مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1101|ئىنكاس: 43

مانا بۇ مىنىڭ تەقدىرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

life is dream, we are dreaming

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64827
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7892
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 1087 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 10:36:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                    

   复件 ty.jpg

阿مانا بۇ مىنىڭ تەقدىرىم


مەن بەكلا كۆرۈمسىز قىز ،ھەرقانداق ئەرنىڭ مىنى ئەمرىگە ئالغۇسى كەلمەيدىغانلىقى ئۆزۈمگە ئايان، شۇ ۋەجىدىن قىسمىتى مىنىڭكىگە ئوخشاش باشقا قىزلارغا ئوخشاش باشقا قىزلاردەك بىر ئۆمۈر توي قىلماي تىكەندەك يالغۇز ئۈتۈپ كىتىش نىيىتىگە كەلدىم.ئەمما كۆرۈمسىز چىرايىمنىڭ ئاياللارنىڭ ئەقەللى بۇرچى –ئانىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىشقا توسالغۇ بۇلۇپ قىلىشىنى پەقەتلا خالىمايمەن.مىنىڭمۇ ئۆز بالام بولسىكەن دەپ ئارزۇ  قىلىمەن! بۇ ئارزۇيۇم چۇقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.

مانا بۇمىنىڭ بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن –تىخى ياتلىق بولمىغان ۋاقىتتا خاتىرەمگە يىزىپ قويغان بىر نەچچە قۇر سۆز.ئۇ چاغدا مەن 25 ياشتا ئىدىم.

  مەن ئۆزۈمنىڭ سەتلىكىدىن ئانچە ئاغرىنىپ كەتمەيتتىم.قانداقتۇر ھەشەملەر بىلەن ئۇنى تۈزىتىشكىمۇ ئۇرۇنمايتتىم.باشقىلارنىڭ كۆزلىرىدىكى مەسخىرە ۋە ئىچ ئاغرىتىش ئالامەتلىرىنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن ،ھەمىشە كۆزلىرىمنى يەردىن ئۈزمەيتتىم.مەن ئىشخانىدا بوغالتىر ئىدى. ئىشخانامدىكىلەر ماڭا تولىمۇ ھىسداشلىق قىلاتتى.بۇلۇپمۇ مىنى ئۈلگىلىك خىزمەتچى دەپ ماختاپ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان باشلىقلىرىم ماڭا ئەڭ ھىسداشلىق قىلاتتى، چۈنكى ئالدىرايدىغان بىرەر ئۇچرىشىشىم بولمىغاندىن كىيىن،بەزىدە زۆزۈر تىپىلغاندا قىپقىلىپ ئىشلەيتتىم.ئۆزۈم بەك كۈرۈمسىز بولغاچقا مۇھەببەت جەھەتتە باشقا قىز خىزمەتداشلىرىمغا ھەسەت قىلىشىم تۇرغانلا گەپ .ئەمما ئەر خىزمەتداشلىرىم مىنى ھەر قانداق ئىچ سىرلىرىمىزنى دىيىشكا بولىدىغان ئىشەنچلىك ھەم زېرەك قىز دەپ قارايتتى.ئەرلەر ئادەتتە ئىچ سىرلىرىنى چىرايلىق قىزلارغا ئېيتىپ ئۇلارنىڭ ئۇيۇنچۇقىغا ئايلىنىپ قىلىشىنى خالىمايدۇ.

مەن ھۇجرامدىكى ئەينەكتىكى ئەكسىمگە قاراپ قانچە قىتىم ياش تۆككەنلىكىمنى ساناپ بېرەلمەيمەن! چۈنكى ھەر قانچە سەت بولساممۇ مەندە كۆڭۈل دىگەن نەرسە باردە!    ئۇنىڭ ئۈستىگە ياش تۇرسام مۇھەببەتكە ئۆي ئوچاقىلىق بۇلۇشقا ئىنتىلىشىم تەبىئىي ئىشقۇ؟!

بەخىتسىز بىر ئائىلىدە دۇنياغا كىلىش پىشانەمگە پۈتۈلگەن ئىكەن.دادام مەن دۇنياغا كىلىشتىن ئىككى ئاي ئىلگىرى تۈگەپ كىتىپتۇ.مانا ئاپاممۇ مىنى تشلا كىتىپ قالدى،ئەمدىلىكتە دۇنيادا بىرەر يۆلەنچۈكۈممۇ قالمىغان ئىدى.مەن يىتىمسىرەشكە باشلىدىم.شۇنىڭ بىلەن مەندە بۇ دۇنيادا بىرەر روھى جەھەتتىن ئازراق تەسەللى بېرىپ تۇرمۇشۇمغا يار يۆلەك بولىدىغان بىرىگە ئېرىشىش ئىستىكى يەنى ئانا بۇلۇش ئىستىكى تۇغۇلدى. بۇ مەن ئۈچۈن مۇھەببەتكە ئېرىشىشنىڭ بىردىن بىر ئىمكانىيىتى ئىدى!

بىچارە ئاپام ئۈلۈپ كىتىپ ئۇزاق ئۆتمەي،گۇۋاھلىق بەرگۈچى ماڭا ،دادام ۋاپات بولغاندا ئاپام بىر سۇغۇرتا شىركىتىدىن بەش مىليون كونا فىرانىك ئالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.مەن بۇ كۈتۈلمىگەن ئامەتتىن بەكلا خۇشال بۇلۇپ كەتتىم.ئاپام مىنىڭ بۇ پۇلنى ئورۇنسىز خەجلىۋېتىشىمدىن ئەنسىرەپ ،گۇۋاھلىق بەرگۈچىنىڭ ساقلاپ قويىشىغا بېرىپ قويغانىكەن.جىنىم ئانا! سەن تۇرمۇشقا شۇنچە قىيىنچىلىققا ئۇچرىساڭمۇ بۇ پۇلغا مىنى دەپ قول تەگكۈزمەپتىكەنسەن دە! ئاپام بۇ مىراستىن باشقا يەنە شەھەر سىرتىدىكى بۇرۇن بىز تۇرغان كونا ياغاچ ئۆينىمۇ ماڭا قالدۇرغانىكەن.شۇنداق قىلىپ ئۆز كىرىمىمگە بۇ پۇل قۇشۇلۇپ ئوبدانلا بىيىپ قالدىم.قۇلۇمنى نەگە سۇنسام شۇ يەرگە يىتىدىغاندەك ھىس قىلىشقا باشلىدىم.شۇنىڭ بىلەن كاللامغا ئاجايىپ بىر ئەقىل كەلدى.مەن ئۇنى جەزمەن ئىشقا ئاشۇرۇش نىيىتىگىمۇ كەلدىم ، ھەمدە بۇنىڭغىمۇ كۆزۈم يەتتى.

خىزمەت ئۈستىلىمنىڭ قارشى تەرىپىدە گىئورگى خوۋېر ئولتۇراتتى.ھەممەيلەن ئۇنى سەمىمى خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلەيدىغان يىگىت دەپ ماختىشاتتى.بىز چىراي شەكىل جەھەتتە بىر بىرىمىزنىڭ ئەكسى ئىدۇق.مەن بەكلا سەت ئۇ بولسا تولىمۇ كىلىشكەن يىگىت ئىدى.ئۇ چاقچاقنى ياخشى كۆرمەيتتى ، ئادەتتە ماڭا تولىمۇ سىلىق مۇئامىلە قىلاتتى.ئىككىمىز دائىم بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ غىزالىناتتۇق.ئۆز ئارا كىتاپ ژورنال ئالماشتۇرۇپ كۆرەتتۇق.خۇددى كونا دوستلاردەك مۇڭدىشىپ ئولتۇرالايتتۇق.مەن ئۇنىڭ ئالدىدا قىلچە قورۇنۇش ھىس قىلمايتتىم.ئۇنى خۇددى ئۆزۈمنىڭ بىر تۇققان قېرىندىشىدەك ياخشى كۆرەتتىم.

مەن ئۇنىڭ ئىلاجىسىزلىقتىن بوغالتىرلىق كەسپىنى تاللىغانلىقىنى بىلەتتىم.ئۇ ئون ئىككى يىشىدىن باشلاپلا دوختۇر بۇلۇشنى ئارزۇ قىلىپ قېرىنداشلىرىغا پايدىلىق ئشلارنى قىلىپ بېرىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىكەن.بۇ ئىستەك ئۇنىڭ دىلىدا ئوت بۇلۇپ ياناتتى.ئەمما ئۇنىڭ ئوقۇش پۇلى تۆلەشكە قۇربى يەتمىگەنلىكتىم ئۇنىڭ بۇ يۈكسەك ئارزۇسىدىن ۋاز كىچىشكە مەجبۇر بولغانىكەن، ئۇ بۇنىڭدىن تولىمۇ ئۈكۈنەتتى.

ئۆزۈمنىڭ بىيىپ قالغانلىقىمغا ئىشىنىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز دوستۇم گىئورگىغا ‹توختاملىشىش›ھەققىدە ئېغىز ئىچىپ بىقىشتەك بىر ئەسەبى خىيال كاللامغا كىرىۋالدى.مەن ئۇنى مەقسىتىمنى توغرا چۈشىنىدۇ مىنى ھەرگىز مازاق قىلمايدۇ دەپ ئويلىدىم.

     مەن گىئورگىنىڭ ئۈستىلى ئۈستىگە ؛‹بۈگۈن كەچتە سىزنى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلىمەن،سىز بىلەن مەسلەھەتلىشىدىغان مۇھىم بىر ئىش بار ئىدى.›دىگەن باغاقچىنى قۇيۇپ قويدۇم

گىئورگى باغاقچىنى ئېلىپ شۇ ھامان خوشاللىق بىلەن تەكلىپىمنى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەن ئۇنىڭ كەچلىك تاماقتا دائىم مادىرىنا ئىسملىك بىر ئالتۇن چاچلىق چىرايلىق بىر ئائىلە كاتىپى بىلەن بىللە بولىدىغانلىقىنى بىلەتتىم.ئۇ قىزنىڭ ئاجايىپ جەزبىدارلىقى ۋە تەكەببۇرلىقىنى ئويلىساملا ئۇنىڭغا ئىچ-ئىچىمدىن ئۆچلىكىم كىلەتتى.ئۇنىڭ گىئورگىغا ھەددىدىن زىيادە يىقىنچىلىق قىلىپ كىتىشلىرىدىن بىزار ئىدىم.

   گىئورگىنىڭ تەكلىپىمنى قىلچە ئىككىلەنمەستىن قۇبۇل قىلىشى دىلىمنى يايرىتىپ كۆڭلۈمنى سۈيۈندۈردى.ئۇ ھەتتا ‹مادرىداغا كەچتە مىنى ساقلىماڭ دەپ ئېيتىپ قوياي ›دىگەندەك سۆزلەرنىمۇ قىلمىدى.بۇ بىر نەچچە كۈندە ئۇلارنىڭ بىرگە يۈرگىنىنى چىلىقتۇرمىغان ئىدىم.چۇقۇم ماي تارتىشىپ قالغان گەپ. مەن بۇنىڭدىن ئىچىمدە تولىمۇ خوشال ئىدىم.ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا پىلانىمنىڭ ئەمەلگە ئىشىشى تىخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولاتتى.

     بىز خالى بىر ئاشخانىغا كىردۇق.ئەمدى ئولتۇرىشىمىزغا گىئورگى كۈلۈپ تۇرۇپ مەندىن سورىدى:

-ھە شېرۋى ، كاللىڭىزنى شۇنچە قاتۇرىۋەتكەن قانداق مۈشكۈل ئىش ئۇ؟

مەڭزىم شۇئان ئوت ئالدى.ئۆزۈمنىڭ شۇنچە قاراملىق قىلغانلىقىمنى شۇئان ھىس قىلدىم.يۈرىكىم قاتتىق سۇقۇپ كۆكرەك قەپىسىمدىن چىقىپ كىتەيلا دەپ قالغان ئىدى.ئۈستەل ئۈستىگە قۇيۇلغان قوللىرىمنىڭ تىترەۋاتقانلىقىنى ئۇنىڭ كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھاياجىنىمنى بىسىۋېلىشقا تىرىشىۋاتاتتىم.

-گىئورگى سىز قايسى بىر چاغدا ماڭا تىببى ئۇنېۋېرسىتىتا ئوقۇش ئارزۇيىڭىزدىن تىخى ۋاز كەچمىگەنلىكىڭىزنى،بۇ ئارزۇيىڭىزغا يىتىش ئۈچۈن دائىم خىزمەتتىن سىرتىقى ۋاقىتلاردا ئىشلەۋاتقانلىقىڭىزنى ئيتقانىدىڭىز، بۇ ئارزۇيىڭىز قاچانلاردا ئەمەلگە ئاشىدىغاندەك قىلىدۇ؟

گىئورگى ماڭا تەئەججۇپ بىلەن قارىدى.كۆزلىرىدە بايامقى شادلىق ئۇچقۇنلىرىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى.سۆزۈم ئۇنىڭ يۈرىكىدىكى جاراھەتكە تۇز سەپكەندەك بولغان ئىدى.

-ھىم ،ئۇ ئىشنىڭ گىپىنى قىلمايلىچۇ!ئۇ دىگەن بىر شېرىن خىيال دەڭا!قۇربىم يەتمىسە ئۇ بىرخىيال پىتى قالىۋېرىدۇ شۇ.

-سىز نىمە دەپ ئاسانلا بەل قويىۋېتىسىز؟

ئۇ ئىچى سىقىلغاندەك مۈرىسىنى قىسىپ قويدى.

-ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق، يەنە بىر نەچچە يىل تىرىشساملا ئاندىن تىببى ئۇنۋېرسىتىتا ئۇقۇش ھەققىدە ئويلىنالايمەن.مەن تىخى بايىلا مۇشۇ ئىشنى ئويلىغانىدىم!

-سىز زادى قانچىلىك پۇلغا مۇھتاج؟-سورىدىم ئۇنىڭدىن تەمكىنلىك بىلەن.\

ئۇ تېزلا ھىسابلاپ چىقتى.

-ئالدىن ئېلىنىدىغان ھەق ئونمىڭ فىرانىكنى تاپشۇرساملا قالغان چىقملارنى بىر ئامال قىلىپ كېتەلەيتتىم.

مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ:

-قۇلاق سىلىڭ سىز قىزىقامسىز يوق، مىنىڭ بىر تەكلىپىم بار.-دىدىم سۆزلىرىمنى ئىمكانقەدەر ئىنىقراق قىلىشقا تىرىشىپ.

-تەكلىپ دەمسىز؟-دىدى ئۇ ھەيرانلىق بىلەن.

گەپنى ئېزىپ ئولتۇرغاننىڭ پايدىسى يوق ئىدى ، شۇڭا ئۆزۈمگە غەيرەت بېرىپ ئېغىز ئاچتىم:

-شۇنداق مىنى ئەقلىدىن  ئازغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ.دىمەكچى بولغان ھەربىر سۆزۈمنى قايتا-قايتا ئويلىنىپ ، دەڭسەپ كۆرگەنلىكىمگە ئىشىنىڭ.مۇبادا سىز مەن بىلەن توي قىلىپ ئالتە ئاي ئۆي تۇتۇشقا رازىلىق بېرەلىسىڭىز سىزگە يىتەرلىك ھەمدە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ پۇل بېرىمەن.

ئۇنىڭ كۆزلىرى ھەيرانلىقتىن پىيالىدەك ئىچىلدى.بىر خىل گاڭگىراش .ئىچىدە ماڭا ئۇزۇنغىچە تىكىلىپ ئولتۇرۇپ كەتتى.مەن قىزغىنلىق بىلەن قولۇمنى ئۇنىڭ قولىنىڭ ئۈستىگە قويدۇم.

-گىئورگى مىنىڭ مەقسىتىمنى خاتا چۈشىنىپ قالمىسىڭىز،مەن ھەرگىز پۇل بىلەن بىر ئەرنى ئۆزۈمگە باغلىۋالماقچى ئەمەس.شۇنداقلا سىزنىڭ غورورىڭىزغا تىگىشنىمۇ خالىمايمەن.مەن پەقەت ئارزۇلىرىمىزنىڭ ئەمەلگە ئىشىشى ئۈچۈن بىر بىرىمىزگە ياردەم قىلساقكەن دىمەكچىمەن.

-شېرۋى مىنى كولدۇرلاتماڭ!-دىدى ئۇ دۇدۇقلاپ.

-سىزنى كولدۇرلاتقىنىم يوق ، مەن مۇشۇنداق قىلىشىمىز ئەقىلگە تامامەن مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.

-گەپنىڭ راستىنى دىسەم سىزنىڭ مەقسىتىڭىزنى پەقەت چۈشىنەلمەيۋاتىمەن !-دىدى ئۇ تولىمۇ ئوڭايسىز ئەھۋالدا.

-مەن سىزگە سىزنىڭ تىببى ئىنىستىتوتتىكى ئوقۇشىڭىزنى قامدىغۇدەك پۇل بېرىمەن،شەرتىم ئىككىمىز توي قىلىپ ئالتە ئاي ئۆي تۇتقاندىن كىيىن ئاجرىشىپ كىتىمىز..

ئەمدىغۇ ئىنىق چۈشەنگەنسىز؟

-مەن ئۈچۈن بۇ ئۇنچىلىك ئاددى ئىش ئەمەس.-دىدى ئۇ –سىزنىڭ نىمە ئۈچۈن مەن بىلەن توي قىلىپ يەنە نىمە ئۈچۈن ئالتە ئايدىن كىيىن ئاجرىشىدىغانلىقىڭىزنى چۈشەنمىدىم.

-سىز ئۆزىنى چاغلىماي مىنى ياخشى كۆرۈشكە قىستاۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ.مەن سىزدىن بەش ياش چوڭ.يەنە كىلىپ بەكلا سەت.مەندەك كۈرۈمسىز قىزنى ھىچكىم ياخشى كۆرمەيدۇ.بۇ ئۆزۈمگە ئايان بىراق،شۇ سەتلىكىم تۈپەيلى ئۈمۈ بويى تىكەندەك يالغۇز ئۈتۈپ كىتىشكە چىدىمايمەن.مەن پەقەت نىكاھلىق تۇغۇلغان ئۆز بالاملا مىنى بەخىتكە ئېرىشتۈرەلەيدۇ ۋە مىنى قانائەتلەندۈرەلەيدۇ دەپ قارايمەن.

مەن بۇنداق ئىشنى ئىلگىرى زادىلا ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن.

-كەچۈرۈڭ قاملاشمىغان تەكلىپنى قۇيۇپ سىزنى تەڭلىكتە قويدۇم،قارىسام ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ئەمەلگە ئاشمايۋاتقان ئارزۇلىرىمىز بار ئىكەن.شۇڭا مۇشۇ يول بىلەن ئۆز نىشانلىرىمىزغا يەتسەك دەپ ئويلىغانىدىم.

ئۇ بىشىنى چايقاپ قۇيۇپ قاتتىق ئويغا چۆمدى.

-ھە  ىئەمدى چۈشەندىم ، سىز ئانا بۇلۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ بۇرچىڭىزنى ئادا قىلماقچى بۇلۇپسىزدە؟!سىز بۇنداق قىلىشقا تامامەن ھەقلىق.لىكىن بۇنىڭغا نىمىشقا مىنى تاللىۋالىسىز؟ يامەن...

-مەن سىزنىڭ ئەخلاق پەزىلىتىڭىزنى ئوبدان بىلگەچكە ھەم سىزنى چۈشەنگەچكە يەنە كىلىپ سىزنى ھەر قانداق بالا ياخشى كۆرىدىغان دادا بولالايدۇ دەپ ئويلىغاچقا سىزنى تاللىدىم.

سىزگە يەنە قانداق چۈشەندۈرسەم بولار؟ سىزمۇ بىلىسىز ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئالاھىدە ھەۋەس قىلىدىغان بىرەر نەرسىسى بولىدۇ.سىزنىڭ دوختۇر بولغىڭىز مىنىڭ ئانا بولغىم بار.ئىككىمىز بىر-بىرىمىزنىڭ دىگەن يېرىدىن چىقالايمىز.مەن بۇ ھەقتە ئوبدان ئويلىنىپ بىر قارارغا كىلىپ بولغان،شۇ تاپتا سىزنىڭ قارارىڭىزغىلا قاراشلىق قالدىم.

ئۇنىڭ چىرايىدىن تىخىچىلا ھەيرانلىق چىقىپ تۇراتتى.

-سىز نىمانچە غەلىتە قىز شېرۋى؟ ھىم مەن سىزنى ئوبدان چۈشىنىمەن...ئەمما بۇ تەكلىپىڭىز مىنى گاڭگىرىتىپلا قويدى .. بەك تۇيۇقسىز بولغاچقا...

-سىزگە يەنە بىر قىتىم دەي.. سىزگە ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بەرمەكچى بولغىنىم سىزنى ھاقارەتلىگىنىم ئەمەس! يەنە قانداقتۇر بىر سودىمۇ ئەمەس.بەلكى بىر ...‹ھەمكارلىق كىلىشىمى خالاس›ناۋادا سىزلا خالىسىڭىز بۇ ھەر ئىككىلىمىزنى ئارزۇ ئارمانلىرىمىزغا يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق بۇلۇپ قالىدۇ...-دىدىم سۆزلىرىمنى تەكىتلەپ دىدىم ئارسالدىلىق چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىگە مەيۈسلۈك بىلەن قاراپ..

-شۇنداق ، دەل مۇشۇنداق بولغاچقىلا مەن سۆزىڭىزگە قۇلاق سىلىۋاتىمەن.مەن بىر نەچچە كۈن

ئويلىنىپ ئاندىن ئىنىق جاۋابنى بەرسەم ، چۈنكى پىلانىڭىزنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى قانچە كۈچلۈ بولسا شۇنچە ئۇزۇن باش قاتۇرمىسام بولمايدۇ.

-مۇنداق دەڭ.لىكىن قارىسام تەلىپىمنى قۇبۇل قىلىپ قالغاندەكمۇ كۆرۈنىسىزغۇ؟

-ئۇغۇ شۇنداق لىكىن بۇ يالغۇز مىنىڭلا ئىشىم ئەمەس دەڭا!چۈنكى مەن مادرىنا بىلەن رەسمى توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ بولغان دىسەممۇ بولىدۇ.

ئۇ مادرىنا بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ بۇلۇپتىكەندە!مەن مۇشتۇمۇمنى قاتتىق تۈگدۈم.ئىچىمدە مادرىناغا بولغان غەزەپ ۋە رەشىك ئويلىرى لاۋۇلداپ كۈيەتتى.مادرىنانى چايناپ پۈركىۋەتكىم كىلىپ كەتتى! چۈنكى ئۇ خىزمەتداشلىرىم ئىچىدە ئەڭ رەزىلى ئىدى.چىرايىمنى كۆزۈمچىلا مازاق قىلاتتى.ئەمدىلىكتە ئىشىمغا توپا چىچىپ ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرسىشا تىكەن بۇلۇپ ئۈنگەن ئىدى.

مەن مادرىنانىڭ گىئورگىغا كۈيۈپ پىشىپ يۈرگەنلىكىنى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش .ئارقىلىق

ئۆزىنىڭ ئىززەت ئابرويىنى كۈتۈرمەكچى بولغانلىقىنى بىلەتتىم.ئەمما گىئۇگىنىڭ ئۇنىڭغا بولغا ھىسياتنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى قىلچە بىلمەيتتىم.                                            

-سىز ئۇنى ياخشى كۆرەمسىز؟                                                                 

ئۇ سەل ئارىسالدى بولغاندەك كۆرۈندى، شۇنداقتىمۇ ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى.-تەكلىپىڭىزنى يەنىمۇ ئوبدان ئويلىنىپ ئاندىن جاۋاپ بېرەي دەيمەن.مادرىناغا كەلسەك ئۆزۈممۇ ئىنىق بىر نىمە دىەلمەيمەن.بىر تۇرۇپ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغاندەك قىلىمەن.بىر تۇرۇپ ئۇ ماڭا يىقىنلاشقىلى بولمايدىغان باغرى ياش بىشەم قىزدەك بىلىنىدۇ.بۇ مىنى بىر ئاز ئەندىشىگە سالىدۇ، توي دىگەن ئۈمۈر سودىسى دە!                                                        

-بۇنى ماڭا دەپ بېرىپ نىمە قىلىسىز؟-دىدىم مەن.                                          

-ئەمما ئۇ مەن بىلەن ئالتە ئاي ئەمەس ئۈمۈرلۈك ئەرخوتۇن بولىدۇ ئەمەسمۇ؟-دىدى گىئورگى كۈلۈمسىرەپ.ئۇ تىببى ئىنىستىتۇتتا ئوقۇش ئارزۇيۇمنىڭ بارلىقىنى ، شۇ سەۋەبتىن ئائىلە يۈكىنى ئۈستۈمگە ئىلىشنى خالىماي ، ئىككىمىزنىڭ چاي ئىچۈرۈش ئىشىنى كەينىگە تارتىۋاتقانلىقىمنى بىلىدۇ.بۇ ئىش سەۋەبى ئىككىمىز پات-پات ماي تارتىشىپ قالىمىز.يەنە تېزلا يارىشىپ قالىمىز، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى يەنە مۇشۇ ئىش توغۇرلۇق تەگىشىپ قالدۇق.                           ئۇنىڭ سۆزى دىققىتىمنى قوزغاپ ، ئۆز تەلىيىمنى بىر سىناپ بىقىز جاسارىتىمنى ئاشۇردى.

-ئۇنىڭ مىنى تېزرەك توي قىلىشكا ئالدىراتقۇسى بار.-دىدى گىئورگى ئېغىر خۇرسىنىپ ،-يەنە بىر تەرەپتىن مەن تىببى ئۇنۋېرسىتىتنى تاماملاپ دوختۇر بولغاندىن كىيىنلا توي قىلساق ياخشى بولارمىكىن دەپ  ئىككىلىنىپمۇ تۇرىدۇ.شۇڭا ئۇ تەكلىپىڭىزنى قۇبۇل قىلىشىمۇ مۇمكىن.نىمىشقا دىسىڭىزبۇنداق قىلغاندا ئۇمەن بىلەن بالدۇراراق توي قىلالايدۇ-دە!                        

-دىگىنىڭىزدەك بولغاي ئىلاھىم.                                                           

-سىز بىر قارارغا كىلىش ئۈچۈن ماڭا قانچىلىك ۋاقىت بېرىسىز؟ە                              

-ئەتە كەچتە سىنى مۇشۇ يەردە ساقلايمەن، شۇنداق بولسۇن ئەمىسە ... تاماق يەيلى!      

-بولىدۇ.                                                                                 

ئەتىسى ئەتتىگەندە مەن ئىشىانىغا كىرىپلا مادرىنانىڭ چىرايىدا قان يوق مىنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم، ئۇ ماڭا قول شىلتىغىنىچە ئالدىمغا يۈگرۈپ كەلدى،                     

-تۈنۈگۈن كەچتە سىز نىمىڭىزگە تايىنىپ مىنىڭ بولغۇسى ئېرىمنى تاماققا تەكلىپ قىلدىڭىز؟.... كۆزلىرىڭىزنى تولا چەكچەيتمەڭ،سىزنىڭ ئۇنىڭ ماشىنىسىدا كىتىۋاتقانلىقىڭىزنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.-ئۇ غەزەپ بىلەن مىنى قاماللاپ تۇرۇپ يۇلقۇشلىغىلى تۇردى-ناۋادا سىز مىنى ئۇنىڭغا يىقىنلىشىش ھىلە مىكرىڭىزنى بىلمەيدۇ دەپ قارىغان بولسىڭىز تولىمۇ گۈدەكلىك قىلغان بولىسىز! سىز مۇنۇ ئەينەكنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئەپتىڭىزگە قارپ بىقىڭ!بىچارە قېرى قىز،سىزنىڭ بۇنداق قىلىشىىز بىر بىمەنە تەېەككۇلچىلىكقۇ!سىز گىئورگىنى ئۆز ئارمىغا قۇيۇڭ! ئۇماڭىلا مەنسۇپ!ئاڭلىدىڭىزمۇ ئ ئۇ مىنىڭ! ئۇ مەندىن باشقا ھەرقانداق كىشىلەرگە بۇلۇپمۇ سىزدەك زىراپىلەرگە مەنسۇپ ئەمەس!!!                                                      

مەن ئۇنىڭ بۇ ئاھانەتلىرىگە ئۈن دىمەي چىشىمنى چىشلەپ چىداپ تۇردۇم.چۈنكى بۇ چىرايلىق چىشى يىلپىزنىڭ يوللۇقتە!قارىغاندا گىئورگىغا جىقراق پۇل بەرمىسەم بولمىغۇدەك.            

كەچقۇۇن دىيىشكىنىمىز بويىچە ئاشپۇزۇلدا گىئورگى بىلەن ئۇچراشتىم.ئۇ مىنىڭ تەكلىپىمنى قۇبۇل قىلدى.                                                                              

ئىككىمىز مەخپى ھالدا توي تەييارلىقىغا كىرىشتۇق.بىر ئايدىن كىيىن دوست –بۇرادەرلىرىمىزگە ، خىزمەتداشلىرىمىزغا توي قىلىدىغانلىقىمىزنى جاكارلىدۇق.                                      

بۇ خەۋەر ئىشخانىدىكىلەر ئارىسىدا ئاتوم بومبىسى پارتىلىغاندەك كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىۋەتتى.مادرىنانىڭ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاستا بولغانلىقىنى بىلەلمىدىم.چۈنكى مەن دەم ئىلىشقا كەتكەنىدىم.گىئورگى ئىككىمىز مەن ئىلگىرى ئاپام بىلەن تۇرغان ئۆينى بىر قۇر زىننەتلەپ ، شۇ يەردە تۇرۇشقا باشلىدۇق.گىئورگى ئوقۇش باشلانسىلا ئۆزىنىڭ تىببى ئىنىستىتوتتا ئوقۇيدىغانلىقىدىن تولىمۇ خوشال ئىدى.                                                      

توي قىلىپ ئالتە ئاي ئىچىدە گىئورگى ماڭا ماڭا مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغان ئەرلەردەك تولىمۇ قىزغىن مۇئامىلىدە بولدى.مەن بىر مەزگىل بەخى پەيزىنى سۈرۈپ ، كىشىلىك ھاياتنىڭ شېرىن لەززىتىدىن چەكسىز ھۇزۇرلاندىم.                                                              

مەن خىزمەتداشلىرىمنىڭ مەسخىرە قىلىشىدىن قورقۇپ ، سالامەتلىكىم ياخشى ئەمەس دىگەن باھانە بىلەن رۇخسەت سوراپ دەم ئالدىم.گىئورگىنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن دەم ئىلىش ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ پۈتۈن زىھنىمنى ئۆزۈمنىڭ ئىسكەتىنى تۈزەشكە قاراتتىم. زىراپىدەك قاتراڭغۇ بەدىنىمگە ئەت قونسۇن دەپ دوختۇرغا يىمەك- ئىچمەك رىتسىپى يازغۇزدۇم.                              

بۇ كۈنلەردە مەن ساتراشخانىغا ۋاقتى ۋاقتىدا بېرىپ تۇرۇشقا ئادەتلەندىم.كۆڭۈل قۇيۇپ ياسالغان چاچلىرىم چىرايىمغا خىلى ئىسكەت كىرگۈزدى.يۈزلىرىمگىمۇ ئەت قۇنۇپ بۇرۇنقىدىن خىلىلا يۇمىلاقلىشىپ قالدى.گىئورگى مىنى ھۆسىن تۈزەشنى ئۈزۈپ قويماسلىققا ئۈندەيتتى، ماڭا باپ كىلىدىغان گىرىم بۇيۇملىرىنى تاللاپ بېرەتتى.ھەمىشە مەن بىلەن بىللە كىيىنىپ تارىناتتى.قانداق ياسانسام بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يول كۆرسىتەتتى ماڭا سەمىيمىيلىك بىلەن ئىلھام بېرەتتى.                                                                           

-مىنىڭچە سىز بىر سۈيۈملۇك خانىم بۇلۇپ چىقالايسىز- دىدى بىر كۈنى كەچتە گىئورگى مىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ.                                                                             

ئۇ راستىنلا مۇشۇنداق ئويلاۋاتقانمىدۇ ياكى بەخىتلىك كۈنلىرىمنىڭ تېزلا ئاخىرلىشىۋاتقاندا كۆڭلۈمنى ياساۋاتقانمىدۇ؟                                                                     

كۈنلەر شۇنداق تېز ئۆتمەكتە ئىدى.گىئۇرگىنى سىنايدىغان كۈنلەر بارغانسېرى يىقىنلىشىۋاتقان ئىدى.ئېرىمنى چىن يۈرىكىمدىن سۈيۈپ، ئۆزۈم تەشنا بولغان بەخىتتىن بەھرىمان بۇلۇشقا باشلاۋاتقانلىقىمنى ھىس قىلىۋاتتاتتىم،ئەمما بۇنى ئېرىمنىڭ ئالدىدا ئۆلسەممۇ ئاغزىمدىن چىقىرالمايتتىم.                                                                                 

شۇنىڭ بىلەن كۈنلىرىمنى كۈندەشلىك ئوتىدا ئۆرتىنىپ ئۆتكۈزىۋاتاتتىم.چۈنكى گىئورگى يېرىم كۈن ئوقۇپ يېرىم كۈن ئىشلەيتتى، مادرىنانى ھەر كۈنى كۆرۈپ تۇرالايتتى.ئاھ تەڭرىم! قانداق قىلسام ئۆزۈمنى مادرىناغا سىلىشتۇرمايدىغان بولارمەن؟ گىئورگى ئىككىمىز ئادەتتە مادرىنانى پەقەتلا تىلغا ئېىلىشمايتتۇق.                                                                  

گىئورگى ئۆزىنىڭ تىببى ئۇنۋېرسىتىتتا ئوقىۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ خوشال ئىدى،بۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا چىن يۈرىكىدىن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.گىئورگى ھەركۈنى تولىمۇ سەھەر تۇرۇپ مەكتەپكە ماڭاتتى.مەن ئۇنىڭ بەكلا چارچاپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ،ئۇنىڭ ئۆيگە ھەپتە ئاخىرىسىدىلا كىىلىشنى ئېيتتىم.ئاخىرىغىچە كۆرەلمەسلىك مەن ئۈچۈن تولىمۇ ئازاپلىق ئىدى.ھەتتا بۇ ماڭا كۆڭۈلسىزلىك ئىلىپ كىلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى.مەن ئېرىمگە كۈندە خەت يىزىپ تۇردۇم،ئۇمۇ تىلىفون بېرىپ ئۆزىنىڭ خىزمەت ۋە ئۆگىنىش  ئەھۋالىدىن خەۋەر يەتكۈزۈپ تۇردى،ئاجرىشىدىغانلىقىمىز توغۇرلۇق ھەر ئىككىمىز ئېغىر ئىچىشمىدۇق.                        

گىئورگى قىشىمدا بولمىسا كۈن ئۆتكۈزىشىمنىڭ ئىنتايىن تەس ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىشقا باشلىدىم.ئۇنىڭغا قانداق بۇلۇپ مۇشۇنداق شەيدا بۇلۇپ قالغانلىقىمنى ئويلاشتىن قورقاتتىم.پۈتۈن ئۈمىدىمنى ئۆزۈم تەشنا بولغان بالىغىلا باغلاش ئۈچۈن،بولمىغۇر خىياللار چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇشقا بار كۈچۈم بىلەن ئۇرۇناتتىم.                                            

ھەش پەش دىگۈچە ئالتە ئاي ئۈتۈپ كەتتى.ھەر ئىككىمىزلا ئۆزىمىز پۈتۈشكەن ئاجرىشىش كۈنىنى ئەستىن چىقىرىپ قويغاندەك قىلاتتۇق.گىئورگى ئوقۇشقا بەكلا كىرىشىپ كەتكەن ئىدى.مەن بولسام ئاجرىشىش ۋەھىمىسىدىن ئۆرتىنەتتىم.ھامىلدارلىق مەزگىلىمدە ھەمىشە ئۆزۈمنى تەكشۈرتۈپ تۇرىدىغان دوختۇرۇم مىنىڭ نورمال بوشىنىدىغانلىقىمنى ئېيتقانىدى.ئۇ يەنە ئازراق ئەندىشە قىلاتتى ، چۈنكى سالامەتلىكىم ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى.                           

بىر كۈنى دوختۇرنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە دەم ئېلىپ ياتاتتىم. تۇيۇقسىز ھويلا ئىشىكىنىڭ قۇڭغىرىقى جىرىڭلاپ قالدى.مىنى كىم يوقلاپ كەلگەندۇ؟ ئۆيگە سۆرۈن تەلەتتە كىرىپ كەلگەن مادرىنانى كۆرۈپ ھۇشۇمدىن كەتكىلى قىل قالدىم.                                             

-ھە! –دىدى ئۇ-بۇيەردە ئىكەنسىزدە! سىز بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن! بۇيەردىن ئۆتكەچ سىز بىلەن كۆرىشۈۋالاي دەپ كىرىشىم،كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قىلىۋاتىمەن ، قالتىس بۇلۇپ كىتىپسىزغۇ؟!                                                                    

مەن ئۇنى ئوچۇق چىراي قارشى ئالدىم، ئىمكانقەدەر ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىشقا تىرىشتىم،ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئادەتتىكى مىھمانلاردەك كۆرۈشتۈم،ئۇنىڭدىن خىزمەتداشلىرىم ۋە ئائىلىسىنىڭ ئەھۋاللىرىنى سورىدىم.ئۇمىنىڭ سوئاللىرىمغا سوغوقلا جاۋاپ بېرىپ ئولتۇردى.چىرايىدىن قانداقتۇر بىر تەشۋىش چىقىپ تۇراتتى.                             

-سىز گىئورگىنىڭ يىقىنقى ئەھۋالىنىڭ بىلەمسىز؟-دەپ سورىدى تۇيۇقسىزلا.                    

-... ئادەتتىكىدەك ، ئۇ يەكشەنبىنى بۇ يەردە ئۆتكۈزدى.بۇ بىر نەچچە كۈندە ماڭا خەت يىزىپ تۇردى.لىكىن خىتىدە ئۆزىنىڭ خۇسۇسى ئىشلىرىنى تىلغا ئالمايدۇ.-مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساش مەقسىتىدە كىيىنكى سۆزنى قۇشۇپ قويدۇم.                                             

ئۇنىڭ چىرايى خىلىلا ئىچىلىپ قالدى.نىمە ئىش بولغاندۇ؟ ئۇ نىمىنى بىلمەكچىدۇ؟            

-ئۇ ئىشقا بارماس بولغاندىن بېرى ماڭا ئىككى ئۈچ كۈندە بىر تىلىفون ئۇرۇپ تۇرىۋاتىدۇ.-دىدى ئۇ تەكەببۇرانە قىياپەتتە.                                                   

كۈندەشلىكتىن يۈزۈم ئوت ئالدى.ئەمما يەنىلا چاندۇرمىدىم.                                    

-ئۇ نىمە دىگەن سەمىمى ئادەم ھە! .. مانا گۈزەل باھار پەسلىمۇ كىلىپ قالدى.شۇنداق ئەمەسمۇ؟-ئۇ بىشىنى كۈتۈردى.-قوشۇمىسى سەل تۈرۈلگەنىدى.-باھار پەسلىنىڭ ياخشىلىقىدا گەپ يوق! ئەمما بۇ يەرگە ھاۋارايى توغۇرلۇق ئەمەس ئەھۋالنى ئۇقۇپ باقاي دەپ كىلىشىم.سىز زادى قاچان ئاجراشماقچى؟                                                                     

مەن مۇشتلىرىمنى قاتتىق تۈگدۈم،بۇنداق ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم ئالدىدا قىلچە ئالاقزادە بولماسلىقىم كېرەك ! مەن ئۆزۈمنى ئىمكانقەدەر تەمكىن تۇتۇپ ئېغىز ئاچتىم:                                 

- مەن گىئورگىنى ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى بىجىرىشكە ئەۋەتمەكچىمەن،ئۇ ھازىر پازىژدا.ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشۈشكە ۋاقىت چىقىرالايدۇ.گىئورگى ئىككىمىزنىڭ پات ئارىدا رەسمىيەت بويىچە ئاجرىشىدىغانلىقىمىزدا گەپ يوق.ئۇ سىزگە تىلىفون بېرىپ تۇرغان يەردە بۇ ئەھۋاللارنى سىزگە ئيتماي قالماس.                                                                                

ئۇ نەشتەردەك بۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ تىتىرەل كەتتى.                                            

گىپىڭىزنىڭ ئورانىغا قارىغاندا مىنى يالغانچى كۆرىۋاتقان ئوخشىمامسىز؟ مانا بۇ بايىلا ئۇنىڭدىن كەلگەن خەت ئۆزىڭىز كۆرۈپ بېقىڭ! ئۇ سومكىسىدىن بىر پارچە خەتنى ئېلىپ ماڭا كۆرسەتتى.مەن ئېرىمنىڭ پۇچۇركىسىنى تونىدىم.ئەمما خەتكە ئانچە بەك ئىنچىكىلەپ قاراپ كەتمىدىم،مادرىنامۇ تەڭلىمىدى.كۆرەڭلىك بىلەن ئالمان تالمان سومكىسىغا سىلىۋەتتى.   

                                                                                      

-ئەمدىغۇ ماڭا ئىشەنگەنسىز؟

يۈرىكىم پىچاق بىلەن تىلغاندەك قاتتىق ئازاپلاندىم! ئۇ زەھەرخەندىلىك بىلەن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

-گىئورگى بۇ خەتتە ئاجرىشىش ئىشىنى تىلغا ئاپتۇ.گىپىڭىزگە قارىغاندا ئاجرىشىش ئىشى كىچىكمىگۈدەك.ئەمما بۇ ئىشنى چىرايلىقچە تۈگىشىدىغان تۈگەشمەيدىغانلىقىغا بىر نىمە دەپ بولغىلى بولمايدۇ.  

مەن ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن قادالدىم.

-گىپىم گەپ!-دىدىم ۋاقىراپ-مەن ئۆز لەۋزىمدە تۇرىمەن،شۇغىنىسى گىئورگى ئۆز پۇشتى دۇنياغا كەلگۈچە ساقلاپ تۇرمىكىن دەيمىنا!

ئۇ مەسخىرە ئارلاش سوغۇق كۈلۈپ قويدى.

-سىزدەك بىر تەلۋە ئايالنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ بولغىلى بولامدۇ؟... پۇلغا ئەر سىتىۋالىدىغان،داپيۈز نۇمۇسنى بىلمەيدىغان بىر ئايالنىڭ ئۆزىگە كەلگەن كۈتۈلمىگەن ئامەتتىن ئۇزاققىچە بەھرىمان بۇلۇشتىن ۋا كىچىشىگە قانداقمۇ ئىشەنگىلى بولسۇن؟ مەن ھىلىڭىزنى بىلىپ بولدۇم ، سىز جەھەننەمگە يول ئالمىغۇچە گىئورگىنى قولدىن بەرمەيدىغان ئوخشايسىز!

ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن غەزەپ ئوتى ۋە چوڭقۇر ئۆچمەنلىك ئۇچقۇنداپ تۇراتتى!چىرايلىق يۈزلىرى بىردەمدە ئەلەملىك تۈس ئالدى! مەن بارغانچە ماغدۇرسىزلىنىپ ئىچىم تىتىلداپ كىتىپ باراتتى. -چىقىپ كىتىڭ!!! يوقىلىپ كۆزۈمدىن!!!-ۋارقىرىدىم ئاخىرى غەزەپ بىلەن. قاتتىق ۋارقىرىشىم ۋە غەزەپلىك تۇرقۇمدىن قورقتىمۇ، ئۇ ئۆيدىن دەرھال چىقىپ كەتتى.بىردىنلا ئۇزۇن دىۋانغا يىقىلىپ ھۇشۇمدىن كىتىپتىمەن.

ھۇشۇمغا كەلسەم بىر شىپاخانىدا يىتىپتىمەن،بۇنىڭدىن بەكلا ھەيران بولدۇم،گىئورگى كارۋىتىمنىڭ باش تەرىپىدە مىنى يۆلىگەنچە ئولتۇراتتى.شۇئان پۈتۈن ھۇجۇدۇمغا ئىسسىق ئىقىم تاراپ ،يۈزلىرىم ئوت ئالدى:

-گىئورگى سىز قىشىمدا ئىكەنسىزدە ؟! ماڭا يىقىنراق ئولتۇرۇڭ..

مەن بولغان ئىشنى ئىسىمگە ئالدىم.مادرىنانىڭ چىرايى كۆز ئالدىمغا كەلدى.ۋەھىمە ۋە ئازاپ  قەلبىمنى ئۆرتەشكە باشلىدى.ئالاقزادىلىك بىلەن: -مىنىڭ يۈرەك پارەم تىنىچلىقتۇ؟-دەپ سورىدىمگىئورگى ھەسرەت بىلەن بىشىنى چايقىدى ، -...ئەمما مەن بار ، سىزدىن ئايرىلمايمەن، مەڭگۈ ئايرىلمايمەن... شۇئان قەلبىمنى ئىككى خىل ھىسيات،-جۇدالىق ئازابى بىلەن ۋىسال شاتلىقى تەڭلا چۇلغىۋالدى.كۆز ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ توختىماي تۈكۈلۈشكە باشلىدى.

-گىئورگى –دىدىم مەن –سىز ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ شۇنداق دەۋاتىسىز ... ئارزۇيۇمنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقنى كۆرۈپ كۆڭلۈمنى ياساۋاتىسىز...

-ياق ياق! مەن تەڭرى ئالدىدا قەسەم ئىچىمەن بۇ مىنىڭ يۈرەك سۆزۈم ! مەن سىزنى سۆيىمەن شېرۋى!! .. سىز بىلەن ئاجرشىدىغان كۈن يىتىپ كىلەي دىگەندىلا سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ھىس قىلدىم.مەن سىز بىلەن بىللە ئۈتۈشنى خالايمەن.سىزنىڭ خۇش-خۇي مۇلايىم مىجەزىڭىز، بىغۇبار قەلبىڭىز مىنى ئەسىر قىلىۋالدى... مەن سىزدىن ئايرىلالمايمەن.

مەن ئۇنىڭغا شۈبھى بىلەن تىكىلدىم.

-ئەمىسە خىتىڭىزدە نىمىشقا بۇنى تىلغا ئالمىدىڭىز؟

-مىنى ياخشى كۆرىدىغان كۆرمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلمىسەم؟... بولمسا تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرغان بالىمىزنىڭ دادىسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنداق بۇلۇشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم!ئۇنداق قىلمىغاندا بولسا ، سىز ئىككىمىزنىڭ نىكاھىنى بىر‹ھەمكارلىق توختامى›دەپلا قارىشىمغا رۇخسەت قىلمغان بولاتتىڭىز! بۇنى ماڭا ئۆز ئاغزىڭىز بىلەن دىگەنىدىڭىزغۇ؟

بۇنىڭ بىلەن مىنىڭ گۇمانىم ئىككىمىزنى ئايرىپ تۇرىدىغان تام بىلەن بىللە مەڭگۈ يوقالدى.لىكىن مەن ئېرىم ماڭا بەخىش ئەتكەن بۇ بەخىتكە تىخىچە ئىشىنەلمەي تۇراتتىم.

-لىكىن سىز مادرىناغا خەت يىزىپسىزغۇ؟ھەپتىدە ئىككى ئۈچ قىتىم تىلىفون بېرىپ تۇرۇپسىز تىخى،..ئۇ ھەممىنى ماڭا دىدى ، تىخى يازغان بىر پارچە خىتىڭىزنىمۇ ماڭا كۆرسەتتى..ئۇ خەتنى ئوقۇشقا جۈرئىتىم يەتمىدى .. ئاقىۋەت ئۇنى ئۆيدى قوغلاپ چىقاردىم..ئاخىرىدا بولغان ئىشلارنى بىلمەيمەن

-ئۇ قەبىھ ئالۋاستىنى قارىمامدىغان؟!-گىئورگى پەس ئاۋازدا غۇدۇردى.. –مەن ئىشقا بارماس بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا بىرەر قىتىممۇ تىلىفون قىلمىدىم، تىخى ئۇنىڭغا بىر پارچە خەت يىزىپ ئاجرىشىش ئۇيۇمنىڭ يوقىلىقىنى سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ئېيتقانىدىم! ئۇ خەتنى سىزنىڭ ئوقىمايدىغانلىقىڭىزغا كۆزى يىتىپ ئۇنى سىزگە كۆرسەتكەن گەپ!ھەي! ئاياللاردىكى ھەممىگە قىزىقىش ئۇسۇلى غورورىڭىزدىن ئۈستۈن كەلگەن بولسا،ئۇ خەتنى جەزمەن ئوقىغان بولاتتىڭىزئەسەبىلىرىم بىردىنلا بوشاشتى،ئېرىمنىڭ مۈرىسىگە بىشىمنى تاشلاپ،ئۆكسىپ يىغلىۋەتتىم.گىئورگى مىنى باغرىغا چىڭ باستى.

-ئاشۇ ھازازۇلنىڭ كاساپىتىدىن تۇنجى  بالىمىز بويىڭىزدىن مەزگىلسىز ئاجراپ كەتتى.ئەمما ھەقىقى بەخىتنىڭ مېغىزىنى چاقىدىغان كۈنلىرىمىز تىخى ئالدىمىزدا قاراپ تۇرۇڭ....

ئارىدىن بىر يىل ئۆتتى ،ھازىر مەن كىلەر ئايدا يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچىدىغان ئۇماق بالىمىزنى تەشنالىق بىلەن كۈتۈپ تۇرماقتىمەن.


دۇنيا ئەدەبىياتىدىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-26 03:23 AM  


كىرىلگەنگە كىرىلىمەن!!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 3075
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18178
تۆھپە نۇمۇرى: 1501
توردا: 609 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 11:41:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى ئۇقۇشتىن ئاۋال قولياغلىقنى تەييار قىلۋېلىپ ئاندىن ئۇقۇشنى باشلاڭلار..

ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!

ھەر بىر كشىنى ھۆ

مەستانە ئـــەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 1709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5455
تۆھپە نۇمۇرى: 11
توردا: 2500 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 11:45:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپ ياخشى تەقدىركىنا شۇڭا سىرتقى گۈزەللىك مۇھىم ،ئىچكى گۈزەللىك تېخمۇ مۇھىم ..بەخىت ئۆز قولىمزدا

ئۈلۈم ھەر بىر كىشىنىڭ بېشدا بار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47746
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1488
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 472 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 11:49:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي كۆزۈم! دەرھال قاچاي

پۇلۇم بولغان بولسا كىتاپ سىتىۋالاتتىم.

چەكلەنگەن ئەزا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78512
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 432
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2012-4-8
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 11:55:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«سەت»قىزلانىڭمۇ گۈزەل تەغدىرى باردۇر....كۆزدىن ئايرىغان خۇدا ،ھاسىدىن ئايرىماپتۇ...دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ! گۈزەللىك قەلىپتە!

چەكلەنگەن ئەزا   سۆز قىلىش چەكلەندى!   قۇلۇپلانغان
تەۋپىق ئىسلام تورى www.tewpik.com

كۆكلەم باھار

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46306
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 775
تۆھپە نۇمۇرى: 894
توردا: 551 سائەت
تىزىم: 2011-7-1
ئاخىرقى: 2012-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 12:02:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   birtamqa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-26 12:04 AM  


غەلبە ھامان بىزگە مەنسۇپ!.....

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 1954
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9830
تۆھپە نۇمۇرى: 2157
توردا: 2122 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 12:16:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىگەن تەسەرلىك ھىكايە بۇ،بۇ قىزنىڭ بەختى باركەن بەخىت دىگەن نىيەتكە بىقىپ بولىدۇ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumurkala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-26 12:28 AM  


ھەممىسى سەن ئۈچۈن!ھەممىسى......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 567
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 12:37:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتە ئوقۇسام بولغۇدەك

كىشىگە قىلساڭ ئۆ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3708
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7079
تۆھپە نۇمۇرى: 359
توردا: 3020 سائەت
تىزىم: 2010-7-10
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 12:44:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدەك سەتلەرگە ياخشى تەسەللىيكەن بۇ تىما ھى ھى ھى

شۇنداق بىر ئادەم بولغىنكى ھەممە ئادەم سىنى ياخشى كۆرسۈن ھۆرمەتلىسۇن ئەسلىسۇن

چىراقپاي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 587
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 428 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 12:51:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ئادىمىدىن،ئادىمىنىڭ پەرقى بار،ھەر ماتانىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق نەرقى بار›› قەلىپ  كۆزى بىلەن كۆرۈپ،..كىشلەرنىڭ ئىچكى-تاشقى دۇنياسىغا باھا بىرەلەيدىغانلار...بۇ ھىكمەتنى ئەلۋەتتە چۈشىنىدۇ.

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش