ئاچكۆز ئادەم ۋىجدانسىز كېلىدۇ.
(سۆز ئويۇنى)
ساتقىن ئادەم _ نامەرت كېلىدۇ،
نامەرت ئادەم _ ھېلىگەر كېلىدۇ.
ھېلىگەر ئادەم _ يالغانچى كېلىدۇ،
يالغانچى ئادەم _ سۈيقەستچى كېلىدۇ.
سۈيقەستچى ئادەم _ ھەسەتخور كېلىدۇ،
ھەسەتخور ئادەم _ ھورۇن كېلىدۇ.
ھورۇن ئادەم _ قېلىن كېلىدۇ،
قېلىن ئادەم _ چېقىمچى كېلىدۇ.
چېقىمچى ئادەم _ تاماخور كېلىدۇ،
تاماخور ئادەم _ گۇمانخور كېلىدۇ.
گۇمانخور ئادەم _ جېدەلخور كېلىدۇ،
جېدەلخور ئادەم _ پېتىمسىز كېلىدۇ.
پېتىمسىز ئادەم _ غەيۋەتخور كېلىدۇ،
غەيۋەتخور ئادەم _ كاززاپ كېلىدۇ.
كاززاپ ئادەم _ پىتنىخور كېلىدۇ،
پىتنىخور ئادەم _ ئاچكۆز كېلىدۇ.
ئاچكۆز ئادەم _ ۋىژدانسىز كېلىدۇ،
ۋىژدانسىز ئادەم _ پارىخور كېلىدۇ.
پارىخور ئادەم _ تويمىغۇر كېلىدۇ،
تويمىغور ئادەم _ ئوغرى كېلىدۇ.
ئوغرى ئادەم _ نومۇسسىز كېلىدۇ،
نومۇسسىز ئادەم _ خوشامەتچى كېلىدۇ.
خوشامەتچى ئادەم _ ساختىپەز كېلىدۇ،
ساختىپەز ئادەم _ ھەشەمەتچى كېلىدۇ.
ھەشەمەتچى ئادەم _ ئىسراپخور كېلىدۇ.
ئىسراپخور ئادەم - لاپچى كېلىدۇ،
لاپچى ئادەم _ چۆپچى كېلىدۇ،
چۆپچى ئادەم _ دوقچى كېلىدۇ.
********
مەنبە: ئۆز قەلىمىم.
يېزىلغان ۋاقىت:1998 -يىل.