ئاتا-ئانا
.
.
ئاتا-ئانا گەربولسا ھايات،
ھېچ غېمىڭ يوق ياشايسەن شاھتەك.
ئاتا- ئانا ئەلۋەك بىربۇلاق،
ئىچىپ ئۇنى چاپتىڭ تايچاقتەك.
.
.
ئاتا-ئاناڭ بەئەينى يەيلاق،
سەن ئوتلايسەن بەختىيار شۇنچە.
قەدىرلىگىن ھايات ۋاقتىدا،
خاپا قىلماي قاقشىتىپ بۇنچە.
.
.
ئايرىلساڭ ئاتا-ئاناڭدىن ،
ئايرىلىسەن تاتلىق كۈلكەڭدىن.
بۇلۇپ قالىسەن غەمكىن قۇزىچاق،
ئاھ-ئۇرىسەن سۇنۇق كۆڭلۈڭدىن.
.
.
ھايات مۇساپە
.
ئاجايىپكەن ھايات مۇساپە.
بويسۇنماسقا يوقكەن ئامالىڭ،
شاھ بولغىن سەن ۋەياكى گاداي.
نۇرغۇن ئىشقا يەتمەس كامالىڭ،
.
.
ئىختىيارسىز ماڭىسەن شۇڭا.
بۇلۇپ پايمال ھاياتلىق ئۈچۈن،
لىكىن ھايات باقمايدۇ ساڭا.
گاھ ئازدۇرۇپ قىلىدۇ سۈرگۈن،
.
.
لىكىن تاتلىق ھاياتلىق مەڭگۈ.
خارقىلسىمۇ ئادەمنى بىراق.
مۇرەككەپتۇر لىكىن بۇھايات.
بەخت يېقىن ھەم بۇلار يىراق.
.
.
ئانا يۇرت
.
.
خەيرى-خوش ئانايۇرت ئايرىلدىم سەندىن،
كىتەر بولدۇم ئامالسىز يىراق جايلارغا.
ياشايتتىم باغرىڭدا ئەركىن تايچاقتەك،
چاپاتتىم ياپ- يېشىل گۈزەل تاغلارغا.
.
.
ئانا-يۇرت ئىكەنسەن بىر باغ كەبى سەن.
كۆرمەپتىم باغرىڭدە قىلچە خارلىقنى،
ئۆزگە يۇرت سىنىڭدەك ئەمەسكەن يۇرتۇم.
ھىسقىلدىم سىنىڭدىن ئىپتىخارلىقنى.
.
.
ئۆزگە يۇرت سىنىڭدىن بولسىمۇ كاتتا.
تەڭ ئەمەس سىنىڭ سەھرالىرىڭغا،
ئانا يۇرت سېغىندىم ئەجەپ مەن سىنى.
ئال مىنى ئانا يۇرت ئىللىق باغرىڭغا.
.
.
مەنبە:ئابدۇرەھىم (نەزەر)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-25 11:39 PM