مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 810|ئىنكاس: 22

غەيۋەت قىلمايمىز (ساتىرىك ھىكايە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75223
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 164
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2012-2-9
ئاخىرقى: 2012-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 03:50:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇت قىش....
قىشنى ھەر بىر بىكاچى ئوبدان ئۆتكىزىشى كىرەك ،تام ياقىلاپ لالما ئىتتەك لاغايلاپ كىمنىڭ تۇرخۇنىدىن ئىس چىقتى،كىم چىرايلىق خۇتۇن ئالدى بۇنىڭغا دىققەت قىلمىساق بولمايدۇ،ئەمما غەيۋەت قىلمايمىز، قىرىشقاننىڭ ئانىسىنى ئال دىگەندەك غەيۋەتنىڭ ئانىسىنى ئىلىپ غەيۋەتنى ئۆگەي بالا قىلۋالساقمۇ بۇلىدۇ لىكىن<<ئىت قاۋاپ قىلىۋېردۇ ،كارۋان يولىغا مىڭىۋىرىدۇ >>ئەمەسمۇ !؟
سەھەردە خورازنىڭ كاكىراپ<<قوپ ئورنىڭدىن >>دەپ ۋالاقلىشى موللەكبايغا ھىچ قانچە كار قىلمىغانىدى ، ئۇ تىخىچە سىسىق ئوسۇرۇپ يوتقاننى قۇچاقلاپ ياتاتتى.
موللەكباي خوشنىسىنىڭ خورىزىغا بەك ئۆچ ئىدى ،خورازنىڭ سەھەر چىللايدىغان ئادىتى ئۇنىڭغا تولىمۇ يىرگىنىچلىك بىلىنەتتى، دائىم خوشنىسىنىڭ ئىشكى ئالدىدىن ئوتكەندە خورازغا نەچچىنى ئالىيىپ ئۆتۈپ كىتەتتى، بۈگۈنمۇ ئادەت بۇيىچە ئورنىدىن سائەت توققۇز بىلەن ئويغىنىپ يۈزىنى يۇيۇشتىنمۇ ئىرىنىپ تالاغا ماڭدى ، قورساق ئاچتى ئۆيدە يىگۈدەك نەرسە يوق، راستىنى دىگەندە ئۇنىڭ ئۆيىگە قارىغاندا تالا ئىللىق ئىدى ،چۈنكى ئۆيدە قالايدىغان ئوتۇن- كۆمۈر يوق -تە!،بۇ نەرسىلەر ئۇنىڭ ئۆيىگە قىيداپ كىرەلمەيتتى،كىم ئۇنى ھورۇنلۇق قىلسۇن دەپتۇ ھە !ھەر ھالدا مەھەللىنىڭ چىتىدە ئورمانلىق بار،ئۇ يەنە ئادىتى بۇيىچە غازاڭ يىغىش ئۈچۈن ئورمانلىققا ماڭدى ،مەھەللە دۇقمىشىغا كەلگەندە موخوركىسىنى ئىككى غىرىچ ئورىۋىلىپ قاتتىق شوراپ ئولتۇرغان بەرمەسباي ئۇچرىدى ،بەرمەسباي موخوركىسىنى ھەر بىر تارتىپ پۇۋدىگەندە  بىر قىتىم يەرگە تۈكۈرۈپ قوياتتى، ھەر ھالدا چىكىدىغان تاماكا ئۇچرىغىنى موللەكباينى خوش قىلسىمۇ بىر جەھەتتىن بەرمەسباينىڭ پىخسىق ئىكەنلىكى ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىدى << ھەر نىمە بولسا ھۆكۈمەت ياردىمىدە ھىلۋالغان يىڭى ئۆيۈم بار،سەن گۇي داداڭدىن قالغان ئەسىك كەپىدە ئولتۇرىسەن، پىقسىقلىقىڭدىن مۇشۇ كۈنگە قالغان گۇي بۇ >>دىدى ئىچىدە  موللەكباي ئۇنىڭ ھالىغا ئىچىنىپ.
موللەكباينى كۆرگەن بەرمەسباي قىز دوستىنى كۆرگەندەك خوش بۇلۇپ سالامنىڭ چوڭىنى بەردى : تېش تۇرۇپسەن موللەكباي بۇرادەر، سىنى كۆرمىگىلى ئارغامچىدەكلا ئۇزۇن زامان بوپتۇ
-ۋاي بەرمەسباي بۇرادەر ،سەنمۇ بۇ ؟ يوقاپ كەتتىڭغۇ ؟
-ۋاي بار مەن ، جىققۇ مەن؟ ئۆزۈڭ كەملىك قىلۋاتقان ،ئولتۇرە يىنىمدا پاراڭ سىلىشىمىز
-نىمىمۇ دىيىشىمىز دەيسەن ، غەيۋەت قىلمىساقلا بولدىغۇ ،خوشنىمىزنىڭ خورىزى تولا چىللاپ بەكلا بىزار قىلدى ، ھارامدىن تۇغۇلغان خوراز شۇنداق بۇلىدىغان ئوخشايدۇ
-مال ئىگىسىنى تارتمىسا گۈشى ھارام خوشناڭلار سىپى ئۆزىدىن ۋالاقلايدىغان ھاراملىق
-توغرا دەيسەن بۇرادەر ، بۇ غەيۋەت ئەمەس ھەقىقەت،
-سىلەرنىڭ خوشناڭلارنىڭ قىزى تۇنۇگۇنلا توي قىلغان ئىدى بۈگۈن تۇغۇپ قويۇپتۇ ،بۇ راسمۇ ؟
-شەھەردىكى بىر بايۋەتچى بىلەن تىپىشىپ قالغان ئىدى ، ئىككى يىل ئارلىشىپ يىقىندىلا توي موراسىمىنى قىلغان،تويلۇقنىمۇ ئاز بىرىپتۇدەك ،ئىقتىساتچىل بولايلى دەپتۇدەكمىش
-ئىشلار مۇددەتتىن بۇرۇن يۈز بەرگەچكە شۇنداق بۇلىدۇ ،كىم خوشناڭلارنىڭ قىزىنى شەھەرگە كىرىپ بۇزۇقچىلىق قىلسۇن دەپتۇ ؟مەھەللەنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ شەرمەندە بۇزۇق
-يىگىت ئالدىراش بولغاچقا ئاۋال موللامغا نىكاھ ئوقۇتۇپ توي خىتى ئىلىپلا ئۇ قىز بىلەن ئۆي تۇتۇپ تۇرىپتىكەن
-مىڭىچە يالغان ،بىزنى تويغا چاقىرمىدى ،بىزنى نىمە دەپ چاقىرمايدۇ ؟ چۈنكى ئۇ بۇزۇق بىر نىمىلەر
بۇزۇقچىلىقىم چىنىپ قالمىسۇن دەپ شەھەردە ئاددىي توي قىپتۇ ، خەقنىڭ كۆزىنى بۇياپ ،جالاپ
-تىللاۋەرمە ھوي، خەقنىڭ گۇناھىنى ئۆزەڭگە يۈكلىۋالما يەنە ؟
-مىنىڭ تىللىغىنىم  ھەق ،ماڭا بەرمىگەن قىزىنى خەق شۇنداق ئەخمەق قىلىدۇ
-بولدى قىلە ،ئۆپكەڭنى باس
موللەكباينىڭ كۆزى دەرھال بەرمەسباينىڭ قولىدىكى تاماكىغا يۈگۈردى ،تاماكا خىلىلا يىرىملاپ قالغانىدى
- ئۆپكىنى باسىدىغان ئىش بولسا  بىرەر تارتىم چىكەرمىز تاماكاڭدىن ؟
-ۋاي دادام،قانداق قىلاي! بىر تال تاماكىنىمۇ ئارامخۇدا چەككىلىمۇ قويمامسەن ئەمدى ،ماقۇل پەقەت ئىككىلا تارتىم ھە ؟
موللەكباي بەرمەسبينىڭ قولىدىن تاماكىنى ئىلىپ كۈچەپ تاكى <<يەتتە خۇتۇنغا تىگىشمەيدىغان يىرى قالغۇچە >>تارتتى ، بەرمەسباينىڭ كۆزلىرى چانىقىدىن چىقىپ ئوق بۇلۇپ ئىتىپ موللەكباينىڭ يۈرىكىگە تىگىپ كەتكىلى تاس قالدى <<بەڭگىنىڭ ئىككى تارتىشىغا ئىشەنمە >>دىگەن شۇ دە !
بەرمەسباي-بولدى ئەمدى، مۇشۇنچە تارتقىن ،ئىنساپ قىلپ ماڭىمۇ ئازراق ئەپ قوي -دەپ موللەكبايدىن تاماكىنى تارتىۋالدى
-يەنە ئازراق تارتايچۇ ؟
-سەن گۇينى بىلىمەن مەن ؟ تاماكا پايلىمايدۇ ساڭا ،موخوركىدا مانتا تۈگۈپ يەيدىغان گۇي سەن
-ئازراق بىر نىمەڭگە نىمە جىق گەپ بۇ ؟ بۇ بىر نمەڭنى پىت بازىرىدا بىر كۈيغا بىر گۈرجەك ئۇسۇپ بىرىدۇ
-يىگۈدەك بىر نىمەڭ يوق نىمە چوڭچىلىق ساڭا ،بىلىمەن سەن گۇينىمۇ ،سىپى ئۆزىدىن خەقنىڭ يىغىرىنى تاتىلايدىغان گۇي
-ئۆزەڭ قانچىلىك نىمە ،بىر داچەن پۇلنىڭ تۆشۈكىدىن يەتتە قىتىم پويىز بىلەن قاتناپ ئاندىن خەجلەيدىغان پىقسىق نىمە سەن ، غەيۋەت دىگەننى ئۈندۈرۋىتىسەن
-ئۆزۈڭچۇ ؟نەۋاق سەن تۇل خۇتۇندە بۇ يەرگە كىلىپ غەيۋەت قىلغىلى ؟ تولا سەت كۆرۈنمەي يۇقىلە
-ئۆزۈڭ يۇقال ، داداڭنىڭ سىتىۋالغان يىرى ئەمەس بۇ ؟ دۈينىڭ يىرىدە ئولتۇردۇم
-سىنى مەن چىللاپ كەلدىممۇ ؟ ئۆزۈڭ كەلدىڭغۇ يىنىمغا
موللاكبايدىن ئىبارەت بۇ <<ئالىيجاناپ>> كىشى بەرمەسبايدەك<< پەس>> كىشى بىلەن تەڭ بۇلۇشنى راۋا كۆرمەي ئاسمانغا نەچچىنى ئالىيىپ قولىنى كەينىگە سىلىپ كىتىپ قالدى ، موللەكباي نىمە ئۈچۈن غەيۋەت كوچىسىدا<< پەس >>لەردىن تىل ئىشىتكىنى ئويلىناتتى شۇنداق ئۇ ئويلىناتتى، بىزمۇ ئويلىنايلى ! غەيۋەت كوچىسىنى <<پەس>>لەرگە ئۆتۈنۈپ بىرىپ داغدام يولدا ماڭايلى
مەنبە:ئۆزۈم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qaplin2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 03:57 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79144
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2302
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 364 سائەت
تىزىم: 2012-4-21
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 04:23:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەيۋەت كوچىسىنى <<پەس>>لەرگە ئۆتۈنۈپ بىرىپ داغدام يولدا ماڭايلى  

ھەددى - ھېساپسىز مال دۇنيانىڭ كەينىدە ، ھەمىشە بويۇنغا پاتقۇدەك گۇناھ - جىنايەتلەر ماراپ تۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74269
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 232
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-1-30
ئاخىرقى: 2012-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 04:24:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭدىن مەن ھىچنىمنى چۇشىنەلمىدىمغۇ؟

ناداندىن دوستۇڭ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68292
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1509
تۆھپە نۇمۇرى: 249
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2011-12-3
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 04:27:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ چۈشىنەلمىدىم(ياغلىق چىگىش مەكتەپ قائىدسىگە خىلاپمۇ) كۆرۈپ بىقىڭhttp://www.kaxkar.net/forum.php?mod=viewthread&tid=2496 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahmardan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 04:28 PM  


ئىېشكى يوق موللامنڭ ،قۇلقۇقى تىنچ........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74694
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 707
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 282 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 04:30:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bir kishining ghywitini qilish unig goshini yiganlik bilan barawar dur dap oqughan idim , ozimizga hechqandaq paydisi yoq bikar hah ning yaman gepini qip otturimiz

باشلىرىدائالتۇن تاج زىننەت،قەدەملىرىدە زەنجىر-كىشەن ھەسرەت

چەكلەنگەن ئەزا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78512
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 409
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2012-4-8
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 04:31:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا ھاھ اھ ھا ھاھ اھ اھ ھا...گەپ سۆز ئىشلىتىشكە ئەجەپ ماھىر ئىكەنسىز!
بەزىلەر ‹‹غەيۋەت قىلغىنىم ئەمەس.....»دەپ تۇرۇپ قىلىدۇ غەيۋەت دىگەننىڭ
<<يەتتە خۇتۇنغاتىگىشمەيدىغان يىرى»نى....

چەكلەنگەن ئەزا   سۆز قىلىش چەكلەندى!   قۇلۇپلانغان
تەۋپىق ئىسلام تورى www.tewpik.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75223
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 164
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2012-2-9
ئاخىرقى: 2012-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 04:36:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
guzelim يوللىغان ۋاقتى  2012-4-25 04:31 PM
ھا ھاھ اھ ھا ھاھ اھ اھ ھا...گەپ سۆز ئىشلىتىشكە ئەجەپ ماھى ...

مۇشۇ ئادەم چۈشۈنۈپتۇ مانا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 692
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1649
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 443 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 04:52:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ ،غەيۋەت قىلسا شۇ ئادەمنىڭ گۇشىنى يىگەن بىلەن باراۋەر دەيدىغان دادام

~*يامان كۆزلەردى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 866
يازما سانى: 341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6610
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 239 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 04:54:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەپسلى ئۇقۇڭ چۈشىنىسىز ......
مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى ئۇبدان يازىسىز قىززىقچى ، ئىسمڭىىزغا لايىقلا چاپلىن جۇمۇ سىز....... بۇنداق ئەسەرلەرنى يېزېش ئاسان ئەمەستۇ ھە .......  پۈتۈن مەقسەتنى ئاخىرقى بىر جۈملىگىلا يىغىنچاقلاپسىز  ...... قەلىمىڭىز بەركەتلىك بولسۇن . مۇشۇنداق مەنىسى چوڭقۇر ئەسەرلېرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن . ھارمىغايسىز ......

كىشىنىڭ دىلى بۇزۇق بولمىسىلا خۇدا ئۇنى رەسۋا قىلمايدۇ. *ئۆزۈنى بىل ئۆزگىنى قوي *

كۈچىمىز يەتمىگە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42256
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1681
تۆھپە نۇمۇرى: 447
توردا: 2865 سائەت
تىزىم: 2011-5-27
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 05:38:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنىڭ بىلەن موللەكباي بەرمەس باينى يارتماي كىتىپ قالدى....ئەسەرنىڭ بەزى يەرلىرى ئاQنىڭ تاياق يەيدىغاننى يەپ بۇلۇپ ئاخرىدا ئۆزىنى ئۇرغانلارنى يارتمايدىغان بىر يەرلىرىنى ئەسلىتىپ قويدى.....ھەي موللەكباي!!!!

كۈچىمىز يەتمىگەنىگە سەل تۇرۋالساق پۇرسەت كىلىدۇ.ئەمما قىلالايدىغان ئىشنى كىچىكتۈرسەك چاتاق .......................
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش