مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 778|ئىنكاس: 29

بۇ قانداق تۇيغۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73547
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 88
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-1-20
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 02:10:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ قانداق تۇيغۇ

1


ھەي!                                                                                                                           


ئۆزۈمنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىم ھەم شەخسىيەتچىلىكىم تۈپەيلى كېلىپ چىققان بۇ بەخىتسىز تۇرمۇشۇمدىن شۇنچىلىك بىئارم بولۇپ كېتىمەن ، بۇ ئاللاھنىڭ ماڭا تارتقۇزۋاتقان قىسمەتلىرمىدۇياكى ئۇنىڭ ئۇۋالىنى تارتىۋاتقاندىمەنمۇ ، ئىچ-ئىچىمنى بىرنەرسە يەپ قۇرۇتىۋاتقاندەك تۈگۈشۈپ، زەئىبلىشىپ، كۈندىن كۈنگە جىمغورلىشىپ ھىچ نىم قىلىش خوش ياقماي تۈگىشىپ كېتىۋاتاتتىم، ھەر مىنۇت ھەر دەقىقە ئۇنى ئۇنتالمايتتىم،ئۇنى تاشلىۋەتكەنلىكىمدىن ئۆز- ئۆزىمنى مەڭگۈ كەچۇرمەيتتىم.ئۇ ئۆزى شۇنداق مۇلايىم، ئاق كۆڭۈل،سەمىيمى ، ئۇنىڭ ھەر بىر ئىش ھەركىتى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى ، ئۇنىڭغا شۇنداق ھۆرمىتىم بار ئىدى ، ئۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن سۆيەتتىم ، خۇددى ئۇ مەن ئۈچۈنلا تۆرەلگەندەك، ئۇنىڭسىز ياشىيالمايتتم.رەھىمسىز پەلەك ئۇنى مېنىڭدىن ئايرىدى ، توغرىسىنى دىگەندە مەن ئۇنى تاشلاپ ، ئۆزۈم خالىمىغان ، ئۆز تۇرمۇشۇمغا پۈتۈنلەي يات بولغان بىرسىنى قوينۇمغا ئالدىم . ھازىرقى مېھرى مۇھەببەتىسىز تۇرمۇشۇم مېنى مۇشۇنداق چۈشكۈنلەشتۈرگەن ئىدى، ئاتا-ئانامنىڭ قارارىغا ھۆرمەت، قىلىپ ئۇلارنىڭ  زورلىشى بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ بىر قانچە ئاي بولغان  بولساممۇ ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە بوينۇمنى سۆرىگەندەك باراتتىم . ئۆيگە قايتىشتىنن شۇنداق بىزار ئىدىم ،توغرىسىنى دىگەندە شۇ مۇز چىراي خوتۇننىڭ تەلەتىگە قارىغۇم يوق ئىدى، مېنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىم كۈندە ھەر خىل ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىپ ، ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش، قىسىقىسى مۇلازىمەت خارەكتىردىكى خىزمەت ئىدى، ھەر قانداق ئادەم قىلىۋاتقان ئىشىدىن نەتىجە چىقىرىشنى ئويلايدۇ، مەن شۇ كومپىيۇتېر تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغانكەنمەن كۈندە ھەر خىل مۇئامىلىگە ئۇچراپ تۇرۇشۇم تەبىئي،ئايالىمنىڭ كۈنلەمچىلىكىدە ئادەمنى كېسىلدۈرۈپ ساراڭ قىلاتتى، بىرەر ئاياللاردىن تېلفۇن كېلىپ مەسلىھەت سورىسىمۇ ، كىم دەپ باش ئاغرىتىپ ،ئادەمنى ئارامىدا قويمايتتى، شۇنداق بېشەمكى پۈتۈن ئۆينى بېشىغا كىيەتتى،  بەزىدە شۇنداق نىدا قىلىپ كېتەتتىم، توۋا دەيمەن ،‹‹ ئەي ياراتقۇچى ئاللاھ!  بۇ خوتۇندىن تىزراق قۇتۇلدۇرۇپ مېنى ئەركىن قىلساڭ نىم بولا!؟››
بۇ بىر قەھرىتان قىش كۈنلىرى ئىدى ، دۇكاندا ئۆزۈم يالغۇز مال تېڭىۋاتاتتمم ، يان تېلفونۇم سايراپ كەتتى،يەنە شۇ جوۋەينىمەك خوتۇن مېنى دۇكاندىمىدۇ؟ نەدىدۇ؟ دەپ تېلفۇن قىلدى دەپ ئويلاپ، تېلفۇنغا قارىمايلا ئېرىنچەكلىك بىلەن تېلفۇننى ئالدىم !
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ! سىز ئابدۇراخمان بولامسىز؟ ئاۋازى شۇنداق يېقىملىق ھەم جاراڭلىق بىر قىزئىدى،
-ھەئە ، مەن شذ!
-مۇنداق ئىش ئىدى، سىزنىڭ ساياھەت ئىدارىسىدىكى ئارزىگۈلنىڭ ئىشخانىسىغا قويۇپ بەرگەن كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ ياخشى چىققانلىقىنى ئاڭلىدىم ھەم ئۇلار سىىزنى ماڭا تۇنۇشتۇرۇپ، ئەگەر كومپىيۇتېر ئالسىڭىز شۇ بالىدىن ئېلىڭ مۇئامىلىسى ھەم مۇلازىمىتىمۇ ناھايتى ئەتراپلىق ئىكەن دىگەن ئىدى، شۇڭا سىزگە تېلفۇن قىلىشىم ئىدى، -دىدى.
مەن قىلىۋاتقان ئىشىمىنى تاشلاپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاچ  ئالدىرماي سۆزلىدىم ،ھە شۇنداقمۇ ، بەك ماختىۋېتىپتۇ،  خوش بولدۇم، سىزگە قانداق كومپىيۇتېر لازىم ئىدى ؟ دەپ سورىدىم .
-بىزنىڭ ئۆيدە كومپىيۇتېر بار ئىدى ،لىكىن نىمە بولدىكىن بەك تولا قېتىۋېلىپ مەشخۇلات قىلىش تەس بولىۋاتىدۇ ؟ ئەگەر ئوڭشىغىلى بولسا ئوڭشىتاي بولمىسا ئۇنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىپ باشقىدىن بىرنى ئالاي دىگەن ئىدىم ، دۇكىنىڭىزقەيەردە ؟ دەپ سورىدى.  مېنىڭ دۇكىنىم قىزىل بايراق كومپىيۇتېر بازىرى يەرئاستىدا دىدىم دة!  ھە سىزنىڭ كومپىيۇتىرىڭىز نەچچىنچى يىلنىڭ كومپىيۇتىرى، بىلەرسىزمۇ ؟ دەپ سورىدىم ، ئۇنى ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن، ئىشقىلىپ بەش- ئالتە يىللار بوپ قالدىغۇ دەيمەن ،كومپىيۇتېر سېستىمىغا كىرىپ مەشخۇلات جەريانىدا قېتۋالامدۇ ياكى قوزغالمامدۇ ؟ -مەشخۇلات جەريانىدا قېتۋالىدۇ، سۈرئىتى بەك ئاستا...،مۇمكىن بولسا ئۆيگە كېلىپ كورۈپ باقسىڭىز ، بولمىغاندا مەن باشقىدىن بىرنى سېتىۋالسام بولامدۇ؟
-ھە بولىدۇ، ئۇنداقتا ئۆيىڭىز قايسى تەرەپتە ؟
-نەنمېندا.
-يېقىنكەنغۇ ، مەن ئىشتىن چۈشۈپ نەنمېنگە كېلىپ سىزگە تېلفۇن قىلاي ، مۇشۇ نۇمۇرغا قىلسام بولامدۇ؟
-بولىدۇ ، رەخمەت سىزگە، تېلفونىڭىزنى ساقلاي،
-ھىچقىسى يوق ، مەن تېلفۇن قىلىمەن
-خوش ، ئاللاغا ئامانەت،
-ئاللاغا ئامانەت
توۋا ئاۋازى شۇنداق سىلىق سىپايە ھەم يېقىملىق،ئېنىقكى ئائىلسمۇ شۇنداق بەخىتلىك .
شۇ خىيالنى قىلغاچ ، ئەمدى ئىش قىلاي دەپ تۇرسام ، قوشنا دۇكاندىكى ئاغىنەم  دۇكانغا كىرىپ كەلدى ،
-ئەتتىگەندىلا يالغۇز ئىشقا چۈشۈپ كېتىپسىلە، بۈگۈن سالىدىغان مال خېلى كۆپ ئوخشىمامدۇ ؟
-ھە خېلى بار ئاداش ،
-ئىنىڭلا ، شاگىرتڭلا يوقمۇ؟
-يوق ئاغىينە ، ئىنىمىنىڭ ئازراق ئىشى چىقىپ قاپتۇ ، شاگىرت تۈنۈگۈنلا بۈگۈن ئۆيىدە جىددى ئىشى بارلىقىنى دىگەن ، مەن رۇخسەت بېرىۋەتكەن ،
-ھە بوپتۇ ئۇلارمۇ بىرەر كۈن ئارم ئالسۇن ، قىلسا تۈگىمەيدىكەن بۇ ئىشلا،
-ئوپتىك دىسكىدىن بىر تال ئەپ بېرىڭلا ، بىر كومپىيۇتېر ساتقان ئىدىم ، مەندىكىسى تۈگەپ قاپتۇ ؟
- بولىدۇ ،ئۆزىڭلا ئېلىۋېلىڭلا ؛ يەشىكتىنمۇ چىقارمىدىم  تېخى دەپ ، ئۆز ئىشىم بىلەن بولىۋەردىم ، بۇنداق ئىش بىزنىڭ بۇ بازاردا كۈندىلىك ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن ، قايسىمىز كومپىيۇتېر ساتساق ، بىرەر زاپچاس كەم بوپ قالسا قوشنىلاردىن سوراپ ئىشلىتىپ كىيىن تۇلۇقلاپ بېرىشەتتۇق.
شۇنداق قىلىپ بىر كۈنۈم دۇكاندا مال تېڭىش ۋە بىر ئىككى خېرىدارنىڭ كومپىيۇتېرنى رېمۇنتلاش بىلەن بولۇپ ئىشتىن چۈشۈش مۇزىكىسى قويۇلغىنىنىمۇ تۇيمايلا قاپتىمەن دىمەك بۇ بىر كۈنمۇ كەچ بولدى،دۇكاننى تاقاپ ھارغىنىمغا قارىماي ، شۇ مېنى بىزار قىلغان چىرايلىق ھەم ئازادە بولسىمۇ ماڭا تۇرمىدەك بىلىنىدىغان ئۆيۈمگە ئالدىراپ كىرمەي قىلىدىغانغا ئىش چىقتى ، بىردەم بولسىمۇ زېھنىمنى چېچىپ ، ئىش پۇشۇقنى چىقىردىغان ئىشلا بىلەن مەشخۇل بولىدىغان بولدۇم دىدىممۇ ئەيتاۋۇر تېلفۇندا پۈتۈشكىنىم بويىچە  ئىشتىن چۈشۈپلا ئۇ ئايالنىڭ كومپىيۇتېرنى كۆرۇپ بېقىش ئۈچۈن، نەنمېنغا چىقىپ ئۇ ئايالنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى باستىم ، قىسقا سالامدىن كىيىن  مەن ئۆي ئادرىسىنى ئېنىق بىلىۋېلىپ ، ئۆي مەن تۇرغان يەر بىلەن ئارلىقى يېقىنلا ھەم ئاسانلا تاپقىلى بولغاچقا قىينالمايلا ئۆينى تېپىپ كىردىم .
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
-ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام! كەلدىڭىزما ؟  كېرىۋېرىڭ ، ئاياقنى ئۆيگە كىرىپ سالسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ، تاماق ئۈستىلىگە كېلىپ تاماق يەۋېلىڭ ، سىزمۇ ئەمدى ئىشتىن چۈشكەن بولغانكىن دىدى ! ياق بولدى مەن ئاۋال كومپىيۇتېرنى كۆرۋېتەي -قايسى ئۆيدە ؟
-مىھمانخانىدا ..
بۇ ئۆي كىچىىك بولسىمۇ شۇنداق ئاددى-ساددا سەرەمجانلاشتۇرۇلغان بولۇپ كىرگەنلا ئادەمگە بىرخىل ئىللىق تۇيغۇ بېرەتتى، ئۆيدە بىرى 20 ياشلا ئەتراپىدا يەنە بىرى 13 14 ياشلا ئەتراپىدا ئىككى قىز تاماق يەۋاتاتتى ، مېنڭ كىرىشىم بىلەن ئۇلار تاماق قاچىسىنى ئېلىپ ياندىكى  ھۇجىرلىرىغا كىرىپ كېتىشتى ، شۇندىلا بۇ ئائىلىنىڭ ئائىلە تەربىيسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى . ئايال مېنى مىھمانخانىغا باشلاپ قويۇپ ئۆزى ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى  ، مەن مىھمانخانىغا كىرىپ ئۇدۇللا كومپىيۇتېر ئالدىغا كەلدىم دە ، كومپىيۇتېرنى قوزغىتاي دەپ تۇرسام ، قولىدا بىر تەخسە لەغمەن كۆتۈرۈپ كىرىپ كومپىيۇتېر ئۈستىلىگە قويغاچ: --سىزمۇ ئەدى ئىشتىن چۈشتىڭىز مۇشۇ يەردىلا ئازراق تاماق يەۋېلىپ ئاندىن قىلىڭ ، ئۇئۆيدە قىزلىرىمدىن تارتىنىپ قالدىڭىز ، ئىسسقىدا يەۋېلىڭ ھە ئۇكام؟!-
دەپ بىر پىيالىگە چاي قۇيۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى ،
مەن بۇ ‹‹ئۇكام›› سوزىنى باشقىچە يېقىملىق بىلدىممۇ ،، نىمە خىيالدا بولغىنىم ئىسىمدە يوق ، ئەمما لەغمەن شۇنداق ئوخشىغاندەك قىلاتتى ، قورسىقىممۇ ئېچىپ تۇراتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىھمانخانىدا ئۆزۈم يالغۇز قالغاچقىمۇ ، تۈزۈت قىلمايلا تاماقنى ئىشتاھا بىلەن يىيىشكە باشلىدىم ، ھايال ئۆتمەيلە ئۇ ئايال بىر قاچىدا ئاش سۈيى يەنە بىر پيىالىدە دەملەنگەن چاي كۆتۈرۈپ كىرىپ ، ئۇكام بەزىلەر ئاش سۈيى ئىچمىسە لەغمەن يىگەندەك بولمايدكەن دىيىشىدىكەن ، شۇڭا سىزگە ئاش سۈيىدىنمۇ ئېلىپ كىردىم ، قايسىنى ئىچكۈڭىز كەلسە شۇنى ئىچەرسىز دەپ  قولىدىكى قاچىنى كومپىيۇتېر ئۈستىلىگە قويۇپ قويدى.
مەن ، -رەھمەت ئاۋارە قىلىۋەتتم -دىگەچ ، مېنى ئۇكام دىگەن بۇ ئايالغا چاندۇرماي  دىققەت قىلغۇم كەپ قالدى، ئۇ ئوتتۇرا بوي ، ئاق پىشماق ، چىرايلىق گەپ سوزلىرىدىن مىھرىبان ،مۇلايىم ،سەمىمىيلىكى بىلىنىپ تۇراتتى ،ئۆزى ياشلا،  قارىماققا كۆپ بولسا  30 ياشلاردا كۆرىندى، مەندىن ھەرگىز چوڭ كۆرىنمەيتتى، ئەمما ئەجەپ چوڭ قىزى باركىنا دەپ ئويلىغاچ تامغا ئېسىقلىق ئەرئايال ھەم 5 ياشلاردىكى بىرقىزنى ئوتتۇرغا ئېلىپ چۈشكەن چوڭايتىلغان رەسىمگە كۆزۈم چۈشتى ، بەلكىم ئۇ ھازىرقى كىچىك قىزى بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم ، ئۇ رەسىمنى ھەر قانداق بىرسى كۆرسە شۇنداق بىر بەخىتلىك ئائىلە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇراتتى، مەن كومپىيۇتېرنى ئۇيەر بۇيەرلىرىنى كۆرگەچ  لەغمەننىمۇ يەپ بولغىنىمىنى تۇيمايلا قاپتىمەن،
ئۇكام ئازراق ئاش سېلىپ كىرەيمۇ دىدى – ئايال
-        ياق ، رەھمەت ، يىتەرلىك بولدى ، تارتىنماڭ ئۇكام ، سىز بىزدەك تىجارەتچىلەر كۈندە بازاردىن تاماق يەۋېرىپ ئاشخانا تامىقىدىن چىقىپ كېتىدىكەنمىز ، سىزمۇ ھە قاچان چۈشلۈك تاماقنى ئاشخانىدىن يەيسىز ؟
-        شۇنداق ، ئاشخانىنىڭ تامىقىدىن شۇنداق زېرىكتىم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ بازاردا تۈزۈك  تاماقخانىمۇ يوق ،شۇ پولو كاۋاپخانىلا بار ئالدىرغاندا شۇنىلا يەيمىز  - دەڭە، بەزىدە ۋاقىت چىقىرالىساق سەنشىخاڭزىغا بېرىپ تاماق يەپ كېتىمەن دىدىم ، دە
قولۇمدىكى ئاش سۈيىنىمۇ قالدۇرماي ئىچىۋەتتىم
-        بىر چوكا سالاي ھە ئۇكام ؟ !
-        رەھمەت، رەھمەت يىتەرلىك بولدى. سىزمۇ تىجارەت قىلامسىز ؟
-        شۇنداق مەن كىيىم ساتىمەن،
-        سودىڭىز ياخشىدۇ ؟
-        ھەر ھالدا يامان ئەمەس ئۇكام ، بۇكومپىيۇتېرنى بىر ھەپتە ئالدىدا سىلەرنىڭ بازارغا ئاپىرىپ سېستىما قاچىلاتقانتىم ، يەنە نىمە بولدىكىن قېتىۋېلىپلا مەشخۇلات قىلىغىلى بولمايۋاتىدۇ، ئاپىراي دىسەم بۇ نەرسە خېلى ئېغىركەن ، بىنادىن ئېلىپ چۈشۈش، ئېلىپ چىقىش شۇندان قىينغا چۈشىدىكەن ، بۇرۇن بۇنداق ئىشلارنى يولدۇشىم قىلاتتى ، مەنمۇ كومپىيۇتېر ئالدىغا كەپ كەتمەيتتىم ، ئەمدى ئۆزۈم قىلىشقا مەجبۇرمەن.
-        يولدىشىڭىز يوقمۇ؟
-        بار ئۇكام ! ئۇ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن.
-        ھە مۇنداق دەڭ ، ئۇنداقتا مۇنداق بولسۇن، مەن ئەتتىگەنلىككە ئىشقا ماڭغاچ كىرىپ ئالغاچ كېتىپ ، دۇكاندا رېمۇنتلاپ  ئىشتىن چۈشكەندە ئەكىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرەي دىدىم ، ئۇ ئايال شۇنداق خوش بوپ كەتتى، ھەم نۇرغۇن رەھمەتلەرنى ئېيتىپ كەتتى، مەنمۇ ئۇ ئايالنىڭ كومپىيۇتېر توغرۇلۇق بېشى خېلىلا قېتىپ تۇرۋاتقانلىقىنى ھىس قىلغان ئىدىم ،
-        قانچە پۇللار بىلەن ئوڭشىلار ئۇكام  ؟
-        ئۆزىنىلا ئوشايدىغان ئىش بولسا كۆپ پۇل كەتمەيدۇ، ئەگەر شارئىتىڭىز يار بەرسە 500 يۈەن خەجلىسڭىز سىزنىڭ ئاساسى ھاجىتىڭىزدىن تۇلۇق چىقىپ كەتكۈدەك - ئۇنداقتا بولغۇدەك. يەنە قېتىۋالمايدىغاندۇ ھە ئۇكام ؟
-        ياق ئۇنداق بولمايدۇ.
-        ئۇنداقتا سىز دىگەندەك بولسۇن، ئۆزىڭىز بىلىپ ئوبدان قىلىپ ئەچىقىپ بېرىڭ ، مەن پۇلىنى تەييارلاپ قوياي.
-        ماقۇل ، بۇجەرياندا بۇئائىلەشۇنداق بىر يېقىمىلق تۇيغۇ بىلەن مېنى ئۆزىگە ئەسىر قىلىۋالغاندەك قىلاتتى، شۇ گەپ بويىچە مەن كومپىيۇتېرنى ئەتىسى ئالغىلى كىرىدىغان بولۇپ خوشلىشىپ چىقىپ كەتتتم.
-        ئۆيگە قايتىپ كەلدىم، ئايالىم بۈگۈنمۇ كەچلىك ئىسمىنىدا ئىشلەيتتى، راست دىسەم ئۇ ئۆيدە بولمىسا ئۆزۈمنى شۇنداق ئەركىن ھىس قىلاتتىم ، چۈنكى ئۇ ئۆيدە بولسا مەندىن توختىماي بىر نەرسىلەرنى سورايدۇ، بىر ئىشلاردىن گۇمالىنىدۇ، ئىشقىلىپ مېنى ئەركىن قىلمايتتى، ئادىتىم بويىچە كومپىيۇتېرنى قوزغىتىپ ، ئۆزۈم قۇرغان كومپىيۇتېر سودا تورىغا ماتىريال تەييارلاپ شۇنى چىقىرىش بىلەن بولدۇم ، ئەمما نىمە ئۈچۈنكىن بۈگۈن قولۇم ئىشقا بارمىدى ، لىكىن كەيپىياتىم شۇنداق ياخشى ھەم خوشال ، قەھۋەدىن بىر ئىستىكان دەملەپ ئەكىرىپ ئچىىپ ، بىر ھازاغىچە نىمە خىياللارنى قىلغىنىم ئىسىمدە يوق ، ئۇخلاپ قاپتىمەن.
-        ئەتتگەندە چېيىمنى ئېچىپ ئايالىم ئىشتىن چۈشۈپ كېلىشىنى كۈتمەيلا ، ئۆيدىن چىقتىم، ھەم ئۇنىڭ ئۆيى تەرەپكە كەلدىم ، كۆڭلىم شۇنداق خوشال، يۈرۈگىم شۇنداق ھاياجان بىلەن سوقاتتى ، ئىشىك قوڭغىرىقىنى باستىم
-        كىم ؟  ئاۋازى شۇنداق يېقىملىق!...
-        كومپىيۇتېرنى ئالغىلى كەلگەنتىم ،
-        ھە ماقۇل، ئىشىك ئېچىلدى ، ئەجەپ ياخشى قىپسىز ، ئۇنتۇپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەپ تۇرغانتىم ، ئۇ ئوڭشالمىسا قىزلىرىممۇ دادىسى بىلەن كۆرۈشەلمەيدىكەن ، ئۆيگە كىرىڭ ، ئەتتىگەنلىك ناشتا قىلدىڭىزمۇ؟
-         ئالدىمدىكى بۇ مېىھرىبان ، مۇلايىم ، خۇشپىئېل چېھرىدىن سەمىمىيلىكى چىقىپلا تۇرىدىغان ئايال كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى، مەن ھاڭۋاقتىدەك قاراپلا قالغىنىمدىن شۇنداق ئوڭايسىزلاندىم،
-        ھە ! ياق مەن ناشتا قىلىپ بولدۇم ، كومپىيۇتېرنى ئېلىپ ماڭاي ،
-        سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ،
-        ئەتتىگەندە قىزىلىرى مەكتەپكە كەتتىمۇ بىلمىدىم ئۇ ئۆزى يالغۇز ئىدى ، راست دىسەم ئۇ قىزلىردىن خىجىل بولۇپ تۈنۈگۈنمۇ ئايالغا كۆپ گەپ قىلالمىغانتىم،ئەكىرىپ بەرگەن ياغلىققا كومپىيۇتىرنى تېڭىپ ئويدىن چىقتىم
-        بۈگۈن دۇكاندا سەل ئالدىراش بوپ قالىمىز، بەلكىم بۈگۈن ئەكىلىپ بېرەلمەسلىكىم مۇمكىن، ئەتە ئەكىلىپ بېرىمەن ، شۇ گەپنىلا قىلدىم دە ئويدىن چىقتىم .
-        ھىچقىسى يوق ، ئۆزىڭىزنىڭ ۋاقتىغا توغرىلاپ ئەكىلىپ بەرسىڭىز بولىدۇ- ! دىدى .
-        شۇنداق دىيىشىپ خوشلىشىپ ماڭدىم ، يولدا كېتىۋېتىپ ئۆزۈمچە شۇنداق خوشال، خىيالىمدا يەنە بىردەم پاراڭلىشىپ ماڭسام نىمە دىگەن ياخشىدى دىگەننى ئويلىدىم ، ئەمما مەن ئۇنداق قىلالمايتتىم ،
-        كۇندىلا يوق ئىشلارغا چېچىلىپ ، كۆڭلۈم بۇرۇقتۇملۇقتا، بىسەرەمجانلىقتا ئۆتىدىغان مەن ، ئۇ كۈن شۇنداق خوشال، خۇددى يۈتكەن قىممەتلىك بۇيۇمۇمنى تېپىۋالغاندەك ناھايتى ياخشى كەيپىيات بىلەن ئىشلەپ كەتتىم .

2

توۋا بۇ قانداق تۇيغۇ ؟ ! ئۆز- ئۆزۈمدىن سورايتتىم، بۇ كۈن ئالدىن زاكاس ئالغان مالنى سېلىش بىلەن  شۇنداق ئالدىراش ئۆتۈپ ئۇ كومپىيۇتىرغا پەقەت ۋاقىت چىقىرالمىدىم، ئۆيگە شۇنداق خوشال كەيپىياتتا قايتىپ كىردىم ، ئايالم تاماق قىلىپ ساقلاپ تۇرۇپتىكەن ، تاماقنى يەۋېلىپ دۇئادىن كىيىن ، ئادىتىم بويىچە كومپىيۇتېرنى ئېچىپ ئۆزئىشىم بىلەن مەشخۇل بولۇش ئۈچۈن كىچىك ئۆيگە كىرىپ كەتتىم ، شۇ كۈنلەردە سوداممۇ خېلى ياخشى ئىدى.
يېقىندىن بۇيان مەن بىلەن بەسلەشكەندەك  دۇكاندا ماڭا ياردەمچىدە بولىۋاتقان، ئىنىممۇ توي قىلىمەن دپ قوپقان ئىدى ، ئۇنىڭ  توي ئىشى بىر مەسىلە ئىدى ، ئۇنى ئاتا ئانامدىن ھەممە تۇرمۇشنى ئۆزۈم ئورۇنلاشتۇرىمەن دەپ بۇيەرگە ئېلىپ چىققانتىم ، يېقىندىن بىرى ئىنىمنىڭ توي قىلىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى بىلگەنتىم ، بۇ توغرۇلۇق چوڭلار بىلەن قىلىدىغان مەسلىھەت بار بولغاچ ، ئۇلارغا تېلفۇن قىلىپ ئەھۋاللىشىپ ، توي ئىشىنى مەسلىھەت قىلىشقانلىقىمىنى ئايالىم ئارقامدىن كىرىپ ئاڭلاپ تۇرۇپتىكەن،  تېلفۇندا ئۇلار بىلەن خوشلاشماي تۇرۇپلا ئېغىزى ئېچىلىشقا باشلىدى، مەقسىدى تويغا كېتىدىغان پۇل توغرىلىق بولدىمۇ بىلمىدىم ، كۆپ سۆزلەپ يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىپ مەن بىلەن سوقۇشۇشقا باشلىدى ، مەن ئۇنىڭ پېرخۇندەك بىردەمدە قىززىپ بىردەمدە سوۋۇيدىغان مىجەزىنى بىلگەچ ئارتۇق گەپ تالاشمىدىم،  ئۆزۈم شۇنداق مىھماندوست ھەم چىقىشقاق بولغاچ، يۇرتتىن ئۇرۇق – تۇققانلىرىم ، يېقىن دوستلىرىم ئۈرۈمچىگە چىقسىلا ئۆيدە قونۇپ ماڭاتتى ، ئالى مەكتەپتە ئۆز قېرىنداشلىرىممۇ شەنبە-يەكشەنبە كېلىپ قونۇپ كېتەتتى ، بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ بىلەن جېدىلىم قۇرىمايتتى، ئۇنىڭ بەزىدە قىلغان گەپ سۆزلىرى ماڭا بەك ھار كېلەتتى ، شۇڭا ماڭا ئۇ شۇنداق ھازازۇل، ھەسەتخور، ئىچى تار ، بەك گۇمانخور بىلىنەتتى، بەزىدە ياخشى نىيەتتە گەپ قىلساممۇ ئۇ شۇ گېپىمدىن گۇمانلىناتتى.شۇڭا ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپمۇ قىلمايتتىم ،  ئامما  ئۇ مېنى شۇنداق ياخشى كۆرەتتى ،بەزىدە شۇنداق خوشامەت ، يېقىنچىلىق قىلىپ كېتەتتى، مەن شۇنداق بىزار بولاتتىم ، قارغۇلارچە سۆيۈش مۇشۇنداق بولسا كېرەك دەپمۇ ئويلايتتىم. كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرىۋېرىپ بېلىم سەل تالغاندەك بولۇپ ، مىھمانخانىغا چىقسام ئايالىم تېلۋزۇرنى ئېچىپ قويۇپ  كىرسلودا ئۇخلاپ قاپتۇ، مەن ئۇنىڭ شۇندام راھەت ئۇخلاۋتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۆز ئىشىم بىلەن بولۇپ كومپييۇتېر ئالدىدىلا ماتىريال كۆرگەچ  ئۇخلاپ قاپتىمەن ، ئەتتىگەندە دۇكانغا كېلىپ بىرىنچى بولۇپ كۆرۈنگىنم ياغلىققا تېڭىقلىق كومپىيۇتېر ئىدى ، نىمە ئۈچۈندۇر يۈرۈگىم بىردىنلا سوقۇپ ، جانلىنىپ كەتكەندەك بولدۇم ، كۆز ئالدىمغا ھېلىقى مىھرىبان چىراي كەلمەكتە ئىدى . ئۆز ئۆزۈمگە پىچىرلاپ بۇگۇن قاندقلا بولمىسۇن بۇكومپىيۇتېرنى ئاپىرىپ بېرىشىم كېرەك دىدىم، شۇندىلا تەبەسسۇم بىلەن تولغان ئاشۇ چىراينى يەنە بىر قېتىم كۆرشكە مۇيەسسەر بولىمەن دىگەننى ئىختىيارسىز ئەمما بىرخىل قورقۇنۇش، ئەيمىنىش ئىچىدە ئويلاپ قالدىم،
قەشقەردىن كەلگەن ئۇزۇن يىللىق ھەمكارلىشىۋاتقان خىرىدارىم كىرىپ كەلدى ،
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ياخشىمۇ بۇرادەر كېچىدىن ئۇخلىمىدىڭلارمۇ نىمە؟
بەك ھارغىن كۆرىنىسىلەر؟
ئۇنداق ئەمەسقۇ ، ناشتا قىلدڭلارمۇ
ھە قىلدىم ،
ئۇنداقتا چۈشلۈك تاماقتا بىرگە بولايلى ، مەن سىزنى بۇ قېتىم ياخشىراق مىھمان قىلىۋالاي دىدىم مەن .بىز دۇكانغا كېلىدىغان يېڭى مال توغرۇلۇق سوزلەشكەچ چۈشكىچە كومپىيۇتېر بازىرىنى بىرگە ئايلىنىپ مال ئېلىپ ، چۈشتە ئۇنىڭ بىلەن سەنشىخاڭزىغا بېرىپ تاماق يىدۇق، ھەم ئۇنىڭدىن خېلى كۆپ زاكاس ئالدىم ،چۈشتىن كىيىنمۇ دۇكاندىن خېرىدارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، شۇنداق ئالدىراش ئۆتتۈم ، بۇكومپىيۇتېرغا پەقەت ۋاقىت چىقىرالمىدىم ، كەچمۇ بولدى ، قانداق قىلىشىم كېرەك، مەن كۆپ ئويلانمايلا ئىسكىلاتتىكى يېڭىدىن ئەكىرگەن مېلىمدىن بىرنى ئېلىپلا ماڭدىم ، ئۇ كومپىيۇتىرنى ئۆزۈم رېمۇنتلاپ سېتېۋالارمەن ، دىگەن خىيالدا دۇكاننى تاقاپ ئۇ ئايالنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم ،ئۆي ئالدىغا كەلگەندە يۈرۈگۈم بىردىنلا تىز سوقۇپ كەتتى ،ئىشىك قوڭغىرىقىنى باستىم .
كىم؟
مەن كومپىيۇتېرنى ئەكەلگەنتىم ،
-        هة
-        مەن ئۆيگە كىرىپ كومپىيۇتېرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ماڭدىم ،مىھمانخانىغا كىرسەم 60 ياشلاردىكى كۆزئەينەك تاقىۋالغان بىر ئايال ناماز ئوقۇۋاتاتتى، كىرىشىمگە دۇئا قىلىپ قوپۇپ مەن بىلەن سالاملىشىپ بولۇپلا چىقىپ كەتتى.
-        مەن كومپىيۇتېرنىڭ سىملىرىنى چېتىپ ئۇنى سىناق قىلىۋاتاتتىم ،
-        ئۇ ئايال
-        سىزنى تولا ئاۋارە قىلدىم ئۇكام ! دەپ بىر چىنىدە سۇيۇقئاش كۆتۈرۈپ كىردى ، مەن يەنە شۇ ‹‹ئۇكام›› سوزىدىن ھەيران بولۇپ ئۇنىڭغا يەر تېگىدىن دىققەت قىلغاچ ، نىمانداق ئۇكام، ئۇكام دەۋېردىغاندۇ، تورقىدىن يا مەندىن چوڭ كورۇنمىسە دەپ ئىچىمدە پىچىرلىغاچ،سىزمۇ ئاۋارە بوپسىز ،مەن تاماق يەۋالغان قوسىقىم توق ئىدى .
-        ياخشى مىھمان تاماق ئۈستىگە دەيدۇ! ئۇكام
-        بىر چىنە سۇيۇقئاش، جىق ئەمەس، ئىچمىسىڭىز رەنجىيمەن، ئاپام مېجەزى يوق سۇيۇقئاش ئىچەي دىگەنتى، بولمىسا باشقا تاماق قىلغاچ تۇرراكەنمەن، ياق، ياق بولدى بۇمۇ شۇنداق سىڭىشلىك تاماق دە ، ئاشنى قولۇمغائېلىپ ئۇنى ئىچكەچ ئوغۇرلۇقچە ئۇ ئايالنىڭ ھەركەتلىرىگە دىققەت قىلغاچ ئويلاندىم ، ئۆزى كىچىك تۇرۇپ مېنى ئۇكام دىگىنىگە قارغاندا ، مەن شۇنچە كىچىك چىراي ئوخشىمامدىمەن ، ئۆز ئۆزۈمگە شۇنداق پىچىرلايتتىم ،مەن تاماقنى يەپ بولۇپ كومپىيۇتېرنى ئاسراش توغرىسىدىكى بىر قاتار ئاددى ساۋاتلارنى چۈشەندۈرۈپ قويۇپ مېڭىشنى قارار تاپتىم ، ئۇ ئايالغا بۇ ئويۇمنى دىسەم شۇنداق خوش بولدى ھەم شۇ ھامان كىچىك قىزىنى چاقىرىپ كىردى ، ئۇ كىچىك قىزى تامدا ئېسىقلىق رەسىمدىكى دادىسىغا شۇنداق ئوخشايتتى ، بۇ بالام مەندىن ياخشى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قىزىم خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇيدۇ ، ئاسان بىلىۋالالايدۇ دىدى ، مەنمۇ بۇقىزىمدىن ئۈگۈنىۋاتىمەن ، مەن پەقەت چ چ دا خەت ئۇرۇشنىلا بىلىمەن، ھە راست تامدىكى سۈرئەتنى تېلفۇندا تارتىپ تور ئارقىلىق يولدىشىغا ئەۋەتىپ بېرەلەمسىز ؟
-        ئەلۋەتتە بولىدۇ ، كارتا ئوقۇغۇچ بولسا ھازىرلا بولىدۇ .
-        ئۇ نەرسە يوق ئۇكام ،
-        ئۇنداقتا مەن كارتا ئوقۇغۇچنى ئالغاچ كېلىپ باشقا بىر كۈنى يوللاپ بېرەرمەن ، ياكى سىز رەسىمگە تارتىۋېلىپ دۇكانغا ئاپارسىىڭىز شۇ يەردە يوللاپ بەرسەممۇ بولىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا كومپىيۇتېر توغرىلىق قانداق ياردىمىم كېرەك بولسا مەن بىلەن ئالاقە قىلىڭلار دەپ ، ۋاقىتنىڭ بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن ، بىز شۇنداق قىزغىن پاراڭلاشتۇق، ئەمما مەن ئۇ ئايالنىڭ بەزى گەپ سوزلىردىن بىر يەرلىرىدن ئىچ ئىچىدىن غەم قايغۇدا ، قاتتىق ئازاپ بىلەن ياشاۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم ، بۇئۈچەيلەن شۇنداق قىزغىن پاراڭ بىلەن بولۇپ كەچ بولغىنىنىمۇ تۇيماي قاپتىمەن ، ئەمدى قايتمىسام تەلەتى سۆرۈن خوتۇننىڭ سېسىق گېپىنى ئاڭلايدىغان گەپ.
-        مەن ماڭاي ئەمىسە
-        ھە ، توختاڭ ئۇكام دەپ ، چىقىپ كېتىپ ھايال بولمايلا كىرىپ نەچچە پۇل بولدى ئۇكام ؟
-        راست دىسەم پەقەت پۇلىنى ئالغۇم يوق ، سەۋەبىنى بىلمەيتتىم ،بولدى مەن بۇ پۇلنى ئالماي قىزىڭىزنىڭ ئوقۇش راسخوتىغا كېرەك بولىدۇ ، كىيىن تاپقاندا بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي پۇلىنى قولۇمغا تۇتقۇزدى ، مەن ئۇ دىققەن قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پۇلىنى كومپىيۇتېر جوزىسىغا قويۇپ قويۇپ، ئۇلارغا خوش دەپ چىقىپ كېتىۋېتىپ ، بۇ كومپىيۇتېرنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ بېقىڭ يەنە ئاستا ھىس قىلسىڭىز باشقىسىغا ئالماشتۇرۋېتىمىزدىدىم
-         ھە ، ماقۇل ھېلىمۇ سىزنى كۆپ ئاۋارە قىلدىم ، خوش ئەمىسە ئۇكام !
ئۆيگە قايتىۋېتىپ يول بويى ئۇ ئايالنىڭ ئاشۇ غەمكىن ، مىسكىن ئەمما شۇنداق مىھرىبان ، سەمىمى چىرايى كۆزئالدىمدىن كەتمەيتتى ، ئەزەلدىنلا ئىچ مېجەز ئۆز گېپىنى ئالدىراپ باشقا بىرسىگە دىمەيدىغان مەن ، بىرقاراپلا ئۇ ئايالنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا يۇشۇرۇنغان نۇرغۇن قىسمەتنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلدىم ، يۈزىدە كۈلكە قەلبدە يىغا ، ئاھ ! بۇ تەڭشەلمىگەن دۇنيادا ، مەندەك بەخىتسىزدىن نۇرغۇن  بولماي ئەمىسە، كۈلۈپ تۇرغان كۈرمىڭلىغان كۆزلەر ئىچىدە ھەقىقى ئىچ ئىچىدىن كۈلىدىغىنى قانچىلىك ، شۇكرى ئاللا  . شۇ خىياللار بىلەن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم ، ئايالىمىنىڭ مۇز يېغىپ تۇرغان چىرايىغا قانچە كۈلكە كەلسىمۇ ، ناز بىلەن كۈتىۋالسىمۇ ئېرىمەيدىغان بۇ يۈرۈگۈم ، ئۇنىڭ قىزغىن كۈتىشىنى كۆپ ئىلىك ئالمايلا ، كومپىيۇتېر بار ئۆيگە كىرىپ كەتتىم ،  ئايالىم چارچىغانسىز بىردەم بولسىمۇ ئارام ئېلىپ ئاندىن  كومپىيۇتېر ئالدىغا كەلسىڭىز بولمامدۇ،ئۇنىىڭ بۇ خىل ئۆتىنىشى ماڭا شۇنداق سەمىيمى بىلىنىدى، ئۇنىڭغا بەزىدە شۇنداق ئىچىم ئاغرىيدۇ ، ئۇ قانچە قىلسىمۇ لىكىن ئۇنىڭغا نىسپەتەن مۇھەببەت ئويغانمايتتى، مەن ئۆز جېنىمدىن ئەزىز كۆردىغان سويگىنىمگە قىلغان ۋاپاسىزلىقىم تۈپەيلى ، باشقا بىرسىگە نىسپەتەن يۈرگۈم ئېرىمەيتتى.
شۇ تەرىقىدە نەچچە كۈنلەر ئۆتتى ، كۈندە ئۇ ئايالنىڭ ئاشۇ غەمكىن ،مىسكىن چىرايى زىنھار كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى ، ھەر كۆرۈشكەندە  ئۆزىى شۇنداق خۇش پىئېل، سەمىمىي چىرايى كۆز ئالدىمدا گەۋدىلىنەتتى .شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە  ئۇنىڭدىن تېلفۇن كەلدى ، مەن يايراپلا كەتتىم ، توۋا !  بۇ قانداق بولغىنى ،ئۇ ئايال  تېلفۇن قىلسا مەن نىمانچە خوش بولىمەن ھە ! ھازىرغا قەدەر مەن ئىسمىنىمۇ سوراپ باقمىغان ئۇ ئايالنىڭ تېلفۇن نۇمرىغا‹‹ پەرىشتەم›› دەپ كىرگۈزۋالغان ئىدىم ، ئاھ   پەرىشتەمدىن تېلفۇن كەپتۇ ، دۇكاندا خېرىدار بولغاچ ،سىرتقا چىقىپ تېلفۇننى شۇنداق ھاياجان بىلەن ئالدىم
-        ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
-        ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!
-        ئۇكام سالامەتمۇسىز ، مەن ھېلىقى ئۆيۈمگە كومپىيۇتېر ئەكىلىپ بەرگەن ھەدىڭىىز
-        ھە بىلىدىم ، سەل كېكەچلىگەندەك جاۋاپ بەردىم،
-        لىكىن بۇ ‹‹ئۇكام›› ‹‹ھەدىڭىز›› سۆزى مېنى شۇنداق روھسىزلاندۇراتتى ،
-        سالامەت ئۆزىڭزىچۇ ؟ باللىرىڭىز سالامەتمۇ؟  
-        ئاللاغا شۈكرى، سىز ئەكىلىپ بەرگەن كومپىيۇتېر......
-        ھە ئۇ كومىپىيۇتېرغا بىر ئىش بولدىما  ؟
-        قىزىم ئۇ كومپىيۇتېرنىڭ كونۇپكا تاختىسىغا توك ئۆتمەيۋاتىدۇ دەيدۇ ؟ نىمە ئىشلىقىنى بىلىپ باقاي دىگەن.
-        ھە شۇنداق بوپتىما، ئۇنداقتا ئۇنى ئالماشتۇرۋەتسەك بولىدۇ، بىريىللىق سۈپەت كاپالەت ۋاقتى بار .
-        ماقۇل ئەمىسە قىزىمنى ئەۋەتەي .ھەل قىلىپ بەرسىڭىز؟
-        بولىدۇ
-        خوش ئۇكام
-        خوش
-        ھاياجاندا يۈرگۈم تىنىمسىز سوقۇپ كەتتى ، ئۆز ئۆزۈمدىن ؛ توۋا بۇ سەندىكى قانداق تۇيغۇ؟نىمە بولدى ساڭا؟ نىمىگە شۇنچە ھودۇقىسەن؟ دەپ سورايتتىم. خەق سېنى ئۇكام دەپ گەپ قىلىۋاتسا، سېنىڭمۇ ، ئۇنىڭمۇ ئائىلىسى بار، ساراڭلارچە خىيالدا بولما دەيتتىم ئۆزئۆزۈمگە،
-        يەنىلا ئۇنىڭ ئاشۇ كۈمۈش قوڭغىراقتەك ئاۋازى قۇلۇقىمىدىن تۈۋىدە ئىدى، شۈنچە يېقىملىق ھەم مېھرىبان.............
-        بۇ بىركۈن مەن شۇنداق روھلۇق ئۆتتۈم ، ئەتىسى پەرىشتەمدىن يەنە تېلفۇن كەلدى ، ئۇكام مەن كەلگەنتىم دۇكىنىڭىزنى تاپالمايۋاتىمەن ، ئېنىق دەپ بېرەمسىز ؟  مەن دەپ بەرگەندىن كىيىن ، ئۇ كەلگۈچە ئۆزۈمنى ئەينەككە قاراپ تۈزىۋېلىشقا ئۈلگۈردۈم ئەلۋەتتە.
-        شۇنداق چىرايلىق بىر پەرى سۈپەت ، بېشىغا يارشىملىق قىلىپ تەلپەك كىيگەن ، بوينىغا شارپا ئارتىۋالغان ، كىيمنىمۇ شۇنداق ياراشتۇرۇپ كىيگەن بىر قىز كىرىپ كەلدى، ئۇ شۇنداق جەزبىدار ئىدىكى مەن نىمە قىلىشىمنى بىلمەيلا قېتىپلا قاپتىمەن،
-        ئۇكام مەن ئالدىرايتتىم ، ماشىنا بىلەن كەلگەن سىرتتا ساقلاپ قالغان دىگەندىلا ئىسىمگە كەلدىم . ھە مەن تەييار قىلىپ قويغان دەپ ، بىر كونۇپكا تاختىنى ئېلىپ بەردىم . ئۇنىڭ ئاشۇ ئوتلۇق كۆزلىرگە مېنڭ كۆزۈم شۇنداق ئۇچراشتى ، ئۇ ماڭا بىر نەرسە دەيدىغاندەك قىلاتتى ،  مەن قانداق گەپ قىلىشنى بىلمەي سورىدىم يەنە قانداق ياردىمىم لازىم ؟
-        ئەگەر مۇمكىن بولسا  بۇ تېلفۇندىكى رەسىمىنى چ چ  ئارقىلىق يولدىشىمغا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز ؟
-        بولىدۇ ؟ ئىچىمدە شۇنداق خوش بولدۇم ، بىرئاز بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇردىغان بولدۇم دەپ ئويلىدىم .
-        سىز چ چ نى ئېچىڭ مەن يوللاپ بېرەي .
-        مەن رەسىمنى ئوڭۇشلۇق يوللاپ بولغاندىن كىيىن ، ئەگەر توغرا كۆرسىڭىز چ چ نى مەن ئۆزۈمنىڭكىگە قوشىۋالاي ، كومپىيۇتېردا بىلمىگەن يەرلىرىڭىز بولسا سوز قالدۇرسىڭىز مەن مەسلىھەت بېرەي. مەن پۇرسەتنى قولدىن بەرمىدىم .
-        بولىدۇ ، ئۇنداقتا بەك ياخشى بولاتتى ، ئۇمۇ شۇنداق خوشاللىق بىلەن قۇبۇل كۆردى، مەن ئەمدى بىر گەپ باشلاي دىگەندە ئۇنىڭغا تېلفۇن كېلىپ ئۇنى ئالدىراتقىلى تۇردى ، ئاپلا ماشىنا ساقالاۋاتقان ، سىزگە كۆپ رەھمەت مەن مېڭىشىم كېرەك ، ئۇنىڭ ماڭغۇسى يوقتەك قىلاتتى ، ھە راست قايسى كۈنى سىز كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىغا پۇلنى قويۇپ قويۇپسىز ، مەن باشقا كۈنى ئەكىرىپ بېرەي ، يەنە ئالاقىلىشارمىز ، سىزنى كۆپ ئاۋارە قىلدىم ، رەھمەت !
-        ئۇ ماڭدى ،مەن شۇنداق ھاياجان ۋە خوشاللىق ئىچدە بىر كۈننى ئۆتكۈزدۈم.ئەتىسىدىن باشلاپ بىكار بولساملا چ چ غا قارايدىغان ئۇنى توردا بولسا پاراڭلىشىشى ئىسىتكىدە بولاتتىم ، ئەمما بۇكۈنلەر شۇنداق ئالدىراش ئۆتەتتى ، ھەش پەش دىگۇچە قىش چىقىپ ياز ئۆتۈپ دۆلەت بايرىممۇ كېلىپ ھەممە ئارامدا بولغاچ بازار خلېىلا ئاۋاتلاشقان ئىدى ، ئۆيۈممۈ مەكتەپ باللىرى بىلەن ئاۋاتلاشقان ئىدى ، ئويدە باللاردىن كومپىيۇتېر ماڭا ئاشمايتتى ، شۇنداقتىمۇ پۇرسەت چىقىرىپ چ چ نى ئېچىپ قوياتتىم ، ئۇ يوق بوپ چىقاتتى ، نەچچە كۈن ئۆتكىنى ئىسىمدە يوق ، دۇكاندا كومپىيۇتېردا ھىسابات قىلىۋېتىپ ، ئۇنىڭ تېلفۇن بىلەن چ چ غا چىققانلىقىنى بايقاپ قالدىم ، مەن دەرھال قىلىۋاتقان ئىشىمىنى توختىتىپ ، خۇددى يۈتتۈرۋەتكەن نەرسەمنى تپىۋالغاندەكلە خوش بوپ كەتتىم ،  ئۇنىڭغا بىر گۈل ئەۋەتتم ، ئۇ دەرھاللا ئىنكاستا بولدى، ئۇ ماڭا ئەدەپ سالىمىنى قىلغاندىن كىيىن مەن  بىرئاز ئالدىراش،سەل تۇرۇپ پاراڭلىشايلى دەپ خەت ئەۋەتتى ، مەن شۇنداق خوش بوپ كەتتم ، ماقۇل ، ئاۋارە  قىلماي....
ئەمما كەچ كىرگىچە ئۇنىڭدىن خەۋەر يوق ، ئىشتىن چۈشتۈم . بۈگۈن مەكتەپ باللىرىمۇ مەكتىپىگە كەتكەن ئايالىم كېچىلىك ئسمىينا ئۈچۈن كەتكەن كۈن ئىدى .مەن سەنشىخاڭزىغا بېرىپ تاماقلىنىپ بولۇپ ، ئۆيگە قايتىپ كىردىم ، سافادا بىردەم ئولتۇرۇپ تېلۋوزۇ كۆرگۈم كەلمەيتتى ، يەنىلا كومپىيۇتېرنى ئاچتىم ، بىردەم مۇنبەردىن ماتىريال كۆرۈپ چ چ نى ئاچتىم ، ئۇ توردا بار ئىدى ، يەنە كېلىپ كومپىيۇتېر ئارقىلىق چ چ ئاچقان ئىدى ، مەن ئەمدى گەپ قىلاي دەپ تۇرشۇمغا ئۇنىڭدىن خەت كەلدى ، ئۇكام سالامەتمۇسىز ؟  بۈگۈن دۇكاندا ئالدىراش بولغاچ سىزگە خەت يازالمىدىم . نەدە دۇكان ئاچىسىز ؟ مەن x سودا سارىيدا كىيىم  دۇكىنى ئاچىمەن . ئۆزىڭىز يالغۇز ئاچامسىز؟ مەن سواشقا ئۈلگۈردۈم ، ياق چوڭ قىزىم بىلەن ، ھە مەن ئۆيىڭىزدە كۆرگەن ئىككى قىزنىڭ بىرسىمۇ ؟   ھە ئە ، سىز ئۆزىڭىز كىچىكلا تۇرۇسىز، قىزىڭىز نىمانچە چوڭ ؟  مەن بۇ سۇئالنى ئالدىراپلا سوراپ سالدىم ،
-        ھا ھا ھا ھا ... ۋاي ئۇكام مەنمۇ 40 ياشتا ، ئەمما ئۇ بېقىۋالغان قىزىم ، كىچىكى ئۆزقىزىم دەپ جاۋاپ بەردى ، يولدۇشۇم كەتكەندىن كىيىن كىچىك قىزىم بىلەن يالغۇزلۇق قىلىپ قالغان ، يۇرتتىن ئەكەلدىم ، تۇققىنىممۇ ئەمەس، قارسىام بۇ قىز ئالى مەكتەپكە ئۆتەلمەي روھى بەك چۈشۈپ كېتىپتىكەن،  دادىسى يوق يىتىم قىز ، ئائىلە ئەھۋالىمۇ تازا ياخشى دىگىلى بولمايدكەن، ماڭىمۇ ياخشى ياردەمچە بولغۇدەك دەپ ئويلاپ ئانىسىدىن سوراپ ئەكىلىۋالدىم، دۇكاندا كىيىم تىكىشنى ئۈگىتىۋاتىمەن ، كەچتە ھۆسۈن تۈزەش كۇرسىدا ئوقۇتىۋاتىمەن ،  كىيىنكى تۇرمۇشىنىمۇ ئۆزۈم ئورۇنلاشتۇرىمەن. بۇ گەپلىرىدىن مەن شۇنداق تەسىرلەندىم ، تېلفۇنۇمغا پەرىشتە دەپ كىرگۈزگىنىم خاتا بولمىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھىس قىلدىم، ئايالىم بىلەن سېلىشتۇرغۇم كەلدى ، مېنىڭ ئايالىم ئۆز قېرىنداشلىرىم كۆپرەك ئۆيۈمگە كەلسە قىتغورلۇق قىلىپ يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىپ جېدەل قۇرمايدۇ ، بۇئايال يات بىرسىنى ئۆيىگە ئەكىرىپ ئۇنىڭ پۈتۈن تۇرمۇشىغا مەسئۇل بولىمەن دەۋاتىدۇ، ئىچ ئىچىمدىن ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئېشپ ئۇنىڭغا تېخمۇ قايىل بولۋاتاتتىم ،
-        سىز نەچچە كۈن تورغا چىقمىدىڭزغۇ ؟
-        ھە ئۇكام ئۆيۈمگە سىڭىللىرىم كەلگەن ، شۇلار بىلەن بولدۇم
-        سىز نەچچە بالا
-        بىز ئۈچ قىز ئۇكام  ئۇغۇللار ئەتىىۋار ئائىلە بۇ ، شۇڭا كۈيئۇغۇللارمۇ شۇنداق ئەتۋارلىنىدۇ بۇئائىلىدە،
-        ئايالار قوشۇنى دەڭە ، دىدىم مەن ،
-        ھە شۇنداق دىسەك بولىدۇ دىدى ، ئۇنى كۆرۈش ئىستىكى تۇغۇلدى،دەرھال ئۇنىڭغا كامىرا ئەۋەتتىم ، ئۇ رەت قىلىشنى ئويلىمىغان ئىدىم ،
-        ئۇكام ئەڭ ياخشى بىز مۇشۇنداق پاراڭلاشساق بولماسمۇ؟ مەن رۇخسىتىسىز كامىرا ئەۋەتكىنىمگە پۇشايمان قىلىپ  شۇنداق خىجىل بوپ كەتتىم ، بىراق راستلا كۆرگۈم كەلگەن ئىدى . سىزنىڭ سىەمىمىيتىڭىزدىن مېھرىبانلىقىڭىزدىن بەك تەسىرلەندىم سىزنى كۆرسەم بولمامدۇ ؟ دەپ قايتىدىن كامىرا ئەۋەتتىم ، ئۇ بۇ قېتىم رەت قىلالمىدى، بېشىغا ئاق لىچەك كىېيىۋالغان ھالدا ئولتۇراتتى ، شۇنداق ياراشقان ئىدى ، راستىنى دىسەم خېلى قىزلار بىلەن پاراڭلىشىپ كامىرا ئارقىلىق كۆرۈشۈپ باققان بولساممۇ ، تۇنجى قېتىم بۇخىل كىيم بىلەن كىيگەن قىز  بىلەن ئۇچرىشىشىم ئىدى ، ھورمىتىم ھەسسىلەپ ئېشىۋاتاتتى، خۇددى پەرىشتىنىڭ ئۆزىلا ئىدى، بىز شۇنداق قىزغىن پاراڭلاشقاندىن كىيىن ، مېنىڭ ناماز ۋاقتىم بوپ قاپتۇ ، سىزگىمۇ دەخلى قىلماي يەنە پاراڭلىشارمىز، ئاللاغا ئامانەت ، دەپ چۈشۈپ كەتتى.ئۇنىڭ بىلەن پەقەت خوشلاشقۇم يوق ئىدى ، تاڭ ئاتقۇچە پاراڭلاشساممۇ ئويقۇم كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى ، شۇنداق قىيالمىغان ھالەتت خوشلاشتىم .

3

شۇ خىل خوش كەيپىيات بىلەن ئۇنىڭ ئاشۇ  بېشىغا ئاق لىچەك كىيپ تۇرغان ھالىتى پەقەت كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى ، خىيال كەپتىرىم ھەر ياقلارغا ئۇچىۋاتاتتى ، قايسى ۋاقىتتا ئۇخلاپ قالغىنىم ئىسىمدە يوق ، ئەتىسى دۇكاندا شۇنداق خوش كەيپىيات بىلەن ئىشلەپ كەتتىم ،پات-پات تورغا قاراپ قوياتتىم  بۈگۈن ئۇ يەنە توردا يوق ئىدى ، بىر كۈن شۇنداق ئالدىراش ئۆتتى ، ئەتىسى ئۇنى يەنە توردا كۆردۈم ،تېلفۇن ئارقىلىق چىققان ئىدى ، مەن دەرھال ئەھۋال سوارپ خەت ئەۋەتتىم ، ئۇنىڭدىن جاۋاپ يوق ئىدى، مەن ئۆزۈمگە ھە قاچان دۇكاندا ئالداىراش ئوخشايدۇ ، بىكار بولغاندا قايتۇرىدۇ ، دەپ ئويلاپ ئۆز ئىشىم بىلەن بولىۋەردىم ، 3-،4- كۈنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشالمىد.ىم ، مېجەزىم چېچىلىپ ، جېدەلخورلىغىم يەنە باشلانغىلى تۇردى ، مەن ئۆزۇمنى شۇندق تۇتىۋېلىپ تۇراتتىم ،... چىدىمىدم،.... 5- كۈنى ، ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلىش قارارىغا كەلدىم ، تېلفۇننى قولۇمغا ئېلىپ نەچچە رەت بېسىىپ بولۇپ يەنە پېتىنالمىدم ، نىمە دەيمەن ، سىزنى سېغىنىپ كەتتىم ، كۆرگۈم كەلدى دەمدىم ، ياق .. ياق... بولمايدۇ؟ ئۆزىڭنى بېسىۋال . بۇ خىيال بىلەن تۇرسام ، تۇيۇقسىز ئۇنىڭدىن تېلفۇن كەلدى ، ئاھ پەرىشتەم دەپ توۋلاپ ئورنۇمدىن تۇرۇپلا كەتتىم . خېلى ياخشى دۇكاندىكى يالغۇز ۋاقتىمكەن ، شاگىرتلىرىم بولغان بولسا بەك سەتلەشكەن بولاتتىم ، مەن تېلغۇننى ئېلىپ سالاملىشىپ بولغاندىن كىيىن ، كىيىنكى قېتىم بەرگەن كونۇپكا تاختىسغا قىزىنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇ تۆكىۋېتىپ خەت قالايمىغان بېسىلدىغان بوپ قالغانلىقنى ئېيتىتى، ئاۋازى شۇنداق مۇڭلۇق ھەم يېقىملىق ئاڭلىناتتى ،
مەن سەل تۇرۇپ ئىشتىن چۈشكەچ سىزگە بىرىپ ئۆيگە قايتاي بولمسا دىدىم ، ئۇنداق بولسا تولىمۇ ياخشى بولاتتى ، يەنە سىزنى ئاۋارە قىلدىم ، ماقۇل ئەمىسە ھېلى كۆرىشەيلى ،
خوش! ...
تېلفۇننى قويدۇم ، يۈرەكلىرىم يايراپ كەتتى ، شۈنداق خوش بوپ كەتتىم ،
مەن دۇكاننى بالدۇرلا تاقىدىم ، كونۇپكا تاختىنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم ، ئىشىكنى كىچىك قىزى ئاچتى ، ئاكا كەلدىڭىزمۇ ؟ ئاپام ناماز ئوقۇۋاتىدۇ ، سىز كىرىۋېرىڭ ، مەن ئۇدۇللا كومپىيۇتېر بار يەرگە كېلىپ كونۇپكا تاختىسىنى ئالماشتۇرۇپ سىناش ئۈچۈن كومپىيۇتېرنى قوزغاتتىم ، ئۇ ئايال كىرىپ كەلدى ، ھە دسە سىزنى بەك ئاۋارە قىلىۋاتىمىز، بەك خىجىلمەن ، ئارلىقتا چوڭ قىزىمۇ ، جوزا راسلاپ ، چاي دەملەپ ئەكىرىشكە ئۈلگۈرگەندى،مەن پاراڭ بىلەن بولغاچ ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ قارايتتىم ، ئۇ ئۇچىسغا نىپىز كوينەك كىيىپ ، بېشىغا لىچەك ئارتىۋالغان ، ھالەتتى ئىدى، قاپ-قارا قاشلىرى، يۇپ يۇمۇلاق قوي كۆزلىرى ئادەمنى مەست قىلاتتى، كۆتۈرلۈپ تۇرغان كۆكسى ، تولغان بەدىنى بىلەن شۇنداق جەزبىدار ئىدىكى ، ھەقىقى پەرىشتىنىڭ ئۆزى ئىدى ، شۇ تاپتا ئۇنىڭ 40 ياشقا كىردىم دىگىنىگە ئىشەنمەيلا قالغان ئىدىم ، قىزىق پاراڭلارغا جۆر بولۇپ مەنمۇ تارتىنماي ئولتۇرىۋەردىم ، نەچچە رەت كىرگەچكىمۇ قىزلىرىمۇ مېنى يات كۆرمەي ، بىز بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ ، بۇ ئۆيگە كۆچۈپ كەلگەندىكى جاپالىرىنى سۆزلەپ بەردى، پۇلنى ئېلىۋېلىپ بۇيرغان ئىشنى ۋاقتىدا پۇتتۇرمەي ، بۇلارنى بوزەك قىلغانلىرىنى دەپ بەردى، كىچىك قىزىنىڭ دادام بولغان بۈلسا ئۇنداق قىلالمايتتى، دادام بولسا ئۆزى ياسايتتى ، دادام بولسا ئۇنداق قىلاتتى ، دادام بولسا بۇنداق قىلاتتى دەپ ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي دادىسىنى ماختاشلىرى توختىمايتتى ، مەن يەنە ئولتۇرىۋېرىشنى مۇۋاپىق كورمەي كۆزۈم قىيمىغان ھالدا خوشلىشىپ چىقتىم .
بىز تەبىئي ھالدا بىر بىرمىزگە ئۆز گەپلىرىمىزنى دەيدىغان ، شۇنداق يېقىن سىردىشىدىغان بوپ كەتتۇق ، بىرسىمىز بىرەر كۈن توردا بولمىساق ، سارڭلاردەك ئىزدەيدىغان بوپ كەتكەن ئىدۇق، قانداق گەپ بولسا ئۇنىڭدىن مەسلىھەت ئالغاچ سورايتتىم  ئۇمۇ ئېرىنمەي ماڭا جاۋاپ قايتۇراتتى،كۈنلىرىم شۇنداق كۆڭۈللۈك ئىدى ، ئۇ ئۆزىنىڭ گەپلىرىنى ماڭا دەيتتى، مەنمۇ جايىدا مەسلىھەت بېرەتتىم، شۇنداق يېقىن سىرداشلاردىن بوپ كەتتۇق،بىركۈن  ئالاقە قىلمىسام مېنىڭ شۇكۈنۈم ناھايتى ئەھمىيەتسىز ئۆتەتتى، شۇنداق ئەدەپ بىلەن پاراڭلىشاتتۇق، مەن ئۇنىڭدىن شۇنداق ئەيمىنەتتىم، خاتا گەپ قىلىپ ئۇنى خاپا بوپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم، بىركۈنى ئۇ توردا پاراڭلىشىۋېتىپ مېنىڭ ئائىلەمنى سوراپ قالدى ، مەنمۇ بۇ كۈنلەردە ئۆزىمنىڭ بۇ مەنىسىز بەخىتسىز تۇرمۇشۇمنى بىرەرسىگە سۆزلەپ ئىچىمىنى بوشىتىۋېلىشنى كۈتۈپ تۇردۇممۇبىلمىدىم ، ئۇ سورىشى بىلەن سوزلەپ كەتتىم ،بۇ يىل33 ياشقا كىردىم ، شىنجاڭ مالىيە ئىنىستۇتىنى پۈتتۈرۈپ بىر قىز بىلەن 5 يىل ئارلىشتىم ، ئۇمېىنى شۇنداق ياخشى كۆرەتتى، مەنمۇ ئۇنى جېنىمدىن ئەتىۋار كۆرەتتىم ، بىز بىر بىرمىزدىن ھەر گىز ئايرىلالمايتتۇق، ئۇ مەكتەپتىمۇ شۇنداق ياخشى ئوقۇپ ئاسپىرانتلىقنى تاماملاپ مۇشۇ يەرەە خىزمەت  قىلاتتى، مەن ئۇنىڭسىز ياشىيالمايتتىم ، ئۇ شۇنداق مېھرىبان ھەم سەمىيمىي،شۇنداق ئاق كۆڭۈل قىز ئىدى، ماڭا شۇنداق ئىشنەتتى، ئەمما بىزنىڭ بۇ بەختىيار كۈنلىرىمىز ئاتا ئانام تەرپىدىن كۆپۈككە ئايلاندى،ئۆزۈم جان بېرىپ  سۆيگەن قىزىمنى زار قاخشىتىپ ھازىرقى ئايالىم بىلەن توي قىلدىم ، توي قىلىغىلى تېخى ئەمدى  بىريىل بولدى، ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلغانلىقىم ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئۆزۈمنى كەچۈرەلمەيمەن.
ئۇ قىز شۇ ئاچچىغىدا بۇ يەردىكى خىزمىتىنىمۇ تاشلاپ بۇ يەردىن ئۆز يۇرتىغا كەتتى، ماڭا ئۇنىڭ بۇ قىلغىنى شۇنداق ئەلەم بولدى،ھەر قانچە قىلساممۇ بۇ ئايالىمنى ياخشى كۆرەلمىدىم ، بۇ تۇرمۇشتىن شۇنداق زېرىكتىم ، ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىش قارارىغا كەلدىم ، ئەمما  بۇ ئايالىم مېنى شۇنداق ياخشى كۆرەتتى، تەلۋىلەرچە ، قارغۇلارچە سۆيەتتى،مېنىڭ ھەر بىر ھەركىتىمدىن گۇمانلىناتتى ،مېنى تىزگىنلىسەملا دەپ ئويلايتتى، مەن شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭغا ئاجرىشىش تەكلىبى قويدۇم ، ئۇ زىنھار قوشۇلمىدى ،ھەم مېنىڭ دىققەتسىزلىكىمدىن پايدىلىنىپ ئويقۇ دورىسىنى ھەددىدىن زىيادە يەۋېلىپ ئۆلىگىلى تاس قالدى ، جىددى قۇتقۇزۇشتا بىريېرىم كۈن قۇتقۇزۇپ ئاران ئەسلىگە كەلدى، بۇنداق ئىش تېلۋوزۇردىلا بار ئوخشايدۇ دەپ بىلىدىغان مەن ، ئۆز بېشىمغا كەلگەندە نىمە قىلارىمنى بىلمەيلا قالدىم ، بۇنداق ئاجرىشىش ماڭا نىسپەتەن زور مەسھۇليەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتتىم،بىركۈنلەردە جىمجىتلا يوقاپلا كېتىشنىمۇ ئويلىدىم ، يەنە شۇ ياشىنىپ قالغان كېسەلچان ئاتا ئانامنى ئويلىدىم ، ھەم ئايالىمنى  بىر ئۆمۈرئۆزۈمگە ئۆچ قىلىپ قارغىشىغا كېتىشمدىن ئەنسىردىم ، بۇگەپلەرنى يادلىۋالغاندەك سۆزلەپلا كەتتىم، بۇ گەپلىرىمدىن ئۇ نىمىنى ئويلىدى بىلمدىم ، ماڭا نىسپەتەن كۆپ ئىنكاس قايتۇرمىدى ، مەنمۇ بۇ گەپلەرنى ئۇنىڭغا دەپ خېلىلا يىنىكلەپ قالغان ئىدىم ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ بولۇپ ، كومپىيۇتىرنى ئۆچۈرۈپ ئۇخلاش ئۈچۈن ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم ، ئايالىم بۈگۈنمۇ كەچلىك ئىسمىنىدا ئىشلەيتتى، ھەممە غەمدىن خالاس بولغاندەك  بۇ كېچە شۇنداق ياخشى ئۇخلاپتىمەن، ئەتتىگەندە ئايالمنىڭ كېلشىنى كۈتمەيلا دۇكانغا چىقىپ كەتتىم.
ئادىتىم بويىچە دۇكانغا كىرىپلا كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ چ چ نى ئاچتىم ، شۇنداق قارىسام ئۇ ئۆزى يوق ئەمما ماڭا خەت قالدۇرۇپتۇ؛
جېنىم ئۇكام ئۇخلاي دەپ كىرىپ يېتىپ باقتىم ئەمما ئويقۇم قاچتى، سىزنىڭ ھازىر ماڭا دىگەن تەغدىر قىسمەتلىرىڭىزنى ئويلاپ پەقەت ئويقۇم كەلمىدى.سىزگە توۋەندىكىلەرنى ئەسكەرتىشنى توغرا تاپتىم ؛
بىر ھەدىستە شۇنداق دىيىلگەن‹‹ مەن بەندىللىرىمنى يىغلاتمايمەن، پەقەت بەندىللىرىم ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى يىغلىتىدۇ، بۇئالەم ئۆتنە ئالەم ،ئەڭ ئاددىسى دىققەتسىزلىكتىن  بېشىڭدىن چۈشۈپ قالغان بىر تال چاچنىڭمۇ ئۆتنىسى بار ›› دىيىلگەن.سىزنىڭ بۇ قىسمەتلىرىڭزنىمۇ ئاللا ئۆز يولىدا تەڭشىگەنلىكىگە ئىشىنىڭ ، بىلىپ بىلمەي قىلىپ سالغان گۇناھلىرىڭزىنىڭ بەدىلى بولىشى مۇمكىن ، ھازىرقى تۇرمۇشىڭىزغا شۈكرى قىلىڭ ، ئۇ قىزغا قىلغانلىرىڭىزنى بۇ ئايالىڭىز ئارقىلىق تۇلۇقلىشىڭىز كېرەك، سىز قىلغىنىڭىزغا بەرىبىر بەدەل تۆلەيسىز ، ھالاللاپ ئالغان ئايالىڭىزنى قەدىرلەڭ ، ئۇنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزىڭىزنى تۆۋەن كۆرۈڭكى ھەرگىز ئۈستۈن كۆرمەڭ، خورلۇق ھىس قىلسىڭىز چىداڭ، چۈنكى سىزمۇ باشقىلارغا قانچىلىك خورلۇق ئېلىپ كەلگەنلىكىڭىزنى ئويلاڭ ، شۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ بۇ ئايالىڭىزنى قەدىرلەڭ، كەڭ قورساق بولۇپ ، مەسىلىلەرگە ئەتراپلىق توغرا قاراڭ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئاينىڭ 15 قاراڭغۇ 15يۇرۇق بولىدىغۇ ، بۇ ئەقەللى ھەقىقەتتۇر.ئەگەر ئىشەنمىسىڭىز ئەتىلا ئايالىڭىزغا قايتىدىن دىققەت قىلىپ بېقىڭ ،كېسەل خۇنۇكلاشقان قەلب بىلەن ئەمەس، ساغلام كۆز بىلەن قاراڭ ، ئۇ نىمە دىگەن غۇبارسىز ، ناتىۋان خۇددى پەرىشتىنىڭ ئۆزىلا. ئۇنىڭ گۇناھى سىزنى قارغۇلارچە سۆيگەنلىكىدە.
ئاللا سىز ھەم مەندەك مۆمىن بەندىلەرگە نىسىپ قىلغان بۇ قىسقىغىنە ھاياتلىقنى قەدىرلەپ ياشاش بىز بەندىنىڭ ئىشى ، ئۆتكەن ھەر بىر كۈننى ئۆزى رازى بولغۇدەك ئۆتكۈزىشى كېرەك ، شۇنداق قىلغاندا باشقىلارنىڭمۇ ئىززىتگە ھۆرمىتگە ئېرىشەلەيدۇ، قەدرىگە يېتەلەيدۇ.
كەچ بوپ كېتپتۇ بۈگۈن سىزگە مۇشۇنچىلىك قالدۇراي، ئاللا سىزگە راھەت ئويقۇ بەرسۇن ، ھەر بىر كۈنىڭىز خەيرىلىك بولسۇن .
                                                                        ئاق كەپتەر
مەن بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ ئىختىيارسىز پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى تىترەك باستى ، كۆزلىرىم نەملەشتى، مەن قايتا قايتا ئوقۇيتتىم ، توۋا مەن نىمە قىلدىم ، دىمىسىمۇ بۇسۆزلەرنىڭ ھەممىسى ھەقىىقەتقۇ ، دىمىسىمۇ ئايالىمدا نىمە گۇناھ ، مېنىڭ روھىيىتىمدىكى كېسەللىك، ھەم زىيادە شەخسىيەتچىلىكم تۇپەيلى  ئۇنىڭدىن ھە دىسە قۇسۇر تاپىدىكەنمەن ئەمەسمۇ ؟ ئۇنىڭ باالىلارچە بەرگەن ساپ سۆيگۈسىنىمۇ قۇبۇل قىلالماپتىمەن، ئۇنىڭ يەيدىغىنى كىيىدىغىنىنى تەل قىلىپ بېرىشنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىۋاتىمەن ! ئاھ مەن نىمە بولغان ئادەم ، شۇ تاپتا ئۆزۈم سۆيگەن ، مەن رەھىمسىزلەرچە تاشلىۋەتكەن ئادىمىمۇ مېنڭ بۇ خىل مەسھۇليەتسىزلىكمىنى بىلسە ئىدى ، ئۇمۇ مېنى كەچۈرمەيتتى دەپ ئۆز ئۆزۈمگە پىچىرلىدىم .ئاق كەپتەرنىڭ ياق مېنىڭ بۇ پەرىشتەمنىڭ تورغا چىقىشىنى شۇنداق ئۈمۈت قىلدىم ، ئۇنىڭ بەرگەن بۇ ساۋاقلىرى ئۈچۈن رەھمىتمنى بىلدۇرۈشۈم كېرەك ، ئەمما بۈگۈن تورغا چىقمىدى . مەن دۇكاننى تاقاپ ئۇدۇل ئۆيگە قاراپ ماڭدىم ، ئۆيدە ئايالىم تاماققا تۇتۇش قىلىۋېتىپتىكەن، مەن ئۇنىڭغا ياردەمدە بولغىنىمدىن ئۇ ئەزەلدىن قازان بېشىغا كەپ قويمايدىغان مەندىن شۇنداق ھەيران قېلىۋاتقاندەك قىلاتتى، ھەم سىزگە بىر ئىش بولمىغاندۇ ؟ ياق ھىچ ئىش بولمىدى ، شۇ قورساق سەل ئېچىۋاتىدۇ ، شۇڭا سىزگە ياردەم قىلاي دىدىم ، ھە ئۇ ھەيرانلىقتا قالغاندەك قىلاتتى ، مەن ئەزەلدىن ئۇنڭدىن تاماق يىگەن يىمىگەنلىكىنى ،چارچىغان چارچىمىغنلىقىنىمۇ سوراپ قويمايتتىم ، بۈگۈن بىرگە ھەمداستىغان بولۇپ تاماق يەپ بىرگە دۇئا قىلىدىم ، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ قاچا قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇشۇپ بېرىشىمدىن ئۇ تېخمۇ ھەيرانلىقتا سوراپ كەتتى ، بۈگۈن زادى نىمە بولدى سىزگە؟
ھىچگەپ يوق سېنى چارچاپ قالغان بولسا ياردەمدە بولاي دىدىم ، بۇگەپ ئېغىزىمدىن شۇنداق تەستە چىقىۋاتقانلىقىنى ئۆزۈم بىلەتتم ، مەن شۇنداق دەپ كومپىيۇتېرئالدىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ نىمىلەرنى ئويلىغىنىمىنى قانچىلىك ۋاقىت ئولتۇرغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن ، كۆز ئالدىمدا مېنىڭ ئاشۇ پەرىشتەم ،ئۇنىڭ پۈتۈن چېھرىدىن سەمىيمىلك چىقىپ تۇردىغان سىيماسى مېنى ئەمدى توغرا قىلدىڭىز ئۇكام ، بۇ قىلغىنىڭىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن دەۋاتقان ھالىتى كەلگەندەك بولدى ، مەن يەنە ئۇنىڭ بىلەن خىيالمدا سوھبەتلىشۋاتاتتىم ، ئۇنىڭ شۇنداق يېقىملىق كۈلۈمسىرىشى مېنى ئۆزىگە ئەسىر قىلىۋالغان ئىدى ، ئۇنىڭ بىردىنلا قاپىىقى تۈرۈلۈپ ئەمدى يېتەر ئايالىڭىزنى رەنجىتمەڭ دەپ ئەسكەرتىش كەلگەندەك بولۇپ چۆچۆپ تۇرۇپلا كەتتىم ، ھۇدۇقۇپقىنە ياتاق ئۆيگە كىردىم ، ئايالىم شۇنداق تاتلىق ئۇخلاپ كېتىپتۇ ، ئۇ شۇنداق چارچىغاندەك قىلاتتى ، ئۇنىڭ چىرايدىن سەبىيلىك  چىقىپلا تۇراتتى ،ئىختىيارسىىز ئۇنى باغرىمغا چىڭ باسقىم كەلدى ، ئۇنىڭ تاتلىق ئويقۇسىنى بۇزماسلىق ئۈچۈن ، مەنمۇ كارۋاتقا چىقىپ ئۇنىڭ ئارقا تەرپىدىن قۇچاقلاپ شىرىن خىياللار ئىلكىدە ئۇخلاپ كېتىپتىمەن، سەھەردە ئايالىم ناشتىلىق تەييارلاپ قويۇپ ئىشقا كەتكەن ئىدى ، مەن ناشتامنى قىلىۋېلىپ دۇكانغا چىقىپ چ چ نى ئاچتىم دە پەرىشتەمنىڭ بار يوقلىقىنى بىلىش ئۈچۈن قارىدىم ، ئۇ يوق بىراق بۇ جۈمىلنى قالدۇرۇپتۇ.
‹‹ئادەم ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ھاياتتۇر- ئۇ ئادەمگە بىرلا قېتىم كېلىدۇ ، كىشى ئۆمىرىنى شۇنداق ئۆتكۈزۈش كېرەككى ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلىگەندە ھەرگىز ئۆرتەنمەسلىكى كېرەك ........›› ئۇكام بۇ جۈملە سۆزلەرنى مەن بەك ياخشى كۆرىمەن ، ئۆتكەن ئىشلارغا سالاۋات قىلىپ يېنىڭىزدىكىنى قەدىرلەڭ !
مەن بۇقۇرلارنى كۆرۈپ شۇنداق خوش بولدۇم ، توۋا مەن تۇرمۇشلۇق بولغاندىن تارتىپ مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئۆزۈمنى بۇنداق يەڭگىل ھىس قىلمىغان ئىدىم . بۇ كۈنلىرىم شۇنداق خۇش كەيپىياتتا ئۆتىۋاتىدۇ ، ئۆيدە ئايالىم بىلەنمۇ شۇندا ياخشى ، ئۇمۇ مېنىڭ بۇنداق ئۆزگەرگەنلىكىمدىن شۇنداق رازى بولدىمۇ ، مېنى جان جېنى بىلەن خوش قىلىشقا تىرىشاتتى ،مەنمۇ كۈندە دۇكاندا بولغان قىزىقارلىق ئىشلارنى تېخىمۇ يۇمۇرلۇق قىلىپ سۆزلەپ بېرىپ ئۇنى كۈلدۈرەتتىم ، كۈنلىرىم شۇنداق بەخىتلىك ئۆتەتتى ، لىكىن ھەر بىر كۈنۈمنىڭ خوشال ئۆتشى پەرىشتىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى ، ئۇ بىر كۈن توردا بولمسىلا خۇيۇم تۇتۇپلا قالاتتى ، شۇڭا ئۇ توردا بولمغان كۈنى تېلفۇن ئارقىلىق ئەھۋال سورايتتىم ، شۇ باھانىدا ئۇنىڭ ئاشۇ يېقىملىق ئاۋازىنى ئاڭلىۋالاتتىم ، كەچلىرى ئايالىم كېچىلىك ئىسمىينىغا كەتسە ، ئۆي ماڭا ئوڭچە قېلىپ ئۇنىڭ بىلەن كامىرا ئارقىلىق كۆرۈشۈپ كېچىچە پاراڭلىشاتتىم ، ئۇنى ھەر خىل ھەجىۋى ھەركەتلىرىم ئارقىلىق كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرۇپ قوياتتىم .
مانا بىر قانچە كۈن بولدى ئۇ تورغا چىقمىدى ، تېلفۇنىمۇ ئۇلانمىدى ، ئىچىم سىقىلىپ كەتتى ، كۈندە ئىشقا بارسام كەلسەم ئۇنىڭ ئىشىك ئالدىدىن ئۆتىدىغان بولدۇم ئامما ئۇنى ئۇچرىتالمدىم ،شۇ سەۋەپتىنمۇ يەنە سەپرايىم ئۆرلەيتتى ، ئۆيگە كىرسەم ھە دىسە ئايالىمغا قاتتىق تېگەتتىم.نىمە ئۈچۈندۇر ئۆزئۆزۈمنى كونتىرول قىلالمايتتم .
ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلدىم ،ھەممە نەرسە شۇندق سوغۇق كۆرۈنۋاتاتتى مەن چاپنىمنى ئاسقۇغا ئېسىپ قويۇپ ئۇدۇل ياتاق ئۆيگە كىرىپلا ياستۇقنى بېشىمغا چۆكۈرۈپ كىيپلا يېتىۋالدىم،قانچىلىك ياتقىنىم ئىسىمدە يوق ، ئايالىم مېجەزىڭىز يوقمۇ نىمە دەپ سورىدى، ياق سەل چارچاپ قاپتىمەن شۇڭا يېتىۋالدىم ،دىدىم مەن، ھەر دائىم يېنمدىن نېرى  بولمايدىغان تېلفۇنۇم چاپان يانچۇقۇمدۇ ، ئىكەن ، ئايالىم تاماق قىلىۋاتقاچ تېلفۇنىمغا بىر ئۇچۇر كەلگەنلىكىنى ، كىيىن تېلفۇن كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ تۇرۇپتۇ ، ئاندىن تېلفۇننى ماڭا ئەكىرىپ بەرگەچ ، تېلفۇندىكى ئۇچۇرنى كۆرۈپ چېچىلىپلا كەتتى، ئۇچۇر كۆزنىكىنى ئېچىشىغا پەرىشتەم دىگەن سۆز ئۇنى چېچىلدۇرغاندى ،ئۇچۇر مەزمۇنى مۇنداق ئىدى،‹‹ ئۇكام سالامەت تۇرۋاتامسىز، قەشقەر كىنو تورى ئېچىلىمايۋاتىدۇ ،ئەگەر كومپىيۇتېرئالدىدا بولسىڭىز ئېچىپ بېقىڭە ؟ ئاۋارە قىلدىم ›› دەپ يېزىلغان ئىكەن، بۇنى ئايالىم كۆرۈپ ياتاققا  ناھايتى سوغۇق تەلەتى بىلەن كىردى دە مەن بىلەن خېلى قاتتىق ئۇرۇشتى، مەن نىمە ئىش بولدى بۇنچە قىلغۇدەك دىسەم ئۆزۈڭ كۆرىۋال  دەپلا تېلفۇننى كارۋات ئۈستىگە ئېتىپ تاشلاپ بېرىپلا چىقىپ كەتتى ، مەن قاراپلا ‹‹ پەرىشتەم›› دىگەن ئىسىمنى كۆردۈم ،ئاپلا بۇ شۇ ئىسىمدىن رەنجىپتۇ دە دىدىم ئىچىمدە، مەن چاندۇرماسلىققا تىرىشپ بۇ ئۇچۇردىن شۇنداق خاپا بولۇش كېتەمدۇ؟ خېرىدار بولغاندىكىن كومپىيۇتېردا بىلەلمىگەن ھەر قانداق مەسلىنى سورايدىغان گەپ ، بۇنچە چېچىلىپ كېتىش كەتمەيدىغۇ؟ دىدىم كەينىدىن چىقىپ ، ئۇ گېپىمگە پەرۋامۇ قىلماي  تېلفۇن ئۇرۋاتاتتى ، تېلفۇنى باشتا ياخشى ئۇلانمىدى بولغاي قايتىدىن قارشى تەرەپكە تېلفۇن ئۇردى، تېلفۇن ئۇلانغان ھامان ، ئايالىم شۇنداق زەردە بىلەن گەپ باشلىدى. سىز كىم بولىسىز بۇنچە كەچتە يولدىشىمغا ئۇچۇر يوللاپ نىمە ئىشىڭىىز باتتى ، قانداق ئىشىڭىز بولسا كۈندۈزى قىلمامسىز، قارشى تەرەپنىڭ زىل ئاۋازى ئاڭلاندى، مەن چوڭ بىر ئايال ئۇكام سىز خاتا چۈشىنىپ قالماڭ ، مەن يولدىشىڭىزدىن كومپىيۇتېر ئالغان ئىدىم ، شۇڭا مەسلىھەت سوراي دەپ ئۇچۇر قىلغان !
ئايالىم -  تولا كەيپىياتىمنى ئۇچارمىڭە ، ئاۋازىڭىزدىنغۇ ھىچ بىر چوڭ ئايالدەك قىلمايسىز.
خاپا بولماڭ ، مەن خاتا قىلغان ئوخشايمەن.
ئايالىم – بولدى قىلىڭە ۋاي ئاچا !
ئايالىم تېلفۇننى ئۈزۈپلا سافاغا چۆرۈپ تاشلاپ ماڭا ئۆتۈشكە باشلىدى.سىلەردە مەسىلە بولمىسا تېلفۇنغا نىمىشقا پەرىشتە دەپ كىرگۈزۋالىسىز ؟ ئېنىقكى ئۇ ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنىدىن ئەمەس مەن قويۇۋالغان ئىسىمدىن خاپا ئىدى،ئەسلى چاتاق مۇشۇ يەردىن چىققان ئىدى، ئەمەليەتتا مەنمۇ نىمىشقا شۇنداق قويۇۋالدىمكىن تاڭ ،  بۇنىڭ  تەلۋىلىكى تۇتقان ئىدى ، ئۆيدىكى قولىغا چىققان نەرسىلەرنى ئاتقىلى تۇردى، ئۇنىڭ كۆزى كومپىيۇتېرغا چۈشكەن ئىدى ، ئۇ بېرىپلا كومپىيۇتېر ئىكرانىنى قولىغا ئېلىپلا يەرگە قاتتىق ئۇرۇپ چېقىۋەتتى ، مەن تۇرالمايلا قالدىم ، شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى ، بېرىپلا ئۇنى بىر تەستەك ئۇراي دەپ قولۇمنى كۆتۈردۈم ،پەرشتەمىنىڭ ھەر قېتىم قىلغان نەسىھەتلىرى قۇلاق توۋۈمدە جاراڭلاپ تۇراتتى ،ئەمما ئايال كىشىنى ئۇرۇش ئوغۇل بالىنىڭ ئىشى ئەمەس ، ئۇنى ئۇرۇش قولۇمدىن كەلمەيتتى ، مەن ئويدىن چىقىپ كەتتىم .
كەچ كۈزنىڭ شاماللىرى ئادەمگە شۇنداق ھوزۇر بېرەتتى ،خېلى كەچ بولىشىغا قارىماي كوچىدا ماشىنا توختىماي ئۇياقتىن بۇياقىقا غۇيۇلداپ ئۆتۈشىۈپ تۇراتتى ،كوچا چىرقلىرى بىلەن بۇ كېچە تېخىمۇ گۈزەل ئىدى ، ئۇنىڭغا بۇ ئىشنى نىمە دەپمۇ چۈشەندۇرەرمەن ، شۇ مېھرىبان ئاق كۆڭۈل ناتىۋان ئايال قانداق بوپ كەتكەندۇ، يۈزىگە قانداقمۇ قارارمەن ئەمدى... دىگەندەك  تېگى يوق خىياللار بىلەن خەلق مەيدانغا قانداق كېلىپ قالغانلىقىمنى بىلمەيلا قاپتىمەن ، مەيداندا جۈپ-جۈپ بوپ قولتۇقلىشىۋالغان قىز يىگتلەر شۇنداق ئەركىن خوشال كەيپىياتتا ، ئىدى  سەيلە قىلىپ شۇنداق شېرىن مۇھەببەتتە، مەن قورۇنۇپقىنە بىر جاي تېپىپ ئولتۇردۇم ، ھەم  ئاسمانغا قاراپ خىيال سۈرۈپ قاچانغىچە ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيمەن،بىرچاغدا 8-9 ياشلاردىكى بىر بالىنىڭ ئاكا  ماڭا ياردەم قىلىڭ ، ئاچامنى قۇتۇلدۇرۋېلىڭ ، ئۇنى ماشىنا سوقۇۋەتتى ، دەپ مېنى قولۇمدىن تارتىپ يول تەرەپكە سۆرەپ ماڭغاندىلا ئىسىمگە كېلىپ ، كىچىك بالا كەينىدىن يۈگۈردۈم ، يولدىن ئۆتكەن نەچچەيلەن بىر يەرگە توپلىشىۋالغاندى، بارسام  يەردە ئون نەچچە ياشلاردىكى قىز ئىڭراپ ياتاتتى ،باش قىسىمىدىن قان ئېقىپ پىشانىسىگە سىرغىپ چۈشۋاتاتتى ،بۇ مەنزىرە مېنى سەگەكلەشتۈردى ، كۆزۈمگە ھىچنىمە كۆرۈنمىدى ، كىتىۋاتقان خالىغان ماشىنىدىن بىرنى مەجبۇرى توختاتتىم ، ھەم قىزنى شۇ يەردىكى ئەڭ يېقىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ دوختۇرلارنىڭ قۈتقۈزۈشىغا تاپشۇردۇم، ئالاھىزەل بىرەر سائەت ئۆتكەندىن كىيىن بىر سېستىرا قىز چىقىپ كېلىپ ، ئائىلە تاۋاباتى ھىسابات ئورنىغا بېرىپ پۇل تاپشۇرۇڭلا ، دىدى ، مەن ئاۋال كېسەل ئەھۋالىنى سورىۋىدىم ، سېستىرا كۆپ ئىش  يوق تېرسى ئازراق زەخمىلىنىپتۇ .دىگەندىلا سەل خاتىرجەم بولدۇم ، ئۇنىڭغىچە مەن ھىېلىقى كىچىك بالا ئارقىلىق ئويىدىكلەرگە خەۋەر بېرىپ ئۈلگۈرگەن ئىدىم ، مەن قارسام يېنىمدا نەچچە يۈز يۈەنلا باركەن ، مۇشۇنى بولسىمۇ تاپشۇرۇپ تۇراي دەپ ھىسابات ئورنىغا بېرىپ تاپشۇرۇپ بولۇپ قايتىپ كەلسەم خېلى ياشىنىپ قالغان بىر ئەرنىڭ ھېلىقى كىچىك بالنىڭ قولىدىن تۇتۇپ قىزىنىڭ چىقىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ھەم ئارقامغا بۇرۇلۇپ مېڭىشقا تەمشىلىۋىدىم ، بالىنىڭ  ، ئاكا  ، نەگە ماڭدىڭىز؟  بوۋا ئاشۇ ئاكاش شۇ ، ئاچامنى دوختۇرغا ئەكەلگەن ئاكاش . مەن قانداق بولمىسۇن سالام قىلىشنى لايىق كۆردۈم ،ھەم قايتىپ ئالدىغا بېرىپ سالام بېرىپ ، تەسەللى ئېيتىپ ،ئارتۇق گەپ قىلىشنى لايىق كۆرمىدىم ، مويسىپىتنىڭ بالام توختاپ تۇرۇڭ مەن دوختۇر پۇلنى سىزگە.....  
-        بولدى تاغا كۆپمۇ پۇل تاپشۇرمىدىم ،  يەنە كۆرۈشەرمىز ، كەچ بوپ قاپتۇ مەنمۇ ئۆيگە قايتاي، ئاللا سىڭلىمىزغا شىپالىق بەرسۇن ، خوش !
ئويگە كەلسەم ئۇ ئاللىبۇرۇن چاقىدىغاننى چېقىپ ئۇخلاپ بولغان ئىدى .
ئەتىسى سەھەردىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ناشتىمۇ قىلماي، دۇكانغا يول ئالدىم ، دۇكانغا كېلىپ ئادىتىم بويىچە كومپىيۇتېرنى قوزغىتىپ ، پەرىشتەمدىن ھال سوراپ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراش ئۈچۈن چ چ نى ئاچتىم ، ئۇ خەت قالدۇرغان ئىدى .
خەيرىلىك سەھەر ، ئۇكام سالامەتمۇسىز ، مەن ئاخشام خاتا ئىش قىپتىمەن ، ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىدا مەن بولغان بولساممۇ شۇنداق قىلاتتىم ، ئۇ بىر ئاجىزە ، مېنى دەپ ئۇنىڭغا ئازار بەرمەڭ ، مەندىنمۇ كۆپ ئەندىشىدە بولماڭ، مەن سالامەت ، ياخشى تۇرۋاتىمەن ، مەن ئۇنىڭ ئاخشامقى ئىشىنى توغرا چۈشىنەلەيمەن، ئەگەر ئۇنىڭغا ئازار بەرسىڭىز مەن سىزدىن رەنجىيمەن ، ئىشلرىڭىزغا بەركەت تىلەيمەن....... ئاللاغا تاپشۇردۇم.  توۋا ئۇ يەنە باشقىلارنىڭ غېمىنى يەپ خەت قالدۇرۇپتۇ ،  بۇ بىر كۈن مەن شۇنداق ئالدىراش ئۆتتۈم ، شۇ تەرىقىدە ئۇ ھەپتە ئون كۈنگىچە توردا كۆرۈنمىدى ، شۇندق ئازاپلاندىم ، ھەر كۈنى ئىشقا ماڭغاچ ھەم ئىشتىن چۈشكەر شۇنى ئۇچرىتىپ قېلىش ئىستىكدە ئۇنىڭ ئىشىك ئالدىدىن ئۆتەتتىم ، ئەمما كۆرەلمىدىم ، ئۇنڭغا كۈندە خەت قالدۇرىمەن ، ئەمما جاۋاپ يوق ئىدى . كېچسى ئويقۇمۇ يوق ، مەن نىمە بولغاندىمەن ، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالمىغاندىمەن ھە ...!؟ ياق ..ياق ئۇ مەندىن خېلىلا چوڭ ، ئۇ مېنىڭ ئاچام بولۇشقا مۇناسىپ ، ئۇ بىر پەرىشتە تۇرسا........ ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز بولغاچ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالمايتتىم ، بۇ سەھەر مەن ئۈچۈن باشقىچە بىر كۈن ئىدى ، مەن ئۇنى كۆرۈپ ئۆتىشىم كېرەك ، ئۇ چۇقۇم ئاغرىپ قالدى ، ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىغا باردىم ، بارلىق غەيرىتىم بىلەن ئۇنىڭ ئىشكىنى چەكتىم ،ھايال ئۆتمەيلا ئىشىك ئېچىلدى ، ئۇ شۇنداق تەبەسسۇم بىلەن ماڭا قاراپ تۇرغان ئىدى ،  ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن ئىدى ، ماڭا بىلدۈرمەسلىككە تىرىشۋاتقاندىك قىلاتتى ، ئىچ ئىچىدىن قاتتىق ئازاپلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى ، ئۇنىڭ بۇ ھالىتگە چىدىيالمىدىم ، شۇنداق  ھاياجان بىلەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمىنى ئاتتىم ، ئۇنى چىڭ باغرىمغا باستىم ، ئىچ ئىچىمدىن ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي بۇقۇلداپ يىغلاپ تاشلىدىم ، ..
بولدى ، ئۇغۇل بالىمۇ يىغلامدۇ، كىچىك بالا بولمىسىڭز يا !!! ئەمەليەتتە ئۇمۇ يىغلاۋاتقانلىكىنى سىزۋاتاتتىم ، مەن ئۇنى باغرىمغا باسقانچە ئۇنى قويۇۋەتمەي قانچىلىك تۇرغىنىم ئىسىمدە يوق،ئۇ مېنى بەزىلىگەچ ئۆزىنى قاچۇرغاندىلا ئىسىمگە كەلدىم ھەم بەك خىجىل بولدۇم ،مەن نىمە قىلىشىمنى بىلمەيلا ئارقامغا ئۆرىلۈپلا چىقىپ  كەتتىم ، يۈگۈردۈم ، جېنىمنىڭ بارىچە يۈگۈردۈم ..........

4

  كۈنلەر ئالدىراش ئۆتەتتى ، مەن پەرىشتەم بىلەن ئالاقىلىشالمدىم ، توغرىسىنى دىگەندە ئۇ مەن بىلەن پۈتۈن ئالاقىسىنى ئۈزگەندەك قىلاتتى ، بىرئايچە ۋاقىت شۇنداق تەستە ئۆتتى ، بىر كۈنى ئۇنىڭدىن خەت كەلگەن ئىدى ، مەن شۇنداق خوش بولدۇم .خەت قىسقا  دانە دانە يېزىلغان ئىدى ،
ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئۇكام سالامەت تۇرۋاتامسىز ؟ مەن ئائىلەم سەۋبلىك كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن بۇ ئانا تۇپراقتىن ئايرىلىپ ، باللىرىمنى ئېلىپ يات ئەلگە ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن كەتتىم ، شۇنى سەمىڭىزگە سېلىشنى لايىق كۆردۈم، ھاياتقا سىز بەك نازۈك ھىسياتلىرىڭىز بىلەن قارىماڭ ، ئۇنى گۈزەل كۆرسىتىدىغانمۇ سىزنىڭ ساغلام قەلبىڭىز ، ھەم شۇنىڭدەك مۇدىھىش كۆرسىتىدىغانمۇ سىزنىڭ ئاشۇ كېسەل قەلبىڭىز ،سىز ئۈچۈن جان كۆيدۈۋاتقان، سىز ئۈچۈن كۆيۈپ پىشىۋاتقان ئاشۇ يېنىڭىزدىكى پەرىشتىڭىزنى قەدىرلەڭ ، بەدەلسىز بەخىت بولمايدۇ ، ئائىلىڭىزگە چەكسىز بەخت تىلەيمەن، خوش ، ئامان بولۇڭ.  
                                                                                                         ئاق كەپتەر

بېشىمدىن بىر قاپاق سۇ تۆكۈلگەندەك شۇنداق چۆچىدىم ، قىلىۋاتقان ئىشىمنى تاشلاپ ، ئۇنىڭ ئۆيى تەرەپكە يۈگۈردۈم ، ئۇنىڭ ھەقىقى ئىسمىنىمۇ بىلمەيتتىم ، ئىشىكنى چەكتىم ، كۆردۈمكى ئەھۋال راست تۇرغاندەك ئىدى، بىر خەنزۇئايال ئىشىكنى ئاچتى، سورىۋىدىم ، ھەپتە بۇرۇن سېتىۋېلپ كۆچۈپ كىرگەنلىكىنى ، بۇرۇنقى ئېگىسىنىڭ نەگە كەتكەنلىكنى بىلمەيدىكەن ، ئۇ ئايال شۇنى دەپ بولۇپلا ئىشىكنى يېپىۋەتتى. مەن شۇنداق ھالسىزلانغان ئىدىم شۇ جايمدا ئولتۇرۇپلا قالدىم ، قانچىلىك ئولتۇرغىنىمىنى بىلمىدم ، بىر چاغدا بىر بالىنىڭ ، ئاكا سىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ قاپسىزغۇ؟ سىزگە بىر ئىش بولدىما؟   مەن بۇ بالىنى بىر يەرەە كۆرگەندەكلا قىلىمەنغۇ! دەپ ئويلاپ تۇرشۈمغا ، ئاكا مېنى تۇنىدىڭىزمۇ؟ سىز نەچچە ئاي بۇرۇن بىر كېچىسى ئاچامنى قۇتۇلدۇرۋالدىڭزغۇ،
ئىسىمگە شۇئان كەلدى . ھە تۇنۇدۇم ئۇكام ئاچىڭز ھازىر ياخشى تۇرۋاتقاندۇ ؟ بوۋىڭىزچۇ؟
- ھازىر خېلى ياخشى ئاكا
- سىز بۇ يەردە نىمە قىلسىز ئۇكام
- بىزنىڭ ئۆي مۇشۇ يەردە دەپ ، ‹‹پەرىشتەم ››تۇرغان ئۆينىڭ ئۇدۇلدىكى ئىشىكنى كۆرسەتتى . توۋا تەغدىرمۇ ئاجايىپ ھە !
-ئاكا ئۆيگە كىرەيلى ، بوۋام بار ئۆيدە ،سىزنى كۆرسە چۇقۇم خوش بولىدۇ ،  
- خوش ئۇكام مەن قايتاي ، كىيىن پۇرسەت چىقىرىپ سىلەرنى ئايرىم يوقلاپ كېلىمەن.
- ھە راست ئۇكام بۇ ئۆيدىكىلەرنى بىلەمسىز نەگە كەتتى ؟
- ھە پەرىزات ھەدەملەرنى دەمسىز ؟ ئۇلار ئۆينى سېتىپ چەتئەلگە چىقىپ كەتتى .
-قاچانراق چىقىپ كەتكەندۇ ئۇكام
- ئىككى ئۈچ ھەپتىلە بولدىمىكىن
مەن ئېغىر قەدەملىرىم بىلەن بۇ ئۆيدىن يىراقلاشتىم ،ئىسمى پەرىزاتكەن دە ! ھەقىىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق پەرىشتىكەن ، مېنىڭ پەرىشتەمكەن .شۇنىڭدىن كىيىن خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بوپ قالغاندەك ، ئويگە بېكىنىپ دۇكانغىمۇ چىقماي ، ھىچ ئىش خوش ياقماي ، بىر ئىككى ئاي يۈردۈم ، ئايالىم كۈندە پايپېتەك بوپ كېتەتتى، مەندىن شۇنداق ئەنسىرەيتتى ، ئۇنىڭ زورلىشى بىلەن دۇكانغا چىقتىم ، دۇكاندا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ بۇرۇن قالدۇرغان سوز لىرىنىڭ قايتا-قايتا ئوقۇيتتىم ، ماڭا ئىلھام بولاتتى ، كۈندىلىك تۇرمۇشۇم رېتىمغا چۈشۈپ قالغاندەك قىلاتتى، ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ تەسىردىنمۇ بىلمىدم ، تۇرمۇشقا ئۈمۈت بىلەن قارايدىغان بولدۇم .
ئاللا ئاللا ، مەن دادا بولدۇم ، مەن دادا بولدۇم ! شۇنداق خوش ئىدىم
بۇ خوشاللىقىمنى بىرىنچى بوپ پەرىشتەمنى خەۋەرلەندۈرشۈم كېرەك ، ئۇنىڭغا يوغان قىلىپ يېزىپ دادا بولغانلىقىمنى يېزىپ  قالدۇردۇم ، ئۇ چۇقۇم كۆرىدۇ دەپ ئويلىدىم .
پەرىشتەمنى كۆرمىگىلى ھەش پەش دىگۈچە  ئۈچ  يىل بوپتۇ ، ئۇنى ئۇنتىيالمىغاندەك قىلاتتىم ، ئۇنىڭ ئاشۇ مېھرىبان، ئاق كۆڭۈل، سەمىمى چىرايدىن داۋاملىق تەبەسسۇم جىلۋىلىنىدىغان سىماسى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى ، ئۇ ھەر ۋاقىت ماڭا باشلامچى ئىدى ، مېنى خاتلىقتىن توساتتى، مېنى توغرا يولغا باشلاپ ماڭاتتى. مېنى نۇرغۇن خاتالىقتىن توسقان ، ھاياتنىڭ قىممىتىنى ھەقىقى يۇسۇندا تۇنۇتقان ئاشۇ پەرىزات ئىدى ، مېنى چۈشكۈنلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ ، تۇرمۇشقا ئۈمۈت بىلەن قاراشقا ئۈندىگەن ئاشۇ پەرىشتەم ئىدى .


2012 - يىل يانۋار ئۈرۈمچى



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 06:31 PM  


ئاتۇش ۋاسكىتبول

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 2117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1999
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1395 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 03:13:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aㄒamaη يوللىغان ۋاقتى  2012-4-25 03:08 PM
ئاتۇشلۇق خېنىم ....... ماڭ قايلىسلا  ، قاچانمۇ بىر مۇشۇ خ ...

تولا مەن بىلەن مىنىڭ ئىنكاسىم بىلەن قالماي ، قاراڭ سىز ئۆزىڭىز ئوقۇپ بولغان بولسىڭىز چۈشەنچىڭىزنى ئوتتۇرغا قويۇپ مىڭىۋىرىڭ . بىرسى تېخى پۇچەك ئىنكاس يېزىپ چىقىپ كەتكىنى يوق . ئەمدى بىر بىشىنى ئوقۇۋاتسام نىمە گەپ بۇ ؟
باشقۇرغۇچىلار ئۆزى شۇنداق دەيدۇ ، بىز ئەمەل قىلىمىز . قايسى كۈنىمۇ شۇ باشقۇرغۇچىلار ئېملا خاتالىقى ھەققدە سۆز قىلغاندەك قىلاتتى . بۈگۈن قارىسام بىر تېمىدا شۇنداق ئېغىر ئېملا خاتالىقى تۇرسىمۇ تۈزەتمەي چىقىپ كېتىپتۇ ، باشقا بىرسى تۈزىتىپتۇ بۇنى نىمە دەيمىز قېنى ؟

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم . يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 654
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2485
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1166 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 03:29:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرىزات ،ئىسمى جىسمىغا لايىققكەن....


تاس قاپسىز،چوڭ خاتالىقتىن بېرنى قىلغىلى.

ئاي نۇرلۇق بولغى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13677
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6266
تۆھپە نۇمۇرى: 417
توردا: 5393 سائەت
تىزىم: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 03:49:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەر ياخشى چىقىپتۇ لىكىن سىز ئايالىڭىز بار ئادەم تۇرۇپ ئېرى بار ئايالنى پەرىشتەم دەپ يۈرسىڭىز قاملىشامدۇ؟؟سىزنىڭ ئايالىڭىزنى باشقىلار پەرەشتەم دىسە سىزمۇ چۇقۇم ئۇرۇشىسىز،ئاچچىقىڭىز كىلىدۇ..............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7825
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3775
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 1501 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 04:12:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە ئانچە ئاقكۈڭۈل ئايال ئۇ. بەلكىم سىزنىڭ تۈرمۇشىڭىزغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويماسلىق ئۇچۈن چەتئەلگە چىقىپ كىتىشنى قارار قىلىدىمۇ تېخى.  
تىيما ئىگىسىگە رەخمەت، شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ. بەك كۈڭۈل قۇيۇپ ئۇقۇدۇم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sabaat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 04:15 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74269
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 232
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-1-30
ئاخىرقى: 2012-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 04:28:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئۇزۇن تىما ئىكەن ئۇقۇغۇم كەلمەي قالغان ئىدى لىكىن ئازراق ئۇقۇغاندىن كىيىن داۋامنى ئۇقۇپ بۇلۇشقا تەقەززا بۇلۇپ كەتتىم بەك ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن تىما ئىگىسىگە رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11537
يازما سانى: 366
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7094
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 3039 سائەت
تىزىم: 2010-9-25
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 04:34:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ راست بولغان ۋەقەمۇ ؟       ئاجايىپ ئىشلار بار ھە ....  

سەن  مېنىڭ ھەققىمدە  نىمىنى  ئويلساڭ ,   اﷲ  ساڭا شۇنىڭ  ئىككى ھەسسسىنى  بەرسۇن.

~*يامان كۆزلەردى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 866
يازما سانى: 341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6610
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 239 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 04:43:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرنىڭ مەزمونى بەكلا ياخشىكەن ، دىمىسىمۇ ئۈتۈپ كەتكەن كۈنلەر بەدىلىگە ئۆزىنى جازالاش ئەخمىقانىلىق بۇلۇپلا قالماي، سورىقى باردۇ ھە .......
  پىشانىگە پۈتۈلگەن ھالال جۈپتىنى قەدىرلەش كېرەك . مۇرادىغا يىتەلمەيدىغان ئاشىق مەشلار كۆپ ، ماڭغان قالۇر ، بۇيرىغان ئالۇر دىگەن گەپ بارغۇ . ئۈتۈپ كەتكەن ئىشلار سەۋەبلىك ياندىكى ھەمراھىقا ئازار بېرىشنىڭ ئۆزى ئاللاھ بەرگەن بەخىتكە نارازى بولغانلىق بولمامدۇ؟ بەرگەن كۈنلېرىمزگە شۈكرى قىلىپ ، ھەقىيقى ئادەم بولۇپ ئۆزىمىزگە ، ياندىكى ھالال جۈپتىمىزگە يۈز كىلىپ ، ئۆزىمىزنى ھەم ئۇنى بەخىتلىك قىلىپ  ياشىيالىساق ئۆز ئۆزىمىزدىن سۈيۈنەلەيمىز ئەمەسمۇ ؟ . ئاللا ھەممەيلەننىڭ بەختىنى بەرسۇن .

كىشىنىڭ دىلى بۇزۇق بولمىسىلا خۇدا ئۇنى رەسۋا قىلمايدۇ. *ئۆزۈنى بىل ئۆزگىنى قوي *

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78129
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 253
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 05:03:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز،مەن ئۆزەم خەتنى بەك ئاستا ئۇرغاچقىمۇ ،مۇنداق ئۇزۇن تېمىدىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇسام قانداق يېزىپ بولغاندۇ دەپ ھەيران قالىمەن..
  ئەسەردىكى بۇ ئىش ،بولسا ئەتراپىمىزدىكى ئىشلاردۇر،يا سىزنىڭ بېشىڭىزدىن ئۆتكەن بولۇشى،ياكى ئۇنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن،ئەگەر سىزدە مۇشۇنداق تۇيغۇ پەيدا بولسا سىز ئۇنى يوق قىلىمەن دەپ بىردەمدە يوق قىلالمايسىز،پەيدا قىلىمەن دەپ قىلالماسىز......
   بۇنىڭغا بىر جەريان ۋە ۋاقىت كېتىدۇ.
   لېكىن سىزنىڭ ،مۇشۇنداق ئىشقا دۇچ كەلگەن ۋاقتىڭىزدا ،بۇ ئىشقا قانداق مۇئامىلە قىلىپ ،بىر تەرەپ قىلىش ،قىلالماسلىقىڭىزغا باغلىق.
  بۇنداق تۇيغۇنى سەزگەن ئادەم ،بۇ تۇيغۇنىڭ قانداق تۇيغۇ ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىدۇ.

ھەر بىر كشىنى ھۆ

مەستانە ئـــەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 1709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5455
تۆھپە نۇمۇرى: 11
توردا: 2500 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 05:19:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزى ياخشى كۆرىمگەن ئادەم بىلەن قانداقمۇ ئۆي تۇتقلى بۇلىدۇ ...يەنە كېلىپ ككڭلىدە باشقا بىرسى بار ئەھۋالدا .......

ئۈلۈم ھەر بىر كىشىنىڭ بېشدا بار !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش