇرۇق تۆھمەتكە ئۇچىرىغانلىقمنى بىلدىڭىز،شۇ كۈنى سىز ماڭا قىلچە چۈشۈندۈرۈش پۇرسىتى بەرمىدىڭىز گۈلنۇر،، ماڭا پەقەت ئىشەنمىدىڭىز،
-ئەزىمەت، مېنى كەچۈرۈڭ،، لېكىن ئۇ گەپلەر ماڭا راستلا ئېغىر كەلدى، سىز مەن بۇ ئۆمۈرۈمدە تۇنجى سۆيگەن ئادىمىم،شۇنداق تۇرسا، مەن شۇنداق گەپلەر چىداپ تۇرالامدىم،-دېدى، ئۇ يېغلامسىراپ..
-قاراڭ گۈلنۇر!! مېنىڭ كۈزۈمگە قاراڭ، مېنىڭ بۇرۇن گۈلشەن بىلەن ئارلاشقىنىم راسىت. ئەمما ئۇ چاغلار مەن ئۈچۇشنى بىلىپ، چۈشۈشنى بىلىمەيدىغان، نادان چاغلىرىم، ھازىر مېنىڭ كۆڭلۈمدە پەقەت سىزلا بار، مېنىڭ بۇ سۇقۇپ تۇرغان يۈرىكىم پەقەت سىزگىلا تەئەللۇق،مۇھەببەت دىگەندە ئىشەنچ بولمىسا،بۇنداق مۇھەببەتنىڭ مەڭگۈلۈك بۇلشىدا ئۈمۈد بولمايدۇ،ئەمدى بۇ توغۇرلۇق تەگەشمەيلى.ھەممە ئېشلار ئايدىڭ بولدى. شۇڭا ئەمدى باشقىلارنىڭ پىتە-پاساتلىرىغا ئىشەنمەڭ. -دېدىم، مەن ئۇنىڭ بىر جۈپ قوللىرىنى چىڭ تۇتۇپ ..
-ماقۇل،، لېكىن ئەمدى بۇنداق ئىشلار، يۈز بەرمەيدۇ،دەپ ماڭا ۋەدە بېرىڭ،
-بولىدۇ، مەن ۋەدە بېرەي،، ئەمدى بۇنداق ئېشلار تەكرارلانمايدۇ.

مۇشۇ دەقىقىدە مەن دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەم ئىدىم، نۇرغۇن جەبىرلەردىن كېيىن بەخىت ئاخىرى بىزگە قۇچاق ئاچتى. ئەتىراپ شۇنچە جىمجىت، قۇياش ئېللىق نۇرى بىلەن،بۇلۇتلار ئارىسىدىن كۈلۈپ چىقتى، مەن قەلبىمدىكى بارچە مۇھەببەت بىلەن، ئۇنى تۇنجى قېتىم باغرىمغا باستىم.قۇياشمۇ بىزنىڭ بەختىمىزگە زوقلىنۋاتقاندەك ئوتلۇق كۈلۈمسىرمەكتە ئىدى...







2012-3-9
جەنۇبى تارىم ۋادىسىدا يېزىلدى
مەنبە؛ئۆز قەلىمىم


21_715_0cf392b468a89c9.gif


ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار؛ مەن كەسپى يازغۇچى بولمىغاچ ھەمدە بۇ تۇنجى ھېكايە يېزىشىم بولغاچقا،ئەسەردە كۆپ يىتەرسىزلىكلەر بار دەپ قارايمەن،شۇڭا كەڭ قەلەمكەش دوستلارنىڭ كۆپلەپ تەكلىپ-پىكىر بىرىشىگە مۇختاجمەن،ئاخىرىدا بۇ تۇنجى چوڭ ھەجىملىك ئەسىرىمنىڭ ئۇڭۇشلۇق روياپقا چىقىشىغا ياردەمدە بولغان دوستۇم(گۈلبىكە)گە ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahdiyarjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-26 04:44 AM  


بۈگۈن يەنە ماڭدىم .. تەنھالىقىمدىن بۇرۇن ماڭغان ئاشۇ كوچىدا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74269
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 232
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-1-30
ئاخىرقى: 2012-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 10:36:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇنجى قىتىملىق ئەسىرىڭىز بولسىمۇ لىكىن ياخشى يېزىپسىز . تىرىشسىڭىز بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى ھۇجۇتقا چىقرالايسىز.

چەكلەنگەن ئەزا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78512
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 409
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2012-4-8
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 11:13:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلارنىڭ،ئۆزىنى بىر ئاچچىق قىسمەتلەرنىڭ كۈتۈپ يېتىۋاتقانلىقىدىن بىخەۋەر.....

چىن مۇھەببەت ئۇنداق ئاسان قولغا كەلمەيدۇ! نۇرغۇن بەدەللەرنى تۈلەيسىز.....

چەكلەنگەن ئەزا   سۆز قىلىش چەكلەندى!   قۇلۇپلانغان
تەۋپىق ئىسلام تورى www.tewpik.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79123
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 370
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2012-4-20
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 11:18:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇف..................... ئاخىرى ئۇقۇپ بۇلدۇم     قىنى ئاخىرى  تۇي قىلمىدىڭلارمۇ  ~~~~~~~~~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78718
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 144
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2012-4-12
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 12:31:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ھەمىمىزنىڭ بەختىنى بەرگەي``

مۇھەببەت بىر خىل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9856
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6015
تۆھپە نۇمۇرى: 372
توردا: 1309 سائەت
تىزىم: 2010-9-10
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 12:57:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيۇنچى يوللىغان ۋاقتى  2012-4-26 11:18 AM
ئۇف..................... ئاخىرى ئۇقۇپ بۇلدۇم     قىنى ئاخىرى  تۇي  ...


دوستۇم!! ئەسەرنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى ئىككى قۇر جۈملىلەرنى كۆرمىگەن ئوخشايسىز، بۇ پەقەت مېنىڭ ئەسىرىم، كەچۈرمشىم ئەمەس،،

نىمە ئۈچۈن ھەر دائىم ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى ئاپتۇرغا باغلىۋالسىلەر؟؟ ھىچ بىلمىدىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahdiyarjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-26 12:59 PM  


بۈگۈن يەنە ماڭدىم .. تەنھالىقىمدىن بۇرۇن ماڭغان ئاشۇ كوچىدا

♥LOVE✿KEY♥

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29588
يازما سانى: 547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4549
تۆھپە نۇمۇرى: 605
توردا: 546 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 04:12:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز، ۋەقەلىكنى توقۇلما دىمىگەن بولسىڭىز ھەقىقەتەن راس ئىشلار خاتىرسىگە چىقىرۋىتىدىكەنمەن...............
ئاخىرىنىمۇ ئىنكاس ئارقىلىق يىزىۋەتكەن بولسىڭىز بوپتىكەن................  

گۈل قانچىكى چىرايلىق بولسا ، بولبۇلنىڭ ھەسرەت -پىغانىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ .

♥LOVE✿KEY♥

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29588
يازما سانى: 547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4549
تۆھپە نۇمۇرى: 605
توردا: 546 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 04:13:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xahdiyarjan يوللىغان ۋاقتى  2012-4-26 12:57 PM
دوستۇم!! ئەسەرنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى ئىككى قۇر جۈملىلەرنى  ...

ئەسەرنى شۇنداق ياخشى يىزىپسىز، ئاخىرىنىمۇ يىزىۋەتكەن بولسىڭىز

گۈل قانچىكى چىرايلىق بولسا ، بولبۇلنىڭ ھەسرەت -پىغانىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ .

ئاللا ئىمان ئاتا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29637
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2393
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 1154 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 04:13:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمىلىيەتكە يىقىن ئىكەن، بەك ياخشى يېزپسىز،بۇنۇڭدىن كىيىن تېخىمۇ ياخشى يىزىشىڭىزغا ئىشىنىمەن.

ئاللا ھەممىزگە ئىمان ئاتا قىلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79246
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 194
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2012-4-23
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 06:57:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداق ئوقۇپ بولغىلى بولار

بۇدۇنيا غەپلەپ ۋە بىپەرۋالىق زامانى ئەمەس، بەلكى ئويغۇنىش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىدۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش